saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 7307 قېتىم كۆرۈلدى
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 482
شۆھرەت: 2810 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2854 سوم
تۆھپە: 1631 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1639 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1830(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 [بوزقىر]« ماي گۈلى »پاراخودى جۇڭگودىن كەلسە

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-01-04)
مۇبادا «ماي گۇلى» پاراخودى جۇڭگودىن كەلسە
 
 
                                                                    لىن چى
 
 
     بوز قىر تەرجىمىسى
 
       1620-يىلى 11- ئاينىڭ 11-كۇنى ئەنگىلىيىدىن يولغا چىققان «ماي گۈلى» ناملىق پاراخوت غەربىي ئوكياندا 66 كۈن سەپەر قىلىپ ، ئاخىر شىمالىي ئامېرىكىنىڭ كېد تۇمشۇقىدا توختاپ قۇرۇقلۇققا چىقماقچى بولدى. پاراخوتتا 102يولۇچى بولۇپ،ئەسلىدە ھودزون دەريا ئېغىزىدىكى رايونغا بارماقچى ئىدى.ئەمما ، رەھىمسىز بوران-چاپقۇنلار ئۇلارنى نىشانىدىن ئاداشتۇرۇپ قويغانىدى.بۇ چاغدا ئاللىقاچان كەچكۈز كىرىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ يەردىن قۇرۇقلۇققا چىقماقچى بولۇشتى.قىرغاققا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇلار قايتا-قايتا مۇھاكىمە قىلىش ۋە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بىر پارچە كالا تېرىسىگە ئىمزا قويۇشقاندىن كېيىن ئۇنى «ماي گۈلى ئەھدىنامىسى» دەپ ئاتىدى.ئۇنىڭدا مۇنۇلار يېزىلغانىدى:
»      تەڭرى نامىدىن ئامىن دەيمىز. بىز تەڭرى ئالدىدا ئورتاق قەسەم ئىچىپ شۇنى ئەھدى قىلىشتۇقكى، بىز ئۆزىمىز خالاپ بىر ئاممىۋى ئەركىن جامائەت توپى بولۇپ ئۇيۇشتۇق. يۇقۇردا بايان قىلىنغان مۇددىئايىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇلۇشى  ئۈچۈن ، ئۇنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگۈسىدە ئېلان قىلىنىدىغان كۆچمەنلەرگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ،ئەڭ قولايلىق قانۇن،نىزام،پەرمان ۋە مەسئۇلىيەتلەرگە بىردەك رىئايە قىلىمىز ۋە بويسۇنىمىز...»
    مەن دائىم  مۇبادا « ماي گۈلى »پاراخودى جۇڭگودىن كەلگەن بولسا قانداق ئەھۋال يۈز بېرەر بولغىيدى؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ قالىمەن.
     بىز شۇنى تەسەۋۇر قىلىپ باقايلى. شۇ چاغنىڭ مەلۇم بىر كۈنى جۇڭگودىن يولغا چىققان بىر پاراخوت 108 يولۇچىنى ئېلىپ « ماي گۈلى» دەپ خەت يېزىلغان يەلكەننى چىقىرىپ،تېنىچ ئوكياندا نەچچە كۈن يۈرۈپ،ئاخىر شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا يېتىپ باردى. دېڭىزدا شۇنچە ئۇزۇن  يۈرۈپ ئاخىر كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ كەلگەچكە ئۇلار قاتتىق ھاياجاندىن پالۇبادىكى شۇنچە  كۈنلەر ياتقان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كېتىشتى.ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ قۇرۇقلۇققا چىقىپلا تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ ئەتراپنى تاماشا قىلىشقا باشلىدى.
ئەمما، ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ئۇزۇنغا بارمايلا يەنە غەم - ئەندىشىگە چۆمۈشتى. كەلگۈسىدە قانداق قىلىمىز؟ ئارىدىن بىرەيلەن چىقىپ مۇنداق دېدى:
-                 بىز بۇيەرگە يېڭى كەلدۇق، ھازىر بىزنىڭ پۇت قويغىدەك ماكانىمىزمۇ يوق، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئانىي تېپىشىغا ئۇچرىشىمىز مۇقەرەر.بىز تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن، شۇڭا بىز بىر تۇغقاندەك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئىشلىمىشىمىز كېرەك!
-                بەللى، بەللى - كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇشتى.
-                 چاۋ گەي ئاغا ،سىلى ياشتا چوڭ،يەنە كېلىپ بىزنى بۇ يەرگە سىلى باشلاپ كەلدىلە. شۇڭا بىزگە باشپاناھ بولۇپ بەرگەيلا.
-                 سوڭ جىياڭ ئاغا ، سىلى ئەسلىدە ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ئىدىلە، كۆرگەن-بىلگەنلىرى كۆپ. ھەققانىيەتنى ياقىلايدىلا، ئىلگىرى دائىم بىز ئاغا-ئىنىلەرنى مەيخانىلەردە ، سانالاردا مېھمان قىلاتتىلە.ھەممىمىز سىلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلايمىز، بىزگە باش قوماندان بولۇپ بەرگەيلا.
-                ۋۇ يوڭ ئاغا ، سىلى خەلق باشقۇرىشىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان، مەدەنىيەت بىلىملىرى ھەممىدىن يۇقۇرى، شۇڭا ھەربىي مۇشاۋۇر بوپ بەرگەيلا.
.........................................................
        بىراۋ لايدىن پادىشاھنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇردى.كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا سەپ بولۇپ باش قويۇپ تازىم بەجا كەلتۈردى.ھەر بىر ئادەم بىردىن پۇچۇق كاسىنى قولىغا ئېلىپ دوغ سۇنى ھاراق ئورنىدا كۆتىرىشىپ تۇراتتى.خۇا روڭ ئوقيا بېلەن ئېتىپ چۈشۈرگەن ياۋا غازنىڭ قېنى ھەر بىر كاسىغا ئىككى تېمىمدىن تېمىتىلدى.كۆپچىلىك سوڭ جىياڭنىڭ باشچىلىقىدا ۋۇ يوڭ ۋاقتىنچە تۈزگەن قەسەم سۆزىنى تەكرارلىدى:
» بۈگۈندىن باشلاپ بىز 108 ئادەم بىر تۇغقان قېرىنادشتەك ئۆم-ئىجىل ئۆتۈمىز ھەم تۆۋەندىكىدەك قەسەم قىلىمىز: خۇددى بىر شامدەك تەڭ كۆيىمىز، چۈنكى، بىز بىر ئانىدىن تۇغۇلغان؛ يولۋاس ئۆلتۈرگەن باتۇر ئۆز قېرىندىشىمىز،چۈنكى يىرىتقۇچلار بۆرىنى چىشلەپ ئۆلتۈرىدۇ! لىيۇ بېي، گۈەن يۈ،جاڭ فېيدەك ئەھدە قىلدۇق ئۆملۈككە،تەرەپ-تەرەپتىن توپلىنىپ ئۇيۇشتۇق بىر بىرلىككە ؛ ھەممە ئىشتا بىز چوقۇم بويسۇنىمىز ئۈچ ئاتامانغا ! ئۆيدە ئاتا-ئانىمىزغا تايىناتتۇق،ئەمدى بىز بۇ يەردە دوسىت-يارەنلەرگە تايىنىمىز؛ ھالاۋەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ ،كۈلپەتنى تەڭ تارتىمىز؛ بىز ئوخشاش يىل،ئاي،كۈندە تۇغۇلمىغان بولساقمۇ ئەمما ، ئوخشاش يىل،ئاي،كۈندە تەڭ ئۆلىمىز. مۇبادا كىمدە كىم ئالاكۆڭۈللۈك قىلسا شۇنى تەڭرى جازالىغاي ! »
ئەنگىلىيىدىن كەلگەن «ماي گۈلى» پاراخوتىدىكىلەر قۇرۇقلۇققا يېڭىدىن چىققاندا شارائىت ئىنتايىن ناچار ئىدى. ئۈچ ئايدىلا ئۇلارنىڭ يېرىمى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ تۈگىدى. ۋەھالەنكى، ئاچ-زېرىنلىق، كېسەل-ئاغرىقلارنىڭ ئازابى مەيلى قانچىلىك دەھشەت سالمىسۇن ئۇلار دەسلەپكى غايە-ئىنتىلىشلىرىنى ئۆزگەرىتمىدى. قىسقىغىنە نەچچە يۈز خەتلىك«ماي گۈلى ئەھدىنامىسى»شىمالىي ئامېرىكا تۇپرىقىدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ،بىر دېمىگراتىك جەمئىيەتكە ئىگە دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەنىدى. يەنە كېلىپ بۇ كېيىنكى كۈندە راستىنلا رېئاللىققا ئايلانغانىدى.
      جۇڭگودىن كەلگەن «ماي گۈلى» پاراخودىدىكى بۇرادەرلەر قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن  ئۆز غايىسى بويىچە توپلۇشۇپ باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ - تالاپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قويۇپ، چوڭ-چوڭ جاملاردا مەي ئىچىشىپ ، گۆش - ياغ دېگەننى سانلاپ يەپ باي-باياشاتلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشتى.كېيىنكى كۈنلەردە گەرچە ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر نەچچە قېتىم نىزا پەيدا بولغان، بەزىلەر توپتىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتقان،يەنە بەزىلەر قەتلى قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما ، ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتكۈل شىمالىي ئامېرىكىنى ھەيرەتتە قالدۇرماي قالمىدى.چۈنكى، سوڭ جىياڭ بى مەھەللىك پادىشاھلىق سەلتەنەتىنى سۈرمەكتە ئىدى. ...
     ئەمما،كېيىنكىسى راسىت بولغان ۋەقە بولماستىن بەلكى مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدۇر، خالاس.


تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-02, 17:23
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-01-02 15:00 |
uyghurizlari
دىنىم ئىسلام ،مىللىتىم ئۇيغۇر.
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 324
شۆھرەت: 1728 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1745 سوم
تۆھپە: 1021 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1026 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

گەپنىڭ تىگدە گەپ باركىنا..............
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-02 17:47 |
muhlisa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2710
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 73
شۆھرەت: 375 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 375 سوم
تۆھپە: 225 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 225 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 144(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەنگىلىيىدىن كەلگەن «ماي گۈلى» پاراخوتىدىكىلەر قۇرۇقلۇققا يېڭىدىن چىققاندا شارائىت ئىنتايىن ناچار ئىدى. ئۈچ ئايدىلا ئۇلارنىڭ يېرىمى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ تۈگىدى. ۋەھالەنكى، ئاچ-زېرىنلىق، كېسەل-ئاغرىقلارنىڭ ئازابى مەيلى قانچىلىك دەھشەت سالمىسۇن ئۇلار دەسلەپكى غايە-ئىنتىلىشلىرىنى ئۆزگەرىتمىدى. قىسقىغىنە نەچچە يۈز خەتلىك«ماي گۈلى ئەھدىنامىسى»شىمالىي ئامېرىكا تۇپرىقىدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ،بىر دېمىگراتىك جەمئىيەتكە ئىگە دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەنىدى. يەنە كېلىپ بۇ كېيىنكى كۈندە راستىنلا رېئاللىققا ئايلانغانىدى.
ما گەپ ماڭا ئەجەپ بىر كۆرۈنۈشلەرنى ئاتا قىلدى دىسە .....ئاجايىپ ئۆزگىچە سېلىشتۇرۇش.....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-03 01:00 |
kaptar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 12
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 135
شۆھرەت: 690 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 690 سوم
تۆھپە: 412 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 412 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەگەر ماي گۈلى پاراخوتى  شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شەھەر ئۇيغۇرلىرىدىن بىر ئىكىدىن بېسىپ كەلسىچۇ دىگەننى مۇنازىرە قىلىپ باقساق  تورداشلار ؟
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-03 12:22 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 511
شۆھرەت: 2623 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2649 سوم
تۆھپە: 1572 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1583 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 187(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇيغۇرلار كېمىدىن چۈشكەندىن كېيىن دەسلەپ ئازراق پىكىرلىشىدۇ ، ئارقىدىن قەشقەرلىكلەر ئارالنىڭ بۇ قېتىغا ، خوتەنلىكلەر ئۇ قېتىغا ، قومۇل -تۇرپان بىر قېتىغا كېتىدۇ .
ئاندىن كېيىن قەشقەرنىڭ خوتەن تەرەپنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت ،ئوت -چۆپ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ شۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىپ شۇ يەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ .
  بۇ چاغدا  قومۇل -تۇرپاننىڭ  خوتەننىڭ مەغلۇپ بولسا كېيىنكى نىشاننىڭ ئۆزى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم ئادەم ئەۋەتىپ قەشقەر تەرەپنى تەلتۆكۈس قىرىۋېتىدۇ .،
ئاندىن بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقانلاردىن بىرى قايتىپ كېلىپ خوتەننىڭ  راستىنلا موللۇق يەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ دە شۇنىڭ بىلەن قومۇل تۇرپاننىڭ بۇ يەرنى ئېلشنى نىيەت قىلىپ ئاستتىرتتىن ئۇرۇش قىلىپ بۇ يەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بۇ ئارالغا خوجا بولىدۇ .
   ئاندىن ئارلىقتا شاراپ ئىچىپ ئولتۇرغان تۇرپانلىق بىلەن قومۇللۇق بۇ ئۇرۇشتا قايسى تەرەپنىڭ بەكرەك كۈچ قوشقانلىقى توغرىسىدا دېيىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتىپ  بۇ ئۇرۇش كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىندۇ ، ئۇرۇش چوڭىيىپ قانلار دەريا بولۇپ ئاقىدۇ ، بىرمۇ ئادەم تىرىك قالمايدۇ .

نەەچچە يۈز يىللاردىن كېيىن ئېكىسپىسىچىلەر بۇ يەردىن يېڭىسار پىچىقى بىلەن خوتەن قەغىزىنى تېپىۋالىدۇ ، بىز بولسا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بۇرۇن بارمىغان يېرى يوقتى ، بۇرۇن بۇيەر بىزنىڭ ئىدى ، ئاجايىپ مىللەتتۇقتە دەپ پەخىرلىنپ يەنە شۇ يۇرتۋازلىق قىلىپ يۈرىمىز !
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-03 12:51 |
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 482
شۆھرەت: 2810 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2854 سوم
تۆھپە: 1631 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1639 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1830(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جۇڭگودىن كەلگەن «ماي گۈلى» پاراخودىدىكى بۇرادەرلەر قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن  ئۆز غايىسى بويىچە توپلۇشۇپ باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ - تالاپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قويۇپ، چوڭ-چوڭ جاملاردا مەي ئىچىشىپ ، گۆش - ياغ دېگەننى سانلاپ يەپ باي-باياشاتلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشتى.
---------------------------------------------
ئاپتور شۇنداق ئەھۋالدا  يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ  مىللىي بۆلگۈنچى ، تېرورچى بوپ قالغان-قالمىغانلىقىنى قوشۇپ تەسەۋۇر قىپ باقماپتۇ-دە.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-03 12:57 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 402
شۆھرەت: 3703 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3678 سوم
تۆھپە: 1953 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1977 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3419(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

       ئادەمگە چوقۇنۇپ،  تەغدىرىنى ئادەمگە باغلاپ قۇيۇدىغان  . ھەممىگە گۇمان بىلەن قاراپ ، قوغدۇنۇش - مۇداپىئە -ھۇجۇم ھالىتىدەياشايدىغان قەۋم بىلەن  قانۇن -نىزاملارنى ئىش-ھەرىكىتىنىڭ قىبلىنامىسى ، مەسئولىيەتنى مۇقەددەس بورچ قىلغان قەۋم بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولامدۇ ؟
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-03 19:34 |
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 482
شۆھرەت: 2810 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2854 سوم
تۆھپە: 1631 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1639 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1830(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى sarsan88دە2012-01-03 12:51يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇيغۇرلار كېمىدىن چۈشكەندىن كېيىن دەسلەپ ئازراق پىكىرلىشىدۇ ، ئارقىدىن قەشقەرلىكلەر ئارالنىڭ بۇ قېتىغا ، خوتەنلىكلەر ئۇ قېتىغا ، قومۇل -تۇرپان بىر قېتىغا كېتىدۇ .
ئاندىن كېيىن قەشقەرنىڭ خوتەن تەرەپنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت ،ئوت -چۆپ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ شۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىپ شۇ يەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ .
  بۇ چاغدا  قومۇل -تۇرپاننىڭ  خوتەننىڭ مەغلۇپ بولسا كېيىنكى نىشاننىڭ ئۆزى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم ئادەم ئەۋەتىپ قەشقەر تەرەپنى تەلتۆكۈس قىرىۋېتىدۇ .،
ئاندىن بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقانلاردىن بىرى قايتىپ كېلىپ خوتەننىڭ  راستىنلا موللۇق يەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ دە شۇنىڭ بىلەن قومۇل تۇرپاننىڭ بۇ يەرنى ئېلشنى نىيەت قىلىپ ئاستتىرتتىن ئۇرۇش قىلىپ بۇ يەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بۇ ئارالغا خوجا بولىدۇ .
   ئاندىن ئارلىقتا شاراپ ئىچىپ ئولتۇرغان تۇرپانلىق بىلەن قومۇللۇق بۇ ئۇرۇشتا قايسى تەرەپنىڭ بەكرەك كۈچ قوشقانلىقى توغرىسىدا دېيىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتىپ  بۇ ئۇرۇش كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىندۇ ، ئۇرۇش چوڭىيىپ قانلار دەريا بولۇپ ئاقىدۇ ، بىرمۇ ئادەم تىرىك قالمايدۇ .
.......

ئاجىزلىرى كۈچلۈكلىرىگە تەڭ كېلەلمىسە باشقا يۇرىتتىن ئادەم باشلاپ كېلىپ ، باشقۇرۇشى ھوقۇقىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-03 22:46 |
parul
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5316
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماي گۈلى پاراخۇتى  شىنجاڭدىن  چىققان بۇلسا  قانداق بۇلاتتى.
2000.يىلى  شىنجاڭدىن بىر  ماي گۈلى  پاراخۇتى  چىققان ئىدى، ئىككى ئادەم  كاپىتان  ۋە مۇئاۋىن  كاپىتان  بۇلۇپ ماڭدۇغان بۇ  پاراخۇت  ھازىرمۇ  ئۈزىگە  لىققىدە  يىمەكلىك  قاچىلاپ مىڭىۋاتقان بۇلسىمۇ  ئاچكۈزلۈك، چىقىمچىلىق، پىتىشماسلىق، كۈرەلمەسلىك ،گۇرۇھۋازلىق قاتارلىق ئىللەتلەر   بىلەن يۇقۇملانغان بۇلغاچقا  كاپىتان  مۇئاۋىن كاپىتاننى  سىقىپ چىقىرۋىتىپ  ،مۇئاۋىن كاپىتان  ئۈزىگە  ئەگىشىشكە  ماقۇل  بۇلغان  20 نەچچە  ماترۇسنى باشلاپ  چىكىنىپ چىققان،
مانا بۇ  بىزدىن چىققان  ماي گۈلى پاراخۇت  ۋەقەسىدۇر.
ئاخىرىنى  دىمەيلا قۇياي...........................................................................................
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-04 14:41 |
uyghurizlari
دىنىم ئىسلام ،مىللىتىم ئۇيغۇر.
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 324
شۆھرەت: 1728 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1745 سوم
تۆھپە: 1021 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1026 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پارۇل ئاجايىپ مەنىلىك سۈزلىلارغۇ ؟ كەينىنمۇ ئاڭلايلى....؟
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-04 17:10 |
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 482
شۆھرەت: 2810 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2854 سوم
تۆھپە: 1631 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1639 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1830(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخىر «ماي گۈلى» ناملىق پاراخوتىدىكى ئۇيغۇرلار ''ئاق تاغلىق''، ''قارا تاغلىق'' قا بۆلۈنۈپ كېتىپتۇ-دە.ھەي...
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-04 17:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » تەرمىلەر