saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 5413 قېتىم كۆرۈلدى
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 417
شۆھرەت: 2259 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2287 سوم
تۆھپە: 1332 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1354 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بەشكېرەمنىڭ تارىخ ـــ جۇغراپىيىسى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-03-18)
                                                                                   

بەشكېرەمنىڭ تارىخ ـــ جۇغراپىيىسى

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

 




 

بەشكېرەم قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، يېزا مەركىزىنىڭ قەشقەر شەھىرى مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 15 كىلومېتر كېلىدۇ. شەرقتە ئاققاش يېزىسى بىلەن، غەرپتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئايرودۇرۇم بىلەن، جەنۇب تەرەپتە ئاۋات يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدا قۇمالتاغ تىزمىسى ئارقىلىق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنڭ ئاتۇش ناھىيسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي تەرىپى ئېگىز، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 1298 مېتىر ، يەرقاتلىمى ئاساسەن لاتقا تۇپراق، سۈپتى ئوتتۇرا  ئەت تۇپراق، ئومۇىي يەر مەيدانى 242.93 كۇۋادىرات كىلومېتىر (364394مو)، ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل، تۆت پەسىل ئېنىق، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 13، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.3، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 25.3، قۇياش نۇرى يېتەرلىك، ھۆل يېغىن مىقدارى 50-60 مىللىلىتىر ،كۈننىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2800-2900 سائەت  ئەتراپىدا بولۇپ، قىراۋسىز مەزگىلى 220-240 كۈنگىچە بولىدۇ. بۈگۈنكى بەشكېرەمنىڭ ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 55 مىڭ مودىن ئارتۇقراق بولۇپ، ئاساسلىق سۇ مەنبەسى چاقماق دەرياسى ۋە قىزىل دەرياسىدىن ئىبارەت. قەھرىمان، باتۇر بەشكېرەم خەلقى ناھايتى قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى چاقماق دەرياسىنىڭ تاشتىن –تاشقا ئۇرۇلۇپ تاۋلانغان، ئىللىق قۇياش نۇرلىرىدا پاكلانغان «ئەركەك سۇ»لىرىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئەۋلادمۇ ئەۋلات كۈرەش قىلىش نەتىجىسدە ئۆزلىرىنىڭ ھالال ئەجرى بىلەن چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمىي ماكان –بەشكېرەمنى بەرپا قىلغان.

2

بەشكېرەمنىڭ قاچان بىنا بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق تارىخىي مەلۇمات يوق. ئەمما بەشكېرەمگە دائىر رىۋايەتلەر، جۈملىدىن «چاقماق دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت»، «ئاپراسىياپ ھەققىدە رىۋايەت»، «خانئۆي ھەققىدە رىۋايەت»، «خانئۆي مەلىكىسى ھەققىدە رىۋايەت»، «توققۇز ھۇجرا ھەققىدە رىۋايەت»  ۋە «بەشكېرەم سەيلىسى ھەققىدە رىۋايەت» قاتارلىق جانلىق تارىخىي ماتېرىياللاردىكى  تارىخىي ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا  قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى بەشكىېرەمنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى  ، ئەسىرلەر ئارلىقىدا، ئوردو كەنت –خانئۆيگە يانداش ھالدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى،  چاقماق دەريا ۋادىسىدا بۇددىزم راسا ئەۋجىگە چىققان مەزگىللەردە بەلگىلىك تەرەققىيات دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى، قارخانىيلار دەۋرىگە كەلگەندە ناھايىتى گۈللىنىپ خاقانلارنىڭ باغ سەيلىسى قىلدىغان بېھىشتەك سەيلىگاھىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۋېلىش تەس ئەمەس.

3

ئەڭ قەدىمكى يۇرت ناملىرىدىن بىرى «بەشكېرەم» ئاتالغۇسى كەڭ ھەم تار مەنىدە قوللىنىلىپ كېلىنگەن تارىخىي ئاتالغۇ بولۇپ، كەڭ مەنىدە غەربىي شىمالدا چاقماق دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى قىيالىققا جايلاشقان ئۈچ بۇرھان مىڭئۆيى ئالدىدىكى تۈتۈرگىدىن شەرقتە ئاققاش، پەيزاۋاتقىچە، شىمالدا قۇمال تاغ تىزمىسىدىن تارتىپ جەنۇبتا تۈمەن دەرياسى بىلەن قىزىل دەرياسىنىڭ بويلىرىغىچە بولغان قەدىمكى دەۋرلەردە چاقماق دەريا سۈيى بىلەن ياشنىغان بوستانلىقنىڭ؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا ھازىرقى بەشكېرەم، ئاۋات، قوغان، يېڭىئۆستەڭ، دۆلەتباغ، نەزەرباغ، خاڭدى، ئاققاش قاتارلىق يېزىلارنىڭ دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمكى «بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكى»نىڭ، تار مەنىدە بۈگۈنكى بەشكېرەم يېزىسىنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نام مەيلى كەڭ مەنىدە ياكى تار مەنىدە قوللىنىلىشتىن قەتئىنەزەر قەدىمدىن ھازىرغىچە تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرلۈپ كەلدى.

1. «بەشكېرەم» ئەسلى «بىھىشكەرەم» بولۇپ، «جەننەت» مەنسىدىكى پارىسچە سۆز «بېھىشت»[1] بىلەن «باغ، تال، تەك» مەنىسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم»[2]نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ «جەننەت بېغى» ياكى «بېھىشباغ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

2. «بەشكېرەم» ئەسلى «بېھىشكېرەم» ياكى «بېھىشكىرام» بولۇپ جەننەت مەنىسىدىكى پارىسچە سۆز «بىھىشت» بىلەن «ئۇلۇغ، كاتتا، سىخى، مەرد» مەنىسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم» ياكى «كىرام»[3]نىڭ بىركىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ «ئۇلۇغ بېھىشت» ياكى «كاتتا جەننەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

3. «بەشكېرەم» ئەسلىي «بېھىشكۆرەم» ياكى(«بېھشكۆرۈم») بولۇپ، «جەننەت» مەنىسىدىكى پارىسچە سۆز «بېھىشت» بىلەن «كۆرۈنۈش» مەنىسىدىكى ئۇيغۇرچە سۆز «كۆرەم» («كۆرۈم»)[4]نىڭ بىركىشىدن تۈزۈلگەن. ئۇ «بېھىشتەك كۆرۈندىغان ماكان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

4. «بەشكېرەم» ئەسلى «بىيىشكەرەم» بولۇپ «تال باراڭ، باراڭ ياغىچى» مەنىسىدىكى پارىسچە سۆز «بېدىش»[5] بىلەن «باغ، تال، تەك(ئۈزۈم)» مەنسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم»نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ «د»تاۋۇشى «ي» تاۋۇشىغا ئالمىشىپ، «بىيشكەرەم» بولغان. (بۇنداق «د» تاۋۇشى بىلەن «ي» تاۋۇشىنىڭ ئالمىشىشى قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئورتاق ھادىسە. مەسلەن، ئاداققىچە –ئاياققىچە ...) بۇ «بېدىشلىك باغ»، «تال باراڭلىق جاي»، «ئۈزۈمزار ماكان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن باشقا بەزى تەتقىقات ماتىرياللىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا[6]، «بەشكېرەم» دىگەن سۆزنى «بەش» سانى بىلەن «باغ ۋە بېدىشكە  ئارتىلغان ئۈزۈم» مەنىسىدىكى «كەرەم» سۆزنىڭ بىركىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يۇرۇتتا «بەشلا باغ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن قويۇلغان» دەپ چۈشەندۈرۈگەنلەرمۇ بار ئىكەن.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشىتىش، سۈپەتلەش مەنىسىدە بولۇپ، ئۇلار خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەرگە ۋە باشقا كىشلەرنىڭ ئىلمىي پەرىزىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا، بۇ چۈشەندۈرۈشلەردە بەشكېرەمنىڭ «ھەممىلا يېرى باغ بىلەن قاپلانغان مېۋە –چىۋە ماكانى» بولۇشتەك ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى مەركىزى ئورونغا قويۇلغان. شۇڭا، خېلى نوپۇزلۇق تەزكىرىلەردىمۇ يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر ئوموملاشتۇرۇلغان ھالدا «بەشكېرەم ئەسلىدە ‹بېھىشكېرەم› دېگەن سۆز بولۇپ، ‹جەننەتكە ئوخشاش  مېۋە–چىۋىلەر مول جاي› دېگەن بولىدۇ. بەشكېرەم خەلقى ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ مېۋىلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈپ، باغ بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگۈچىگە، بۇ جايدىكى مېۋىلەرنىڭ تۈرى كۆپ، سۈپىتى ياخشى، ھۆل ھەم قۇرۇق مېۋىگە ئىش قوشىدۇ. بۇ جاينىڭ مەنزىرسىمۇ ناھايىتى گۈزەل، ئۇزاق تارىختىن بېرى كىشلەر بۇ جاينى ‹مېۋە-چىۋە ماكانى› دەپ ئاتاپ كەلگەن. تىل يېزىقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ‹بېھىشكېرەم› دېگەن بۇ سۆز ‹بەشكېرەم›گە ئۆزگىرىپ، شۇ بويىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە، دەپ خاتىرىلەنگەن»[7].

بىراق، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك موھىم مەسىلە شۇكى ، يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى بىر ئۇيغۇر يېزىسىنىڭ نامى «شالغۇت بىرىكمە» سۈپىتىدە شەرھىلەنگەن. بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىننى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلاردىكى ئومۇميۈزلۈك «ئىسلاملىشش» تەشەببۇسنىڭ نەتىجىسى. ئۇنداق ئىكەن، بۇ قەدىمكى يۇرۇت نامىنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئلگىرىكى تەلەپپۇزى، تىل تەۋەلىكى ۋە مەنىسى قانداق؟

تارىخىي خاتىرىلەر ۋە بەزى تەتقىقات نەتجىلىرىگە ئاساسلانغاندا «بەشكېرەم» ھەرگىزمۇ ئەرەبچە، پارىسچە سۆزلەردىن بىرىككەن سۆز بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئەجدادلىرىمىز «بەشكېرەم» دەپ تەلەپپۇز قىلىپ كەلگەن ئېنىق ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ھىسابلىنىدۇ[8]. كونكرېت ئېيىتقاندا «بەشكېرەم»نىڭ ئەسلى «بەشكەرەم» بولۇپ، ئۇ «بەش» بىلەن «كەرەم»دىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ بىركىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقىرى ئۆزنىڭ شاھانە ئەسرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «بەش» دېگەن سۆزنى «ساناقتىكى بەش سانى»[9] دەپ ئىزاھلىسا، «كەرەم» دېگەن سۆزنى «گەمە» دەپ ئىزاھلىغان[10]. شۇنىڭدەك «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لوغىتى»دە «كەرەم» دېگەن سۆز «گېرەم»،  «گەمە»[11] دەپ ئىزاھلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى شاھ مەھمۇد جوراسىنىڭ «تارىخى رەشىدى زەيلى»(«سەئىدىە خاندانلىق  تارىخىغا دائىر ماتىرياللار »دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئەسىرىدە[12]، موللا مىرسالىھ قەشقەرىنىڭ «چىڭگىزنامە» دېگەن ئەسىرىدە[13] ھەم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ناماياندىلىرىدىن مۇھەممەد سىدىق  زەلىلىنىڭ «سەپەرنامە» داستانىدا[14] ۋە ئابدۇرېھىم نىزارى داستانلىرىنىڭ «دىباچە» قىسىمدا[15] بۇ ئەزىز يۇرتنىڭ نامى «بەشكەرەم» شەكلىدە خاتىرىلەنگەن. مانا بۇ تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، «بەشكېرەم» (بەشكەرەم) ھازىرقى تىلىمىزدا «بەش گەمە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەنە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بەشكېرەم خەلقىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى دەۋرلەردىكى ئولتۇراق ئۆي مەدەنىيىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ.

ئەمدى «بەشكېرەم»دىن ئىبارەت قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ خەلق چۈشەنچىسىدە ئەرەب، پارىس تىللىرىغا مەنسۇپ دەپ قاراپ كېلىنگەنلىكىگە كەلسەك، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئەرەب، پارىس تىللىرىنى بىر تەرەپلىمە  ھالدا كۈچەپ تەشەببۇس قىلشى بىلەن نۇرغۇن ئەرەب، پارىسچە ئاتالغۇلار ئانا تىلمىزغا ئېقىپ كىرگەن. كىشلەر ئېڭىدىكى دىنغا بولغان ئىېتقاد ۋە ھۆرمەت تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىنى تەدرىجى يوسۇندا ئەرەب، پارىسچە ئاتالغۇلار ئىگىلگەن ياكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز ئاتالغۇلار زورلاپ ئەرەب، پارىس تىللىرىغا تەدبىق قىلنىپ شەرھلەنگەن. يەنە كېلپ تارىخىي ماتېرياللاردا ئىيتىلىشچە، سۇتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولۇپ، ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەزگىللەردە  قارخانىيلار خاندانلىقىنىڭ پايتەختى بەشكېرەم خانئۆيىدە[16] بولغاچقا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بۇ يۇرۇتتا تېخمۇ قويۇق ئىدى. شۇڭا ئىسلام ئەقىدىسى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم ئۆلىمالار «بەشكېرەم» سۆزىنى خۇداغا تېخىمۇ يېقىن قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەرەب، پارىس لۇغەتلىرىدىن جاۋاپ ئىزدىگەن. تاكى ⅩⅨ ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەردە «بەشكەرەم» تەلەپپۇزى بىلەن خاتىرىلەنگەن «بەشكېرەم» سۆزىنىڭ «بېھىشكەرەم»، «بېھىشكۆرەم»، «بېھشكۆرۈم»، «بېدىشكەرەم» ياكى «بېھىشكېرەم» قاتارلىق شالغۇت بىرىكمىلەرگە ئاھاڭ جەھەتتىن يېقىن كېلدىغانلىقى يۇقىرىدىكى «ئىزدىنىش»لەرگە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «يول» ئېچىپ بەرگەن. ئوندىن باشقا مېھنەتكەش ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھالال ئەجرى بىلەن بۇ يۇرۇتتا مەيدانغا كەلگەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى «بەشكىرەم» سۆزىگە ئەرەب، پارىس تىل تەۋەلىكى بويىچە بېرىلگەن «باغ ۋە باغۋەنچىلىككە دائىر مەنە ۋە شەرھىي»لەرنى نىسبىي تارىخىي ئۇيغۇنلۇققا ئىگە قىلغان. شۇڭا، جەمئىيەت ۋە تىل تەرەقىقياتىي نوقتىسىدىن كىشلەرنىڭ ئىدىيە–ئتىقادىنىڭ يېڭىلىنىشى نەتىجىسىدە «بەشكېرەم» سۆزنىڭ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى  ئەكس ئەتتۈرگەن ھالدا يۇقىرىدىكىدەك يېڭى مەنە ۋە شەرھلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.

يۇقىرىدىكى بايان ۋە مۇھاكىملەردىن، بۇ ئەزىز يۇرتنىڭ دەۋرلەردىن بۇيانقى تارىخىي قىسمەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلىرى داۋامىدا «بەشكېرەم» ئاتالغۇسىنىڭ «بەشگەمە» دېگەندىن ئىبارەت ئېتنوگراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قەدىمكى مەنىسىدىن باشقا ھازىرقىدەك، كۆپ ئەسىرلىك باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى تارىخىغا ماس كېلدىغان «بېھىش باغلىرىدەك گۈزەل ماكان» دېگەن ئوخىشىتىش ۋە سۈپەتلەش خاركتېرىدىكى يېڭى مەنىگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

4

بەشكېرەم قەشقەر دىيارىدىكى ئەڭ قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە ئۆزىگە خاس تارىخى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە نۇرغۇن قەدىمكى يادىكارلىقلارنى بۈگۈنكى دەۋرگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. بۈگۈنكى بەشكېرەم دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردىن 3-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان لايلىقتىكى تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىلەر، يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردىن مىلادى 13-ئەسىرلەر ئارىلىقىدىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان ھەم 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئاپتونوم رايو دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى» دەپ ئېلان قىلىنغان خانئۆي قەدىمكى شەھەر خارابىسى، يىل دەۋرى مىلادى 2-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە بولغان  ھەم 2001-يىلى «دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان يادىكارلىق ئورنى» دەپ ئېلان قىلىنغان مورا بۇددا مۇنارى خارابىسى، يىل دەۋرى مىلادى 3-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان كەپتەرخانا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، يىل دەۋرى مىلادى 6-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە توغرا كېلىدىغان تاك-تاك تىم خارابىسى ۋە بۇدخانا خارابىسى، يىل دەۋرى مىلادى 3-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان جاڭگال ئىزى، كارىز ئىزى، قاراخانىيلار دەۋرىگە ئائىت بۈۋى مەريەم خېنىم مازىرى، قىزىلجى خېنىم مازىرى، سۇلتان مەجىد خوجام مازىرى، بۇئانام مازىرى، تار ھەم ئۇزۇنلۇقتا يىراق-يېقىنغا مەشھۇر تاغ يولى ــ ئىت يولى بىلەن يىپەك يولىنىڭ قالدۇقى بولغان ئۇلۇغ يول قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلارنى ساناشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، قەدىمكى بەشكېرەم دائىرىسىدىن ئېيتقاندا، يەنە ئۇلارغا قوشۇپ، يىل دەۋرى تەخمىنەن مىلادى 3-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغان دەقىيانۇس شەھىرى ئىبادەتخانىسى ۋە دەقىيانۇس شەھىرى تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىلىرى، ئۈچ بۇرھان مىڭ ئۆيى، تۈگمەن خارابىسى، ياۋىلىق ئىزى، قاراخانىيلار دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان ئوسمان بۇغراخان مازىرى، قىلىچ بۇغراخان مازىرى، ئابدۇللا بۇغراخان مازىرى، قاراخان پادىشاھىم مازىرى، سىدىق بۇغراخان مازىرى، ھۈسەيىن پەيزۇللا خوجام مازىرى، شام پادىشاھ مازىرى، قارا ساقال ئاتام مازىرى، سۇلتان سسۈزۈك ۋەلىيۇللا مازىرى، خوجىلار دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان زىلەيخا بېگىم مازىرى، ئاپاق خوجا مازىرى، تۆت ئوغۇل ئاتام مازىرى، يېقىنقى دەۋرلەرگە توغرا كېلىدىغان ياۋىلىق ئۆتەڭ ئىزى قاتارلىق مەدەنىيەت ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ[17].

5

تارىخىي ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا، سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە سۇلتانلارنىڭ قول ئاستىدا ھاكىم بەگلەر تەيىلەنگەن[18]. «قورىغار رايونىنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرسىى»دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ دەۋردە يېڭسار، بارچۇق(مارالبېشى )، پەيزاۋات، قاغىلىق، ئاتۇش، يورۇڭقاش، قارقاش،  چىرىيە، كىرىيە قاتارلىق جايلار بىلەن بىر قاتاردا بەشكىرەمگىمۇ ھاكىم بەگ قويغان[19]. بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكنىڭ مەركىزى قازىرقتا بولۇپ، ھاكىم بەگ شۇ يەردە تۇرغان. بۇ دەۋردە بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكىنىڭ زېمىن دائىرىسى ئارا ياڭاق، تاغ بويى، پايناپ، ئاۋات، قوغان قاتارلىق بەش چوڭ رايوندىن تەشكىل تاپقان. ئارا ياڭاق مەركىزى رايون بولۇپ، ئۇ قازىرىقنى مەركەز قىلغان ھالدا قازىرىق، بۇچى، چۇمبۇس، شامپادىشاھ، قارا ساقال، كىچىك ئېرىق، سوزاق(باش سوزاق، ئاياغ سوزاق، تىل سوزاق)، تۆۋەنكى ھويلا، توقاي قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. پايناپ رايونى چاكسا، قۇمپېتىق، يىڭىچىكە، يالاڭ، چىتلىق، يامانلا ــ ئامانلا، بويلا، قارلۇق ــ قالۇق، گۇلكەنت ــ كۇكاڭ، يىچا، سىدىر، بەش توغراق، خانئۆي، مىرابلىق قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تاغ بويى رايونى چۈگۈر، ساپئېرىق، ئۈچتالا ــ ئىشچانلا، سايباغ، قۇمباغ، لەڭگەر، بايلا، بەگئېرىق ــ بېغىرىق، ئەسكە ــ يېڭىئاۋات قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاۋات رايونى كۆكچى، باغھويلا، تۈگمەن بېشى، قاتار قىشلاق، غەزنە بويى، چاگاھ، مازار ئالدى، يار بېشى، بوغاش، خاپانلا قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قوغان رايونى قاسساپ مەھللىسى، قۇتۇبىدىن مازار، موللازادە، موللاخېنىم، قوش كۆل، ياغدۇ ــ ھەزرەت، تاربوغۇز، ئارسلانخان، قەدىم جاي قاتارلىق كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھاكىم بەگلىك مەركىزى قازىرىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي رايون تاغ بويى، پايناپ، ئاۋات، قوغان رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ــ ئارىسىغا جايلاشقانلىقتىن «ئارا ياڭاق» دەپ ئاتالغان. سەئىدە خاندانلىقى دەۋردىكى ھاكىم بەگلەرنىڭ قول ئاستىدا يەنە ھەر بىر رايۇننىڭ مەمەۇرىي ئەمەلدارى، بەگلەر تۇراتتى[20]. شۇنداق بولغاچقا بەشكېرەم بەگلىكنىڭ ئاراياڭاق، قوغان، ئاۋات، پايناپ، تاغ بويى رايۇنلىرىغىمۇ ھاكم بەگنىڭ قول ئاستىدا ئايرىم-ئايرىم بەگلەر قويۇلغان. بەگلەرنىڭ قول ئاستىدا ھەر بىر كەنتكە بىردىن يۈز بېشى، ھەر بىر مەھەللىگە ئون بېشى قويۇلغان. سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مىراب بەگ، ئۇنىڭ قول ئاشتىدا ھەر قايسى رايۇنلارغا كۆك بېشى، مەھەللىلەرگە داققال قويۇلغان. ھاكىم بەگلىكتە ھاكىم بەگدىن باشقا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلغۇچى بەگ ـــ پاششاپ بەگلەرمۇ قويۇلغان. پاششاپ بەگ قانۇنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغان. ھاكىم بەگلىكتە يەنە مەھكىمەشەرئى تەسىس قىلنغان بولۇپ، مۇپتى ئاخۇنۇم، ئەلەم ئاخۇنۇم، قازى، رەئىس ئاخۇنۇملار شەرىئەتكە دائىر مەسىلىلەرنى باشقۇرغان. ھاكىم بەگدىن باشقا ئەمەلدارلارنىڭ مەخسۇس ھۆكۈمەت تامغىسى يوق بولۇپ، پەقەت قولىدىكى ئۈزۈكىگە ئويۇلغان شەخسي مۆھۈرى بولغان ...

بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكىدىكى كەنتلەرنىڭ دائىرىسى سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىن كېيىن ئزلۈكسىز كېڭەيگەن ۋە كۆپەيگەن. خوجىلار دەۋرىدىكى ئاۋات ئۆستىڭىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك رىمۇنىت قىلىنىپ، كېڭەيتىپ چېپىلىشى، زوھۇرىدىن ھاكىم قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى كېيىنكى چارىكىدىكى تۈمەن دەريا سۈيىنى بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىنام يەرلەرگە باشلاپ تۈمەن بۈگۈنكى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ بىنا قىلىنىشى[21]، قوغان رايونى قۇتۇبىدىن مازار كەنتىنىڭ غەربىدىكى بوزلۇقتا يەر ئېچىلىشى(شۇ چاغدىن باشلاپ بۇ يەرنىڭ نامى «بوز يەر» دېگەن مەنىدە ‹‹荒地›› ــ خاڭدى دەپ ئاتىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە بىر كىچىك يېزىنىڭ نامى بولۇپ قالغان) ۋە خانئۆي قاتارلىق جايلاردا يەر ئېچىشى[22]، شۇنىڭدەك، زوھۇرىدىن ھاكىم بەگنىڭ بەشكېرەمنىڭ قوغان رايونى دۆلەتباغ تەۋەسىگە بىر قىسىم تۇرپانلىقلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشى (بۈگۈنكى دۆلەتباغ تەۋەسىدىكى «تۇرپان كوچىسى» كەنتى شۇ چاغدا پەيدا بولغان[23]) ۋە بىر قىسىم ئاھالىلەرنى يېڭىئۆستەڭگە ھەم ئۇنىڭ ئايىغىدىكى ئاققاشقىچە ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئىش-پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كېڭەيگەن. ئەمما زوھۇرىدىن ھاكىم بەگە دەۋرىدىن كېيىنكى ئاخىرقى قېتىملىق خوجىلار ۋەقەسىدىن كېيىن بەشكېرەم ھاكىم بەگلىكى بۆلۈۋېتىگەن. شۇڭا ياقۇپ بەگ قورچاق ھاكىمىيىتى دەۋرىگە دائىر تارىخى ماتېرىياللاردا بولسا ئاۋات، قوغان قاتارلىق رايونلارنىڭ بەشكېرەمدىن مۇستەسنا ھالدا تاناپ بېجى تاپشۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان[24].

بەشكىرەم ھاكىم بەگلىكى تاكى يۇرتىمىز ئازاد بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان ھەم ئىگىرىكىدەكلا كوناشەھەر ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. 1954-يىلى كۇكاڭ، يىچا، سىدىر، مىرابلىق، بويلا، بەشتوغراق، خانئۆي، ساپئېرىق، ئۈچتالا (ئىشچانلا)، چۇگۇر، سايباغ، لەڭگەر، قومباغ، بايلا، بېىغرىق، ئەسكە(يېڭى ئاۋات) قاتارلىق 16 كەنت بەشكىرەمگە قالدۇرۇلۇپ، چاكسا، قۇمپېتىق، يالاڭ، يېڭىچىكە، چىتلىق، يامانلا، قالۇق قاتارلىق يەتتە كەنت ئاۋات يېزىسىغا؛ بۇچا، قازىرىق، چۈمبۇس، شامپادىشاھ، قاراساقال، كىچىك ئېرىق، باش سوزاق، ئاياغ سوزاق، تىل سوزاق، توقاي، تۆەنكى ھويلا، چۆجەباش، ئاچچىق ئوي قاتارلىق 13 كەنت قوغان يېزىسىغا قوشۇۋېتىلىپ، بەشكىرەم بەگلىكى بەشكىرەم يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن[25] ھەم يېزا مەركىزى قازىرىقتىن  سىدىر كەنتتىگە يۆتكەلگەن. 1960-يىلى سىدىر كەنتىدىن ھازىرىقى ئورنى بېغىرىق كەنتىنىڭ توقاي مەھەللىسىگە يۆتكەلگەن. 1976-يىلى قەشقەر شەھىرىگە تەۋە بولغان. 1982-يىلى يەنە كوناشەھەر ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىرىش قۇرۇلۇش جەريانىدا، نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە كۆلىمىنىڭ ئۇزلۇكسىز كىڭىيشىگە ئەگىشىپ، 15 كەنتنىڭ بەزىلىرى بۆلۇنگەن ۋە بەزى يېڭى كەنت، مەيدانلار بارلىققا كەلگەن. 1998-يىلىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، پۇتۇن يېزا بويىچە 26 كەنت، 196 مەھەلە (تەبىئى كەنت) بولۇپ، ئۇمۇمى ئائىلە 8800 گە، نۇپۇس 43892 نەپەرگە يەتكەن.

1998-يىلنىڭ ئاخىرىدا بەشكېرەم يېزىسىنىڭ كۇكاڭ، ساي(يۇقىرىقى ساپئېرىق)، ساپئېرىق، ئىشچان، چۈگۈر قاتارلىق بەش كەنتى قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بەشكېرەم باش سېدىر، ئاياغ سىدىر، بويلا، يىچا، قاتارلىق 21-كەنت، مەھەللە، ئائىلە، نوپۇسقا ئىگە يېزىغا ئايلانغان.

2010-يىلىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، پۇتۇن يېزا بويىچە 21 كەنت، 145 مەھەلە (تەبىئى كەنت) بولۇپ، ئۇمۇمى ئائىلە 8800 گە، نۇپۇس 43892 نەپەرگە يەتكەن.

6

بەشكىرەملىكلەر ئېتنىك تەركىب جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياغما قەبىلىسى بىلەن قارلۇق قەبىلىسىگە ۋە ئوغۇز قەبىلىسىگە مەنسۇپ. چۇنكى قەدىمكى قەشقەر خانئۆي شەھىرىنى ئوردۇكەنت قىلغان قاراخانىلار خاندانلىقىنى ئۇيغۇر ياغمىلىرى قۇرغان بولۇپ، ئوردۇكەنت-خانئۆيدە ۋە ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى بەشكىرەم بوستانلىقىدا ياشىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدە ياغمىلار بىلەن قارلۇقلارنىڭ ئورنى ۋەسالمىقى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان. «ھۇدۇدۇلئالەم» دىكى «قەدىمكى قەشقەرنىڭ سەردارلىرى قارلۇقلار ۋە ياغمىلار ئىدى»[26] دېگەن تارىخىي مەلۇماتتىن، قەدىمكى قەشقەر شەھىرىدە ياغمىلار بىلەن قارلۇقلارنىڭ تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇ. چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمكى يۇرت ـــ بەشكىرەمدە قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىللىرىدىن بولغان «قارلۇق»لارنىڭ نامىدىن كەلگەن، جانلىق تىلدىكى ئۆزگىرىش ئاساسىدا «قالۇق» ئاتىلىپ كىلىۋاتقان[27] يەر نامىنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ «ھۇدۇدۇلئالەم» دىكى مەلۇماتلارنى تارىخىي ئەمەلىيەت ئاساسىغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى تەتقىقات ماتىرياللىرىدا: «قارلۇقلار سابەگ، تاشلى، بويلا قاتارلىق ئۈچ ئۇرۇققا بۆلۇنەتتى»[28] دەپ يېزىلغان بولۇپ، بەشكىرەمدە  يەنە قارلۇق قەبىلىسىنىڭ ئۇرۇقلىرىدىن بىرى «بويلا» نامى بىلەن ئاتالغان كەنىتنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقى ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك «قارلۇق» قەبىلە نامىدىن كەلگەن «قالۇق» دەپ ئاتىلىدىغان كەنت بىلەن تۇتاش(قوشنا) ئىكەنلىكدىن ئىبارەت ئەمەلى پاكىت چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى بەشكېرەم بوستانلىقىدا ئۇيغۇر قارلۇق قابىلىسىنىڭمۇ ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كەنگەنلىكىنى چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چاقماق دەريا ۋادىسىدا «ياۋىلىق» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر يەر نامى بولۇپ، بۇ ناممۇ ھەم قەبىلە نامىدۇر. چۈنكى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «yawa» بىلەن «yava» سۆزىگە ئوخشاشلا «ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى»[29] دەپ ئىزاھ بەرگەن. شۇڭا، بىز يۇقىرىدىكى تارىخىي–ئېتنوگرافىيىلىك پاكىتلار ئاساسىدا بەشكېرەم خەلقىنى قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن ياغمىلار، قارلۇقلار ۋە ئوغۇزلارنىڭ ئەۋلادى دەيمىز.

7

بەشكېرەم خەلقى ئىلىم-مەرىپەتنى سۆيىدۇ. بىلىم ئەھلىنى ھۆرمەتلەپ قەدرىنى قىلىدۇ، چوڭ-كىچىك سورۇنلاردا تۆرگە تەكلىپ قىلىدۇ. پەرزەنتلىرىنى ئىلاجى بار ھۈنەر-كەسىپ ئەھلى قىلىشقا تىرشىدۇ. ئېلىم-بېرىم، سودا-سېتىق ئىشلىرىدا توغرا، ئادىل بولۇشنى ياقتۇرىدۇ ۋە تەكىتلەيدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئەقىدە-ئېتىقادنى ئۆلچەم، سەمىمىيلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. دوستلۇقنى قەدىرلەپ، ۋاپادارلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. مۇستەقىل ئىش قىلىشنى ياخشى كورىدۇ. كۆڭلىگە پۈككەن ئىشنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنچ قىلالىسا، قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرشىدۇ. تۈرلۇك ۋەقە-ھادىسلەرگە ئۆزىگە لايىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ خۇلاسە چىقىرىش، پۇرسەت تاپسىلا مەلۇم باھانە-سەۋەبلەر بىلەن يىراق-يېقىننى ئايلىنىپ «شەھەر كۆرۇش»، سودا-سېتىق ئىشلىرىغا ماھىر بولۇش بەشكېرەملىكلەرنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۆزلىرى يولۇقتۇرغان شەيئى-ھادىسىلەرگە خېلى ئەقىلگە مۇۋاپىق باھا بېرەلەيدۇ. ئۆز ئىشىغا پۇختا بولۇپ، سىنىقىدىن ئۆتمىگەن كىشىگە مەيلى  ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، كۆڭلىدىكىنى ئېيتمايدۇ. كۆرگەنلا كىشىگە دەرد تۆكمەيدۇ. ھەقىقەت ئالدىدا راستچىل، دوستلار ئالدىدا سەمىمىي، دۈشمەن ئالدىدا شەپقەتسىز ۋە قەتئى بولۇپ، ئاغزى چىڭ، سىر ساقلايدۇ. شۇڭا، «بەشكېرەملىكنىڭ بەش تىلى بار، تىلىنىڭ تېگىدە يەنە تىلى بار» دېگەن ئىدىيۇم يىراق-يېقىنغا كەڭ تارقالغان.

 

                          

بەشكېرەملىكلەر ناھايىتى مېھماندوسىت، مېھمان قىچقىرىش چاقىرىش» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئومۇمىيۇزلۇك «قىچقىرىش» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ) تىن ئاۋۋال ئۆي ۋە ھۆيلا-ئارامنى مەھەلىلەرگىچە چىنىدەك تازىلاپ، ئۆزىگە يارىشا تەييارلىق قىلىپ ئاندىن قىچقىرىدۇ. مېھمان باشلاشتا ئەر مېھمان بولسا ئۆيدىن ئەر چىقىپ، ئەر-ئايال مېھمان بولسا ئەر-ئايال چىقىپ مەھەلىدە قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ئۇلاقلىرىنى (ئات، ئېشەك ھارۋىلىرىنى) قوللىرىدىن ئېلىپ ئوبدان جايلاشتۇرىدۇ.

ئۆيگە ئەرلەرئالدىدا، ئاياللار ئارقىدا كىرىدۇ. مېھمانلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ياكى ئۇرۇق-تۇغقان بولسا بىرئۆيگە باشلىنىپ، ئەرلەر باشتا، ئاياللار ئەرلەردىن كىيىن ئولتۇرىدۇ، بولمىسا ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئايرىم-ئايرىم  ئۆيلەرگە باشلىنىپ ياش تەرتىپى بويىچە چوڭلار تۆردە، ئاندىن كىچىكلەر ئولتۇرىدۇ. مېھمانلار فاتىھە ئوقۇپ دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن  ئۆي ئىگىلىرى پەگادا قول باغلاپ تۇرۇپ «تېنىچ كىلىشلىمۇ (كەلدىڭىزمۇ؟)» دەپ ئەھۋال سورايدۇ. مېھمانمۇ يېرىم ئۆرە بولۇپ «تېنچ تۇرۇشۇپلا!(تىنىچ تۇرۇپسىز!)» دەيدۇ ۋە ئىككى تەرەپ قايتىدىن تېنچ-ئامانلىق سورىشىدۇ. چوڭلاردىن باشلاپ (ئەر-ئايال بىر ئۆيدە ئولتۇرغان بولسا ئەرلەردىن باشلاپ) قولىغا ئۈچ قېتىم سۇ بېرىلگەندىن كىيىن داستىخان سېلىنىدۇ. داستىخان ئاۋۋال ئەر مېھمانلارغا، ئاندىن ئايال مېھمانلارغا سېلىنىپ، ئالدى بىلەن خون نان (دەستىلەنگەن چوڭ نان)، ساڭزا-قۇيماق، بوغۇرساق، پىچىنە-باقالى قاتارلىق ئۇن يىمەكلىكلىرى، ھەرخىل مۇراببالار ۋە قېتىق-قايماق، تۈرلۇك مېۋە-چىۋىلەر، قوغۇن-تاۋۇزلار، ئاخىرىدا قەن-گېزەكلەر تەرتىپ بىلەن تىزىلىدۇ. تەييارلانغان نازۇ-نېئىمەتلەر تەرتىپ بىلەن ئەكىرىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن ساھىپخان: «خوش، قېنى مەزەگە بېقىشسىلا (بېقىڭلار!)» دەپ مېھمانلارنى داستىخانخا تەكلىپ قىلىدۇ. بەشكېرەملىكلەرنىڭ داستىخاندىكى ئەدەب-ئەخلاق قارىشى نىسبەتەن مۇقىم ، تەلىپى قاتتىق بولۇپ، ساھىپخان  تەكلىپ قىلىشتىن بورۇن ھېچكىم داستىخانغا قول سۇنمايدۇ. تەكلىپتىن كېيىن تۆردىن ـــ چوڭلاردىن باشلاپ داستىخانخا قول سۇنۇش باشلىنىدۇ. «مەزە»دىن كېيىن تاماق تارتىلىدۇ. ئاۋۋال «سۇيۇق»(شورپا، ئۈگرە ياكى چۆچۈرە...)، ئاندىن «قويۇق››(پولۇ،مانتا...) ئاش تارتىلغاندىن كېيىن داستىخان ئاخىرىلىشىدۇ. بەشكېرەمدە مېھمان قىچقىرغاندا ئومۇمەن تاماق قويۇق-سۇيۇق ئېتىلىدۇ. بىرخىل تاماق ئېتىپ مېھمان چاقىرىش كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. دوست-بورادەرلەر، ئەل-ئاغىنىلەرنىڭ مېھماندارچىلىق پائالىيىتىدە بولسا مېھمانلارنىڭ تاۋىغا يارىشا خىلمۇ-خىل تائاملارنى ئېتىپ كۆڭلىنى ئالىدۇ. تاماق تارتىش تەرتىپى ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەتمەيدۇ. لېكىن بۇ ئايرىم ئەھۋال. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن مېھمانلارنىڭ قولىغا يەنە سۇ بېرىپ ئۇزىتىش بەشكىرەملىكلەرنىڭ ئورتاق ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، پاكىزلىكنى سۆيۈش ۋە قەدىرلەش روھىنىڭ مېھماندارچلىق پائالىيەتلىرىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئىپادىسىدۇر.

بەشكرەملىكلەر قولۇم –قوشنىلار بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بىر-بىرىگە سەمىمىي ياردەم قىلىپ، «يىراقنى يىقىن، مۇشكۈلنى ئاسان» قىلىشىدۇ. توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا ھەرقانچە مۇھىم ئىشلىرى بولغان تەقدىردىمۇ قويۇپ تۇرۇپ كېچە-كۈندۈز، ئىسسىق-سوغۇق دېمەستىن بىجانىدىل ياردەم بىرىدۇ. ئۆز ئارا تاماق سۇنۇشۇپ قوشنىدارچىلىقنى كۈچەيتىدۇ. بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە، «بارنى ئايىماي، يوققا كايىماي» ئۆزىگە يارىشا تەييارلىق قىلىپ قىچقىرۋېلىشىدۇ. ئۆي-جاي ئىشلىرىغا ئوخشاش چوڭ ئىشلاردا قولۇم-قوشنىلار ئورتاق ھەمكارلىشىدۇ. يەنى تام ئىتىلگەن كۈندە مەھەللىدىكى ئەرلەر تولۇق دېگۈدەك قاتنىشىپ ئەمگەك قىلىشىپ بەرسە، ئاياللار چۈشلۈك تاماققا ئۈلگۈرتۈپ داستىخان راسلاپ (بىرەر لىگەن پولو، مانتا-سامسا، قۇيماق...) كېلىپ ھال سورايدۇ. ياغاچچى، تامچى ئۇستىلارنى سېلىپ ئۆي ياپتۇرۇش، تام سوقۇش ھەم سۇۋاش قاتارلىق ئىشلارغا چۈشكەن كۈنلەردىمۇ قولۇم- قوشنىلار يەنە «لىگەن» ئېتىپ يوقلايدۇ ياكى ئۆي ئىگىلىرى بىلەن ئۇستىلارنى قوشۇپ  بىرەر ۋاق تاماققا قىچقىرىۋالىدۇ. بەزى تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى، ئۇلاغ-ئۈلمەك(ئات، قېچىر، ئېشەك،...) لىرىنى، قاتناش قۇراللىرىنى (ۋېلسىپىت، ھارۋا....) «سېنىڭ»، «مېنىڭ» دېمەي ئورتاق ئىشلىتىدۇ. پۇل-پۈچەك، ئوزۇق-تۈلۈك لازىم بولسا ئۆتنە-يېرىم قىلىشىدۇ. قىسقىسى، بەشكېرەم خەلقى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دەپ قاراپ، قولۇم- قوشنىلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ.

بەشكېرەمدە ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەرگە، ھېيت-ئايەملەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ. بەشكېرەملىكلەر ئىسلام كالىندارى بويىچە ھەر يىلى شەئىبان (8-ئاي )نىڭ 15-كۈنى كەچتە ئايەملىك ياغ پۇرىتىدۇ. ياشلار، بالىلار قاپاق كۆيدۈرۈپ «ئايەم كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ؟ پىتىرقۇيماق قۇيدىڭلارمۇ؟...» دەپ ۋەششەمسى توۋلايدۇ. كېچىسى بىر بۆلۈك ئىخلاسمەنلەر ئۆلىمالار ۋە بۈۋىلەرنىڭ باشچىلىقىدا بىرەر يەرگە جەم بولۇپ زىكرى-سۆھبەت قۇرۇپ ئىبادەت بىلەن تاڭ ئاتقۇزىدۇ. بۇ «تۈنەك» دەپ ئاتىلىدۇ .ئەتىسى ئەتىگەندە ئاتا-ئانا، ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلايدۇ. رامىزان كىرگەندىن كىېيىن ئۇرۇق-تۇغقانلار، ئەھلى مەھەللە ئۆزىگە يارىشا تەييارلىق قىلىشىپ، بىر-بىرنىڭ ئۆيىدە «ئېغىز ئېچىشىدۇ»(ئىپتار قىلىشىدۇ). ئۇششاق بالىلار ياش قۇرامى بويىچە ئۇيەر-بۇ يەرگە يىغىلىشىپ ئۆز مەھەللىسىدە «رامىزان ئىيتىش» پائالىيىتى قىلىشىدۇ. قول ئىلكىدە بارلار يۇرتتىكى ئىگە چاقىسى يوق، غېرىپ-غۇرۋالارنى پۇل-پۈچەك، ئوزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كىچەك، ئوتۇن-كۆمۈر دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن يوقلايدۇ. ھەر بىر ئۇرۇق- جەمەتتىكىلەرمۇ ئۆزئىچىدىكى ئىقتىسادى ئەھۋالى تۆۋەن تۇغقانلىرىنى ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا يوقلاپ ئەھۋال سورايدۇ. رامىزان ئاخىرىلىشىدىغان ئاخشىمى ھەممە ئائىلىدە دىگۈدەك ياغ پۇرىتىلىدۇ. ساڭزا، قۇيماق، بوغۇرساق...سېلىنىپ، روزا ھېيت تەييارلىقى قىلىنىدۇ. بۇ كۈنى ھەرقانداق ئادەم ئۆز ئۆيىدە ئائىلە ئەھۋالىغا يارىشا كاتتا داستىخان تەييارلاپ «تۇز بىلەن ئېغىز ئېچىپ» رامىزاننى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ. روزا ھېيت كۈنى قېرى-ياش، ئەر-ئاياللار ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇپراق بېشىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ قايتىدۇ. ئاياللار سۈبھى يورۇش بىلەن تەڭ قەبرىستانلىققا چىقىپ ئەرلەر ناماز بامداتتىن قايتقۇچە يېنىپ بولۇشىدۇ. ئەرلەر بولسا مەھەللە ئىمامى ۋە مەزىنلىرىنىڭ باشچىلىقىدا جامائەت بولۇپ چىقىشىدۇ. روزا ھېيت نامىزىدىن كېيىن ياشلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە، يەنى كىچىك ئائىلىدىكىلەر چوڭ ئائىلىگە يىغىلىپ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ۋە باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى قۇتلۇقلايدۇ. ئاندىن ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ۋە قولۇم-قوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلەپ بېرىشىدۇ. قۇربان ھېيىتتا بولسا ھەر بىر ئائىلە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا يارىشا «قۇربانلىق» قىلىدۇ. قۇربانلىق قىلىشقا قۇدرىتى يەتمىگەن تۇغقانلار  قۇربانلىق قىلغان تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ھېيىتلايدۇ. قۇربان ھېيىتنىڭ تەييارلىقى ۋە باشقا پائالىيەتلىرى ئومومەن روزا ھېيتنىڭ تەييارلىقى ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ھېيت كۈنلىرى يىراق يىقىندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولغاچقا، پۈتۈن يۇرت شادلىققا چۆمگەن بولىدۇ.

بەشكېرەمدە يەنە ھەريىلى مەۋلۇت ئېيى (ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە رەبىئۇل ئەۋۋەل 3-ئاي)دا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياد ئېتىپ «مەۋلۇت ئوقۇش» ئادىتى بار.

ئۇنىڭدىن باشقا، بەشكېرەملىكلەر ھەريىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ، ھەر قايسى كەنت، مەھەللە ياكى يېزا بويىچە بىر يەرگە جەم بولۇپ چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. كەچلىكى ھەممە ئۆيدە يىڭى تەرگەن كۆك (بېدە كۆكى) بىلەن «كۆك ئېشى» ئېتىپ ئىچىشىدۇ. قىزلار كۆك چۆچۈرىسى ئېتىپ ئاتا-ئانىلىرىغا ۋە يېقىن ھامما-تاغىلىرىغا «يېڭىلىق» تۇتىدۇ. نورۇز بايرىمىدىن كېيىن ئەھلى يۇرت باغ-ۋاران ئىشلىرىغا بىراقلا ئاتلىنىدۇ.

بەشكېرەمدە قىز-يىگىتلەر توي قىلىش يىشىغا يەتكەندە ئاتا-ئانىلار ئوغۇل-قىزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە «بېشىنى ئوڭلاپ» قويىدۇ. نىكاھ ئىشلىرىدا ئادەمگەرچىلىكنى ئاساس، ئەخلاق -پەزىلەتنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئۇلار: «ئادەمگەرچىلىكى بولسىلا قالغان نەرسىلەر تېپىلىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئوغۇل چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلار ئوغلىنى ئۆيلەشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىغا ياكى مەھەللە-كويغا «دىققەت قىلىپ» ئۆزلىرىگە مۇناسىپ كىشى ئىزدەيدۇ. بۇ «لايىق ئىزدەش»دەپ ئاتىلىدۇ. بىرەر «لايىق»نى كۆڭۈلگە پۈككەندىن كېيىن ئوغلىغا كىشى قويۇپ «پىكىرى»نى ئالىدۇ. ئاندىن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياكى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تۇغقانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قۇدا بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۇرىدۇ ۋە ياكى ئۆزلىرىنىڭ بىرەر تۇغقىنىنى ياكى شۇ يۇرتتىكى بىرەر «ئىش قاملاشتۇرىدىغان» ئادەمنى قىزنىڭ ئائىلىسىگە ئەۋەتىدۇ. بۇ «ئەلچى قويۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. قىزنىڭ ئانىسى ئەلچىگە قىزنىڭ پىكىرىنى ئالغان ئاساستا جاۋاب بىرىدۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن مەلۇم بىر كۈنى ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى قىز تەرەپنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۋەتكەندىن كېيىن ئەڭ يىقىن قىرىنداشلىرىدىن ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىككى-ئۈچ كىشىنى ئېلىپ، ئۆزىگە يارىشا داستىخان تەييارلاپ قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئەڭ يىقىن تۇغقانلىرىدىن بىر-ئىككى كىشىنى قوشۇپ چاقىرىپ ئەھۋالغا مۇناسىپ تەييارلىق بىلەن قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. بۇ ئارىدا يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قول باغلاپ «پالانچى گۈل(قىز)نى بالا قىلىۋالايلى، دەپ سوراپ كەپتۇق» دەپ كۆڭۈل قويىدۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ «ئوبدان بوپتۇ، بالا سىلىدىن ئايلانسۇن! رەھمەت» دېگەندەك گەپلەر بىلەن كۆڭۈل قايتۇرىدۇ. بۇ «قىز سوراش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇرۇق-تۇغقانلار، قۇلۇم-قوشنىلار ۋە يۇرت ئاقساقاللىرىدىن بولۇپ 15-20 ئەرنى ۋە 10-15ئايالنى ئېلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە كىلىدۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ يېقىنلىرىدىن سەككىز-ئون ئەر-ئايال مېھماننى قوشۇپ چاقىرىپ «قويۇق-سۇيۇق » ئېتىپ قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. مۇشۇ سورۇندا ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاساسلىق تۇغقانلىرىدىن بىرى ئورۇندىن تۇرۇپ «جامائەت ھەربىرلىرىگە پالانچى ئاكامنىڭ XXX قىزىنى پۇستانىچى ئاكاملارغا (بالا قىلىۋالساق)، ئۆزئارا ئۇرۇق-تۇغقان بولۇپ ئۆتۈشسەك دەيدىغان مەسلىھەتىمىز بار ئىدى›› دېگەندىن كېيىن، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ «كۆڭۈل سىناپ ئادەم ئېتىپ كېلىشكەنلىرىگە رەھمەت، ئالدىلىرىغا ئۆز لايىقىدا چىقالمىدۇق» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. جامائەتمۇ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ «ئىككى تەرەپ توغرا تىپىشقان، بالىلار رازى بولۇشقان بولسا بىزنىڭ باشقا پىكىرىمىز يوق›› دېيىشىدۇ. قىز تەرەپمۇ يەنە «بالىلىرىمىنىڭ رىسقى  پۈتۈلگەن بولسا، ئەھلى جامائەتمۇ توغرا تاپقان بولسا بىزمۇ قوشۇلدۇق» دەپ رازىلىق بېرىدۇ. بۇچاغدا ئوغۇل تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قول باغلاپ «ھەشقاللا» دەيدۇ. ئاخىرىدا جامائەت ئىككى تەرەپنىڭ بەزى تەييارلىقلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلگەندىن كىيىن، ھەر ئىككى تەرەپنى كۆپ چىقىمدار قىلدۇرماسلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئۇزۇننى كېسىپ، قىسقىسىغا ئۇلاپ»، «كۆپى كېتىدۇ، ئېزى يېتىدۇ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئوغۇل تەرەپنىڭ ئېقتىسادى ئەھۋالىغا يارىشا تويغا كېتەرلىك ئاش-سۇ، كىيىم- كېچەك ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى بەلگىلەپ بېرىپ قايتىشىدۇ. بۇ «مەسلەھەت چېيى» دەپ ئاتىلىدۇ. توي كۇنى بېكىتىلگەندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ ۋە قىز تەرەپنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا توي بولغان ئۆيگە كېلىپ تەييارلىق قىلىشىپ بېرىدۇ. تويدىن ئىككى كۇن بۇرۇن بولغۇسى توي  ئىگىلىرى  بامدات نامازدىن يانغان مەھەللە جامائەتلىرىگە «ئىنشائاللاھ، پالانچى كۇنى تويغا قوپۇۋاتىمىز، خەۋەر تېپىپ قىلىشسىلا!» دەپ ئومۇميۇزلۇك خەۋەرلەندۇرىدۇ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيگە ئادەم ئەۋەتىدۇ (باغاق ئەۋەتىدۇ)، قولۇم-قوشنىلار ۋە مەھەللە جامائەتلىرى توي بولىدىغان ئائىلىگە ئىلگىرى ئاخىرى كىرىشىپ «تويغا قوپۇشۇپلا، مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ئەھۋال سورىشىدۇ ۋە تەييارلىق ئىشلىرىغا  ياردەملىشىپ بىرىدۇ. «ئەتە توي بولىدۇ» دېگەن كۇنى ئوغۇل تەرەپ ئۈچ-تۆت ئادەمنى بەلگىلەپ بەلگىلىك مىقداردا گۈرۇچ، ياغ، سەۋزە، قوي(كالا) قاتارلىق نەرسلەرنى قىز تەرەپكە ئەۋەتىدۇ. بۇ «ئاش سۇيى» دەپ ئاتىلىدۇ. (بەزى كەنتلەردە «ئاش سۇيى» ئېلىپ بىرىلمايدۇ). قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى «ئاش سۇيى»ئېلىپ بارغانلارنى لايىقىدا كۇتۈۋالغاندىن كېيىن، شۇ ئاساستا «قازان قاينىتىش»نىڭ تەييارلىقىنى پۇتتۇرىدۇ. توي كۇنى ھەرئىككى تەرەپتە ئۆزلىرىنىڭ مېھمانلىرىغا يارىشا قازان ئېسىلىپ مېھمان كۇتۈلىدۇ. ئەھلى جامائەت ناماز بامداتتىن كېيىنلا تويغا كېلىشكە باشلايدۇ. جامەئەت ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن ئەھلى ئاياللار كىېلىشگە باشلايدۇ، بۇ كۇنى ئەتتىگەندىن باشلاپ يىگىتنىڭ دوستلىرى ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، ناخشا مۇزىكا ساداسى ئىچىدە توي نەغمىسى قىلىشىدۇ. چۇشتىن كېيىن توي بولغان يىگىت دوستلىرى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ناخشا-مۇزىكا ساداسى ئىچىدە شادلىق ساماسى بىلەن قىزنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارىدۇ. قىزنىڭ ئۆيىدە بىرنەچچە مەيدان ئۇسۇل، مەشرەپ قىلغاندىن كېيىن داستىخان سېلىنىپ قىزغىن كۈتىۋېلىنىدۇ. ئۇزاش ئالدىدا فاتىھە(نىكاھ) ئوقۇلىدۇ ۋە چىرايلىق ئۇزىتىپ قويۇلىدۇ. (بەشكىرەمنىڭ بىرنەچچە كەنىتتە قىزلىق تەرەپنىڭ ئۆيىگە «ئاش سۇيى» ئېلىپ بارمايدىغان، قىزنىڭ ئۆيىدە قازان ئېسىلمايدىغان، تويى بولغان يىگىت دوسلىرى بىلەن قىزنىڭ ئۆيىگە بارمايدىغان، قىز كۆچۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن ئوغۇلنىڭ ئۆيىدە نىكاھ ئوقۇلىدىغان ئادەتمۇ بار. لېكىن بۇ ئايرىم ئەھۋال). يىگىت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يىگىتنىڭ ئانىسى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئەھلى مەھەلە ئاياللىرىنى ئېلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. كۆڭۈلدىكىدەك كۈتۈۋېلىنغاندىن كېيىن «كېلىنچەك»نى ئېلىپ قايتىدۇ. قىزنىڭ ئانىسى ئۇرۇق –تۇغقان، ئەھلى مەللە ئاياللىرى ۋە قىزنىڭ دوستلرىدىن بولۇپ 40 قىز يەڭگىسى(ساق 40 بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ ) نى قوشۇپ، شادلىق يىغىسى بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ «قىزيۆتكەش »(قىز كۆچۈرۈش) دەپ ئاتىلىدۇ. قىز يۆتكگۈچىلەر ئوغۇل تەرەپنىڭ مەھەللىسىگە  كەلگەندە قۇلۇم –قوشنىلار يولغا تانا تارتىدىغان، گۈلخان ياقىدىغان، ئوغۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانىلىرى يەنە كۆۋرۈككە گۈلخان يېقىپ، دەرۋازىنى تاقىۋېلىپ، قىز يەڭگىسى سۆيۈنچە بەرمىگۈچە يول –كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈزمەيدىغان ۋە دەرۋازىدىن كىرگۈزمەيدىغان ئادەت بار. يىگىت دوستلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا شادلق ساماسى بىلەن قىز كۆچۆرگۈچىلەرنى، جۈملىدىن، جورىسىنى قارشى ئالىدۇ. ئۆيگە كىرش ئالدىدا پايانداز سېلىنىدۇ، بېشىغا چاچقۇ چېچىلدۇ. قىز كۆچۈرگۈچىلەر «كېلىنچەك»نى ئارىغا ئېلپ مېھمانخانا ئۆيگە جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن، قىز يەڭگىسى(ئاچىسى ياكى ھاممىسى)بىر كىيىملىك رەخت بىلەن كېلىنچەكنىڭ قېيىنئانىسىنىڭ بوينىغا ئېغىزى بىلەن قوشۇپ يۆگەپ قويىدۇ. بۇ «قېيىنئانىسىنىڭ كېلىنچەكگە قاتتىق يىرىك-گەپ سۆزلەرنى قىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش» مەقسىتىدىكى قائىدەبولۇپ «ئېغىز تېڭىش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئېغىز تېڭىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىگىىتنىڭ ھەدىسى ياكى سىڭلىسى(شۇ دېمەتلىك تۇغقىنى) ئوتتۇرىغا چىقىپ چىرايلىق ئۇسسۇل ئويناپ(ئۇسسۇل ئوينىغاننى دوراپ پىرقىراپ) كېلىنچەكنىڭ يۈزىدىكى ياپقۇنى ئاچىدۇ. (قىزنىڭ يۈزىگە يېپىلغان رەخت يۈز ئاچقان ھەمشىرىگە تەئەللۇق ــ ئا) سورۇندىكىلەر بىردەك «مۇبارەك بولسۇن!» دەپ قۇتلۇقلىشىدۇ. بۇ «يۈز ئاچقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. يۈز ئاچقۇدىن كېيىن قولىغا سۇ بېرىلىپ، داستىخان سېلىنىپ، كېلىنچەك يەڭگىللىرى بىلەن قولۇم-قوشنىلار كۈتۈۋېلىنىدۇ. كۈتۈۋۋلىشتىن كېيىن «قىز يۆتكەش»كە قاتناشقان قولۇم-قوشنىلار ۋە بىر قىسىم تۇغقانلار تېنچ-ئامانلىق تىلەپ قايتىشىدۇ. ساھىپخان(يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى)لار «كېلنچەك» بىلەن قىز يەڭگىللىرىنى يەنە قايتىدىن كوتۈۋالغاندىن كېيىن قىز يەڭگىسى كېلىنچەكنى ئوغۇلنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ قويىدۇ..... ئەتىسى ئەتتىگەندە قىز تەرەپتىن يېقىن بىر ئايال تۇغقىنى كۈيئۇغۇل تەرەپنىڭ ئۆيىگە ئاش-مانتا(پولۇ ۋە پىتىر مانتا)دىن تەييارلانغان داستىخان ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ‹‹ناشتىلىق›› دەپ ئاتىلىدۇ. قىز ئەتتىگەندە ناھايىتى ئوبدان كۇتۈۋېلىنىدۇ. ئاندىن «قىرىق يەڭگە» ئىچىدىكى قىز تەرەپنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىر نەچچىسى كېلىنچەك بىلەن قېلىپ قالغان يەڭگىلەر ئۇزايدۇ. چۈشتىن كېيىن كېلىنچەكنىڭ دوستلىرى بىلەن ئاتا-ئانىسى تەرەپتىكى ئەھلى مەھەللە ئاياللرى جەم بولۇپ كۈيئوغۇل تەرەپكە مېھمانغا كېلىدۇ. بۇ «ئسىسقلىق» دەپ ئاتىلىدۇ.

«ئسىسقلىىق» نىڭ ئەتىسى ياكى بىرنەچچە كۈن  كېيىن كېلىن تەرەپ كۈيئوغۇل ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى مېھمانغا چاقىرىدۇ. كۈيئوغۇل دوست-بۇرادەلىرى بىلەن، ئاتا–ئانىسى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، قولۇم - قوشنلىرى بىلەن بارىدۇ. كېلىننىڭ ئاتا-ئانىسى مال (قوي) ئۆلتۇرۇپ كاتتا-داستىخان راسلاپ ئوبدان كۇتۇپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ «چىللاق» دەپ ئاتىلىدۇ. چىللاقتا كۇيئۇغۇل بىلەن قېيىنئانا ئۆز-ئارا داستىخان (قەن-گىزەك، بىرەر كىيىملىك رەخت) ئالماشتۇرۇپ كۆرۈشىدۇ. بۇ بۇندىن كېيىنكى پات-پات تارتىنماي كۆرۈشۇپ تۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى بولىدۇ. «چىللاق»نىڭ ئالدى كەينىدە(كۆپىنچە بۇرۇن) كېلىن تەرەپتىن مەلۇم ئايال ئالايىتەن داستىخان راسلاپ كۈيئوغۇل تەرەپكە كېلىپ ئەھۋال سورايدۇ. بۇ «يوقلاق» دەپ ئاتىلىدۇ. چىللاقتىن كېيىن (كۆپىنچىسى ئەتە) كېلىنچەكنىڭ ئاتا-ئانىلىرى كۈيئوغۇل تەرەپنى يەنە مېھمانغا چاقىرىدۇ. كۈيئوغۇل ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن ئىككى-ئۈچنى ئېلىپ، ئاتا-ئانىسى، ئۆي ئىچىدىكىلەر ۋە يېقىن تۇغقانلاردىن بىر نەچچەيلەن قوشۇلۇپ ئەر-ئايال بىرلىكتە بارىدۇ. ساھىبخانلار بۇلارنى «چىللاق» تىنمۇ كاتتىراق داستىخان سېلىپ كۇتۈۋالىدۇ ۋە ئىززەت-ئىكرام بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ «سالام» دەپ ئاتىلىدۇ. سالام تۈگەپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن كۈيئوغۇل تەرەپ قۇدىلىرىنى(كىېلىنچەكنىڭ ئاتا-ئانىسىنى) «بىر چۆگۈن چېيىمىز بارئىدى، ئىچىپ كېتىشسىلە!» دەپ چىللايدۇ. ئۇلارمۇ ئۇرۇق تۇغقان، قولۇم-قوشنىلاردىن تەركىب تاپقان ئەر-ئايال مېھمانلارنى ئېلىپ بارىدۇ. كۈيئوغۇل تەرەپمۇ كاتتا داستىخان تەييارلاپ، مال(قوي)ئۆلتۇرۇپ قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئىززەت- ئىكرام بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ «قۇدا چىللىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. «قۇدا چىللىقى» قىلىشتىكى مەقسەت مۇنداق:

يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بەشكېرەمنىڭ توي-تۆكۇن ئادەتلىرىدە ئومۇمەن ئاساسلىق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى قىز تەرەپ ئائىلىسىدە بولغاچقا، كېلىنچەكنىڭ ئاز بىرقىسىم تۇغقانلىرى، يەنى «قىز يۆتكەش»، «ناشتىلىق ئېلىپ بىرىش»، «ئسسىقلىق» ۋە «يوقلاق» قا قاتناشقان ئايال تۇغقانلىرىدىن باشقاتۇغقانلىرى، جۇملىدىن ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى كۈيئوغۇلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە مۇناسىۋەتلىك يىراق-يېقىن تۇغقانلىرىنى ئاساسى جەھەتتىن بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن ئىككى تەرەپنىڭ بۇندىن كېيىنكى بېرىپ كېلىشىگە «يول ئېچىش»، يىڭى تۇغقانلار بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق «تۇغقاندارچىلىق»نى كۇچەيتىش زۇرۇر. دەل مۇشۇ زورۇرىيەتتىن «قودا چىللىقى» قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. ‹‹قۇدا چىللىقى››دىن كېيىن تويغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت ۋە ئادەتلەر ئاساسى جەھەتتىن تۇگەيدۇ.

يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا، يېڭى تويلاشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆزىگە يارىشا تەييارلىق قىلىپ، ئىككى تەرەپتىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئۆيلىرىگە قىچقىرىپ، جەمەتلەر ئارا بېرىش -كېلىشكە ئاساس سالىدىغان، تويدىن كېيىنكى تۇنجى رامىزان ئېيىدا قىز تەرەپ كۇيئۇغۇل تەرەپنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قىچقىرىپ «ئىپتار قىلدۇرۇش»، تۇنجى ھېيتتا خېلى كەڭ كۆلەملىك «ھىيىت پەتىسى» قىلدۇرۇش، ئىككىنجى ھېيىتتا كىچىكرەك دائىرىدە «ھىيىت پەتىسى» قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ تۇغقاندارچىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا بېرىش كېلىشنى ئىلگىرى سۇرىدىغان ئادەتلەرمۇ بار. ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا تېگىشلىكى، توي باشلىنىپ ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارلىقتىكى بارلىق «بېرىش-كېلىش»لەردە، مېھماندارچلىقلاردا ساھىبخان تەرەپ ئاساسلىق مېھمانلارغا ئۆز لايىقىدا رەخت، كىيىم–كىچەك، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق «كۆڭۇل قۇيۇپ»، ئاندىن ئىززەت-ئىكرام بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ.

*    *    *    *    *

تويدىن كىېيىن، ئەر-خوتۇنلار ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ. ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، بىر بىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ، ئىشەنچ ۋە مۇھەببەتنى ئاساس قىلىپ مەڭگۈلۈك ئەر-خوتۇن بولۇشقا تىرشىدۇ. ئائىلە ئىشلىرى باغ-ۋاران، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى بىرلىكتە قىلىشىپ تۇرمۇشىغا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشىدۇ.

ئېرى ئايالىنى «سەن»، قېيىن ئانىسىنى «ئاچا» ياكى «ئانا»،  قىيىنئاتىسىنى «ئاكا» ياكى «دادا» دەيدۇ. ئايالى ئېرىنى ‹‹سىز›› ياكى ‹‹سىلى››، قېيىنئانىسىنى ‹‹ئانا›› ياكى ‹‹ئاپا››، قېيىنئاتىسىنى بولسا ‹‹دادا›› دەيدۇ. ئەر-ئايال بىلەن قىيىنئانا ۋە قىيىن ئاتا ئوتتۇرسىدا قاتتىق پەردە شەپ(شەرمى-ھايا) بولىدۇ. ئۇلار بىر بىرىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن سۆز-ھەركەتلىرىدە ئەدەب- قائىدىگە بەكمۇ ئېتىبار بېرىدۇ.

بەشكېرەملىكلەر پەرزەنتىنى ئۇرۇق جەمەتنى مەڭگۇلۇككە ئىگە قىلىدىغان «كوچەت» دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئۆزكېلىنىنىڭ ئىككى قات بولغانلىقىنى سەزگەن ھامان چەكسىز شادلىق ئىچىدە ئۇنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇشقا ۋە ئالاھىدە ئوبدان ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۆينىڭ ئېغىر-يېنىك ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى چەكلەيدۇ. كېلىنچەكنىڭ تۇنجى پەرزەنتىنى ئۆزئانىسىنىڭ ئۆيىدە يەڭگىشى ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئاي-كۈنى يېقىنلاشقاندا ئانىسى ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنىلاردىن 10-12 ئايالنى ھەمراھ قىلىپ كېلىپ، قىزىنى ئۆز ئۆيىگە يۆتكەيدۇ. قېيىنئانىسىمۇ لايىقىدا تەييارلىق قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى ئۇزىتىپ قويىدۇ. شۇندىن كېيىن كېلىنچەك كۆزى يورىغىچە ئىككى ئارىدا «بېرىپ-كېلىپ» تۇرىدۇ. ساق -سالامەت كۆزى يورىغان كۈنى يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن بوۋاقنىڭ دادىسىغا ۋە چوڭ دادا-چوڭ ئانىسىغا خوش خەۋەر يەتكۈزۈشگە ئادەم ماڭدۇرىدۇ. ئۇلارمۇ چەكسىز شادلىق ئىچىدە خەۋەرچىگە سۆيۇنچە بېرىدۇ. بوۋاق توغۇلۇپ ئەتىسى ياكى ئۆگۈنى (ئۈچ كۇن ئىچىدە) بوۋاقنىڭ دادىسى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەم يېقىن تۇغقانلىرى ئۆزىگە يارىشا سوۋغا-سالام بىلەن كېلىپ، ئەھۋال سوراپ مۇبارەكلەيدۇ. ساھىبخان قۇدىلار خېلى تەييارلىق قىلىپ ئۇلارنى كۇتۈۋالىدۇ. ئاندىن بوۋاقنىڭ چوڭ دادىلىرى ياكى بىللە كەلگەن ئاقساقاللاردىن بىرەرى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئاۋۋال تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكەت شۈكۈرى نامىزى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاكىز كۆرپىگە زاكىداپ يۆگەلگەن بوۋاقنى «بىسمىللاھىررەخمانىررەھىم» دەپ قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا «ئەزان» ئېيتىپ، سول قۇلىقىغا «تەگبىر» ئېيتىپ: «ئۆزلىرىنىڭ ئىسمى ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ گۈۋاھلىقى بىلەن پالانچى ئاخۇن، (گۈل ياكى خېنىم) بولغاي!» دەپ، بوۋاققا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ جاينامازدا يۇمىلىتىدۇ. ئولتۇرغانلار بوۋاقنى ئىسمىنى ئاتاپ ئەركىلىتىپ قويۇپ قايتىدۇ. ساھىبخان كۈيئوغۇل ۋە قودىلارغا ئۆز لايىقىدا «رەخت» قويۇپ، ئىززەت-ئىكرام بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ «ئات تويى» دەپ ئاتىلىدۇ.

بەشكېرەملىكلەر كوپىنچە ھاللاردا پەرزەنىتلىرىگە ئۈيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى بويىچە ئىسىم قويىشىدۇ. يەنى ئوغۇل پەرزەنتلىرىگە ئاللاھنىڭ سۈپەت نامىلىرى(99 گۈزەل ئىسمى)غا «ئابدۇ»نى قوشۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئىسىملارنى ۋە ئىسلام تارىخىدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويسا، قىزلارغا ئۈيغۇرچە «خان»(«خېنىم»)، ئەرەبچە «نىسا» ۋە پارىسچە «گۈل» دېگەن سۆزلەر قوشۇلغان گۈزەل، مەنىلىك ئىسىملارنى قويۇشىدۇ. «ئات تويى»دىن كېيىن ئۇرۇق –تۇغقان، قولۇم-قوشنا ئاياللار ئۆزىگە يارىشا سوۋغا ۋە داستىخان راسلاپ بېرىپ، بىرەر كىيىملىك رەخت، كىيىم-كىچەك، بىرەر باش ياغلىق چاغلىق نەرسىلەرنى بوۋاقنىڭ يۇزىگە يېپىپ مۇبارەكلەيدۇ. بۇ «تۇغۇت كورۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. كۆرگىلى كەلگەنلەر بوۋاقنىڭ ئوغۇل-قىزلىقىنى توغرىدىن-توغرا سورىماستىن، «بالىڭىز بۆرىمۇ ياكى تۇلكىمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئانا بالىسى ئوغۇل بولسا «بۆرە»، قىزبولسا «تۇلكە» دەپ جاۋاب بىرىدۇ. تۇغۇت كورۇشكە كەلگەنلەر مۇۋاپىق كۆتۈۋېلىنغاندىن كېيىن ئۈزىتىپ قويۇلىدۇ. (دىققەت! بەشكېرەمدە «تۇغۇت كۆرۇش»كە ئەرلەر قاتناشمايدۇ!).

ئات تويىدىن باشلاپ 40 كۈن ئىچىدە كېلىنچەك ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئوبدان كۇتۈلىدۇ. قېيىنئانىسى داستىخان(ئاش-تاماق،قەن-گىزەك) ئېلىپ بېرىپ پات-پات يوقلايدۇ ۋە شارائىت يار بەرگەن ئاساستا بىر نەچچە كۇن بېقىشىپ بېرىدۇ. ئېرىمۇ(تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ يولدىشى) كاللا-پاقالچاق ۋە گۆش قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يىمەكلىكلەر بىلەن يوقلاپ تۇرىدۇ. بوۋاق تۇغۇلۇپ 40 كۈنلۈك بولغاندا بوۋاقنىڭ چوڭ ئانىسى(ئانا تەرەپ) 40 نەپەر بالىنى (بەش ياشتىن يۇقىرى 12 ياشتىن تۆۋەن) ئۆيىگە يىغىپ ئۇلارغا داستىخان سېلىپ كۇتۈۋالىدۇ. ئاندىن بوۋاقنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەپ تەييارلىغان «ئېقىن سۇ»نى، سۆزى شېرىن ۋە تاتلىق بولۇشىنى تىلەپ تەييارلىغان «ناۋات سۇيى»نى، ئەھلى ئىمانلىق بولۇشىنى تىلەپ تەييارلىغان «سورەھ فاتىھەدېمىدىسى»نى، ئەھلى ناماز، ئەھلى جامائەت بولۇشىنى تىلەپ مەسچىتنىڭ كاكۇلى(سۇۋاق لاي) قوشۇپ تەييارلىغان «كاكۇل سۇيى»نى، ئاچچىقى يامان، غورۇر- ۋىجدانلىق بولۇشىنى تىلەپ شاپتۇل مېغىزىنى قوشۇپ تەييارلىغان «مېغىز سۇيى»نى، پۇلدار، باي، دۆلەتمەن بولۇشىنى تىلەپ تەييارلىغان «ئالتۇن سۇيى» ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك خۇشبۇي تەنلىك بولۇشىنى تىلەپ تەييارلىغان «ئارچا(ئادىراسمان)سۇيى»نى قوشۇپ تەييارلىغان «قىرىق سۇيى» بىلەن بوۋاقنى يۇيىدۇ. (غۇسلى-تاھارەت ئالدۇردۇ). دىققەت قىلىشقا ئەرزىدىغىنى شۇكى، «قىرىق سۈيى» قۇيۇشقا ئۆمرىدە پەقەت بىر نىكاھلىق بولۇپ، كۆپ پەرزەنت كۆرگەن ھەم پەرزەنتلىرى ھايات بولغان، ئاغزىدا ئىلمى بار(ئوقۇمۇشلۇق) بىرەر مۇمىن مۇسۇلمان ئايال تەكلىپ قىلىنىدۇ. قىرىق سۈيى قۇيۇلۇپ بوۋاق يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان قىرىق توقاچنى ھېلىقى قىرىق بالىغا بىرمۇ-بىر تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇ«قىرقىنى چىقىرىش» دەپ ئاتىلىدۇ.

بوۋاقنىڭ قىرىقى چىقىرىلغاندىن كېيىن كىلىنچەكنىڭ قېيىنئانىسى ئالدىن كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئورۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنىلاردىن بولۇپ 40 ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا تەييارلانغان كىيم-كىچەك، زىبۇ-زىننەت جاپدۇقلىرىنى ئېلىپ، ئۆز لايىقىدا داستىخان قىلىپ «قىزى» («كېلىن بالىسى») بىلەن «نەۋرىسى»نى يۆتكىگىلى بارىدۇ. ساھىبخان قودىلارمۇ ئۆزىگە يارىشا كاتتا تەييارلىق قىلىپ مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. مېھمانلار ئۇزاش ئالدىدا ئۇلار يەنە ئۆزلىرى تەييارلىغان قىزى بىلەن نەۋرىسىنىڭ ئۇستىباش، زىبۇ-زىننەتلىرىنى قوشۇپ، نەۋرىسى ئۈچۈن ئالاھىدە بۆشۈك چاپدۇپ چىرايلىق ئۇزىتىپ قويىدۇ. بۇ «بۆشۈك تويى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئوغۇل پەرزەنتلەرنى ئارزۇلاپ كىچىككىنە سېكىلەك(چاچ) قويۇپ قويىدىغان ئادەتلەرمۇ قىسمەن ساقلانغان. قىزلار يەتتە ياشقىچە بولغان ئارلىقتا قۇلىقى تەشتۇرۇلىدۇ. ئوغۇللار يەتتە ياشقا كىرگەندە «سۈننەت تويى» قىلىنىپ، يۇرتقا ئاش تارتىلىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلار ۋە قۇلۇم-قوشنىلار ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا سوۋغا-سالام بىلەن مۇبارەكلەيدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدۇ.

*                       *                            *

بەشكېرەملىكلەرنىڭ ئادىتىدە ئوغۇللار ئۆيلىنىپ بىرەر پەرزەنت كۆرگۈچە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر قورۇدا تۇرۇپ، ئاش-تاماق ۋە ئىش-ئەمگەكتە بىللە بولىدۇ. پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن چوڭ ئۆيدىكىلەر مەلۇم ئورۇنغا بىر يۇرۇش قورۇ-جاي سېلىپ بېرىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئەھۋالىغا يارىشا ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە ئۆي سايمانلىرى بىلەن ئۆي ئايرىپ بېرىدۇ(ئەگەر يالغۇز ئوغۇل بولسا ئۆي ئايرىماي، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر قورۇدا تۇرىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېغىرىنى يېنىك، يىرىقنى يېقىن قىلىدۇ. بارلىق باردى-كەلدىسىگە ئىگە بولىدۇ). بۇ «بۆلەك قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۆلەك قىلىنغان ياش ئەر-خوتۇنلار چوڭ-چوڭ ئىشلاردا چوڭ ئائىلنىڭ ھىماتى ئاستىدا ئاتا-ئانا، بىرتۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلسا، ئادەتتىكى ئىشلاردا ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ ۋە ھالال ئەمگىكى بىلەن ھايات كەچۈرۈشكە تىرشىدۇ. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپتىكى چوڭ ئائىلە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ قاراپ تۇرماي، ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ، بەلگىلىك مىقداردا كىگىز-كىچەك، ئورۇن-كۆرپە، چىنە-قاچا، قازان-قومۇچ ۋە باشقا ئائىلە سايمانلىرىنى تاييارلىشىپ، خاسىيەتلىك بىركۈننى تاللاپ «بۆلەك قىلىنغان»لارنىڭ يېڭى ئۆيىگە بارىدۇ ھەم «ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ، ئۆيۇڭلارنى جاپدۇۋېلىڭلار!...» دېيىشىپ كۆڭۈل قويىدۇ. ساھىبخانلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئىمكەنىيەتنىڭ بارىچە قىزغىن كۇتۈۋالىدۇ. بۇ «ئۆي مۇبارەكلەش» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يېڭى ئۆي خېلىلا كۆركەملىشىپ، ئۆي سايمانلىرى ۋە ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ خىجالىتىنى تارتمايدىغان بولىدۇ. پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا بۇ «يېڭى ئۆي» تەدرىجى مۇكەممەللىشىدۇ.

*                    *                        *

بەشكېرەمدە قورۇ جاي، ھويلا –ئارام ۋە باغ- ۋارانلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بىر يۈرۈش ئۆي دېگەندە ئاساسەن ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي كۆزدە تۇتۇلۇپ (يېقىنقى يىللاردىن بىرى بىر يۇرۇش ئۆي دېگەندە بەش ئېغىز ئۆي كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولدى)، ئوتتۇرسىغا دالان(«دەلىزە»دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بىر تەرەپكە مېھمان ئۆيى، يەنە بىر تەرەپكە تۇرمۇش ئۆيى(ئاشخانا) ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆيلەرنىڭ تېمى لاي كېسەكلەردىن قوپۇرۇلغان بولۇپ، ئۇستى ئومۇمەن باسما كەۋزىلىك، ۋاسسا جۈپ يېپىلىدۇ. دالان ۋە مېھمانخانا ئۆيگە نەپىس گۈل نەققىشلەر ئويۇلۇپ كۆركەم بوياق بېرلىدۇ، تام-تورۇسلار ناھايىتى سىپتا گەجلىنىدۇ. كۆپۈنچە ئۆيلەرگە سۇپا باغلىنىپ سەرەمجانلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆي سەرەمجانلىرى نسبەتەن ئاددى-ساددا بولسىمۇ، چوڭ سۇپەت، ئارتۇقچە ھەشەم-دەرەم جابدۇقلار يوق بولۇپ، كىرگەن كىشىگە بىر خىل ئازادە كەيپىيات بەخىش ئېتىدۇ. ھويلىغىمۇ سۇپا باغلىنىپ، ھەيۋەتلىك پېشايۋان يېپىلىدۇ. ھويلا مەراسى كەڭ ۋە ئازادە بولۇپ، ئالدىغا تال(ئۈزۈم) قويۇلىدۇ. تال ئارتىلىدىغان باراڭ(بېدىش) پېشايۋانغا تۇتاش ياسالغاچقا، ياز كۈنلىرى ھويلىغا ئاپتاپ چۇشمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھويلا ئارامنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى سالقىن بولىدۇ. مۇشۇنداق گۈزەل مۇھىتنى  ئىزچىل كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە باشقا ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بەشكېرەملىكلەر ھەر كۇنى سەھەر تۇرۇپ ئاياللار ئۆي ۋە ھويلا-ئارامنىڭ تازلىقىنى قىلسا، ئەرلەر باغ-ۋاراننىڭ ئىشلىرىنى قىلىدۇ.

باغ-ۋاران پەرپا قىلىش بەشكېرەمنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزاق يىللىق باغۋەنچىلىك تارىخىنىڭ نەمۇنىىسىدۇر. بەشكېرەمدە ھەرقاندا بىر ئائىلە يېڭىدىن پەيدا بولغاندا ئالدى بىلەن ھويلىسىغا تال(ئۇزۇم)قويۇپ، باغ ئەھيا قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچىدۇ. ئاندىن تالنىڭ كەينىگە ئانار، ئەنجۈر ياكى ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەرنى قويۇش ئارقىلىق بىر كىچىك مېۋىزارلىق بەرپا قىلىدۇ. بارا-بارا ئۆز ئىلكىدىكى يەرلەرنىڭ  تەبىئىي تۇپراق ئەھۋالى ۋە سۇ شارائىتىغا ئاساسەن بولغۇسى باغ قوشنىلىرىنىڭ باغ قورۇلۇشىغا ماسلاشقان ھالدا(ئانار، ئۈزۈم، ئەنجۈر قاتارلىق قىشتا كۆمۈلىدىغان مېۋىلەرنى ئۆرۇك، شاپتۇل، بىھە ياكى ئالما، ئامۇت قاتارلىق قىشتا كۆمۈلمەيدىغان ئۆرە مېۋىلەر بىلەن كىرىشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا، باغۋەنلەر باغ ئەھيا قىلىشتىن ئىلگىرى بولغۇسى باغ خوشنىلىرى بىلەن قانداق مېۋىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ قويۇشنى ئالدىن مەسلىھەتلىشىدۇ ياكى نىسبەتەن بۇرۇنراق باغ قىلىش قەدىمىنى باسقان قوشنىلار قانداق مېۋە قويغان بولسا، كېيىنرەك باغ قىلماقچى بولغان خوشنا شۇنداق مېۋىلەرنى قويىدۇ ياكى شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ  قويۇشلىرى شەرت. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، مېۋىلەردىن مول-ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ-ئاپتۇر)  ھويلىسىدىكى باغ–ۋاراننى  ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مېۋە تۈرلىرىنى كۆپەيتىدۇ، كۆلەملەشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى 6-ئايدىكى «ئۆرۇك سەيلىسى»دىن باشلىنىپ، ئۆز ئارا ئۇلىنىپ داۋاملىشىدىغان «شاپتۇل  سەيلىسى»، «ئەنجۈر سەيلسى»، «ئانار-ئۈزۈم سەيلىسى» قاتارلىق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە «بەشكېرەم سەيلىسى»گە ئاساس سېلىنىدۇ. چۈنكى «بەشكېرەم سەيلىسى» ماھىيەتتە مېۋە سەيلىسى بولۇپ، مېۋە-چېۋىلەر مەي باغلىغان مەزگىللەردە  باغ- ۋارانلار يىراق–يېقىندىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ سەيلىگاھىغا ئايلىنىدۇ.

*                *                  *

يۇرتتا بىرەر كىشى تۈگەپ كەتسە، ئالدى بىلەن  يېقىن تۇغقانلارغا ۋە يۇرتنىڭ ئىمام–مەزىنلىرى قاتارلق ئاقساقاللارغا خەۋەر قىلنىدۇ. يۇرت ئاقساقاللىرى خەۋەر تاپقان ھامان كېچە-كۈندۈز، ئىسسىق-سوغۇق دېمەستىن ئۆلۈم بولغان ئۆيگە كېلىپ، مۇسىبەتدارلارغا تەسەللى بەرگەندىن كېيىن مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرنى تەييارلايدۇ. بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلار   بىلەن قوشنىلارنىڭ ياردىمىدە يىراق-يىقىندىكى تۇغقانلار ۋە يۇرت جامائەتلىرىگە خەۋەر يەتكۈزۈشىدۇ. مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى پۇتكەندىن كېيىن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇق-تۇغىقان، قولۇم-قوشنىلىرى «ھازا ئاچىدۇ». جامائەتلەر بولسا بىر-بىرلەپ كېلىشىپ، ھازىدارلارغا تەسەللى بېرىپ، مەرھۇمنىڭ مىيىت نامىزىغا قاتنىشدۇ. مىيتنى دەپنە قىلىشقا يىراقتىن كەلگەن جامائەتلەر قايتىپ كەتسىمۇ، ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-خوشنا، ئەھلى مەھەللە دېگۈدەك قاتنىشىدۇ. مىيىتنى مەرھۇمنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرى(ئوغۇللىرى ياكى بىر تۇغقانلىرى)دىن بىرى يەرلىكىگە ئەكىرىدۇ. يەرلىكىگە قويۇپ بولغاندىن كېيىن جامائەت مەرھۇمغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ. مېيىت ئۇزىتىلىپ ئۈچ كۇنگىچە ئۇرۇق-تۇغقانلار، قولۇم-قوشنىلار ۋە مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى يېقىنلىرى مۇسىبەتدار ئائىلىگە يىغىلىپ ئولتۇرۇشىدۇ. ئۆلىمالار قۇرئان تىلاۋەت، ئەمىر-مەرۇپ قىلىشىپ ھازىدارلارغا تەسەللى بېرىدۇ. ئۈچ كۇنگىچە مۇسىبەتلىك ئۆيدە قازان ئېسىلمايدۇ. قولۇم-قوشنىلار ھازىدارلارغا تاماق ئېتىپ ئەكىرىدۇ ياكى ئۆيىگە قىچقىرىۋالىدۇ. مېيىت ئۇزىتىلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە چوڭ تەييارلىق بىلەن «يەتتە نەزىرىسى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقان ھازىدارلارنى ئۇلارنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ۋە مەھەللە جامائەتلىرى «يۆتكەپ» قويۇشىدۇ.(ئەرلەرنى ئەرلەر، ئاياللارنى ئاياللار ئۆزلىرى يۆتكەيدۇ). مەرھۇمنىڭ قېرىنداشلىرى ياكى يېىقىن تۇغقانلىرى 40 كۈنگىچە ماتەم تۇتىدۇ. (بۇ جەرياندا ئۆز ئۆيلىرىگە بېرىپ-كېلىپ تۇرۇشىدۇ). ھەر پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن «ئازنا ئاخشىمى» قىلنىدۇ. ئۇرۇق –تۇغقانلار، مەھەللە جامائەتلىرى كېلىپ قاتنىشىدۇ . ئالتە «ئازنا ئاخشىمى » ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، يەنى مەرھۇم يەرلىكىدە ياتقىنىغا دەل 40 كۈن بولغاندا (بەزى ھاللاردا بىر ئككى كۈن كەم قالسا مەيلى، ئەمما ئېشىپ كەتمەيدۇ). مەرھۇمنىڭ «40نەزىرسى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. چوڭ ھازىدارلارنىڭ «قارسى ئۇشتۇلۇپ›› يۆتكەپ قويۇلىدۇ. 40 كۈن ئېچىدە ھەر جۈمە كۇنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن  ئەرلەر، شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاياللار تۇپراق بېشىغا چىقىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشپ قايتىدۇ. ئەمما قەبىرىستانلىقتا يىغلاش قەتئىي چەكلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا «چۈشىگە كىرىپ قالغان كۈن»لەردە، ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە تۇپراق بېشىغا چىقىپ زىيارەت قىلدۇ، قەبرىگە دان (بۇغداي، قوناق، تېرىق ...) چېچىلدۇ. بىريىلدىن كېيىن «يىل نەزىرسى» قىلنىدۇ.

*            *             *

بەشكېرەم خەلقى گەرچە ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مىللىتىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى تۈرلۈك ئىتقاد ئادەتلىرى ساقلانغان. ئۇنىڭ بىر قەدەر گەۋدىلىكرەكلىرى تۇۋەندىكىچە:

1. «كۆك مۇقەددەسلىكى» ئادىتى ساقلانغان. مەسلەن: «كۆك(ئاسمان)كە قاراپ تۈكۈرسە يامان بولدۇ» دەپ قاراش؛ «كۆك تۇرۇپتۇ»، «ئاي تۇرۇپتۇ» دەپ كۈن بىلەن ئاينى گۇۋاھلىققا تارتىپ قەسەم قىلىش؛ قۇرغاقچىلىق بولغان كۈنلەردە زاراخەتمە قىلىپ كۆكتىن يامغۇر تىلەش ...

2. «سۇنى ئۇلۇغلاش» ئادىتى ساقلانغان. مەسلەن: «سۇنى ئسراپ قىلسا، سۇغا چوڭ -كىچىك تەرەت قىلسا يامان بولدۇ» دەپ قاراش. سۇنى قەدىرلەش توغرىسىدا ئاتا بوۋىلىرىمىز «بەشكېرەمنىڭ سۈينى ئىچىپ ئۆت» دېگەن ماقالنى مىراس قالدۇرۇشقان.

3. «ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاش» ئادىتى ساقلانغان. مەسلەن: يېڭىدىن ياسالغان قورۇ-جاي، ھەددىدىن زىيادە بولۇق ھەم ئوخشىغان مېۋىلەرگە «كۆز تەگمىسۇن» دەپ ئادىراسمان ئېسپ قويۇش؛ سودا ئشلىرىنىڭ روناق تېپىشنى تىلەپ ئارچا ياغىچى، ئالما قېقى ياكى ئادراسمان قاتارلىقلاردا ئىسرىق سېىلىش ...

4. «ئوتنى ئۇلۇغلاش » ئادىتى ساقلانغان .مەسلەن: «ئوتقا تۈكۈرسە، كۈلگە تەرەت قىلسا يامان بولىدۇ›› دەپ قاراش؛ شۇنڭدەك ئايەم كېچىسى قاپاق كۆيدۈرۈپ «ۋەششەمسى» توۋلاش؛ ئاغرىق-سىلاقلارغا ئاتاپ «ئوت كۆچۈرۈش»، «ئوتلاپ قېىقىش»، «نوكچا قويۇش» ۋە مېيت جان ئۈزگەن ئۆيگە «چىراغ يېقىش››....

5. «تۇتېم مەدەنىيىتى»نىڭ تەسىرى ساقلانغان .مەسلەن: «بۆرە ھوشۇقىنى ئېسۋالغان ئادەمنى قارا باسمايدۇ» دەپ قاراش؛ تۇغۇتلۇق ئايالدىن «بالىڭىز بۆرىمۇ ياكى تۈلكىمۇ؟»(ئوغۇلمۇ ياكى قىزمۇ؟) دەپ سوراش؛ «بۆرە ھوشۇقىنى ساقلىغان ئادەم ئامەتلىك بولىدۇ» دەپ قاراش؛ ھەتتا «بۆرە ھوشۇقىدا قىمار ئوينىغان ئادەم ئۇتۇۋالىدۇ» دەپ قاراش؛ «يەرنى يوغان بىر ئۆكۈز مۈڭگۈزى بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرارمىش، بىر مۈڭگۈزى تېلىپ كېتىپ، يەنە بىر مۈڭگۈزىگە ئالغۇچە بولغان ئارلىقتا يەر تەۋرەپ كېتەرمىش...» دەپ قاراش ۋە «يىلان مۈڭگۈزى تېپۋالغان كىشى مەرتىۋىلىك(پادىشاھ) بولىدۇ» دەپ قاراش ...

6. «تۇپراقنى ئۇلۇغلاش» ئادىتى ساقلانغان. مەسلەن: قىلغان سۆزىدىن يېنىۋالماسلىقى ئۈچۈن تۇپراقنى گۇۋاھلىققا تارتىش، يەنى قوللىرىنى يەرگە سۇۋاپ ئاندىن قول بېرىشش؛ خىجالەتچىلىك ئىچىدە قالغاندا «مەن ئۇ ياكى بۇ ئىشنى قىلسام (قىلمىسام) مېنى يەر يۇتسۇن» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئەھدۇ –پەيمان قىلىش ...

7. «تۇز بىلەن ناننى ئۇلۇغلاش» ئادىتى ساقلانغان. مەسىلەن: نىكاھ فاتىھەسى ئوقۇلغاندا كۆڭۇل رىشتىلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك چېگىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، بىر بۇردا ناننى تۇزغا مىلەپ، ئاندىن ئىككىگە بۆلۈپ نىكاھلانغۇچىلارغا يېگۈزۈش؛ «تۇز تۇرۇپتۇ»، «نان تۇرۇپتۇ» دەپ نان بىلەن تۇزنى گۇۋاھلىققا تارتىش ...

8. «تاق ساننى ئۇلۇغلاش» ئادىتى ساقلانغان. مەسلەن: مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بەرگەندە ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇش؛ ئۆي ياپقاندا سالغان ياغاچلىرى سانى تاق بولۇش (5 ،7، 9، 11 ...)؛ بوۋاقنىڭ «قىرىقىنى چىقرىش» ئۈچۈن تەييارلىغان «قىرىق سۈيى»گە  سېلىنغان نەرسىلەرنىڭ سانى تاق بولۇش ...

9. «قىرىق مۇقەددەسلىك» ئادىتى ساقلانغان. مەسلەن: پەرزەنت تۇغۇلۇپ، قىرقىنچى كۈنى «قىرىق سۈيى» قۇيۇپ، «قىرىقىنى چىقىرىش»؛ تويدا «قىز يۆتكەش»كە كەلگەندە قىزنىڭ ئانىسى «قىرىق يەڭگە›› ئەۋەتىش؛ ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرى ئۈچۇن «قىرىق كۈن ماتەم تۇتۇش» ۋە قىرىق كۈندىن كېيىن مەرھۇمنىڭ «قىرىق نەزىرىسى»نى قىلىش ...

ئىزاھاتلار:

[1] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۇك» 73-بەت. مللەتلەر نەشىرىياتى 1986-يىل نەشىرى.

[2] «مۇھەممەد سالىھ: «ئەرەپچە ئۇيغۇرچە قىسقىچە لوغەت » 311-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1992-يىل نەشىرى.

[3] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۇك» 489-بەت. مللەتلەر نەشىرياتى 1986-يىل نەشىرى.

[4] «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» 351 –بەت. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشىرياتى 1989-يىل نەشىرى.

[5] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك» 74-بەت. مىللەتلەر نەشىرىياتى 1986-يىل نەشىرى.

[6] سۇلتان مامۇت: «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر» 49-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1999-يىل نەشىرى.

[7] «كوناشەھەر ناھىيسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرسى» 277-بەت.

[8]  سۇلتان مامۇت: «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر» 50-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1999-يىل نەشىرى.

[9] مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم 420-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1981-يىل نەشىرى.

[10] يۇقىرىقى ئەسەر، 3-توم 172-بەت.

[11] ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى›› 338-بەت.   شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشىرياتى 1989-يىل نەشىرى.

[12] شاھ مەھمۇد جوراس: ‹‹سەئىيدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار›› 42-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىل نەشرى.

[13] موللا مىرسالىھ قەشقەرى: ‹‹چىڭگىزنامە›› 112-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرى.

[14] مۇھەممەد سىدىق زەلىلى: ‹‹دىۋان زەلىلى›› 599-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1985-يىل نەشرى.

[15] ئابدۇرېھىم نىزارى: ‹‹نىزارى داستانلىرى›› 75-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1985-يىل نەشرى.

[16] مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق: ‹‹خانئۆي ـــ قەدىمكى قەشقەرنىڭ مەركىزى››، ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى›› 2002-يىل 5-سان.

[17] مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق: ‹‹چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى مەدەنىيەت ئىزلىرى››، ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى›› 2003-يىل 4-سان.

[18] ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى›› 1010-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىل نەشرى.

[19] ‹‹قورىغار رايونىنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى›› 39-جلد.

[20] ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى›› 1010-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىل نەشرى.

[21] غەيرەتجان ئوسمان: ‹‹يۇرت شەجەرىسى ــ يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ بىنا بولۇشى››، ‹‹كوناشەھەر تارىخ ماتېرىياللىرى››دا ئېلان قىلىنغان.

[22] ئىبىراھىم نىياز: ‹‹تارىختىن قىسقىچە بايانلار›› بەت.

[23] ‹‹قەشقەر شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى››

[24] ئا. ن كورۇپاتكىن: ‹‹قەشقەرىيە›› -بەت.

[25] ‹‹قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى››گە قاراڭ.

[26] ‹‹ھۇدۇدۇلئالەم›› 95-، 96-بەت. لوندون 1970-يىلى ئېنگىلىزچە نەشرى. ۋېي لياڭتاۋ: ‹‹قاراخانىلار تارىخىدىن بايان›› ناملىق كىتابنىڭ 68-بېتىدە كەلتۈرۈلگەن نەقىل.

[27] ئۇيغۇر تىلىدا بەزى بىر بوغۇملۇق ياكى كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردىكى بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن ‹‹ر›› تاۋۇشىنىڭ تەلەپپۇز جەريانىدا چۈشۈپ قېلىشى نورمال ھادىسە. مەسىلەن: ئانارلىق ــ ئانا:لىق، ئوغۇرلۇق ـــ ئوغۇ:لۇق، قارلۇق ـــ قا:لۇق..... دېگەنلەرگە ئوخشاش ـــ ئاپتور.

[28] شەرىپىدىن ئۆمەر: ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار›› 300-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىل نەشرى.

[29] مەھمۇد قەشقەرى: ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› 3-توم، 30 بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984-يىل نەشرى.

[30] ئابدۇكېرىم راھمان، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، شېرىپ خۇشتار: ‹‹ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى›› . شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1996-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.

 

«چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى» ناملىق كىتابتىن

 

ئاپتۇر : قەشقەر شەھەرلىىك بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتىن

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

 

تېما تەستىقلىغۇچى : sebir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-22, 14:53
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-01-22 12:53 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1817
شۆھرەت: 9991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10053 سوم
تۆھپە: 5879 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5889 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2573(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ قاملاشماپتۇ ، سىزنىڭ تىمىڭىز كاتتا تىمىدەك تۇردۇ ، بۇنداق ياخشى  مەزمۇنلارنى تاقاپ  قويۇشمۇ  باغداش دىمىكراتىيەسىگە توغرا كەلمەيدىغان ئشىتۇر
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-22 17:10 |
bahdaxohli

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1175
شۆھرەت: 6343 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6397 سوم
تۆھپە: 3751 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3795 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 453(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى tohoturدە2012-01-22 17:10يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ قاملاشماپتۇ ، سىزنىڭ تىمىڭىز كاتتا تىمىدەك تۇردۇ ، بۇنداق ياخشى  مەزمۇنلارنى تاقاپ  قويۇشمۇ  باغداش دىمىكراتىيەسىگە توغرا كەلمەيدىغان ئشىتۇر

توغۇتۇركا بۇ ئەزا چەكلىنىپتۇ ، تېمىنى تاقاپ قويمىدى ، چەكلەش ۋاقتى توشسىلا كۈرەلەيسىز ،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-22 18:56 |
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 417
شۆھرەت: 2259 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2287 سوم
تۆھپە: 1332 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1354 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تېما تاقىلىپ يەنە ئېچىلىپتۇ...زادى نېمە بولدى ...چۈشەنچە بېرىشىسىلە...
saltanat
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-29 14:55 |
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 417
شۆھرەت: 2259 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2287 سوم
تۆھپە: 1332 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1354 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى tohoturدە2012-01-22 17:10يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ قاملاشماپتۇ ، سىزنىڭ تىمىڭىز كاتتا تىمىدەك تۇردۇ ، بۇنداق ياخشى  مەزمۇنلارنى تاقاپ  قويۇشمۇ  باغداش دىمىكراتىيەسىگە توغرا كەلمەيدىغان ئشىتۇر
 
...مەنچە ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار ماقالە  ..."بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى"دىكى ۋەقەلەر مۇشۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان يۇرتتا يۇز بەرگەن ئىدى، ...بەشكېرەمدە مەن بىلىدىغان مەرەپەتۋەر ،بىڭسى بار ئەدەبىيات،بىئولوگىيە،ماتىماتىكا پەنلىرى ئوقۇتقۇچىللىرى خېلى بار.لېكىن قىسمەن ناچار رەھبەرلەر ۋە ھوقۇق قۇلى ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپنى قالايمىغان قىلىۋەتتى...
[ بۇ يازمىنىpolat315دە2012-02-26 23:21قايتا تەھرىرل ]
simfoniya
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-29 23:00 |
mirap
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4419
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 116 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 118 سوم
تۆھپە: 70 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 72 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 75(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن  
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-31 18:28 |
ئاۋرال
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5709
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزپسېز ئانا ماكانىمزدە
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-03 02:22 |
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 417
شۆھرەت: 2259 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2287 سوم
تۆھپە: 1332 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1354 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى ئاۋرالدە2012-02-03 02:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ياخشى يېزپسېز ئانا ماكانىمزدە

مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ماقالىسى،خېلى تەپسىلى ،ئىپاتلىرى تۇلۇق،ئەتىراپلىق يېزىلغان ...شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى مۇشۇنچىلىك راستچىللىق بىلەن يېزىلغان بولسىچۇ كاشكى....
saltanat
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-03 13:37 |
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 417
شۆھرەت: 2259 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2287 سوم
تۆھپە: 1332 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1354 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەشكېرەم ....چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى ئانا ماكان.
ozgul munbar
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-26 23:23 |
zardar0991
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6426
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن....
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-24 15:43 |
tegin
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4453
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاتاغلىق شائىرەۋە موھتىرەم شائىرلارنى بىلىم ئاشىغى يېڭى بىر ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەشتەزور كۈچ چىقارغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر بىلىم سۆيەر يۇرتۇم بەشكىرەم مائارىپى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان قەدىردان ئۇستازىم مەرھۇم   تۇراق ناسىر  قاتارلىق بىر ئەۋلات پىشقەدەملىرىمىزنى مەڭگۈ ئەسلەش ۋەسېغىنىش بىلەن بىرگە مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇقمۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن .



بىلەن
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-30 23:43 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى