بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى alraziدە2011-04-01 14:40يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن بۇ مۇنبەرگە يىڭى ئەزا بولغان . يىڭى كىرگەندە بۇ مۇنبەرنىڭ مۇللىقى ،كۆركەملىكى مېنى جەلىپ قىلىۋالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ ئۆزۇمنى بىر گۈزەل ئوردا ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلغانىدىم . باشتا مىنىڭ يىڭى يوللىغان ئەسەرلىرىمنى ۋاقتىدا تەستىقلىدىڭلار . مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خوش بولدۇم . لىكىن بارا بارا بۇ مۇنبەرنىڭ ئىچى جىمجىتلىققا چۇكۇشكە باشلىدى . 29 .چىسلا مەن [ ئاڭلىسام } دىگەن شىئىرى ئەسىرىمنى يوللىدىم . ئەپسۇس ھازىرغىچە ھىچقانداق ئىنكاس يوق . كىيىن قايتا يوللىغان بولساممۇ ھىچقانداق خەۋەر يوق . شۇنىڭ بىلەن مەن باغدش تور بىتىگە ئۇچۇر يازدىم .ئەپسۇس يەنىلا سوئالىم جاۋاپسىز قالدى . مەن بۇنىڭدىن بەك ئەپسۇزلاندىم . مەن ھەرگىزمۇ مىنىڭ ئەسىىرىمنى تەستىقلاڭلار دىمەيمەن ،بەلكى تەستىقلانمىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى بىلمەكچى خالاس . سىلەر چوقۇم مۇنبەرنى ياخشى قىلىمىز دەيدىكەنسىلەر ھەر جەھەتتىن ئىزدىنىشىڭلار كىرەك ئىدى، ھازىر نىمە ئۇچۇن بۇ مۇنبەرنىڭ كەيپىياتى تۇۋەنلەپ ،قىزغىنلىق سۇزلىشىپ كەتتى ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى چوقۇم سىلەر ئىزدىشىڭلار كىرەك ئىدى. ئەگەر ئالدىراش بولساڭلار خىەۋەر بىرىپ بىرىپ قويۇشىڭلار كىرەك . يىڭى كىرگەندە شۇ زامات تەستىقلاپ سەل كونىرغاندا بىپەرۋالىق قىلساڭلار قانداقمۇ مۇنبەرنى گۇزەللەشتۇرىمىز دەپ شۇئار كۆتۇرەلەيسىلەر . ئەگەر قاتتىق سۇزلەپ قويغا بولسام توغرا چۇشىنەرسىلەر !! چۇنكى مۇنبەرنىڭ گۈللىنىشى سىلەر ئۇچۇن ۋە بىز ئۇچۇن كۇپ پايدىلىق .....