ئەرلەرنىڭمۇ دەردى بار
ئاپتورى : ھۆسىيىن ھەسەن ئىپتىخار
ئەرلەرنىڭمۇ دەردى بار تاغدەك .
لېكىن دەرتكە يىغلاپ يۈرمەيدۇ ،
ئۆرتەنسىمۇ قەلبى ھەسرەتتە .
بىراۋلاردىن قاخشاپ يۈرمەيدۇ ،
ئۆز يارىدىن كۆڭلى سۇ ئىچسە .
بازاردىن << گۈل >> تاللاپ يۈرمەيدۇ ،
تىل نەشتىرى تەگمىسە دىلغا .
تومۇزدىمۇ توڭلاپ يۈرمەيدۇ ،
مۆلدۈر سوققان جەسۇر چوققا ئۇ .
شىۋىرغاندىن زارلاپ يۈرمەيدۇ ،
يۈكسەك بىلىپ ئەرلىك غورورنى .
پاك نامىنى بۇلغاپ يۈرمەيدۇ ،
سانجىلسىمۇ يۈرەككە تىكەن .
ئەسلا ئاڭا ئىڭراپ يۈرمەيدۇ ،
ئەل ئۈچۈن دەپ چەككەن جاپاغا .
كۆزلىرىنى ياشلاپ يۈرمەيدۇ ،
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-01-01 14:27قايتا تەھرىرلىدى ]