turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 467 قېتىم كۆرۈلدى
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 532
شۆھرەت: 3440 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3431 سوم
تۆھپە: 1923 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1957 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 975(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يېڭى ماشىنا سېتىۋالغۇچىلار ئۇچۇن بىلىملەر توپلىمى

-      ماركىغا دىققەت قىلىش
2-ئىشلىتىش دائىرىسىنى ئويلىشىش كىرەك .
3. بىخەتەرلىكىگە ھەم ماي سەرپىياتىغا دىققەت قىلىش كىرەك .
4.تاشقى كۈرۈنۈشگە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك .
تاشقى كۈرۈنۈش جەھەتتىن دىققەت قىلىدىغان نوقتىلار تۆۋەندىكىچە :
1) ماشىنا سېتىۋالغاندا ياكى كۆرگەندە چۇقۇم يۇرۇق جايدا كۆرۈش كىرەك ، بۇنداق قىلغاندا ماشىنا سېرىتقى يۈزىنىڭ بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقىنى  ، سىرنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگەرگەن ياكى ئۆزگەرمىكەنلىكىنى ، زاپچاسلىرىنىڭ ئەسلى ياكى ئالماشتۇغان ئالماشتۇرمىغانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ . ماشىنا سېرىنى كۆزىتىشتە سىرنىڭ تەكشى ياكى تەكشى ئەمەسلىكىنى  ئىنچىكە كۆزىتىش كىرەك .ئەگەر مەلوم جاينىڭ سېرى باشقا يەرنىڭكىدىن قېلىن ياكى نىپىز بولسا بۇ بەلكىم قايتا سىرلانغان بۇلىشى مومكىن  .
2) ماتور ھەمدە باشقا زاپچاسلاردا قايتا رىموت قىلىنغان ياكى (لوسا)لىرى بوشىتىلغان ئەھۋال بار يوقلىقىنىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك .
3)ماشىننىڭ كۇزۇپلىرى ، ئىشىكلىرى ئالدى تەرەپنىڭ ھىم ئىتىلىدىغان ياكى ئىتتىلمەيدىغانلىقىمۇ بىزنىڭ ئىنچىكە تەكشۈرىشىمىز كىرەك بولغان يەنە بىر مۇھىم ھالقا .
ماشىننىڭ ئىشىكىنى تەكشۈرگەندە  ئاچقۇچنى قايتا -قايتا سېلىپ سىناپ بېقىش كىرەك    . تورمۇز ، ماي دەسسىگۈچنىمۇ  سەۋىرچانلىق بىلەن تەكشۈرۈش زۆزۈر .
ماشىنا ئىشىكى سەل ئېغىر ھەم بوش يېپىلسا بۇ سۈپتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرىدۇ .
5)چىراقلارنىڭ يېنىش ئەھۋالى ھەم يۇرۇش دەرىجىسى  بىزنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىمىزدىكى مۇھىم تەرەپ . ماشىنننىڭ زاپچاسلىرىنى تەكشۈرگەندە ماتور ،ماي يۇلى ،چاق قاتارلىقلارنىڭ قۇرارشتۇرۇلۇش ھەم ئىشلىتىلىشچانلىقىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم .
6) ماشىنىنى يېراقتىن تۇرۇپ سېرىتقى كۈرۈنىشىنى كۆزۈتۈڭ .بۇنداق قىلغاندا ماشىننىڭ ئېككى يېنىنىڭ تەكشى ياكى تەكشى ئەمەسلىكىنى ئاسانلا بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ .يەنە بىر سى ئەينەكنىڭ قايتا سېلىنغان ياكى جىجىلغانلىقىنى ئەينەكنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى بەلگىگە قاراپ پەرىقلەندۈرىمىز .يەنە ئىشىكنىڭ يان تەرەپلىرىدىكى  كۈرۈنمە ئەينەكنىڭ ئايلىنىش ھەم كۆرسىتىش ئەھۋاللىرىنىمۇ تەكشۈرىمىز .
7) ئورۇندۇق ماشىندىكى مۇھىم زاپچاسلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ .شۇڭا ئۇرۇندۇقنى تەكشۈرگەندە ئالدى ئۇرۇندۇقنىڭ ئالدىكەينىگە يۆتكىلىش ئەھۋالى ھەمدە بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ نورمال ئىشلەيدىغانلىقىنى تەكشۈرىمىز .
5. ماشىنا تاللاشتا بىز چۇقۇم ئىلمىي ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز زۆزۈر .ماتور قاتارلىقلارنى تەكشۈرگەندە ئاۋازىنىڭ يىنىك ، بىر خىل رېتىملىق چىقىشىنى ئۆلچەم قىلىمىز .
6- ئەڭ ئاخىرىدا ماشىنا رەسمىيەتلىرىنىڭ تۇلۇق ياكى تۇلۇق ئەمەسلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم .سېتىۋېلىشنى قارار قىلغاندىنكىيىن توختام تۈزۈشكە توغرا كىلىدۇ ، بۇنىڭدا چۇقۇم ھەر تەرەپتىن ئويلىشىشىمىز ، سالماقلىق بىلەن قانۇنغا ماس كەلگۈدەك ، ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك توختام تۈزۈلسە  بۇ سودىڭىز چۇقۇم كۆڭۈلدىكىدەك بۇلىدۇ .
 
كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ شەخسى ماشىنا بولۇش كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ماشىنا ئاسراش ۋە ھەيدەشتە قانداق نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئېھتىياج چۈشىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا سىز ماشىنا ھەيدىگەندە بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلامسىز؟ بەلكى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسى سىزگە ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن.  
1. يامغۇرلۇق كېچىدە يول ماڭغاندا چوقۇم ئاستىراق ماڭىسىزغۇ دەيمەن. لېكىن، بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن يامغۇر توختىغاندەك قىلغان بولسا دەرھال سۈرئەتنى ئاشۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمەڭ. چۈنكى يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قالغان جايدىن ئېنىق كۆرمەيلا تىز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كەتسىڭىز، لاي سۇ ئەينىكىڭىزگە چاچراپ ئەينەكنى توسۇپلىۋالىدۇ. ئەگەر كۆزىڭىز تېڭىقلىق ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغانلا بولمىسىڭىز بۇ ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭدىن باشقا تىز سۈرئەتتە سۇ يىغىلىپ قالغان جايدىن ئۆتۈپ كەتسىڭىز سۇنىڭ قارشىلىق كۈچى كۈچلۈك بولغانلىقتىن جىددى تورموز قىلغاندەكلا سۈرئەتنى ئاستىلىتىدۇ. بۇنىڭغا تىز ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمىسىڭىز رول قولىڭىزدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر سۇغا بىرلا چاقى دەسسىگەن بولسا ئۇنداقتا تېخىمۇ خەتەر. رول ئاپتۇماتىك شۇ تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ سۇنىڭ ئىچىدە تاش-توقماق بار يوقلىقىنى بىلمەيمىزدە، تىز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا سۇنىڭ ئىچىدە گۈلىدەك كېلىدىغان ئۇچلۇق تاش بوپقالسا بالون يېرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغان مەن ئۆزۈم يولۇقۇپ باققان. شۇڭا يامغۇرلۇق يولدا، بولۇپمۇ كېچىدە سۈرەتنى كونترول قىلىپ ماڭغان ئەۋزەل. |
2. كېسىشمە يول ئېغىزىدا كۆرۈش دائىرىڭىزنى چوڭراق بىر ماشىنا توسىۋالغان شارائىتتا ئۇنى «ئالدىدا ھېچنىمە يوققۇ» دېگەن خىيال بىلەن يانداپ قالماڭ. سىز ھەرقانچە قىزىل چىراق يېشىل چىراققا ئۆزگەرگەن ھالەتتىمۇ، «توسىۋالغان ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا بىر پىيادە ئادەم بولىشى مۇمكىن» دېگەن پىسخىك ھالىتىدە ماشىنا ھەيدىشىڭىز كېرەك. بۇ پەقەت كېسىشمە يولدىلا ئەمەس، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىمۇ ئىشلەيدىغان پىسخىكا ھالىتى. سىز كۆرمىگەن جايدا ھەرقانداق نەرسە بولىشى مۇمكىن. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى 99% قاتناش ۋەقەسى «ئويلىمىغان يەردىن» يۈز بېرىدۇ. K^$=dLp  
3. ئەگەر ئالدىڭىزدا بىر تال توپ كوچىدىن ئېتىلىپ چىققان بولسا، توپنىڭ ئارقىسىدىن بىرىنىڭ قوغلاپ چىقىدىغان – چىقمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرماي دەرھال سۈرئەتنى ئاستىلىتىڭ. سىزدە ئالدىن ھۆكۈم قىلىدىغان ئىقتىدار بولىشى كېرەك. بەلكى ئويلىمىغان يەردىن بىر كىچىك بالا توپنى ئالغىلى يۈگرەپ چىقىپ قېلىشى، سىز ئۇ بالىنى يول ياقىسىدىكى توختىتىپ قويغان ماشىنا توسىۋالغانلىقتىن كۆرمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن. r>\bW)e  
4. ئالدىڭىزدىكى موتوسىكىلىت مېنىۋالغان كىشى سول قولىنى پۇلاڭشىتقان بولسا بۇ ئۇنىڭ سولغا بۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنى ياندىماسلىقىڭىز كېرەك. بەزىدە بۇرۇلۇش چىرىقى بۇزۇق موتوسىكىلىتچىلار مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن «چىراق ياقىدۇ». ناھىيەلەردە تراكتورنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. ھازىرغۇ كىشىلەر چىراق ساق بولسىمۇ ياقمايدىغان بوپ كېتىشتى. ئىشقىلىپ موتوسىكىلىت مىنگەنلەرگە، بولۇپمۇ سەل ئەبجەقراقلىرىغا دىققەت قىلىپ مېڭىشىڭىز كېرەك. :]
 
