قومۇل ئاسمىنىدىن بىر يۇلتۇز ئۆچتى
قومۇل سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تالانىتلىق ئۇسۇلچىسى، تونۇلغان لەپەرچى، ھازىر جاۋاپ قىزىقچى، يۇمۇرىستىك ھەركەتلىرى بىلەن بىزگە تۈگىمەس خوشاللىق ئاتا قىلغان قاھار ئاكامنى بەلكىم ئون ئىككى تاغ، 5 شەھەر خەلقىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپى ئىقتىدار ۋە باشقىلارغا ئۆرنەك بولغۇدەك كەسىپى ئەخلاقى بىلەن ئەل قەلبىنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ياخشى ئارتىس ئىدى. ئۇنىڭسىز ھېچبىر سەنئەت كېچىلىكى قىزىمايتتى. ئۇ قومۇل خەلقىنىڭ سەنئەت ئاسمىنىدا چاقنىغان چولپان يۇلتۇزى ئىدى...بىراق، 2011- يىلى 12-ئاينىڭ28-كۈنى ئۆمەكنىڭ زالىدا نەچچە كۈندىن كېيىنكى يېڭى يىللىق كېچىلىككە ئۇسسۇل مەشىقى قىلىۋاتقان، ئۆمرىنىڭ ئوتتۇز نەچچە يىلى قومۇلنىڭ سەنئىتىگە مېھنەتسىز بېغىشلانغان قاھار ئاكامنىڭ توساتتىن مەيدىسى ئاغرىپ كېتىپ، تېزلىكتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى...لېكىن، دوختۇرلارنىڭ نەچچە سائەتكە سوزۇلغان جىددى قۇتقۇزۇشى ھەم ئىلغار ئۇسۇلدا داۋالاشلىرىمۇ بۇ سۆيۈملۈك ئوغلانىمىزنى تۇيۇقسىز كەلگەن رەھىمسىز ئەجەلنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالالمىدى. ئۇ تېخى قىران ئىدى، ئەمدى 49 داۋاندىن ئاشقان ئىدى...ئۇنىڭ تېخى قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ ئىدى...بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان قېرى-ياش ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشىنەلمەي يېقىن-يورۇقلىرىدىن:-قاھارجاننى تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا كۆرگەنتىمغۇ؟ بۇ مۇمكىنمۇ؟ دېيىشىپ ئەلەملىك كۆز يېشى قىلىشقا مەجبور بولدى. شۇنداق، بىز قومۇلنىڭ بىر يورۇق يۇلتۇزىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالدۇق! ئۇلۇغ كەرەملىك، مېھرى شەپقەتلىك ئاللا ئىگەم بۇ ئوغلانىمىزنىڭ ياتقان جايىنى جەننەت گۈلشەندە قىلسۇن.
2011-يىلى12-ئاينىڭ29-كۈنى قومۇل
مەرھۇمنىڭ مېيىتى 29-چىسلا ناماز پىشىندىن يېنىپ، يېڭى قۇرۇلغان مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا قويۇلىدىكەن...