كۈنلەرنىڭ بەھرىنى كۆرەلمەي تولۇق ،
جىسمىڭغا بولدىغۇ زوراۋان تۇللۇق .
قىسمەتلەر رەنجىگە بوي بەرمەي ئەسلا ،
پەرزەنتىڭ بەختىچۈن بىلدۈردۈڭ قۇللۇق .
باغرىڭدا بەش قۇياش لاۋۇلداپ كۆيۈپ ،
بەرمىدى بىر دەقىق ئاراملىق ساڭا .
كەتمىدى گېلىڭدىن تامچە سۇ ئۆتۈپ ،
كەلمىسە بەش قۇياش ھەر چاغ تائامغا .
ئەلەملەر سەتھىدە كۆيمىگەن باغرىڭ ،
بەش قۇياش بەختىدە خاڭ كەبى كۆيدى .
مۇھتاجلىقتا تاۋلانغان ئېغىزىڭ ،
بەش قۇياش بەختىدە تاڭ كەبى كۈلدى...
مەنبە : ئىجادىيىتىم
2012-يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى