كەتمىشلەر ۋەھىدىن يۈرىكىم ھالسىز ،
سېزىمەن ئۆزۈمنى ،
گويا بىر ئەسىر ياشاپ بولغاندەك ،
ناتۇنۇش ۋىسال ،
ناتۇنۇش كۈتۈش
ناتۇنۇش كەچمىشلەرنى
ياپراقتەك ئاجىز ، ۋىجىك تېنىمگە،
ئۆلۈك دېڭىزنى ئەكەپ باشلاپ قويغاندەك،
ئارمانلار ئۇلۇغ ،
مۇھىتىم سۇنۇق ،
تارىخىم قۇرۇق ،
كەتمىشلەر ۋەھىدىن ھالسىز يۈرىكىم
ياپراقتەك ئاجىز ۋىجىك تېنىمگە
سېزىمەن ئۆزۈمنى،
پۇچۇق ئارماننى تەۋرەنمەس قىلىپ
مەڭگۈ-مەڭگۈلۈك مىخلاپ قويغاندەك.
ئاھ، نە قىلاي ،
ھايات مانا شۇنداق ،
گاھى يىغلاپ قويغۇدەك
ۋە گاھى كۈلۈپ تويغۇدەك.
ئاغرىنىش يوق تەقدىردىن،
قۇتۇلۇش يوق تۇرمۇش قەستىدىن ،
بار لېكىن بىر قانونىيەت ،
بار كىشىنى قىلار مەمنۇنىيەت ،
تۇرمۇشقا ،
ئاسىي تەقدىرگە ،
دەرد تۆكمىگەن كىشى
غاپىل مۇغەمبەرلككە
جەڭ ئېلانى باشلاپ قويغاندەك.
شۇنداق خىسلەت بار :
تىرىشسا ، تىرىشسا ...
يېڭىلنار تەبىئەت ،
نۇرلىنار مىسكىن ئىسكەت .
تىرىشسا ، تىرىشسا ...
ئىستىقبال كۈلەر غالىب .
غەلبېسېرى چۈشلەرمۇ غايىب
قەدەم غېرىچ بولۇر ، خۇددى :
يىلان قاسراق تاشلاپ قويغاندەك ...
مەنبە : قەلىمىم
2012-يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى قومۇل