turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 658 قېتىم كۆرۈلدى
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 481
شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2930 سوم
تۆھپە: 1626 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1631 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 624(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئالىمنىڭ ئىزى نۇرلانسۇن!  (ئەركىم)

 ئالىمنىڭ ئىزى نۇرلانسۇن!
 


<<ئىزنۇر بېزەكچىلىك شېركىتى>>نىڭ ياش تالانتلىق دېرىكتورى ئالىم دەرگۈش ئەپەندىم

   ئالىم بىلەن ئىككىمىز بىر مەھەلىلىك ھەم خوشنا، تۇغقاندارچىلىقىمىزمۇ بار، ئادەتتە، كىشىلەر مەندىن چىن دوستۇڭ بارمۇ؟ دەپ سورىسا ئېسىمگە كېلىدىغان بىرقانچە سۆيۈملۈك سىمانىڭ ئىچىدە ئالىمنىڭمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چېھرى بار. شۇنداق، بىز ئىككىمىز يېقىن دوست. كىچىكىمزدە تاۋۇزلۇق، قوناقلىق،ئېڭىزلىق، خامان، كۆل، ئۆستەڭ بويلىرىدا گاھى ئوينۇشۇپ، گاھى مۇشىتلىشىپ چوڭ بولغانمىز، ئېغىر يىنىكىمىزنى كۆتۈرۈشەلەيدىغان ئىشەنچىلىك دوستلاردىن بولىمىز. بىز بىر سىنىپتا 10 يىل ساۋاغداش بولۇپ ئوقىدۇق. بۇنداق ساۋاغداشلىقنىڭ بۈگۈنكىلەرگە نىسىپ بولمىقى تەستۇر، چۈنكى مەكتەپلەر ھېلى ئۇ يەرگە، ھېلى بۇيەرگە يۆتكىلىپ بەزىلىرى بىر بىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى. بىراۋسى مەندىن ئانا مەكتىپىڭ قېنى دېسە؟ قايسى مەكتەپنى ئانا مەكتىپىم دەپ كۆرسىتىشنى بىلەلمەي قالىدىغان بولۇپ قالدىم.
   ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن يىلى تىرىشچان دوستۇم ئالىمغا قومۇل يېزائىگىلىك تېخنىكا مەكتىپىدىن ئۇقتۇرۇش كەپتۇ...ئۇ بۇ مەكتەپنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، بىزنىڭ ساقىدىكى ماشىنىسازلىق ئەتىرىتىدە ئىشقا چۈشتى. رېمونتچىلىق كەسپىدە پىشقان ئالىمنى ئىزلەيدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، مەزكور ئىدارە ئۇنىڭ مائاشىنىمۇ ھەرتـۈرلۈك باھانە سەۋەبلەر بىلەن تولۇق بېرەلمىدى، ئىشلىگەن چىشلەيدۇ، دېگەن ھېكمەتكە قارشى ھالدا نەتىجىگە ئېرىشكەن دوستۇم بۇ ئىشقا قۇرسىقى كۆپكەن ھالدا خىزمىتىنى چۆرۈۋېتىپ، مەھەللىمىزدە  چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى  رېمونتخانانىسى ئاچتى، سودىسى بەك بولدى، بىراق، تىپىك دېھقانچىلىقتىن كىرىم قىلىنىدىغان يۇرتىمىزدا، سودىدا بولسۇن دۇكان، ئاشخانىلاردىمۇ مەجۇت نىسىچىلىقنىڭ كاساپىتىدە سودىسىمۇ ئۆزى ئويلىغاندىكىدەك يۈرۈشەلمىدى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تېخى بۇجايدا رېمونتخانا ئاچماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرشمۇ چۈشەرگەن ئىدى. بېشىنىڭ ئىچى ھەم تېشى قاتقان ئالىم، ئاخىرى شەھەردە روناق تېپىش ئۈچۈن تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ مەلۇم بىر سېخلىرىدىمۇ ئىشلەپ باقتى. ئاخىرى ئىشلىگەنگە چۇشلىق نەپكە ئېرىشەلمىگەن ئۇ بىر قانچە ۋاقىت بازار كۈزەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بولغان ئۆي بېزەكچىلىك ساھەسىگە قەدەم تاشلىدى. باشتا خەقنىڭ قولىدا ئىشلىدى،بۇ ساھانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىپ ئايرىلىپ ئىشلىدى، ئىشلىگەندىمۇ ھەر بىر خېرىدار رازى بولغۇدەك پۇختا ھەم سۈپەتلىك ئىشلىدى. ھەركەتتە بەركەت، دېگەندەك، ئۇ ئاخىرى بۇ كەسپىتە نەتىجە قازىنىشقا باشلىدى. ئۇنى ئىزلەپ كېلىدىغانلار كۈنسېرى كۆپەيدى. ئۇنىڭ ئۆز كەسپىگە تۇتقان ئادىمىيلىك پوزىتسىيىسى، كەسپىي ئەخلاقى، خۇشخۇي مىجەزى ئۇنىڭ نامىنى چىقاردى. ئۇ ھەر بىر خېرىدارىغا يۈز كېلەلمەيدىغان بىرەر ئىش ھەركەت بىلەن مەشخول بولمىدى...شۇتەرىقىدە، قىسقىغىنە 8 يىللىق قان-تەر بەدىلىگە ھازىر بۇ دوستۇمنىڭ ئۈچ يەردە <<ئىزنۇر>> نامىدابېزەكچىلىك دۇكىنى بار بولدى. بۇ ئۈچ بېزەكچىلىك دۇكىنىغا سېلىنغان مەبلەغ پەرىزىمچىمۇ 100تۈمەندىن ئېشىپ كەتتى. بىز دائىم دوستلار ، يۇرتداشلار يىغىلىش قىلىپ قالساق ئۇنىڭغا تېلفۇن ئۇرىمىز، بىراق، ئۇ يا بەك چارچاپ كېتىپ ئۇخلاپ بولغان بولىدۇ، يا بولمىسا  ئاراتۈرك، باركۆل ناھىيىلىرىدە ئادەملىرىنى باشلاپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ چىقىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتمىسۇن دەپ تېلېفۇن قىلشتىنمۇ يالتىيىپ قالىمىز. چۈنكى بىز ئۇنى ئوبدان چۈشىنىمىز، ئۇ ئەزەلدىن قولىغا ئالغان ئىشنى مۇكەممەل پۈتتۈرمەي تۇرۇپ، ھېچ بىر ئىشقا كۆڭۈل ئاجراتمايدۇ. مانا بۇ يىل ئارتىلسىلا مەن ۋە ئۇ 33 داۋاندىن ئۆيتكەن بولىدىكەنمىز. بىراق يېشى ئوتتۇزدىن ئاشقان نۇرغۇن ياشلىرىمىز ھاياتىنى بىھۆدە زايا قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بىزگە قانداق ئۈلگىلەر لازىمدۇر؟ ئەلۋەتتە، ئۇ دەل مېنىڭ دوستۇم ئالىم! ئۇ ئىش قىلماقچى بولۇپ ھېچ بىر ئىشنى باشلىيالمىغانلارنىڭ ئۈلگىسى! ئۇ بىر كەسىپنى تۇتۇپ ئۈزۈپ چىقالمىغانلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى...بىر قېتىم بىز ئىككىمىز مۇڭدىشىۋېتىپ ئۇنىڭ مۇداق دېگەنلىرى ئېسىمدىن زادى چىقمايدۇ: -ئاداش، بىز ئۇيغۇرلار بېزەكچىلىك ساھەسى بولسۇن ۋە ياكى باشقا ساھەلەردە بولسۇن يېشىل مەھسۇلات درگەن ئۇقۇمنى تازا ئېنىق چۈشىنەلمەي ياشاۋاتىمىز، مېنىڭ ئارزۇيۇم شۇكى، خەلقىمگە ئىشەنچلىك، پاكىزە، زىيانسىز بولغان بىر بېرزەكچىلىك مۇھىتى بەرپە قىلىش،ئەمما، ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئەرزان ماتىرىياللارنى كۆپ ئىشلىتىپ، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىغا، مەڭگۈلۈك ساغلاملىقىغا ئۈن-تىنسىز زىيان يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى بىلمەي يۈرۈشمەكتە،شۇ ڭا مەن دۇكانلىرىمغا ئەرزان ياكى قىممەت بولسىمۇ دۆلەت ۋە خەلقئارا سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمىدىن ئۆتكەن مەھسۇلاتلارنى سالدىم. مەندە بار مەھسولاتلار بىر كەسىپتىكى باشقا مىللەت سودىگەرلىرىدىمۇ يوق... بىرقىسىم خېرىدارلار ئازراق پۇلنى دەپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشتىن باش تارتتى، ئويلاپ باقساق، ئاخىرى زىيان تارتىدىغىنى ئاۇش ئازغىنە چىقىمدىن قورۇققانلار بولىدىكەن. بىلىمەن، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىمىز ئانچە يۇقىرىمۇ ئەمەس، لېكىن، بىزدە ھېچبىر مىللەتتە يوق بولغان ياخشى ئەنئەنە بار، ئۇ بولسىمۇ كونىلار ئېيىتقاندەك، ئۇيغۇر پۇل تاپسا لاي مىنەر! راسىت، بىز پۇل تاپساق، ئۆي سالىمىز، ئۆي بېزەيمىز، چۈنكى ياخشى سېلىنغان كاتتا بېزەلگەن ئۆي مەيلى ئۆزىمىز ئۈچۈن ۋە مەيلى بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئىللىق بىر ماكان، ئۇنىڭ مۇھىتى چوقۇم ساپ ھاۋالىق پاكىزە،ئازادە ھەم مۇكەممەل بولىشى كېرەك. دېگەن ئىدى.
  دوستۇمنىڭ ئېيتقانلىرى راست، ئۆمۈرلۈك تاپقان تەرگىنىمىزگە ئۆي سېلىشىمىزمۇ مۇكەممەلىكنى، ئازادىلىكنى، نەچچە مىڭ يىللىق ھاياتلىق جەريانىدا جۇغلانغان ھېكمەتلىرىمىزدىكىدەك<<ئۆز ئۆيۈمنىڭ بوشلۇقى، پۇت،قولۇمنىڭ خۇشلىقىنى>> ئىزلگەنلىك ئەمەسمۇ؟!
  تۆنۈگۈن مەن ئۇنىڭ يېنىغا باردىم، تۆتكوچا سودا بازىرىدىكى <<ئىزنۇر بېزەكچىلىك مەركىزى>>گە بارسام ئۇ يوق ئىكەن، مەن يەنە شۇ كوچىدىكى ئېۋىرغول مەسچىتىنىڭ ئالدىدا يېڭىدىن بېزىلىپ ئىچىگە تۈرلۈك رەڭ ۋە شەكىلدىكى پەردە، ياسىداق چىنە قاچا،  ھەر خىل سائەت، كۆركەم تام رەسىملىرى ۋە تۈرلۈك تۈمەن شەكىلدىكى ھەر خىل چىرايلىق چىراقلار بىلەن تولغان ئىككى قەۋەتلىك <<ئىزنۇر سودا شەھەرچىسى>>كەلدىم، دوستۇم ئالىم دۇكاندا بىر نەچچە خېرىدارلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى. خېرىدارلار كەتكەندىن كېيىن ئۇنى چىن دىلىمدىن مۇبارەكلىدىم، ئۇ  پات يېقىندا دۇكىنىغا سافا ۋە ئائىلە جاھازىلىرىنىمۇ ئەكىرىپ تىزىدىكەن. ھەمدە ئەتە، يەنى 2012-يىلى1-ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:30 دايېڭى دۇكىنى بولغان << ئىزنۇر سودا شەھەرچىسى>>نىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمىنى ئـۆتكۈزىدىكەن...

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر،ئۆي بېزەتمەكچى بولسىڭىز ئىككىلەنمەستىن ئىزنۇرغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن! 
2011-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنى  قومۇل
ئىزنۇر سودا شەھەرچىسىدىن كۆرۈنۈشلەر
رەڭگارەڭ كۆركەم چىراقلار سىنىڭ تاللىشىڭىز!
ھەر خىل كۆركەم لاھىيىلەنگەن مىللىيلىق زامانىۋىيلىق بىرىككەن  چىنە قاچىلار
 
ئىككىنچى قەۋەت ھەرخىل پاسوندىكى پەردىلەر!
  ئەمدى قالغان قىسمىنى <<ئىزنۇر>>غا بېرىپ كۆرۈشىڭىزلەرنى قارشى ئالىمىز! دوستۇم ئالىم، بېزەكچىلىك قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئائىلە جابدۇقلىرىنى چىنەقاچا، پەردە، سائەت، لوڭقا...قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىشتا ھەريان چېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خېرىدارلىرىغا ئاسانلىق يارتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىزنۇر سودا شەھەرچىسى نى ئاچتى! قوينۇڭدىن تۆكۈلسە، قونچۇڭغا چۈشەر، دوستلار ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىكى جاپالىق شارائىتلارنى يېڭىپ، توختاۋىسىز ئىلگىرلەپ تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرىمىزنى قوللىغانلىقىمىز، ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىمىزنى قوللىغانلىقىمىزدۇر.
   ئىزنۇر ئىزلەڭ، ئالىم ئەپەندىمنىڭ تېلېفۇن نومۇرى: 13899340272
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-31, 18:14
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-12-31 17:59 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 481
شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2930 سوم
تۆھپە: 1626 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1631 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 624(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كەچۈرۈڭ باشقۇرغۇچى، مەن سەل ئالدىراشلىقتا يوللاپ قالدىممۇ بىرقاچە جايدا ئىملا خاتالىقى بارلىقىغا دېققەت قىلماي قاپتىمەن، مالال كۆرمەي تۈزۈتۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن، رەھمەت!
lutun
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-31 18:21 |
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 658
شۆھرەت: 4312 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 4378 سوم
تۆھپە: 2401 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2443 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 996(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالىم ئەپەندى بىلەن مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېقىن .بىز بۇرۇندىن تونۇشمۇ ئەمەس ئېلىم
بىرىمىمىزمۇ يوق .بىرسى تونۇشتۇرغانمۇ ئەمەس .پەقەت بىر نۆۋەت پاراڭلىشىپ
قېلىپ بۇ قېرىنداشنىڭ مىجەزى ماڭا يېقىپ قالدى .چىقىشقاقلىق ۋە ئالدىن كۆرەرلىك
ئاللاھ خالىسا بۇ قېرىندىشىمىزدىكى ياخشى ساپا ئىكەن .بۇ ھەم بىر مۇۋاپىقىيەت
قازىنىشنى كۆڭلىگە پۈككەن سودىگەر ھازىرلاشقا تىگىشلىك ساپا .
ئاللاھ خالىسا مەن كەلگۈسىدە يېڭى ئۆيۈمنىڭ بىزىكىنى بۇ قېرىندىشىمىزغا قىلغۇزىمەن .
لېكىن ئەڭ ئاددى ۋە قوللىنىشلىق قىلىشنى نىيەت قىلدىم .ئاز پۇل بىلەن چىرايلىق
چىقىدىغان بىرەر لاھىيەنى تۈزەپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .چۈنكى ھازىر جەمىيىتىمىزدە
نەچچە تۈمەننى تامغا چاپلىۋىتىشنى ئىسراپچىلىق دەپ قارايدىغانلار كۆپىيىپ قالدى
مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-31 18:46 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 625
شۆھرەت: 3383 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3378 سوم
تۆھپە: 1986 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1995 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 279(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىلىم ئەپەندى، ھەممە ئادەم سىزدەك ئاز پۇل بىلەنلا ئۆينى چىرايلىق قىلىپ بېزەپ ئولتۇرۇشنى ئويلايدۇ، بىراق ئاۋال ئۆينى ئېلىپ لايھەنى تۈزەپ بېقىڭ، ئاندىن بىلىسىز!!!!!!!!!!ئاز دېگەندىمۇ نەچچە تۈمەن خەجلىمىسىڭىز يەنە كۆڭلىڭىز ئۈنىمايدۇ بەلكىم!!!!!!!!

ئالىم ئەپەندىنىڭ ھەممىمىزنىڭ قوللىشى ئاستىدا كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ھەم بەرىكەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!!!!!!!!!
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-31 21:23 |
guzaldunya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 80
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
شۆھرەت: 580 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 580 سوم
تۆھپە: 345 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 345 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 202(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      ئالىم ئەپەندىنىڭ  كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق ،سودىسغا بەرىكەت ،تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمەن .
قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-31 22:58 |
arzuyum
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 262
شۆھرەت: 1500 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1500 سوم
تۆھپە: 865 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 865 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 301(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالىم ئەپەندىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىكە لاغايلاپ يۈرىۋاتقان ياشلىرىمىزمۇ ئالىم ئەپەندىمدىن ئۆرنەك ئېلىپ ،تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-31 23:50 |
tohotur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1012
شۆھرەت: 5450 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5462 سوم
تۆھپە: 3216 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3220 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2000(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قومۇلغا يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەنلەر كۆپ ئەمەس ، قومۇل مەدىنيىتىگە يارىشىدىغان ، سىڭىشىدىغان مەدىنى يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەنلەر تېخىمۇ ئاز ، ،
مېنىڭچە بۇ دۇكاننى قومۇللۇقلار ياخشى كۆرۇپ قالغۇدەك دەپ ئويلۇدۇم ،
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-01 01:34 |
tamche
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4002
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 270 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 270 سوم
تۆھپە: 157 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 157 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئەڭ دەسلەپتە گۆھەر زىمىن (باۋفىڭ) تاللا بازىرىدىكى بىزەكچىلىك دۇكىنىنى كۆرۈپلا ئالىم ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقىغا قول قويغان. ھەقىقەتەنمۇ شۇ چاغدا (ھازىرمۇ) گۆھەر زىمىندا دۇكان ئاچقانلار ئىچىدە ئۇنىڭ دۇكىنى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىكەن،خېرىدارلارغا نسپەتەن مۇئامىلىسىمۇ شۇنداق ياخشى ،سودا كوچىسىدىكى دۇكىنى گەرچە كىچىك بولسىمۇ ،لېكىن بىزەكچىلىك ماتىرياللىرى ناھايىتى تولۇق ئىكەن. سودا شەھەرچىسىمۇ شۇنداق زامانغا لايىق بولۇپتۇ، بولسا تېخىمۇ تىرىشىڭ. سودىڭىز تېخىمۇ روناق تاپسۇن.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-01 10:40 |
ewerhol123
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 762
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 80 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالىمجان  ئەپەندىنىڭ  كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق ،سودىسغا بەرىكەت ،تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمەن ............................
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-01 16:47 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 279
شۆھرەت: 1410 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1420 سوم
تۆھپە: 843 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 843 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كېيىنكى قەدەمنىڭ  ئىزنۇر ماركىسىدىكى مىللىچە تۈس ئالغان چىراق ۋە پەردە ، قاچا -قۇچىلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
   كورىيەنىڭ پەردىلىرىنى ئۆيلەرگە ئېسىشنى توختىتىپ مىللىيچە پەردىلەرنى ئېسىش دولقۇنى قوزغايلى ، !
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-01 18:24 |
otamix
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1313
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 160 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 96 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 96 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خۇدا بۇيرىسا مەنمۇ  يېڭى ئۆيۈمنى مۇشۇ ئاداشقا  بېزىتەيچۇ.كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق ،سودىسغا بەرىكەت ،تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمەن ...
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-01 18:46 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار