saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1578 قېتىم كۆرۈلدى
mamatabdulla
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5546
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىككى قېتىملىق دۇنيا كىرزىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بۇلغان تەسىرى


ئىككى قېتىملىق دۇنياۋى كىرزىسنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بۇلغان تەسىرى

مەمەتئابدۇللا غۇجابدۇللا

1 - زامانىمىزدىكى خەلقئارالىق نۇتۇقلارنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىگەبۇلغان تەسىرى


2008 – يىلى سىنتەبردە تولۇق3-يىللىقتىكى ئۇقۇغۇچىلارمەندىن: بۇ يىل پاختاباھاسى داۋاملىق ئۈسەمدۇ ياكى چۈشەمدۇ؟ - دەپ سۇرىدى. مەن ئامېرىكا بىلەن ئىرانرەھبەرلىرى بۇش بىلەن ئەھمەدى نىجاتنىڭ گەپ -سۆزلىرىگە باغلىق دىدىم.

-مۇئەللىم نىمە ئۈچۈن شۇنداق بۇلىدۇ؟نىمىشقا ئۇلارنىڭ سۆزى تارىم ۋادىسىدىكىئۇيغۇلارنىڭ پاختا كىرىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ؟كۇنكىرتنى سۆزلەپ بەرگەنبۇلسىلا،- دىدى.

مەن 2-يىللىقتا ساۋاقداشلارغا دۇنيا ئىقتسادىنىڭ ئاساسى يۈزلىنىشىنى سۆزلىگەنيەنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىيلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ رايۇنلىشىشى... . دىمەك نىفىتباھاسى ئۆسكەندە نىلۇن رەخت باھاسى ئۈسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاختا رەختكە بۇلغانئىھتىياج ئېشىپ ،پاختا رەخت باھاسى ئۈسۈپ پاختىغا بۇلغان ئىھتىياج تىزئاشىدۇ.ئەكسىچە بۇلغاندا،پاختا رەخت باھاسى چۇشىدۇ ھازىرچە رايۇنىمىزدا پاختاباھاسى چۇشىدۇ،ئەھمەدى نىجات<<ئىسرائىلىيىنى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈش كىرەك>>دىگەن گىپىگە قارىتا بوشنىڭ سۆزلىرى ... ئامرىكا بىلەن ئىران مۇناسىۋىتىنىجىددىيلەشتۈرۈپلا قالماي ،خەلقئارا ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈردى.شۇڭا دۇنيادا نىفىتباھاسى تىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ،ئەمما خەلقئارا ئاتۇم ئىنىرگىيىسى ئاپپاراتىدىكىرەھبەرلەرنىڭ ماسلاشتۇرىشى ھەم ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىقيامانلىشىپ كىتىشىنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىشىدىن، خەلققەئاپەت ئېلىپ كىلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىشقا تىرىشقانلىغى ئۈچۈن نىفىتباھاسى چۈشتى.ئەگەر 2008 -يىلى 7-ئايدىكى نىفىت باھاسى بۇيىچە بۇلغان بۇلسا، پاختاباھاسى يۇقىرى بۇلغان بۇلاتتى ئەمما ھازىر مەلۇم نىسبەتتە چۈشىشى مۇمكىن دىگەنئىدىم .

2-دۇنياۋىيلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرزىسنىڭ يەرشارىلىشىشى ۋە ئىككىقېتىملىق دۇنياۋى كىرزىس .

بىز تارىخنى ۋاراقلايدىغان بۇلساق يىڭى دېڭىز يۇلىنىڭ ئېچىلىشىدىن باشلانغانيەرشارىلىشىش دۇلقۇنى ئىنسانىيەت جەمىيىتىنى بىرگەۋدىلىشىشكە قاراپيۈزلەندۈردى.يىڭى دېڭىز يۈلىنى ئاچقۇچىلاردىن بۇلغان ياۋرۇپالىقلار ھەرقايسىقىتئە،ئەل ۋە مىللەت ئارا ئالاقىدە باشلامچى بۇلدى .دۇنياۋى چۈشەنچىسى ئاشتىدۇنياۋى كىڭەيمىچىلىك باشلاندى،غايەت زۇر ماددىۋى بايلىق تۇپلاپ قالماستىن يەنىمۇئىلگىرىلەپ ئۇچۇرغا ئىرىشتى.يىڭىدىن شەكىللەنگەن بۇرزۇئازىيە تىز باش كۈتۈرۈپئىنسانلار ئارىسىدىكى يىڭى بايلار تۇپى رەھبىرى كۈچ بۇلۇپ قالدى.دۇنيانىبىرگەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدىكى ئاساسى تۇغچى (بايراقدار)بۇلدى.ئۇيغۇر دىيارىمىزدەل يىڭى دېڭىز يۇلى ئېچىلغان دۇنياۋىيلىشىش شامىلى كۈتىرىلگەندە قەدىمىقى يىپەكيۇلىنىڭ مەركىزى ،ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى تۈگۈن. يەنى قەدىمقىشەرقتىكى ئۇتتۇرا تۈزلەڭلىك، غەربتىكى ئىران يىراقتىكى يۇنان، جەنۇپتىكى ھىندىۋادىسى ۋە شىمالنىڭ يايلاق مەدەنىيىتى ئۇچرىشىدىغان خاسىيەتلىك ئالتۇن دىيار .

كۆپ خىل مەدەنىيەت ئۇچراشقان،سىڭىشىشكەن،تەسىر كۆرسەتكەن ،مەدەنىيەت قانتۇمۇرلىرى نۇقتىسى يۈرەكتەك ياۋرۇ-ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك تۈگىنى،قەلبىئىدى.قەدىمقى دىيارىمىزھەرخىل مەدەنىيەت تىپلىرىنى ئۈزىگە سىڭدۈرگەن ئۆزگىچەمەدەنىيەت پۇرىقى ئارقىلىق ئاسىيانىڭ قەلبى ھىسابلاشقا تىگىشلىك گۈھەر زىمىن، ھەرخىل كۈچلەرنىڭ تالىشىش نىشانى ئىدى.16-ئەسىردىكى سۇدا،ئىقتىساد يۇلى يەر(قۇرۇقلۇق)نى مەركەز قىلىشتىن، دېڭىز-ئۇكيان(سۇنى)نى مەركەز قىلىشقا باشلىشى بىلەنمەركەزدىن قاچقان ،يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇققا ئايلاندى.خەلقئارامۇناسىۋەتلەردىنياتلىشىش،بىكىنمە،تۇرغۇن،ئىقتىساد ۋەسۇدىنى مەھەللىدىن چىقماي بىجىرىش،زامانىۋىمەدەنىيەتنى پىنھان ھىس قىلىش ۋە بىلىش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقنى ساقلىدى. دۇنيادىكىئۆزگىرىشلەر تەسىرىنى دىيارىمىزغا كىرگۈزەلمەيدىغان، يىگانە،بىكىك ،ئۇنتۇلغان،ئاسىيانىڭ يۈرىكىدە تۇرۇپمۇ ئالەمنىڭ چىتى،مەركەزدىن يىراق بۇلۇڭغا ئايلاندى.

ئۇتتۇرا ئەسىردىكى قاراڭغۇلوق يۇقالغان ، ھەتتا قاراڭغۇلوق سايىسى باشقاجايلاردا ئاللىقاچان قۇغلانغاندا ئۇيغۇر دىيارى كىچىكىپ بۇلسىمۇ يەرشارىلىشىشنىڭتەسىرىگە ئۇچرىدى. ياۋرۇپالىق باشلامچىلار دىيارىمىزغا كىلىشكە باشلىدى.شۇنداقتىمۇدۇنياۋى دۇلقۇنغا كۆپ ئۇچرىمىدۇق. داغدۇغىسى زۇر بۇرزۇئا ئىنقىلابلىرى ،مىللىئازاتلىق كۈرەشلىرى ياكى ئەقىلنىڭ ئاجايىپ پارتلىشى بۇلغان ئىككى قېتىملىق سانائەتئىنقلابىنى كىچىكىپ ئاڭلىدۇق.دۇنيا زۇمىگەرلىك تالىشىشىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىلىنىشىبۇلغان 1-جاھان ئۇرىشى بۇلغان دەۋرىدىمۇ ئارۇن 6كۈنلۈك پادىشاھ راخمان گۇگۇتتەكلەرچىقتى. راخمان گۇگۇتنىڭ تىنى تىتما-تىتما بۇلغاندا ھەر ھالدا پارچە بۇلۇپ كەتكەنتەننى يىغىپ دەپنە قىلدۇق.يەرشارىدىكى كىشىلەر تۇپى بەرىبىر ،يەرشارى ئاتلىقئالەمدە بىر ھارۋا ياكى كېمىگە چىققان سەپەرداشلار بۇلغاچقا مۇقەررەر باغلىنىشئارقىلىق ئالغا ماڭدۇق. دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئامېرىكا ھالىدىن كەتكەن ياۋرۇپانىڭئۇرنىنى ئېلىپ دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ھۇقۇقىنى ئىگەللىدى،نيۇيوركمۇ دۇنيا پۇلمۇئامىلە مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى .ئەمىلى كۈچىگە تايىنىپ ئامرىكا پۇلدىپلۇماتىيىسىنى يۇلغا قۇيدى،گۈللىنىۋاتقان ئىقتىساد مۇددەتكە بۆلۈپ پول تۆلەش ۋەبانكا ئىناۋەتلىك قەرزى(كرېدىتى) ۋاقىتلىق گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈردى. پاي چېكىباھاسىمۇ داۋاملىق ئۆستى. <<1929-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، نيۇيۇركنىڭ ۋال(1)كۇچىسىدىكى پايچىكى بازىرىنىڭ ۋەزىيىتىدە جىددىي بۇرۇلۇش بۇلۇپ ، پايچىكىنىڭباھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى .كىشىلەرنىڭ غالجىرلارچە سېتىشى بىلەن پايچېكىبازىرى ۋەيران بۇلۇپ،ئىقتىسادى كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ئالدى بىلەنبانكىلاركەينى-كەينىدىن تاقالدى... >> مانا بۇ ،تۇلۇق ئۇتتۇرا تارىخدەرسىدىكى 1929 – يىلىدىن 1933 -يىلىغىچە بۇلغان ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ باشلىنىشىھەققىدىكى بايان . ئامېرىكىدا 1850-يىلى قۇرۇلغان ،ھازىر ئامېرىكا ۋە دۇنيادىمۇزۇر تەسىرگە ئىگە چۇڭ بانكا <<لېھمان ئاكا-ئۇكىلار شىركىتى>> 2008-يىلى16-سىنتەبر دەل شۇ نيۇيۇركتىكى ۋال كۇچىسىدا ۋەيران بۇلغانلىغىنى جاكارلىدى.2008-يىلى ،ياز پەسلىدىكى بانكىلارنىڭ ۋەيران بۇلىشى بىلەن قۇشۇلۇپ تىزلىك بىلەندۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى.يەرشارىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىرادىئۇ-تىلىۋىزىيە،گېزىت-ژۇرنال،ئىنتىرنىت تۇرى ھەتتا<< ئېغىز ئاخباراتئارگىنتلىغى>> مۇ يېنىدىكى ئادەملەرگە كىرزىس تۇغرىسىدا بىلىدىغانلىرىنىسۆزلەپ بەردى .ئۆزىگە نىسبەتەن ھەممىدىن خەۋەردار ئەربابلاردىن ،قىزىقىشى بۇيىچەسۇئال سۇراپ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ،زىيان ۋە تەسىرىنى بىلگۈسى كەلدى ھەم ... .

ياپۇنىيە باش ۋەزىرى تارائاسۇ<< بۇ قېتىمقى كىرزىس1929-يىلى كۆرۈلگەنئىقتىسادى كىرزىسقا ئۇخشاشلا ئىنتايىن ئېغىربۇلدى.ئامېرىكىدىن باشقا،ياۋرۇپائىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرمۇ بۇ قېتىمقى كىرزىسنىڭ تالاپىتىگە ئۇچرىدى.ياپۇنىيىمۇھەم شۇنداق. ...>> ،ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى كۇمتىتىنىڭ رەئىسى گېرنىسفاننىڭ سۈزى بۇيىچە ئېيىتقاندا << ئامېرىكا 2008-يىلى دۇچ كەلگەن پۇلمۇئامىلە كىرزىسى 1929-يىلىدىكى چۇڭ خاپپىچىلىقتىنمۇ ئېشىپ كەتتى . 2008-يىلىنىڭبېشىدىن باشلاپ،ئۆي مۈلۇك بازىرى ۋەيرانچىلىققا دۇچار بۇلدى، پۇل مۇئامىلەكەسپىدىكى چۇڭ كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بۇلدى،پايچېكى بازىرى زۇردەرىجىدە پەسكۇيغا چۈشۈپ قالدى ،نېفىت زاكاس باھاسى يازدىكى ھەرباكى 147 ئامېرىكادۇللىرى بۇلۇشتىن بىراقلا 40 ئامېرىكا دۇللىرى بۇلۇشقا چۇشۇپ قالدى ،ئىشسىزلىقۋاباغا ئۇخشاش يامراشقا باشلىدى . ئامېرىكىدىكى بۇ بىر مەيدان كىرزىس دۇنيادىكىباشقا دۆلەت ۋە رايۇنلارغا كۈرىنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى.>> بۇ خەۋەرلەرئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق مىسلىسىز كرىزىسنىڭ ئاپىتىنىڭ دەھشەتلىكتەسىرىنىڭ ۋەھىمىسىنى ھەم ئىنكاسىنى ئىپادىلەيدۇ. يەرشارى پۇل-مۇئامىلىسىنىڭيۈرىكى بۇلغان ۋال كۇچىسىدىن باشلانغان ئىسنى ئاسىيانىڭ كىندىكى تەڭرىتاغ بۇيىداتۇمان پەيدا قىلمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ. زامانىمىز تەكلىماكاندا باشلانغانشامال، سەھرايى كەبردە بۇران، چىلى قۇملۇقىدا قۇيون.سىبىرىيىدە چىققان شامالھىندۇنىزىيىدە قاريامغۇر ،ئاۋستىرالىيىدە سىم-سىم يامغۇر ياغىدىغان دەۋرىدەتۇرىۋاتىمىز. شۇڭا مۇھىت تۈزەشتىمۇ بىر،ئىككى رايۇندا ئەمەس بەلكى ،مۇھىتنىيەرشارى خاراكتىرلىق تۈزەيدىغان ئىكىلۇگىيىلىك سىستىماقارىشىنى تۇرغۇزدۇق.ئەمدىلا پارتلىغانئىقتىسادى كىرزىس، ئامېرىكىدىلا ئەمەس يەرشارى خاراكتىرلىك ئىقتىسادى ئاپەتكەئايلاندى.پىلانىتىمىز ئىقتىسادى ، ئىكىلۇگىيىسىگىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز زىيانسالدى.تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا پەيدا بۇلغان تۇمان بىرقېتىملىق يامغۇر ياغسىلاتۈگەيدىغان بۇلۇت ئەمەس .بىز ئالدى بىلەن ئىككى قېتىملىق ئىقتىسادى كىرزىسنىڭپارتلاش سەۋەبى ،تەسىرى بۇلۇپمۇ جۇڭگۇ ۋە ئۇيغۇر دىيارىمىزغا كەلتۈرىدىغان تەسىرىئايرىم-ئايرىم قانداق بۇلدى ۋە بۇلىدۇ؟ نۆۋەتتە رايۇنىمىزقانداق تەدبىر قۇللىنىشلازىم؟...قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە قارىشىمنى بايان قىلىمەن.

يەرشارىلىشىش ماھىيەتتە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى بۇلوپ بازار ئېچىش ۋەخام-ئەشىيا مەنبەسى ئىگەللەش ئاساسى مەقسەت ئىدى. سىياسىدا مۇستەملىكىچىلىك ۋەجاھانگىرلىك شەكلىدە ئىپادىلەندى .سىياسىنىڭ جىددى ۋە كەسكىن ئىپادىلىنىشى بۇلغانخەلقئارالىق ئۇرۇش ھەم تەڭسىز شەرتنامىلەر نامىدىكى رەڭلەردە بىزەلدى.يەرشارىلىشىش تىگى - تەكتىدىن ئالغاندا ئەڭ ئاساسلىغى ئىقتىسادى بۇشلۇققا ئىگەبۇلۇش ۋە ئىزدەشتۇر. ئىقتىسادى بۇشلوق ئىزدەش ،پەن- تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشى ۋەجەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى،ئىنسانىيەتنىڭ ھەمكارلىغىنى قۇيۇقلاشتۇردى.

يەرشارىلىشىشنى ئامەت بىلەن ئاپەتنىڭ بىرلىگى دىسەكمۇ بۇلىدۇ.

يەرشارىلىشىش دۇلقىنىنىڭ پايدىلىق تەرىپىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭغا يۇشۇرۇنغانزىددىيەتلەر كىلىشتۈرگىلى بۇلمايدىغان دەرىجىگە يەتتى ،ئۇرۇش ئىقتىسادنى ۋەيرانقىلغىنى بىلەن يىڭى ئىقتىسادى بۇشلىقنى تەبئىي شەكىللەندۈردى.ئەمما ئۇرۇش ئارقىلىقئىقتىسادى بۇشلوق يارىتىش يۇلى ياخشى يول ئەمەس، ئىقتىساد بۇشلىغى ئىلمى ئارقىلىقئىقتىسادى قۇرۇلۇش ئارقىلىق ئىقتىساد تەرەققىيات (بوشلۇق يولى)ئۇسۇلىنى تېپىشىمىزكىرەك.

1 -جاھان ئۇرۇشى ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ ھالىنى كەتكۈزىۋىتىپ<< قۇياشئۇلتۇرماس ئىمپىرىيە>>دەپ ئاتالغان ئەنگلىيىنى ئاجىزلىتىپ بۇشىرنىقىرانلىقىدىن كەتكۈزىۋەتتى .ۋاشىنگتۇن يىغىنى ئارقىلىق ئامېرىكا ،ئەركەك شىرنى ئەمدىئامېرىكىدىن ئىبارەت بۈركۈتكە يۇل قۇيۇشقا مەجبۇرلاشقا باشلىدى .دېڭىز شىرىسىلكىنسە سۇ شارى دۇلقۇنلاشتىن شىربىلەن بۈركۈت ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇرىغان ھەم بىرلىكتەدەۋران سۈرىدىغان دەۋر يىتىپ كىلىشكە باشلىدى.بىز بۇنى <<ۋىرسال-ۋاشىنگتۇنسىستىمىسى >> دەپ ئاتىدۇق. قانات قۇيرىقى يىتىلىۋاتقان بۈركۈتمۇ، شىربىلەنتۇتىشماي يەرشارىنى <<بۈركۈت سايىسى>>غا ئېلىش ئۈچۈن يۈرەك (ئىقتىساد)نى كۈچەيتىشكە تىرىشتى .دىققىتىنى ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاراتتى .بۇ ۋاقىتتاھەقىقەتەنمۇ ئامېرىكا ئىقتىسادى تىزيۈكسەلدى، بىراق ئۇنىڭغا ئېغىر كىرزىسيۇشۇرۇنغان ئىدى.

كىرزىسنىڭ پارتلاش سەۋەبى ۋە جەريانى تۇغرىسىدا : بىرىنچىدىن ئىككى قېتىملىقئىقتىسادى كىرزىسنىڭ پارتلاشتىكى تۈپ سەۋەبى ئۇخشاش يەنى كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭئاساسى زىددىيىتى بۇلغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىغا خۇسۇسىيلارئىگىدارچىلىق قىلىشبىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى ئۇتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتۇر.ئىككىنچىدىنيەرشارى بۇيىچە پارتلىغان ئىككى قېتىملىق كىرزىس پۇل –مۇئامىلە ساھەسىدىنباشلانغان ئۇت پىلتىسى تۇتاشقان ئۇرۇنمۇ ئۇخشاش ۋال كۇچىسى .

ئىككى قېتىملىق ئىقتىسادى كىرزىسنى مېنىڭچە ئىقتىساد بۇشلىغى نەزىرىيىسى يەنىۋاكىئۇم ئىقتىساد ئىلمى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ياخشى دەپ قارايمەن. ئۇنداقتائىقتىساد بۇشلىغى نەزىرىيىسى دىگەن نىمە؟

ئىقتىساد بۇشلىغى نەزىرىيىسى دىگىنىمىز : ئىقتىسادنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىكىڭىيىشى،تەرەققى قىلىپ گۈللىنىشى ۋە تۇرغۇنلۇق ،چېكىنىش ھەمدە باشقا شەكىلدەتەرەققى قىلىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمدۇر.

ئىقتىساد بۇشلىغى ئىلمىنىڭ ئاساسى تۈرلىرى ئاساسى ئىقتىساد شۇناسلىق ، ئۇچۇربۇشلىقى ئىقتىساد شۇناسلىغى، مەدەنىيەت كېڭىيىش ئىقتىساد شۇناسلىقى ،كىرزىسبۇشلۇقى ئىقتىساد شۇناسلىغى قاتارلىق تۈرلىرى بار .ئىقتىساد بۇشلىقى ئىلمىغا ئاددىمىسال كەلتۈرسەك : يەرشارىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىن ئاتمۇسفىرانىڭ يۇقىرىقاتلىمىغىچە،ئىنسان مەنىۋى بۇشلىغىدىن تاكى ئالەم بۇشلىغىدىكى ئىقتىسادتەرەققىياتىغا پايدىلىق بۇشلىقلارنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئىككى قېتىملىقئىقتىسادى كىرزىسنىڭ پارتلاش سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ يەرشارىمىقياسىدىكى ئىقتىسادىنىڭ كېڭىيىش(گۈللىنىش) ئەھۋالىنى ئاساسى ئىقتىساد شۇناسلىقبىلەن چۈشەندۇرگىلى بۇلسىمۇ ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇق ۋە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن كىرزىسنى ئىقتىسادىئۇچۇر بۇلۇپمۇ مەدەنىيەت كېڭىيىش ئىقتىساد شۇناسلىقى ،كىرزىس بۇشلۇقى ئىقتىسادشۇناسلىغى قاتارلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ چۈشەندۇرۇش مۇمكىن.ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكائىقتىسادى گۈللىنىش بۇشلىغىنى ئامېرىكا،ياۋرۇپا،لاتىن ئامېرىكىسى،يىراقشەرق،كانادا،ئۇتتۇرا شەرق،جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئۇكىئانىيە ، ئۇتتۇرا ۋە جەنۇبىئافرىقائەللىرى، سۇۋىت ئىتتىپاقى قاتارلىق 9 بۇشلۇققا ئايرىپ مۇھاكىمە قىلىپكۆرسەك بۇلىدۇ(1-بۇشلۇق ئامېرىكىنىڭ ئۈزى).1-دۇنيا ئۇرۇشى ئالدى بىلەن ئۈزىنىڭبازىرىنى رىقابەتسىز ئىگەللەشكە شارائىت ياراتتى. ياۋرۇپادىكى ئاساسلىق سانائىتىتەرەققى قىلغان ئەللەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ ياۋرۇپادىكى ئىقتىسادى تەسىرىنىئاشۇردى. بۇلۇپمۇ گىرمانىيىدىكى تەسىرى ئاشتى ،ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن قەرزىنىقايتۇرىۋىلىش بىلەن بىرگە تاۋاركىرگۈزدى .پۈتكۈل ياۋرۇپا بازارلىرىنى قىسقامەزگىللىك ئىگەللىدى ياكى تەسىرى كېڭەيدى.يىراق شەرقتىن باشقا رايۇنلاردا ئامرىكاكۈچلۈك رىقابەتچىگە ئۇچرىماي تىزلىك بىلەن كېڭەيدى.يىراق شەرقتە ئۇرۇشنىڭ تەسىرىكۈچلۈك بۇلمىدى .تىز باش كۈتۈرگەن ياپۇنىيە بىلەن جۇڭگۇ قاتارلىق رايۇنلارنىڭبازىرىنى تالاشتى .شۇنداقتىمۇ ياۋرۇپانىڭ تەسىرى ئاجىزلاشقان شارائىتتا بازارنىكىڭەيىتتى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تەرەققى قىلىشقاباشلىغان لاتىن ئامېرىكىسى،يىراق شەرق،كانادا،ئۇتتۇرا شەرق،جەنۇبى ئاسىيا ۋەئۇكىئانىيە ، ئۇتتۇرا ۋە جەنۇبى ئافرىقا ئەللىرىدىكى مىللى كاپىتالىزىمى 1-جاھانئۇرۇشى ۋە ئۇرۇشتىن كىيىن قىسقا مەزگىللىك گۈللىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى . ئۇلارئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشەلمەيىتتى ،ئامېرىكا ياخشى خەلقئارالىق بازارغا ئىرىشتى.سوۋىت رۇسىيىسى يۇلغا قۇيغان يىڭى ئىقتىسادى سىياسەت(دىڭ شياۋ فىڭ يۇلغا قۇيغانئىسلاھاتقا بىرئاز ئۇخشاپ كىتىدۇ.ھەتتا جۇڭگۇ رۇسلارنىڭ سۇتسىيالىزم قۇرۇش بۇخىلچارىسىدىن ئۆرنەك ئالغان) خەلق ئىگىلىكىدە كاپىتالىزم ئامىللىرىنىڭ مەۋجۇتبۇلىشىنى مەلۇم دەرىجىدە يۇلغا قويۇپ سوۋىت ئىتتىپاقى ئىگىلىكى تەرەققى قىلىپلاقالماستىن ئامرىكىنىڭ تەسىرىمۇ كېڭەيگەن ئىدى. (ئەلۋەتتە ئىنتايىن كىچىك ئىقتىسادىبۇشلوق) ياۋرۇپادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر سوۋىت ھۆكۈمىتىگە دۈشمەنلىك بىلەنقارىدى.شۇڭا ئامېرىكىنى بازار بۇشلىغى بىلەن تەمىنلىدى،يۇقارقى خەلقئارالىقئامىللار قۇشۇلوپ ئامېرىكىنى پايدىلىق خەلقئارالىق گۈللىنىش بۇشلىغى بىلەنتەمىنلىدى. بۇ ئامېرىكىدىكى مەشھۇر <<كۇلىج گۈللىنىشى>>(2) نى شەكىللەندۇردى.سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى بۇلوپمۇ سىتالىن تەختكە چىقىپكۇللىكتىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بىرىپ يىڭى ئىقتىسادى سىياسەت ئەمەلدىن قالدى.ئامېرىكا كىچىك بۇلسىمۇ بىر بازاردىن (9-بازىرىدىن)ئايرىلىپ قالدى.

ئالدى بىلەن ياۋرۇپانىڭ ئىگىلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىش بىلەن بۇ غايەت زۇربازاردىن ئايرىلىپ قالدى ياكى تارايدى. دىمەك ،بازار بۇشلىغى ئىلمى بۇيىچەتۇرغۇنلۇق ياۋرۇپا بازىرىدا باشلاندى .

ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى كانادا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە زىمىنى ،ياخشى بازىرىبۇلسا، جەنۇبىدىكى لاتىن ئامرىكىسى ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ تاۋاربازىرى ئىدى.1-جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيە ئۇرۇش بىلەن بۇلۇپ كىتىپ بۇرايۇننىڭ مىللى كاپىتالىزىمى مەلۇم تەرەققىياتقا ئىرىشتى. بۇ ئامىرىكىنىڭ بۇرايۇندىكى بازىرىنى ئېچىشقا پايدىلىق بۇلغاندەك قىلسىمۇ ئەمىلىيەتتە چەكلىدى .مىكسىكابۇرزۇئا ئىنقىلابى ئارقىلىق ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇش يۇلىغا مېڭىپ ئامېرىكىنىچەكلەشتە ئەڭ گەۋدىلىك بۇلدى.ئامېرىكا بۇ رايۇندا باش كۈتۈرگەن مىللىبۇرزۇئازىينىڭ چەكلىشىگە ئۇچراش بىلەن ئۇرۇشتىن كىيىن كۇنا بازىرىنى ئىگەللەشكەئالدىرىغان ياۋرۇپا ئەللىرى بىلەن بازار تالاشتى، بازىرى تارىيىپ قۇشنابازارلىرىدا تۇرغۇنلوق باشلاندى.دىمەك بازار كېڭىيىشىدىكى 2-،3-بۇشلوق كىچىكلىدى .

يىراق شەرق رايۇنى (بۇماقالىدە ئاساسەن شەرقى ئاسىيا ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيارايۇنى كۆرسىتىدۇ.)دا ئامېرىكا فىللىفىننى (3)بازا قىلىپ ئىقتىسادى تەسىرىنىكېڭەيىتكەن .بۇ رايۇندا ياپۇنىيە بىلەن بازار تالاشقاندىن باشقا يىڭىدىن باشكۈتۈرگەن مىللى بۇرزۇئازىيە بىلەنمۇ دۇقۇرۇشۇپ قالدى. يەنى جۇڭگۇ ۋە شەرقى جەنۇبىئاسىيا بۇرزۇئازىيىسى مەلۇم بازار ئىگەللىدى.بىراق ئەڭ يامان بۇلغىنى 1-جاھان ئۇرۇشىئاخىرلاشقاندىن كىيىن يۇپۇرلوپ كەلگەن ،ياۋرۇپا بىلەن بازار تالاشتى شۇنىڭ بىلەنبۇ رايۇندىكى سۇدىسى تار كۇچىغا كىرىپ قالدى.گۈللىنىشتىكى 4-بۇشلۇق كىچىكلىدى.

ئۇتتۇرا شەرق،جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئۇكىئانىيە ، ئۇتتۇرا ۋە جەنۇبى ئافرىقائەللىرىدىكى بۇلۇپمۇ ئاۋستىرالىيە،ھىندىستان،تۈركىيە،مىسىر،يىڭى زىللاندىيە،جەنۇبى ئاقرىقا ۋە ئىرانلاردىكى مىللى بۇرزۇئازىينىڭ باش كۈتىرىشى ،مىللىئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ئامېرىكىنى مەلۇم چەكلىدى .بىراق بۇ، رايۇنلار ئاساسەنياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىسى بۇلغاچقا، ئۇرۇشتىن كىيىنئۇلارنىڭ بازار ئىگەللىشى بىلەن ئامېرىكا ئۇ جايلاردىكى بازارلىرىدىن زۇر دەرىجىدەئايرىلدى.

ئامېرىكا1-جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ بەش ،ئالتە يىل يۇقارقى9چۇڭ بازارداكۈچلۈك رىقابەتكە ئۇچۇرمىدى.بىراق ئامېرىكا غايەت زۇر بازارغا ئىرىشىپ ئىقتىسادئىزچىل ئاشتى. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بازىرى (1-بازىرى) بۇلغان ئامېرىكا قۇشماشىتاتلىرىدا پاي بازىرى ئاجايىپ جاللاندى.تازا گۈللىنىۋاتقان ئىقتىساد يەنەئىككى،ئۈچ يىل گۈللىنىش دەۋرىدىكى تۇرغۇنلىقنى باشلىدى . ھەتتا ياۋرۇپا تاۋارلىرىمۇئامېرىكا بازارلىرىغا زۇر كۈلەمدە كىردى.ئامېرىكىلىقلارمۇ ئۇخشىمىغان ئەللەرتاۋارلىرىنى ئېلىش ئىستىكىدە چەتئەل تاۋارلىرىنى قىزىقىش شەكلىدە ئالدى.تۇرغۇنلۇقنىڭ داۋاملىشىشى چىكىنىشنى كەلتۈردى.كاپىتالىسىتلار پايدا ئالدى،ئىشچىلارنىڭ كىرىمى ماس قەدەمدە ئۆسمىدى،نۇرمال ئىقتىسادى ئايلىنىش بۇلمىدى.بۇنىبىز كىرزىسنىڭ تۈپ سەۋەبى دەيمىز.

مەدەنىيەت كېڭىيىش ئىقتىساد شۇناسلىقى يەنى ئىقتىسادنىڭ كېڭىيىش ۋە تارىيىشجەھەتتىكى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم .بۇ ئىلىم نۇقتىسىدىنتەھلىل قىلغاندا مەلوم ئىقتىساد گەۋدىنىڭ تاۋارلىرى كۈپەيدى دىگەنلىك شۇخىلمەدەنىيەتنىڭ كېڭىيىشىدىن دىرەك بىرىدۇ.ئەكسىچە يەنە بىرخىل ئىقتىسادى گەۋدىنىڭتەسىرى تارىيىدۇ.ئەركىن مال ئېلىشتىمۇ مەلۇم مەدەنىيەت ئامىلى يوشۇرۇنغانبۇلىدۇ.ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پايدىلىق ئىدىيىۋى ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

(1) يىڭىلىققا ئىنتىلىش ئامىلى .ياۋرۇپا ماللىرىغا كۈنۈپ كەتكەن يەرشارىئەھلى ،1-جاھان ئۇرۇشىدا ھالىدىن كەتكەن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ماللىرىنىئېلىشتىن،يەنى<< كۇنا>> مالنى ئېلىشتىن، يىڭىدىن باش كۈتۈرگەنئامېرىكا ماللىرىنى ئېلىشقا ئىنتىلدى.بۇ<<كۇلىج گۈللىنىشى>>نىڭمەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بىرى ئىدى.

(2) نارازى بۇلۇش ئامىلى.ياۋرۇپا ماللىرىنى ئالدىن تاللاپ ئالمىدى ،چۈنكىياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ تاجاۋۇزى نۇرغۇن ئەل خەلقىنىڭ قەلبىدە مەلۇم ئۆچمەنلىكقۇزغىغان .

(3) ئەڭ كۈچلۈككە زەربە بىرىش ئامىلى.دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرئەنگلىيە،فرانسىيىلەرنىڭ ماللىرى ئالماسلىق ياكى ئاز ئېلىش ئارقىلىق ،نۇرغۇنكىشىلەر ئۇ،دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەپ ، ئولارنىڭ ئاجىزلىشىشىنىئارزۇ قىلدى.

(4)ئۇدۇل كەلگەننى سېتىۋېلىش ئامىلى. بىرقىسىملار ئەنئەنە جەھەتتىن ياۋرۇپاماللىرىنى ئېلىپ كۆنگەن بۇلسىمۇ،ياۋرۇپا ئەللىرى ئۇرۇش بىلەن بۇلۇپ كىتىپ تاۋارچىقىرىشنى بۇشاشتۇرۇپ قۇيدى.ئولارنىڭ تاۋارلىرى بازاردا ئازايدى.ئەكىسىچە ئامېرىكاتاۋارلىرى شىددەت بىلەن بازارغا كىرىپ ،مالنى ئانچە تاللاپ ئۇلتۇرمايىدىغان ياكىغاچچىدە ئېلىپ بازار ئارىلاپ يۈرۈشنى خالىمايدىغان كىشىلەر بار .بۇ، دەل بۇخىلدىكى مال سېتىۋىلىش رۇھىيىتىدىكى كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىشىغا پايدىلىق بولدى.

مەدەنىيەت كېڭىيىش ئىقتىساد شۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئامېرىكاماللىرىنىڭ بازاردا تۇرغۇنلۇق ھالىتىگە چۈشۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى

(1) يۇقارقى 1-،4-ئامىلىدىكى سەۋەبلەرنىڭ ئامېرىكىدا تەكرارلىنىشى .چۈنكى1-جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا باشلىغان،دۆلەتلەرئامېرىكىغا مال كىرگۈزگىلى تۇردى. ئامېرىكىلىقلار مال سېتىۋالغاندا ئۈزىنىڭماللىرىنى ئەمەس چەتئەل ماللىرىنى <<يىڭى >>،<<يىڭىلىق >>دەپ قاراپ سېتىۋالدى .ئامېرىكا ماللىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئامېرىكىدا ئىنتايىن تۈۋەننىسبەتتە بازىرى تارايغان بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقا ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ قايتىدىنبازىرىنى كېڭەيتىشى مۇھىم سەۋەب بۇلدى.

(2) ئۆزلىرىنىڭكىنى ئالدىن تاللاش ئامىلى.يەنى يىڭىلىققا ئىنتىلىش ھەمپايدىنىڭ قىززىقتۇرىشى بۇلۇپمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم مىللەتچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭتەسىرى بىلەن ھەرقايسى ئەللەردە مىللى سانائەت تىزباش كۈتەردى.خەلقىئارا بازارداھەرقايىسى ئەل خەلقى ئۆزلىرىنىڭكىنى ئالدىن سېتىۋالدى.چەتئەل ماللىرى مەلۇممىقداردىكى بازار بۇشلىغىدىن ئايرىلدى.

ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ يۈزبىرىشىدىكى يەنە بىر سەۋەبنى ،ئۇچۇر بۇشلىقى ئىقتىسادشۇناسلىغى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. ئالدى بىلەن بۇخىل نەزىرىيىگە تەبىر بىرەييەنى ئىقتىسادنىڭ كېڭىيىش ۋە تارىيىش جەريانىدىكى ئۇچۇر سىستىمىسىنى ئىگەللەپزىياننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى زىيانسەۋەبىنى ئىگەللەپ يىڭىدىن ئالغا بېسىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇچۇر بۇشلىقى جەھەتتىن ئالغاندا دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى ۋە ئۇرۇشتىن كىيىنكىۋاقىتلىق بازارنىڭ نىسبى بۇشلىغى ئامرىكا كارخانىلىرىغا غايەت زۇر كېڭىيىشئوچۇرلىرىنى ئېلىپ كەلدى. كاپىتالىستلار پايدىنىڭ تۈرىتكىسىدە ئىشلەپچىقىرىشنى زۇردەرىجىدە كېڭەيىتتى تەلەپ بىلەن تەمىنلەش ئوتتورىسىدا زىددىيەت كۈرۈلدى.ئادەتخارەكتېردىكى مال زاكاس ئۇچۇرلىرى مىڭىسىگە قاچىلانغان كارخانچىلار داۋاملىقتاۋارنى ئىشلەشنى بىلىپ ،تارىيىۋاتقان ئۇچۇرغا دىققەت قىلمىدى،كىرزىس يېقىنلاپكەلدى.ئەمما كاپىتالىستلار پايدا قۇغلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيىتمىدى .

ئىقتىساد بۇشلىغى ئىلمى بۇيىچە بۇلغاندائىقتىساد بۇلىدىكەن ئۇنىڭدا خۇراشبۇلىدۇ ياكى تەرەققىيات بۇلىدىكەن ئۇنىڭغا كىرزىس يۇشۇرۇلغان بۇلىدۇ.

يەرشارىلاشتۇرۇش كىرزىسنىڭ دۇنياۋىيلىشىشىدۇر. يەرشارىلاشتۇرۇش ئىككى قەدەمماڭسا كىرزىس بىر قەدەم ئىلگىرلەيدۇ.ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئاچچىق سايىسى ھەمزەھەرلىك دۇرىسى ئىقتىسادى بۆھراندۇر.

كىرزىس چۇقۇم قانۇنىيەتلىك بۇلىدۇ. ئەمما ئاساسى مەسىلە بىزنىڭ ئۇنى ۋاقتىدابايقىمىغانلىمىزدىن تۇيۇقسىز ياكى ئۇشتۇمتۇت يۈزبەرگەندەك ھىسىياتتا ھەم تۇنۇشتابۇلغانلىغىمىز ئۈچۈن ھەيران قالىمىز،ئازاپلىنىمىز،دۈشمەنلىرىمىز بۇلسا خۇشال ... .

بىز كىرزىسنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كىرزىس بۇشلۇقى ئىقتىساد شۇناسلىغىبىلىشىمىز لازىم.

كىرزىس بۇشلۇقى ئىقتىساد شۇناسلىغى دىگىنىمىز: ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭبۇشلىغى تارىيىپ كۆپلىگەن تۇرغۇنلۇق ئامىلىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىپادىلىنىشى ھەمئالاھىدە ئاپەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادنىڭ ۋاقىتلىق چىكىنىش ھادىسىنىڭقانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ خىل قاراش ئاساسەن ئىقتىسادنىڭ چىكىنىش ۋە تەرەققىياتىنى نۇرمال ئىزغاسېلىشنى بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئامېرىكا ئىقتىسادى ئاساسى جەھەتتىن ئۆز بازىرىنى ئاساس قىلغان ئىنتايىن چۇڭبازار چەتئەللەردىكى بازىرى ئىنتايىن كىچىك ھىسابلىنىدۇ(ھازىرمۇ % 70 ئامېرىكامەھسۇلاتلىرى ئۆز بازىرىدا سېتىلىدۇ). ئامېرىكا ئىقتىسادى راۋاجلانغان ۋاقىتتا پايچېكى بازىرىغا كىرگەنلەر زۇر پايدىغا ئىرىشتى.تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر مەبلەغنى بۇ،ساھەگە ھەسىلەپ سالدى .<<120 مىليون نۇپوسنىڭ ئىچىدە،30 مىليونغا يېقىنئائىلە پاي چېكى بازىرى سودىسىغا قاتناشقان.1929-يىلى ،بەزى پاي چېكىنىڭ باھاسىئۇنىڭ ئەمىلى پايدىسىنىڭ 50 ھەسسىسىگەباراۋەر ئىدى. >> ،(4)يوقارقىلاردىنپاي ساھەسىگە سېلىنغان ئىقتىسادنىڭ كۆپلىكىدىن مەۋھۇم بۇشلىققا ئىلگىرلىگەنبايلىقنىڭ كىرزىسقا يېقىنلاشقانلىغىنى بىلگىلى بۇلىدۇ.<<ئامېرىكىنىڭ1921-1929-يىللىرىدىكى پول تەمىناتىنىڭ ئۆرلەش كۆرسەتكۈچ جەدۋىلىدىن قارىغاندابانكىنىڭ ئومۇمىي ئامانەت مىقدارى%51.1 ،ئامانەت قۇيۇش ۋە دىبىت-كرېدىت پېيى%224.3ئۆرلىگەن، >>(5) يۇقارقىلاردىن پول-مۇئامىلە ساھەسىگە داۋاملىق مەبلەغسېلىنىپ ئىلگىرلەش مۇمكىنلىگى قالمىغان تەكرار مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاپەت بۇشلىقىغائىلگىرلىگەنلىگىنى بىلىمىز. << پاي چېكى بازىرىدىكى ئومۇمىي بازار قىممىتى1مىليارت ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن،ھاۋالە مەبلەغ شىركىتىنىڭ ئەمەلىي مەبلىغىپەقەت 6مىليون ئامېرىكا دوللىرى بۇلغان. >>(6) يۇقارقىدىن <<تېشىپال-پال،ئىچى غال-غال>> پول سۇدىسىنىڭ سىرىتقى كۈرىنىشتە گۈللىنىش ئەمىلىيەتتەئىقتىسادنىڭ تىز ئاشمىغانلىغىنى بىلەلەيمىز.ماھىيەتتە ئىقتىساد بوشلىغى كەڭئامېرىكا پول –مۇئامىلە ساھەسىگە ئاققان مەبلەغ تۈپەيلىدىن بوشلۇق تارىيىپ،ئۈنۈمسىز مەبلەغ زىچلىغى كۆرىلىپ كىرزىس يېقىنلاپ كىلىپ قالغان ئىدى.كىشىلەرئادەت خاراكتىرلىق پايدا تەپەككۇرى بىلەن بېيىش،<< تېزلا مىليونىر >>بولۇشقائالدىرايىتتى. ئەكسىچە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ بازىرى تارىيىپ تۇرغۇنلۇقباشلانغان بۇلغاچقا پايدا تۈۋەنلەپ كەتتى. داۋاملاشقان تۇرغۇنلۇق دەۋرىدە كىشىلەرئەنئەنىۋى ئەركىن بازار ئىگىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ، يىڭى ئىقتىسادى بۇشلۇق ياكىتەرەققىيات بۇشلىقى ئۈستىدە ئىزدەنمىدى ،كىشلەر سالغان مەبلەغنى ئازساندىكى كاپىتالىستلارداۋاملىق تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا سالدى ئاخىرى زىيان ئاۋۇپ يەنى كىرزىسنى كەلتۈردى.

دۇنيا بۇيىچە ئىقتىساد تەرەققى قىلغان ياكى تۇرغۇنلۇق كۆرۈلگەن ۋاقىتتا يىڭىبۇشلۇق ئېچىلمىسا ،كىرزىس يېقىنلاپ داۋالغۇش كۈرىلىشى تەبىئدۇر. مانا بۇدۇنياۋىيلىشىشنىڭ ئاپەت تەرىپىدۇر.

بۇ قېتىمقى كىرزىسنىڭ ئاساسلىق تەسىرى ھەرقايىسى ئەللەرنىڭ ئىجتىمائىيكىرزىسىنى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ياۋرۇپادا گىرمانىيە فاشىزمىباش كۈتۈرۈپ ،ئىتالىيە فاشىزىمى كۈچەيدى ،ئىسپانىيىدە ئىنقلاب پارتلىدى ،ئارقىدىنھۇقۇق فاشىسىت كۈچلەرنىڭ قۇلىغا ئۆتتى باشقا دۇلەتلەردە زىددىيەت كەسكىنلەشتى.ئاسىيادا ياپۇنىيە فاشىزم باش كۈتۈردى،رايۇن ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى .ئافرىقايەنىمۇئىلگىرلەپ تاجاۋۇزغا ئۇچۇردى. بىرقەدەر تىنچ لاتىن ئامرىكىسىداچاكۇ(7)ئۇرۇشى پارتلىدى.

بۇ قېتىمقى ئىقتىسادى كىرزىس جۇڭگۇغىمۇ زۇر تەسىر كۆرسەتتى .1-دۇنيا ئۇرۇشىئالدى-كەينىدە <<مىللى سانائەتنىڭ قىسقىغىنا باھارى>> كۆرۈلگەن .جۇڭگۇپاختا تۇقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ 1925 -يىلى ئىكىسپۇرت مىقدارى%20بۇلۇپ ،جۇڭگۇلۇقلارنىخۇشال قىلغان ئىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇرۇشتىن كىيىن ئىقتىسادى ئەسلىگە كەلگەنتەرەققى قىلغان كاپىتالىستىك ئەللەر( 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋەيران بۇلغانئەنگلىيە،فرانسىيىنىڭ1924 -يىلى ئىگىلىكى ئەسلىگە كەلدى.)جۇڭگۇغا بۇلغان ئىقتىسادىتاجاۋۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەم كۈچەيىتكەن ئىدى.گەرچە نەنجىڭ مىللى ھۆكۈمىتى<<خەلقنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ھەرىكىتى>> نى قانات يايدۇرغانبۇلسىمۇ،ئىقتىسادى كىرزىس زەربىسى تۈپەيلىدىن تەرەققى قىلغان كاپىتالىستىك ئەللەرجۇڭگۇغا بۇلغان ئىقتىسادى تاجاۋۇزىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈردى، ماللىرىنى تۆكمەقىلىپ ساتتى. 1931-يىلى جۇڭگۇنىڭ پاختا تۇقۇلما بۇيۇملىرى ئىكىسپۇرتى تۈۋەنلەپ%1،2ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان.ئەكسىچە پاختىنىڭ ئىكىسپۇرت مىقدارى ئاشقان،نۇرغۇنكارخانىلار تاقالغان ياكى ۋەيران بۇلۇشقا يۈزلەنگەن ئىدى .<<بۇ مەزگىلدە،يىپەك تۇقۇمىچىلىقى1928-يىلىدىكى 23مىڭ 530 چاقتىن 1935-يىلى 7مىڭ 686چاققائازايدى،... . سەرەڭگە زاۋۇتى 1928-يىلىدىكى 180نەچچىدىن1932-يىلى 69گە ئازايدى.... جۇڭگۇدىكى يىپ ئىگىرىش زاۋۇتلىرى بىلەن ئۇرچۇقلارنىڭ سانى گەرچە كۆپەيگەنبولسىمۇ، لىكىن ئىش باشلاش نىسبىتى تۆۋەنلىدى،ئىشتىن تۇختىغان ئورچۇقلارنىڭ سانىئەڭ كۆپ بولغاندا1مىليون590مىڭغا يېتىپ،ئۈسكىنىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىئىگىلىدى .مىللىي سانائەتنىڭ سۇدا ئوبورتىنى 1930-يىلى 100بولغان دېسەك ،1933-يىلىپاختايىپنىڭ 35،ئىلمە توقۇمىچىلىقنىڭ 50،ئوننىڭ 50،ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ 73،بۇياش-توقۇش،سىگارت،كاۋچۇكنىڭ80 بۇلدى.>>(8) يۇقارقىلار1929-1933-يىللاردىكى كىرزىسنىڭ جۇڭگۇ جەمىيىتىگەتەسىر كۆرسەتكەنلىگىنىڭ ئىسپاتى. بىراق بىكىنمە جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتبۇشلىغى بار.ئىگىلىك باشقۇرۇش ياخشى بۇلسىلا،ئىقتىساد بۇشلىغى كەڭرى ئىدى. خەلقئارانۇقتىدىن ياپۇنىيە دۆلەت ئىچىدىكى كىرزسنى ھەل قىلىش ھەم تاجاۋۇزچىلىققارانىيىتىنى ئاشكارىلاپ<<18-سىنتەبر ۋەقەسى>>نى پەيدا قىلىپ، جۇڭگۇغاتاجاۋۇز قىلىپ شەرقى شىمالنى بىسىۋالدى. كىيىنكى يىلى مانجۇرىيە دۆلىتىنىقۇردى،مانا بۇلار كىرزىسنىڭ رىئال ئىپادىسىدۇر.ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ جۇڭگۇدىكىتەسىرى، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جەنۇبى جۇڭگۇداقىزىل ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت بۇلىشى ئۇچۇن، سىنىپى ئىتتىپاقچى كۈچلەرنى كۈپەيىتتىھەم گۇمىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادى زەربىگە ئۇچرىشى ئىنقىلابى تايانىچبازىلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغىمۇ پايدىلىق بۇلدى.ئەلۋەتتە جۇڭگۇ كۇمىنىستىكپارتىيىسىنىڭ تۇغرا رەھبەرلىكى، گۇمىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىلىكى قاتارلىق سەۋەبلەرئىنقىلابى تايانىچ بازىلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغىمۇ پايدىلىق بۇلدى . قانداقبۇلمىسىۇن ئىقتىسادى كىرزىس جۇڭگۇغا تەسىر كۆرسەتتى.خۇش ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىيارىغاتەسىر بۇلغانمۇ؟ئىپادىسىچۇ؟ دىگەن مەسىلىگە كەلسەك مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

3-يەرشارىلىشىشنىڭ تەسىرىگە كىچىكىپ،ئاران ئۇچرىغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭكىرزىسكىمۇ ئاستا ،ئاجىز ئۇچرىشى

يەرشارى بۇيىچە ئەڭ بىكىنمە ئۇيغۇر دىيارى ئىقتىسادى كىرزىس زەربىسىگە كىچىكىپھەم ۋاستىلىق ئۇچۇردى . جۇڭگۇ ئىقتىسادى زەربىگە ئۇچراشقا باشلاپ دىيارىمىزغاتەسىر كۆرسەتتى، ئىقتىسادى كىرزىس زەربىسىگە ئۇچرىغان رايۇنلارنىڭ سانائەتمەھسۇلاتلىرى دىيارىمىزغا كىرىدى ،نامرات رايۇنىمىز يەنىمۇ ئىلگىرلەپ زەربىگەئۇچرىدى،خەلىقنىڭ ھالى خارابلاشتى. ئەكسىيەتچى كۈچلەر خەلقنى شىلىشنى ۋەبۇلاڭ-تالاڭنى تىزلەتتى.غەزەپلەنگەن خەلق ئارقا-ئارقىدىن قۇزغالدى ، ئالدى بىلەنكىرزىسنىڭ كىرىش ئىشىكى بۇلغان ئۇيغۇر دىيارلىرىدىن بىرى بۇلغان قۇمۇلدا 1931-يىلىخۇجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىگىدە قۇزغىلاڭ پارتلىدى.ئارقىدىنلا تۇرپاندا مەھمۇتمۇئىتى رەھبەرلىگىدە قۇزغىلاڭ باشلاندى ،ئۇلارغا جۈر بۇلۇپ قاراقاش خەلقىمۇقۇزغىلاڭ كۆتۈردى. ئىقتىسادى كىرزىس ياپۇنىيىنىڭ جۇڭگۇغا قىلغان تاجاۋۇزىنىكەلتۈرۈپ چىقاردى .شەرقى شىمالدىن چىكىنگەن بىرقىسىم قۇشۇن سۇۋىت ئىتتىپاقىئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا كەلدى .بۇ قۇشۇن مىللىتارىست شىڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەتئىگەللىشىگە مەلۇم پايدىلىق ررۇل ئۇينىغان.

خەلق ئىنقىلابىدىن پايدىلانغان جاھانگىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بۇلغانيەرلىك ئەكسىيەتچىلەر ۋەتەننى پارچىلايدىغان بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت <<شەرقىتۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى>> نى قۇردى.دىمەك ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ كىچىكىپكەلگەن تەسىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرىشى ھامان يامانئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدۇ.يۇقارقىدەك بۆلگۈنچى ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلىشى بىر مىسالبۇلىدۇ .

4- 21 -ئەسىر بۇسوغىسىدىكى دۇنياۋى ئىقتىسادى كىرزىس ۋە ئونىڭ زەربىسىگەئوچراۋاتقان جۇڭگۇنىڭ چىقىش يولى

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى تەرەققىيات ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانئامېرىكىدا پارتلىغان،بۇ قېتىمقى ئىقتىسادى كىرزىس. 21-ئەسىر كىرىپ ئوزاق ئۆتمەيئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئەڭ چۇڭ ئىقتىسادى ئاپەت بۇلدى.

ئىقتىساد بوشلىغى ئىلمى بۇيىچە 2008-يىلى باشلانغان دۇنياۋى كىرزىس پارتلاشسەۋەبىدىن قارىغاندا، ئاۋالقى كىرزىسنىڭ ماھىيەتلىك سەۋەبلىرى بىلەن ئوخشاش .بىراقكۇنكىرىتنى سەۋەبلىرى پەرقلىنىدۇ ھەم بۇ قېتىمى كىرزىسىنىڭ سەۋەبى بىرقەدەرمۇرەككەپتۇر.

تارىخقا نەزەر تاشلايدىغان بۇلساق ،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ياۋرۇپانى 1-جاھانئۇرۇشىدىنمۇ بەكرەك ھالىدىن كەتكۈزدى.ئامېرىكا كاپىتالىزم دۇنياسىدىكى سىياسى،ئىقتىسادى ۋە ھەربى ئىشلار جەھەتتە ئەمىلى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ۋە ئاتومبۇمبىسىغا ئىگە دۇنيادىكى بىردىن بىر دۆلەت بۇلوش سۈپىتى بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرىچۇڭ دۆلەت بۇلوپ قالدى.

ھازىر قانات قۇيرۇقى يىتىلىۋاتقان بۈركۈت ئەمدى قىرانلىقىغا يەتكەن دەۋرىگەكىردى. شىمالى قۇتۇپ ئېيىقى بىلەن دۇنيادا زۇمىگەرلىك تالاشتى .سىياسى جەھەتتە<<تۈمۈر پەردە>>(9) شەكىللەندى مانا بۇ يالتا سىستىمىسىدۇر .ئەممائىقتىسادى جەھەتتە ئەينەك پەردە شەكىللەندى.

ئىقتىساد بوشلىغى ئىلمى بويىچە ئەينەك پەردە دىگىنىمىز: يەرشارى نۇقتىسىدىن ئىقتىسادىگەۋدىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە قانۇنى بەلگىلىمىلەر ئارقىلىقئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە باشقا ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ تەرەققىياتبوشلىغىنى چەكلىشى، ئىگەللىشى،ياكى ئالدىن مەنپەتلىنىش،تەرەققى قىلدۇرش نامى بىلەنمەلوم جۇغراپىيىلىك رايۇننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرىشى ئارقىلىقشەكىللەنگەن،رايۇنلار ئارا شەكىللەنگەن ئىقتىسادى پەرق چىگرىسىنى كۆرسىتىدۇ.ئەڭقىسقىسى قارىماققا ئىقتىسادى ئالاقە قىلىۋاتقان تۇسۇق يۇقتەك (يۇرۇق، ئەينەكتەك)بىراق ئەمىلىيەتتە تۇسۇق ۋە پەرق ساقلىنىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ رايۇن ۋە دۆلەتلەرشەكىللەنگەن ئىقتىسادى چىگرا،كۈرۈنمەس پەردىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەينەك پەردە ئوقۇمى يەنە مەلوم بىر دۆلەت چىگرىسى ئىچىدىكى ئىقتىسادنىرايۇنلار ئارا باسقۇچقا ئايرىپ تەرەققى قىلدۇرۇش (نىسبى چىگرىسىنى )ئىقتىسادىھەركىتىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئەينەك پەردە ئۆز ئىچىدىن كۈمۈش پەردە ۋە ئالتۇن پەردە قاتارلىقلارغىمۇبۆلىنىدۇ .

سۇغۇق ئورۇشى مەزگىلدىكى ياۋروپا ، شۇنداقلا ھازىرقى زاماندىكى ئىقتىسادنىڭرايۇنلىشىشى ،چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ،تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەر بىلەن تەرەققىقىلغان ئەللەر يەنى جەنۇپ بىلەن شىمال سۆھبىتى چىگرىسىمۇ ئەينەك پەردىنىڭچۈشۇرىلىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر. جۇڭگۇ چۇڭ قورۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا شونداقلاجۇڭگۇ چۇڭ قورۇقلۇقىنىڭ ئىقتىسادى پەرق تۈپەيلىدىن شەرقى قىسىم ،ئوتتۇرا ۋە غەربىقىسىم ئايرىلىشىمۇ يەنى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ نىسبى چىگرىسىنىڭ شەكىللىنىشىمۇبىر دۆلەت ئىچىدىكى ئەينەك پەردىنىڭ چۈشۈرىلىشىدۇر.سىياسى ،ھەربى زىددىيەتلەرتۈپەيلىدىن ئەينەك پەردە تېخىمۇ قاتتىقلىشىپ كۈمۈش پەردىگە ئايلىنىدىغان ئەھۋاللاربار .بۇنداق ئاتىشىمىزدىكى سەۋەپ ،كۈمۈش تارىختا ئۇزاق زامانلاردىن بىرىئەتىۋارلىنىپ پول قاتارىدا ئىشلىتىلگەن .ئىقتىسادى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىگىلىكنىتەرەققى قىلدۇرغىلى بۇلسىمۇ ، زامانىمىزدا تەرەپلەرنىڭ قاتتىق بەلگىلىمىلەرنىچىقىرىپ ،ئىمبارگۇ يۈرگىزىشى ياكى ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقىرىپ مەلۇم رايۇن،ساھەنىڭئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆز مەنپئەتى ئۈچۈن پايدىسىزلىرىنىئىقتىسادى جەھەتتىن چەكلىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئايرىم ئىقتىسادى تەدبىرلەر ئارقىلىقئۆزىنىڭ نۇرمال تەرەققىياتىنى ساقلاپ ئىگىلىك ھۇقۇقىنى قۇغداش ئىشلىرى كۈمۈشقالقان دىيىش كىرەك. مىساللار: 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن يېقىنقى يىللارغىچەشىمالى – جەنۇبى كورىيە(چاۋشىيەن)،20-ئەسىرنىڭ 50-80-يىللىرىغىچە بولغان چۇڭقۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن ،ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادى ئىمبارگۇ يۈرگىزىۋاتقان كوباقاتارلىق دۆلەتلەر.مەلۇم دۆلەت ئىچىدىكى مەلۇم رايۇن ،مەلۇم ساھەنىڭ ئىقتىسادىنىئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئالاھىدە سىياسەت بەلگىلەشمۇ كۈمۈش پەردە ئىچىدىكىرايۇنلاردۇر. مىسال : دېڭىز بۇيىدىكى ئالاھىدە ئىقتىسادى رايۇنلار،ئېچىۋىتىلگەنشەھەرلەركىرىدۇ.

ئىقتىساد بۇشلىغى نەزىرىيىسى بۇيىچە ئىقتىسادى ساھەدىكى بۇ قېتىمقى كىرزىسياكى ئاۋالقى كىرزىس بۇلسۇن بىۋاستە سەۋەبى ئالتۇن پەردىدىن چاتاق چىقتى. ئالتۇنپەردە ئۇقۇمى : ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش،ئۈنچە-مەرۋايىت، پۇل-مۇئامىلەقاتارلىق ساھەلەرنى قۇغداش ،تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى مالىيە سىياسىتى ھەمئۇرگانلارنىڭ يىغىندىسىدۇر. بۇساھەدىكى كىشىلەر ئالتۇن پەردە ئىچىدىكىلەردۇر.

سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ سىياسى جەھەتتە <<تۈمۈر پەردە>> ئېچىلدى،ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا ئاخىرلاشتى . ئەمىلىيەتتە دۇنيا <<بۈركۈتنىڭ سايىسى>>،ئامېرىكىنىڭ تەسىرىدە بۇلدى . دۇنيانى بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا(ھېچ بولمىغاندا بوقېتىمقى ئىقتىسادى كىرزىس دەۋرىگىچە شۇنداق بۇلدى دىسەكمو بولىدۇ)دەۋرىباشلاندى.ئەمما ئىقتىسادى جەھەتتە كۆپ قوتوپ ۋەزىيىتى شەكىللەندى.ئالدى بىلەنياۋروپادىكى ئەينەك پەردە ئېچىلدى .كۈمۈش پەردە يۇقىتىلدى .ئەمما تەرەققى قىلغانئەللەر بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى نىسبى پەرق چىگرىسى بۇلغانئەينەك پەردە نىسبى ئېچىلغان بولسىمۇ ،ئاساسى جەھەتتىن چۈشۈرۈلۈپ توردى.غەربئەللىرىنى مەركەز قىلغان ئەينەك پەردىنىڭ بۇ تەرىپى بىلەن ئۇ تەرىپىنىڭچىگرىسىدىكى مۇۋاپىق بۇلمىغان ئىقتىساد ،سۇدا مۇناسىۋىتى يەنى ئادىل ،مۇۋاپىقخەلقئارا ئىقتىسادى سىستىمىنىڭ ئورنىتىلمىغانلىغى .غەرب ئەللىرىنىڭ دۇنياۋىيلىشىشبايرىغىنى كۆتىرىۋېلىپ،ئوچۇق بازار،ئەركىن رىقابەت شۇئارى -ئەمىلىيەتتە پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى ئەمىلى كۈچ ئارقىلىق تەدبىر قۇللىنىپ ئەمىلى كىرىمگە ئىگەبولىۋېلىپ ئەينەك پەردە بىلەن ئۆز مەنپئەتىنى ئاساس قىلغانلىغى كىرزىسنىڭ مۇھىمسەۋەبىدۇر.

ئىقتىسادى تەرەققىياتتا مەبلەغنىڭ ھەددىدىن زىيادە پۇل موئامىلىسىگە ئېقىپكىرىپ زىچلىق كۈرىلىپ ، ئامېرىكىدا ئىككىلەمچى قەرىز شەكلى ئارقىلىق بازارغا كىرىپتەرەققىيات بوشلىغى تارىيىپ ،ئۈنۈملىك ئەمىلى قىممەت يارىتىش تۈۋەن بولۇش .

ئىسلاھ قىلىنمىغان ياكى ئوزاق موددەت تەرەققىيات بوشلىغى دائىرىسىدە چۇڭ ئۆزگىرىش بولمىغان دۇنيا بانكىسى ،خەلقئارا پۇل فۇندى تەشكىلاتى قاتارلىق دەرىجىدىنتاشقىرى پۇل-موئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى تورغۇنلوق ياكى ھاياتى كۈچىنىڭ كەمچىلبولىشى،پول سىستىمىسى نازارەتچىلىكنىڭ يىتەرلىك بولماسلىغى قاتارلىق 3خىل سەۋەبكىرزىسنىڭ بىۋاستە سەۋەبىدۇر.

مۇھىتنىڭ ناچارلىششى،ئاشلىق ،ئالتون ،نىفىت باھاسىدىكى ئىگىز- پەسلىك،ئەتكەسچىلىك ۋە زەھەرلىك چىكىملىك(بىرقىسىم پۇلنىڭ يۇقارقى 2 قار ئۆڭكىرگە ئېقىپكىتىشى) سۇدىسىنىڭ ئەۋىج ئېلىشىنىڭ يىغىندا تەسىرى قاتارلىقلارمۇ بۇ قېتىمقىدۇنياۋى كىرزىسنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بۇلدى.

ھەرقايسى ئەللەر بولۇپمۇ 2-ئورۇشىدىن كىيىنكى ئاساسلىق كاپىتالىستىك ئەللەردەيولغا قويولغان دۆلەت مۇنوپۇل كاپىتالىزمى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئىقتىسادتىكىداۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،دەپ قارىغان ئەللەر رۇزۋىلىتچە ئىقتىسادقائارىلىشىشتىن ،نۆۋەتتىكى ئۈنىمىدىن گۇمانلاندى. شوڭا ھەرقايسى ئەللەر ئىقتىسادقائارىلىشىشنى تارايتىپ، ئاخىرى بېرىپ ،ئەركىن قۇيىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قۇيدىپاراۋانلىقنى مەلوم جەھەتتە قىسقارىتتى . ھۆكۈمەتنىڭ پىلان،كۆرسەتكۈچ ياكىئىقتىسادى مىخاينىزىمنىڭ ئايلىنىشىنى نازارەت قىلىش ۋە پول باشقۇرۇش نازارەتچىلىگىنىڭيېتەرلىك بولماسلىغى .

ئامېرىكىنىڭ ئىراق،ئافغانىستانغا ئەسكەر چىقىرىشى،ئىران -ئامېرىكاموناسىۋىتىنىڭ داۋالغۇشى. تىرۇرلوقنىڭ يامرىشى ،روسىيە-گىرۇزىيە مۇناسىۋىتىنىڭيامانلىشىشى ،شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشى.ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى ،چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭكەسكىنلىشىشى، كەشمىر مەسىلىسى زىددىيىتىنىڭ بېسىقماسلىغى قاتارلىق ئامىللارتەسىرىدىن ھەربى خىراجەت ئېشىپ كەتتى .خەلقئارادا ئامېرىكىنى مەركەزقىلغان بىرقوتۇپلۇق دۇنياغا بولغان نارازىلىقنى كەلتۈروپ چىقاردى. مەدەنىيەت كېڭىيىشئىقتىساد شۇناسلىغى بۇيىچە ھەتتا ئامېرىكىنىڭ زۇراۋانلىقىغا ئوچرىغان ھەمئوچرىغانلارغا ھىسداشلىق قىلىدىغانلار ئامېرىكا ماللىرىنى ئالماسلىق ياكى ئازمىقداردا سېتىۋالىدىغان سىلىق قارشىلىشىش كەيپىياتى مەۋجۇت بۇلدى.گەرچەئامېرىكا%70تاۋارلىرى ئۆز بازىرىدا سېتىلىپ خەلقئارا بازارغا تايىنىشچانلىقى تۈۋەنبولسىمۇ ئىقتىسادى تەرەققىياتقا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى .ئەمما ئامېرىكىنىڭ تەسىرى داۋاملىقكۈچەيدى ،بولۇپمۇ ھەربى ھەركىتى كۆپىيىپ باردى .شۇڭلاشقا قۇرال-ياراق سۇدىسى ،بىرقۇتۇپلۇق دۇنيا ۋەزىيىتى شەكىللەنگەندىن بويانقى پەسىيىشتىن يۇقىرى ئۆرلەشۋەزىيىتى شەكىللەندى،مۇداپىيە چىقىمىنىڭ ئېشىپ كىتىشى گەۋدىلىك بولدى .چىگرامەسىلىسى،مىللەت ،دىن ،ئىدئىولۇگىيە،سىياسى تۈزۈم، قىممەت قارىشى قاتارلىق مەنپئەتجەھەتتىكى زىددىيەتنىڭ گەۋدىلىنىشى يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا پاسسىپتەسىر كۆرسەتتى.1 -،2-،3-كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىغى ،زەھەرلىكچىكىملىك،ئەتكەسچىلىك ،باج ئوغرىلاش ياكى ھەر خىل شەكىلدىكى باجدىن قېچىش ۋە سىياسىنىڭچىرىكلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بو قېتىمقى خەلقئار كىرزىسنىڭ يۈزبىرىشىگە مەلومتەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.مەن بۇ يەردە ئالدىنقى قېتىملىق ئىقتىسادى كىرزىس سەۋەبىگەئۇخشاش ئامېرىكىنىڭ بازاردىن ئايرىلىپ قېلىش ئەھۋالىنى ئايرىم تەھلىل قىلمىساقمۇ2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن يىڭى مۇستەقىل بۇلغان ئەللەر بېقىندىلىقتىن ئۇزاق مۇددەتقۇتىلالمىغان بۇلسىمۇ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ ئىقتىسادى داۋاملىقياخشىلىنىشقا باشلىدى .دۇنيا بازارىغا 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇتتۇرائاسىيا ئەللىرى قېتىلدى. دىمەك ئامېرىكىنىڭ بازار بۇشلىغى داۋاملىق كېڭىيىپ باردى.ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىيلىشىشىدىكى يىتەكچى دۆلەت ئامېرىكىغا داۋاملىق پايدىلىقبۇلدى.ئەمما ھەرقايسى ئەللەر ئىقتىسادىنىڭ يۈكسېلىشى ئامېرىكىنىڭ كىچىكرىقابەتچىلىرىنى كۈپەيىتتى. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىيلىشىشى يىتەكچى دۆلەت ئامېرىكايەنى بىرقۇتۇپلۇق دۇنيانى شەكىللەندۈرگەن بۇلسا، رايۇنلىشىشىى يەنى ئىقتىسادى قۇتۇپلارنىڭ(گەۋدىلەرنىڭ )كۈچىيىشى سىياسىدىكى بىرقوتۇپلۇق دۇنياغا تەھدىت ۋە كۈچلۈك تەسىركۆرسەتتى.ئىقتىسادى رىقابەت،سىياسى جەھەتتە بىردۆلەتنىڭ دىگىنى، دىگەن بۇلوشقاقارشى تورۇش ساداسىغا ئوخشاش خەلقئارا سىياسىدىكى كۇرەشلەر بىلەن قوشۇلۇپ،مۇۋاپىقبۇلمىغان ئىقتىسادى قورۇلما تۈپەيلىدىن يەرشارى خاراكتىرلىك ئىقتىسادى كىرزىسپارتلاپ، دۇنياغا زۇر تەسىر كۆرسەتتى. دىمەك ئىقتىسادى مەسىلىلەر يىغىلىپ لاي–لاتقىلار چۇڭقۇر دېڭىز قاتلىمىدىن ئۆرلەپ چىققاندەك ،سۇ يۈزىگەچىقتى.ئىنسانىيەتنىڭ ئانچە گۈزەل دەپ كەتكىلى بۇلمايدىغان تۇرمۇشى يەنە دەھشەتلىككىرزىسنىڭ قاينىمىغا ئوچرىدى.ئىقتىسادى گەۋدىلەر پارچىلىنىشقا يۈزلىنىش،كارخانىلارۋەيران بولۇش،زاۋۇتلارتاقىلىپ قېلىش،باھا قالايمىقانچىلىقى كۆرىلىپ ،ئىقتىسادنىڭچىكىنىشى تىزلىشىپ ،تۈرلىك زىددىيەت ئەۋىج ئالدى.ئىقتىسادى تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىشساداسى جاھاندا ياڭرىدى.باھا چۇشۇرۇش شامىلى بىلەن سودا قۇرۇقچىلىقى دۇنيانىقاپلىدى.دۇنياۋىيلىشىش دۇلقۇنىدىكى سۇدا قۇرۇقچىلىقى ئەمىلىيەتتە يەرشارىمىقياسىدا ئەينەك پەردىنىڭ چۈشۈرىلىشىدۇر.دۇنياۋىيلىشىشتىكى چىكىنىش ،رايۇنلارئىقتىسادىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشتىكى بۆلىنىشتۇر.كىرزىس تەسىرىدە ئىشسىزلىق كۆپىيىپ،ئىجتىمائى زىدىيەت كەسكىنلەشتى، ھۆكۈمەتلەرگە بولغان بىسىم كۆپەيدى.ئىسلاندىيەئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى،ھۆكۈمەت غۇلاپ چۈشتى .ياپونىيىگەئوخشاش سىرتقا تايىنىشچانلىغى كۈچلۇك ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى تىزچېكىندى.يەرشارى ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئاستىلاش ،تۇرغۇنلۇق ۋە چىكىنىشكە دۇچكەلدى.ياپۇن تاقىم ئاراللىرىدىن-ئىران ئىگىزلىگىگىچە ئورۇش ھىدى پوراشقاباشلىدى،ئىران ئىگىزلىگىدىن –سىپىرۇس(قىبرىس) ئارىلىغىقىچە ئورۇش ئۆكسىمىدى،ھەربىزۇراۋانلىق، تىرۇرلوق بىسىقمىدى.يەرشارى تىنچلىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراشقاباشلىدى. بىر قوتۇپتىن ،كۆپ قوتۇپلىشىشقا يۈزلىنىش گەۋدىلىك كۈرىلىشكە باشلىدى.

مىنىڭ مۆلچەرىمگە ئاساسەن ئەگەر دۇنيا ئىقتىسادىدا 2010-يىلى، ئاخىرىغىچەياخشىلىنىش بولمىسا ،كىرزىس 2014-يىلىغىچە ئوزىراپ كىتىشى ئىقتىسادى زىيان كۆپىيىپئىقتىسادى ئاپەت 2-دۇنيا ئورىشىدىن 9ھەسسە ئېشىپ كىتىشى مومكىن.بەلكى مۆلچەرىمدىنيۇقىرى بولىشى ... .

ھەتتا يامىنىغا ئۆرىلىپ ئاپەت خاراكتىرلىق ئورۇش قاينىمىغا كىرىپ ئىنسانىيەت يىڭىئازاپ ... .

بۇ قېتىمقى كىرزىس جۇڭگۇ ئىقتىسادىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى .بولۇپمۇ چەتئەلگەتايىنىشچانلىغى كۈچلۈك بولغان ساھەلەر بونىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئوچۇردى.2008-يىلىنىڭ بېشىدا، جەنۇبىي جۇڭگودا ئېغىر دەرىجىدە يامغۇر – قار – مۇز ئاپىتىبولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى. 12 – ماي سىچۇەن ۋېنچۇەندە ئېغىريەر تەۋرەپ، نۇرغۇن كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى، ئۇل مۇئەسسەسىلەر زور كۆلەمدەبۇزۇلۇپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى .

جۇڭگۇ بېيجىڭ ئۇلىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ، ياخشى ئۆتكۈزۈپخەلقئاراغا ئۆزىنىڭ دۆلەت كۈچىنى، ۋەتەن شان-شەرىپىنى نامايەن قىلدى.بۇنى ئاپەتبىلەن ئامەت بىرىكىپ كەلدى دىسەك.

يامغۇر – قار – مۇز ئاپىتى ۋە 12 – ماي سىچۇەن ۋېنچۇەندە ئېغىر يەر تەۋرەشدەھشەتلىك ئاپىتى بىلەن نۆۋەتتىكى خەلقئارا كىرزىس قۇشۇلوپ <<ئاپەت كەلسە،قۇش كەپتۇ. >> دىگەندەك دۇنياۋى كرىزىسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەتئىچىدىكى سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىكىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى،ئېكسپورت داۋاملىق تۆۋەنلىدى.

ئالدى بىلەن ئىكىسپۇرت ساھەسى كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرىدى.پول-مۇئامىلە،پولات-تۈمۈر، تۇقۇمىچىلىق،ئۆي – زېمىن ، ئاپتوموبىل ، ئويونچۇق ياساش ،تاشقى سۇداكارخانىلىرى ،ئىكىسپورت بېجى تۈۋەنلەپ مالىيە كىرىم بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچۇردى. جوڭگوبانكىلىرىنىڭئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا لېھمان ئاكا - ئۇكىلار مالىيە گۇرۇھىنىڭ ۋەيران بولۇشۋەقەسىدە جۇڭگۇ بانكىلىرى ۋە پول-مۇئامىلە ئىشلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچۇردى . مىسالسىمانخەۋەرلەرگە قاراڭ :

جۇڭگو پاي باھاسى چۈشۈش جەھەتتە دۇنيادا 1-ئوروندا تۇردى،ئەلۋەتتە بۇۋاقىتلىق ئىش. جوڭگونىڭ 7بانكىسى 700 مىليون دوللار زىيان تارتقان. جوڭگو دۆلەتغەزىنىسىدىكى 2 تىرىلىيون تاشقى پېرىۋۇتنىڭ ئاز دېگەندە 3 دىن 2 قىسىمىنىئىگىلەيدىغان دوللارنىڭ ھەمدە جوڭگونىڭ قولىدىكى ئامېرىكا دۆلەت غەزىنە چېكى ۋەئامېرىكا سەرمايە گۇرۇھى فەنىي مېي ۋە فرەدىي مەكتىكى مەبلىغىنىڭ زور خەتەرگەيولۇقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رادىئۇ خەۋىرى جوڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسى2009-يىلى3- ئاينىڭ 10- كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2–ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ پولات–تۆمۈر ئېكىسپورتى داۋاملىق زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. 2 –ئايدا ئېكىسپورت قىلىنغان پولات ماتېرىياللىرى 3 مىليون 110 مىڭ توننا بولۇپ،بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 27 پىرسەنت ئازلىغان. مەنبە : ئۇيغۇر ئىقتىسادتورى جۇڭگۇ تۇقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ئەھۋالى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا بازارلىرىنىڭسۇۋۇپ كىتىشى تۈپەيلىدىن زۇر قىيىنچىلىق كۆرىلىپ 10مىڭدەك كارخانا تاقالدى.داۋاملىق قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتىدو.

ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻨﯩﯔﺧﻪﯞﻩﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻜﺴﭙﻮﺭﺗﻰ 2007 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ %8.6ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﮕﻪﻥ ﻪﻣﺪﻩ 2008- ﻳﯩﻞﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ جۇڭگودا 4388 ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻕﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ 8610 ﺩﯨﻦ 49ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﻛﯧﻤﻪﻳﮕﻪﻥ.

ئىشلەپچىقرىش ئومۇمى مىقدارى 2008-يىلى 4-پەسىلدە ئالدىنقى 3پەسىلگەقارىغاندا رۇشەن تۈۋەنلەش بۇلدى.يەنى جۇڭگو ئىقتىسادى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكىبىلەن قوشۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئېشىپ، سىلىق، تېزرەك ئېشىشنى ساقلىدى.ئەمما 4-پەسىلدە تۈۋەنلەشنىڭ ئىپادىسى كۈرۈلدى.(رېتىر ئاگىنىتلىغى ،بېيجىڭ ،2009-يىلى 22-يانۋار تىلگىراممسى) <<دۇنياۋى پول مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تەسىرىبارغانچە ئەۋىج ئالغاچقا،بۇلتور 4-پەسىلدە جوڭگۇنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىيقىممىتىنىڭ ئېشىشى نىسبىتى %6.8 كە چۈشۈپ،...يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۈۋەننۇختىغا چۈشۈپ قالدى.>> كىرزىس تەسىرىدە ئەمگەك كۈچلىرى زىچلىقى تىپىدىكىسانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تەسىرىگە ئوچرىغاچقا بىر قىسىم كارخانا- زاۋۇتلارئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقتىنچە تۇختاتتى ياكى قىسقارىتتى . 20 مىليۇن دېھقان ئىشلەمچى يېزىلارغاقايىتتى،9مىليۇندەك ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياش ئىش كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.جۇڭگودەك چۇڭ دۆلەت ئۈچۈن يۇقارقى يامان تەسىرنى ئانچە چۇڭ دىمىسەكمۇ لىكىنئالدىمىزدىكى مەسىلىلەر يەنىلا ئېغىر،ۋەزىپە مۈشكۈلدۇر.

30 يىللىق ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋىتىش ئوتۇقلىرى، كىرزىسنىڭ تەسىرىنى نىسبىئاجىزلاتتى ،شۇنداقلا جۇڭگۇ دۇنيادا تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تىز بۇلغان ئازساندىكىدۆلەت بولۇپ قالدى.جۇڭگۇ نۆۋەتتىكى يەرشارى ئىقتىسادى كىرزىسگە تاقابىل تۇرۇش،نۇرمال تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى موھىم ئىقتىسادى گەۋدىدۇر.

جۇڭگۇ ئىنتايىن جانلىق ۋە ئۈنۈملىك تەدبىرلەرنى يۇلغا قۇيدى ھەم قۇيىۋاتىدۇ.

ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش جۇڭگۇنىڭ كىرزىستىن قۇتۇلۇشنىڭياخشى چىقىش نۇقتىسىدۇر. جۇڭگۇ يەرشارى خاراكتىرلىك كىرزىس يامراشقا باشلىغاندىنكىيىن تىز ھەرىكەتكە كىلىپ، ئاكتىپ ،ئەمىلىيەتچىل ،ئۈنۈملۈك تەدبىر تۈزدى.ئىشەنچىنى چىڭىتىپ ،ئومومىيلىقنى كۆزلەپ ۋاختىدا ئەمىللەشتۈردى.يەنى

جۇڭگۇ خەلق بانكىسى2008-يىلى 16 – سېنتەبىردىن باشلاپ خەلق پۇلىنىڭ قەرز تۈپئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئايلانما مەبلىغى قىسبولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

2008-يىل 17-ئۆكتەبر مەمۇرى ئىشلار كېڭىشى (گوۋۇيۈەن)نىڭ دائىمىي يىغىنىداجانلىق، ئېھتىياتچان ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەت قوللىنىپ، قاراتمىلىققا ئىگەمالىيە – باج، كرېدىت، تاشقى سودا سىياسەت – تەدبىرلىرىنى تېز تۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭداۋاملىق سىلىق، تېزرەك ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يەنە قاراڭ تەدبىرلەرگە: مەمۇرى ئىشلار كېڭىشىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋەئىسلاھات كومىتېتى 20 – ئۆكتەبىر ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىسېتىۋېلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەش، بۇ يىل ئاشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىشباھاسىنى، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى بىر قەدەر زوردەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا ئىگىلىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش،دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى. نوپۇسى كۆپ بولغاچقا ،ھۆكۈمەتنىڭيۇقارقى سىياسىتىنىڭ ئاساسى مەقسىدى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش،دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىستېمالىغا مەدەت بېرىش، ئىچكى ئېھتىياجنىئاشۇرۇش ئىدى.ئاشلىق مۇھىمىنىڭ،مۇھىمىدۇر.

مەمۇرى ئىشلار كېڭىشى مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاۋۇتۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشئۈچۈن، 2008 – يىل 21 – ئۆكتەبر دائىمىي يىغىندا ئۇل مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشىنىكۈچەيتىش مۇزاكىرە قىلىندى. يول، ئايرودروم، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى، سۇ ئېلېكترئىستانسىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش تۈرلىرى تەستىقلاندى، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغاباشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي لىنىيە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قارار قىلىندى.

21-ئۆكتەبر يەنە، مالىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى بىرلىكتەئېكسپورتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، 1 – نويابىردىن باشلاپ توقۇلما بۇيۇم، كىيىم –كېچەك، ئويۇنچۇق قاتارلىق ئەمگەكنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان تاۋارلار ۋە تېخنىكاتەركىبى، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى تاۋارلارنىڭ ئېكسپورتتىن باج قايتۇرۇش نىسبىتىنىمۇۋاپىق ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

22-ئۆكتەبر، مالىيە مىنىستىرلىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا، قىيىنچىلىقىبارلارغا ياردەم بېرىش، تۇرالغۇ كاپالىتى جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى، خەلقتۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تۆۋەن كىرىملىكلەر ۋە ئالاھىدەقىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېلانقىلدى..

شۇ كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئۆي – زېمىن بازىرىنىمۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، خۇسۇسىي تۇرالغۇ سودىسىغا دائىر باج سىياسىتىنى تەڭشەپ،تۇرالغۇ سودىسى بېجىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ جۇڭگو خەلق بانكىسىجامائەت تۇرالغۇ فوندى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ۋە سوداخاراكتېرلىك شەخسىيلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنىتۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەلقئارا تەلەپ جىددى تۈۋەنلىگەن ئەھۋالدى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشجۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى سىلىق، تېز ئاشۇرۇشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگەئايلاندى .

2008-يىلى 9 - نويابر ئېچىلغان مەمۇرى ئىشلار كېڭىشى دائىمىي يىغىنىدا ماكروئىقتىسادىي سىياسەتنى زور دەرىجىدە تەڭشەش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مالىيە جەھەتتەئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىليون يۈەنگە يېتىدىغان ئىككى يىللىق زور سېلىنما پىلانىئېلان قىلىندى. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ مەبلەغئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ھەر يىلى تەخمىنەن بىر پوئېنت تۈرتكە بولىدىكەن.

نۇيابرنىڭ ئاخىرىدا جوڭگۇنىڭ بانكا ئامانەت سۇممىسى 20تىرليۇن يۈەن بۇلغاچقابازارنى جانلاندۇرۇش،ئىقتىسادى ئايلىنىشنى تىزلىتىش ئۈچۈن جۇڭگو خەلق بانكىسىئۆسۈمنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، تەڭشەش نىسبىتى 11يىلدىنبۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. 4 – پەسىلدە مەركەزنىڭ 100 مىليارد يۈەنسېلىنمىسى تۈرلەرگىچە ئەمەلىيلەشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە،ئاپتۇنۇم رايۇن،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرمۇ ئىچكى ئېھتىياجنىئاشۇرۇش سېلىنما پىلانىمۇ ئارقا – ئارقىدىن تۈزۈلدى ۋە ئەمىللەشتى.

2009-يىلى باھار بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۆۋەن تۇرموش كاپالەت پولىئالىدىغانلارغا 100- 150يۈەندىن ئالاھىدە ياردەم پولى تارقاتتى. مىنىڭچە بۇۋاختىدا قىلىنغان ياخشى كىچىك ياردەم بولدى.

ئارقىدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالغانلارغا تۇلۇقلىما بىرىشسىياسىتى،

ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش سىياسىتنى يولغا قۇيۇپمەلوم ئۈنۈمگە ئىرىشتى . بۇ يىل يەنە ئاز كۆرىلىدىغان قۇرغاقچىلىققا قارىشى تەدبىرلەرنىتىز ئەمىللەشتۈرۈش،چاققان ھەرىكەتكە كىلىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭبىخەتەرلىكىنى،دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپئەتىنى قوغدىدى.

خۇجىنتاۋ،ۋىن جياباۋ...قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ يىل كىشى بىلەنلائاسىيا،ئافرىقا،ياۋروپا،ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى ھەرقايسى ئەللەردە دۇستانەزىيارەتتە بولۇپ ئىچكى ئىھتىياجنى ئاشۇرۇش بىلەن تاشقى تەلەپ راۋاجلاندۇرۇش،ئۆز-ئارا ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۇپ دۇنياۋى كىرزىسقا ئورتاق تاقابىلتۇرۇش. پائال تۈردە ئىجابى خەلقئارالىق دۇستانە بېرىپ-كىلىشنى كۆپەيتىپ ئىنسانىيەتدۇچ كەلگەن بۇ قېتىمقى خىرىسنى بىرلىكتە تۈگىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋەداۋاملىق ئىزدىنىۋاتىدۇ.

5-2008-يىلى باشلانغان يەرشارى ئىقتىسادى كىرزىسىنىڭ ئويغۇر دىيارىغا بولغانئاجىز تەسىرى ۋە ئىگىلىكىمىزنى جانلاندۇرۇش يۇلى

2008-يىلى باشلانغان يەرشارى ئىقتىسادى كىرزىسى جۇڭگۇغا جۇملىدىن شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.ئالدى بىلەن نىفىت باھاسى جىددىتۈۋەنلەپ بۇ ساھە زەنجىرسىمان تەسىرىگە ئوچرىدى.نىفىت،نىفىت-خىمىيە ساھەسىنىڭكىرىمى تۈۋەنلىدى . ھەتتا قارامايدىكى بىر قىسىم نىفىت ئىشچىلىرىمۇ دىھقانچىلىقمەيدانلىرىغا بېرىپ بۇلقىنى تاشلاپ ،ئۇرغاق ئېلىپ كەسپىنى يىڭىلىغان ،بەلكى بوئۇزۇنغا بارماسلىغى مۇمكىن .شىنجاڭنىڭ پاختا مىقدارى دۇنيانىڭ %10نى ،جۇڭگۇنىڭ%30نى ئىگەللەيدۇ. ئىچكىرىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ۋەيران بولىشىنىڭكۆپىيىشى ،پاختا تۇقۇلما بۇيوملىرىنىڭ باھاسىنىڭ چۈشىشى،پاختىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپپاختىكار دېھقانلارنىڭ كىرىمى تۈۋەنلىدى.پاختا،يۇڭ تۇقۇمىچىلىق ،كۆن-خىرۇم ئىشلىرىپايدىسىز تەسىرگە ئوچرىدى .جەنوبى جۇڭگۇدىكى ئېغىر يامغۇر – قار – مۇز ئاپىتى ،ئو رايۇنلارنىڭشىكەرچىلىك ئىشلىرىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز شىكەرچىلىكىنىبازار بوشلىغى بىلەن تەمىنلىدى. ئارقىدىنلا <<سەنلو>>(3بۇغا)سۈتپاراشۇكى ۋەقەسى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ كالا سۈت مەھسۇلاتلىرى ساھەسىگە پاسسىپتەسىر كۆرسەتتى. چارۋىچىللىرىمىز زىيانغا ئوچرىدى ،تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى قورغاقچىلىقزىياننى تېخىمو ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى،بۇ يىل شىمالدا قار جەنۇپتا قۇم-بۇران ئاپەتكەئايلاندى .ھۆكۈمەت تۇلۇقلىما بىرىپ زىياننى كىچىكلەتتى.تاشقى سۇدا جىددىتۈۋەنلىدى،2009-يىلى 1-پەسىلدە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بىلەن ئۇتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىبىلەن بۇلغان سۇدامىقدارى 2مىليارد700مىليۇن ئامرىكا دۇللىرى بۇلۇپ2008-يىلدىكىدىن % 21.8 تۈۋەنلىدى .پۇلات-تۈمۈر،كۈمۈر،قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ... ساھەسىيامان تەسىرگە ئۇچرىدى.پايدا تۈۋەنلىدى ،1-پەسىلدە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مالىيەكىرىمى8مىليارد121 مىليۇن يۈەن بۇلوپ 2008-يىلدىكىدىن % 10ئازايدى،ئىقتىسادنىڭ ئېشىشسۈرئىتى ئاران% 6.6بۇلدى. ئىقتىسادى قۇرۇلما ۋە كەسىپ تەرەققىياتى تەكشىئەمەس.ئېغىر سانائەتنىڭ تەرەققىياتى تىز،بىراق يىنىك سانائەتنىڭ تەرەققىياتى ئاستابۇلماقتا.ئېغىرسانائەت بىرقانچە ساھەگە مەركەزلىشىپ قېلىش،يىنىك سانائەتتە تەييارمەھسۇلاتلىرىمىزنى پىششىقلىمايلا سىرتقا يۆتكەش قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بۇلماقتا.1-كەسىپنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بۇلسىمۇ تاۋارلىشىشى تۈۋەنرەك ،پاختا، قىزىلچا،قۇلماق ، پەمىدۇرقاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتى تىز بۇلسىمۇ ئەڭ كۆپ بۇلغان پاختىنىئاساسەن تەييار سىرىتقا چىقىرىپ، پىششىقلاپ ئىشلەش تەرەققى قىلغان رايۇنلاردىنخېلى تۈۋەن . 2-كەسىپ بىرقانچە ساھەگە مەركەزلىشىپ قالغان بۇلوپ مۇكەممەل كۆپ خىلسانائەت سانائەت سىستىمىسى شەكىللەنمىدى بۇلۇپمو نىفىت،نىفىت –خىمىيە،تەبئىي گاز،كۈمۈر،پولات- تۈمۈر ،ئىلىكتىر ئىنىرگىيىسى ،قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى... قاتارلىقبىرقانچە ساھەگە مەركەزلەشكەن بۇلۇپ، تەبئىي بايلىقنىڭ مەلۇم قىسمىنى پىششىقلاپئىشلەش بىلەن چەكلەنگەن .ئېغىر سانائەتتە تەرەققىيات بۇشلىغى تۇلىمۇ زۇر،يىنىكسانائەتنىڭ تەرەققىياتى تۈلىمۇ ئاستا بۇلماقتا،ئۇنىڭ تەرەققىيات بۇشلىغى تېخىمۇكەڭ يىنىك سانائەتنىڭ رايۇنىمىز ئۇمۇمىي سانائەت مىقدارىدا ئىگەللەيدىغان سالمىغىئاز،دائىرىسى تار ،كۈلىمى كىچىك بۇلوپ ،پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان خام-ئەشىيا غايەتزۇر،پىششىقلاپ ئىشلىمەي دۆلەتنىڭ ئىنتايىن زۇر قاتناش چىقىمىنى كۈپەيتىپ ۋە بېسىمپەيدا قىلىپ سىرىتقى جايلارنىڭ خام-ئەشىيانى ئەكىرىپ ۋە سانائەت بۇيۇملىرىنى چىقىرىپسىرىتقا تايىنىشچانلىغىنى ئاشۇرۇپ كىرزىس بۇشلىغىنى كۈپەيىتكەن . سانائەتقۇرۇلمىسىدا يەنى ئېغىر ۋە يىنىك سانائەت تەكشى بۇلماسلىق ھەم بۇ ،سانائەتنىڭئىچكى قىسمىدا بىرقانچە ساھەگە مەركەزلىشىپ قېلىش قاتارلىق ئېغىر مەسىلەساقلانغان. شىمالدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ،تۈمۈريۇل بۇيلىرىدا يىڭىدىن گۈللەنگەنشەھەرلەر باش كۈتۈردى ،تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىسادى بەلۋاغ پۈتكۈل رايۇن سانائەتئىقتىسادىنىڭ % 54 نى ئىگەللىدى ،ھەم داۋاملىق ئاشىدۇ ھەر ساھە ئىشلار تىز تەرەققىقىلدى .ئەزەلدىن ئىقتىسادى تەرەققىيات نىسبىتى شىمالدىن يۇقىرى بۇلۇپ كەلگەنتەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ئەسىر ئالمىشىشنىڭ ئالدى –كەينىدە شىمالنىڭ ئارقىسىداقالدى .رايۇنىمىزدا سېلىنغان مەبلەغ ھەم باشقا پەرقلەر تۈپەيلىدىن تەرەققىياتتەكشى بۇلمىدى.

3-كەسىپتە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتى يېقىنقى يىللاردىنبۇيان تېز ئاشقان بۇلسىمۇ ،ئەمىلى ساياھەت بايلىقى مۇل،كۆپ خىل بۇلغانرايۇنىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمدارلىغى تۈۋەن بۇلماقتا ،مۇلازىمەتكەسپى تېخى ئانچە ئېچىلمىغان ساھە،مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى نەزىرىيىۋى بايلىقگۈاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن خېلى يۇقىرى بۇلسىمۇ،ئېچىلماسلىق تۈپەيلىدىن گۇاڭدۇڭنىڭ100/1چىلىك ئىقتىسادى قىممەت يارىتالمايۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار رايۇنىمىزئىقتىسادى تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا سىرتقاتايىنىشچانلىغى كۈچلۈك بۇلغان ،دۆلەت مەبلىغى،چەتئەل مەبلىغى زۇر دەرىجىدە ئېقىپكىرىپ ،ئىسلاھاتتا باشلامچى ،سىرىتقا تايىنىشچانلىغى كۈچلۈك بۇلغان دېڭىز بۇيىدىكىئىقتىسادى چۇڭ بەلۋاغ يەنى چاڭجياڭ ،جۇجياڭ دىلتىسى ۋە بۇخەي دېڭىزى بۇيىدىكى رايۇنلادىنقىسقارتىلغان كىشىلەرنى ئاساس قىلغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپقالغانلار ۋە سىچۈەن ئاپەت رايۇنى قاتارلىقلاردىن كېلىدىغانلار كۆپىيىپبارىدۇ.(ئۇيغۇر دىيارىغا 1مىليۇن 500مىڭ ئەتراپىداكىشى ئىش ئىزدەپ كىلىشى مۇمكىن) بوخىل ئەھۋال ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىش تەس بۇلوش ئىشلىرىنى تېخىمۇقىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ.ئۈنۈملۈك تەدبىر قۇللىنىلمىسا ،ئىشسىزلارنىڭ سانىداۋاملىق كۆپىيىشى تەبئىي ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇندا ئالى مەكتەپ ۋەتېخنىكۇمنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىختىساسلىق ياشلار 400مىڭ بۇلوپ (ھازىرمۇ ئىشكۈتۈپ تۇرغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇمۇمىي نۇپۇستىكى نىسبىتى مەملىكەت بۇيىچە ئالدىنقىقاتاردا تۇرىدۇ) يىڭى ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى كەلتۈرىدۇ.

