ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە ئىككى پارچە كىتابنى ئېلكىتابقا ئايلاندۇرۇپ بولدۇق، ئۈچىنچىسىنى ئىشلەۋاتىمىز. ھەم تور دۇنياسىدىكى باشقا نادىر ئەسەرلەرنىڭمۇ ئەڭ كۆپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىدىدە، "ئىستىقبال" تورى قۇرۇلۇپ ھەرقايسى مۇنبەرلەرنىڭ تور ژۇرنىلىنى ئىشلەش خىزمىتى باشلاندى. بۇ قاتاردا باغداش تورىنىڭ تۇنجى سان ژۇرنىلىمۇ پۈتۈپ چىقتى. بۇ سانغا مۇنبىرىمىزدىكى مەڭگۈتاش ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلدى، كېيىنكى سانلاردا مۇنبەردىكى نادىر تېمىلار كىرگۈزۈلىدۇ.
مۇنبىرىمىزنىڭ شۇنداقلا شەخسەن ئۆزۈمنىڭمۇ تۇنجى ئېلكىتابى بولغاچقا نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا قوبۇل قىلىپ، كېيىنكى سانلارنىڭ تېىخىمۇ سۈپەتلىك چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى "ياغاچ مېدال"، "سەمەندەر" رومانلىرىنى ئىشلەپ تارقاتتى، نۆۋەتتە "تەڭرىتاغ پالۋانلىرى" رومانى ئىشلىنۋاتىدۇ. يەنە باشقا ئېلكىتاب ئۇچۇرلىرى، باشقا توربەتلەرنىڭ تور ژۇرناللىرىمۇ ئىستىقبال تورىدا تارقىتىلىدۇ، تور ئادرىسى:
www.isteqbal.com باغداش تور ژۇرنىلى
چۈشۈرۈش