saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 20474 قېتىم كۆرۈلدى
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 409
شۆھرەت: 3768 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3743 سوم
تۆھپە: 1986 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2010 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3489(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى پارتىلاش ئالدىدا تاسادىپى بايقالغان ئەھۋال

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-02-10)
        1964 - يىل 16 - ئۆكتەبىردە دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتىلاتماقچى بولۇپ تۇرغاندا ، كىشىنى جىددىلەشتۈرىدىغان شۇنداقلا پەرەز قىلىشمۇ قىيىن بولغان مۇھىم ۋاقە يۈز بەرگەن . يەنى چۆل-جەزىرىدە بىر ، ئىككى يۈز كىشىلىك ئارىلاشما قوشۇن توساتتىن پەيدا بولغان . ئۇلار كىشىلەرنىڭ كىرىشى ئاللىبۇرۇن مەنئىي قىلىنغان ئاتۇم تەجرىبە رايۇنىغا ئوغرىلىقچە يېقىنلاشقان ، بىر قانچە قېرى ئات چاڭ-توپا توزىتىپ ئېچىنىشلىق كىشنەپ ، چېپىپ يۈرگەن ......
        بۇ 1964-يىل 13- ئۆكتەبىر ئىدى يەنى ئاتوم بومبىسىنى پارتىلىتىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇنقى چاغ ئىدى . " ئېل " بەلگىلىك چارلاش ئايرۇپلانىدا 800 مېتر ئېگىزلىكتىكى ئاسمان بوشلىقىدىن تارتىلغان بىر يۈرۈش سۈرەت سىناق مەيدانىنىڭ باش قۇماندانى پولكوۋنىك جاڭ ئەيپىڭگە مەخپى يەتكۈزۈپ بېرىلگەن . ئۇ سۈرەتنى كۆرۈپلا ھەيران بولغىنىدىن داڭ قېتىپ قالغان ، چۈنكى سۈرەتتە بىپايان قۇملۇقتا بىر دوۋە قاقشال ئوتۇننىڭ ئۇچقۇنداۋاتقانلىقى ، ئۇنىڭ سۇس ئىسى ئاسمانغا كۆتۈرىلىۋاتقانلىقى ، تۇياق ئىزلىرى ۋە كولانغان چوڭقۇر ئۆرەكلەر ئېنىق كۆرىنىپ تۇراتتى . . .
       _ چاتاق بولدى ، كۈتمىگەن ئەھۋال يۈز بەردى! _ گېنېرالنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلدى- دە ، تەپسىلى ئويلاپمۇ تۇرماي تېلفۇننى قولىغا ئېلىپ :
       دەرھال تەكشۈرۈلسۇن ! _ دەپ جىددى بۇيرۇق چۈشۈردى .
       ۋاقىت مىنۇت-سىكۇنتلاپ ئۆتمەكتە ئىدى ، ھەر قايسى كىچىك ئەتىرەتلەر ئاتۇم بومبىسى تېگىشى مۇمكىن دەپ ئالدىنئالا مۆلچەر قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قويماي ئاختۇرغان بولسىمۇ ھېچقانداق يىپ ئۇچىغا ئىگە بولالمىدى .
        ھەممە تەييارلىق پۈتكەن ، ئاتوم بومبىسىنى پارتىلىتىشلا قالغانىدى . ھالبۇكى ، " چاقىرمىغان مېھمان " نىڭ كەپقېلىشى گېنېرالنى بىئارام قىلىپ جىددىلەشتۈرىۋەتتى .
        _ ئاقتۇرۇش دائىرىسى ئاتۇم رادىئاكسىيىسى يېتىدىغان يەرگىچە كېڭەيتىلىپ ئەستايىدىل ئاقتۇرۇلسۇن ! _ گېنېرال تېلېگرامما ئارقىلىق يەنە بىر نۆۋەت مەخپى بۇيرۇق بەردى-دە ، يىراقتىكى قۇملۇققا مىقتەك قادىلىپ قارىدى . . .
        چارلاش ئايرۇپلانى يەنە بىر قېتىم ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى .
        بىر نەچچە كىچىك ئەتىرەت تېلېگرامما ئاپپاراتى ،يېمەكلىك ، ۋە سۇلىرىنى ئېلىپ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك چۆل- بىياۋانغا قاراپ ئاتلاندى . . .
        ئۈچ كۈندىن كېيىن ، تۈن قاراڭغۇسىدا ، بىر كىچىك ئەتىرەت ئۈچىنجى نىشان رايۇنىدا توساتتىن جۇلىقى چىقىپ چىققان بىر چېدىرنى بايقىدى ، چېدىر ئەتىراپىدا قۇرۇق ئوتۇن ۋە كاردىن چىققان غىلاپلار تاشلاقلىق تۇراتتى    

            ( داۋامى بار)

ئەدەبىي تەرجىمىلەردىن كۆچۈرۈلدى ،
باغداش تورىغا خاس ، ئەمگىكىمنى ھۆرمەت قىلماڭ . رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ ! 
 
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-01-26 13:21قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-26, 00:02
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-01-25 20:07 |
vmitwar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1245
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 126 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 128 سوم
تۆھپە: 76 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 78 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 122(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دۆلىتىمىز نىمىشقا ئاتۇم بومبىسىنى تەكلىماكان قۇملىقىدا پارتىلىتىدۇ....؟ بۇنىڭ زىينى ھازىرغىچە بولۇۋاتمامدۇ؟
lutun
ئىدىيە ھەركەتكە قۇماندانلىق قىلىدۇ.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-26 00:08 |
xewerhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5539
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 280 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 280 سوم
تۆھپە: 155 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 155 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزنىڭ شىنجاڭ زادى تەجىرىبە ماكانىغۇ،ياخشى چقسا يۇقۇندىسى قالمايدۇ،يامان ئاقىۋەت چىقسا بەرىبىر. شۇڭا شىنجاڭنى تاللايدۇدە ئەلۋەتتە.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-26 00:43 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 409
شۆھرەت: 3768 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3743 سوم
تۆھپە: 1986 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2010 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3489(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      ئىنكاس _ تېما مەزمۇنىدىن چەتنەپ كەتمىسە !
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-26 01:22 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 409
شۆھرەت: 3768 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3743 سوم
تۆھپە: 1986 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2010 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3489(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      مۇتەخەسىسلەر تەھلىل قىلىپ ، بۇ كىشىلەر ئاللىبۇرۇن ئىز-دىرىكى ئوچۇپ كەتكەن « ما باندىت » قالدۇقلىرى بولۇشى مۇمكىن ، دەپ ھۆكۈم قىلىشتى . . .
       ما بۇفاڭ ، ما خۇڭدانىڭ قالدۇق قىسىملىرى راستىنلا بىپايان چۆل-جەزىرىدە ھېلىغىچە بارمىدۇ ؟
        ھەقىقى ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇ كۈنى كېچىسى بىر نەچچە جەڭچى چاتقاللار ئارىسىدىن تېزلىكتە ئۆتۈپ ، ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى بىر نەچچە گۈلخانغا يېقىنلاشتى . ئۇلار بارا-بارا ياداڭغۇ ، ئۈستىبېشى جۈل-جۈل بىر نەچچە ئەرنىڭ گۈلخان ئەتىراپىدا چۆرگىلەپ يۈرگىنىنى كۆردى .بىر بوۋاقنىڭ قاتتىق يىغا ئاۋازى كېچە ئاسمىنىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ ، ياڭراپ تۇراتتى . . .
        ئەسلىدە ئىش مۇنداق ئىدى : 1949- يىلى كۈزدە ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىمىز دۈشمەنلەرنى قوغلاپ غەربكە يۈرۈش قىلغان ، ئارمىيىمىزنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا قۇربى يەتمىگەن « ما باندىتلىرى » كەينى - كەينىدىن تېرە-پېرەڭ بولۇپ ، قۇرال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولغان . مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمىگەن ئازغىنە قالدۇق باندىتلار ئۆزىنى دالدىغا ئالىدىغانغا جاي تاپالماي ئىلاجىسىز چۆل-جەزىرىگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان . شۇنىڭدىن ئېيتىبارەن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان .
      ئاتوم سىناق مەيدانىغا بېرىپ قالغان «ما باندىتلىرى »نىڭ بۇ بىر توپ قالدۇغى شىنجاڭنىڭ كىرورەن ۋە گەنسۇنىڭ جۇچۇەن ئەتىراپىدىن قۇملۇققا قېچىپ بېرىۋالغانلار ئىدى . بۇ قالدۇق باندىتلار ئىچىدە بەش-ئاتە نەپەر ئايالمۇ بار ئىدى . ئۇلار ئون نەچچە يىلدىن بېرى ، سىرت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ھالدا بىپايان قۇملۇقتا ، قارىغۇلارچە كېزىپ يۈرۈپ ، ياۋايىلارچە تۇرمۇش كۆچۈرۈپ كەلگەنىدى . ئۇلار قۇملۇقتا ئىچكىلى سۇ بولمىغاندا ، يانتاق قاتارلىق ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغان ؛ ئوزۇقلۇقى قالمىغاندا ، ياۋا تۆگە ، قوتازغا ئوخشاش ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يېگەن . كىيىم-كېچىكى قالمىغاندا ، قوتاز تېرىسى بىلەن تېنىنى ئوراپ ، سوغاقتىن مۇداپىئىلەنگەن ؛ قاتناش قۇرالى بولمىغاندا ياۋا تۆگىنى كۆندۈرۈپ ئۇنىڭغا نەرسە-كېرەكلىرىنى ئارتقانىدى . ئۇلار قاتتىق قۇم-بوران ، قار-شېۋىرغان زەربىسىدىن چېچىلىپ ، پىتىراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ كەلگەنىدى . ئۇلار ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ، تەبىئەتكە قارشى كۈرەش قىلىشنى ئۆگىنىۋالغانىدى . ۋاھالەنكى ئۇلار كىشىلەردە بولىدىغان نۇرمال تەپەككۇرنى ۋە پائالىيەت شەكىللىرىنى بارا-بارا يوقاتقانىدى . ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ھايات قېلىش ، ئاخىرغىچە ياشاشتىن ئىبارەت بىرلا ئوي بار قالغانىدى . ئۇلار ئادەتتىكى كىشىلەر ھايات كۆچۈرەلمەيدىغان شارائىتتا ياشىغان ، يەنە بالىلىق بولۇپ ئەۋلات قالدۇرغانىدى . ئۇلار ئەنە شۇنداق ياشاپ يۈرۈپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەقسەتسىز ھالدا يادرو قۇرالى سىناق رايۇنىغا كېلىپ قالغان . بۇ بىر توپ «ما باندىتلىرى» قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە ئېگىز مۇنارنىڭ قەد كۆتەرگەنلىكىنى كۆرگىنىدە قورققىنىدىن جان-پېنى چىقىپ كەتكەن ، ئۇلار بۇ يەرنىڭ ئادەتتىكى يەر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ ، ئۇنىڭ ئەتىراپىنى ئايلىنىپ يۈرگەن ، كۈندۈزلىرى يېراقلارغا بېرىپ مۆكىنىۋالغان ، كەچ كېرگەن ھامان ، مۆكۈنگەن يەرلىرىدىن چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدىگەن . شۇ تەرىقىدە كۈنلەر ، ئايلار ئۆتكەن ، ئاخىر ئۇلار خاتىرجەم ھالدا بۇ يەرگە چېدىر-بارگاھ  قۇرۇپ ، ئۇزۇن مۇددەت « ماكانلىشىش » نىيىتىگە كەلگەن .
       ئاشۇ كۈنى ئۇلار بىز تەرەپتىن ئىبەرتىلگەن زامانىۋى قاتناش قۇراللىرى ئارقىلىق بىپايان قۇملۇقتىن ئېلىپ كېتىلدى . . .
             ( « ئەدەبىي تەرجىمىلەر» دىن كۆچۈرۇلدى )
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-26 10:35 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 599
شۆھرەت: 3638 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3794 سوم
تۆھپە: 2087 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2093 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 746(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامى قېنى؟ ما باندىتلىرى شۇنداقلا ئېلىپ كېتىلدىمۇ؟...
lutun
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-26 18:54 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 409
شۆھرەت: 3768 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3743 سوم
تۆھپە: 1986 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2010 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3489(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇنداقلا ئېلىپ كېتىلىپ ، ۋاقەلىكمۇ تۈگىدى .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-26 19:40 |
uyghur.yolwisi
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3396
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 223
شۆھرەت: 1410 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1576 سوم
تۆھپە: 796 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 800 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 243(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاجايىپ ھېكايە ئاڭلىدىم.............. رەھمەت سىزگە توغراق .....
بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ،  سورىماسلىق ئەيىپ دەپتىكەن ، ما باندىت دىگەن كىملەر ؟؟؟
saltanat
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ، پەزىلەت بىلەن ياشاش !
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-26 19:54 |
gugum
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4609
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ماقالىدە بىر نەچچە خاتالىق بارمۇ قانداق ؟ نەدە ياۋا تۆگىنى ئوۋلاپ يېگەن بار ؟ ياۋا تۆگىنى نەدە ئۇنداق ئاسان قولغا ئۆگەتكەن بار ؟
ياۋا تۆگە دېگەن پۇراش سېزىمى كۈچلۈك بولۇپ ئادەتتە ئادەمنىڭ پۇرىقىنى 2 كىلومېتىر يىراقلىقتىن پۇراپ بىلەلەيدۇ. ياۋا تۆگىنى قولغا كۆندۈرۈش
ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ نەچچە يۈز يىل ھەتتا نەچچە مىڭ يىل ۋاقىت كېتىدىغان تۇرسا قانداقمۇ يىگىرىمە ياكى ئوتتۇز يىلدا كۆندۈرۈپ بولغىلى بولسۇن.
بۇنىڭغا مەن ھەيرانمەن .
ozgul munbar
گۇگۇم بىلەن يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-26 22:03 |
heniya
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2680
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 222
شۆھرەت: 1231 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1233 سوم
تۆھپە: 725 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 727 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 208(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ،  سورىماسلىق ئەيىپ دەپتىكەن ، ما باندىت دىگەن كىملەر ؟؟؟
  بەلكىم ماخۇسەننىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى بولسا كىرەك.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-27 16:18 |
murjuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 129
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 170 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 102 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 102 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ ئاتوم دىگەن نەرسىنى پارتىلاتقاندا،خەلققە بىرەر ئۇختىۇرۇش قىلىندىمۇ؟؟؟چوڭلادىن ئاڭلىسام ،تۇيۇقسىز يەر تەۋرىگەندەك بوپتىمىش،،،،،،،
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-27 22:23 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر