1990 _ يىلى 26 _ دېكابىردا بىر قارا رەڭلىك پىكاپ ماۋجۇشىنىڭ خاتىرە سارىيى ئالدىغا كېلىپ توختىدى . پىكاپتىن چاچلىرىغا ئاق كىرگەن ، ئوتتۇرا بوي ، ياشانغان بىر كىشى چۈشتى . ئۇ ماۋجۇشىنىڭ كىرىستالدىن ياسالغان جەسەت ساندۇقى ئالدىغا كېلىپ مەرھۇمنىڭ چىرايىغا سەپ سېلىپ قاراپ چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن تازىم قىلدى . بۇنىڭغا كىشىلەر بۇنداق جاۋاب بېرىدۇ : ماۋجۇشى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ، ماۋجۇشى بولمىغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈنمۇ بولمىغان بولاتتى . سەيپىدىن ئەزىزى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇش بولىدۇ .
سەيپىدىن ئەزىزى شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەلق ماۋجۇشىنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيىدۇ . چۈنكى ، كوممۇنىستىك پارتىيە خەلققە تېنچ ، خاتېرجەم تۇرمۇش ئاتا قىلدى . سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قەلبىدە ماۋجۇشى يەنىلا ھايات .
سەيپىدىن ئەزىزى مۇنداق دەيدۇ : مەن ھەر يىلى كېلىپ ماۋجۇشىنى يوقلاپ تۇرىمەن ، ھەر قېتىم ماۋجۇشىنىڭ مېھرىبان دىدارىنى كۆرگىنىمدە ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەرھۇم ماۋجۇشىنىڭ دىدارىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇزۇندىن - ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرگىنىمدە ئىختىيارسىز ھالدا كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياش تۆكۈلىدۇ . خەلق ماۋجۇشىنى ئۇنۇتمايدۇ ، خەلق ماۋجۇشىنى قىزغىن سۆيىدۇ .
1990 يىلى قىش . سەيپىدىن ئەزىزى ئەمدىلا ساقىيىپ ( ئۇ يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرغانىدى) ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جەنۇبى جۇڭگوغا بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرىدۇ .. ئۇ پارتىيىمىزنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى بۇ رايۇنلارغا ئېلىپ كەلگەن جۇشقۇن جانلىنىشلارنى ۋە خەلقنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ ، ئۇ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھەتتا كىرا پىكاپلىرىدا ، سودا ماگىزىنلىرىدا ، ئىشخانىلاردا ماۋجۇشىنىڭ رەسىمى ئېسىلغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئىختىيارسىز ھالدا بۇنىڭ سەۋەبىنى سۇرايدۇ . ئۇنىڭ نەزەرىدە ماۋجۇشى پەقەت ئۇخلاۋاتىدۇ ، كۈنلارنىڭ بىرىدە ئۇيغۇنۇپ ، ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى ۋە خەلقنى كۆرىدۇ . قويۇق خۇنەن تەلەپپۇزىدا ئۇنىڭدىن : سەيپىدىن ، خەلقنىڭ تۇمۇشى ياخشىمۇ ؟ دەپ سۇرايدۇ ، ھەمدە : شىنجاڭ خەلقى ئۇلۇغ خەلق ، كوممۇنىستلارنىڭ شىنجاڭنى كۈندىن _ كۈنگە تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش بورچى بار ، دەيدۇ .
تارىخنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسى
ئىلى ۋادىسى .
ئىلى دەرياسى خۇددى جەسۇر ئۇيغۇر يىگىتى دۇتتاغا تەڭكەچلەپ ناخشا ئېيتقاندەك يىراقلارغا ئاقماقتا .
پەيتۇنلارنىڭ قوڭغۇراق سادالىرى ئىچىدە ئامچا يىگەن قۇللارنىڭ نالە - زارى ئاڭلىنىدۇ . بايۋەتچىلەر ، ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە تەيتەيلەر پاكار خور - خور ئىتلىرىنى يېتىلىشىپ ھەيۋە بىلەن ئۆتۈۋاتقان كوچىلاردا ئاچ - يالىڭاچ قېرىلار ، ئاياللار ۋە بالىلار تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرىدۇ . ئىلى ۋادىسىمۇ بۈگۈن جۇڭگوغا ئوخشاش قۇللۇق ئازابىنى چەكمەكتە .
1932 _ يىلى مەشھۇر جەنۇبى شىنجاڭ قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ . 17 ياشلىق سەيپىدىن ئەزىزى قىلچە ئىككىلەنمەي قولىغا قۇرال ئېلىپ ، پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى بولىدۇ .
ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا چىقىدۇ .
يەنە ئۈچ يىلدىن كېيىن ، ئۇ لېنىننىڭ كىتابلىرىنى ۋە گوركىينىڭ " ئانا " رۇمانىنى ئېلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ .
1944 _ يىلى ئۇ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياشلار بىلەن بىللە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىدۇ .
1949 _ يىلى باش كۈزدە ، كۆكسالا جىلغىسىدا دەم ئېلىۋاتقان سەيپىدىن ئەزىزى غۇلجىغا تېز قايتىش ھەققىدە بىر پارچە خەت تاپشۇرىۋالىدۇ . خەت ئېلىپ كەلگۈچى ئۇنىڭغا بېيپىڭدىن ئادەم كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ .
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى _ روشەنكى ، جۇڭگو كوممۇنىستىڭ پارتىيىسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىنىڭ مەھسۇلى . شۇنداقلا ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ، مىللى باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىش يولىدا پارتىلىغان خەلق ئىنقىلابى ھەركىتى . لېكىن ، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانىدى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى پەقەت كوممۇنىستىڭ پارتىينىڭ نامىنىلا ئاڭلىغان ، لېنىننىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندەك ماۋزېدۇڭنىڭ ئىسمىنىلا ئاڭلىغان ؛ كوممۇنىستىڭ پارتىينىڭ بەزى تەشەببۇسلىرى ۋە ماۋزېدۇڭنىڭ بەزى ماقالىلىرىنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ ، لېكىن كوممۇنىستلارنى كۆرۈپ باقمىغان . ئۇلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشنى ۋە ماۋجۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدى .
غۇلجىغا قايتىش يولىدا سەيپىدىن ئەزىزى شوپۇرغا :
_ ماشىنىنى تېزرەك ھەيدەڭ ، يەنىمۇ تېزرەك ھەيدەڭ! _ دەپ سۈيلەيدۇ .
بۇ چاغدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن ۋەكىلى دىڭ لىچۈن ماۋ زېدۇڭنىڭ غۇلجا ئالاھىدە رايۇنى خەلق ھۆكۆمىتى( ئۈچ ۋىلايەت خەلق ھۆكۆمىتى) گە ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان خېتىنى ئېلىپ غۇلجىغا يېتىپ كەلگەنىدى .
ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان بۇ خېتىدە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۆمىتىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بېيجىڭگە كېلىپ جۇڭگو خەلق سىياسى كېڭىشىنىڭ ئۇمۇمى ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىشى تەكلىپ قىلىنغانىدى .
بۇ خەۋەر ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۆمىتى رەھبەرلىرى ئىچىدە تارقالغاندا ئۇلار ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ھەر مىللەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللىنىدۇ . ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق بېيجىڭغا بارماقچى بولىدۇ .
ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا ۋەكىللەر ئۆمىكى يولغا چىقىدۇ .
غۇلجىدا قېلىپ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۆمىتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان سەيپىدىن ئەزىزى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خەۋىرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقىنىدا ئايرۇپلان ھادىسىگە ئۇچىراپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدە قازا تاپتى دېگەن خەۋەر يېتىپ كېلىدۇ . بۇنى ئاڭلىغان سەيپىدىن ئەزىزى كۆز ياش قىلىپ ، چەكسىز قايغۇغا چۆمىدۇ ۋە مەركەزنىڭ ۋەكىلى دىڭ لىچۈن ئارقىلىق بېيجىڭدىكى ماۋجۇشى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىلىق يوليۇرۇق سۇرايدۇ .
ماۋجۇشى شىنجاڭ يەنىلا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتسۇن ، دەپ يوليۇرۇق بېرىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن سەيپىدىن ئەزىزى ، ئالىمجان ، تۇجژ ۋە بىر تەرجمان ، بىر كاتىپتىن ئىبارەت بەش كىشى بۇ تارىخى ۋەزىپىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ .
1949_ يىلى 15 - سىنتەبردە شىنجاڭ ئالاھىدە رايۇنى ( ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ) ۋەكىللەر ئۆمىكى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ باشچىلىقىدا ساق - سالامەت بېيجىڭغا يېتىپ بارىدۇ .
شۇ يىلى سەيپىدىن ئەزىزى 33 ياشتا ئىدى .
( داۋامى بار)
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-02-11 11:29قايتا تەھرىرلىدى ]