5. ئەگەر يول كەڭرى بولسا يولغا ئىشىنىپ سۈرئەتنى سەل ئاشۇرۇپ مېڭىپ قويىمىز. لېكىن ئالدىدا بىر چوڭ بىر كىچىك ئادەم كۆرگەن بولسىڭىز سۈرئەتنى سەل ئاستىلىتىپ ئۆتۈپ كەتكىنىڭىز ئەۋزەل. بەلكى ئۇ بالا سىز ئۇلارغا يېقىنلاشقاندا تۇيۇقسىز چوڭ ئادەمدىن ئايرىلىپلا يۈگرەپ كەپ قېلىشى مۇمكىن. خۇددى مۇشۇنىڭدەك كىچىك بالا قولىنى تارتىپلا كەپسىزلىك قىلىپ ماشىنا ئالدىغا يۈگرەپ تراگىدىيە يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن.   
6. ۋېلىسىپىتتىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى ئۇنى ئادەم تېپىدۇ. كۈچ تۇراقلىق ئەمەس. ئەگەر ھەيدىگۈچى چارچىغان بولسا ئوڭ-سول ئىغاڭشىپ مېڭىشى، دۆڭرەك جاي بولسا تۇيۇقسىز ۋېلىسىپىتتىن يىقىلىپ چۈشۈشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ ۋېلىسىپىتنىڭ ھەرىكەت ھالىتىغا ياخشى ھۆكۈم قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. مىسالغا ئالساق، سىزنىڭ ئازراق ئالدىڭىزدا بىر ۋېلىسىپىتلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئارقىسىغا يەنە بىرسى مىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولسىڭىز تورموزلاپ توختىتىۋالغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى ئىككىنجىسى مىنگەندىن كىيىن ئېغىرلىق ئېشىش سەۋەبىدىن ۋېلىسىپىت ئېغاڭشىپ سىزگە ئۆزىنى ئۇرىۋېلىشى، ياكى سىز تەرەپكە يىقىلىپ چۈشۈشى مۇمكىن.   
7. يولدا بىرەر توسالغۇ كۆرسىڭىز ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇشنى ئالدىن ھۆكۈم قىلىدىغان بولۇڭ. مەيلى ئېگىزرەك ئەۋرەز قۇدۇقلىرى بولسۇن، ياغاچ تاختاي ياكى پاخال بولسۇن، ماشىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالدۇرۇپ ئۆتۈشنى ياكى ئەگىپ ئۆتۈشنى ئالدىن تاللىۋېلىڭ. ئىشقىلىپ چاق شۇنىڭغا دەسسىمىسۇن. ياغاچ نەرسىلەردە مىخ بولىشى مۇمكىن. ئەگەر چاق مىخقا سۈرئىتىڭىز ئىتتىك ھالەتتە دەسسەپ قالسا بۇ تولىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدۇر.   
8. ياشراقلىرىمىز كەڭرى يېزا يولى بوپقالسا ناخشىنى گۇمباڭشىتىپ قويىۋېلىڭ مايغا ئوبدان دەسسەپ قويىمىزغۇ دەيمەن. تىز سۈرئەت ھەر قانداق يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ماتورنىڭ ئاۋازى ۋە يولدىكى باشقا ئاۋازلارغا ياڭراتقۇنى چوڭ ئېچىۋېلىپ دىققەت قىلمىسىڭىز ماتوردىن كاشىلا كۆرىلىۋاتامدۇ يوق، ئاۋازىدىن بىلەلمەي قالىسىز. ناۋادا بالون كونىراق بوپقالسا يازنىڭ كۈنى يۇقىرى سۈرئەتتە قىززىپ يېرىلىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بالوننىڭ ئاۋازى پاقا ئوسۇرۇپ قويغاندەكمۇ ئاڭلانمىسا، ماشىنا تۇيۇقسىز كونتروللىقىنى يوقاتقاندا نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي قېلىشىڭىز مۇمكىن. باشقا ئېھتىياج بولمىسا نورمال سۈرئەتتە ماڭغىنىڭىز، ياكى تىز سۈرئەتتە ماڭغاندا كاللىڭىزنى بۆلىدىغان ھەرقانداق قوشۇمچە نەرسىنى يوقىتىشىڭىز لازىم.
  
9. سەھرا يوللىرىدا ئادەمدىن باشقا يەنە ئات-ئۇلاقلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك. ئادەم ھېچ بولمىسا سىگنال بەرسىڭىز ئاڭلاپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى مۇمكىن. لېكىن ئىت-توخۇ، ئات-ئېشەكلەرنىڭ ئۇنداق قىلىشى ناتايىن. مەن بىر چاغدا ئاغىنىمىزنىڭ تويىدا لىق بىر ماشىنا ئادەم بىلەن ئىشەكنىڭ ئىشەكلىكىنى ئۇنتۇپ تىز سۈرئەتتە مېڭىپ قېلىپ تاس قالغان نەچچە جاننىڭ جېنىغا زامىن بولغىنى. خۇدا بىر ساقلىغان. تۈز كېتىۋاتقان ئىشەك ھارۋىسى مەن ئۇلارغا يېقىنلىشىشىمغا تۇيۇقسىز يولنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا كېلىۋاتىدۇ. سۈرئەت 120 دە بار ئىدى. ئۇنىڭدىن قاچۇرىمەن دەپ ھاڭغا چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىم. مانا مۇشۇنىڭدەك. سەھرا يوللىرىدا يىزا بالىلىرى ماشىنا تولا مېڭىپ كۆنمىگەچ ئۆيدىن يۈگرەپ چىقىپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ. بۇلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ھەيدەڭ.  
10. بەزى ساپاسىز كىشىلەر ئازراق پۇل خەجلەپ كىشىنى بىزار قىلىدىغان كۆزنى چاقنىتىدىغان چوڭ چىراققا ئالماشتۇرىۋالىدۇ. ئۇ خىلدىكى چىراقنىڭ 2 چوڭ كەمچىللىكى بار. بىرى، يامغۇرلۇق، تۇمانلىق ۋاقىتتا نۇرى ئۇزاققا بارمايدۇ. يەنە بىرى، قارشى تەرەپنىڭ كۆزىنى چاقنىتىپ بىشىنى قايدۇرۇپ كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداقلارنى ساپاسىز دېگىنىمدە مۇشۇ چىراقنى ئورنىتىۋېلىپ كىچىك شەھەر كوچىلىرىدىمۇ ئۇدۇل چىراقنى يېقىۋېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ نېمە بولىشى بىلەن كارى بولمايدىغان بىر قىسىم شەخسىيەتچى كىشىلەرنى كۆزدە تۇتتۇم. مۇشۇ ئىش جۇڭگودىلا بارمىكىن دەيمەن. ئازراقلا چامدىساق بارىدىغان ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان دېگەندەك كىچىك دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇ جەھەتتە كۆپ ساپالىق ئىكەن. باشقا ئەللەردە شەھەر ئىچىدە 98% كىشى ئۇدۇل چىراق ياقماي ماڭىدىكەن. 1.5% ىنى ئۆزى بىلمەي يېقىپ قالغىنىغا چىقىرىۋەتسەك قالغان 0.49% ىنى قەيىرىنى يۆتكەشنى بىلەلمىگەن يېڭى كەلداخۇنلارغا چىقىرىۋەتسەك ئاران 0.01 % ى مۇشۇنداق ساپاسىز كىشىلەر بولىدىكەن (ما جۈملىدە ئستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر سەل كۆپرەك ئىشلىتىلىپ قالدى ھە؟). ماۋۇ سان-سىفىرلار سەل ناتوغرا بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. مەيلى «تات» قىلغان سىگنال ئاۋازى بولسۇن، مەيلى ئۈستىدە ئېيتقاندەك ئىشلار بولسۇن ئاساسەن پەقەتلا يوق دىيەرلىك. مۇشۇنداق يولدا ماشىنا ھەيدىسە ئادەم ئۆزىنى تولىمۇ يىنىك ھىس قىلىدىكەن. شۇڭا سىز شۇ ساپاسىز كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋالماي، كېچىدە ئۇدۇلدا بىرەر ماشىنا كۆرگەن بولسىڭىز ئۇدۇل چىرىقىنى قىسقا ئارىلىق چىرىقىغا ئالماشتۇرۇڭ. ئاشۇلار ئۆزىنىڭ شۇنداق كۈچلۈك چىراققا ئالماشتۇرىۋېلىپ چوڭراق يۈك ماشىنىلىرىنى شۇنداق كۈچلۈك نۇر بىلەن پاس بېرىپ يانداپ ئۆتۈپ كەتكەندە يۈك ماشىنا شوپۇرىنىڭ كۆزى تورلىشىپ رولنى ياخشى باشقۇرالماي بىرەر ۋەقە كېلىپ چىقىپ قېلىشى ئويلاشمامدىكىنە؟ نى-نى پەچەت ئالىي ماشىنىلارنىڭمۇ مۇشۇنداق كۈچلۈك چىرىقى بار بولمىسا، ئۇلارغا شۇنداق پاس بېرىپ بولغۇچە لەپپىدە قىسقا چىراققا ئالماشتۇرىدۇ. ئاقسا نوچى ماشىنا ھەيدەيدىغان ئادەم ساپاسىز كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن بەزىدە. يا ئۇلارغا ماشىنا ساتقاندا مۇشۇنداق دەپ ئۆگىتەمدىغاندىكىن تاڭ؟ ئىشقىلىپ سىز مۇشۇ ساپاسىزلار ئارىسىدىن ئورۇن ئەپقالماڭ.   
11. ئۇزۇن يولغا چىقساق بەزىدە ئۇچرىتىپ قالىمىز. ئوڭدا 2 رەت، قارشى تەرپتە ئىككى رەت يول. ئىچىدىكىسى نورمال يۈرۈش يولى بولسا لەپتىكىسى يانداش يولى. لېكىن بىچارە ئىسىل شوپۇرلىرىمىز قۇلىقىغا تېلفۇننى تۇتىۋېلىپ ئىككى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەيدەپ كەينىدىكىسى سېگنال بېرەمدۇ، چىراق ياقامدۇ چاتىقى يوق ئاقسا مېڭىپ قويىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال شەھەر ئىچىدىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. قاتناش قائىدىسى ئۆگەنگەن بولساق مۇنداق بىر جۈملە سۆز ئېسىڭىزدىمىكىن: كەينىدىكى ماشىنا يانداش ئۈچۈن سىگنال ياكى بەلگە بەرگەندە چوقۇم ماشىنىڭىزنى ئوڭغا تارتىپ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىڭ. بۇ ناھايىتىمۇ ئورۇنلۇق. بۇنداق بولغاندا ياندىماقچى بولغان ماشىنا تىز سۈرئەتتە سىزنى يانداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىستاڭچىلىق ئازىيىپ سىزگىمۇ، ئۇدۇلدىن كەلگەن ماشىنىغىمۇ، ياندىغان ماشىنىغىمۇ بىخەتەر مۇھىت ھازىرلايدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر ھەممە ئادەم سىزدەك مۇشۇنداق ئەخلاق بىلەن ماشىنا ھەيدىسە قاتناش ۋەقەسى قانچە نىسبەت تۆۋەنلەپ كېتەر ھە؟   
12. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يانداش يولىدا داۋاملىق مېڭىۋېلىش چەكلەنگەن. نورمال يۈرۈش يولىدا مېڭىپ يانداش توغرا كەلگەندە بۇرۇلۇش چىرىقى بىلەن چىقىپ يانداپ بولغان كىيىن يەنە بۇرۇلۇش چىرىقى بىلەن يولغا قايتىپ كېلىش لازىم. بۇنىڭ زور ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئالدىدىكى ماشىنىغا سىزنىڭ يانداۋاتقانلىقىڭىزنى، تۇيۇقسىز يانغا ئۆتىۋالماسلىق كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش. ئەگەر سىز باشتىن-ئاخىر يانداش يولىدا مېڭىۋالسىڭىز چىراق ياقماسلىقىڭىز مۇمكىن. ناۋادا سىز ماشىنا يانداۋاتقاندا ئوڭ تەرەپتىكى يۈك ماشىنىسى سىزگە قارىماستىنلا چىقىۋالسا سىز ئۇنىڭغا ئۈسسۈيسىز. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يول كەڭرى چاتاق كۆپ چىقمايدۇ، چىقسا چوڭى چىقىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا گۇناھنى سىزگە قويىدۇ. كەينىدىن كېلىپ ئۈسىۋالغان، دەپ. ,
13. يامغۇرلۇق، تۇمانلىق ھاۋادا چوقۇم «تۇمان چىرىقى» نى يېقىۋېلىڭ. بۇ چىراقنىڭ نۇرى ئادەتتىكى چوڭ چىراقنىڭ نۇرى بىلەن ئوخشىمايدۇ. بۇ نۇرنىڭ تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، تۇمانلىق كۈندە بۇ چىراقنىڭ رولى ئەڭ ياخشى جارى بولىدۇ. سىز بۇنىڭ بىلەن يېقىن ئارىلىقتىكى نەرسىنى ئېنىق كۆرەلىسىڭىز، يەنە بىر جەھەتتىن قارشى تەرەپكە كەينىدە ماشىنا بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان ياخشى بەلگە بولىدۇ. چۈنكى تۇمان ياكى يامغۇرلۇق ھاۋادا كۆرۈش ئەينىكىدە سۇ بولىدۇ. كۆرۈش دائىرىسى تۆۋەنلەيدۇ دېگەن گەپ.    
14. ئىككى خىل چوڭ چىراقنى جايىدا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئەگەر ئالدىڭىزدا ھىچقانداق ماشىنا بولمىسا، شەھەر سىرتىدا بولسىڭىز ئۇدۇل چىراقنى ياقسىڭىز بولىدۇ. شەھەر ئىچىدە يول چىرىقى ئەمەلىيەتتە يىتەرلىك. قىسقا ئارىلىق چىرىقىنى ياقسىڭىزلا كۇپايە. ئۇدۇل چىراق بايا ئېيتقاندەك ئۇدۇلدىكى كىشىنىڭ كۆزىنى غىدىقلاپ سىزنىڭ كەينىڭىزدىكى نەرسىنى كۆرەلمەي قالىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ كەينىڭىزدە بىرەر كىچىك بالا بولسا سىز ئۇدۇل چىراقنى يېقىۋالغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇ كىشى كۆرەلمەيلا كېلىپ ئۇرىۋېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا سىز سەۋەپچى بوپقالىسىز. يەنە كېلىپ ئۇدۇل چىراقنى ياقسا ھازىرقى كۆپ قىسىم ماشىنىلار يېقىن چىراق تەڭ يېقىلىدۇ. بۇ چاغدا توكدان (ئاككۇمۇلياتۇر) غا كۆپ كۈچ كېلىدۇ. ئۇزاق يەتمەيدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا قاراڭغۇ سەھرا يوللىرىغا ئوخشاش شارائىتتا ئۇزۇن چىراقنى ئىشلىتىڭ. باشقا چاغدا ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن چوڭ چىراقنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.   
15. ماشىنىڭىزغا يۈك باسقاندا ئالدى-كەينى، ئوڭ-سول تەڭپۇڭلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىڭ. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى. جىددى بۇرۇلۇپ قالسىڭىز ماشىنىڭىز يان ئۆرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن.

