saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 895 قېتىم كۆرۈلدى
bagdaxadabiyati
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 128
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 810 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 770 سوم
تۆھپە: 405 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 405 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قەلەم ھەققى بولمىسىمۇ يېزىقچىلىق قىلامسىز؟

ئەگەر قەلەم ھەققى بولمىسىمۇ ، سىز يەنىلا يېزىقچىلىق قىلامسىز؟


           توردا مۇنداق بىر سۇئالنى كۆرۈپ قالدىم: ئەگەر بىر كۈنى بارلىق گېزىتخانىلار قەلەم ھەققى بېرىشنى توختاتسا سىز يەنىلا يېزىقچىلىق قىلامسىز؟ ئىشتىن سىرىتقى يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭچە بۇ سوئال بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
        يېزىقچلىق كەسىپكە ئايلىنىش نەشىرىيات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نەشىرىياتچىلىق مەدەنىيەت كەسپىگە ئايلانمىغان قەدىمكى دەۋىردە، گەرچە نۇرغۇن يازغۇچىلار (جۈملىدىن شائىرلار) بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشتىن سىرىتقى يازغۇچىلار، ئادەتتە باشقا بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان، يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى قەلەم ھەققى ئۈچۈن بولمىغان. چۈ يۇەن ئەدەبىيات تارىخىدىكى بىرىنچى داڭلىق شائىر، بىراق ئۇ، ئەسەرلىرى ئۈچۈن قانچىلىك قەلەم ھەققىگە ئرىشكانلىكى بىزگە مەلۇم. كېيىنكى ئەدەبىيات سەھنىسىدە چولپانلارچاقناپ، ياڭ شيۇڭ، ليۇ شىيېدىن تارتىپ لى بەي،دۇڧۇ، ليۇ زوڭيۇەن، سۇ دوڭپو،شىن چىجىلارنىڭ ھەممىسى تالايلىغان نادىر ئەسەرلىرىنى قالدۇردى، لېكىن ئۇلار قانچىلىك قەلەم   ھەققىگە ئېرىشكەن؟ئۇلار بۇ پۇلغا(قەلەم ھەققىگە)تايىنىپ كۈن كەچۈرمىگەن بولۇشى مۇمكىن.


        مىڭ. چىڭ سۇلالىلىرىدىن كېيىن، بىر قىسىم ئەدىبلەرنىڭ قەلەم ھەققى ئېھتىمال ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمىدىن ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن(باسمىچىلىق سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشى نەشىرىياتچىلىقنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن) بولۇشى مۇمكىن، بىراق، يېزىقچىلىققا تايىنىپلا بېيىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋىرگە كەلگەندە، گېزىت- ژۇرناللارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن يېزىقچىلىق مەخسۇس كەسىپكە ئايلاندى، نەتىجىدە ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئەركىن يازغۇچىلار بارلىققا كەلدى، شۇنىڭدەك، بۇ ئارقىلىق ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس،. مىنگو دەۋرىدىكى كەسپى ئەدىپلەر ئارىسىدا، خېلى كۆپ<<بايلار>> بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جاڭ خېنشۈينىڭ قەلەم ھەققى بىلەن 20نەچچە كىشىنىڭ تۇرمۇشى خېلى ياخشى ئۆتىدىكەن، بۈيۈك يازغۇچى لۇ شۈننىڭ قەلەم ھەققى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خېلى باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە يېتىدىكەن، بىراق بۇنداقلا ئىنتايىن ئاز. شۇڭا، ئىلگىركى كۆپ قىسىم يازغۇچىلار دەردىنى تۆكۈش، ئىزھار قىلىش، قىزىقىشى ۋە مەسئۇلىيىتىنى چىقىش قىلىپ يازغان. ئاشۇ دەۋىردە، يېزىقچىلىقنىڭ<<تاۋارلىشىىش>> دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى ئەمەس، يازغۇچىنىڭ چىقىش نوقتىسى نىسبەتەن ساددا، ھەتتا ئاپتورلۇق ھوقۇقى دەيدىغان ئىدىيەدىمۇ بولمىغان ئىدى. جۇڭگو رومانچىلىقىدىكى ئابىدە<<قىزىل راۋاقتىكى چۈش>>كە قاراپ باقساق، ساۋ شۆچىننىڭ رومان يېزىشتىكى مەقسىدى ھەرگىزمۇ بۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە،ئەينى ۋاقىتتا ساۋ شچىنگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا،<<قىزىل راۋاقتىكى چۈش>>نى يېزىپ چىقىش زيان چىقىدىغان سودا. تۇرمۇش ھەقىقەتەن كۈلكىلىك، ئۆزى چۈشكىنلىشىپ، ھەتتا شوۋىگۈرۈچنىمۇ قەرىزگە ئېلىشقا تاس قالغان ساۋ شۆچىن، كېيىن زور بىر تۈركۈم ئادەمگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكى، يەنى <<قىزىل راۋاقتىكى چۈش>>نى يەيقىق قىلىشنىڭ بىر تۈرلۈك كەسىپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمىگەن بولغىيتى؟بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە<<ھېكايە شاھى>> دەپ نام ئالغان پۇ سۇڭلىن قاتارلىقلارمۇ بار. ئەگەر ئۇلاردا مەنپەئەت تاماسى بولغان بولسا، مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقارمىدى؟ئەدەبىياتنىڭ ئۆمرى ئوزۇن. گەرچە، ھازىرقى زامان ئىقتىساد شەكىللىرى ئەدەبىياتقا غايەت زور ھوجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئېنتىېرنېتنىڭ دۇنياغا كېلىشى دۇنيانى زور دەرىجىدە ئۆزگەرىتكەن بولسىمۇ، لېكىن، يېزىقچىلىق يەنىلا كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى. <<ئەدەبىيات ئىنسانشۇناسلىق دېمەكتۇر. ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ئىشتىن سىرىتقى ئەدەبىيات، ئەركىن ئەدەبىياتتۇر. شۇنداقلا، ھەربىر ئادەم بەلگىلىك ئەدەبى تەربىلىنىشكە ئىگە بولۇشى كېرەك، شۇندىلا، كىشىلەرنىڭ ئادىمىيلىككە بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇر، مول ھەم ئېنىق بولىدۇ>> دەيدۇ شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى، <<بىخ>> ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى جاۋ چاڭتىيەن. تور دۇنياسى دەۋرىدىكى <<توردىكى بىلوگ ھادىسىسى>>دىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاۋامنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، يېزىقچىلىقمۇ تەدىرجى ئومۇملىشىدىغان ئىش. ئېنتېرنېت تورى<<ئەسەر ئېلان قىلىش>>نىڭ <<بوسۇغۇسى>>نى قومۇرۇپ تاشلاپ، خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەرنى يېزىقچىلىققا قاتناشتۇردى، خېلى زور تۈكۈمدىكى تور بىلوگ يازغۇچىلىرى پۇل ئۈچۈن يازمايدۇ،ئەلۋەتتە.

      شۇڭا، مەن ئىشىنىمەنكى،<<ئىشتىن سىرىتقى يېزىقچىلىق>> ئاساسى ئېقىمغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، قەلەم ھەققى بولمىغان تەغدىردىمۇ، جاھاندا نۇرغۇن كىشىلەر قەدىمكىلەرنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، داۋاملىق تۈردە<<بىكارغا ئىشلەش>> كە رازى بولىدۇ.

__________
ۋېي مىڭ ئىمزالىقىدىكى بۇ يازمىنى<<اېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى>> نىڭ 2009-يىلى ئاۋغوسىتتىكى ئالدىنقى سانىدىن ئەلىجان تۇرسۇن تەرجىمە قىلغان.تىلماچ: قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيە ئارال يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىم.



  شىنجاڭ مەدەنىيتىدىن كۆچۈرۈپ تور يۈزىگە يوللىغۇچى باغداش تور بېكىتى ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ ،ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ !
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-12, 14:01
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-01-12 13:54 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1525
شۆھرەت: 8190 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 8250 سوم
تۆھپە: 4826 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4834 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇنداق باكالىق مىننەتسىز ئىشلەشكە ئۇيغۇرۇم كۆنۇك
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-12 14:03 |
nusrat
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 46
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 222
شۆھرەت: 1118 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1122 سوم
تۆھپە: 670 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 671 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»دىن رۇخسەت ئېلىپ ئاندىن بۇ يەرگە كۆچۈردىڭىزمۇ؟
ئۇنداق بولمىسا سىزمۇ كۆچۈرمىچىگە ھېساب بوپ قالىسىز.
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» رۇخسەتىسىز ماقالىلىرىنى تور يۈزىگە چاپلاشنى قارشى ئالمايدۇ. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان نەرسىلەرنى ئامال بار توردا يوللىمىغان ياخشى. ئوقۇغۇسى بارلار كىتابنى سېتىۋالسۇن، ژۇرنالنى سېتىۋالسۇن.

ئەسلى بۇنداق كۆپ گەپ قىلماي دېگەن. بىراق مەتبۇئاتتىن كۆچۈرۈپ ئەكىلىپمۇ يەنە «كۆچۈرۈش رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دېگەن گەپكە بەك كۈلگۈم كېلىپ دەپ سالدىم. رۇخسىتىنى ئالغان بولسىڭىز مەيلى. بىراق ئەسكەرتەر بولغىيدىڭىز شۇنداق بولسا.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-12 16:53 |
ilim

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1005
شۆھرەت: 6480 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6587 سوم
تۆھپە: 3625 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3687 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1452(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن تورلاردا  ھەقسىز يېزىۋاتقىلى يەتتە يىل بولاي دىدى ..
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-12 18:56 |
bahdaxohli

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1082
شۆھرەت: 5772 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5814 سوم
تۆھپە: 3411 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3448 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 423(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ilimدە2012-01-12 18:56يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن تورلاردا  ھەقسىز يېزىۋاتقىلى يەتتە يىل بولاي دىدى ..

ئىللىم ئەپەندى تورداشلار يىغىش قىلىپ  مۇكاپاتلاپ قويامدىمىز يا
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-13 18:17 |
sardar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 530
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 168
شۆھرەت: 865 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 865 سوم
تۆھپە: 516 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 516 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 356(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

[quote]بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى bahdaxohliدە2012-01-13 18:17يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئىلىم ئەپەندى ، تورداشلار يىغىش قىلىپ  مۇكاپاتلاپ قويامدىمىز يا؟!


<<مۇكاپاتلاپ قويامدىمىز يا >>ئەمەس ، چوقۇم مۇكاپاتلاپ قويۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ ، چۈنكى ، ئىلم ئەپەندى بىز ئۈچۈن ئاز جاپا تارتمايۋاتسا .
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-13 19:11 |
naprat2009
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 79
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 149
شۆھرەت: 886 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 883 سوم
تۆھپە: 511 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 513 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 335(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى ئەسەرلەرنى توردا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ، تېخى شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەڭ دېيىش كۈلكىلىك گەپ بولۇپ قالدى، باغداش تورى سوتتا تۆلەم تۆلەشكە تەييارلىق قىلىپ قويسا بولىدۇ.
sarkar
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-13 21:23 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر