saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 7938 قېتىم كۆرۈلدى
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 483
شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2859 سوم
تۆھپە: 1634 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1642 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1832(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 [بوزقىر]« سۇ بويىدا» دىكى «ئالدىن بېيىش» ماھىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-02-06)
« سۇ بويىدا» دىكى ئەڭ مەشھۇر «ئالدىن بېيىش» ماھىرى

        خۇ روڭروڭ

       بوزقىر تەرجىمىسى

     سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەر « سۇ بويىدا» دا نۇرغۇن «ئالدىن بېيىغان» قەھرىمان-ئەزىمەتلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە «ئالدىن بېيىش» ئۇسۇلىنى يولغا قويغان پېرسۇناژلار قانداقتۇر سۇڭ جىياڭ، ۋۇ سوڭغا ئوخشاش مەشھۇر قەھرىمانلار بولماستىن بەلكى ۋاي دېگۈدەك گۇمپىسى يوق ئادەتتىكى شەخىس شى ئېندۇر.
     «سۇ بويىدا» دا پالكۆز يولۋاس شى ئېننىڭ ھېكايىسى ۋۇسوڭنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا تايىنىپ يورۇتىلىدۇ.نە تەقى-تۇرقىنىڭ تايىنى يوق، نە باشقىلارنى جەلىپ قىلغۇدەك  ئارتۇقچىلىقىمۇ يوق شى ئېننىڭ مال-دۇنيا توپلاش ۋاستىسىلا ھەقلىق «ئالدىن بېيىش» يولى بولۇپ، بۇنى «جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان» دېگەن ماقال-تەمسىلگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.
     ھەممىگە ئايانكى، شى ئېن مەشھۇر كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى بولغان ئارام جاڭگال مەيخانىسىنىڭ خوجايىنى ، ئارام جاڭگال مەيخانىسى شى ئېننىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى. شى ئېن بۇ يەردە مۇشتۇمزورنىڭ مۇشتۇمى بېلەن مۇشتۇمزورنى باپلاش يولى ئارقىلىق «جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان» دېگەن مەنتىقە بويىچە قوغداش راسخودى يىغىدۇ. مۇبادا سىز راسخود يىغىش ئۇسۇلى بويىچە يولغا قويۇلغان « جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان»  مەنتىقىسىنى شى ئېننىڭ بېيىش ۋاستىسى، دەپ قارىغان بولسىڭىز بەكلا ئالىيجانابلىق قىلغان بولۇپ قالارسىزمىكىن. شۇنداق بولغىنىدا بۇ سىزنىڭ «بېيىش» دېگەن بۇ سۆز بېلەن بولغان ئارىلىقىڭىزنىڭ بەكلا يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
     شى ئېننىڭ تۆھپىسى يەنىلا «ئاتىسى ئەمەلدار بولسا ، بالىسى شىركەت قۇرۇش» دېگەن بۇ توققۇز خەتلىك دەستۇرنى كەشىپ قىلغانلىقىدا كۆرىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ «ئاتىسى ئەمەلدار بولسا ،  بالىسى شىركەت قۇرۇش» تىن ئەجەپلىنىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى، بۇنداقلار كۆز ئالدىمىزدا كۆپقۇ ؟ دېيىشى تۇرغانلا گەپ. دۇرۇس ، ئەمما مەيلى نېمىلا دېمەيلى شى ئېننى سېياسىيونلار بېلەن سودىگەرلەرنىڭ ئېغىز-بۇرۇن يالىشىدىغانلىقىدەك تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ پىرى دېيىشكە ھەقلىقمىز.ھازىرمۇ قانداقتۇر «ئېرى ئەمەلدار بولسا ، خوتۇنى شىركەت قۇرۇش» ، «ئەر ئاشنىسى ئەمەل تۇتسا ،  ئايال ئاشنىسى شىركەت قۇرۇش» ئىشلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەيلى نېمىلا دېمەيلى  «ئاتىسى ئەمەلدار بولسا ، بالىسى شىركەت قۇرۇش» تىن ئىبارەت بۇ ئىجادىيەتنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى يەنىلا شى ئېننىڭ قولىدا تۇرۇپتۇ.ئەشۇنداق كىشىلەر شى ئېننىڭ مەبۇدىنى تىكلەپ ئۇنى پىر ئۇستاز تۇتۇپ توختىماي باش ئۇرسا ئاندىن دۇرۇس بولغان بولىدۇ. مۇبادا شى ئېن ھازىرغىچە ھايات كەچۈرەلىگەن  بولسىدى نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى ئېلىشىغا گەپ كەتمەيىتتى.
     شى ئېننىڭ دادىسى مېڭجۇ ئايمىقى مەھبۇسلار كۈرەسىنىڭ زىندان بېگى ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا تۈرمە باشلىقى. ئۇنىڭ قولىدا ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان جىنايەتچىلەر مەنبەسى بار. شى ئېن ئەشۇ جىنايەتچىلەرنىڭ ئارىسىدىن كۈچتۈڭگۈرلىرىنى تاللاپ، مەخسۇس بىر ئالاھىدە قىسىم تەشكىللەپ ، ئارام جاڭگال مەيخانىسىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا سالىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدىن تەشكىللەنگەن ئامانلىقنى ساقلاش تەشكىلاتىغا ھەر ۋاقىت خىرىس قىلىپ، ئارام جاڭگال مەيخانىسىنىڭ كىرىم مەنبەسىنى مۇستەھكەم پولات قورغان بېلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەر بۇ كىچىك يولۋاسنىڭ ساغرىسىنى سىيلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. پەقەت قەھىرلىك يولۋاسلارلا بۇنىڭ سىرتىدا بولۇشى مۇمكىن.
        كېيىنچە،  دەرۋەقە بۇ كىچىك پالكۆز يولۋاسچاقنىڭ ساغرىسىنى بىر چوڭ يولۋاس سىلايدۇ. بۇ قەھىرلىك يولۋاس-جاڭ سىركاۋۇلدۇر. جاڭ سىركاۋۇل مېڭجۇ ئايمىقى لەشكىرىي نازارىتىنىڭ باش سىركاۋۇلى ئىدى. شى ئائىلىسىدىكىلەر پەقەت ئۆزىلا بېيىپ سۈڭگۈتكەن سوۋغا-سالاملىرى يېتەرلىك بولمىغاچقا جاڭ قۇربېگى، جاڭ سىركاۋۇل، جىياڭ ئىشىك مۇئەككىلى قاتارلىقلار مەنپەئەت ئالدىدا ئادىمىيلىكىنى ئۇنتۇپ، مال-دۇنياغا كۆز قىزارتىپ، ئۇنى يۇتىۋېلىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاخىر جىياڭ ئىشىك مۇئەككىلىنى ئىشقا سېلىپ شى جەمەتىدىكىلەرنىڭ يەۋاتقان نېنىنى  تارتىۋالىدۇ.
      بۇ ھېكايە سەمىمىزگە شۇنى سالىدۇكى، كاتتا زەردارغا ئايلىناي دېسىڭىز ئۆزىڭىز بېلەنلا بوپ كەتسىڭىز بولمايدۇ. كۆپچىلىك بېلەن بىرلىكتە بېيىشىڭىز كېرەك.تۆۋەندىكىلەر بېيىسا ئۆزىنى يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ بېيىتقانلىقىنى زىنھار ئۇنۇتماسلىقى زۆرۈر. دېمىسىمۇ رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىسىز قانداقمۇ بېيىغىلى بولسۇن؟ ئۇنداق بولمايدىكەن، رەھبەرلەر جىياڭ ئىشىك مۇئەككىلىدەكلەرنى ئىشقا سېلىپ ئاغزى-بۇرنىڭىزدىن قان ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىنى سىزنى كۆزگە ئىلغانلىق ھېساپلىسىڭىز بولىدۇ تېخى. شى ئېن بۇنىڭغا قايىل بولمىسا رەھبەرلەر بېلەن زاكونلاشسا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلدارلىق سورۇنى قائىدە سۆزلەپ ھەق تەلەپ قىلىدىغان يەرمۇ؟ ئاخىردا شى ئېن ئۆز تەقدىرى ۋە دادىسىنىڭ ئەمەلدارلىق سورۇنىدىكى ئىستىقپالىنى بىراقلا دوغا تىكىدۇ.
     شى ئېننىڭ دادىسىنىڭ سودىغا ئېپى بولغىنى بېلەن ئەمەلدارلىقنىڭ قائىدىلىرىنى  تازا بىلىپ كەتمەيىتتى. ئەمەلدارلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا ، يۇقۇردىكىلەر ئۆزىنىڭ مال-دۇنياسىنى بۇلاپ كەتسە ئۇنى زورلۇق ۋاستە بېلەن قايتۇرۇپ ئالىمەن ، دېيىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ھېساپلىنىدۇ. شى ئېن ۋۇسوڭنىڭ مېڭجۇ ئايمىقى مەھبۇسلار كۈرەسىگە پالانغانلىقىنى كۆرۈپ، پۇل خەجلىمەي تۇرۇپ ئۆچ ئېلىشنىڭ ياخشى پەيتى كەلدى، دەپ قاراپ، بۇ «كېرەكسىز نەرسە» دىن پايدىلانماقچى بولىدۇ. بۇ يەردە «كېرەكسىز نەرسە» دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىش مۇۋاپىقمۇ - يوق؟ دۇرۇس، مېنىڭچە تازا مۇۋاپىق.چۈنكى، ۋۇسوڭ شۇ چاغدا ئاللىقاچان كېرەكسىزنەرسىگە ئايلىنىپ بولغان. دېمىسىمۇ ۋۇ سوڭ بىر جىنايەتچى سۈپىتىدە گۇندىخانىغا سۇلانسا كېرەكسىز نەرسىگە ئايلانماي قالامتى ئەمىسە؟ شۇ چاغدا ئۇنىڭ قانداقمۇ قىممىتى بولسۇن دەيسىز؟ پەقەت ئۇ تۈرمىدىن چىقىپ ھۆرلۈككە ئېرىشكەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ جانبازلىق گۇمپىسىنى ئەڭ يۇقۇرى چەكتە جارىي قىلدۇرالىشى مۇمكىن. شۇڭا شى ئېن ۋۇسوڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، دادىسىنىڭ قولىدىكى ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ، لاتا قوزۇقنى يەرگە ماڭغۇزۇپ، قۇرۇق تاغارنى ئۆرە تۇرغۇزماقچى بولىدۇ.
    يىغىپ ئېيىتقاندا، مېڭجۇ ئايمىقىدىكى گۇندىخانىلارنى دۆلەت پۇل چىقىرىپ جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قۇرغان، ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ يېڭىدىن ئادەم بولىدىغان جايى بولسىمۇ ئەمما، شى ئېن دادىسىنىڭ قولىدىكى ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ، ھېچقانداق دەسمىي سالمايلا ئەشۇ جىنايەتچىلەردىن خالىغانچە پايدىلىنىدۇ. ئاخىر بېرىپ جاڭ قۇربېگى ، جاڭ سىركاۋۇل، جىياڭ ئىشىك مۇئەككىلى بىرلىشىپ ئارام جاڭگال مەيخانىسىنى تارتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.بۇخىل ئۇسۇلنى ئۇلار شى ئېندىن ئۆگەنگەنىدى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، بۇنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى ئۇرىشى، شاگىىرتىنىڭ ئۇستازىنىڭ نېنىنى تارتىۋېلىشىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.
     شى ئېننىڭ سودىدا دەسمىي سالماي تۇرۇپ دادىسىنىڭ قولىدىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىشىنى تىجارەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا ، ناھايتى ئېنىق بولغان «ئالدىن بېيىش» تىكى تىجارەت سىتراتېگىيسى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.شى ئېننىڭ ئۇنى قانداق تەدبىقلىغانلىقىنىڭ بۇ تېما بېلەن مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا ئۇنىڭغا باھا بېرىپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز بولسا كېرەك ، ئەتىمالىم.

مەنبەسى : خەنزۇچە «تاللانغان فېليەتونلار» ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-04, 12:54
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-02-04 01:39 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 402
شۆھرەت: 3703 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3678 سوم
تۆھپە: 1953 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1977 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3422(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     بوزقىر ئەپەندى : خېلى كۈنلەردىن بېرى توردا كۆرۈنمىسىڭىز ، سىزنى نىمە ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرىدىكىن دېسەم  ، ماقالە تەرجىمە قىلىپ يۈرۈپسىز _ ئەمەسمۇ ؟ ئەمما سىز يوللىغان تېمىلارغا ئىنكاس ئاز يېزىلىشى ، بەلكىم ئىنكاسسىز قېلىشىمۇ مۇمكىن . بۇنى بىزدەك كۆرەرمەنلەرنىڭ بۇنداق  تېمىلارغا  قىزىقمىغانلىقىدىن ئەمەس ، بەلكى ، دەرھال ھەزىم قىلىپ ، ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك ، دەپ چۈشىنىشىڭىزنى ئۆتىنىمەن . چۈنكى ، سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزغا  چوڭقۇر مەنا يوشۇرۇنغان ،  كۈچلۈك تەنقىد - تەربىيە سىڭدۈرۈلگەن ۋە مەركىزى ئىدىيىسى بەكلا كۈچلۈك بولغاچقا ، مەندەك بۇنداق تېمىلارغا قىزىققان بىلەن « ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق » لار دەمالىققا ئىنكاس يېزىشقا ئاجىزلىق قىلىدىكەنمىز . باغداش تورىدا سىزدەك بىلىملىك تورداشلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن . سىزنىڭ نادىر تېمىلىرىڭىزغا داۋاملىق تەشنامەن .
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-04 21:12 |
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 483
شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2859 سوم
تۆھپە: 1634 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1642 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1832(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىنكاس ئاز يېزىلسا ياكى يېزىلمىسمۇ  بەرىبىر توغراق ئەپەندى.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-04 21:28 |
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 483
شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2859 سوم
تۆھپە: 1634 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1642 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1832(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توغراق ئەپەندى،  ۋاقتىڭىز چىقسا ''  بۇلبۇل قوتاندا ،ئېشەك بوستاندا '' دېگەن تېمامنى كۆرۈپ پىكىر بەرگيسىز.

http://bbs.misranim.com/thread-71305-1-1.html
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-05 13:16 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1786
شۆھرەت: 9816 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 9878 سوم
تۆھپە: 5777 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5787 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2544(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر تال گۇل بەرگىچە بىر قۇچاق بىرىڭ
بوزقىر نىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ئادىرسىنى بىلگۇمىز بار
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-05 13:23 |
motiwarlar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 240
شۆھرەت: 1597 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1617 سوم
تۆھپە: 903 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 906 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1262(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بوزقىر ئەپەندىم . ئىجادى ۋە تەرجىىمە ئەسەرلىڭىزنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-05 13:49 |
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 483
شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2859 سوم
تۆھپە: 1634 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1642 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1832(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى tohoturدە2012-02-05 13:23يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىر تال گۇل بەرگىچە بىر قۇچاق بىرىڭ
بوزقىر نىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ئادىرسىنى بىلگۇمىز بار

بوزقىرنىڭ يازمىلىرى ھازىرچە پارتىزانىسكى ھالەتتە كېتىپ بېرىپتۇ.
كېيىنچە مۇنتىزىم قوشۇن ھالىتىگە كەلگەندە شۇ ئارزۇلىرىڭىز مۇ ئەمەلگە ئاشقۇسى.
ئەمما، بوزقىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغانلىقىڭىزغا رەھمەت! 
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-05 14:36 |
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 483
شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2859 سوم
تۆھپە: 1634 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1642 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1832(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى motiwarlarدە2012-02-05 13:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بوزقىر ئەپەندىم . ئىجادى ۋە تەرجىىمە ئەسەرلىڭىزنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن.

شۇنداقتەك قىلىدۇ. سىزنى تېخى بايىلا مىسرانىمدىكى بوزقىرنىڭ تېمىسىدا كۆرگەنتىم.سىزگە رەھمەت.
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-05 14:39 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 402
شۆھرەت: 3703 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3678 سوم
تۆھپە: 1953 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1977 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3422(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

            بوزقىر ئەپەندىنىڭ يازمىلىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن . بۇ ئەسەرلەردە مەدېھە ئوقۇش ، ئالقىشلاش ، رازىمەنلىك ، ئىززەت - ئېھتىرام بىلدۈرۈش دېگەندەك مەزمۇنلارنىڭ پۇرىقىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ . بۇگۈن « بۇلبۇل قوتاندا ، ئىشەك بوستاندا » نى بىر قۇر ئوقۇپ ، بۇنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىۋاتىمەن . خوشامەتچى ، يالاقچى ، ئىككى يۈزلىمىچى پەسكەچلەر بازار تېپىپ ، ھەقسۆز ، سەمىمى ، راسكويلار ماڭدامدا تۇمشۇقىغا يەپ ، قەشقەر بەشكېرەمدىكىدەك زومگەر ئەمەلدارلار قالقانغا ئېرىشىپ . « باغۋەن خانىم » دەك ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرىغانلار ھال - دەردىگە يىتىدىغان ئادىل ئەمەلدار تاپالماي ئاق بايراق چىقىرىپ ، ئۆز ھامىيىلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ ، ئۆزىنى دەپسەندە قىلغانلارغا رەخمەت - تەشەككۈر ئېيتىشقا مەجبور بولىۋاتقان زاماندا ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىڭىز ئارقىلىق ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ شاھىدى ئىكەنسىز ئەمەسمۇ ؟ ناۋادا سىزمۇ ئەينى چاغدا ، ۋېژدانىڭىزغا خىلاپ ھالدا ، ئاشۇ ئوقۇش تارىخىڭىز ، دىپلوم - گۇۋانامىلىرىڭىز ، بىلىم - خىزمەت ئىقتىدارىڭىز بىلەن خوشامەت يولىنى تۇتۇپ باققان بولسىڭىز ،  ئېھتىمال ، بۈگۈنكى كۈندە سىزمۇ خېلى يوقىرى مەرتىۋىلىك ئەمەلدار بولۇپ قېلىپ ، كۈندۈزى يىغىن - تەكشۇرۇش ، كەچتە ئالى رېستۇرانلاردا كەيپىي - ساپپا ئىچىدە ، تورغا چىقىشنى ئۈخماي ياكى ۋاقىت چىقىرالماي بىزدەك تورداشلىرىڭىز بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولالماي قالاتتىڭىزمىكىن- تاڭ ! . سىزگە بولغان ھۈرمىتىم بارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ . يازمىلىرىڭىزدىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشىۋاتىمەن . بىر سۇئال سۇرىسام خاپا بولمىغايسىز : بەزى نادىر تېمىلىرىڭىز نىمىشقا باغداشقا ئەمەس ، باشقا تورلارغا يوللىنىدۇ ؟ باغداشتا يەنىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلىرىڭىزدىن ھوزۇرلىنىشقا تەشنا ئىكەنلىكىمىز ئېسىڭىزدە بولغاي ! سالامەت بولۇڭ !
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-05 21:03 |
bozqir
پەرۋايىم پەلەك

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1208
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 483
شۆھرەت: 2815 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2859 سوم
تۆھپە: 1634 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1642 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1832(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   توغراق ئەپەندى ، دېمىسىمۇ '' باغداش '' تورىغا ئىجادىي تېمىلارنى كۆپرەك يوللىيالماي قالدىم.
قولۇمدا پۈتۈپ  قالغان بىر تېما بارتى «بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى » غا ئوخشاپ كېتىدىغان، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتكۈررەك سېياسىي  ھەق-ناھەق مەسىلىسى يورۇتۇلغان شۇ تېمىنى «باغداش»قا يوللاشنى ئويلىشىۋاتىمەن.چۈنكى،«باغداش»  «بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى » دېگەن تېمىدا ئۆزىنىڭ لىللا مەيدانىنى ئىپادىلەپ ئەل ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغاپ كەلدى.

ئەمما ، شۇ تېمامغا «باغداش» خۇددى  «بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى » دېگەن تېمىدا ئىپادىلىگەن مەردانىلىقىنى ئىپادىلىيەلەمدۇ-يوق؟ شۇ تېمىنى  تۈنۈگۈن سىناق ئۈچۈن بىر تور بېتىگە يوللىسام تېمىسىنى كۆرۈپلا شاتراقدىۋېتىپتۇ باشقۇرغۇچىلار.

يەنە قايتا بىر كۆرۈپ چىقىپ ، تۈزىتىش ، تولۇقلاشلاردىن كېيىن بىر يوللاپ باقارمەن. شۇ تېما بەلكىم پېقىرنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-05 23:59 |
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 402
شۆھرەت: 3703 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3678 سوم
تۆھپە: 1953 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1977 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3422(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    يېڭى تېمىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-06 18:46 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » تەرمىلەر