turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 301 قېتىم كۆرۈلدى
tograk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 245
شۆھرەت: 2073 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2070 سوم
تۆھپە: 1074 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1086 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2326(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئەڭ ئېسىل بايلىق نەدە ؟

                         ئابدۇغەنى توختى يوغرۇل
        بىر  زىيالىدىن :
        _ ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە ؟ _ دەپ سۇرىدىم .
        _  كىتاپخانىدا ، - دېدى زىيالى .
        بىر تېۋىپتىن سۇرىدىم :
        _  ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە ؟
        _ تەن ساقلىقتا ، _ دېدى تېۋىپ .
        بىر ئارخېئولوگدىن سۇرىدىم :
        ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە ؟
        _ يەر شارىدا ، بولۇپمۇ ئىنسانىيەت ئاياغ باسمىغان تاغ - ئېدىر ، چۆل جەزىرىلەردە ، _ دېدى ئارخېئولوگ .
        بىر جاھان كەزدىدىن سۇرىدىم :
        _ ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە ؟
        _ پادىشاھنىڭ خەزنىسى بىلەن باي_ غوجاملارنىڭ ئامبارلىرىدا ، _ دېدى جاھانكەزدى .
        بىر ئوقۇغۇچىدىن سۇرىدىم :
        _ ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە ؟ 
        _ ۋەتەن _ مىللەتنى سۆيىدىغان قابىل ئوقۇتقۇچىلاردا ، - دېدى ئوقۇغۇچى .
        بىر ئولىمادىن سۇرىدىم :
        _ ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە ؟ 
        _ تىلىمىزدا ، دىلىمىزدا ، ئېتقادىمىزدا ، _ دېدى ئولىما .
        دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تىل - يېزىقتىن بىر نەچچىنى بىلىدىغان ، ھەمىشە ئانا تىل - يېزىقتىكى كىتاپ - ژۇرناللاردىن سىرت باشقا تىل -   يېزىقتىكى كىتاپ - ژۇرناللارنىمۇ قويماي كۆرىدىغان بىر دوكتور ساۋاقدىشىمدىن :
        _ ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە ؟ دەپ سۇرىدىم .
        _ خەلقچىل مۇھەررىرلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ قان - تەر بەدىلىگە روياپقا چىققان ۋە چىقىۋاتقان كىتاپ - ژۇرناللاردور ، - دېدى دوكتور ساۋاقدىشىم .
        ئاخىرىدا ، خەلىقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولغان خەلقپەرۋەر بىر ھۇھەررىردىن :
        _ ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە ؟ دەپ سۇرىدىم .
        ئەقلىمىزدە ، - دېدى مۇھەررىر كېسىپلا .
        مەن بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ بۇ سۇئال ھەققىدە ئەمدى باشقىلار بىلەن مۇنازىرلىشىشنىڭ قىلچە ئورنى قالمىغانلىقىنى تۇلۇق چۈشەنگەندەك بولدۇم .

                     مەنبە : " شىنجاڭ مەدەنىيىتى " ژۇرنىلى
         

        
       
 
      
        
      
  
تېما تەستىقلىغۇچى : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-29, 23:41
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-29 18:18 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 532
شۆھرەت: 3440 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3431 سوم
تۆھپە: 1923 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1957 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 975(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

_ ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە ؟ دەپ سۇرىدىم .
        ئەقلىمىزدە ، - دېدى مۇھەررىر كېسىپلا
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-29 23:42 |
naprat2009
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 79
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 110
شۆھرەت: 646 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 648 سوم
تۆھپە: 374 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 376 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 239(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ ماقالىلىرىنى قالايمىقان يوللىماڭلار، بولمىسا باغداش قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-30 00:07 |
altunalma
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4410
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 269 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 272 سوم
تۆھپە: 162 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 165 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

[quote]بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى naprat2009دە2011-12-30 00:07يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ ماقالىلىرىنى قالايمىقان يوللىماڭلار، بولمىسا باغداش قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ...
[/       
قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز ، يوللىسا نىمە بوپتۇ ، ھەممە مۇنبەردە ژورناللاردىن كۈچۈرۈلگەن ماقالىلەر بارغۇ ؟
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-30 00:25 |
jahan@kazdi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5137
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 170 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 96 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 96 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پايدىلىنىش ئۇچۇنلا يوللايمىز .....بىز يا ئۇنى ساتمىساق....
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-30 01:18 |
yuzbexi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 199
شۆھرەت: 1075 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1075 سوم
تۆھپە: 631 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 631 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سوراي دەپ تۇراتتىم ، گېزىت -ژورناللاردىكى ئەسەرلەر مۇنبەر يۇزىگە يوللانسا قانونسىزلىق ھېساپلىنامدۇ ؟
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-30 01:35 |
taraza
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1524
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 51
شۆھرەت: 295 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 295 سوم
تۆھپە: 169 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 169 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەڭ ئېسىل بايلىقىمىز نەدە ؟
        _ تىلىمىزدا ، دىلىمىزدا ، ئېتقادىمىزدا
جىڭغا توختايدىغان گەپلەر
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-30 01:39 |
tamche
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4002
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 270 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 270 سوم
تۆھپە: 157 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 157 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  بىلىم <<ئوغىرىسى>>ئوغىرى ھېساپلانماس. مېنىڭچە ياخشى بىلىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پايدىلانسا نىمىدىگەن ياخشى.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-30 12:06 |
hikmat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5113
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 118 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 119 سوم
تۆھپە: 70 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 71 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئارخېلوگ بىلەن جاھان كەزدىدىن باشقىسىنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەن.
تېخىمۇ قىممەتلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىىالام قالدۇرۇپ كەتكەن قۇرئان بىلەن ھەدىس.
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-30 16:05 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر