مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنى تۆت تادۇ ئۇيغۇر تىبابەت تورىنىڭ مەسئولى، بۇرادىرىم كۆكيال تىۋىپنىڭ تەلىپى بىلەن يوللىدىم، قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن!
مۇراجىئەتنامە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك يار بولسۇن.
توختىخان مەتقۇربان(ئاچام ،قوشنىمىز ۋە دادامنىڭ ئىنىسىنىڭ ئايالى) بىر نەچچە يىللاردىن بىرى كېسەل ئازاۋى تارتىۋاتقان بولۇپ ، بۇ يىل (2011) 6-ئاينىڭ 15- كۈنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق 11-12 - ئۇمۇرتقا ئارىسىدا سىل(تۇبىركۇليۇز ياكى 结核病 دەپ ئاتىلىدۇ) بار ئىكەن دەپ دېئاگنۇز قويۇلغان. ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇمۇرتقا سۆڭەكنىڭ كېسەل قىسمى 30،000(ئوتتۇز مىڭ ) يۈئەن قىممىتىدىكى پولات تاختا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان. بىمار بۇ قېتىم 61كۈن كېسەلخانىدا ياتقان . بۇ جەرياندا 60،000(ئاتمىش مىڭ) يۈئەن كەتكەن. ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولۇپ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىققان بولسىمۇ ، ئەمما ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمىغان.( يەنى بىمار ئورنىدىن مىدىرلىيالمايدىغان بولۇپ ، باشقىلار ئۆرۈپ قويمىسا ئىككى يانغا ئۆرۈلەلمەيدۇ .) ئەكسىچە بارغانسىرى يامانلىشىشقا قاراپ مېڭىپ، بىمار ئىككى پۇتىنى باشقۇرالمايدىغان ۋە سەزمەيدىغان ھالغا بېرىپ يەتكەن. مېنىڭ كۆرۈشۈمچە ئوپراتسىيە قىلغان ئورۇندا ۋە مېڭىدە توسالغۇ يۈز بېرىپ ، نېرۋىلار خىزمىتىگە زىيان يەتكەن ، ئۆپكىدىمۇ كېسەللىك كېسەللىك ئوچىقى بار ئىدى. ئاكام(دادامنىڭ ئىنىسى) ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرخانىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ ، ئۇلار ھەرىكەتنى كۆپ قىلىپ بەرسىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دېيىشتىن باشقا گەپ قىلمىغان.ئارىدا موللىغا بىر قېتىم ئوقۇتتى.
11- ئاينىڭ بېشىدا خوتەنگە ئاچىقىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، كېسەللىك ئورنىغا يىرىڭ يىغىلىپ، نىرۋىنى بېسىپ قويغانلىق سەۋەبىدىن ، پالەچلىك كىلىپ چىققان دەپ نەتىجە چىقىرىلغان.
11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇلار ئۈرۈمچىگە ، يەنى ئىككىنچى دوختۇرخانىغا يول ئالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆپكىدە سىل چىققان ۋە بۇ سىل ئۇمۇرتقا ئارىلىقلىرىغا چۈشۈپ ئۇ يەرنى يىرىڭلاتقان يەنى ئۇمۇرتقا سىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ دېئاگنوز قويۇلغان ھەمدە ئۇلار بىمارنى كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىشنى بۇيرىغان. كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن ، بىر مەزگىل ئۆپكىنى داۋالاپ ئاندىن ئۇمۇرتقىنى ئوپراتسىيە قىلماقچى بولغان. بىر مەزگىل داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ بىمارنىڭ ئەھۋالى بىر خىل تۇرغانلىقى ئۈچۈن دەرھال ئۇمۇرتقىنى ئوپراتسىيە قىلىش قارارىغا كەلگەن. ئوپراتسىيەنى باشلاۋىرىش ،ھېساباتنى ئوپراتسىيەدىن كىيىنلا قىلىشقا دوختۇرلارنى ماقۇل كەلتۈرۈش ۋە بۇ يەردە ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ پۇل يىغىش قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىشى بىلەن ئوپراتسىيە قىلىدىغان كۈنى (يەنى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى) 32،000(ئوتتۇز ئىككى مىڭ) يۈئەن دوختۇرخانىغا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە شۇ كۈنى ئوپراتسىيە قىلىنغان . ئوپراتسىيەدىن كېيىن ھېسابلىشىش ئارقىلىق دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇل 111،000(بىريۈزئون بىرمىڭ ) يۈئەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئاكاملارنىڭ دوختۇرخانىغا 60،000(ئاتمىش مىڭ ) يۈئەنگە يېقىن قەرزى چىققان.قەرز سەۋەبلىك دوختۇرلار ئوپراتسىيە قىلغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ داۋالاشنى توختىتىپ قويغان. ئۇرۇق تۇققانلار يەنە 10،000 (ئون مىڭ) يۈئەن يىغىش قىلىپ چىقارغان بولسىمۇ ئۇنى يەنىلا قەرزگە تۇتۇپ داۋالاش ئېلىپ بارمىغان. ئۇلار بىمارغا سىرتتىن ئۇكۇل ئەكىرىپ سالغاچ تۇرغان. ئالدىمىزدىكى جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدا ئىمامنىڭ دەۋىتى بىلەن پۇل يىغىش قىلىپ 8000(سەككىز مىڭ ) يۈئەننى چىقىرىپ بەرگەن.بىمارنىڭ ئەھۋالى ئوپراتىسيەدىن كېيىن ياخشىلىنىش ئەھۋالىدا بولۇپ پۇتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرەلىگۈدەك بولغاندا ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن داۋالىنىشى يېرىم يولدا توختاپ قالدى. بىر نەچچە كۈنگىچە بىرلەشمە داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىپ بېرەر دېگەن ئۈمىتدە تۇرغان بولساقمۇ ئۇلار بىر بىمارنىڭ بىر يىللىق چىقىمىدىن پەقەت 50،000( ئەللىك مىڭ) يۈئەنلا كۆتۈرىدىكەن. بۇ پۇلدىن ھازىر ئۇلارنىڭ كۆتۈرىدىغان سوممىسى 17،000(ئون يەتتە مىڭ) يۈئەن ئەتراپىدىلا قالغان بولۇپ ، دوختۇرخانىغا تۆلەشكە تېگىشلىك قەرزگە ھېسابلىغانبدىمۇ يەنە 40،000(قىرىق مىڭ) ئەتراپىدا قەرز قالىدىكەن، قەرز تۈگىسھە ئۇنىڭدىن باشقا داۋالىتىشلار ئۈچۈن يەنە بىر مۇنچە پۇل كېتىشى ئېنىق. كونىلاردا <<تاما- تاما كۆل تولار>> دېگەن گەپ بار ، بۇ مۇراجىئەتنامىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇشىنى ۋە باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.
توردا باشقىلارغا ئىئانە توپلاشقا قاتناشقان 2007- يىلىدىن بۇيان تۆرت يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن خالىس نىيەت كىشىلەرنىڭ ياردىمىنى، شۇلار نەتىجىسىدە كېسەللىك ئازاۋى ۋە چارىسىزلىق ئىچىدە ئىڭراۋاتقانلارنىڭ شىپالىق تاپقىنىنى كۆردۈم ، ئەلۋەتتە شىپالىق ۋە ياردەم ئاللاھ تەرەپتىندۇر. ئىشىنىمەن ۋە ئۈمىد قىلىمەنكى تورداشلار بۇ قېتىممۇ مۇشۇ ئاجىزەگە ياردەم قولىنى سۇنۇشتىن باش تارتمايدۇ .ئاللاھ بەرگەك قوللىرىڭلارغا ۋە بەرگەن پۇللىرىڭلارغا بەرىكەت بەرگەي.
بىمارغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
中国农业银行:账号-6228483700722113117
托合提罕.麦提库尔班
دوختۇرخانا ئورنى : ئاپتونۇم رايونلۇق كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، تۆتىنچى قەۋەت ، بىرىنچى ياتاق .
تېلىفۇن نومۇرى: 18040920435(ئۈرۈمچى) ئالاقىلاشقۇچى: مەمەت چوڭ