ئەخلەت يىمەكلىكلەر زوراۋان ۋە ئەخلاقسىز بىر ئەۋلاتلارنى يىتۈشتۈرىدۇ .
ئەنگىلىيە ئوكسىفورت ئونۋىرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلار16 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان ئىككى گۇرۇپپىغا مۇنداق تەجرىبە ئېلىپ بارغان.بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە ئوزۇقلۇقنى
ئىلمى ئۇسسولدا تەڭشەپ تۇرغان .يەنە بىر گۇرپپىدىكىلەرگە مايدا پۈشۇرۇلغان توخو
گۆشى،ياڭيو دىگەندەك ئەخلەت يىمەكلىكلەر بىرىلگەن .تەتقىقاتچىلار بىر يىل
ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى ساغلام تاماقلانغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ
كەيپىياتى تۇراقلىق ۋە ئەخلاقلىق بولۇپ چىققان .ئەكسىنچە ئەخلەت يىمەكلىك
يىگۈچى يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر بولسا ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان،چاتاق چىقىرىش
خائىشى ئالاھىدە كۈچلۈك ،زوراۋان ۋە قالايمىقان جىنسى ھەۋەسكە ئىنتىلدىغان
بولۇپ چىققان .بۇ تەجرىبىنىڭ بەزى نەتىجىلىرى تېخى ئاشكارىلانمىغان .
بۇنى خەلىق تورى قىسقارتىپ خەۋەر بەرگەن
ئەخلەت يىمەكلىك بالىڭىزنىڭ ئەخلاقسىز بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .مانا بۇ گەپنى يەنە شۇ ئوكسىفورت ئونۋىرسىتىدىكى رىچارتسون ئەپەندىم ئۆسمۈرلەرگە ئۈچ ئايلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشئارقىلىق خەلقاراغا جاكالىغان .
مەنبە :
ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى جەڭ مەيدانىدا جەڭچىلەرنىڭ شۇ قەدەر قەبىھ بولىشىدا كونسىرۋا يىمەكلىكلىرى ۋە تىز قىزدۇرۇلغان يىمەكلىكلەر ئالاھىدە رول ئوينايدىكەن .قەبىھلىك ۋە ياۋۇزلۇق ھۆكۈم سۈرىدىغان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىداكونسىرۋا يىمەكلىكلىرى ۋە قۇرۇتۇلغان يىمەكلىكلەر ئالاھىدە جىق ئىشلىتىلگەن . ئەھۋالدىن قارىغاندا غەرىپ ھۆكۈمەتلىرى بۇ ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەردار ئوخشايدۇ .
يەنە بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ھايات قىممەتلىك، ساغلام، پاكىز نەرسىلەرنى يەپ ئۆتەيلى.
بولسا مۇشۇ تېمىمىزنىڭ ئاخىرىدا يېمەكلىك ئادىتىمىزدىكى ساغلاملىققا پايدىلىق بولمىغان تەرەپلەرنى دېيىشسەك، قانداق قىلغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىزنى تەمى ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا، ساغلام يېمەكلىكلەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، شۇ ھەقتىمۇ پاراڭلىشىپ باقساقكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن.