ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەن ئاق كۆڭۇل كىشىلەرگە رەخمەت
مەن بىر ئاجىز چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان ئايال. ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆز سىڭلىمنىڭ ۋاپاسىزلىقى، نەپسانىيەتچىلىكىدىن نەپرەتلەنسەم، ئۇنىڭدىن باشقا ئالتە قېرىندىشىمدىن سۆيۈنۈپ كەلگەن ئىدىم. لېكىن قېرىنداشلىرىمنىڭ مېنىڭ مەنپەئەتىم ئۈچۈن نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ ئازاپلاندىم. ئۆز ئاجىزلىقىمدىن ئاغرىندىم، كۆڭلۈمدىكى غەشلىكىمنى كىمگە ئېيتىشنى بىلمەي ئاخىرى 2012- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى باغداش تورىدا ماقالە بەرگەن ئىدىم. شۇ كۈنىلا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى، ھېسداشلىقى، كۆيۈنۈشىگە ئېرىشتىم، ھەتتا بەزى تورداشلار ماڭا ياردەم قولىنى سۇنماقچى بولدى. مەن شۇندىلا ئۆزەمنڭ ئاجىز ئەمەسلىكىمنى، ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھال- دەردىمگە ئورتاقلىشالايدىغان ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ يەنىلا كۆپلىكىنى، كىشىلىك ئەخلاق، پەزىلەتنىڭ جەمئىيەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. مېنىڭ ھەققانىيەتكە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋالىقىم كۈچەيدى. رەھمەت ماڭا ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلغان، ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەن ئاقكۆڭۈل كىشىلەر، رەھمەت سىلەرگە!
سىلەرگە سالامەتلىك ۋە ئۇتۇقلار تىلەپ:
ئارا ئاقيەرلىك ئايالدىن
[ بۇ يازمىنىilimدە2012-02-05 19:18قايتا تەھرىرلىدى ]