پول –مۇئامىلە (بولوپمو پاي،فۇند سېتىۋالغۇچىلار)ساھەسى مەلوم زىيانغائوچرىدى.ھەتتا خۇتەننىڭ گىلەمچىلىكى،قاشتېشى ئىشلىرىمۇ دۇنيا ئىقتىسادى كىرزىسنىڭتەسىرىگە ئۇچراپ سۇدا ئىشلىرى تۆۋەنلىدى، پايدا ئازىيىپ كەتتى.گىلەمچى،قاشتېشىچىسۇدىگەرلەرنىڭ سۆزى بۇيىچە<<سىرتقا تارىتمىغاچقاباھاچۈشۈپ، سۇدا بۇش،بەزىدەبازار يۇقنىڭ ئۇرنىدا...>> ۋەزىيەت شەكىللەندى.

بۇ قېتىمقى كىرزىسنىڭ نەتىجىسى ئالدىنقى قېتىمقى دۇنياۋى ئىقتىسادى كىرزىستەسىرىدەك ئېغىر بۇلمايدۇ،ئەلۋەتتە .

ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئاجايىپ زۇر ئۆزگىچە بايلىق ئۈستىنلىكىگە ،ئىقتىسادىقۇرۇلمىغا ئىگەبۇلغانلىغى ھەم بۇ خىل ،ئالاھىدىلىك ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ تەسىرىنى رايۇنىمىزدائاجىزلاشتۇرىدۇ.ئۇيغۇر دىيارىمىزنىڭ ئاساسى ئىقتىسادى تۈۋرىكى بۇلغان نىفىت،نىفىت-خىمىيە،تەبئي گاز،كۈمۈر،پۇلات-تۈمۈر قاتارلىقلاردۇر.بۇ مەھسۇلاتلارنىئىشلەپچىقىرىش ،سېتىش يەرلىك ئالاھىدىلىك،ئاساسى كىرىم يۇلى . بۇلار ئىنتايىنمۇھىم ئىنىرگىيە،خام-ئەشىيا بايلىق مەنبەسى بۇلوپ مەيلى شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىنىڭتەرەققىياتىدا زۈرۈر ئىستراتېگىيىلىك بايلىق ،كەم بۇلسا ،بۇلمايدىغان زامانىمىزسانائىتىنىڭھەرىكەتلەندۇرگىچىسىدۇر.دۆلىتىمىز ۋە خەلقئارادا ئىشلەپچىقىرىش،سېتىش قىس داۋاملىقلازىم بۇلىدىغان مەھسۇلاتلاردۇر.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تاشقى سۇدىغا تايىنىشچانلىغى تۈۋەن(دۇلەتنىڭ %68،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ% 31) بۇلۇپ بۇنىڭ %70يەنە كېلىپ ئىچكىرىئۆلكىلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىگەللەيدۇ.يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىك بىلەن ئۇتتۇرا ئاسىيائەللىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى كىرزىسكە ئۇچرىشى ،ياپونىيە ،كۇرىيە قاتارلىقئەللەرنىڭ ئۇچرىشىغا قارىغاندا تۈۋەن بۇلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىنشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تاشقى سۇدا ئەھۋالى 2008-يىلغا سېلىشتۇرغاندامەملىكەت بۇيىچە بىرىنچى ئوروننى ئىگەللىدى.ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتى جۇڭگۇنىڭئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىدىن%0.5يۇقىرى بۇلدى.

ئاپتونۇم رايۇنىمىز ئىقتىسادى كىرزىسكە تاقابىل توروش دۆلەتنىڭ كۈچلۈكياردىمىگە ئىرىشتى ھەم ئىرىشىدۇ.ئاپتۇنىم رايۇنىمىز تۈنجى بۇلۇپ يەرلىك زايۇمتارقاتتى ، كەلگۈسى 5يىلدا دۇلەت 53مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ جەنۇبى شىنجاڭدىكىقەشقەر، خۇتەن ۋىلايىتى،قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئۇبلاستىنىڭ تەرەققىياتىنىتىزلەتمەكچى بۇلىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ يۇقارقىلاردىن سىرتچۇڭ گۇرۇھلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىمۇ تىزلەشتى .ئۇيغۇر دىيارى ئىچكى ئىھتىياجنى جانلاندوروشئۈچۈن 10 تۈمۈر يول قۇرۇش ،تاش يول،ئايرىدۇروم قۇرۇلىشى،ئىنىرگىيە،قەشقەر كوناشەھەر رايۇنىنى ئۆزگەرتىش قورولىشى،ئۈرۈمچى شەھرى قورولىشى، سۇ قۇرۇلىشى،ئائىلەئىلىكتىر سايمانلىرى، مۇتسىكىلىتنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش،يېزا ئىگىلىكماشىنىلىرىنى سېتىۋالغانلارغا تۇلوقلىما بىرىش ،ھەممە يېزا ،كەنتلەردە بازار بولۇشقۇرۇلىشى .موھىت ئاسراش(تارىم دەرياسىنى تۈزەش قاتارلىقلار) شۇنىڭدەكمائارىپ،سەھىيە ئىشلىرىغا سېلىنىدىغان مەبلەغلەر مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايۇننىڭبۇلوپ بۇ يىل 100مىليارد يۈئەنگە يېقىنلىشىپ رايۇنىمىز ئىقتىسادى تەرەققىياتى يىڭىئېشىش نۇقتىسىنىڭ،باشلىنىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.بۇ ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا ئازكۆرىلىدىغان مەبلەغ سېلىش دولقۇنى ھىسابلىنىدو.

بىز ئىشەنچىنى چىڭىتىپ ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى يىتەكچى قىلىپ خىرىسقاتاقابىل توروپ،كىرزىس ئېلىپ كەلگەن تەھدىت ئالدىدا ئىقتىسادى ئىسلاھاتنىچۇڭقۇرلاشتۇرۇش پورسەتنى چىڭ توتىشىمىزلازىم.

بولۇپمۇ غەربى رايۇنلارنى كەڭ كۈلەمدە ئېچىش ،مەركەزنىڭ 32-نومۇرلۇقھۆججىتىنى (مەركەزنىڭ 2007-يىل 32-نۇمۇرلۇق)ئەمىللەشتۈرۈش، ئىچكى ئىھتىياجنىئاشۇرۇش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز لازىم.

ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، رايۇنلارپەرقىنى كىچىكلىتىش ئىجتىمائى مۇقوملۇقنى قۇغداش زۇرۇر.ئۈرۈمچىنى مەركەزقىلغانتەڭرى تېغىنىڭ بۇيلىرى ئىقتىساد بىرقەدەر تەرەققى قىلغان ،تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىرايۇنى ئوتتۇرا تارىمنىڭ شىمالى بىلەن غەربى جەنۇبى ،ئوتتۇرىسىدا ئەينەك پەردەچۈشۇرۇلگەندەك تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان ئىدى. مەركەز تەرەققىياتنى بۇغىۋاتقانقاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كورلىدىن – قەشقەرگىچە تۈمۈر يۇلياسىدى.بۇ ئاقسۇ ،قىزىلسۇ،قەشقەر قاتارلىق رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتىنىتىزلەتتى.ئەينەك پەردە غەربى جەنۇپقا بىرئاز سۇرۇلدى.ئەينى ۋاقىتتا <<شىنجاڭگىزىتى>> مۇشۇ تۈمۈر يۇلنى ياساشقا،قارىتا باشقا پىكىردە بولغان ئەھۋالنىيۇشۇرۇن ئاشكارىلىغان .قاراڭ بۇ، سۆزگە كۇرلا-قەشقەر تۈمۈريۇلى يەنى جەنوبى شىنجاڭتۈمۈريۇلىنى قەشقەرگىچە ئۇزارتىش ئىش باشلاش موراسىمدا جوڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭسابىق باش مىنىستىرى(زۇڭلى) لى فىڭ كۇرلىدا مۇنداق دىگەن<<...بەزىلەر بۇتۈمۈر يۇلنىڭ ياسىلىشىغا قارىتا باشقىچە قاراشتا بۇلدى....شىنجاڭدا 2مىليۇن210مىڭخەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە قۇراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىسى،ئىشەنچىلىك زاپاس كۈچ شىنجاڭئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بار...>> دىگەن. دىمەك بو قورۇلۇشنى ئېلىپبېرىشتا رەھبەرلەر ھەربى ئىشلار جەھەتتىكى كۈچنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق دىلىغۇلدابۇلغان كىشىلەرگە خاتىرجەم بۇلىشنى تەكىتلەپ،باشقىچە قاراشتىكىلەرنى خاتىرجەمقىلغان. بەزىلەرنىڭ قارىشىنىڭ ئەكسىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىپ ياخشى ئۈنۈمكۆرۇلدى،مەركەز ھازىر يەنە قەشقەر-خۇتەن تۈمۈريۇلىنى ئېلىپ بېرىپ قاتناش ئىشلىرىنىتېخىمۇ راۋانلاشتۇرماقچى بۇلۇپ ئىش باشلىدى.قەشقەردىن شىمالغا قاراپ جۇڭگۇ-قىرغىزىستان-ئۆزبىكىستان يۈمۈر يۇلىنى ئالماقچى يەنە قەشقەردىن غەربكە قاراپپاكىستان پايتەختى ئىسلامئاباتقا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يۇل ئېلىش ئىشىمۇ ئۇزاققابارماسلىغى مۇمكىن.مەركەزنىڭ 32-نۇمۇرلوق ھۆججىتى خۇتەننىڭ نىيا ناھىيىسىدىن –قىزىلسۇنىڭ ئاقچى ناھىيىسىگىچە تارتىلغان ئەينەك پەردىنى ئېچىپ ئىقتىسادىتەرەققىياتنى تىزلىتىپ خەلىققە بەخت يارىتىدو.ئىجتىمائى موقۇملۇقنى ئىلگرى سۇرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خۇتەن،قەشقەر،قىزىلسۇدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئىلمى تەرەققىياتقارىشىنى نەزىرىيە جەھەتتە،خاتىرە يېزىش،سۆھبەت يېغىنىدىلا ئۈگىنىپ قالماي،بەلكىھەقىقى ئەمىللەشتۈرىشىنى كۈچلۈك ئۈمىت قىلىمەن .ئازاتلىقتىن بۇيان بۇلۇپمۇ ئىلىمىزدەئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان 30يىل جەريانىدا پۈتۈن مەملىكىتىمىز تىز تەرەققى قىلدى.دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارىتقۇدەك ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتتارىخىدا شانلىق سەھىپە قالدۇردى. نەتىجىلەر ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسى ، دىڭ شىيافىڭنەزىرىيىسىنىڭ تۇغرا يىتەكچىلىكىدە ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتىپاقىلىشىشىجاپالىق كۈرەش قىلىشى ئاساسىدا قۇلغا كەلتۈرۈلگەن. ئولار بۇ بايراقدار قاراشلاردانىمىنى ئاساس قىلغان؟قايسى پىرىنىسىپتا چىڭ تۇرغان؟

جاۋابى ھەممىدە جۇڭگۇنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش .ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىنئىزدەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان.مەن ئىسلاھات باشلانغاندا ئۆسمۈر بالا ئىدىم.20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئائىلىمىز ھۆكۈمەت قۇرۇسىدا بۇلغاچقا سىرتقا چىقىپ -كىرىشجەريانىدا كادىلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ قالاتتىم<< ئەگەر تۇرپاندىكىسۇلايمان ۋاڭ مۇنارى مەدەنىيەت زۇر ئىنقىلابى ۋاختىدا خۇتەندە بولغان بولسا، تولۇقۋەيران قىلىپ خىشلىرىمۇ قالماسكەن.ھازىر يەرنى دىھقانلارغا بېرىپ،دىھقانلارخالىغىنىنى تىرىپ ،ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىدىغان بۇلغاچقا يېزا كادىرلىرىنىڭھېچقانداق رۇلى يوقتەك بولوپ قالدى.>> مانا بۇ،قاراشلاردىن مەدەنىيەت زۇرئىنقىلابىدا مەدەنىيەتنى يۇقىتىشتا ئالدىراڭغۇلۇق قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىسلاھاتباشلانغان بىلەن يىڭى دەۋرىگە ماسلىشالماسلىق ئىپادىلىنىدۇ.ئۇلار تەرەققى قىلغانرايۇنلارغا قارىغاندا دىھقانلارنى ياخشى يىتەكلىمىدى ھەم دىھقانلارنىڭ خالىغانتېرىقچىلىقنى قىلىشىغا قارىتا ھۇقۇقى تۈۋەنلەپ كەتكەندەك تۇنۇشتا بۇلدى.ئۇلارئىسلاھات دىگەن بىر ۋىۋىسكا قارىشىدىن قۇتۇلالمىدى،شۇڭا كونا دۇكانغا يىڭى ۋىۋىسكائاسقاندەك تەپەككۇر يۇلىنى سىياسەتلىرىدىن بايقايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن پىلانلىقئىگىلىك ئەندىزىسىدىن قوتىلالمىغان خۇتەن رەھبەرلىرى يېزا خىزمىتىدە << بەشبىرتۇتاش بولۇش >> (10)سىياسىتنى يولغا قۇيدى .ئەينى ۋاقىتتا پاراڭلاردائۆزگىرىش بولۇپ كەنت رەھبەرلىرى <<بۇرۇن نىمە تېرى دىسەك شۇنى تېرىيدىغانكىشىلەر ئارىلىقتا ئۆزى بىلگەنچە تېرىشىپ كەتكەن ئىدى. تۇۋا ئەمدى بىز ئۆزىمىزنىكادىر ھىساپلاب ،دېھقانلارنى ئونى -بۇنى تېرى دەيدىغان بۇلدۇق >>دىيىشىدىغانبۇلغان. بىردېھقان يېرىگە شۇخلا تېرىپ قىزىرىشقا باشلىغاندا رەھبەر كۆرۈپ قالسا،<< بەش بىرتۇتاش بولۇش >> قا خىلاپلىق قىلىپسەن دەپ يولىۋېتىشئارقىلىق رەھبەرلىكنى كۆرسىتىپ قۇيىدىغان ئەھۋال بۇلغان،بىراق رەھبەرلەر ئىقتىسادىپەرىقنىڭ باشقا رايونلاردىن زۇرىيىپ كىتىپ بارغانلىغىنى كۆرۈپ سىياسەتنىئۆزگەرىتتى .ئارقىدىن خۇتەن <<ئالتە ئۈچيۈزمىڭ قۇرۇلىشى>>(11) يۇلغاقۇيۇلدى .بو ئىنىق نىشانى بۇلغان،باشتىكى سىياسەتكە قارىغاندا بىرقەدەرئىلگىرلەشتەك قىلسىمۇ، يەنىلا خۇتەننىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىقىلدۇرالمايىتتى. قەشقەر، قىزىلسۇ رەھبەرلىرىمۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكىتەرەققىياتى بىرقەدەر تىز باشقا رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا،بو رايۇنلارنىڭتەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك چارە تاپالمىغان ئىدى .تەرەققىياتنىڭئارقىدا قېلىشى مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارىتتى، شۇڭا 32- نومۇرلۇقھۆججەتنى چىقاردى.مۇشۇنداق پورسەتنى چىڭ تۇتوپ رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىسادى ،ئىجتىمائىئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرىشىمىز لازىم.تەرەققىياتتا رايون ئەھۋالىنى ئاساسقىلىشىمىز.چوقۇم ۋە چۇقۇم ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىئەمىللەشتۈرىشىمىزكىرەك.ئەينەك پەردە چۈشۇرۇلگەن بۇ رايوندا تېرىلغۇ يەر ئاز شۇڭايالغۇز يېزا ئىگىلىكىگىلا تايىنىۋالماسلىق كىرەك، كىشى بېىشىغا تۇغرا كىلىدىغانتېرىلغۇ يەر ئىككى مۇغىمۇ يەتمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ئىنتايىن قىس ،قاتتىق قۇرغاقرايۇن يېزائىگىلىك ئارقىلىق ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش رايۇن ئەھۋالىغا ماسكەلمەيدۇ.(ماۋزىدۇڭ ئىددىيىسى بىلەن دىڭ شىياۋفىڭ نەزىرىيىسى نىمىنى ئاساس قىلغان؟جاۋابى :دۆلەت ئەھۋالىنى )ئۇنداقتا بىز رايۇن ئەھۋالىنى ئاساس قىلىشىمىز كىرەك.دۇنيا تارىخىغا قارايدىغان بۇلساق ئامېرىكىنىڭ غەربنى ئېچىشى،ئەنگلىينىڭ غەربىشىمالنى ئېچىشى ،سۇۋىت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقى قىسىمنى ئېچىشى بۇلسۇن ئاساسى جەھەتتىن سانائەتنىيېتەكچى قىلغان.ئەلۋەتتە فرانسىيىنىڭ جەنۇبى قىسىمنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۇرۇشتە،يېزائىگلىكنى ۋە ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىپ ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرغانئىدى.سۈيى مۇل، ياپيېشىل گۈزەل مۇھىت يېزائىگىلىككە،ساياھەتچىلىككە پايدىلىق تەبئىشارائىت ياراتقان. دۇنيا يېقىنقى زامان تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بۇلساق سانائەتتەرەققىياتنىڭ ئاساسى .ئاسىيادا بۇنى ياپۇنىيىلىكلەر ئالدىن بىلگەن ،ياخشىئەمىللەشتۈرگەن.ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنامرات رايۇنلاردىكى نامراتلارغا قارىتا نۇرغۇنياردەملەرنى قىلدى .تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پولى تارقاتتى،بۇ ئەل كۆڭلىنىئۇتۇش،نامراتلىق بېسىمىنى پەسەيتىشتە ،ئىجتىمائي مۇقۇملۇقنى ساقلاشتا كىشىنى خۇشالقىلىدۇ.شۇڭا بۇسىياسەتنى مەن قەتئي قۇللايمەن ھەم داۋاملىق ياخشىئەمىللەشتۈرۈش،مۇكەممەللەشتۈرۈش زۈرۈر دەپ قارايمەن.بىراق بۇ سىياسەتتە تۈۋەنھالەتتىكى تۇرمۇشنى قامداش،كاپالەتلىك قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ. خەلقىمىزبېيىش ئۈچۈنداۋاملىق تىرىشىپ ئۆزى پول تېپىش كىرەك.تۈۋەن تۇرمۇش پولىغىلا قاراش بېيىشنىڭتۇغرا يۇلى ئەمەس. تۈۋەن تۇرمۇش پولى ئالىدىغان بىرسىنىڭ ئۇيغۇرلاردا<<كالامۇزىيى تاي بۇلماس،تىلەمچىلەر باي بۇلماس.>> دەيدىغان گەپ بار . شۇڭامۇستەقىل ،ھالال ئىشلىمىسەك بېيىغىلى بۇلمايدۇ،ئەجدادلىرىمىز بىكارغائېيىتماپتىكەن ، بۇ گەپنى دىگىنىلا كۇپايە. خۇش ئۇنداقتا رايۇنىمىزتەرەققىياتىدىكى ئاجىز ھالقا جەنۇپتىكى ئىككى ۋىلايەت،بىرئۇبلاست ئىلمى تەرەققىياتقارىشىنى ئەمىللەشتۈرۈش،دۇنياۋى كىرزىسنىڭ تەسىرى يۇقىتىپ ئىگىلىكنى تەرەققىقىلدۇرۇشتا ئىقتىسادى تەرەققىيات بۇشلىغىنى قانداق ئىگەللىشى كېرەك؟ئۆزگىچەتەرەققىيات يۇلى،كۇنكىرت تەدبىرلەر ۋە ئۆزگىچە ساھە،كەسپ قايسىلار؟... .

ئىقتىساد بۇشلىغى ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا رايۇن ئالاھىدىلىگىنىگەۋدىلەندۇرۇش ،يەرلىك خاسلىقنى ئىپادىلىشى تۇلىمۇ زۇرۇر. شۇنداقلا بايلىقئۈستىنلىگىنى ئىقتىسادى ئۈستۈنلىككە ئايلاندۇرۇش ئىلمى تەرەققىيات قارىشىدىكىئادەمنى ئاساس قىلىشتا قەتئى چىڭ تۇرۇش ،رايۇنىمىز ئەمگەك كۈچلىرى ئىشسىز تۇرسىمۇھەدەپ سىرىتقى رايۇنلاردىن يۆتكەش قاتناش بېسىمىنى كۆپەيتىپ، چىقىمنى ئاشۇرۇپ،ئادەم بايلىقىدىن ئىلمى پايدىلانماسلىقتەك ناچار ئەھۋالنى قەتئي تۈگىتىش،ئىشسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان مۇقۇمسىزلىق ئامىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .ئاپتۇنۇمرايۇنىمىز خەلقئارا ئىقتىسادى كىرزىسكە تاقابىل تۇرۇشتا جايلاردىن مەركەزنىڭسىياسەتلىرىنى قەتئي ئىجرا قىلىش بىلەن ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ يىڭى،ئۆزگىچەئۇسۇل،ئۈنۈملۈك چارە ،ياخشى تەدبىرلەرنى يۇلغا قۇيۇشنى ،جانلىق بۇلۇشنى،ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ئىجتىمائى مۇقوملۇقنى قۇغداپ ،دۇنياۋى كىرزىسنىيېڭىشنى ،خەلققە بەخت يارىتىشنى تەكىتلىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن مىنىڭچە تۆۋەندىكى سىياسەت،تەدبىرلەرنى يۇلغا قۇيۇش كىرەك دەپ قارايمەن .

شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ بۇلۇپمۇ، جەنۇبتىكى خەلىقنىڭ نامرات بۇلىشىنىڭ تۈپسەۋەبى نىمە؟زادى قايسى ئەمىلىيەت بۇنداق نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ؟نىمە ئۈچۈنشۇنداق بۇلىدۇ؟

تۈپ سەۋەبى : پول تېپىش يۇلى ،ئۈنۋىرسال شارائىتى ناچار.رايۇنىمىزنىڭ ئاساسىئەمىلىيىتى كىشى بېشىغا تۇغرا كېلىدىغان زىمىن كۆپ بۇلسىمۇ تېرىلغۇ يەر ئاز،سۇئىنتايىن قىس ،قاتتىق قۇرغاق ،سۇنىڭ ھۇرغا ئايلىنىشى ئاجايىپ يۇقىرى ، ئىشلىگىلىزاۋۇت چەكلىك،كارخانىلار كەم .چىقىش يۇلىنى يېزائىگىلىكىگە باغلاپ ،سانائەتكە سەلقاراش ، سانائەتتە ئىنىرگىيە (نىفىت ،نىفىت –خىمىيە ،كۈمۈر قېزىش )، چەكلىكمىقداردايېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتەك قۇرۇلما جەھەتتىكىمەركەزلىشىش ئېغىر ئۈنۋىرسال سانائەتنىڭ يۇقلىغى،رەھبەرلەرنىڭ تەرەققىيات ئارقىلىقمۇقۇملۇقنى ئىلگىرى سۇرۇش ئىڭىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەققى قىلمىغانلىغى.

بىز ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ يىتەكچىلىگىدە رايۇنىمىز ئىقتىسادىتەرەققىياتىدىكى ئاساسى تەپەككۇر يۇلى سانائەت . سانائەت –ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىنئىزدىگەنلىك .تەرەققىيات چىڭ قائىدە بۇلوش ،ئەمىلىيەتتە سانائەتنى تەرەققىقىلدۇرۇش .ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپئەتىگە ۋەكىللىك قىلىش ئىقتىساد نۇقتىسىدىن سانائەتنىراۋاجلاندۇرۇشتۇر. سانائەت –رايۇنىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنىڭمۇ –ئاساسى.

سانائەت-شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ چىقىش يۇلى، سانائەت-شىنجاڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭئۈمىدى، سانائەت-شىنجاڭ ئىجتىمائىي،ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئول تېشى،سانائەت-ئۇيغۇر دىيارى ئۇمۇمىي تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك يادرۇسىدۇر.

1- ئەجدادلار يۇلى ۋە رۇھىنى جارى قىلدۇرۇپ ، تۇقۇمىچىلىق سانائىتىنى تەرەققىقىلدۇرۇش دەۋرى تەلىۋى،ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى . يۇڭ، يىپەك،پاختا تۇقۇمىچىلىقئىشلىرى تارىم ۋادىسىدا جۇڭگۇ ھەتتا پۈتكۈل يىراق شەرق رايۇنىغا نىسبەتەن ئەڭبۇرۇن بارلىققا كەلگەن بۈشۈكتۇر.دىيارىمىزدىن چىققان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇنىئىسپاتلىماقتا،<<كرۇرەن گۈزىلى>> ھەم ئۇنىڭ بىلەن تېپىلغان يۇڭتۇقۇلما دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى يۇڭ تۇقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ بىرىدۇر. چەتئەلتارىخچىلىرى ئەزىز دىيارىمىزنىڭ يىراق قەدىمقى زامان تۇقۇمىچىلىقى ھەققىدەقىممەتلىك ئۇچۇرلارنى قالدۇرغان،قەدىمقى يۇنان(ھازىرقى گىرىتسىيە ۋە ئۇنىڭئەتراپى) تارىخچىلىرى رايۇنىمىزنى <<يىپەك ئېلى >>دەپ تەرىپلىگەن .غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يۇقىرى باھالىرى بىزنى سۈيۈندىرىدۇ.قاراڭ ھېرىدۇت،كىتسىياس،سترابۇ،پتۇلېمىيقاتارلىق يۇناننىڭ قەدىمقى زامان مەشھۇرئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە تېلغا ئېلىنغان<<يىپەكئېلى>> نى جۇڭگۇ ئالىمى چيەن بۇچۇەن : <<ھازىرقى شىنجاڭ،جۈملىدىنقەشقەرنى مەركەزقىلغان ھالدا خۇتەن، يەكەننى كۆرسىتىدىغانلىغى>>(12)نىمۇئەييەنلەشتۈردى.يىغىنچاقلىغاندا تۇقۇمىچىلىق بۇ رايۇندىكى ئەنئەنىۋى قۇلسانائەتتۇر،ئاتا كەسىپ ،ئۆزگىچە ئىقتىساد،مەدەنىيەت ھادىسى ھىسابلىنىدۇ. دىيارىمىزخەلقى يىراق قەدىمقى زاماندىن بۇيان چارۋىچىلىق ئارقىلىق يۇڭ، دىھقانچىلىقئارقىلىق پاختا، ئورمانچىلىق ئارقىلىق ئۈجمە ئۆستۈرۇپ پىلە قۇرتى بېقىپ پىلەيىتىشتۈرۈپ پاختا ، يۇڭ ،يىپەك تۇقۇمىچىلىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ياكى ئالدىبىلەن قۇبۇل قىلغان خەلىقتۇر.بۇ خىل قۇل- سانائەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپبارغان، ئەڭ دەسلەپكى تەرەققىياتقا ئىگە قىلغان يەرشارىدىكى ئاز ساندىكى قەدىمى،مەدەنىي خەلقلەرنىڭ بىرىدۇر. قەدىمى تارىم ۋادىسىدا يۇڭ، يىپەك، پاختاتۇقۇمىچىلىقى بىر-بىرىگە شارائىت يارىتىپ بىرىش ،بىر-بىرىنى تۇلۇقلاش ۋە ئىلگرىسۈرۈش رۇلىنى ئۇيناپ تەرەققى قىلغان .بۇنى بىز دىيارىمىز ھەرقايسى خارابىلىرىنىڭكۆپۈنچىسىدىن يۇڭ، يىپەك، پاختا تۇقۇمىچىلىق ئىسىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈركۈملەپبىرگە تېپىلىشىدىن بىلىمىز ھەم بۇ،تارىخى شاھىت، تۇلۇق ماددى ئىسپاتلاردۇر.ئەنئەنىۋى سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش رايۇنىمىز ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھاياتىكۈچكە ئىگە قىلىدۇ.يېقىنقى زاماندىن بۇيان دۇنيا ئىقتىسادى ،مەدەنىيىتىنىڭيىتەكچىسى بۇلغان ئېنگلىزلار ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى سانائىتى بۇلغان سۇكنا(نىزا)تۇقۇمىچىلىقى ئارقىلىق باش كۈتەرگەن ياكى يىڭى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بۇلغانكاپىتالىسىتىك ئىش تەقسىماتى بارلىققا كەلگەن .يىڭى دېڭىز يۇلىنىڭ ئېچىلىشىقاتارلىق نۇرغۇنلىغان پايدىلىق شارائىتلاردىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ باش كۆتۈرگەن.شۇنىڭئۈچۈن تۇقۇمىچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. چارۋىچىلىقتەرەققىياتى يۇڭنى ،قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇپ ئۈجمە ئۆستۈرۈش يىپەكنى، سۇ قىسرايۇندا كىۋەز تېرىشنى ئاۋۇتۇش پاختىنى كۆپ ئىشلەپچىقىرىش يۇڭ، يىپەك، پاختاقاتارلىق خام-ئەشىيا مەنبەسى مۇل بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمگەك كۈچلىرىئەرزان ،ئىشسىزلىق يۇقىرى بۇلۇپ مەبلەغ،تېخنىكا بۇلسا تەرەققىياتنى ئىلگرىسۈرۈيدۇ. يۇڭ، يىپەك، پاختا تۇقۇمىچىلىق رايۇنىمىزنىڭ گىلەمچىلىك كەسپىگە پايدىلىق.مەن قاراقاش ناھىيىسىدىن خۇتەن شەھرىگە بارغىچە ئاپتۇۋۇزدا مۇنداق سۆزنىئاڭلىدىم، بىر يۇلىچى يەنە بىريۇلىچىدىن (تۇنىشى بۇلسا كىرەك)قاندىغا گىلەمچىلىكئىشلىرى تەرەققى قىلىپ پايدا كۆپتۇ ؟- دىگەندە ،پايدىغۇ بار بىراق ئەجدادلارغايۈزكىلەلمەيمىز.بۇرۇن يۇڭ،پاختا يىپنى ئۆزىمىز تەييارلايىتتۇق ئۆزىمىز تۇقۇيىتتۇق،ھازىر بۇلسا بىر،ئىككى يىل ئىچىدە خۇتەننىڭ 500 مىليۇندەك پولى جياڭ جيېشىنىڭيۇرتى جيېجاڭغا ئاقماقتا. يۇڭ،پاختا ئەكىرسەك تىۋىتىنى ئۆزلىرى ئېلىپ قېلىپ،بۇرچىدا بىزگە يۇڭ يىپ تەييارلاپ بىرىدۇ.پاختا يىپمۇ شۇنداق.بۇ پاراڭدىن خۇتەنۋىلايىتى ئىقتىسادىنى ئارقىغا سۆرەپ كىتىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى، تۇقۇمىچىلىقياكى تۇقۇمىچىلىقنىڭ تەرەققى قىلماسلىغى ئىكەنلىگىنى بىلىمىز.يۇقارقى بىر ئىنىقسىزسانلىق مەلۇمات ئەلۋەتتە،بىز سۇغاققانلىق بىلەن ئويلاپ باقايلى .خۇتەن تېلىۋىزىيەئىستانسى خۇتەن ۋىلايىتىنىڭ گىلەمچىلىك تۇغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنىڭ بىرىدە <<...ۋىلايىتمىزنىڭگىلەمچىلىك ئىشلىرى تىز تەرەققى قىلىپ گىلەمچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانى58مىڭغا يەتتى...>> خەۋەرنى ئاڭلاپ، مەن قاراقاش ناھىيىسىدىكى بىرگىلەمچىدىن بىر گىلەم تۇقۇغىچى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن بىر يىلدا قانچىلىك قىممەتتىكىيىپنى ئىشلىتىدۇ،دەپ سۇرىغان ئىدىم 3 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا دەپ ،جاۋاپ بەردى. دىمەك بۇنىڭدىنخۇتەن ۋىلايىتى يىلىغا 174 مىليۇن يۈەن قىممىتىدىكى گىلەم يىپ خام-ئەشىياسىغائىھتىياجلىق بۇلىدۇ دىگەن سانلىق قىممەتكە ئىرىشىمىز. يۇڭ،پاختا ئاپىرىپ ،يۇڭ،پاختا يىپنى يۆتكەش كىراسى قاتارلىق چىقىملار ،يىپ باھاسىنى ئاشۇرۇپ خۇتەنگىلىمىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرىۋىتىدۇ،رىقابەت ئىقتىدارىنى تۈۋەنلىتىدۇ.تارىمۋادىسىدىكى باشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ گىلەمچىلىك كەسپىنىڭ ئىھتىياجىنى قۇشقاندايۇڭ،پاختا يىپنىڭ ئېھتىياجى داۋاملىق ئاشىدۇ.يۇقارقىلار بىزدىن تۇقۇمىچىلىقنىتەرەققى قىلدۇرۇشنى جىددى تەلەپ قىلىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى خۇتەننىڭ كۆپلىگەنناھىيىلىرىدە يىپەك تۇقۇمىچىلىق ئىشلىرى يۈكسەلدى.مەن بۇ ،مەزگىلنى خۇتەن يىپەكتۇقۇمىچىلىقنىڭ باھار پەسلى دەپ قارايمەن. بىراق ئۇنداق ۋەزىيەت ئۇزاققابارمىدى.90-يىللاردا ئەمدى گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن يىپەكچىلىك ھەرقايسىناھىيەلەردىمۇ مەلۇم تەرەققىياتقا ئىرىشتى. يىڭى ئەسىركىرىپ ئۇمۇمىي تەرەققىياتىئاستىلىدى،يىپەك مىقدارى جىددى ئازلىدى.ئۈجمە دەرىخى چەكلىك مىدارداقالدى،ئەتلەسچىلىك بىرئاز تەرەققى قىلدى.نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ئىقتىسادنۇقتىسىدىن يىپەكچىلىك قىسقا مۇددەتلىك باھارى پەسلىدە قىممەت قانۇنىيىتىگە ئەمەلقىلمىغان ئۈجمە دەرىخى ئۆستۈرۈش، پىلە قۇرتى بېقىشقا يۈكسەك ئىتىۋاربەردى.ئۇقۇرمەنلەر بۇ ئەھۋاللار نى ئىقتىدارلىق ئەدىب نۇرمەمەت تۇختىنىڭ <<خۇتەندىنخەت>> دىگەن ئەسىرىدىن خېلى ئەتراپلىق چۈشىنىدۇ.خەلقمىزنىڭ مۇنەۋۋەر شائىرىرۇزى سايىتنىڭ<<دېھقان بۇلماق تەس >>ناملىق شئېرى ئارقىلىق ئۆزگىچەبىلىمىز .خام-ئەشىياغا ئىتىۋاربەرگەن رەھبەر سېتىش ئىشلىرىدا دىھقانلارنىڭ پىلەمەھسۇلات مىقدارىنى چىڭ تۇتۇپ ،ئەركىن سېتىشنى چەكلەپ،پىلە پۇنكىتىغا سېتىپبىرىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى، باھاسىنى بازار ئارقىلىق تەڭشىمەي مەجبۇرى سېتىۋېلشسىياسىتىنى يۇلغا قۇيدى.ئەينى يىللاردا بىركىلۇگرام پىلە كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچەجېجياڭدا 65 يۈەن ئەتراپىدا خەلقئارا بازاردا ئەڭ يېقىن جاي بۇلغان، خۇتەنلىكلەرنەزىرىدىكى تاغنىڭ ئۇ تەرىپى (قاراقۇرۇم-ھىمالايا تاغ تىزمىسى)بۇلغان ھىندىستاندا320 رۇپىيە ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگۇ خەلق پۇلىدا 85 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى. ئەكىسىچەخۇتەن ۋىلايىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ پىلە پۇنكىتلىرى (پىلە قۇرتى بىلەن تەمىنلەش ،پىلەسېتىۋېلىش ،بۇسلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇرگان)ئالدىنقى قاتاردىكى پىلىنى15 يۈەن ئەتراپىدا سېتىۋالغان بۇلۇپ كۆپلىگەن دىھقانلار 10-12يۈەنگىچە ساتقان.شەخسلەر مەخپى ھالدا17 يۈەندىن 25 يۈەنگىچە سېتىۋىلىپ ئىچكىرگە ئاپىرىپساتقان،ئەمما چەكلىك بۇلغان .جۇڭگۇ كۇمىنىستىك پارتىيىسى 14- قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپقۇرۇلتاي رۇھىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۈگىنىۋاتقان ، سۇتسىيالىستىك بازارئىگىلىكىتۈزۇلمىسىنى ئۇرنىتىش قىممەت قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش بازار ئارقىلىق تەڭشەش كەڭتەشۋىق قىلىنىۋاتقان دەۋردە پىلە باھاسى بازار ئارقىلىق تەڭشەشنىڭ سىرتىدا قالغانئىدى.دىھقان ئەمگىكىنىڭ قىممىتى مەجبۇرى تۈۋەنلىتىلگەن ئىدى.ئەمما خۇتەندىكى<<سەركىلەر>> دائىم <<جاندىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش،كىرىمنى ئاشۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش >>نى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيىتتى. دىھقانلارئەمىلى پايدا يۇق پىلە قۇرتى بېقىشتى جاق تۇيغان ئىدى،پىلىچىلىك بىنۇرمالتەرەققىيات يۇلغا كىرىپ قېلىپ ئەگرى-تۇقايلىق ئىچىدە ئىلگىرلىمەكتە.ھازىر ئاساسەنئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەتلەسچىلىك كەسپى مەلۇم تەرەققىياتقا ئىرىشتى. يۇڭتۇقۇمىچىلىق جەھەتتە يۇڭ مۇل بۇلسىمۇ قۇلدا چاخا بىلەن يۇڭ يىپ ئىگرىش ھېلىھەمداۋام قىلماقتا،يۇڭمۇ كۆپلەپ تەييار پېتى سىرىتقا تۇشۇلماقتا.جەنۇپتىكى ئىككىۋىلايەت ،بىر ئۇبلاست تۇقۇمىچىلىق خام-ئەشىياسى مۇل رايۇن شۇڭا تۇقۇمىچىلىقتەرەققى قىلسا ،رەختلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم پاسۇنى ۋە زامانىۋىپاسۇندىكى تۈرلۈك كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىلسا ،ئەڭ كەم دىگەندە 1مىليۇندىن ئارتۇقئىش ئۇرنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.قەشقەر،خۇتەن،قىزىلسۇ قاتارلىق جايلار ئەپلىكجۇغراپىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ،ئۇتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئاسىيا،غەربىئاسىيادىن ئىبارەت 1مىليارد 500مىليۇن نۇپۇسلۇق غايەت زۇر ئەۋزەل بازار بۇشلىغىبار رايۇنغا ،يېقىن بولۇشتەك جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. جەنۇپتىكى ئىككىۋىلايەت ،بىر ئۇبلاستتا تۇقۇمىچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرساق بۇلمايدۇ ،دەيدىغانكىشىلەرگە ماۋزىدۇڭ ئىددىيىسى بىلەن دىڭ شىياۋفىڭ نەزىرىيىسى جۇڭگۇدا دۆلەتئەھۋالىنى ئاساس قىلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. جەنۇپتىكى ئىككى ۋىلايەت ،بىرئۇبلاست نامراتلىغىنىڭ ئاساسى مەنبەسى كىشىلەرنىڭ تېرىغىلى يېرى ئاز ،ئىشلىگىلىزاۋۇت كەم ،كارخانىلار قىس بۇلۇشتۇر،زامانىمىزدا تەرەققىيات سانائەت ئۈستىگەقۇرۇلغان دىگۈم بار. دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ئېقىمىنى ،ئاساسىسەۋەبىنى چۈشىنەلمەيدىغان مىڭىسى قېتىپ قالغانلارغا قارىتا يىڭى جۇڭگۇنىڭيۇلباشچىسى ، رەئىسى ماۋزىدۇڭنىڭ <<تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىر قىلىش ھۇقۇقى يۇق>>دىگەن سۈزىنى سۇۋغا قىلىش لازىم.دۆلەت دىيارىمىز تۇقۇمىچىلىقنى تەرەققىقىلدۇرماقتا ،چۇنكى غايەت زۇر خام-ئەشىيا ،ئىنىرگىيە،يېقىن ئەتراپتا بازار بۇلغانشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا ۇقۇمىچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئەپلىك ،ئىلمىتەرەققىيات قارىشىنى ئەمىللەشتۈرگەنلىك. شۇڭا دۆلەت تۇقۇمىچىلىقنى قۇللاشسالمىغىنى ئاشۇرۇشقا باشلىدى.دۆلەتنىڭ قۇللىشى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تىرىشچانلىغىبىلەن ئۈرۈمچى-سانجى،شىخەنزە –كۇيتۈن،كورلا-لوپنۇر،ئاقسۇ،قەشقەرقاتارلىق رايۇننىئاساس قىلغان تۇقۇمىچىلىق كەسپى پەيدىنپەپ كۈلەملەشتى. تۇقۇمىچىلىقنى تەرەققىقىلدۇرۇش بىلەن گىلەمچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇش لازىم .ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق گىلەمچىلىكتەتقىقات يۇرتى ۋە گىلەمچىلىك ئىلمى جەمىيىتى،گىلەم نۇسخىسىنى لايىھەلەش مەركىزى(مەخسۇس كۇمپيۇتىردا لايىھىلەش ئېلىپ بارىدىغان ) قۇرۇپ گىلەمچىلىك ئىشلىرىنىقېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ،ئىلمى پىلان ،لايىھە،گىلەمنىڭ ئۆلچىمى ،گىلەمچىلەرقۇللانمىسى تۈزۈپ ئىلمى يىتەكلەش لازىم. پەرىزىمچە ئويغۇرلاردىن 1مىليۇندەك ئادەمقۇلدا تۇقىلىدىغان گىلەم تۇقۇشنىڭ ئاددى تېخنىكىسىنى بىلىدۇ ،ئولارنى ياخشىيىتەكلىسەك ،بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ.ب د ت باش شىتابىدىكىجۇڭگۇنىڭ ئەزىز،ئىسىل سۇۋغىسى قاتارىدا خۇتەن ئۇيغۇرلىرى قۇلدا تۇقىغان گىلەمسۇۋغا قىلىنغان.رايۇنىمىز ئەزىز مىھمانلارغا سۇۋغات يۈزسىدىن بۇنىڭدىن كىيىنمەخسۇس زىلچا گىلەم تەييارلاپ سۇۋغا قىلىنسا ،رايۇن ئەھۋالى گەۋدىلەنگەنلىرىنىياكى ساياھەت ئۇرۇنلىرىدىكى مەشھۇر جايلار مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن گىلەملەر تۇقۇلساشۇنداقلا چەتئەللەرنىڭ دۆلەت خەرىتىسى ياكى ئالاھىدە سىمۇۋۇل خاراكتىرلىكيادىكارلىقلىرى، مەنزىرلىك تاغ ،دەريالىرىنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن مىسالغا قاراڭ:مىسىرلىق مېھمانلارغا ئەل ئېھرام،ياپۇنىيىلىك دۇستلارغا فۇجى تېغى مەنزىرىسىچۈشۈرۈلگەن،فىرانسىيە ئەلچىلىرىگە ئىففېر تۈمۈر مۇنارى ،ۋىرسال سارىيى مەنزىرىسىچۈشۈرۈلگەن ،ھىندىستاننىڭ ساياھەتچىلىرىگە تاج مەھەل مەقبەرىسى ، رۇسىيىلىكساياھەتچىلەرگە قىزىل مەيدان ،ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرگە<< ئاپۇللۇ11-نومۇر>> ئايغا قۇندى...مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن گىلەم دىگەندەك سۇۋغا ۋەسېتىۋېلىش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ رايۇنىمىز قۇل-سانائىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشمۇۋاپىق دەپ قارايمەن. يۇقىرىدا سۆزلەنگىنى زىلچا گىلەم ئۇيغۇرلاردا يەنە مەخسۇسپاختا يىپتىن تۇقۇلىدىغان بۆزگىلەم تۇقۇش ئىشلىرىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بۇ قۇل-سانائەت كەسپى يۇقىلاي دەپ قالدى ،شۇڭا بۇ كەسنىڭ تەرەققىياتىغا ئىتىۋار بىرىشلازىم.گىلەمچىلىك كەسپىنى ئۈگەنگەن قىزلارنىڭ تۇي قىلىش ئىشلىرىدا كىشىلەر ئالدىن ئۇيلىشىدىغاننىشان ،چۈنكى گىلەمچىلىك ئائىلىدە دۇكان قۇرۇپ قۇلدا تۇقۇيدىغان ،ئائىلە ئىشلىرىنىقىلىۋېتىپ بىكار ۋاقىتتا قىلسا بۇلىدىغان ئۆزگىچە كىشىنى جەلىپ قىلىدىغانھۈنەردۇر، گىلەمچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستىقبالى بار، ياخشى ئاتا كەسپىمىزدۇر.قىسقىچە يىغىنچاقلىغاندا قەشقەر،خۇتەن،قىزىلسۇدا تۇقۇمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئىلمىتەرەققىيات قارىشىنى ياخشى ئەمىللەشتۈرگەنلىك ھىسابلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ سانائەتنىڭئىستراتىگىيىلىك جايلىشىشىدىكى تەكشى بۇلماسلىق ۋەزىيىتىنى جىددى ئۆزگەرتىشتەلىۋىگە ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلما ۋە سانائەتنىڭ ئىستراتىگىيىلىكجايلىشىشىدىكى نامۇۋاپىق ئەھۋالنى تىزراق ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنىئەمىللەشتۈرگەنلىكتۇر. رايۇنىمىزدا قىزلىرىمىزنى تەشكىللىك ئىچكىرى ئۆلكىلەرگەيۆتكەپ يۈرمەيمۇ دىيارىمىزدىلا ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ.دۆلەتنىڭ بىرفۇڭتېرىلغۇ يەرنى قەدىرلەپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسىتىگەپايدىلىق .چۈنكى يۇرتىمىزدىكى قاقاسلىقلار جۇڭگۇ قاقاس يەرلىرىنىڭ %47نىئىگەللىگەن بۇلۇپ بۇ جايلارغا سانائەت ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋەتەننىڭ تېرىلغۇ يېرىنىقۇغداپ خەلقنىڭ ئاشلىق ئىستىمالىغا كاپالەتلىك قىلغىلىبۇلىدۇ،ئاشلىق-مۇھىمنىڭمۇ-مۇھىمىدۇر. قەشقەر،خۇتەن،قىزىلسۇدا تۇقۇمىچىلىقنىراۋاجلاندۇرۇش ماركىسزم تەلىماتنى ئۈنۇملىك جارى قىلدۇرغانلىق ،ماۋزىدۇڭئىددىيسىنى ئۇبدان يۇلغا قۇيغانلىق،دىڭ شىياۋفىڭنىڭ جۇڭگۇچە سۇتسىيالىزمنەزەرىيىسى بۇيىچە ئىش قىلغانلىق،<<ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش >>مۇھىمئىددىيىسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىق، ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى ياخشى ئەمىلىيەتتىنئۆتكۈزۈش ھەم ئەمىللەشتۈرگەنلىك ھىسابلىنىدۇ.

2- ئېغىر سانائەت ،ئەينەكچىلىك،يۇمشاق دىتال ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشلازىم. باي ناھىيىسىنىڭ ياقىئېرىق رايۇنىدىن مىتال تاۋلاش خارابىسى مىلادىدىنبۇرۇنقى3-ئەسىردىن ،مىلادى20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشقانشىنجاڭدىكى ئەڭ چۇڭ مېتال تاۋلاش خارابىسى ھىسابلىنىدۇ.بۇ كاندا مىستاۋلانغان،بۇنىڭغا ئۇخشاپ كىتىدىغان كۇچادىكى تۈمۈر كانمۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ يىراققەدىمقى زاماندا ئەنئەنىۋى پۇلات-تۈمۈر قۇل- ھۈنەرۋەنچىلىگى بىلەنشۇغۇللانغانلىغىنىڭ ئىشەنچىلىك ماددىۋى ئىسپاتىدۇر. مۇل تەبئىي بايلىقلىرىشىنجاڭنىڭ ئەڭ مۇھىم تارتىش كۈچى،جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى ھىسابلىنىدۇ. دۇنيادىكىئەڭ چۇڭ قۇرۇقلۇق ياۋرۇ- ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىدە بۇلۇش سۈپىتى بىلەنئەجداتلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن ئىپتىدائىي قاتناش قۇرالى بۇلغان، ياغاچ ھارۋا ياسىغانتەبئەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان.زامانىمىزدا ئۇرۇن جەھەتتىكىئەۋزەللىك،بايلىق جەھەتتىكى ئۈستىنلىكىمىزگە ئاساسلىنىپ رايۇنىمىزدا ئاپتۇمبىلسانائىتى تەرەققى قىلدۇرۇش لازىم،بۇلۇپمۇ ئىنىرگىيە تىجەيدىغان مۇھىت ئاسراشتىپىدىكى ئاپتۇمبىل سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ،چەتئەللەربىلەن بېرىش-كىلىشئالاقىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا رايۇنىمىزدا ئاۋىئاتسىيە سانائىتىنى تەرەققىقىلدۇرۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . ئايرۇپىلان ياساش،قۇراشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ،يەنەئاپتۇمبىل زاپچاسلىرىنى ئىشلەش ،قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق بۇئىككى خىل كەسىپنىخەلقئارالىق ھەمكارلىق ،دۇستلۇقنى تەرەققى قىلدۇرۇش شەكلى،سىياسەت جەھەتتەقۇللاشنى قۇلغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق يېقىن كەلگۈسىدە رايۇنىمىز ئىقتىسادىدىكى تۈۋرۈكساھەگە ئايلاندۇرۇش لازىم.بىزنىڭ قۇملۇقلىرىمىزدا غايەت زۇر ئەينەك خام-ئەشىياسىبار ،ئۇنىڭدىن كۆپ خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغىلى نۇرغۇن ئادەمنى ئىشقائۇرۇنلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ.بۇساھەگە خۇسۇسلار مەبلەغ سېلىش ياكى ھۆكۈمەت بىلەنشەخىسلەر ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يۇشۇرۇن كۈچى زۇر رايۇنىمىزدا تەرەققىياتئىستىقبالى بۇلغان ئەينەكچىلىك ئىشلىرىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش لازىم.ئەينەكتىنپىيالە،ئىستاكادىن تارتىپ ئەينەكلىك زالغىچە نۇرغۇن نەرسىلەر ئىشلىگىلى بۇلىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى ئۆزگىچە خاسلىق ئەينەك ئارقىلىق ئىسىلسەنئەت بۇيۇمى ،تۈرلۇك ماددى بۇيۇملارنى ياساشقا پايدىلىق .بىزھەتتا ياۋرۇپادىكىچىخ (پارچىلىشتىن بۇرۇنقى چىخۇسلۇۋاكىيە)قا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ،ئۇلارنىڭئەنئەنىۋى ئەينەكچىلىك ھۈنىرىنى ئىگەللەپ ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ياساش ئالاھىدىلىكىدىنپايدىلىنىپ مۇل ئەينەك خام-ئەشىياسى بايلىق ئۈستىنلىكىمىزنى ئىقتىسادىئۈستىنلىكىمىزگە ئايلاندۇرىشىمىز كىرەك. كۇمپيۇتېر يۇمشاق دىتالى ئىشلىرىئۇيغۇرلاردا يىڭى،تىز راۋاجلانغان يۇقىرى تېخنىكا كەسپى،بىز ھىندىستاننىڭتەجرىبىسىنى ئۆرنەك ئېلىپ بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىنمىسى كۈپەيتىپ بەرسەك ئاز مەبلەغبىلەن يۇقىرى ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىشىمىزدا گەپ يۇق.سانائەت جەھەتتە رايۇنىمىزدانۇرغۇن تەرەققىيات بۇشلىغى بار، شۇڭا بىز ئىرادىگە كىلىپ سانائەتنى مەركەز قىلىپئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى تەرەققى قىلدۇرساقلا ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ تەسىرىنى تۇلۇقيۇقىتىپلا قالماستىن باياشات ،گۈللەنگەن سۇتسىيالىستىك يىڭى شىنجاڭ قۇرۇپچىقالايمىز.

3- ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنى زۇر كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش - ئىقتىسادىكىرزىستىن قۇتۇلىشتىكى يەرلىك ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن ئىقتىسادنىجانلاندۇرىشىمىزدىكى كۇزىرىمىزدۇر. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى-ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمقى زامانياخشى تىبابىتى،قىممەتلىك مەنىۋى ۋە تىببى بايلىغى .جۇڭگۇنىڭ 4 چۇڭ ئەنئەنىۋىتىبابەت گۈھىرى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەقىل- پاراسىتىنىڭ پارلاق نامايەندىسى، ئۇلۇغ تىببى بايلىغى ،بۈيۈك مەنىۋى مىراسلىرىنىڭ بىرىدۇر.ئىنسان بۇلۇشسۈپىتىمىزبىلەن ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ، ۋەتەنداش ھەم ئۇيغور بۇلۇش سۈپىتىمىزبىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز بار.مىنڭچە ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ دۇرىلىق قىممىتى ۋە داۋالاش ئۈنىمى بۇيىچە تەرەققى قىلدۇرۇلساپەرىزىمچە يىللىق سۇدا پۇرسىتى 10-15مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بۇلىدۇ. ئەمما ھازىرقىرىئاللىق ئونىڭدىن خېلى يىراق .شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكىپاختىكارلارنىڭ يىللىق پاختا سېتىش كىرىمى دەل ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ نەزىرىيىۋىسۇدا پۇرسىتى بىلەن ئۇخشاشلا 10مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بۇلماقتا .شۇنىڭ ئۈچۈنپاختا تېرىشقا ئاجراتقان يەر ،ئادەم كۈچىنىڭ 100/1نى ۋە پاختا تېرىش ،پەرۋىش،تىرىشقاتارلىق تۈرلۈك چىقىملارنىڭ 10/1 نى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئىشلىرى ئۈچۈنئاجراتساق 10 – 20 يىلغا بارماي 10مىليارد يۈەنلىك يىللىق سۇدا پورسىتىنىياراتقىلى بۇلىدۇ.ئالدى بىلەن سەھىيە نازارىتىمىز قارمىقىدا مەخسۇس ئۇيغۇرتىبابەتچىلىك باشقارمىسى قۇرۇپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلمى يىتەكچىلىك قىلىش،ئۈنۇملۇك باشقۇرۇش ئېلىپ بىرىش كىرەك. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەممە ۋىلايەت،ئوبلاست ،شەھەر ، ناھىيە ،ئاپتۇنۇم ناھىيە ۋە يېزا ،مىللى يېزالاردىكى شىپاخاناۋە دۇختۇرخانىلاردا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دۇختۇر خانىسى قۇرۇش يەنى ھازىرچە سانى مىڭئەتراپىدا بۇلسا بۇلىدۇ ياكى دۇراخانىسى قۇرۇش ،ئالى مەكتەپلەر،قۇرۇلۇش ئارمىيىسى(بىڭتۈەن) دۇختۇرخانىلىرىدىمۇ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دۇرىلىرىنى سېلىپ ياكىدۇراخانىسى تەسىس قىلىش ئۇقۇغۇچىلار ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تىبابىتىمىزنىڭدۇرىلىرىغا بۇلغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ،داۋالىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم.شارائىتى ياربەرگەن جايلار ۋە مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دۇختۇرخانىسىتەسىس قىلىش لازىم . ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز يەرلىك خاسلىققا ئىگەدۇنيادا ئاز ئوچرايدىغان خەلقئارا بازار بۇشلىغى ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان ساھەسىدۇنياۋى ئىقتىسادى كىرزىستىن قۇتۇلۇش ياكى ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۈۋەننۇقتىغا چۈشۈرۈشتىكى كۇزۇرى،يىڭى بازار بۇشلىغىدۇر.ئۇيغۇر دىيارى سىرتىدىكىخەلقنىڭ ساغلاملىق ۋە ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىنى كىڭەيتىش ،تەبئىي ،يىڭى ساغلاملىق يىمەكلىك،دۇرا ساھەسىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۆزگىچە بۇشلۇقتۇر. ئۇيغۇر تىبابىتىنى تەرەققىقىلدۇروشتا تىببى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ غەربى شىمالدىكى 5ئۆلكە ،ئاپتۇنۇم رايۇن ۋەبېيجىڭ،شاڭخەيدىكى دۇختۇرخانىلاردا ئۇيغۇر تىبابىتى دۇختۇرخانىسى ياكى دۇراخانىسىقۇرۇشنى قۇلغا كەلتۈرۈش لازىم . بېيجىڭ،شاڭخەيدىكى دۇختۇرخانىلاردا ئۇيغۇرتىبابىتى دۇختۇرخانىسى قۇرۇش بۇ شەھەرلەردە ھەممە ئىلىملەر تۇپلانغان ،دۇنياۋىشەھەر قۇرۇشتىمۇ نىسبەتەن پايدىلىقتۇر. رايۇنىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك ئۇيغۇرتىبابەت دۇختۇر خانىسى قۇرۇش لازىم .ئاپتۇنۇم رايۇنغا بىۋاستە قاراشلىق ئۇيغۇرتىبابەت دۇختۇرخانىسىنى كۈپەيتىش يەنى ھازىرقى بىردىن ئالتىگە كۈپەيتىش لازىم.قەشقەر ،خۇتەن ،قۇمۇل،تۇرپان،ئىلى ئۇيغۇر تىبابەت دۇختۇرخانىسىنى ئاپتۇنۇمرايۇنغا بىۋاستە قاراشلىق دۇختۇرخانا ،يەكەن ،قاراقاش ،كۇچا...قاتارلىقناھىيەلەردە ۋىلايەتكە بىۋاستە قاراشلىق ئۇيغۇر تىبابەت دۇختۇرخانىسى قۇرۇش ،دۆلەتدەرىجىلىك،ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقات ئۇرگىنى قۇرۇش ھەمتەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادى كىرزىستىن قۇتۇلۇش خەلقنىڭ ساقلىقنى –ساقلاشئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش،تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاش لازىم. ئۇيغۇر تىبابىتىۋە دۇرىگەرلىكىنى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ يەرلىك خاسلىققا ئىگە بۇنىڭدىن كىيىنئالدىن تەرەققى قىلدۇرىلىدىغان 10چۇڭ كەسىپ قاتارىغا كىرگۈزۈپ ئىستراتىگىيەنۇقتىسىدا تۇرۇپ چىڭ تۇتۇپ يۈكسەلدۈرۈش لازىم .مائارىپ نازارىتىمىز شارائىتى بارجايلاردىكى كەسپى تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىبابىتى دەرسى تەسىسقىلىش،دەرسلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەش لازىم . ئىنسانىيەت تەرەققىياتى،ساغلاملىق ئىشلىرى تەبئي ،يېشىل مەھسۇلاتلارغا يۈزلەنمەكتە .ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭئىستىقبالى پارلاق ، كىرزىستىن قۇتۇلىشتىكى يۇرۇق نۇقتا ،ئەۋزەللىككە ،ھاياتىكۈچكە تۇلغان ئىقتىسادى تەرەققىيات بۇشلىغىدۇر.

4-مائارىپ،ئىلىم-پەن ئىشلىرىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۇيغۇر دىيارىنىڭدۇنياۋى كىرزىستىن قۇتۇلۇش ، ئۇمۇميۇزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئاساسىتەرەققىيات يۇلىدور.مائارىپ ،ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى بىر رايۇن ،بىرمىللەت،بىرئەلنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رۇل ئوينايدىغان ئاساسى ئامىللارنىڭ بىرى.رايۇنىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىدا زۇر ئىلگىرلەشلەر بۇلدى ،خەلقنىڭ تەربىيلىنىششارائىتى بۇرۇنقىدىن زۇر ياخشىلاندى .مەركەز ۋە ئاپتۇنوم رايۇننىڭ كۈچلۈك قۇللىشىبىلەن ئىچكىرى تۇلۇق ئۇتتۇرا ۋە رايۇنىمىزدىمۇ تۇلۇقسىز سىنىپ ئېچىلىپ نۇرغۇنياشلىرىمىز تەربىيلىنىپ جۇڭگۇغا نىسبەتەن ئىلغارشارائىت ۋە يۇقرى سۈپەتتىكىمائارىپتىن بەھرىمان بۇلدى ھەم بۇلماقتا. ئەمما تەرەققى قىلغان رايۇنلارغاقارىغاندا شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا پەرق بار .بىز ئىچكىرى تۇلۇق ئۇتتۇرامەكتەپ ھەم بۇ ھەقتىكى نۇرغۇن تەشۋىقاتلاردا <<ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرامەكتەپلەرنىڭ شارائىتى ياخشى،ئۇقۇتۇش ئۈسكىنىلىرى ئىلغار،ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى>>دىگەن سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلايمىز. دىمەك، مۇشۇ سۆزلەردىن رايۇنىمىزدىكى<< مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى ناچار،ئۈسكىنىلىرى قالاق،ئوقۇتۇش سۈپىتى تۈۋەن>> دىگەن ئەقلى خۇلاسىگە كىلىمىز.رايۇنىمىزدىكى زۇر ئىلگىرلەشلەرنى مەلۇمجەھەتتىن ئىنكار قىلىش بۇلدى .بىز مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن يۇلداش دىڭشىياۋفىڭنىڭ مائارىپ ئىددىيىسىنى ياخشى ئەمىللەشتۈرىشىمىز كىرەك .

يۇلداش دىڭ شىياۋفىڭنىڭ مائارىپ ئىددىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى <<مائارىپنىزامانىۋىيلىشىشقا يۈزلەندۈرۈش ،دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش>>بۇلوپ دۇنيا مائارىپىدا بۇلۇپمو تەرەققى قىلغان ئەللەردە سىنىپلاردا ئۇقۇغۇچىئاز.مەسىلەن :دۇنيا مائارىپ سەۋىيىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىغان فىنلاندىيىدە بىرسىنىپتا 15-20گىچە،ياپونىيىدە 10نەچچىدىن22گىچە بۇلوپ<<مائارىپنىزامانىۋىيلىشىشقا يۈزلەندۈرۈش ،دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش...>>ئۈچۈن رايۇنىمىزدائوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بۇلۇپمۇ يېزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدەئالدى بىلەن بۇسىياسەت يۇلغا قۇيۇلسا ،تۇلۇق ئۇتتۇرا (كەسپى ئۇتتۇرا)مائارىپى ئۇمۇملاشتۇرۇشخىزمىتى داۋاملىق كۈچەيتىلسە،يەسلى مائارىپى يېزىلاردىمۇ تېخىمۇ كەڭئۇمۇملاشتۇرۇلسا ، بىرسىنىپقا تۇغرا كىلىدىغان ئۇقۇتقۇچى ھازىرقى سەۋىيىدە ساقلىنىپقالسىمۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى يەسلىدىن تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپكىچە 4مىليۇندەكئۇقۇغۇچى بۇلىدۇ.بۇلارنى ئۇقۇتۇش ئۇچۈن يەنە يىڭىدىن 200مىڭدەك ئۇقۇتقۇچى كېتىدۇ.رايۇنىمىزدا 400 مىڭدەك ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئالى مەكتەپ ۋە تېخنىكۈمنى پۈتتۈرگەنئوقۇغۇچى بار .شۇڭا ئولارنى تەبئىي ئىش ئۇرنى بىلەن تەمىنلەيدۇ ،بۇ بىر قوشخاسىيەتلىك ئىش مائارىپىمىز تەرەققى قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئىشسىزلارغا ئىشتېپىلىدۇ.مەن ئۇقۇرمەنلەرگە تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى سۇۋغا قىلاي ،مەملىكەتبۇيىچە 9مىليۇن ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئالى ۋە تېخنىكۇم مەكتەپلەرنى تاماملاپ ئىش كۈتۈپتۇرغان ئوقۇغۇچى بار ،ئۇلار جۇڭگۇ نۇپۇسىنىڭ %0.6نى (جۇڭگۇ نۇپۇسى بىر مىليارت300مىليۇن ) ئىگەللەيدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئۇقۇغۇچىلار ئومۇمىنۇپۇسىنىڭ %2نى ئىگەللەيدۇ.دىمەك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى مەملىكەت بۇيىچەئالى مەكتەپ ۋە تېخنىكۇمنى پۈتتۈرۇپ ئىشسىز قالغان ئۇقۇغۇچىلار نىسبىتى ئەڭ يۇقىرىرايۇن بۇلوپ مەملىكەتنىڭ ئۇتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن ئۈچ ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى ئۆلكەدەرىجىلىك رايۇن .بۇ سىياسەت يۇلغا قۇيۇلسا ،مەلۇم دەرىجىدە ئىشسىزلىق نىسبىتىتۈۋەنلەيدۇ. ئەمما مۇشۇنداق تۈۋەنلەش مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن يەنىلا1.5 ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى شۇڭا مائارىپ سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ئالىمەكتەپ ،تېخنىكۇملارنى پۈتتۈرۇپ ئىشسىز قالغان ياشلىرىمىزنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش،ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۈۋەنلىتىش لازىم. سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كېمەيتىشمائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش ،مائارىپنىڭ ئۇمۇمىي يۈزلىنىشى ھازىر سىنىپتىكىئۇقۇغۇچىنى ئازايىتمىساق يېقىن كەلگۈسىدە چۇقۇم ئازايتىمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادىكىرزىستىن قۇتۇلۇش ،ئىچكى ئىھتىياجنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتقان پۇرسەتتىنپايدىلىنىپ قوش ئۈنۈم بىرىدىغان بۇ سىياسەتنى يۇلغا قۇيۇلسا 200مىڭدەك ئادەم ئىشقائۇرۇنلىشىپ ھەر ئېيىغا 200مىليۇن يۇەندىن كۆپرەك پۇل رايۇنىمىز بازىرىنىجانلاندۇرىدۇ. ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك، بۇلۇپمۇ يېزىلاردازامانىۋى پەن-تېخنىكا كۆرگەزمە مەركىزى قۇرۇپ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇقۇغۇچى يېزىلاردايەنى رايۇنىمىزدىكى% 80 گە يېقىن ئۇقۇغۇچىنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا كۈچىشىمىز،پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرىشىمىز لازىم.ھازىر رايۇنىمىزدىكى پەن-تېخنىكامەركەزلىرىنىڭ ھەممىسى شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان . مەكتەپلەردە ماۋسۇمدا بىرقېتىمبۇلسىمۇ كەشپىيات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ كەشپىياتچىلارغا ئىلھام بىرىش،يىڭىلىقيارىتىشىنى ،ئىجادىيەت-كەشپىيات ئىشلىرىنى قۇللاشنى كۈچەيتىش لازىم(مەخسۇستۈزۈملەشتۈرۈش ئارقىلىق ياشلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش) .دۇنياتارىخىنى ۋاراقلايدىغان بۇلساق ،ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كەشپىياتلارنىڭ %90نىياشلار يەنى يېشى 30 دىن تۈۋەنلەر ئىجاد قىلغان. شارائىتى يار بەرگەن كەسپىئۇتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىبابىتى دەرسىنى تەسىس قىلىپ،مائارىپتا رايۇنئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش زۈرۈر.بۇ رايۇنىمىزدا ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىتېخىمۇ ئەمىللەشتۈرگەنلىكتۇر.

5- شەھەر قۇرۇلىشى، بىناكارلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كىرزىستىن قۇتۇلۇشنىڭياخشى يۇللىرىنىڭ بىرى .شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ئىسلاھات باشلانغاندىنكىيىن تەڭرىتېغىنىڭ شىمالنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تىز بۇلدى. تەرەققىيات شىمالداشەھەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ،شەھەر تەرەققىياتى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىباشلامچىلىق بىلەن ئىلگرى سۈردى.جەنۇبىدا شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستابۇلدى. شەھەر قۇرۇلىشى ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش كىرەك ،ئاڭلىسام ياپۇنىيىدەبەزى ناھىيە قارمىغىدا بەش ئەتراپىدا شەھەر بارئىكەن.مەن شەھەرلىشىش سەۋىيىسىبىرقەدەر تۈۋەن رايۇنلاردا يىڭى شەھەر بەرپا قىلىش زۈرۈر دەپ قارايمەن .كۇچا،يەركەن،قاراقاش،قاراشەھەر،پىچان،شايار،كىرىيە،قاغىلىق ناھىيىلىرىنىڭ ناھىيەبازىرىنى مەركەزقىلىپ شەھەر تەسىس قىلىش ناھىيە بىلەن شەھەرنى ئايرىپ باشقۇرۇش تەكلىۋىنىبىرىمەن .

يەنەبىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ناھىيىگە قاراشلىق شەھەر تەسىسس قىلىش(مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىك )ئىشىنى سىناق قىلىساق بۇلىدۇ. كۇچا ناھىيىمىزنى مىسالئالساق:كۇچانىڭ ناھىيە مەركىزىگە يېقىن 5-6 يېزا-بازىرىنى ئاساس قىلىپ ناھىيىگەقاراشلىق كۈسەن شەھرى تەسىس قىلىش.كۈسەن شەھەرگە قاراشلىق ئىدارە ئۇرگانلارنىڭبىرقىسمى كەسپى ئىشلاردا كۇچا ناھىيىسىگە قاراش ،كۆپ قىسمى بىۋاستە ئاقسۇۋىلايىتىگە قاراشلىق باشقارما ،كۇمتىتلارغا قاراش شەكلى ياكى باشقا مۇۋاپىقتەدبىرلەر قۇللىنىلسا شەھەرلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئارقىلىق رايۇنىمىزئىقتىسادىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۇرگىلى بۇلىشى مۇمكىن.ناھىيىگە قاراشلىقيېزا-بازارلار جەنۇپتا نىسبەتەن ئاز،قاراقاش ناھىيىسىدەك 500مىڭغا يېقىن نۇپۇس بارچۇڭ ناھىيىدە پەقەت بىرلا بازار بۇلۇپ خەلقنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالمىدى.شۇڭايېزىلاردا بازار قۇرۇش ئىشلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كىرەك. ئۇيغۇرلارنىڭبىناكارلىق ئىشلىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە،شۇڭا بۇۆەسىپنى تەرەققىقىلدۇرۇش ،ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ يامان تەسىرىنى يۇقىتىشتىكى ئۈنۈملىك تەدبىرلەرنىڭبىرى،تېرىلغۇ يەر ئازئۇيغۇر بىناكارلىغى ۋە بىزەكچىلىك ئىشلىرى مەلۇم تەرەققىياتئاساسى بۇلغان بىر مەزگىل ئەينەك پەردىنىڭ سىرتىدا قالغان جەنۇپتىكى ئىككى ۋىلايەت،بىر ئوبلاستتا بىناكارلىق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش زۈرۈر.ئۇ رايۇنلاردا ئەمگەككۈچلىرى ئەرزان .شۇڭا بىرئاز تەربىيلەنسە(ئالى مەكتەپ،تېخنىكۇم ۋە كەسپىئۇتتۇرامەكتەپلەردە) جىسمانى ئەمگەكنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ ياكى تېخنىكائىشلىرىدا بۇ رايۇن 100- 300مىڭغىچە قۇرۇلۇش تېخنىك خادىملىرى ھەم ئىشچىلىرى بىلەنتەمىنلەيدۇ.ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ قۇرۇلۇش تارماقلىرى ،شىركەت ،گۇرۇھلار خىزمەتچى،ئىشچى قۇبۇل قىلغاندا كەم دىگەندە رايۇنىمىزدىن %70 قۇبۇل قىلىش ،ئازسانلىقمىللەتلەردىن % 51قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق بىناكارلىق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشلازىم(ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا قاراشلىق چۇڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھلىرىدا ئازسانلىق مىللەتئىشچىلىرى ئىنتايىن ئاز) .رايۇنىمىزدىكى قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئىش ھەققى تۈۋەن ئەھۋالدابۇلۇپمۇ ئۇيغۇر قۇرۇلۇشچىلار رايۇنىمىزدىكى قۇرۇلۇش ئۇرۇنلىرىدا ئاران ئىش ئۇرنىغاچىقماقتا .

6-ئورمانچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش دىيارىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىخىزمەت،ئىنتايىن زۈرۈر مۇھىت ئاسراش ھەركىتى، رايۇنىمىز،ئۇتتۇرا ئاسىيا ۋە پۈتكۈليەرشارىنىڭ قۇرغاقچىلىققا قارىشى تۇرۇش ئىشلىرىدىكى ئەڭ ئالدىنقى سەپ رايۇنىدۇر.ئىنسانىيەتنىڭ يېشىللىقنى سۈيۈپ ،ھاياتلىقنى قەدىرلەش ،ئىمكانىيەتلىك سىجىلتەرەققىيات مۇمكىنچىلىكى ئىستراتېگىيىسى مەسىلىسىنىڭ مەركىزى ، تەرەققىيقىلدۇرۇشتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئاجىز رايۇندۇر . شۇڭا تارىم،جۇڭغار ئۇيمانلىغىئەتراپىدىكى ناھىيىلەردە ئۇرمانچىلىق چۇڭ ئەترىتى قۇرۇپ ئۈچمىڭدىن بەشمىڭغىچەئادەمقۇبۇل قىلىپ مەخسۇس ئۇرمان تىكىش ،پەرۋىش،ئاسراش ئارقىلىق يېشىللىقنى قۇغداشسىستىمىسى بەرپا قىلىپ بىرتۇتاش پىلانلاپ يەرشارىنىڭ ئەڭ ئاجىز ئىكىلۇگىيىلىكمۇھىت رايۇنى بۇلغان ئۇيغۇر دىيارىنى كۈكەرتىپ ياخشى مۇھىت يارىتىش لازىم.مۇشۇتۈردىلا 20مىڭدەك ئادەم ئىشقا ئۇرۇنلىشىدۇ.دۆلەت ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەكشىنجاڭنى ئۇرمانچىلىق ئىشلىرىدا مالىيە جەھەتتە قۇللاش سالمىغىنى ،ئەسلىھەجەھەتتىن قۇللاش سالمىغىنى داۋاملىق ئاشۇردى ،ئىتىبار بىرىش سىياسىتىنىڭ تۈرى،دائىرىسىنى كېڭەيىتتى.ئورمانچىلىق تارماقلىرى خەلق ئىشلار تارمىغى بىلەنھەمكارلىشىپ ئاجراشقانلار چۇقۇم 50تۈپ ئۇرمان تىكىش يەنى ئالدىن ئورمان تىكىپ ئىسپاتنىئېلىپ كەلگەندىن كىيىن ئاجرىشىش خېتىنى بېرىش ئۇسۇلىنى قۇلانساق ،ئورمان سالغۇدەكيېرى يۇق كىشىلەرگە ئورمانچىلىق تارماقلىرى يەر ،ئۇرمان بىلەن تەمىنلەش ،قىش پەسلىبۇلۇپ قالسا ئاجراشقۇچىلار ئۇرمانچىلىق تارماقلىرىنى 500 دانە ئورمان قەلەمچىسىبىلەن تەمىنلەش لازىم.خەلقئارادا بۇ سىياسەتنى يۇلغا قۇيغان دۆلەت بار،يەنى دۇنيابۇيىچە ئورمان بايلىغى مۇل يېشىللىقا تۇلغان، ئەڭ چۇڭ ئىسلام دۆلىتى بۇلغانھىندۇنىزىيە ئاجراشقانلار ئورمان تىكىش ئارقىدىن ئاجرىشىش رەسمىيىتى بىجىرىشنىيۇلغا قۇيغان ،بىزمۇ يۇقارقى تەدبىرنى يۇلغا قۇيساق ياخشى بۇلاتتى .ئورمانقەلەمچىسى بىلەن تەمىنلەش ئاجرىشىدىغانلارنىڭ قىش پەسلىدە ئاجرىشالماي يىڭىئىجتىمائىي مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ سىياسەتنى ئاپتۇنۇمرايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ياخشى قۇللاپ ئاجرىشىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتىلىق بەلگىلىمىسىچىقىرىپ بىرىدۇ،ئۇلار ئۇرمانچىلىقنىڭ رايۇنىمىزغا نىسبەتەن مۇھىملىغىنى ھەرقانداقئۇلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن ياخشى چۈشىنىدۇ ھەم ئىقتىسادى ئۈنۈم ھەمئىكىلۇگىيىلىك ئۈنۈم يارىتىپ ،سىستىمىلىق يېشىللىققا تۇلغان گۈزەل ۋەتەن قۇرۇپچىقىشىمىز لازىم.

7-ئانىلارغا ئىتىۋار بىرىش،بۇۋاقلار پەرۋىشىنى كۈچەيتىش لازىم.ئانىلار ئۇلۇغ،ئانىلار بۈيۈك،ئانا مىھرىبانلىقنىڭ سىمۇۋۇلى ،ئانا مۇھەببىتى ئەڭ ئالى مۇھەببەت،ئانىلىق رىشتىسى مەڭگۈلىك رىشتە،ئانىغا بۇلغان ھۆرمەت ئەڭ مۇقەددەس،ئانا ۋەتەن،ئانا يۇرت ،ئانا تۇپراق ....مانا بۇلار خەلقىمىزنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈلئىنسانىيەتنىڭ ئانىلارنى مەدھىيىلەش ھەققىدىكى كۆڭۈل سۈزلىرىنىڭ بىرقىسمىدۇر،بۇمەڭگۈلىك ئاساسى تىما ھىسابلىنىدۇ. ماۋزىدۇڭ جۇڭگۇ ئىنقىلابىنى غەلىبىگە باشلاشتائۈچ ئىزىلگۈچىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.يەنى دىھقانلاردىن زىمىندارلارنىڭ،يەرنى مەركەز قىلىپ دەھشەتلىك ئىزىشىگە قارىتا فىئۇداللىق يەر مۈلۈكچىلىكىنىيۇقىتىپ كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاساسى بۇلغان جۇڭگۇ دېھقانلىرىنى يەرگە ئىگە قىلىش.كاپىتالىستلارنىڭ قاتتىق زۇلىمىغا ئۇچرىغان ،جۇڭگۇدىكى ئەڭ ئىنقىلابى كۈچ بۇلغانئىشچىلارغا بۇرژۇئا ھۆكۈمرانلىغىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ،ئىشچىلار سىنىپىنىڭھۆكۈمرانلىغىنى تىكلەپ، يىڭى جەمىيەت قۇرۇشنى تەكىتلىگەن ،ئاياللارغا قارىتائەر-ئاياللار باراۋەرلىگىنى تەلەپ قىلىپ ،جۇڭگۇدا ئىشچى-دىھقانلارنى ئاساسىتايانىچ كۈچ ،كەڭ ئاياللار مۇھىم كۈچ بۇلغان ئىنقىلابى سەپ قۇرۇپ، ئۇلارغا تۇغرارەھبەرلىك قىلىپ ،يىڭى جۇڭگۇنى قۇرۇپ چىققان .پارتىيىمىز ئەزەلدىنئىشچى-دىھقانلارغا ئىتىۋار بىرىپ كەلدى،شۇنداقلا ئاياللارنى نەچچە مىڭ يىللىقئەرلەر ھۆكۈمرانلىق ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇردى.زامانىۋىيلىشىش يۇلىغا قەدەم قۇيغان جۇڭگۇ،نۇپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۈپىيىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى.<<مەدەنىيەت زۇرئىنقىلابى >> ئېلىپ بىرىۋاتقان مەزگىلدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۇلغاقۇيۇپ ھازىرغىچە يۇلغا قۇيۇپ كەلمەكتە .بۇ سىياسەتتە بىزنى تۇغۇپ ،ئىمىتىپ باققانئانىرىمىز ئەڭ ئېغىر،ئەڭ مۈشكۈل ۋە جاپالىق ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى ھەمئالماقتا.بىز<< ئىسىلزادىلەر ئۇنتىغاق كىلۇر>> دىگەندەك ئانىلارنىڭمەسئۇلىيىتىنى ،مەجبۇرىيىتىنى تەكىتلەپ ئەڭ ياخشى ئىتىۋار بىرىش تەدبىرى ،شارائىتىبىلەن تەمىنلىيەلمىدۇق. دېھقان ئانىلار ،خىزمەتچى ئانىلار بىزنى،قېرىداشلىرىمىزنى،ئەۋلاتلىرىمىزنى ئىمىتىش بىلەن دىھقانچىلىق ئشلىرىنى ،دۆلەت خىزمىتىنى قىلىشۋەزىپىسىنى بىرلىكتە تەڭ ئېلىپ باردى .دېھقان ئاتىلار بەزىدە بالىسى تۇغۇلساقۇچىقىغىمۇ ئالماي ھاشارغا ئاتلاندى،ئىككى ئاجىزنى ئاسراش باشقىلارغاقالدى.خىزمەتچى ئاتىلارمۇ ئالدىراپ خىزمەتكە ماڭدى ،ئانا بىلەن بۇۋاق بالىدىنئىبارەت ئىككى ئاجىز بەزىدە يالغۇز قالدى.ھەتتا بالىرىلىرىنى بېقىشىپ بىرىشئۇياقتا تۇرسۇن ،بەزىدە يۇقلاپ قۇيغىلى ۋاقىت چىقىرالمىدى . ئىقتىسادى كىرزىسجەمىيەتنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش مەسىلىسىنى قىيىنلاشتۇرىۋەتتى .بىز بۇ كىرزىسنىپۇرسەت بىلىپ ،يىڭى جۇڭگۇنىڭ دۆلەت رەئىسى ماۋزىدۇڭدىن خۇجىنتاۋغىچە بۇلغانرەھبەرلەر ئاياللارغا،بالىلارغا كۈڭۈل بۈلۇشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەنلىگىدەكسىياسى ئەمىلى تەشەببۇستىن پايدىلىنىپ، ھەمدە ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ<< يادرۇسىئادەمنى ئاساس قىلىش>>تىن ئىبارەت ئۇلۇغ كۈچىنىڭ تۈرىتكىسىدە خىزمەتچىئاياللارنىڭ تۇغۇت رۇخسىتىنى ھازىرقىدىن ئۇزارتىپ ئىككى يىل ،ئىرى ھازىرقىتۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ رۇخسەت ۋاختى بىلەن ئۇخشاش يەنى 100كۈن ئەتراپىدا ئايالى ۋەبالىسىغا قاراش رۇخسىتى بىرىلگەن بۇلسا مۇۋاپىق بۇلاتتى(ھىچ بۇلمىسا بىر ئايپەرزەنتىنىڭ ئىسمىنى قۇيۇپ ،تۇغۇت مەرىكىسىنى قىلىپ بۇلغىچە)،بىر دېھقان ئاياليەڭگىسە ،بىر ئائىلىدىكى ئەر-ئايال دېھقانلارنىڭ ئىككى يىللىق سىرىتقى ئەمگىكىنىكۈتۈرىۋىتىش سىياسىتىنى يۇلغا قۇيۇش تۇلىمۇ زۈرۈردۇر. ئەمدى تۇغۇت رۇخسىتى ئېلىپئىشقا كەلمىگەنلەرنىڭ خىزمىتى مەسىلىسىگە كەلسەك خىزمەتنى ئىدارە-جەمىيەتلەرنىڭ شىتاتىنىكۈپەيتىپ يەنى 100خىزمەتچىسى بار ئۇرۇننىڭ شىتات سانىنى ھازىرقىدىن كۆپەيتىپ110كادىر قىلىپ بەلگىلەش ئارقىلىپ ھەل قىلىش ،ئانىلار ۋە بۇۋاقلارنىڭ ھۇقۇقمەنپئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش لازىم.ئەگەر بۇسىياسەت يۇلغا قۇيۇلسائىشسىزلىق مەسىلىسنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلغىلى، ئىچكى ئىھتىياجنى مەلۇم جەھەتتەجانلاندۇرغىلى بۇلاتتى.بۇخىل سىياسەتلەر چەتئەللەردە ئالىقاچان يۇلغا قۇيۇلغان،يەرشارىدىكى كىشى بېشى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى،باي دۆلەت شىۋىتسارىيىدە ئايال تۇغسابىريىل ،ئەر ئالتە ئاي دەم ئالسا، گۇللاندىيە ئايالنى ئۈچ يىل،ئەرنى بىريىل دەمئېلىشقا قۇيۇپ بەرگەن،ياپۇنىيىدە قىزلار تۇي قىلغاندىن كىيىن ياكى تۇغقاندىن كىيىنئائىلىسىدە دەم ئېلىپ، ۋەتەن ئۈچۈن ياراملىق ئەۋلاد تەربىيلەش ۋەزىپىسىنىزىممىسىگە ئالىدىكەن.ئىش ھەققى ئىرىگە قۇشۇپ بىرىلىدىكەن.دىمەك يۇقارقىلارھەممىمىزگە مەلۇملۇق بۇلغان تەرەققى قىلغان ئەللەردۇر. شۇڭا بىز بۇ سىياسەتنىيۇلغا قۇيۇپ تەرەققىياتىمىزنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ،خەلققۇرۇلتىيى،سىياسى كېڭەش ئەزالىرى ، قەلبى تاتلىق زىيالىرىمىز،ئەركىنلىك،ئىنسانىيھۇقۇق تەشەببۇسچىلىرى قانۇنىي سۇرۇن ۋە يىغىنلاردا يۇقارقىلارنى تەشەببۇسقىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

ھازىر رايۇنىمىزدا ئەڭ مۇھىمى ،ئەڭ زۈرۈر،ئەڭ كەسكىن بۇلغىنى ئىشسىزلىقمەسىلىسىدۇر. جۇڭگۇ بۇيىچە ئەڭ ئېغىر بۇلغان ئىشسىزلىق مەسىلىسى شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ھەل قىلىش ئالدىن ئۇيلىشىدىغان قىززىق نۇقتا،مەسىلىلەرنىڭئىگىز چۇققىسىدۇر.ئىشسىزلىق نىسبىتى جۇڭگۇنىڭ ئۇتتۇرىچە ئىشسىزلىق نىسبىتىدىن3ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى بۇلغان دىيارىمىزدا مەملىكەت بۇيىچە ئىجتىمائىيئادىللىق،باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇپئىشلەش لازىم. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تىز تەرەققى قىلدى،ئىشقا ئۇرۇنلىشىش پۇرسىتىكېڭەيدى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى رايۇنىمىز ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىرىكۇرت يارىتىپ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى،بۇ بىزنىڭ كادىرلار سىياسىتىمىزنىڭ ئىلمىتەرەققىيات قارىشىنى ئەڭ ياخشى ئىزچىللاشتۇرالمىغانلىغىنى ،ئىقتىساد نۇقتىسىدنئىقتىساد،ئىشقا ئۇرۇنلىشىش جەھەتتە غەيرى ئەھۋالنىڭ شەكىللىنىپ ،مۇقۇملۇقخىزمىتىگە بېىسىم،تىنچلىق ئىشلىرىمىزغا تەھدىت ئېلىپ كىلىدىغان يۇشۇرۇن ئىجتىمائىيمەنبەنىڭ بارلىغىنى،ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقۇملۇقىنى ھەقىقى قۇغداشتائىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئالدىن ئۇيلىشىپ ،شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستىنلىگىنى،ئىقتىسادى ئۈستىنلىككە ئايلاندۇرۇش ئىستىراتېگىيىسىگە ئۇخشاش ، ئەمگەك كۈچىئۈستىنلىگىنى ،ئىختىساسلىقلار ئۈستىنلىگىگە، ئىختىساسلىقلار ئۈستىنلىگىنى،ئىقتىسادى ئۈستۈنلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىنتايىن زۇرۇردۇر./

2008-يىلى پارتلىغان دۇنياۋى ئىقتسادى كىرزىسنىڭ رايۇنىمىزغا بۇلغانئىقتىسادى تەسىرى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يىڭىشنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدىكىقاراشلىرىمنى قىسقىچە ئۇتتۇرغا قۇيدۇم.سىياسى تەسىرىمۇ مەلۇم جەھەتتەكۆرىلىدۇ،پايدىسىز سىياسى تەسىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىق ئىقتىسادىسىياسەتنى يۇلغا قۇيۇپ، ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق چىقىشنىڭ ئالدى ئېىلىپ،ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ تىنچلىغى،ئۇلۇغ گۈللىنىشى،پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈنتىرىشايلى!!!



پايدىلانمىلار: بۇماقالىدىكى شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي ،ئىقتىسادى ھەققىدىكىسانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇرچە<< شىىنجاڭ گىزىتى>>،شىنجاڭ تىلىۋىزىيەئىستانسىسى ...قاتارلىق ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ خەۋەر،ماقالىلىرىدىن ئېلىندى.

ئىزاھات : (1)ۋال سترىت ئەسلىدە گۇللاندىيە 1622-يىلى ھازىرقى ئامېرىكىنىڭدېڭىز بۇيىنى ئىگەللەپ يىڭى ئامىستىردام مۇستەملىكىسىنى قۇرغان ھەم يىڭى ئامىستىردامشەھرىدە 1664-يىلى ھىندىئانلاردىن مۇداپئەلىنىش ئۈچۈن سېپىل،تام سالغان بۇلوپكىيىن ئەنگلىيە بۇ جاينى تارتىۋالغاندا نامىنى <<نيۇ-يۇرك >> قائۆزگەرتىپ سېپىلنىڭ ئۇرنىغا كوچا ياساپ ۋال سترىت يەنە ئۇيغۇرچىدا<<سېپىلكۇچىسى>> دىگەن شۇڭا ئۇيغۇرچىدا خاس نام <<ۋال>>بۇيىچە ئىلىپ،تۈردەش نامىنى <<سترىت >> نى كوچىسى دەپ ئالغان مۇۋاپىق دەپقارايمەن،چۈنكى ۋال كۇچىسى كۇچىسى ( ئىنگلىزچە،ئۇيغۇرچە)بۇلۇپ قالىدۇ.ھازىربىرقىسىم ئاخبارات ۋاستىللىرىمۇ بۇخىل ئاتاشنى قۇللىنىۋاتىدۇ.باشقا مەزمۇنلارتۇلۇق ئۇتتۇرا دەرسلىگى ئۇيغۇرچە <<دۇنيانىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامانتارىخى>>2-قىسىم شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى 2003-يىلى 10-ئاي 2-نەشىرى،2006-يىلى 10-ئاي 4-بېسىلىشى 38-بەت

(2)<<كۇلىج گۈللىنىشى>> : كالۋىن كۇلىج ئامېرىكىنىڭ 30-نۇۋەتلىكئەلباشى (زۇڭتۇڭ)جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن خاۋدىڭ بىلەن خۇۋىر ئەلباشىئارىلىغىدا يەنى( 1923-1928-يىللاردا) ۋەزىپە ئۈتىگەن .ئامېرىكا ئىقتىسادى تىزئاشقانلىغى ئۇچۈن تارىختا <<كۇلىج گۈللىنىشى>>دەپ ئاتالغان.

(3) فىللىفىن خەلقى : 1896-يىلىدىن 1899-يىلى يانۋارغىچە ئىسپانىيىگە قارىشىئىنقىلاب قۇزغاپ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قۇلغا كەلتۈرگەن .ئامېرىكائۇرۇشقا ئارىلىشىپ ئىسپانىيىگە قارىشى تۇرۇپ ئاسىيادىكى تۇنجى بۇرزۇئائىنقىلابىنىڭ مىۋىسىدىن پايدىلىنىپ فىللىفىننى كۇنتىرۇل قىلىشنى كۈچەيىتكەن .

(7) چاكۇ رايۇنىنى تالىشىش ئۇرۇشى : ئەينى ۋاقىتتا نىفىت بايقىلىپ ئىقتىسادىقىممىتى ئاشقان چاكۇ رايۇنىنى ئىگەللەش ئۈچۈن 1932 -يىلى 6-ئايدىن - 1935-يىلى6-ئايغىچە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئايرىم-ئايرىم قۇللىشى ئارقىلىق بولىۋىيەبىلەن پاراگۋاي جەنۇبى ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىدىكى چاكونى تالىشىپ ئۇرۇشقىلىپ 120مىڭ ئادەم ئۆلگەن .ئەنگلىينىڭ قۇللىشى بىلەن پاراگۋاي چاكۇ رايۇنىنىڭ4/3قىسمىنى ئىگەللىگەن ،ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە جەنۇبى ئامېرىكىغابولغانكۇنترۇللۇقنى كۈچەيىتكەن.

(4)، (5)، (6)، (8)ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئۆلچىمى تەجرىبەدەرسلىكى تارىخ (2) زۆرۈر دەرسلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش قوللانمىسى شىنجاڭمائارىپ نەشىرىياتى تەرجىمە ۋە نەشىر قىلغان 2008-يىلى6-ئاي 1-نەشىرى ،10 -ئاي2-بېسىلىشى ئۇيغۇرچە 437 -، 445-،449-، 256 -بەتلەر

(9)<< تۈمۇر پەردە>> : ئەنگلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرىچىرچىل1946-يىلى ئامېرىكىدىكى فۇلتۇندا نۇتۇق سۆزلەپ <<بالتىق دېڭىزىدىكىشچېتسىندىن ئادىرىئاتىك دېڭىزىدىكى ترېيسقىچە بۇلغان،پۈتكۈل ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىنىكېسىپ ئۆتكەن تۆمۈر پەردە چۈشۈرۈۋېتىلدى...>> دىيىش ئارقىلىق سۇۋىتئىتتىپاقىنى چەكلەپ،كۇممۇنىزىم ھەركىتىگە قارىشى تۇرۇشنى تەشەببۇشقىلدى.ئەمىلىيەتتە ياۋرۇپادىكى سۇتسىيالىزم بىلەن كاپىتالىزم سىياسى چىگرىسىنىئۇبرازلىق ئىپادىلىگەن.

(10) << بەش بىرتۇتاش بولۇش >> : خۇتەن ۋىلايىتىدە20-ئەسىرنىڭ90-يىللىرىدا يېزائىگىلىكىدە بىرتۇتاش پىلانلاش،بىرتۇتاش تېرىش ،بىرتۇتاشباشقۇرۇش، بىرتۇتاش سۇغۇرۇش ، بىرتۇتاش يېغىۋىلىش قاتارلىق ئاساسى سىياسەتلەرنىڭبىرى،ئارقىدىن ئالتە ئۈچيۈزنىڭ قۇرۇلىشى باشلاندى.

(11) <<ئالتە ئۈچيۈزمىڭ قۇرۇلىشى>> : خۇتەن ۋىلايىتىدە يىقىنقى5،6يىل جەريانىدا 300مىڭ پارنىك،300مىڭ مو تۇشقان زەدىكى(دىھقانلار يۇلغۇنزەدىكى)،300 مىڭ مو باغ-ئۇرمان ،300مىڭ تاۋار كالا،300مىڭ تاۋار ئىشەك ، 300 مىڭمۇ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ۋىلايەت ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشسىياسىتى يۇلغا قۇيۇلغان.يېقىنقى 2يىلدىن بۇيان خۇتەندە بىردە بۈسۈش ھاسىلقىلىش،ئىككىنى تىزلىتىش سىياسىتى يۇلغا قۇيۇلىۋاتىدۇ.

(12) <<شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى>>1994-يىلى1-سان(ئۇيغۇرچە)117-بەت

ئاپتۇر: قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئۇتتۇرامەكتەپ تارىخ ئۇقۇتقۇچىسى 2009-يىلى4-ئاي

作者:和田地区墨玉县一中 历史教师 买买提阿不拉.吾加不拉

[ بۇ يازمىنىsebirدە2012-01-25 19:06قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-24, 10:11
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-01-24 02:00 |
yuzbexi
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 283
شۆھرەت: 1538 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1539 سوم
تۆھپە: 908 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 909 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 381(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەكمۇ ياخشى يېزىلغان ماقالىكەنتۇق ، ئەپسوس قىسمەن بۆلەكلەرنى ئوقۇغىلى بولمىدى .
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-25 00:39 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيتى