saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 4136 قېتىم كۆرۈلدى
دىلكەش
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2792
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 84
شۆھرەت: 748 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 782 سوم
تۆھپە: 401 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 402 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 542(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇردا ئەبگالىق (4- ھۇرۇنلۇق ۋە شۈكرىۋازلىق)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-01-17)

ئۇيغۇردا ئەبگالىق (4- ھۇرۇنلۇق ۋە شۈكرىۋازلىق)

 

                      ھۇرۇن ئادەم يەرگىمۇ يۈك.

                          - ئۇيغۇر خەلق ماقالى

بۈگۈنكى دۇنيادا مۆھتەرەم سانىلىۋاتقان ھەر قايسى مىللەتلەردە تۈرلۈك دەرىجىدىكى ئوخشىماسلىق ۋە پەرقلەرنىڭ بۇلىشى تەبىئى. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر بۈيۈك ئورتاقلىق بار. ئۇ بولسىمۇ مىللەتنىڭ ئۇمۇمىي گەۋدىسىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىشچانلىق. خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئادەتتىكى ئىش ھەرىكەتلىرىدىنمۇ رۇشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئەمگەكچانلىق ۋە ئىشچانلىقتىن ئىبارەت. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ئەپتىدىن تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بىر ئىشنى ئۆزى قول تىقىپ قىلماسلىق، ئۆزى كاللا قاتۇرۇپ ئىزدەنمەسلىك، ئۆزى ئىشلىمەي تۇرۇپ، ئىشلىگەننى تېخى كۆرەلمەسلىك، ئىزدەنگەنگە ھەسەت قىلىش، ئۈگىتىپ قۇياي دېسىمۇ ئۈگەنمەسلىك، ئەۋزەل شارائىت ۋە قانۇنىي ئىمتىيازلاردىن پايدىلانماي ياكى پايدىلىنالماي، ھامان پاسسىپ ئۇرۇندا قېلىش. چىدامسىزلىق، ئىرادىسىزلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ھۇرۇنلۇق ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ تەبىئىتىدىن يېغىپ تۇرىدىغان تەييارتاپلىق كىشىنى «ئەستەغپىرۇللاھ» دېگۈزىدۇ. بۇنىڭغا مۇشۇ مىلادى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا ھەر يىلنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ تەسەررۇپىدىكى ئادەم تېرىسىمۇ ھايال بولماي ئۈنگۈدەك قارا چىلان تۇپىلىق ئۈنۈملۈك زىمىننىڭ تېرىقچىلىقىنى ئۆزى گۈل چىقىرىپ قىلماي ياكى قىلالماي، ئۇنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە ئىجارىگە بىرىۋىتىپ، ئىجارە ھەققى ئۈچۈن ئالغان پۇلنى يېرىم يىلدىلا خەجلەپ تۈگىتىپ بۇلۇپ، يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ئاشۇ ئۆزىنىڭ ئىشلەمچىلىرىگە مەدىكار بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئەلەملىك ئاقىۋىتى مىسال بۇلالايدۇ.

تارىخىي پاكىتلار تاغدەك دۈۋىلىنىپ تۇرۇپتۇكى، ھۇرۇنلۇق ئۇيغۇرنىڭ خاراكتېرىدىكى تۇغما ئىللەت ئەمەس. چۈنكى ئۆز زامانىسىدا قەلئە سوقۇپ، شەھەر بىنا قىلىپ جاھان سۇرىغان ئۇيغۇر ئەسلىدە ھۇرۇن مىللەت ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇر مىللىتى ئەسلىدە ئىشچان، تىرىشچان ۋە ئەمگەكچان مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا تارىختا شانلىق ئۇيغۇر خانلىقىنى، ئىدىقۇت خانلىقىنى ۋە بۈيۈك قاراخانىيلار سۇلالىسىنى بەرپا قىلالىغان. شۇنداقلا بىزنىڭ بۇ زامانىمىزدىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن. ئۇنداق بولسا، بۈگۈنكى زامان بىر قسىم ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەبىئىتىدىكى شۇ قەدەر ئېغىر دەرىجىدىكى ھۇرۇنلۇق ئىللىتى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ بۇ مەسىلىنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش ۋە پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش نوقتىسىدا تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئىللەتنىڭ تۈگۈن يىلتىزىنى تېپىپ چىقىش، شۇ ئارقىلىق ئۇنى تۈزىتىش ۋە تۈگىتىشنىڭ چارىسىنى قىلىشىمىز لازىم.

مىنىڭچە، بۈگۈنكى خېلى بىر بۈلۈك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرغان ھۇرۇنلۇق ئىللىتىنى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئەقىدە چۈشەنچىسىدىكى زەئىپلىك بىلەن تۇرمۇش پەلسەپىسىدىكى نامراتلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان.

مەلۇمكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئۇمۇمىيەت جەھەتتىن مۇسۇلمان مىللەت سانىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تۈپ ئەقىدىسى يەنىلا ئىسلام ئەقىدىسىنى يادرو قىلىدۇ. كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىزنىڭ ئالەم ۋە ئادەم، ھاياتلىق ۋە ماماتلىق قارىشىنى ئۇمۇمەن ئىسلام تەلىماتلىرى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. ۋاھالەنكى، كىيىنكى چاغلاردا ئىسلام ئەقىدىلىرى سىياسەتۋاز ئۇلىمالار تەرىپىدىن زور دەرىجىدە پۈچەكلەشتۈرىۋىتىلگەنلىكتىن، ئادەمنىڭ بۇ دۇنياغا يارالمىش بىر ئىنسان بۇلۇش سالاھىيىتى بىلەن ئىگە بۇلۇشقا تىگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي دەرىجىدىكى ئۆز- ئۆزىگە خوجا بۇلۇش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قۇلىدا تۇتۇش ئىرادىسى ئېغىر دەرىجىدە نابۇت قىلىنغان؛ خەلقنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئۆزلىرى يېڭىلىق يارىتىپ ئىجادىي ياشاش روھى بۇغۇپ قۇيۇلغان. ھەممىمىز بىلىمىز«ئىسلام» نىڭ تۈپكى مەنىسى «بويسۇنۇش» بۇلۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇخلىسلىرىنى ئۆز ئىتىقادىدىكى ئىلاھ- ئاللاھقا شەرتسىز بويسۇنۇشنى تۈپ مىزان قىلىدۇ. دۇرۇس، ھەقىقى مۇسۇلمانلىق ئەقىدىسىدىكى «بويسۇنۇش» ھېچقانداق بىر يارالمىش بەندىگە بويسۇنۇشنى كۆرسەتمەيدۇ. بىراق ئەمەلىي تۇرمۇش سورۇنىدا ھېلىقى ئۆز ئىمتىيازى ئۈچۈنلا ئويلايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ شەخسى نەپسىنىلا كۆزلەيدىغان بىر قىسىم ئاتالمىش ئىسلام ئۇلىمالىرىنىڭ ۋەز- نەسىھەت، ئەمرۇ- مەرۇپلىرىدىكى «بەندىنىڭ رىزقىنى ئاللاھ بىرىدۇ»، «ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى ئاچ قويمايدۇ»، «كەمبەغەللىك ۋە كىسەللىكنىمۇ ئاللاھ مىنى دائىم ياد ئىتىپ تۇرسۇن دەپ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بەندىلىرىگە بىرىدۇ»، «ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ دۇنيالىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيالىقىنى بەرگەن» دېگەنگە ئوخشاش بولمىغۇر ۋە ھېچقانداق بىر كىلاسسىك ئىسلام دەستۇرلىرىدىن ئېنىق شاھادەت كۆرسەتكىلى بولمايدىغان بىمەنە تەرغىباتلار ئاخىرقى ھىساپتا خەلقنىڭ تۇغما ئېڭىدىكى يېڭىدىن يېڭى تۇرمۇش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىدىغان ئىشچانلىق، ھەمىشە ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتىش، ئۆز كۈنىنى ياخشىلاشنىڭ كويىدا بۇلىدىغان تىرىشچانلىق روھىنى چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغان. نەتىجىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھايات مۇساپىسىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىپ، بۇ ئالەمدىكى كونكرېت ھالاۋەت ئۈچۈن جاپالىق ئەمگەك قىلىش پائالىيىتىنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى ۋە مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى دەپ بىلمەيدىغان، ئەكسىچە، ھەممىدە «ئىلاھ» قا يۈلىنىۋېلىپ، «خۇدايىم بىرىدۇ» دەپ ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرىدىغان بۇلۇپ قالغان. ئاپتۇرنىڭ سەمىمىي قارىشىچە، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئىسلام ئۇلىمالىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى پۈچەكلەشتۈرىدىغان ساختىپەزلىكلەرنى ئۆزلىرى توغرىدىن توغرا ئەيىبلىشى، كومپارتىيە دىنى سىياسىتى يول قويغان دائىرىدە بولسىمۇ ئادىل تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ھەقىقىتىنى كەڭ پۇقرالارغا ئەينى بىلەن چۈشەندۈرىشى، شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېڭىدا كۈچلۈك ۋە بىجىرىم بولغان پاك ئەقىدە قارىشىنى تىكلەشكە توھپە قۇشۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھازىرقىدەك ئۆزىنىڭ دىنداش قېرىنداشلىرى ياتىدىغان گۆرنىمۇ پۇل بىرىپ يات دىندىكىلەرگە كولىتىدىغان ھۇرۇنلارنىڭ تەييارتاپلىق ۋە زەئىپ ئەقىدە ئىدىيىسىگە ئەجەللىك زەربە بەرگىلى ۋە ئۇلارنىڭ ئەبگالىق كىسىلىنى ئاداققىي شىپاغا ئىگە قىلغىلى بۇلىدۇ.

«بۈگۈن قۇرسىقىم تويسىلا بولدى، ئەتىگە خۇدايىم بار»- بۇ ھۇرۇنلارنىڭ تۇرمۇش دەستۇرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەبجەق ۋە نامرات جاھاندارچىلىق پەلسەپىسى.

بۇ ئالەمنىڭ زامان كاتىگورىيەسى تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىنى يادرو قىلغان ۋاقىت ئوربىتىسىنى دەۋر قىلىش بىلەن مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا تۈنۈگۈندىن كەلگەن، يەنى تۈنۈگۈن بۈگۈننى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇ بۈگۈننى تۇغقان ئانا بۇلۇش سالاھىيىتى بىلەن تۇلىمۇ قەدىرلىك. تۈنۈگۈن دىمەك ۋاقىت ئىتىبارىدىن ئۆتمۇشتۇر. ئىشچان ئۇيغۇرلاردا: «ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنۇتما، شور چۇرىقىڭنى قۇرۇتما» دەيدىغان ماقال بار. بۇ- بۈگۈنكى پاراۋانلىقنى يارىتىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ئەمگەكلەرنى، بۈگۈنكى پاراغەتلىك تۇرمۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن تەر تۆككەن ئەمگەكچىلەرنى ئۇنۇتماسلىقنى چۈشەندۈرىدۇ. بىراق، ھۇرۇنلار ئۇنتۇغاق كىلىدۇ. ئۇلار تۈنۈگۈننىڭ قۇياشى تاغنىڭ كەينىگە چۆكۈشى بىلەن تەڭلا، ئاشۇ تۈنۈگۈنكى جاپالىق ئەمگەكچىلەرنى، تۈنۈگۈنكى كۆرەشچان ئەجدادلارنى ئۇنتۇپلا كىتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ شۇ دەرىجىدە ھۇرۇن بۇلۇشى ۋە ھۇرۇنلۇقنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋېلىشى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تۈنۈگۈننى، تارىخنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىدىن بولغان.

بۈگۈن يېڭى، بۈگۈن رىئال، بۈگۈن نەق. شۇڭا ئۇ تۇلىمۇ قىممەتلىك. بۈگۈن- تۈنۈگۈن يوق ئىدى، ئۇ ئەتە مەۋجۇد بۇلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈننى تۇلىمۇ قەدىرلەش كىرەك. دەرۋەقە ھۇرۇنلار بۈگۈننى قەدىرلىمەيدۇ ئەمەس، بەلكى تازا قەدىرلەيدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ بۈگۈننى قەدىرلىشى ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپىسى بۇيىچە باشقىچە بۇلۇپ، ئەمگەكچان ئادەملەرنىڭ بۈگۈننى قەدىرلىشى بىلەن تۈپتىن ئوخشاشمايدۇ. يەنى ئىشچان ئادەملەر بۈگۈننى تۈنۈگۈنكى ئەمگەكنىڭ ھاسىلى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئەتىكى تۇرمۇش بىناسىنىڭ ئۇل- ئاساسى يۈكسەكلىكىدە تۇنۇپ قەدىرلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار بۈگۈنكى نېئمەتكە قول ئۇزىتىشتىن بۇرۇن شۇ نېئمەت قىممىتىگە باراۋەر ئەمگەكنى ئاڭلىق قىلغاندىن باشقا، ئەتىكى كۈننىمۇ كۆزدە تۇتۇپ، ئەتىكى تۇرمۇش ئۈچۈن زۇرۇر بولغان ئەمگەكلەرنى تەر ئاققۇزۇپ قىلىدۇ. ھۇرۇن ئادەملەر بولسا، «تۈنۈگۈننى كىم كۆرۇپتۇ»، «ئەتە بىز بارمۇ- يوق، خۇدا بىلىدۇ» دېيىشىپ، ھامان تەييارغا ھەييار بۇلىدۇ. بۈگۈنكى نېئمەتنى بۇزۇپ- چېچىپ، قوينۇم ئوغرى- قونجۇم ئوغرى قىلىپ قارنىغا تىقىشنىلا بىلىدۇ، ئەتە ئۈچۈن بولسا ئويلاپمۇ قويمايدۇ.

ئىشچان، ئەمگەكچان ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەتە ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە ئارزۇ- ئارمانلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان تەڭداشسىز گۈزەل ۋە مىسىلسىز جەزىبىلىك كۈن. ئەتە دېمەك ئىستىقبال دېمەك، غايە دېمەكتۇر. ئەتىنى كۆزلەش، غايىلىك بۇلۇش بۈگۈنكى زامان مەدەنىي ئادەملىرىنىڭ يۈكسەك پەزىلەتلىرىدىن بىرى. بىراق، ھۇرۇن ئادەملەردە غايە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ناماز شام قارىغۇسى كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلب كۆزى ئەتىنىڭ پارلاق قوياشىنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا ئەتە ئۈچۈن ئىشلەش، كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ھۇرۇنلار ئۈچۈن بەجايىكى ‹بىكاردىن بىكار ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زۇلۇم سېلىش› بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

بىراق، ئەمەلىيەت شۇكى، سەن ياشاۋاتقان بۈگۈنكى بۇ يۇقۇرى دەرىجىدە ئىجتىمائىيلاشقان جەمئىيەتتە، بۈگۈن سەن بەھىرلىنىۋاتقان ھەر قانداق بىر نېئمەت تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، سىنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرىڭنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەجدادلار ئەمگىگىنىڭ مەھسۇلى. دېمەككى، سەن بۈگۈن يەۋاتقان نان ئاددى ھالدىكى ئىككى تەڭگە پۇلنى تۆلەش بىلەنلا ئاپىرىدە بۇلۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇ سەن بىلەن ھاياتلىقتا مۇساپىداش بولغان باشقا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ سىنىمۇ كۆزدە تۇتقان ھالدا تەر تۆكۈپ قىلغان ئەمگىگىنىڭ سەمەرىسى. ھالبۇكى، سەن بۈگۈننىڭ ھالاۋەت قوينىدا ئۈزۈپ، بۈگۈننىڭ مەئىشەتلىرى بىلەن قۇرسۇقۇڭنى تويغۇزۇپ كېكىرىپ يۈرگەن ۋاقتىڭدا، ئەتىنى ئويلىشىپ، ئەتە ئۈچۈن خۇددى باشقىلارغا ئوخشاشلا كۈچ سەرپ قىلىپ ئەمگەك قىلىشىڭ لازىم. ئەگەر سەن ئەتىنى ئويلىساڭ، ئەتە ئۈچۈن ئەمگەك قىلساڭ، ئەتىنىڭ قوياشى كۆتۈرۈلگەن چاغدا ھەممە ئادەم ئالدىدا سىنىڭمۇ يۈزۈڭ يۇرۇق بۇلىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر سەن ئەتىنى ئويلىمىساڭ، ئەتە ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇپ ئەمگەك قىلمىساڭ، ئەتىنىڭ نېئمەت داستىخىنى سېلىنغان چاغدا، سىنىڭ يۈزۈڭ تەھقىق چورۇق بۇلىدۇ.

دەرىخا! زاكۇنغۇ شۇنداق. بىراق ھۇرۇن ئادەملەر تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت مۇشۇ كىشىلىك ھاياتتىكى تەبىئى ۋاقىت لېنىيىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئەقىدە، ئىخلاس ۋە «ئەمگەك» ماركىلىق خاسىيەتلىك زەنجىر بىلەن مەھكەم باغلاپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ھەتتا ھۇرۇنلۇقىدىن ئۇنى چۈشىنىشنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى بۈگۈن پەيزىنى سۈرىۋاتقان مەئىشەتنى غايىبانە ئامەتتىن دەپ بىلىدۇ. ئەتىكى كۈننى تەقدىرگە ياكى قىسمەتكە ئامانەت قىلىپ كېتىۋىرىدۇ. ئەتە نىمە كۈننى كۆرسە پەرۋايى پەلەك. ھەتتا بۈگۈنكى ھالاۋەتنىڭ ئەكسىچە، ئەتە ئۇ ئەڭ نەس كۈن- جاھالەتنى كۆرسىمۇ «شۈكرى دىدىم، شۈكرى!» دەپ قۇيۇپ يۈرىۋىرىدۇ.

شۈكرىۋازلىق- ھۇرۇنلۇقنىڭ ھىمايە سايىۋىنى. ھۇرۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ لەنىتى ھۇرۇنلۇقىنى مەزكۇر سايىۋەننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا«شۈكرى قانائەت قىلىش، سەۋرىچانلىق» دەپ پەدەزلەيدۇ. دۇرۇس، ئىسلام تەلىماتلىرى ئىچىدە «ئىنسان شۈكرى قانائەت قىلىشى، سەۋرىچان بۇلىشى لازىم» دەيدىغان بىر ماددىمۇ بار. بىراق، ئەسلىدە ئىنسانىي تۇرمۇشنىڭ ئىمكانىيەت چېكىدىن ھالقىغان ھالدىكى خىيالى دۇنيانى قوغلىشىدىغان ئەسەبىي قارانىيەتچىلىككە قارشى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان توغرا تەلىمات «شۈكرىچان، سەۋر- قانائەتچان بۇلۇش» كىيىنكى چاغلاردا پۈچەكلەشتۈرۈلۈپ، نۇرمال ئۆلچەمدىن نەچچە غۇلاچ تۈۋەن بولغان ئەڭ مىسكىن ھالەتكىمۇ باش ئىگىپ تازىم بىلەن تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدىغان شۈكرىۋازلىق ئىللىتى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قۇيۇلغان. نەتىجىدە ئەبگا ئۇيغۇر بۇ ئىللەتنى تېرىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ھۇرۇنلۇق تۇمىقىغا تۇمار قىلىپ تىكىۋالغان ۋە ئۇنى تەييارتاپ گەۋدىسىگە زۇننار قىلىپ ئېسىۋالغان.

ئەگەر بۇ دۇنيادا بىر مىللەتنى بىھۇدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلدۇرېۋىتىدىغان ۋە ۋاقىتسىز پاجىئەلىك ھالدا يۇقىتىۋېتىدىغان بىر ئەجەللىك ئىللەت بار دېيىلسە، ئۇ دەل ھۇرۇنلۇق ئىللىتىدۇر. ئەگەر بۇ دۇنيادا بىر ئادەمنى نۇرمال ئىنسان سىياقىدىن چىقىرىۋىتىدىغان ۋە ئۇنى ئىنسانىي خۇجايىنلىق سالاپىتىدىن قىلچە ئىز- ئەسەر يوق، ھەمىشە ئۇرۇلۇپ- سوقۇلۇپلا يۈرىيدىغان پاسسىپ مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قۇيىدىغان بىر ئوسال ئىللەت بار دېيىلسە ئۇ دەل تەييارتاپلىق ئىللىتىدۇر. ھالبۇكى، پەقەت ھۇرۇنلۇقتىن قول ئۈزگەن، ئىشچانلىق، تىرىشچانلىق ۋە ئەمگەكچانلىق بىلەن ئۆزىگە تۇرمۇش يولىنى تۈزگەن ئادەملا بۇ ئالەمنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ مىسىلسىز لەززەت ھالاۋىتىنى كۆرەلەيدۇ. قاراپ باق، بۇ دۇنيا نىمە دېگەن رەڭدار، نىمە دېگەن قوۋناق! ئىنسان تۇرمۇشىنى تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ گۈزەل قىلىش ئاداققى مەقسەت قىلىنغان يېڭىلىقلار، ئىجادىيەتلەر، مۆجىزىلەر ھەر كۈن، ھەر سائەت، ھەر ماكان، ھەر جايدا، ھەتتا سىنىڭ بۇرنۇڭنىڭ ئاستىدىلا تۇشمۇ- تۇشتىن بارلىققا كەلمەكتە. باشقىسىنى قۇيۇپ تۇرايلى، ھەر يىلى مىليۇنلاپ ئىشلەمچىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا ئىككى قۇلىنى سېلىپلا كېلىپ، باش باھاردىن كەچكۈزگىچە، يەر تېرىشتىن تارتىپ يەر سۈپۈرۈشكىچە بولغان خىلمۇ- خىل ئەمگەك، تۈرلۈك تۈمەن پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ، چاغان ھارپىسىدا ھەميانلىرى توم- توم ھالدا قايتىشماقتا. بۇ ئالتۇن دىيارغا ئۇستىخىنى چۈشۈپ قالغانلىرى بىر ئىككى يىلدىلا تۆت قاتلاپ بېيىپ، يېڭى كەلگەن چېغىدىكى ساياقلىق ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئەمدىكى قوللىرىدا «داگادا» تۇتقان، يەتتە قىتئەنىڭ ھەممىسى بىلەن تەڭ سۆزلىشىپ يۈرگەن يېڭى قىياپىتى بىلەن كۆزۈڭدىن ئوت چىقىرىپ يۈرىيدۇ، بۇ نىمە؟! مانا بۇ- ئەمگەك، مىھنەت ۋە تىرىشچانلىق سىنىڭ ئالدىڭغا تىكلەپ بەرگەن ئۆرنەك. مانا بۇ- ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ساڭا كۆرستىۋاتقان نامايىش ۋە كۆرەك!

ھۇرۇنلۇق بىر قورقۇنچلۇق ئىللەت. بىلگەن ئادەمگە ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ھۇرۇنلۇقى شۇ تاپتا پۈتكۈل مىللەتكە كېيىن تولدۇرىۋېلىش قىيىن بولغان ئېغىر زىيان كەلتۈرمەكتە. ئۇنىڭ بىۋاستە ۋە قاقشاتقۇچ تەسىرى ئۇيغۇرنىڭ ئالغا كەتكەن باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان پەرقىنى بارغانسىرى زورايتىۋەتمەكتە. ھالبۇكى شۈكرىۋازلىق پەرەنجىسى بىلەن نىقاپلانغان ھۇرۇنلۇق ئىللىتىنى يېلتىزى بىلەن قۇمۇرۇپ تاشلاش سېنىڭ، مىنىڭ، ئۇنىڭ- بىز ھەممىمىزنىڭ تەخىرسىز مەجبۇرىيىتىمىز بۇلۇپ قالدى. ھۇرۇنلۇقنى ئۈزۈل- كېسىل يۇقىتىش بىز ھەممىمىزنىڭ مىللەت ئالدىدىكى جىددى مەسئۇلىيىتىمىز بۇلۇپ قالدى!

سەن بىر خەلق كادىرىسەن. ئەگەر سەن ھۇرۇنلۇق ئىللىتىگە ئەسىر بولغان ئەبگا بولمىساڭ ئىشخاناڭنى ساقلاپ ئولتۇرىۋەرمەي، نەزىرە يەپ، ئولتۇرۇش كېزىپ يۈرىۋەرمەي خەلقىڭ ھاجەتمەن ئەڭ جاپالىق ئەمگەك مەيدانىغا بېرىپ ئۇلارغا ھەمدەم بۇلىسەن. خەلقنىڭ ئېڭى، ئويلايدىغىنى ۋە غېمى نەدە يۈرىۋاتىدۇ، زاماننىڭ تەرەققىيات رېتىمى، دۇنيانىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى نەدە يۈرىۋاتىدۇ بۇنى سېلىشتۇرۇپ، ئوتتۇرىدىكى پەرقنى تاپىسەن. ئاندىن ئۇنى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى ئورگانلاردىكى يولباشچىلارغا، داھىلارغا ئەينەن دوكلات قىلىپ، چارە ئويلاپ، خەلقنىڭ ئەمەلىي دەردىگە داۋا، مەۋجۇد كىسىلىگە شىپا تاپىسەن.

سەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىسەن. ئەگەر سەن ھۇرۇنلۇق ئىللىتىگە مۇپتىلا بولغان ئەبگا ئەپەندى بولمىساڭ، باشقىلار يېزىپ تەييار قىلىپ قويغان كىتابلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەينەن ئوقۇپ بىرىشنىلا بىلىدىغان تەييارتاپ بۇلۇپ ئولتۇرمايسەن، بەلكى سەن ئۆزۈڭمۇ يازىسەن، ئىجاد قىلىسەن. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان، جان باقارمەن پاسسىپ ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىنى ئەبەدىيلىك چۆرۈپ تاشلايسەن. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىق قىلىشنى، ئوقۇتۇش بىلەن بۇشاشماي ئىزدىنىشنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەمەلىيىتىڭ ئارقىلىق ئەۋلادلارنى كەلگۈسى ئۈچۈن كۆپرەك تەپەككۇر قىلىدىغان جانلىق ۋە مەنىلىك ھايات يۇلىغا دادىل باشلايسەن.

سەن بىر ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەب ئوقۇغۇچىسىسەن. ئەگەر سەن ھۇرۇنلۇق ئىللىتىگە گىرىپتار ئەبگا ئەۋلاد بولمىساڭ، سىنىپىڭنىڭ قارا دوسكىسىغا بەندە، ئۆتمىش نۇمۇرغا قۇل داپەندە بۇلۇپ ئولتۇرىۋەرمەيسەن. كۈتۈبخانىلارغا بېرىپ كىتابلارنى يار تۇتىسەن. ئەقىل دەپتىرىڭگە ئىزدىنىش، ئىلگىرىلەش غايىسىنى پۈتىسەن. ئۇندىن باشقا جەمئىيەتكە چىقىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىسەن. سەن ياشاۋاتقان بۇ زىمىن زادى قانچىلىك كىلىدۇ، تارىمنىڭ سۈيى قەيەردىن باشلىنىدۇ، زەرەپشاننىڭ سۈيى قەيەرگە قۇيۇلىدۇ ئۆزۈڭ كۆرۇپ باقىسەن. ئېلى دەرياسىدا ئۆزۈڭ ئۈزۈپ كۆرىسەن، يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن ئۆزۈڭ گۆھەر سۈزۈپ كۆرىسەن. بىلگىنكى، كىچىگىدىنلا ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش ئىنساندا ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ئېڭىنى تۇرغۇزىدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى ئادەمنىڭ ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قېنىنى جوش ئۇرغۇزىدۇ!