 
- بالوننىڭ يەل بېسىمىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. چۈنكى بالوننىڭ يېلى ئاز بولۇپ قالسا ياكى ھەددىدىن زىيادە چىڭ بولۇپ كەتسە ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا قەرەللىك ھالدا بالوننىڭ يەل بىسىمىنى تەكشۈرۈپ  تۇرۇش لازىم. ئۇندىن سىرت، خالىغانچە بالوننىڭ چوڭ كىچىكىنى ئالماشتۇرماسلىق لازىم.

كەڭ بالكونلارنى تاللىغاندا، گەرچە ماشىنىڭىزنى مۇسابىقە ماشىنىلىرىدەك ماڭغاندەك قىلسىمۇ، بىراق بالون كېڭەيگەن سىرى  قارشىلىقمۇ  ئېشىپ بارىدۇ، شۇڭا ماشىنىنىڭ يەرنى قاماللاش كۈچىگە بەك ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز، بالوننى ئالماشتۇرۇڭ، بولمىسا قاراپ تۇرۇپ بىكاردىن ماي پۇلىنى ئىسراپ قېلىۋاتىسىز.

2- قەرەللىك ھالدا رول تاختىسى ۋە بالوننىڭ توغرا تەڭشەلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ. ماشىنا كونىرىغانسىرى بالون ۋە رول تاختىسى تەڭشەكنى يوقىتىدۇ، بۇمۇ مەلۇم مىقداردا ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 

3- يېپىشىشچانلىقى تۆۋەن بولغان ماتور مېيىنى ئىشلىتىش لازىم. ئادەتتە ماشىنا قوللانمىسىدا ئېنىق قىلىپ ماشىنىغا ئىشلەتكەن ماتور مېيىنىڭ يېپىشىشچانلىقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولۇشى كېرەك دەپ ئەسكەرتىلىش. ماتورمېيىنىڭ يېپىشىشچانلىقى قانچىكى تۆۋەن بولسا، ماتور شۇنچىكى كۈچىنى تېجەپ،  تەبئىي ھالدا ماي تېجەپ قالالايدۇ. 

4- ماتورنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئاسراپ، مەسىلە چىققان ھامان ۋاقتىدا ئوڭشاش لازىم. مەسىلىنىڭ چوڭ كىچىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممىسى ماتورنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 

5- ماشىنا سىرتىنى ياخشى ئاسراش كېرەك. چۈنكى ماشىنا سىرتىدىكى كۆپۈپ چىققان نەرسىلەر ماشىنا ماڭغان ۋاقىتتىكى ئۇچرايدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ قارشىلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇنداق كۆركەم بىراق ئىشلەتكىلى بولمايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىمۇ ئوخشاشلا قارشىلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى كەسكىنلىك بىلەن ئېلىۋەتكەن ياخشى.

6- ماينىڭ ئوكتان قىممىتى قانچە يوقىرى بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ دېگەن قاراشقا ئىشەنمەڭ. ئەگەر ماشىنىڭىزنى #93لىك ماينى يېسە، بىراق سىز مەجبۇرى #97لىك ماينى بەرسىڭىز، بۇ ئۈنۈمنى ۋاك قۇۋۋەتنى ئاشۇرالمايدۇ. شۇڭا ئاۋۋال ماشىنىغا كېتەرلىك ماي ئوكتان قىممىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ بىكاردىن پۇلىڭىز ئېرىشىشىدىن ساقلىنىڭ.

7- ماشىنىنى ئۇزۇن ۋاقىت قىزىتماڭ. بىرقىسىم ماشىنا ئىگىلىرى ئەتمىگەنلىرى يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال مەلۇم ۋاقىت ماشىنىنى قىزىتىشقا ئامراق، بۇ ياخشى ئادەت، بىراق ماشىنىنى قىزىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە يانچۇقىڭىزدا بىلەن ئۇرۇشۇپ قىلسىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ماشىنىنى ئاستا سۈرئەتتە بىر ئىككى كىلومېتىر ھەيدەش ئارقىغىمۇ ماشىنىنى قىزىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. 

8- ئەگەردە ماشىنا ئىچىدە مەلۇم ۋاقىت تۇرۇپ قالىدىغان بولۇپ قالسىڭىز، ھەمدە ماشىنىنى قوزغاتمايدىغان ئىش بولسا، ئەڭ ياخشىسى ماتورنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۋىتىڭ.

9- ماي پىدالىغا كۈچەپ دەسسەپ سۈرئەتنى ئاشۇرماڭ، بۇ پەقەت ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بىراق ھېچقانچىلىك ۋاقتىڭنى تېجەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇندىن سىرت يەنە سۈرئەتنى ئاشۇرۇۋەتمەڭ، ئادەتىكى ماشىنىلارغا نىسبەتەن 80 كىلومېتىرلىق سۈرئەت ماي تېجەيدىغان ئەڭ ياخشى سۈرئەتتۇر. سائەتلىك سۈرئىتى ئاشقانسېرى ماي سەرپىياتى ئېشىپ بارىدۇ.
10- ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقىنى داۋاملىق تازىلاپ تۇرۇشنى ئەستىن چىقارماڭ. ئوشۇقچە نەرسىلەر، مەيلى بىرجۈپ ئاز كىيىدىغان توپ ئايىغى بولسۇن، ۋە ياكى ئېشىپ قالغان يىرىم تۇڭ ماشىنا مېيى بولسۇن، ھەممىسى ماشىنىغا ئوشۇقچە ئېغىرلىق چۈشۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يانچۇققا چۈشىدىغان بېسىمىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
1.ئائىلەماشنىسى سېتۋېلىشتا يېقىلغۇ ماينىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتكەچكە ئامال بار گاز چىقرىش مىقدارى1.6دىن يۇقۇرى ماشىنا سېتىۋالماڭ.ئەمما ئىقتىسادىڭىز ياخشى بولسا يۇقۇرراقىنى سېتىۋالسىڭزمۇ بولدۇ.  
2.ماشنا ئېلىشتىن بۇرۇن ماشىننى ئۇزۇن مۇددەت ساتماي ھەيدەيدىغان پلانىڭىز بولسا يەنلا دۆلتىمزنىڭ ماشنىسنى تاللاڭ.ئەمما ئامماقنڭ ساتمىقى بار دەپ ئويلسڭز يەنلا گاچا بولسمۇ باينڭ بالىسى دىگەندەك ياپۇننىڭ ماشنسىنى تاللاڭ.   
3.ماشىنا باھاسغا دىققەت قىلىڭ. ماشىنلارنڭ ياخشراقىنڭ باھاسى ئادەتتە يۈز مىڭدىن يۈز ئەللىك مىڭغىچە بولىدۇ.<مسال>سۇزۇك جىمنىي ئاپتۇمۇبىلى باھاسى140000يۈەن ئۆزى دالا ماشنىسى ئەمما بەكلا كىچك.   
تويوتا كىرولا باھاسى120000يۈەن w
شەكىل.ھۈنەر-سەنئەت.تېخنىكا.سەپلىملىرى ئىنتايىن ياخشى.   
يۇقۇردا ئۆزۈمنڭ بىرقانچە تەكلپىمنى بەردىم. تولۇقلايدىغان دوسىتلارنڭ پىكىر بىرىشنى ئۈمىت قىلمەن.   
        پۇل تاپماق تەس جايىداخەجلىمەك تېخمۇ تەس...
تۆۋەندىكسى ماشنا ئىسملرى.   
 
ياپۇنيە.  
تويوتا.خوندا.نىسسان.مىتسۇبىشى.مازدا.لەكساس.سۇزۇكى.ئسۇزۇ.  
گىرمانيە
"
 
بىنىز.باۋما.ئوۋدى.ۋولكسۋاگىن.سىگدا.لەمبورجنى
ئامېرىكاj)  
ھەممىباب،gm،.كادىلاك. بىك.شۆپلەي. فورد.ياۋا ئات. چېريىسلىر.جىپ.
  
ئىتاليە   
فارالى.ئۋىكو.  
فىرانسيە 
 
لەند روۋىر.روۋى.شۆتىيەنلۇڭ. 

  
كورىيە
شەندەي.چىيا.
جۇڭگۇ 
 
يىچى.خۇڭچى.دۇڭفىڭ.جىلى.چىرۇي.جاڭخۇەي.لىفەن. 
 
  

 1. ئەتىگەندە ياكى كەچتە ماي قاچىلاش بىرقەدەر ياخشىراق، چۈشتە ، تېمپۇراتۇرا يۇقىرى ۋاقىتتا ئامال بار ماي قاچىلاشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى بېنىزىننىڭ ئېغىرلىقىغا ئەمەس بەلكى ھەجمىگە ئاساسەن ھەق ھېسابلىنىدۇ، بېنىزىن ئىسسىقتا كېڭىيىپ، سوغاقتا تارىيىدۇ. شۇڭا ئەتىگەندە ياكى كەچتە ماي قاچىلىغاندا پۇل تېجىگىلى بولىدۇ.
    2. ئامال بار لېتىر بويىچە ماي قاچىلاش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇش ، ھەرگىزمۇ قانچە پۇللۇق ماي قاچىلاش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق كېرەك، چۈنكى بەشلىك پۈتۈنلەش ئارقىلىق، سىز دائىم ئۆزىڭىزمۇ سەزمىگەن ھالدا بىرمۇنچە پۇلدىن زىيان تارتىپ قالىسىز.
    3. ئۇزۇن يولغا قاتناشتىن بۇرۇن، يېڭىدىن قاچىلىغان مېيىڭىز قانچە كۆپ بولسا، سىز يۇقىرى سۈرئەتتە يول يۈرىۋاتقاندا سۈرئەتنى يەنە تېزلەتسىڭىزمۇ ئات كۈچى يەنىلا تولۇق بولىدۇ.
    4. شەھەر ئىچىدە يول يۈرگەندە ماي ساندۇقىغا يېرىم ياكى 3/2 قىسىم ماي قاچىلاڭ ، چۈنكى شەھەر رايونىدا دائىم بىردەم توختاپ بىردەم مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەردە ماينى تولۇق قاچىلىۋەتسىڭىز، ماتورنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىپ، قوزغالغاندا كۈچسىز بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ماشىنا ماينى بەك ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ. شەھەر ئىچىدە ماي قاچىلاش پونكىتلىرى كۆپ بولۇپ، ماي قاچىلىيالماسلىقتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    5. ئادەتتە ماشىنىنى ئاز ئىشلەتسىڭىز، ماينى بەك كۆپ قاچىلاپ قويۇپ قويماڭ، چۈنكى بېنىزىن ئۇزاق تۇرۇپ قالسا، سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ.
    6.ئەگەر سىز ماي قاچىلاش پونكىتىغا كىرىپ ماي قاچىلىماقچى بولغاندا، ماي ئوقۇرىغا ماي توشۇش ماشىنىسىنىڭ  توختۇتۇپ قويۇلغانلىغىنى كۆرسىڭىز، بۇ يەردىن ماي قاچىلىماي، باشقا يەردىن ماي قاچىلاڭ، چۈنكى بۇ چاغدا ماي توشۇش ماشىنىسى ماي تولۇقلاۋاتقان بولۇپ، باك ئاستىدىكى كۆپ يىلدىن بۇيان يىغىلىپ قالغان چۆكۈندىلەر ئوغۇپ، سىزنىڭ ماي باكىڭىزغا ئېقىپ كىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-01-01 23:19 |
motiwarlar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 184
شۆھرەت: 1105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1105 سوم
تۆھپە: 627 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 627 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 954(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   مەن ساقلاپ قۇياي جۇما. ئەتە ئۆگۈن لازىم بولۇپ قالار.ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-01 23:37 |
tanhaburkut
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5215
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تويوتا كىرولا باھاسى120000يۈەن م 958000ئەمەسما
ئاپا سېنى سېغىندىم
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-01 23:58 |
marco
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 760
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 170 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 100 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تويوتا كىرولا باھاسى120000يۈەن م 958000ئەمەسما
95000يۈەن بولسا تويوتا گۈل تاج  (花冠)。
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-02 12:28 |
arsilanhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2845
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 175 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 175 سوم
تۆھپە: 105 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 105 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى تىما يوللاپسىز، سىزگە كۆپ رەھمەت .مەن ماشىنا ئالغىلى ئەمدى بىرقانچە كۈن بولغان ئىدى .بۇ تىمىنى كۆرۇپ كۆپ بىلىمگە ئېرىشتىم ،ھەم ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن .تۆۋەندىكى ئەمەلىي سۇئاللارغا مەسخىرە قىلماي جاۋاپ بەرسىڭىزلار ،چۈنكى سورىغان بىلىم ئالار ،سورىمىغان كېيىن قالار دىگەن ماقال بار .بىرىنچى خوتتا ماشىنا قوزغۇلدۇ ،سۇرئەت قانچىگە چىققاندا ئىككىنچى خوتقا ئالماشتۇرۇلدۇ ؟ئۈچۈنچى،تۆتىنچى،بەشىنچى خوتلارغىچۇ ؟ مازاك قىلمىغايسىلەر
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-02 22:10 |
sarsan88
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 279
شۆھرەت: 1410 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1420 سوم
تۆھپە: 843 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 843 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

1-خورتقا سېلىپ ئازراق ماڭسىلا 2-خورتقا سالىسىز ،  1-خورتتا سۈرئەت كۆرسەتكۈچ 20 دىن ئېشىپ كەتسىمۇ خورتنى 2 گە ئالماشتۇرمىسىڭىز ياخشى ئەمەس ، 2-خورتتا كۆرسەتكۈچ 30-40 ئىچىدە 3 -خورتقا ئالماشتۇرىسىز .
3خورتتا كۆرسەتكۈچ 60 ئەتراپىدە بولۇپ داۋاملىق سۈرئەت تېزلىتىپ ئۇزۇن يول ماقماقچى بولسىڭىز 4-خورتقا سالىسىز ، 4-خورتتا 80-10 گىچە ھەيدىسە بولىدىغۇ دەيمەن ،ئاندىن 5-خورتقا سالىسىز ، ئاندىن سۈرئىتىڭىز 170 گە چىقىپ بولغان بولسا يۈرەكىڭىزگە جىددى تورمۇز بېرىپ  بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاسسىڭىز بولىدۇ !
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-02 22:25 |
arsilanhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2845
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 175 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 175 سوم
تۆھپە: 105 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 105 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

sarsan88: سىزگە كۆپ رەھمەت ،ياخشى ،ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولدۇم
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-02 22:36 |
bahdaxohli
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 601
شۆھرەت: 3262 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3279 سوم
تۆھپە: 1918 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1950 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەندىن سوراڭ بۇنى ، 1-خوتتا مېڭىۋېلىپ 20چىقسا 2 ، 40چىقسا 3كە ، 50كە چىققاندا 4گە ، 60تىن ئاشقاندا 5-خوتقا سالىسىز ، ئەمما مەن  ئوتتۇرا تىپتىكى   يۈك ماشىنىسى ھەيدەيمەن ، كىچىك ماشىنىنى جىق ھەيدىمىگەن قاراڭ
                          
ئەمما چوڭ كىچىك ماشىنىلارغا ئورتاق خۇسۇسىيەت سۈرئەت قانچىكى يوقىرى بولسا يانچۇقۇڭىزدىكى ماۋزېدۇڭنىڭ  قىزىل رەڭلىك  كاللىسىغا شۇنچە زىيان       
   بۇنىڭغا دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ ،
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-03 00:01 |
kanaat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1066
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن شوپۇرلۇق نەزىرىيسىدە ،سولدىن يانداش پىرىنسىپىنى ئۆگەنگەن ،ئەمما ھەربىر تەرىپى ئىككى لىنىيەگە ئايرىلغان يولدا ئوڭدىن ياندىسىمۇ بولامدۇ، مۇشۇ قاراقاش بىلەن خوتەن ئارىسدا قاتنايدىغان ماشىنىلار قايسى لىنىيە بىكار بولسا شۇنىڭدىنلا ياندايدىكەن ،ھەتتا كىرا ماشىنىسى ھەيدەيدىغانلارمۇ ،شۇنداق ،مەن ئاللاھ خالىسا ماشىنا سېتىۋالماقچى ئىدىم شۇڭا مەن سولدىن يانداش پىرىنسىپى بويىچە ماڭامدىم ياكى باشقىلارنى دورامدىم، باشقىلارنى دورىماي پىرىنسىپ بويىچە ھەيدەيمەن دېسە يولدا باشقىلارمۇ بولغاندىكىن ئۇلارغا ماسلاشمايمۇ ئامال يوق. قايسي يول بىكار بولسا شۇنىڭدىن يانداش خاتامىكىن مۇشۇ قاتناش ساقچىلىرىمۇ بۇ ئىشنى توسىمايدىكەن ھەتتا قاتناش ساقچىسىمۇ قايسى يول بىكار بولسا  .ئوڭدىن بولامدۇ سولدىن بولامدۇ يانداۋېرىدىكەن ،ئەمما خوتەن ۋىلايىتىدىن باشقا يەرلەردە ئاساسەن سولدىن يانداش پىرىنسىپى بويىچە ماڭىدىكەن ،مۇشۇ توغرىلىق ماڭا ئېنىق چۈشەنچە بەرسەڭلار ،ئەگەر سولدىن يانداش پىرنىسىپى بىر تەرەپتە قوش يول بولغان يوللارغىمۇ ئىشلىتىلسە ،خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى شوپۇرلارنى قايتىدىن تەربىيلەش زۈرۈركەن، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن پىرىنسىپلارغىمۇ مەن شوپۇرلۇق نەزىرىيسىدە ئوقۇغان پىرىنسىپلار بويىچە يول يۈرمەيدىكەن.
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-03 15:31 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر