بۇ مەزمۇن 23قەۋەتتىكى xortikinدە2011-05-13 20:46يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مېنىڭچە باغداش مۇنبىرى بىزگە ئوخشاش سىرتتا ئىشلەپ يۈرگەن ئادەملەر ئۈچۈن يۇرتىمىزدا بولىۋاتقان ئۆزگۈرۈشلەردىن ، بولىۋاتقان يېڭىلىقلاردىن خەۋەر تاپىدىغان بىردىن بىر كۆزنەك،بىز مۇشۇ كۆزنەك ئارقىلىق يۇرتىمىزنى چۈشۈنىمىز،يۇرتىمىزدىكى تۇرداشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمىز،ئۇلارنىڭ نىمىگە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز،شۇڭا ئەھمىيەتلىك تىمىلار يوللانسا،بولۇپمۇ قۇمۇل تارىخىغا دائىر ساۋاتلار،بىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىز،ئۆزگىچە خاراكتىرىمىز گەۋدىلەنگەن تىمىلار بىزنى بەك ھاياجانلاندۇرىدۇ،مەن بىر نەچچە تىمىغا ئىنكاس يېزىپ بەزى ئىشلاردىن ياردەم سورىسام ئۇنىڭغا ھېچكىم ئىنكاس قايتۇرمىدى،بەزى ئەخلەت تىمىلارغا بەس-بەستە ئىنكاسلار يېىزىلىپ مۇنبەردىن چاڭ چىقىرىۋېتىۋاتىدۇ،ئىنكاسلار خۇددى بىرسىگە چاقچاق قىلىۋاتقاندەكلا،ھەتتا تېتىقسىز گەپلەرمۇ چىقىۋېرىدكەن،بۇنداق ئىنكاسلار باغداشنىڭ ئىناۋىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ،شۇڭا ئىنكاس قايتۇرغۇچى بۇنى قانداقتۇ بىر كوچا ئويۇنىغا ئايلاندۇرۇپ قويماي ئەستايىدىل ئىنكاس قايتۇرىشى كىرەك دەپ قارايمەن،گەپلىرىم ئېغىر كەتكەنم بولسا ھەممىڭلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.