ھۇرۇنلۇق كالۋالىقنىڭ ھامىلىسى ئەمەس. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، كالۋالىق ھۇرۇنلۇقنىڭ تەبىئى تۆرەلمىسى. بۇ ئالەمدە ھېچقانداق بىر مىللەت تۇغۇلىشىدىنلا تەبىئىي ئەقىللىق يارالغان ئەمەس، بەلكى ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ئۇنى ئەقىللىق قىلغان. ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىنسان كاللىسىدىكى پىكىرچانلىق، مۇلاھىزىچانلىقتىن كېلىدۇ. كىمنىڭ كاللىسىدا يېڭى- يېڭى پىكىرلەر كۆپ  بولسا، شۇنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭىدىن يېڭى پائالىيەتلەر، ئەمەلىي ھەرىكەتلەر جىق بۇلىدۇ. كىم پىكىرچان، تەپەككۇرچان بولسا شۇنىڭ قەدىمى ئىتتىك، قۇلى ئەپچىل، ھەرىكىتى چاققان، ۋۇجۇدى كۆرەشچان بۇلىدۇ. بۇ دۇنيا پەقەت ئىش- ئەمگەك بىلەن گۈللىنىپ بۈگۈنكى مۇشۇ كۆركەم ۋە قايناق ھالغا كەلگەن. دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر مىللەت بارلىققا كېلىشى بىلەن تەڭلا مۆتىۋەرلىك تاجىنى ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدىن كىيىپ چۈشكەن ئەمەس. شۇنداقلا، ھە دىگەندىلا ھەممە تەلپۈنىدىغان مەدەنىي مىللەت تەختىگە ئولتۇرغانمۇ ئەمەس. ھازىرقى دۇنيادا «سەن ئەمەس مەن» دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ يۈرگەن خېلى خېلى مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز زامانىسىدا ئۆز ئەھلىنىڭ ھۇرۇنلۇقى تۈپەيلىدىن ئەبگالىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا خارلىنىپ يۈرگەن چاغلىرى بولغان. ئۇلار پەقەت ۋاقتىدىلا ئويغىنىپ، ھۇرۇنلۇق چاپىنىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆز ۋۇجۇدىدا ئىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق خىسلىتىنى يېتىشتۈرگەندىن كىيىنلا ئەقلى ئېچىلىپ، پەم- پاراسىتى بېيىغان ۋە ئاخىرىدا كۆرەش ئارقىلىق بۈگۈنكى مۇشۇ ئەقىللىق، پەن- تېخنىكىدا ئىلغار مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالالىغان.

ھۇرۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ پەقەت بىرلا چارىسى بار. ئۇ بولسىمۇ ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەننى تەدبىقلاپ ئەمەلىي ئەمگەككە قاتنىشىش. ئەگەر سەن ئۆگىنىشنى خالىساڭ ئالدى بىلەن شۈكرىۋازلىق ئىللىتى بىلەن بېكىك پىكرىڭنى، سەۋر- قانائەت قۇلۇڭ بىلەن ئېتىك تەپەككۇرۇڭنى ئاچ! قەدىناس مەھەللەڭنى، كونا ئورۇندۇقۇڭنى ساقلاپ ئولتۇرىۋەرمەي، ئۇيان- بۇيانغا بېرىپ باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىش- ئەمگەكلىرىنى كۆر. باشقىلار بىلەن ئۆزۈڭنى سېلىشتۇرۇپ كۆپرەك مۇلاھىزە قىل. ئاندىن سىنىڭمۇ قۇلۇڭنىڭ پەنجىسى بەش بولغاندىكىن يەڭ شىمايلاپ ئەملىي ئەمگەككە قاتناش. ناۋادا مۇئەييەن بىر ئىشنى قىلىپ مەغلۇپ بولساڭ، بەلگىلىك بىر ئەمگەكنى ئىشلەپ يېڭىلىشىپ قالساڭ بۇنى ئالدىراپ ئۆزۈڭنىڭ ئەقلىڭنىڭ كەملىكىدىن كۆرمە. ئەينى ۋاقىتتا يەنە ئەگەر سىنىڭ بىرەر ئىشىڭدىكى ئۇڭۇشسىزلىقنى كۆرۈپ، باشقىلار سىنى «كاللىسى ئاددى، كالۋا» دېسە، ھەرگىز ئىشەنمە. بىلگىنكى، ھەر قانداق بىلىك تەكرار ئەمەلىيەتتىن كىلىدۇ. كىمدە كىم ئەمەلىيەت بىلەن كۆپ شوغۇللانسا، ئەمگەك بىلەن تەكرار مەشغۇل بولسا، ئۇنىڭ بىلىك خەزىنىسى تەدرىجى موللىشىدۇ، كاللىسى ئەقىل ھۇجەيرىلىرى بىلەن تۇلۇپ غوللىشىدۇ.

ھۇرۇنلۇقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىماسلىق جەمئىيەت سۈيىدىغان، ۋەتەن- خەلق كۈيىدىغان ۋە ئاتا- ئانا رازىمەن بۇلىدىغان بىر ھەقىقى ئىنسان بۇلۇشنى خالىماسلىق بىلەن باراۋەردۇر. ھۇرۇنلۇق بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەيبلەرنىڭ ئەيىبى. ھالبۇكى ھۇرۇنلۇقنى تاشلاش جەمئىيەتنىڭ، زاماننىڭ، شۇنداقلا سەن ياشاۋاتقان مۇشۇ بوز زىمىننىڭ جىددى تەلىپى!

سېخى تەبىئەت ئاتا قىلغان شۇنچە كەڭ ۋە شۇنچە باي زىمىن ساڭا قۇچاق ئېچىپ تۇرۇپتۇ. پۈتكۈل ئەقىل- ئىدرىكىڭنى ئىشقا سېلىپ، ھەممە ئىقتىدارىڭنى نامايەن قىلىپ، غۇلىچىڭنى كەڭ يېيىپ ئىشلىسەڭ، ئىشلىگەننى كۆتۈرىدىغان تېپىلماس پۇرسەت ساڭا كۆكسىنى يېقىپ تۇرۇپتۇ. ئەمدى بۇ ھالدىمۇ كۆز ئېچىپ ئويغانمىساڭ، ئىشچانلار سېپىگە قېتىلىپ، سىنى بېقىپ ئۆستۈرگەن بۇ ئالتۇن زىمىننىڭ ئەتىسى، كەلگۈسى ئۈچۈن زۈرۈر ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان بىر ئۆلۈش ئەمگەك قىلمىساڭ، تاڭلا مەھشەر كۈنى يۈزۈڭ قىزارماسمۇ، ئويلان، ئەبگا!       

  

تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-09, 13:01
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-01-08 15:07 |
atilla1969
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5369
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دۇنيانى سۇ باسسا تەرەپ تەرەپتىن،
بولارمىش ئىشەكنىڭ غېمى ھەلەپتە.
ئەگەر سەن ئۇيغۇر بالىسى بولساڭ ،
ياشىما ئىشەكتەك شەخسى ھەۋەستە.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-10 11:35 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 291
شۆھرەت: 1907 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1916 سوم
تۆھپە: 1078 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1085 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 326(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ظأز ئىدصيصسص إة چصن ظصتصقادص بولمصغان مصللةتنصث تةقدصرص شذنداق بولذدذ.شذثا ظأز بالصلصرصنص باشقصلارنصث پةرإصشصگة قويذپ بصرصش جاهاندصكص ظةث هاماقةت خاراكتصردؤر!.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-10 23:28 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 402
شۆھرەت: 3703 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3678 سوم
تۆھپە: 1953 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1977 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3419(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

       ھۆكۆمەت ھەر يىلى ئىدارە - ئورگاندىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۇرتىدىغان ئىشنى يولغا قويدى. دوختۇرخانە تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا قايسى جەھەتلەردە دىققەت قىلىش ۋە داۋاملىق تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بىرىدىكەن . سىگىنالغا ئېرىشكەن بۇ كادىر دەرھال دوختۇرخانىغا چېپىپ ، ھەرخىل تەكشۇرتۈشلەردىن كېيىن بىرمۇنچە دارىلارنى يازدۇرۇپ ، ۋاقتىدا ، ئۈزۇلدۇرمەي يەپ بەزى يېڭى پەيدا بولغان كېسەللىكلەردىن تېزلا ساقىيىپ كېتىدىكەن ياكى ئالدىنى ئېلىۋالىدىكەن . ئەمما نۇرغۇن كېشىلەر تەكشۈرۈتۈش خىراجىتىنىڭ يوقۇرىلىقى ۋە ۋاقىت قىسلىقى ، ئادەتلەنمەسلىك  تۈپەيلىدىن كېسەللىك ئېغىرلاشقان چاغدىلا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالاش ۋاقتى ئۇزۇراپ كېتىش ، زىيادە چىقىم قىلىش ھەتتا ۋاقىتنى ئوتكۇزۇپ قويۇپ ساقىيالماسلىقتەك ئەھۋالغا دۈچ كېلىدۇ . يەنىلا قەرەللىك تەكشۈرۈتۈپ ، ۋاقتىدا داۋالاتقان ياخشىكەن .
     ئادەم جىسمىدىكى كېسەلنى داۋاملىق تەكشۈرۈتۈپ ، ۋاقتىدا داۋالاتقاندەك ، روھىيەتتىكى كېسەللىكلەرنىمۇ ھېمىشە تەكشۈرۈپ ، ۋاقتىدا ئۈنۈملۇك داۋالىساق بولمامدىكەن ؟ مىللىتىمىزدە يامراۋاتقان يامان ئىللەتلەرنى ئاشكارا ئەيىپلىسە بەزى كىشىلەر بۇنى مىللەتنى چۈشۇرۇش دەپ تونۇپ ، دەمالىققا قوبۇل قىلالمايدىكەن . ئۇبدان ئويلاپ باقساق ،  ئەمەلدارنى ياكى ئۆزىدىن ئەمىلى چوڭنى كۆرسە بىلىنى يادەك ئىگىپ يالاقچىلىق ، خوشامەتچىلىك قىلىدىغان تەخسىكەشلەرنى، پۇقراغا قىلچە ياخشى ئىش قىلىپ بىرالمىغىنى ئازلىق قىلغاندەك  قول ئاستىدىكىلەر ۋە پۇقراغا گېنرالدەك گېدىيىۋالىدىغان ، ئەمەل ئۈچۇن ئىنسان ۋېژدانى كۆتەرمەيدىغان قىلىقلارنى قىلىپ يۇرگەن شەرمەندىلەرنى ، خەلقنىڭ قان تەرى بەدىلىگە سەمىرىۋاتقان ، ھۆكۆمەت پۇلنى بۇزۇپ- چېچىپ ، ئەيشى- ئىشىرەت ، كەيپى - ساپا بىلەن يۈرىۋاتقان پارازىتلارنى ،  يالغانچىلىق ، چېقىمچىلىق ، ئورا كولاشنى كەسىپ قىلىۋالغان پەسكەچلەرنى ، ھارام كۈچىنى ئاياپ سەدىقە ، ئوشۇر-زاكات يېيىشكە رازىكى ، ئەقىل- ئىدىرىكى ، كۈچ-قۇۋېتىنى ئىشقا سېلىپ ، ھالال مېھنەت بىلەن ئەل قاتارى  ياشاشنى خالىمايدىغان مالاي سۈپەت نومۇسسىزلارنى قامچىلىماي تۇرالامدۇق ؟ ئادەم جىسمىدىكى كېسەلنى داۋالاشتا بەزىدە زەھەردەك ئاچچق دارە يېيىشكە ، جاراھەتنى ئاغرىققا چىداپ ، پىچاق بىلەن كېسىشكە توغرا كېلىپمۇ قالىدىغۇ ؟  كۈنسىرى ئېغىرلاۋاتقان يامان ئىللەتلەرنى يوشۇرۇشقا ئامالسىزمىز . ئادەم جىسمىدىكى كېسەللىك (پەۋقۇلئاددە يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن باشقىسى) مەلۇم ئادەمگىلا تەئەللۇق بولۇپ ئۆزگىگە ئازابى بولمىغىنى بىلەن ، روھىيەتتىكى كېسەللىكنىڭ يامرىشى تېز ، جەمئىيەتكە ، مىللەتكە بولغان زىيىنى ئېغىر . يامان ئىللەتلەرنى ۋاقتىدا تونۇپ تۈزەتمىگەندە « ئاغرىقنى يوشۇرساڭ ، ئۈلۈم ئاشكارە » بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولامدۇ ؟
       مەن « ئۇيغۇردا ئەبگالىق » نى تەكرار ئوقۇدۇم . ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى تۇلۇق چۈشىنىشكە سەۋىيەم يار بەرمىسىمۇ ، « ئۇيغۇردا ئەبگالىق » لارنى داۋالاشقا ئۈنۇم بېرىدىغان ياخشى دارىكەن دەپ تونۇدۇم . ئاپتۇرغا بولغان ھۈرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى .ئاپتۇرغا سالامەتلىك ، ئۇزۇن ئۆمۈر تېلەيمەن .
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-17 16:10 |
parligankuyax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5520
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 57 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 57 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى tuglukدە2012-01-10 23:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ظأز ئىدصيصسص إة چصن ظصتصقادص بولمصغان مصللةتنصث تةقدصرص شذنداق بولذدذ.شذثا ظأز بالصلصرصنص باشقصلارنصث پةرإصشصگة قويذپ بصرصش جاهاندصكص ظةث هاماقةت خاراكتصردؤر!.

مەن پىكرىڭىزگە قېتىلىمەن.
ھازىرقى جەمىيەتتىكى ئانىلار ئۈچۈن ئىچىنىمەن.ھەييييييييييييييييييييييييييي.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-23 14:08 |
parligankuyax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5520
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 57 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 57 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇندىلكەشدە2012-01-08 15:07يوللىغان يازمىسى ئۇيغۇردا ئەبگالىق (4- ھۇرۇنلۇق ۋە شۈكرىۋازلىق) :

ئۇيغۇردا ئەبگالىق (4- ھۇرۇنلۇق ۋە شۈكرىۋازلىق)

 

.......

سىزگە كۆپ رەخمەت.سىز ئەتراپلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپسىز،بەزى كىشىلىرىمىز ئۈچن ئاھ ئۇرۇپسىز.سڭزنىڭ ئۆتكۈر قەلىمىڭىز ئاستىدىكى چوڭقۇر مەنالارنى چۈشۈنۈدىغان ئادەم چىقىدۇ.چوقۇم چىقىدۇ،كۈندىن-كۈنگە ئاۋۇيدۇ.مەن ئىشىنىمەن.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-23 14:17 |
zuhra
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5710
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 24 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇنداككەن ئەبگالىك يامان كىسەلدىنمۇ كوقۇنۇشلۇققەن. ھەممىمىز ئوزىمىزدىن باشلىساق ،ئوزىمىز بىلەن ئەتراپىمىزدىكىلەرنىمۇ ئويخىتىشىمىز كىرەككەن..... بولمىسا مىللىتىمىز بەك تەس كۈندە قالىدۇ.. قوللىرىڭىز خا دەت كەلمىسۇن.     
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-03 12:39 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 402
شۆھرەت: 3703 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3678 سوم
تۆھپە: 1953 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1977 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3419(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

          نىمىشقا مۇشۇنداق ئۈيغاق نادىر تېمىلار ئۈستىدە مۇنازىرە ، ئىنكاس ئاز بولىدۇ ؟ بۇ ،  بىزدىكى ئەبگالىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسىمۇ - قانداق ؟ ؟ ؟
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-16 00:04 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر