«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1520 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 455 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 444 سوم
تۆھپە: 236 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 236 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 300(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 چۈمۈلە روھى ۋە ئىقتىساد ئېڭىمىز-مەڭگۈتاش

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-02-05)
چۈمۈلە روھى ۋە ئىقتىساد ئېڭىمىز
ئوسمان زاھىر

 
    شەھەر ئەتراپىدىكى مەلۇم يېزىدا بىر دېھقان ئۆي سالماقچى بولۇپ گەنسۇلۇق بىر ئىشلەمچىگە كېسەك قۇيغۇزۇپتۇ. كېسەك قۇيۇلۇپ ئىش ھەققىنى ئالىدىغان چاغدا ھېلىقى دېھقان بۇ ئىشلەمچىگە بىر نەچچە كۈن ساقلاپ تۇرۇشىنى، بىرەيلەندە 10 مىڭ يۈەن قەرزى بارلىقىنى شۇ پۇلنى ئۈندۇرۇپ ئىش ھەققىنى بېرىۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئىنتايىن ھەيران بولغان ھېلىقى ئىشلەمچى بۇ ئۇيغۇر دېھقانغا :- خەقنىڭ قولىدىكى 10 مىڭ يۇەنگە ئادەم ياللاپ ئىشلەتكىنىڭگە ھەيران قېلىۋاتىمەن. مېنىڭ 200 مىڭ يۇەن پۇلۇم بار ، لېكىن ھازىرغىچە ئادەم ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ باقمىدىم. سەن بۇ ئىدىيەڭنى چۆرىۋەتمىسەڭ، مەڭگۇ نامرات پېتى ئۆتكۈدەكسەن.- دەپتۇ ئاچچىق بىلەن.
    ھەر قېتىم خىزمەتكە ماڭغىنىمدا يول بويىدىكى ئەسكى- تۈسكى يىغىۋېلىش ئورنى كۆزۈمگە چېلىقىدۇ. ئاسمانپەلەك دۆۋىلەنگەن بوتۇلكا، يەشىك، سۇلياۋ بۇيۇملار... ھەر كۇنى دېگۈدەك بۇ يەرگە گەنسۇ ياكى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان زور تونناجلىق ماشىنىلىرى كېلىپ تاغارغا رەتلىك قاچىلانغان بوتۇلكا ۋە يەشىكلەرنى توشۇپ كېتىدۇ. بىر نەچچە خەنزۇ ياش تىنىمسىز يۈرۈپ تاغارغا ئەسكى- تۇسكى قاچىلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن شەھەر تەۋەسىدىكى ئەسكى - تۈسكى يىغقۇچىلارنىڭ ئۈچ چاقلىق ھارۋىغا قاچىلانغان كېرەكسىز بۇيۇملارنى بۇ يەرگە ئەپكېلىپ ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنتايىن قانۇنىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىدۇ. ئۇلار ئاددى -ساددا ياشايدۇ . كەلگۈسىدىكى باياشادلىق ئۇچۇن. لېكىن ئاشۇ تامچە سۇدەك توپلانغان پۇلى ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا يېتىپ ئېشىنغۇدەك بولغاندا سىز ۋە بىز ئۇنىڭ كەينىدىن غايىپ غەزىنىسى بار ئادەمگە قارىغاندەك قاراپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ غايىپ غەزىنىسى دەل ئاشۇ چۈمۈلە روھى. ئۇلار ئۆزىنى چاغلايدۇ. سۈكۈت قىلىدۇ. ئاسان ھاياجانلانمايدۇ. سوغۇققان، پىشقان مىللەتلەرگە خاس پىسخىكا ئۇلارنى مانا مۇشۇنداق مۇۋاپپىقىيەتكە ئىگە قىلغان.
       يەنە بىر تەرەپكە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق، كىشىلىرىمىزنىڭ تولىمۇ ئالدىراشلىقىنى، ھەتتا ھېلىقى ئىشلەمچى(ئەمەلىيەتتە كەلگۇسىدىكى مىليونىر)لاردىنمۇ ئالدىراشلىقىنى كۆرۈپ قالىمىز. ئۇلار ئۆي زىننەتلەيدۇ. تاكسىدا ئولتۇرىدۇ. بىراق، ئاي ئاخىرىدا چىرايى ئۆي زىننەتلەشتە ئىشلەتكەن تاختايدەك  سارغىيىپ كېتىدۇ. يۇقىرى ئۆسۈملۇك قەرز ئۇستىگە قىلىنغان ئورۇنسىز چىقىم خېلى كۆپ كىشىلىرىمىزنى ھالسىراتماقتا. داستىخانلاردىن بەركەت ئۇچۇپ، چىرايلارىن كۈلكە ئۆچۈپ كەتمەكتە. مەن ھازىرغىچە بىنا ئۆينى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن سېتىۋالغان ئۇيغۇرنى ئاز ئۇچراتتىم. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ "خالتىسى" غا بېقىپ "ئۇن تارت" قۇسى بولسىمۇ ھېلىقى بىزنىڭ تەۋەررۇك "دوست- دۇشمەن" ئېڭىمىزنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ھازىرغىچە ئۆزىمىزگە تەۋە بولۇپ ياشاپ باقمىدۇق.
  تۇرمۇش رېتىمىمىز تېزلەشمەكتە. رىقابەتلىك ھايات قوينىغا چاقىرماقتا.
  چۈمۈلە نەزىرىمىزدە ئىنتايىن كىچىك، ئەرزىمەس بىر جانىۋار. لېكىن ئۇنىڭدىكى چىدام ۋە ئىزچىللىق پىلنى يىقىتىشقا قادىر.
 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزى قۇربى يېتىدىغان ئىشلارغىمۇ سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىش شەھەردىن سەھرالارغىچە ئومۇملىشىشقا باشلىدى. ئوغۇت چىقىرىشتىن تارتىپ، يەرنىڭ پۇتاقچىلىق، ئوتاقچىلىق ئىشلىرى ھەممىسىنى بۇ ئىشلەمچىلەر ئۈستىگە ئالدى. دېھقانلىرىمىزنى بېيىپ كەتتىمىكىن دېسىڭىز، نەچچە يىل بۇرۇن كىيگەن چاپان يەنىلا ئۇچىسىدا. تەن قۇۋۋىتى يېتىشمەمدىكىن دېسىڭىز، ھەر ھالدا گۆشسىز تائام يېمەيدۇ. بىر قانچە يىللارنىڭ ئالدىدا مەھەللە- مەھەللىلەردە كېسەك قۇيۇش ، ئورما قىلىش مۇسابىقىلىرى بولۇپ تۇراتتى. توم بىلەكلىك نۇرغۇن يىگىتلەر سېپىلدەك مەزمۇت سوقمىلارنى سوقۇپ يۇرت بىنا قىلىپ ئۆتكەن ئىدى. بىز كىتاپ ياكى رادىئو- تېلۋىزىيىلەردىن چەتئەللىك مىليونېرلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغانلا بولسا ئورۇندۇق ياساشتىن تارتىپ ھەممىنى ئۆزى قىلىدىغانلىقىنى، ئەمگەك ئارقىلىق تۇرمۇشىغا مەنە تاپىدىغانلىقىنى كۆرۇپ تۇرىمىز. يېنىدا پۇلى ئېشىنغان ئادەم ئېھتىياجىدىن ئارتۇق ئىشلارغا پۇل خەجلەشنى خىيال قىلالايدۇ. بىزدە بولسا بىرنەچچە يىل كېيىن قولغا كېلىدىغان پۇللارنىمۇ ئالدىن خەجلىۋېتىدىغان يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى مەۋجۇت. بىر قىسىم دېھقانلىرىمىز قولى ئاز- تولا پۇل كۆرگەندىن كېيىن راھىتىنى سۈرمەكچى بولۇپ شەھەردىن بىنا سېتىۋېلىپ، ئاخىرى ئىسسىنىش پۇلىغا چىقىنالماي ئۆيىنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. كونىلاردا "ئىشتانغا چىققان كوڭۇلگە تايىن" دېگەن گەپ بار. ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى توغرا مۆلچەر قىلىش ، قىلالماسلىق شۇ كىشىنىڭ كىرىمىگە مۇقەررەر تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىر خەنزۇ قوشنام بار. ئۇ بىنا ئۆينى سېتىۋالغان دەسلەپكى يىلى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىپ كېيىنكى يىلى ئىجارە پۇلىغا تايىنىپ ئۆينى زىننەتلەتتى. بۇ جەرياندا ئۆزى سىرتتا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپ بىرمۇنچە چىقىمنى تېجەپ قالدى. ئۇلارنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىگە تولىمۇ قايىل بولغان ئىدىم.  بىر نەپەر كادىر تونۇشۇم بار ئىدى. ئۇ يېزىلاردا نۇرغۇن ياشلارنىڭ قۇربى يەتكۇدەك ئىشلارنى قىلغىلى ئادەم يوق ئىشلەمچى ئىزدەپ يۇرگىنىنى ئاڭلاپ، بىر نەچچە ياش بالىنى تەشكىللەپ، يەكشەنبىلەردە سۇۋاقچىلىق ، تامچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپتۇ. بىر قېتىم ئۇ ئىككى كۇندىلا 1800 يۇەن پۇل تاپقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئەمگەك قىلىپ بىرەر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى ھېچكىم ئاڭلىغىنى يوق. سىزنىڭ تاغدەك دۇنيايىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ ، ئورۇنسىز چىقىم قىلىۋەرسىڭىز، ئاخىرى نادامەتتە قالىسىز،
***********
     مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، بازار ئېڭى كۈچەيگەن دەۋرلەردە مىللىتىمىز قۇدرەت تېپىپ، چوڭ- چوڭ سودىلارنى قىلىدىغان ھەم قىلالايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. يېقىنقى بىر قانچە يىللار مابەينىدە بىزدىنمۇ نۇرغۇن مىليونېرلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ ھەم خەلقئارالىق سودىلارنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ ياخشى يۈزلىنىش. بىراق، مەسىلە يوقمۇ دېگەندە، يوقمۇ ئەمەس. بەلكى خېلىلا كۆپ. مەسىلىنىڭ بىرىنچىسى، تەكرار مەبلەغ سېلىش كوپ. ئۈنۈم تۆۋەن. "ئارمان"،"ئامىنە"،"مىزان" دىن ئىبارەت 3 شىركەتنىڭ تەييار چۆپتىن ئىبارەت بىر خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. چاينى مىسالغا ئالساقمۇ "زەرەپشان"،"يادىكار"،"گۇلدىيار"،"ئوغۇز" قاتارلىق شىركەتلەر بەس- بەستە رەڭدار قاپلىق چايلارنى بازارغا سېلىپ خېرىدارلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى. خاسلىق كەمچىل بولغانلىقتىن بۇ ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ھېچقايسىسى دېگەندەك ئۈزۈپ چىقالمىدى. ئېچىلمىغان بوز يەرلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئېڭىمىز يەنىلا ئاجىز ھالەتتە. يېقىندا قۇمۇلدا بىرەيلەننىڭ ماشقاق(پاچاق) تىن ئاشقازان قۇۋۋەتلەيدىغان بىر خىل تالقان    ئىشلەپچىقىرىش ئۇستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. قۇمۇلدىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەن بىر يىگىت "ئەلگە" ناملىق شىركەت قۇرۇپ "داۋا كۆكلىرى" نى بازارغا سالدى. بۇ ئىزدىنىشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، مىللىي كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار تېخى خەنزۇ ئىستېمالچىلاردىن ئىبارەت چوڭ بازارنىڭ ئىشىكىنى رەسمىي چېكىشكە قابىل بولالمايۋاتىدۇ. مەن بىر نەچچە چوڭ شىركەتنىڭ شىركەت نامىنى خەنزۇلار ياخشى كورىدىغان خەت ياكى چەتئەللىكلەرنىڭ تاۋار ماركىلىرىغا يېقىنلاشتۇرغانلىقىغا تولىمۇ قايىل بولدۇم. مەسىلەن :"ئىزچىلار"،"مىزان" ... قاتارلىقلار. بازار ئىگىلەشتە مەلۇم ئىستېمال توپىنىڭ پىسخىكىسىنى تەكشۇرۇش داڭلىق شىركەتلەرنىڭ مۇھىم بىر يولى بولۇپ كەلگەن. مېنىڭچە، دۇكان ياكى ئاشخانە ئاچقانلار ۋىۋىسكىنىڭ ئۇيغۇرچىسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىغا يانداشقان مەنىلىك سوزلەرنى ، خەنزۇچىسىغا خەنزۇ خېرىدارلار ياخشى كۆرىدىغان خەت ياكى ناملارنى قوللىنىپ باقسا ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. ئۇيغۇرچىسى بىلەن ئوخشاش قىلىمەن دەپ ئاھاڭ بويىچە بىر مۇنچە مەنىسى يوق خەنزۇچە خەتلەرنى تىزىپ قويۇشنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ.
       بازار ھەققىدە گەپ بولغاندا مېنى ئويغا سالىدىغان بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ كىشىلەر ئەركىن  سودا قىلىپ كەلگەن ئۇستى ئوچۇق بازارلارنى يېپىق شەكىلگە ئوزگەرتىش.  بۇ گەرچە تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولسىمۇ بۇنداق يېپىق شەكىلدىكى بازارلار خېرىدارلارنى جەلب قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇنداق بازارلارغا سېلىنغان سېلىنما كۆپ بولغاچقا خوجايىنلار ئىجارە چىقىمىنى تولدۇرىۋېلىش ئۈچۈن تاۋار باھاسىنى ئۆستۈرىدۇ. نەتىجىدە زىيان تارتىدىغىنى خېرىدارلار بولىدۇ.  ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ ئىلگىركى ھالىتى بىلەن ھازىرقى ھالىتىنى سېلىشتۇرساقلا بۇنىڭغا جاۋاب چىقىدۇ. "توخۇ سۇتىدىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ" دەپ تەرىپلەنگەن بۇ بازاردا ھەرقانداق ئىستېمالچىنىڭ ھەرقانداق سۈپەت ھەم باھا ئۆلچىمىدىكى  تاۋىرىنى تاپقىلى بولاتتى. بىراق، ئىنتايىن ھەشىمەتلىك ياسالغان ھازىرقى  دۆڭكوۋرۇك بازىرى تۆۋەن كىرىملىك ئىستېمالچىلار توپىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندەك تۇرىدۇ.
        ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بازار تىنىمسىز ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كۇندىن - كۇنگە گۇللەۋاتقان بازارلىرىمىزنى كۈزىتىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگەك . دۇكان ئايرىم بولسىمۇ ئاخىرى يەتمەكچى بولغان مۇددىئا بىر. يەنى، ھالال يول ئارقىلىق ئىقتىساد جۇغلاپ كېيىنكى تەرەققىيات ئۇچۇن سەرمايە قىلىشتىن ئىبارەت.  ئىزدەنگۇچى سۈپىتىمىز بىلەن ھاياتىي كۇچكە تولغان مىللىي ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى قۇرۇپ چىقىش ئۇچۇن ھەر بىرىمىزنىڭ بىر كىشلىك كۈچ چىقىرىش مەجبۇرىيتىمىز بار .
 
****************
      بۇ يىل ئۆي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى تولىمۇ ئەتىۋار بولدى. تەرەپ- تەرەپكە ئىشچى ئالاقىلىشىپ يۈرگەنلەرنى كۆپ ئۇچراتتىم. مەنمۇ ھەم شۇنداق ھاجەتمەننىڭ بىرى بولغاچ مىڭ تەستە گەنسۇلۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسىدىن 8 نى تېپىپ ئىشنى تاپشۇردۇق. 25 كۇندە ئۆي پۇتتى. ئىش ھەققىگە 10 مىڭ يۇئەندىن ئارتۇق خىراجەت كەتتى. قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئىشنى توختام بويىچە سۈپەتلىك قىلدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئاۋاققىنە ئاياللىرىنىڭ خېلى ئەركەكلەرمۇ ئاران چىدايدىغان لايچىلىق ئىشلىرىنى ئەرلەر بىلەن ئوخشاش قىلىشى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۇقۇشۇمچە، ئۇلار ئاساسەن بىر يۇرتلۇق ئىكەن. بۇنداق قۇرۇلۇش ئەترىتى بولۇپ تەشكىللەنگەنلەر خېلى كۆپ ئىكەن.
       بۇ يىل خىش ھەم قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى بىراقلا ئۆسۈپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇش تەننەرقى ئېشىپ ، خېلى تەرلىمىسە ئۆي سالغىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. شۇ سەۋەپلىك ئۆي سېلىش نىيىتىگە كەلگەن بىر تونۇشۇمنىڭ كېسەك قۇيۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىر كېسەك قۇيىدىغان ئادەم تاپماق قىيىن ئىكەن. ھازىر كېسەكنىڭ باھاسى 0.1 يۇەن ئەتراپىدا بولۇپ، كېسەك قۇيۇپ  كۈنىگە 50 يۇەن ئەتراپىدا پۇل تاپقىلى بولىدىكەن. بۇ گەپ ئېسىمگە مۇنۇ تەپسىلاتنى كەلتۇردى: بىر نەچچە ئاتۇشلۇق ياش يۇرتىدىكى ھەممىلا كىشىنىڭ سودا قىلىپ بېيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچى پۇشۇپتۇ. ئۆزى بىر ئىش قىلاي دېسە جۈرئەت قىلالماپتۇ. نەتىجىدە بىر كۈنى ئارىدىكى بىرسى كېسەك قۇيۇپ پۇل تېپىش مەسلىھەتىنى بېرىپتۇ. بىرىنچى يىلى ئۇلار كېسەك قۇيۇپ تاپقان پۇلىنى مەبلەغ قىلىپ ئارىدىكى بىرسىنى ئىچكى ئۆلكىگە سودىغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇنىڭ سودىسى روناق تېپىپ، ئىككىنچى يىلى يەنە بىرەيلەننى يېنىغا تارتىپتۇ. قېپقالغانلار داۋاملىق كېسەك قۇيۇپ پۇل تېپىپتۇ. ئاخىرقى ھېساپتا ئۇلار كېسەك قۇيۇپ تاپقان پۇلنى مەبلەغ سېلىپ نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ. بۇ مىسالدىن شۇنى كۆرۈش تەس ئەمەسكى، مەبلىغى يېتىشمەيدىغان ئادەم مەبلەغ كەتمەيدىغان ئىشنى قىلىپ باققىنى ئەۋزەل. ئىچكى ئۆلكىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، پۇل تېپىشتا بازىرى شەكىللەنمىگەن ياكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ھۇنەر- كەسپلەرگە مەبلەغ سالماسلىق كېرەك. ئۆزىگە تونۇشلۇق كەسپلەردىن باشلاش كېرەك. مەلۇم ماتېرىيالدىن ۋېنجولۇقلارنىڭ پۇل تېپىش يولىنى كۆرۈپ قالدىم. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر شىنجاڭدا سودا قىلىۋاتقان جېجىياڭلىق سودىگەرلەر ئاچقان كارخانىلار ئىچىدە يىللىق تىجارەت سوممىسى 3 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانە مىڭدىن ئاشىدىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يېنىك سانائىتى ئارقىدا بولۇشتەك شارائىتنى توغرا مولچەر قىلغان بىر ۋېنجولۇق سودىگەر چاقماق يۆتكەپ چاغاندا ئائىلىسىگە 15 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەۋەتكەن. ۋېنجولۇقلار ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭغا كەلگەندە ئىشنى مەبلەغ كۆپ كەتمەيدىغان كېرەكسىز پولات- تۆمۇر يىغىۋېلىشتىن باشلىغان. كېيىن چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن چېگرا سودىسى قىلىپ ھەسسىلەپ پايدىغا ئېرىشكەن. پۇرسەتنى قانداق تۇتۇش پايدا ئېلىشتىكى مۇھىم ئاچقۇچ.
      قولىدىن ئېسىل قورىمىلار چىقىدىغان ئادەمنىڭ بىر ئۆمۇر ياغاچچىلىق قىلىشى ھاماقەتلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس.
     دۇنيادىكى نېفىت پادىشاھى دەپ ئاتالغان روكفېللىرنىڭ سودا قابىلىيىتى بالىلىق چېغىدا كوچىدىن تېپىۋالغان بىر ئويۇنچۇقنى رېمونت قىلىپ دوستلىرىغا ئىجارىگە بېرىشتىن باشلانغان ئىكەن.
    خۇددى ھەممىلا ئادەم ئالتۇن كانغا قىزىقىۋاتقان پەيتتە بىرەيلەننىڭ ئۇلارنى توشۇيدىغان كېمە ياسىغىنىدەك، ئۆزگىچە كۈزىتىش نۇقتىسى بولۇش تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى مۇھىم ئامىل.
      شۇ ۋەجىدىن كېسەك قۇيۇشقا ئوخشاش جىسمانىي كۇچ تەلەپ قىلىدىغان، نۇرغۇن ئادەملەر قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى يېزا- قىشلاقلىرىمىزدىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى ئالدىن ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك.
 
           يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بېرى كالىندارىمىزدا بىر نەچچە رەقەم ئۆزگىرىشى بولغاندىن باشقا تۇرمۇشىمىزدا ،قىممەت قاراشلىرىمىزدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغاندەكلا ھېس قىلىمەن گاھىدا. ئەتراپىمغا،ئەتراپىمىزدا بىز بىلەن ئوخشاش ھاۋادا نەپەسلىنىپ، ئوخشاش سۇنى ئىچىۋاتقانلارغا باققىنىمدا بۇ قارىشىم تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ.كۆڭلۈم غەش ھالدا شەخسىي ماشىنىسىنى گۈرۈلدىتىپ ھەيدەپ كېتىۋاتقان ئاللىكىملەرنى غايىۋانە قارغاپ ۋېلىسپىتىمنىڭ پىدالىنى كۈچەپ تېپىپ يولۇمغا يۈرۈپ كېتىمەن.تونۇش بىلىشلەر جەم بولغان سورۇندا كۆپىنچە پارىڭىمىز ئىقتىسادنى چۆرگىلەپ قالىدۇ.چۈنكى،ئازغىنە مائاش بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولغان تۈگىمەس ئارمان،ئادەمگەرچىلىكلەر،ئۇزۇن يىللىق قەرز تۆلەش ھېسابىغا كۆچۈپ كىرگەن ياسىداق ئۆيلەر بىزنى تەبئىيلا مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ.مۇشۇ خىلدىكى غەمنى يۈكلىۋالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنى زىيالىي ساناپ يۈرگەن،ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسلىرىنى پۈتتۈرگەن ياشلار.ئۇلار ئۈگەنگەن نەزىرىۋىي بىلىمىنى بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئۆزلىرىگە نەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغان قۇرالغا ئايلاندۇرالمىغىنىغا ئەپسۇسلىنىدۇ.ھەسرەتلىنىدۇ.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سودا قىلىپ ئاز-تولا «تىل تېتىقى» غا ئېرىشكەن بولسىمۇ،بىراق ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئېتىراپ قىلىدىغان جەمئىيىتىمىزدە ئۇلار يەنىلا مائاشقا قاراشلىق «سېرىقتال» زىيالىيلاردىن بولۇپ قالماقتا.يېقىندا ، مەلۇم دېرىزە پەردىسى دۇكىنىغا بۇيرۇتقان پەردىنى ئورنىتىش ئۈچۈن كەلگەن توختاملىق خەنزۇ ئىشچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.ئۇنىڭ دېيىشىچە،ئۇ پەردە دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بىلەن خوجايىن پەردىنى تىكىشكە، ئۆزى بولسا ئورنىتىشقا مەسئۇل بولۇش ھەققىدە توختاملاشقان ئىكەن.بىر پەردىنى ئورناتسا 10يۈەن ھەق ئالىدىكەن.توي -تۆكۈن كۆپ ئايلاردا 200 يۇەن ئەتراپىدا ساپ كىرىم قىلالايدىكەن.ئايلىق كىرىمىمۇ 2000 يۈەندىن چۈشمەيدىكەن.ئۇنىڭ سوغۇقتىن كۆكۈرۈپ كەتكەن ھارغىن چىرايى بۇ ئەمگەكنىڭ خېلىلا كۈچ تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى دەلىللەپ تۇراتتى.ئۇ مېنىڭ ھەيرانلىقتىن ئېچىلىپ قالغان ئاغزىمغا قاراپ:«بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز قارا كۈچكە تايىنىدىغان ئىش،تىنىمسىز ماڭمىساق بولمايدۇ.يەنىلا سىلەرنىڭ مۇقىم خىزمىتىڭلار ياخشى ،» دەپ ماڭا تەسەللىي بەرگەنمۇ بولدى.ئۇنىڭدىن قانچىلىك پۇل جۇغلىغانلىقىنى سورىغان ئىدىم.«150 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئامانەت قويدۇم.ئەمەلىيەتتە مېنىڭ پۇلۇم كۆپ ھېسابلانمايدۇ.300 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مەبلىغى بار تىجارەتچىلەر ھازىر خېلىلا كۆپ.» دېدى ئۇ.كۆڭلۈم تېخىمۇ غەش بولدى.تولۇقسىزنىلا پۈتتۈرگەن،ساۋادلىق بۇ خەنزۇ ئەر ھاياتىنىڭ قىرانلىق چېغىدا كۈچىدىن پايدىلىنىپ خېلى كۆپ پۇل جۇغلاپتۇ.بىزچۇ؟ رىقابەتلىك دۇنيانىڭ بىر بۇرجىكىدە «ئىچىمدە ئۇسسۇل تولا .ئويناي دىسەم پۇت -قولۇم قولاشمايدۇ.-قۇمۇل خەلق ماقالى» دېگەندەك كىتابىي بىلىمنى ئىچىمىزگە سولىۋېلىپ ھەيرانۇ -ھەس بولۇپ تۇرۇپتىمىز.بىلىم دېگەن نېمە؟ بىز ئەينى چاغدا ئالىي مەكتەپلەرگە«ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇپ،مىللەتنى گۈللەندۈرۈپ....»دېگەندەك چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ كىرگەن ئىدۇققۇ؟ قېنى شۇ بىلىم ئەجىبا ئۆزىمىزنىمۇ گۈللەندۈرۈشكە ئەسقاتمىسا -ھە؟! تەنتەنىلىك ۋەدە بىلەن ھەشقىپىچەكتەك چىرمىغان مۇھتاجلىق سارغايتقان بىچارە تەن...بىر قىسىملىرىمىز ھەقىقەتەن سودا يولىغا كىرىپ ئۇتۇق قازاندۇق.لېكىن ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلەش،ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئىش قىلىش،قويمىچىلارغا ساددىلارچە قويۇلۇش تۈپەيلى قول ئىلكىمىزدە بار پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنى توزۇتىۋەتتۇق.خالاس.ئۆزۈمنى ئېيتسام، ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان مائاشقا قاراشلىق كادىرمەن.مەندە مائاشىمدىن سىرت ئانچە-مۇنچە پۇل تېپىپ تۇرمۇشۇمنى ياخشىلاش ئويى پەيدا بولغان ھەم بۇ خىل ئىستەك كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ ،بىراق ھازىرغىچە پۇلمۇ تاپالمىدىم ھەم بۇنچىلىك غەيرەتكىمۇ كېلەلمىدىم.تاسادىپىي بىر كۈنلەردە ئىشسىز قالسام نېمە قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى تەساۋۋۇر قىلالمايمەن.بەلكىم ئۇ چاغدا ھېلىقى خەنزۇ ئەردەك دېرىزە پەردىسى ئورنىتىپ پۇل تېپىشنى ئويلارمەن.بىراق مەن مۇشۇ يۇمران بارماقلىرىم بىلەن بۇ ئېغىر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقارمەن؟ ئۇ چاغدا جاھان تەرەققىي قىلىپ پەردە ئورنىتىش ماشىنا ئادەملەرگە قالسا قانداق قىلارمەن؟!خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى.بىراق،ھېلىقى خەنزۇ ئەرنىڭ كونىراپ ئەبجىقى چىققان ۋېلىسپىتىنى مىنىپ دېرىزە پەردىسى ئورنىتىشقا كېتىۋاتقان ھالىتى،يانچۇقىغا 10 يۈەن 10 يۈەندىن چۈشىۋاتقان پۇللار،كىرلەشكەن كىيىمى بىلەن قەتئىيلىك بىلەن چاقناۋاتقان كۆزلىرى،«150 مىڭ يۈئەن تېخى ئاز ھېسابلىنىدۇ.» دېگەن چاغدىكى قىياپىتى ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ.
 
.******
       ئەجدادلىرىمىزئەينى چاغدا بىر بىرى بىلەن بولغان ئالاقە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر يۇرت بىلەن يەنە بىر يۇرت ئارىلىقىغا تۇرالارنى ياساپ<ئاڭلىشىمچە،بۆرە تېزىكىگە ئوت يېقىلسا شامال كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ ئىس تىك ئۆرلەيدىكەن>بىرى- بىرى بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرغان ياكى مەخسۇس يۈگۈرۈك كىشىلەرنى خەۋەرچىلىك<شاتۇر>كە قويۇپ جاھان يېڭىلىقلىرىغا ئورتاقلاشقان.بۇنى دەۋرىمىزدىكى بىر كونۇپكا بىلەن دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگىمۇ ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدىغان تور تېخنىكىسى، رەقەملىك تېلۋىزور،سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى قاتارلىقلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك ئىنسانىيەتنىڭ بۇ يېڭى ئەسىردىكى شانلىق مۇۋاپىقىيەتلىرىگە تەھسىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز.
       گاھىدا بىر توغرا ئۇچۇر بىلەن روناق تاپىدىغان بىر خاتا ئۇچۇر بىلەن موللاق ئاتىدىغان كەسكىن شاللاش خاراكتېرىگە ئىگە ئۇچۇر دەۋرى تۈنۈگۈنكى كەچلىك زىياپەت ياكى قاتار چاينىڭ ئۇيقۇسىنى ئۇخلاپ چۈش پىشىنگە يېقىن كۆزىنى ئېچىىپ ئەتراپقا ئەلەڭگىرەپ قاراۋاتقان ياكى شاھ رۇستەمى داستانىنى تېخىچە ئاڭلاپ بولالمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن بەكلا تۇيۇقسىز بولدى. چۆچىدۇق، ئەجدادلاردىن مىراس قالغان تەۋەرۈك سودا ئېڭى بىلەن ھارغىن ئېشىكىمىزگە مىنگەن ھالدا سانتانا ماركىلىق پىكاپنىڭ كەينىدىن توپا توزۇتۇپ يۈرۈپ كەتتۇق.
      ئۇنداقتا ، بىزدىكى ئىقتىساد ، ئۇچۇر ئېڭى زادى قانچىلىك ھالەتتە؟ ماۋۇ پاكىتلارغا قۇلاق سېلىڭ، قەشقەرنىڭ ئانارى ئىلگىرى ھەر كىلوگرامى 5يۈەندىن سېتىلغان بازارلىق مەھسۇلات ئىدى.مەلۇم يىلى ئۈرۈمچىدە تۇيۇقسىزلا كىلوگرامى 4 يۈەنلىك ئانار تۆكمە قىلىپ سېتىلىپ 5 يۈەنلىك قەشقەر ئانارى سىقىپ چىقىرىلغان.ئەسلىدە ئىچكى ئۆلكىدىكى سودىگەرلەر ئىچكىرىدىكى مەلۇم ناھىيىدە ھەر كىلوگرامى 1.6 يۈەنلىك ئانار بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئىگىلەپ دەرھال تۇتۇش قىلىپ ئانارنى تۆكمە قىلىۋەتكەن ئىكەن.
      ئىچكى ئۆلكىدىن شىنجاڭنىڭ مەلۇم شەھىرىگە ساياھەتكە كەلگەن بىر خەنزۇ سودىگەر ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدىكى غوللۇق كەسپلەرنىڭ بىرى بولغان دوپپىچىلىقنى ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىپ بارلىق گۈل نۇسخىلىرىنى توپلىغاندىن كېيىن ئىچكى ئۆلكىدە ئىلغار ماشىنا ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق دوپپىنى زامانىۋىي ئۇسۇلدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان.بۇنىڭ تەننەرقى زور دەرىجىدە تۆۋەن بولغاچقا تۆۋەن باھا جېڭى ئارقىلىق قولدا ئىشلىنىدىغان دوپپا بازىرىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن.
       يېقىندا بىر خۇيزۇنىڭ ئەنئەنىۋىي داڭلىق يېمەكلىكىمىز كاۋاپقا <ئالمىخان> تاۋار ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھەسرەتلەندىم.قاراپ تۇرۇپ بىر مەھسۇلات باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا تىللا تۆكىدىغان دەرەخكە ئايلىنىپ قالدى.ئەتىچۇ؟ مۈگدەك بېسىپ ئولتۇرىۋەرسەك ،پولۇ شاڭخەينىڭ، لەغمەن خاڭجۇنىڭ، سامسا يۈننەننىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ ،دېيەلەمدۇق؟!
بىز ھەدىسىلا بىزدە ئۇنداق ئېسىل مېۋىلەر بار،مۇنداق ئېسىل قول ھۈنەر بۇيۇملىرى بار دەپ دىمىقىمىزنى ئۈستۈن تۇتىمىز .ئەلۋەتتە ،پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن پەخىرلىنىش ئەقەللىي ساۋات. ۋاھالەنكى، كەسكىن رىقابەت بىزنى قاراپ تۇرۇپلا نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قويغىنىدا پىشانىمىزنىڭ تەتۈرلىكى بىلەن تەسەللىي تاپىمىز.يۇقىرى پەن -تېخنىكا ئىلغار مىللەتلەرنى ئۇلاردا يوق نەرسىلەرگە ئېرىشتۈرگەن بولسا ،ئارقىدا قالغان مىللەتلەردىن ئۇلاردا بار بولغان نەرسىلەرنىمۇ تارتىۋالالايدۇ.زامان ئاجىزلارغا باققان ئەمەس.ماسلاشقانلار ياشايدۇ.
بىر قانچە يىللاردىن بۇيان >دېڭىزغا چۈشكەن< لەر بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى.  لېكىن، بۇ ساھەدە ئۇتقانلاردىن ئۇتۇلغانلار كۆپ بولدى.
ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئادىتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى ئۆزگىرىشنى بەش يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرۇش مۈمكىن ئەمەس. ئىلگىرى كىشىلەر ئاشخانىدا تاماق يېسە مىقدارى، باھاسى بىلەن ھېسابلىشاتتى. ھازىر گالغا تېتىغۇدەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدى.  كىيىم- كېچەكلەرنىمۇ باھانى ئەمەس، زامانغا لايىق - ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتۈرىدىغان بولدى. ئىلگىرى ئائىلىلەردە ئۆستۈرۈلۈپ كەلگەن گۈللەرنىڭ بازاردا سېتىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ھازىر مەخسۇس گۈل بازارلىرى شەكىللىنىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ.  تىجارەتچى زامانغا باقمايدىكەن ۋەيران بولۇش قىسمىتىدىن قۇتۇلمىقى بەسى مۈشكۈل.
        ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺗﯩﺠﺎرەت ﺗﯜرﻟﯩﺮى ﻛﯚپ ﺧﯩﻠﻠﯩﺸﯩﭙلا ﻗﺎﻟﻤﺎي ﻣﯘلازﯨﻤﻪت ﺗﯜرﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚپ ﺧﯩﻠﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎﻳﯜزﻟﻪﻧﺪى. ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ ﺳﺎﺗﺮاﭼﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلار ﻣﻪدەﻧﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﻪدەم ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦﺗﺎرﺗﯩﭙلا ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻟﯜك ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻛﻪﺳﭗ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﻪﺳﯟاب ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪر ۋە ﭼﺎچ ﭘﺎﺳﯘﻧﯩﺪا ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰﻳﺎﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻖ ۋە ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﺪە ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮق.
         ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺳﺎﺗﺮاﭼلار ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎز ﺋﯩﺪى. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠلار ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪە ﮬﯚﺳﯩﻦ ﺗﯜزەش ۋە ﭼﺎچ ﻳﺎﺳﺎش ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪەك ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲﻗﯩﻠﺪى. ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪى. ﭼﺎچ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘﺳﺎﺗﺮاﭼﺨﺎﻧﯩلارﻏﺎ ﻗﻪدەم ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﻤﺪا ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘلازﯨﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﺴﻪم ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﺋﯚﻛﯜﻧﺪۈم. ﺑﻪزﯨﺪە ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺧﯧﺮﯨﺪارﻧﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﺳﯜﭘﯜرﯨﯟەﺗﻤﻪﻳلا ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﯖﯩﺰﻧﻰﻳﺎﺳﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘش ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺑﻪزﯨﺪە ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﺎل - ﺑﯘرۇﺗﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﻏﺎن ﺗﯩﻐﺪا ﺳﯩﺰﻧﯩﯔﭼﯧﭽﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﻣﺸﯩﻠﯩﺪۇ.
       ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا ﻳﯧﯖﯩلا ﺗﯩﺠﺎرەت ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺗﺮاﭼﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮدﯨﻢ. دۇﻛﺎن ﺋﯩﭽﻰﺋﺎددى ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻤﺎي ﭘﺎﻛﯩﺰە ﺋﯩﺪى. ﺳﺎﺗﺮاچ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺧﯧﺮﯨﺪارﻧﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰﭘﯜﺗﯜن ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺳﺎﻳﺘﺘﻰ. ﮬﻪرﻛﯩﺘﻰ ﭼﻪﺑﺪەس ﮬﻪم ﺳﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪى. ﺋﯘ ﺧﯧﺮﯨﺪارﻧﯩﯔﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮى ، دۈﻣﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺋﯘۋۇلاپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪى. ﻣﻪن >ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺑﯘ ﺧﯧﺮﯨﺪار ﺋﯘۋۇلاش ﻣﯘلازﯨﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﮬﻪق ﺗﯚﻟﯩﮕﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ.< دەپ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪت ﭼﺎچ ﻳﺎﺳﺎش ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﯩلا ﺋﺎﻟﺪى. ﻣﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺪى. ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﺎرﭼﯩﻐﺎن ﺗﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﻮﺑﺪاﻧلا ﺋﺎرام ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯘ دۇﻛﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺧﯧﺮﯨﺪار ﭼﻮﻗﯘم ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯧﺮﯨﺪارﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﭽﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪۈردى. ﺑﯩﺮ ﺧﯧﺮﯨﺪارﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘۋۇلاپ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﺴﺎ 3 ﻣﯩﻨﯘت ۋاﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﻪر.
      دەرۋەﻗﻪ، ﺧﯧﺮﯨﺪار دۇﻛﺎﻧﺪاردﯨﻦ ﭼﻮڭ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ.  ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘلازﯨﻤﻪت دۇﻛﺎﻧﻨﯩﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢﻣﻪﻟﯘم ﺗﺎﻟلا ﺑﺎزﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻧﺎﺳﯘس ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ﭼﯧﻐﯩﻤﺪﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻣﯘلازﯨﻤﻪﺗﻜﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ. ﭘﻪﻗﻪﺗلا ﺋﺎزراق ﺋﻪﻗﯩﻞ ۋە ﺳﻪزﮔﯜرﻟﯜك ﻛﯧﺘﯩﺪۇ.
     ﺑﯩﺮ دۇﻛﺎﻧﺪارﻧﯩﯔ دﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘ دۇﻛﺎن ﺋﺎﭼﻘﺎن ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ زﯨﻴﺎن ﺗﺎرﺗﯩﺶ ﻳﯩﻠﻰ دەپ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺧﯧﺮﯨﺪارﻏﺎ ﻧﻪپ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ﻣﻪﮬﺴﯘلاﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ  زاۋۇت ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﺪا دﯦﮕﯜدەك ﺳﯧﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﯜپ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ دۇﻛﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺧﯧﺮﯨﺪار ﺋﯜزۈﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪﺗﺘﺎ دۇﻛﺎﻧﺪا ر ﺋﯚزى ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﺎﻟﻪت ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. 
      ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰﻣﯘ دۇﻛﺎﻧﺪار ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، دۇﻛﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮرۇﻧﺪۇق ، ﺑﯩﺮﭼﺎﻳﺪان ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎن ﻗﻮﻳﯘپ ﻗﻮﻳﯘڭ. ﭼﺎرﭼﯩﻐﺎن ﺧﯧﺮﯨﺪار ﺷﯘ  ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎن ﭼﯧﻴﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ داﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺧﯧﺮﯨﺪارﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ.
مەلۇم بىر شىركەتنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى بېسىلىپ قاپتۇ. خوجايىننىڭ بېشى قېتىپ تۇرغاندا بىر خادىم ئۇنىڭغا كىيىم- كېچەكلەرنى چەت، يىراق يېزىغا ئاپىرىپ سېتىش ئەقلىنى كۆرسىتىپتۇ. نەتىجىدە شەھەردە مودىدىن قالغان بۇ كىيىملەر ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ بوپتۇ.
يەنە بىرەيلەن كەمتۈك ماللار دۇكىنى قۇرغان.  بۇ دۇكاندا ئالتە بارماقلىق قولقاپ، بىر يېڭى يوق چاپان دېگەندەك ماللار بار ئىكەن. ئۇزۇن يىللارغىچە رىقابەتچى بولمىغانلىقتىن بۇ دۇكاننىڭ تىجارىتى ئوبدان يۈرۈشۈپتۇ.
      يەنە بىر داڭلىق ئويۇنچۇق شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى باشقىلارنىڭكىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ بىراق بەكمۇ ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇنىڭ سەۋەبى،  بۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنى بىر مەزگىل ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن ھەرقانچە بازار تېپىپ كەتسىمۇ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ساقلاش قىممىتىگە ئىگە مەھسۇلاتقا ئايلىنىدىكەن.
نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا بازارلىرىمىزدا سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ تۈرى ۋە سۈپىتىدە بەلگىلىك ئۆسۈش بولغان بولسىمۇ تىجارەتتىكى بىر خىللىق ، دورامچىلىق ئىللىتى چوڭ بىر ئۆسمە سۈپىتىدە مىللىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا چۈشەك بولۇپ تۇرماقتا.  بىرەيلەن چاپان ساتسا ھەممىسى شۇ كەسپكە ئېسىلىۋالىدىغان، بىرەرسى شىم سېتىشنى ئويلىشىپ باقمايدىغان يارىماس ئادەتنىڭ تەسىرىدىن بازارلىرىمىز سۇس ھالەتتىن قۇتۇلالمىدى.  ئوخشاش تۈردىكى گىرىم بۇيۇملىرى،  ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەممىلا جاينى قاپلاپ كەتتى. ماركىلارنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى  كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
بازار ھەر بىر تىجارەتچىدىن سەگەكلىك بىلەن يېڭلىق يارىتىش روھىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر تىجارەتچى چوقۇم ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرۈشى،  باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى كۆپرەك ئۆرنەك قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. شۇندىلا تىجارەتتىكى بىر خىل قېلىپ ۋە دورامچىلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
 
*********
        يېقىندا، شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان يول بويىدا ساتراچخانە ، ماروژنى تىجارىتى قىلىدىغان بىر يىگىتنىڭ دۇكىنىنى پېچىنە- پىرەنىكخانىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆردۈم . بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان چېغىمدا ئۇ تىجارەتنى ئۆزگەرتىپ بېقىش ئويىدا بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.  ئەلۋەتتە، ئۇزۇندىن بۇيان قىلىپ كەلگەن تىجارەتتىن ۋاز كەچمەك ئاسان ئەمەس، بىراق، كەسكىن تاللاش بولمىغاندا كېيىنكى ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
   كەسپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى بىلەن دېھقانلىرىمىزمۇ بازارلىق مەھسۇلاتلارنى تېرىشقا يۈزلەنگەندەك، ئۇچۇر، تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى ئىقتىساد ئېڭىمۇ زامانغا ماس ھالدا ئۆزگەرمەكتە. بەزى كىشىلەر ئىككى خىل تىجارەتنى تەڭ تۇتۇپ ياخشى ئۈنۈم ياراتماقتا. ئاددىي مىسال، ئىلگىرى موزدوزلار پەقەت تىكىش ماشىنىسىغىلا قاراپ ئولتۇراتتى. ھازىر بەزى سەزگۈر موزدوزلار قوشۇمچە قىلىپ ئاچقۇچ ياساش ماشىنىسىدىن بىرنى ئورۇنلاشتۇردى. بەزىلىرى پىچاق بىلەشنى قوشۇمچە قىلدى.  مانا بۇلار ئاڭدىكى ئۆزگىرىش. بەزى تىجارەتلەر پەسىل خاراكتىرىگە ئىگە.  قىش پەسلىدە قىلغىلى بولمايدۇ. بىراق قىشتا ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈش ئەخمىقانىلىق.  بۇنى تونۇپ يەتكەن ئايرىم كىشىلەر قىشتا خۇرۇم چاپان مايلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن كىرىم قىلماقتا.
        >ئىلگىرلەشكە يول قالمىغاندا چېكىنىش كېرەك< دېگەن سۆز تولىمۇ ئورۇنلۇق.  ئەڭ مۇھىمى، ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك. بىر كەسپ بىلەن ئۆمۈر بويى شوغۇللانغان تەقدىردىمۇ زاماننىڭ  ئۇ كەسپكە ھاجىتى قالمىغانلىقىنى سەزگىنىڭىزدە ئىككىلەنمەي ۋاز كېچىڭ. تۆمۈرچىلىك بۇنىڭ مىسالى.  قول ھۈنەر سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن دېھقانچىلىق سايمانلىرى تۆۋەن تەننەرق، تۆۋەن باھادا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقرىلدى. بۇ تۆمۈرچىلىك ھۈنىرىمىزنى ئېغىر خىرىسقا ئۇچراتتى. بەزىلىرى ۋاز كەچتى. بەزىلىرى بازارنى كۆزىتىپ، ھۈنەرنى زامانغا لايىقلاشتۇردى. مەن تونۇيدىغان بىر تۆمۈرچى ھازىر ئاساسلىق دەرۋازا، رىشاتكا قاتارلىق كىشىلەر ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ياساپ ئوبدان كىرىم قىلىۋاتىدۇ.  يەنە بەزى كىشىلەر تېخىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان كەسپلەرگە يۈرۈش قىلماقتا. بىر جۈپ ياش ئەر- ئايال مەلۇم سودا سارىيىدا مەخسۇس يانفۇنغا ناخشا- مۇزىكا قاچىلاش تىجارىتى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تىجارىتىمۇ ياخشى. كومپىيۇتېردىن ئەسلا خەۋىرى بولمىغان بەزى ئۇيغۇر ياشلىرى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ،كومپىيۇتېردىن پايدىلانماقتا. بۇ ئەھۋاللار كىشىلەرنى سۆيۈندۈرىدۇ.تىجارەتنى دادىللىق بىلەن ئۆزگەرتىش كىشىدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى سەزگۈرلۈك ۋە يىراقنى كۆرەرلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. تاللىشىڭىز توغرا بولمىغاندا بەزىدە كۆزلىگەن ئۈنۈم قولغا كەلمەيلا قالماستىن ئىلگىركى دەسمايىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگىمۇ دۇچ كېلىشىڭىز مۈمكىن.  شۇڭا، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى، مەبلىغى، شارائىتىنى ئوبدان دەڭسەپ  كۆرۈشنى بىلىشى،  ئىلگىرلەشنىمۇ، چېكىنىشنىمۇ بىلىشى كېرەك.
 
            ئىلگىرى مەلۇم يېزىدا دۇكان ئېچىپ، نېسىچىلارنىڭ دەردىدە ئوقىتىنى روناق تاپقۇزالماي، شەھەرگە كىرىپ ئۆزىنى سىناپ باققان بىر يىگىتنى تونۇيتتىم. تېنى ئاجىز، لېكىن ئىرادىلىك بۇ يىگىتنىڭ بەزى كەچۇرمىشلىرىنى ئاڭلاپ، شەھەرگە پۇل تېپىش ئۈچۈن كىرگەن يېزا يىگىتلىرىنىڭ ھالىتى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. بۇ يىگىتنىڭ دېيىشىچە، ئۇ دەسلەپ شەھەرگە كىرگەندە توپ تارقىتىش بازىرىدىن مېۋە- چىۋە ئەپكېلىپ سېتىپتۇ. بۇلتۇر قوغۇن- تاۋۇز باھاسى بەكلا تۆۋەن بولغاچقا كۆڭۈلدىكىدەك پايدىغا ئېرىشەلمەي، بۇنىڭدىنمۇ كۆڭلى سوۋۇپتۇ. كېيىن مەلۇم مىقداردا مەبلەغ سېلىپ كىچىك تىپتىكى سوۋغات بۇيۇملىرى دۇكىنى ئېچىپتۇ. بىراق، مال كىرگۈزۈش تەننەرقى يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن، يەنىلا دېگەندەك پايدا ئالالماپتۇ. ئۇ كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ، مۇستەقىل ئىش تەۋرەتكەندىن مەلۇم مەزگىل باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەپ، بەلگىلىك ئاساس ھازىرلاپ ئاندىن سودا قىلىش نىيىتىگە كەپتۇ. ئۇ سوۋغات بۇيۇملىرىنى كىرگۈزگەن باھادىن توۋەن دېگۈدەك سېتىپ قولدىن چىقىرىپ، ھازىر سىنتەخسە ئىجارىگە بېرىدىغان بىر دۇكاندارغا ئايلىقى 300 يۇئەنلىك ھەق بىلەن ياللىنىپ ئىشلەۋېتىپتۇ. يېقىندا، مەن ئۇنىڭ بۇ ماگىزىندىكى كومپىيۇتېردا بىمالال مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەۋەس قىلدىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چېكىنىشتەك سەزگۈرلۈكىگە قايىل بولدۇم. ئۇنىڭدىكى ئەڭ قايىل قىلارلىق تەرەپ، باشقا يىگىتلەردەك ئىشى ئازراقلا ئەپلەشمىسە يۇرتىغا "قۇيرۇقىنى خادا" قىلماي، سىناپ بېقىشقا جۇرئەت قىلىش بولسا كېرەك. مەن ئۇ يىگىتنىڭ مۇشۇ خىل روھى بىلەن شەھەردە چوقۇم بىر ئىش تەۋرىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
        شەھەر تىنچسىز دۇنيا. شەھەردە ياشاشنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، سىز خىلمۇ- خىل خىرىسلارنى ھېس قىلىپ ياشايسىز. سەگەكلىشىسىز. سەھرادىكى جىمجىت تۇرمۇش قوينىدا بېسىلىپ قالغان نېرىپلىرىڭىز قايتىدىن ئېچىلىپ يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت تۇغۇلىدۇ. شۇڭا قەدىمكىلەر "شەھەر كۆرگەن ئىتتىن قورق" دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان. قەتئىيلىك، بەل قويىۋەتمەسلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ كوزۇرى.
  مەن بىر مېيىپ يىگىتنى تونۇيمەن. ئۇ 2- دەرىجىلىك مېيىپ بولسىمۇ قەتئىيلىك، ئىزچىل تىرىشىش روھى بىلەن ھازىر بەلگىلىك ئىگىلىككە خوجايىن بولۇپ ئائىلىسىنى گۈلدەك بېقىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنى رەت قىلىپ "بۇ پۇلنى مېنىڭدىنمۇ بەك ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەر ئالسۇن" دېگەن. مانا بۇ قەدر- قىممەت. .
 
        ئىقتىسادىي ئامىل ھەممىنى بەلگىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە پۇل ھەققىدە ئويلانمايدىغان، ئۇنى قولغا كىرگۈزۈشنىڭ كويىغا كىرمىگەن ئادەمنى تېپىش ھەقىقەتەن مۈشكۈل. شائىردىن باققالغىچە، تۆمۈرچىدىن زاسۈيپەزگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قايسىبىر يېزىسىدىن ناھىيە بازىرىغا بىر باغلام ئوتۇننى سېتىشقا بېرىپ تاپقان بىر يۈەن پۇلىنىڭ 5 موسىغا گىردە ئېلىپ ئاش سۈيىگە چىلاپ يەۋاتقان ياكى مىڭ بىر جاپادا تېرىپ ئوخشاتقان قوغۇن- تاۋۇزلىرىنى ئېشەك ھارۋىسىغا بېسىپ ئەرزىنىغا سېتىۋاتقان قۇمۇللۇق دېھقانغىچە... قىسقىسى، ھەممىلا ئادەم >قانداق قىلغاندا پۇل تېپىپ تېخىمۇ ياخشىراق ياشىغىلى بولىدۇ< دېگەن مەسىلىدىن ئەگىپ كېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
 
       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 2 -،3 - كەسپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن دېھقان -چارۋىچىلارمۇ تۈرلۈك تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمنى ئاشۇردى. قاداق باسقان قوللار پۇل كۆردى. قورۇق باسقان، مىستەك قىزارغان چىرايلاردا تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. چۈنكى دېھقاننىڭ باي بولغىنى ئاخىرقى ھېسابتا دۆلەتنىڭ باي بولغىنى ئەمەسمۇ! لېكىن، مۇشۇ خۇشلۇققا ئەگىشىپ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان رىئال مەسىلىلەرمۇ باش كۆرۈشكە باشلىۋىدى، ھېلىقى خۇشلۇق يەنە غەشلىككە ئالماشتى. قانائەتلىنىپ قېلىش ياكى قۇرۇق ھەشىمەتخورلۇقنىڭ قۇربانى بولۇپ تاپقان دەسمايىنى چېچىۋېتىش، ئەمگەك خۇشياقماسلىق، پىلانسىز ئىستېمال... دېھقانلىرىمىزنىڭ مىڭ مۇشەققەتتە تاپقان پۇللىرىنى تېگى يوق كامارلارغا ئېقىتىۋەتمەكتە. بەزىلەر بۇ يىل تاپقان پۇل بىلەن كېلەر يىلىغىچە تاماشا قىلىپ ئاخىرى  <بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، بوز ئېشەككە مىندۈرەلمىدىم> دېگەندەك يەنە ئەسكى سوقمىغا يۆلىنىپ قالماقتا. ئاچچىق موخوركا... قاچقان ئامەت...
 
        ئۆزۈمدىن ئېلىپ ئېيتسام، ئىقتىساد ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسمەن ھەم بۇ توغرىلىق ۋەزخاھلىق قىلىشقىمۇ ئاجىزمەن. بىراق، مەن كۆرگەن ۋە ئاڭلاۋاتقان بەزى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇپ باققۇم كېلىدۇ. يېقىندىلا تېلۋىزوردىن بىر دېھقاننىڭ پۇل تېپىش يولىنى كۆرۈپ ئويغا چۆكتۈم. بېيجىڭ شەھرى ئەتراپىدىكى مەلۇم جايدا بىر دېھقاننىڭ مىۋىزارلىقى بولۇپ، ھەرخىل يېڭى سورتلۇق مېۋىلەر مول ئىكەن. بۇ دېھقان مېۋە- چىۋىلەرنى بازارغا ئاپىرىپ ساتمايدىكەن. بەلكى ئۆزگىچە سېتىش شەكلىنى قوللىنىدىكەن. خېرىدار خۇددى تاللا بازىرىغا كىرگەندەك مەخسۇس چىغدىن توقۇلغان سېۋەتتىن بىرنى ئېلىپ ئۆزىگە لازىملىق مېۋىنى لىق تولدۇرۇپ ئۈزۈپ چىقىدىكەن. بىر سېۋەت مىۋە سېۋەت بىلەن قوشۇلۇپ 150 يۈەندىن سېتىلىدىكەن. گەرچە مېۋە- چىۋىلەرنىڭ باھاسى بازار نەرقىدىن يۇقىرى بولسىمۇ خېرىدارلار ناھايىتى رازى ئىكەن. بۇ دېھقان مېۋىلىك دەرەخلەرنى يەنە تۈرلەر بويىچە ئايرىپ تىككەن بولغاچقا پەسىلگە قاراپ مېۋە مەنبەسىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىكەن. ئۆزلىرى ئازادە ھالدا شېخىدىن ئۈزگەن مېۋىلەر خېرىدارلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
      دەرۋەقە، بۇنىڭغا سېلىشتۇرما ھالدا بىر يىل جاپا چېكىپ پەرۋىش قىلغان قوغۇن- تاۋۇزلىرىنى ئېشەكلىرىگە زۇلۇم قىلىپ بازارغا ئېلىپ كىرىپ ئەرزىنىغا سېتىۋەتكەن دېھقانغا قاراپ باقساق، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ھەم ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. خەنزۇ دېھقان بىرى بازارنى چەنلىيەلىدى، يەنە بىرى ئەمگىكىگە لايىق ھەسسىلەپ قايتۇرۇۋالالىدى. بۇنى مېنىڭچە <نىشانلىق ئوق ئېتىش>دېگەن تۈزۈكتەك قىلىدۇ. بىزنىڭ دېھقانلىرىمىزمۇ ئوخشاشلا ئەمگەك قىلىۋاتىدۇ. بىراق ھەممەيلەن بىر ئېقىندا ئېقىش، خۇشنىسى تاۋۇز تېرىسا تاۋۇز تېرىش، يېسىۋېلەك تېرىسا يېسىۋېلەك تېرىش دېگەندەك قاراقويۇق ئىش كۆرۈشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالماي تاپقىنىمىز سالغان مەبلەغقە كېتىپ ئورۇنسىز ئىسراپچىلىق بولىۋاتىدۇ. ھازىر قۇرۇلمىنى تەڭشەش توغرىلىق گەپ بولىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا دېھقانلىرىمىزمۇ بازار يۈزلىنىشىگە دېققەت قىلىپ ، <پاختا پۇل بولۇپ قالارمۇ> دېگەندەك تەلەي سىنايدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، بازارنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىغا ئەگىشىپ ساۋاتسىزلىقنىڭ ئۆلچىمى ئۆزگەرگەندەك، دېھقان بولۇش ئۈچۈنمۇ مەلۇم ساپانى ھازىرلىماي بولمايدۇ.
 
        مەلۇم يېزا تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار ھالال تەرى بىلەن ئىلگىرى يامان ئەمەس ھاللانغان بولسىمۇ، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قانائەتچانلىق، تېخنىكىغا تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلماسلىق،ھازىر يىلدىن يىلغا قايتانامراتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ھورۇنلۇق ئىللەتلىرى باش كۆتۈرگىلى تۇرۇپتۇ. بۇ يېزىنىڭ مەركىزىدەكۇندە ئەتىگىنى 1 كلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سەپ تۇزۇپ ئىشلەمچىلەر تۇرۇشۇپ كېتىدىكەن.<ئەلۋەتتەخەنزۇ>.بۇ ئەمگەك كۈچى بازىرى يېقىنقى يىللاردا شەكىللەنگەن بوللۇپ،ھاجەتمەنلەر ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ ئېلىپ كېتىدىكەن.
       ئىش قاينىغان چاغلاردا ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۇكى 50 يۇئەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن.نورمال چاغلاردىمۇ 35 يۇئەندىن كەم بولمايدىكەن.بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئىشلەمچىلەرگە شۇنچىلىك ئۇگىنىپ كېتىپتۇكى،ھەتتا ئېغىلىدىكى ئوغۇتلىرىنىمۇ پۇل تۆلەپ ئىشلەمچىلەرگە چىقارغۇزىدىكەن.نامراتلىرىمۇشۇنداق ئىكەن.بەزى نامرات كىشىلەر يەرلىرىنى ئۆزى تېرىپ كېتىشكە قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق يېرىنىڭ موسىنى 700 يۇئەندىن خەنزۇلارغا ئىجارىگە بېرىپ كۈنلەپ لاغايلاپ يۈرىدىكەن. بۇجايدا توي قىلسا مېھمان كۇتۇش 3كۇنگىچە داۋاملىشىدىكەن<دوست- دۈشمەن>نىڭ سۆزىدىن قورقۇپ يېزا مەركىزىدە 20-30 ئۇستەللىك جوزا بۇيرۇتۇپ ئۆتكۇزىدىكەن.شۇڭايەر ئىجارە ئالغان بىر خەنزۇ ئىشلەمچى مۇنداق دېگەن:-ئەگەر سىلەريەنە مۇشۇ پەدىدە 5 يىل ئۆتسەڭلەر بىزنىڭ قولىمىزدا ئىشلەيسىلەر.
        يېقىندا، مەلۇم يېزا بازىرىدا ئايدا ئىككى قېتىم بازار بولىدىغان دېھقانلار بازىرىنى ئايلانغاچ بازارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتتىم. ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسنىڭ تەڭدىن يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ بازاردىكى ئوقەتچىلەرنىڭ 80 پىرسەنتى خەنزۇلار بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئاساسەن ئېستېمالچى ئىكەن. ئوقەتچىلەر بولغاندىمۇ ئاساسەن رەخت ۋە قوغۇن- تاۋۇز تىجارىتى قىلىدىكەن. بازار بولىۋاتقان يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سوغۇق ئىچىملىك ئورۇنلىرىدا پىۋا- ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇپ، گاھى ئۈستەللەردىن بىھايا سۆزلەر بىلەن چاقچاقلىشىۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىر چاغدا ياندىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئىككى تەمبەل يىگىتنىڭ بىرى چاقچاققا چىدىمىدىمۇ ئەيتاۋۇر ئالدىدىكى يىگىتنىڭ بېشىغا پىۋا بوتۇلكىسى بىلەن راسا كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇردى. يىگىتنىڭ بېشىدىن شۇرۇلداپ قان ئاققىلى تۇردى. بىردەمدىلا تاياق يېگۈچىنىڭ ئاغىنىلىرى ئۇرغۇچىنى ئورىۋېلىپ قالايمىقان چەيلەشكە باشلىدى. كۆڭلۈم غەش ھالدا بۇ يەردىن ئايرىلغان چېغىمدا يەنە بىر ئۈستەلدىكى يىگىت >ھۇ ئاناڭنى< دېگىنىچە ئالدىدىكى يىگىتكە يوپۇرۇلدى. يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىشىۋاتقانلار يەنىلا يەرلىك ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئىدى. ئەجىبا، دېھقانلار بازارغا يۈزلىنىپ ئازراق بولسىمۇ قەددىنى كۆتەرسۇن، دەپ قۇرۇلغان بازار يىگىتلىرىمىزنىڭ غۇرۇرىنى ئۆزى خالاپ تۇرۇپ دەپسەندە قىلىدىغان سورۇنىغا ئايلىنىپ قالسا ھە!
       يېقىندا، رادىئودىن مۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدىم. خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەلۇم يېزىدا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشتا ئۇيغۇرلار ئاساسەن تېخنىكا تەلەپ قىلمايدىغان كەسىپلەرگە ئورۇنلاشقان. بۇ خەۋەردىن مەلۇمكى ، بىزدە پەن- تېخنىكا ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش ئېڭى تېخىچە ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا. ساپاسىزلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان خەلقىمىز ئۈچۈن نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆزىنى تونۇش ۋە كىرىزىس تۇيغۇسى ئىچىدە توختاۋسىز ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.
      بۇ ئاچچىق رىئاللىق يالغۇز بىر جايغىلا تەئەللۇق بولمىسا كېرەك. دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردا خېلى كۆپ قىسىم دېھقانلاردا شەھەرگە كىرىپ پۇل تاپىدىغان ، مەھسۇلاتلىرىنى ھايانكەشلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماي، ئۆزى سېتىپ چىقىرىدىغان ياخشى يۈزلىنىشلەر بارلىققا كەلدى ھەم كەلمەكتە. لېكىن ، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا يەنىلا رىئاللىق كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. دېھقانلىرىمىزدىمۇ يېتەرلىك پاراسەت، تەجرىبە ۋە غۇرۇر بار. لېكىن ۋاقتى ئۆتكەن ئادەتلەر، ھالىغا باقماي بەسلىشىش، ئازراق پۇل تاپسىلا كېرىلىپ كېتىش، تېخنىكا ئۈگەنمەسلىك، نوقۇل قارا كۈچكە تايىنىۋېلىش... ۋاھاكازالار دېھقانلىرىمىزنىڭ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش يولىدا<يامان يولۋاس>بولۇپ ياتماقتا.
مەلۇم بىر باغۋەنچىلىك يېزىسىدا ئەڭ تەجرىبىلىك دەپ قارالغان ئۇيغۇر دېھقانلار بىر مو يەردىكى ئۇزۇمدىن 1.5 توننا ئەتراپىدا ھوسۇل ئالسا، خەنزۇ دېھقانلار 2 توننا ئەتراپىدا ھوسۇل ئالالايدىكەن. ئۇزۇن يىللىق ئۇزۇمچىلىك تارىخىغا ئىگە ئۇيغۇر دېھقانلار بۇگۇنكى كۇندە خەنزۇ دېھقانلاردىن تېخنىكا ئۈگەنمەكتە.
      يەنە بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال شۇكى، ئۇيغۇر دېھقانلار كۇزدە يەردىن ھوسۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بالا ئۆيلەش، كىيىم، توي- توكۇنگە چېپىشقا ئالدىرايدۇ. يەر سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقلىرى بىلەن قالىدۇ. كۇزلۇك ئاغدۇرۇش، ئوغۇتلاش، قىشلىق توڭ سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكتىن ئەتىيازدا تېرىقچىلىق ۋاقتى قىستاپ كەلگەندە سۇلياۋ قالدۇقلىرىنى تېرىشكىمۇ ئۇلگۇرمەيلا يەرنى تېرىيدۇ. يەرگە بېرىلگەن ئورگانىك ئوغۇتمۇ تۇزۇكرەك ئېچىمىغان بولغاچقا يەرگە كېرەكلىك مىكرو ئېلمىنتلار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. نەتىجىدە مايسىلارنىڭ ئاينىشى ئاستا ھەم ئاجىز بولۇپ پەرۋىش قانچە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇئالىدىغان ھوسۇل تايىنلىق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. خەنزۇ دېھقانلار بولسا يەرنى كۈزلۈك ئاغدۇرۇشنىڭ ئالدىدا سۇلياۋ قالدۇقلىرىنى پاكىزە تازىلىغاندىن سىرت ئۆزى تەييارلىغان ياكى سىرتتىن ئېپكەلگەن ئورگانىك ئوغۇتنى يەرگە ئايىماي تۆكۈپ يەرنى ئاغدۇرىدۇ. ئەتىيازدا تۇپراق ئاستىدا قالغان ئوغۇت ئېچىپ تېخىمۇ ئۇنۇملۇك ئوغۇتقا ئايلىنىدۇ. يەر تېرىغاندىمۇ ئىنتايىن تۈجۈپلەيدۇ. يەردىن مۇشتەك چالمىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار بىزنىڭ بەزمە، مەشرەپ، باراۋەتلىرىمىز قايناپ كەتكەن كەچكۇز ۋە قىش پەسلىدىمۇ بىكار ياتمايدۇ. شۇڭا "خەنزۇ دېھقانلار تەرەت قىلسىمۇ ئېتىزىغا بېرىپ تەرەت قىلىدۇ" دېگەن گەپ چىققان. مانا بۇ خەنزۇ دېھقانلاردىكى تىرىشچانلىق روھقا بېرىلگەن يۇكسەك باھا.
ھەر بىر دېھقان بېيىيمەن دەيدىكەن، قارا كۈچكە ياكى تەلەيگە ئەمەس، ئۇچۇر، تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان خەنزۇ دېھقانلارنى
ئۈلگە قىلىشى، يارىماس ئادەت بولغان ئىسراپخورلۇقلارغا ئەمدى <خەيرى- خوش>دېيىشى ھەم دېيەلىشى كېرەك.
*********
       يېقىندا ،شەھەر ئەتراپىدىكى مەلۇم  كەنتنىڭ باشلىقىدىن مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلاپ قالدىم.بىر قېتىم ئۇلار يول بويىدىكى بىكار ئۆيلەرنى ئىجارىگە بەرمەكچى بوپتۇ.بىر خەنزۇ يىگىت كېلىپ 2 ئېغىزلىق ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ پولات ئىشىك -دېرىزە ياساش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.كەنت باشلىقىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بوپتۇكى،بۇ يىگىتنىڭ بۇ كەسپتىن ئەسلا خەۋىرى يوق ئىكەن.بۇ يىگىت كەنت باشلىقىنىڭ ھەيرانلىقىغا جاۋابەن بۇ ھۈنەرنى بىرەر ئۇستامنى ئىشلىتىش داۋامىدا ئۈگىنىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.دەرۋەقە،بىرنەچچە ئايدىن كېيىن كەنت باشلىقى قارىسا ھېلىقى خەنزۇ يىگىت ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان ئۇستامنى يولغا سېلىپ قويۇپ ،ئىشىك -دېرىزىلەرنى ئۆزى ياساۋېتىپتۇ.بۇ يىگىتتىكى تەۋەككۈلچىلىك ۋە تىرىشچانلىق روھى ئۇنى تولىمۇ قايىل قىلىپتۇ.
      مەن تونۇيدىغان بىر يىگىت بار.ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن تۆمۈرچىلىك ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىش تۈگۈل «بۇ ھۈنەر زاماننىڭ كەينىدە قالدى.» دەپ تۆمۈرچىلىك ئەسۋابلىرىنى ئەسكى -تۈسكى يىغقۇچىلارغا ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى.ھۈنەرنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرمىدى.ئۇ ھازىر مەھەللىسىدىكى پاراڭ قىزىيدىغان دوقمۇشنىڭ «غوللۇق ئەزاسى.»
ئاڭلىشىمچە،قۇمۇلنىڭ ئۈزۈم چىلان -ماكانى بولغان قارادۆۋە يېزىسىدا ھەر يىلى تەك كۆمگەن ھەم ئاچقان مەزگىللەردە سىرتتىن ھەتتا قوشنا ۋىلايەت تۇرپاندىن ئىشلەمچىلەر كېلىپ كۈنلۈكىگە 20-30 يۈئەنگىچە ھەق ئېلىپ ئىشلەيدىكەن.تۇرپاننىڭ تەكلىرى بىر ھەپتە بالدۇر ئېچىلىدىغان بولغاچقا ئۇلار تۇرپاندىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپلا دەرھال قارادۆۋىگە قاراپ يولغا چىقىدىكەن.بۇ خىل ۋاقىت پەرقىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش روھى ئۇلارنى ئوبدان كىرىمگە ئىگە قىلىپتۇ.گەرچە ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى ھۈنەر دېگىلى بولمىسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ پۇرسەتنى قەدىرلەش ،تىرىشىپ ئىشلەش روھى تولىمۇ قىممەتلىك.
      ھېلىقى خەنزۇ يىگىت ۋەزىيەتنى كۈزىتىش ئارقىلىق پولات ئىشىك -دېرىزە ياساش كەسپى ئۆزىگە يات كەسپ بولسىمۇ تەۋەككۈل قىلىپ بېقىشنى لايىق تاپقان.شۇ تاپتا سىز ئۇنىڭ دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتسىڭىز ماشىنا-سايمانلارنىڭ غاقىرىغان يېقىمسىز ئاۋازى ئىچىدە تەرلەپ پىشىپ پولات ئىشىك-دېرىزە ياساۋاتقان بۇ يىگىتكە قاراپ ھېسداشلىق قىلغۇڭىز كېلەر.بىراق،ئاشۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭ،ئېقىۋاتقان تەرلەرگە چىداش بەدىلىگە ئۇنىڭ يانچۇقىغا چۈشىۋاتقان پۇللارنى ،ئۇنىڭ باياشاتلىققا تولغان ئائىلىسىدىكى بەخت كۈلكىسىنى مەڭگۈ تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۈمكىن.
***********
        تۇرقىدىن 30 ياشلاردا ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بىر خۇيزۇ تىلەمچى تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ئالدىدا بازغان ئۇرىۋاتقان ئۇستامنىڭ ئالدىغا كېلىپ پۇل تىلىدى.ئۇستام گەپ -سۆز قىلمايلا بازغاننى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ بىر نەچچىنى ئۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا تىلەمچى ئالدى -كەينىگىمۇ قارىمايلا كېتىپ قالدى.ئەتراپتا تۇرغانلار كۈلۈشۈپ كەتتى.ئۇستامنىڭ چاقچاق تەرىقىسىدىكى بۇ ئىشى مېنى ئويغا سالدى.تېخى بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرىلا مەلۇم كوچىدا بىر خەنزۇ موماينىڭ بەللىرى مۈكچەيگەن ھالدا ئەسكى يەشىك ۋە ئىچىملىك قۇتىلىرى لىق بېسىلغان ھارۋىسىنى سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم.ئىككى خىل كۆرۈنۈش روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ مېنى خېلى كۈنلەرگىچە بىئارام قىلدى.بەش ئەزاسى تولۇق،قاۋۇل بىر ئەرنىڭ ھارام كۈچىنى خار قىلىشنى خالىماي ،جېنىنى خار قىلغانلىقى،ئەكسىچە ئۆيىدە ئارام ئالسىمۇ بولىدىغان ھېلىقى موماينىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىكار ئولتۇرماي دەسمايە توپلاۋاتقانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويغا سالاتتى.ؿدەرۋەقە ،بۇ مومايدىكى ئىقتىسادىي ئاڭ خېلى كىشىلىرىمىزدە يوق .ئىرادىسىزلىكىدىن ،ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇشنى بىلمىگەنلىكتىن يول تاپالمايۋاتقان ،توغرىسىنى ئېيتقاندا پۇل تاپالمايۋاتقان بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئەپتىگە قاراپ باقايلى.
        كىيىملىرى قىرى بىلەن تۇرسىمۇ گەز باغلاپ شورلۇق يەردەك بولۇپ كەتكەن لەۋلەر دەرمانسىزلىقىنى ئاشكارىلاپلا تۇرىدۇ.ئازغىنە ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ راۋا كۆرگەن تىلەمچىلىك شۈھبىسىزكى كىشىنى خار-زەبۇنلۇققا قويىدۇ.ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىكى ئەھۋاللارنى ئەسلىگىنىمدە ئاچچىق ھەسرەتتىن تولغۇنۇپ كېتىمەن.ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈكتىن تاكى جەنۇبىي قوۋۇققىچە بولغان تار كوچىلاردا باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن پۇتى -قولى يوق قىياپەتكە كىرىۋالغان تىلەمچىلەر بار ئىدى.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەقىقەتەن مېيىپ بولسىمۇ بەزىلىرى پۇت قوللىرىنى يوشۇرۇپ مېيىپنىڭ رولىنى ئېلىپ كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات قورغىنىغا ھۇجۇم قىلاتتى.بەزىلىرى ئازراق جاراھەتنى تاتىلاپ يۇقۇملاندۇرۇپ ،قان -يىرىڭ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىماقچى بولاتتى.ئاڭلىشىمچە ،خۇدا بەرگەن بىر جۈپ قولىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ كەستۈرىۋېتىپ تىلەمچىلىك يولىغا ماڭغانلارمۇ بارئىكەنمىش.بۇ خىلدىكى جەمئىيەت داشقاللىرى ناھايىتى ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلسىمۇ ،بىراق ئۇ ئايرىم كىشىلەردىكى پارازىتلارچە ياشاش مەنتىقىسىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرىدۇ.ئۇلاردا ئاشۇ خەنزۇ مومايدىكىچىلىكمۇ ئاڭ بولمىغىنىغا ئېچىنىمەن.
مەن تونۇيدىغان بىر موزدۇز بار.ئۇ قولتۇق تايىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.يول مېڭىشتا بەكمۇ قىينىلىدۇ.بىراق ئۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن دەس تۇرۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا موزدوزلۇق ھۈنىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلەپ بىر ئاياغ تىكىش دۇكىنى ئاچتى.ئۇ ھېچكىمدىن بىر تىيىن تىلىگىنى يوق.ئۇ يىقىلىپ چۈشسە ھېچكىم يۆلەپ قويغىنى يوق.
       يىگىت، سىزدىكى ئاشۇ ساغلام مېڭە تەپەككۈر ئۈچۈن، بەردەم تېنىڭىز ھالال مېھنەت ئۈچۈن يارىتىلغان. شۇڭا بۇ نېمەتلەرنى جايىغا ئىشلىتىڭ. ئەجدادلىرىڭىزنىڭ قانداق ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى كۆزىڭىزنى چوڭراق ئېچىپ كۆزىتىڭ.
گاھىدا ،«ئاشۇ مېيىپ ياشلىرىمىزنىڭ جاسارىتى ھەر بىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ يۇلقۇنۇپ تۇرسىكەن،ھېلىقى تىلەمچى ياشتەك ئەمەس ،ھېلىقى مومايدەك ياشاش ھەر بىرىمىزگە نېسىپ بولسىكەن. » دەپ پىچىرلاپ قويىمەن ئۆز-ئۆزۈمگە.
سىز قاسراق تاشلاشنى بىلمىسىڭىز رىئاللىق مەجبۇرىي قاسراق تاشلىتىدۇ.ئۆزىڭىزدە بار نەرسىلەردىن سەزگۈر كاللىڭىز بىلەن پايدىلىنىشنى بىلمىسىڭىز ،قىسقىسى ئۇچۇر ئارقىلىق ھايات -ماماتىڭىز بەلگىلىنىدىغان كەسكىن رىقابەت دېڭىزىدا ئۈزۈشنى بىلمىسىڭىز < موللاق ئېتىش> قىسمىتىدىن قۇتۇلالمايسىز.شۇڭا ،ئۇچۇر دەۋرىدە رۇس مېڭىشنىمۇ ئۈگىنىپ قويايلى.ئەتىمىز خەيرلىك بولغاي.
 

ئاپتور -قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئىقتىسادىي ئۇچۇر مەركىزىدە
 
 
 
 

چ چ:1272497571
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-02-04 21:55 |
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 455 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 444 سوم
تۆھپە: 236 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 236 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 300(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ ماقالىنىڭ خەتلىرىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى ئوڭشاپ ئۆلچەملىك چىقىرىپ قويىدىغان بىرەر باشقۇرغۇچى چىقارمۇ؟ مەن ئەپلەشتۈرەلمىدىم.
music bagdax
چ چ:1272497571
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-04 22:03 |
tohotur

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 267
شۆھرەت: 1425 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1435 سوم
تۆھپە: 841 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 841 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پۇل تېپىشتىن سوز ئاچماي تاپقان پۇلنى قەدىرلە ش روھىمۇ بەك مۇھىم ئىكەن . ئېزىقتۇرۇشلارغا چىداپ چونتىكىدە نەق پۇل ساقلاپ قالالايدىغانلار نىڭ چىدامچانلىقى مېنى قايىل قىلىدۇ .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-04 22:52 |
apandim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 399
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 128
شۆھرەت: 655 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 655 سوم
تۆھپە: 391 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 391 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نىمىدىگەن ئېسىل ماقالە :   تۇرمۇش كارتىنىسى  ، ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيسىنى ئېچىپلا مانا سەن دەپلا قويغان ماقالىكەن ،،،

توغرا . بىز ھازىر بەسلىشىپ قەرزگە ئۆي ئېلىۋاتساق ، يانچۇقتىكى پۇلنىڭ تايىنى يوق يەنە قەرزگە بىزەۋەتساق ،، بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي  يەنە بەسلىشىپ ماشىنا ئېلىۋاتساق ، چايلىرىمىز تولا .. ئولتۇرۇشلار ئاندىن تولا .
  ئاياللىرىمىز نىڭ كىيىنىشى تولا ، قاتار چايلىرى تولا   تۇرسا قانداقمۇ باي بولغىلى بولسۇن ،
كوچىلاردا قېرى مويسىپىت خەنزۇلار  ئايلانغاچ كېرەكسىز پوتۇلكىلارنى يىغىپ ماڭىدىكەن ، ئاندىن كۆپەيگەندە ساتىدۇ ، بىزنىڭ چوڭاملىرىمىز قارت ئوينايدۇ ، كېرەكسىز پوتۇلكا ئۇچراپ قالسىغۇ تېپدۇ توپ تەپكەندەك !!!
  مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ باي بولغىلى  بولسۇن : ::::::::
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-05 04:52 |
menggutash

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 455 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 444 سوم
تۆھپە: 236 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 236 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 300(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قېنى توخوتۇر بۇرادەر... بولسا ئاشۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك بىرەر يازما پۈتمەمسىز؟
چ چ:1272497571
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-05 09:42 |
iwirgholl

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 66
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 286
شۆھرەت: 1645 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1660 سوم
تۆھپە: 946 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 946 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 597(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاڭلىغان-ئاڭلىمىغان، كۆرگەن-كۆرمىگەن ھەممە گەپ باركەنغۇ بۇ ئەسەردە....
ئىسىل تېما بوپتۇ......
music bagdax
تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلا
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-05 11:44 |
iwirgholl

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 66
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 286
شۆھرەت: 1645 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1660 سوم
تۆھپە: 946 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 946 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 597(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزدە ھەقىقەتەنمۇ ئۆز ئەمگىكىمىزنى قوغداش ئېڭىمىز ئاجىز. بىرەر نەتىجە يارىتىپ قويۇپلا كەينى بىلەن كارىمىز يوق، شۇنىڭ بىلەن ئۇنەتىجىلەر باشقىلارنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئالىي مەكتەپتە بىر خەنزۇ ئوقۇتقۇچىمىز پۈتۈن سىنىپ(مىللىي سىنىپ) ئالدىدا: ئەگەر ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى يەنە موشۇنداق بولىدىغان بولسا، كۆپ ئۆتمەيلا سىلەر كىسەل داۋالاشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەنگەن «ئۇيغۇر تىبابەت» دورىلىرىنى ئىشلىتىسىلەر، چۈنكى تورغا چىقىپ ئىزدەيدىغان بولساڭلار ئالاقىدار تور بەتلەردە نۇرغۇن تىبابەت رىتسىپلىرى ئىنتايىن تەپسىلىي ئاشكارلانغان  بولىدۇ، ئەمما بىرەر ئۇيغۇر تىبابەت دورىسىغا پاتنىت ئىلتىماس قىلىنغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، دىگەنتى.
ھازىرمۇ ئىچكىرىدىكى شېركەتلەرنىڭ دورىلىرى خەلقىمىزنىڭ ئىچكە سىڭىپلا كەتتى، ئەمما كۆپۈنچىسى جۇڭيى دۇرىلىرىغا ئۇيغۇر ماركىلىرى ئىشلىتىلگەن مەھسۇلاتلار. مەبلىغى، شارائىتى بار كارخانىچىلار ئوخشاش مەھسۇلاتنى دوراپ ياكى خەقنىڭ مەھسۇلاتى بىلەن خەلقىمىزنى ئالدىماي، ئۆزىمىزنىڭ بار بايلىقلىرىنى ئاچسىمۇ تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالار بولغىيتى....
تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلا
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-05 12:02 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 370
شۆھرەت: 2317 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2322 سوم
تۆھپە: 1301 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1319 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 512(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىسىل ئەسەر بوپتۇ،ھەممىزنى ئويغا سالدى،مەن ئۆزەم ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبور بولدۇم.
hawar
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-05 19:01 |
qawux
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 440
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 56 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 56 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ھەممە ئۇيغۇرنىڭ «مېنىڭ باي دادام ،گاداي دادام»دىگەن كىتاپنى ئوقۇشىنى تەكلىپ قىلىمەن .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-05 19:50 |
iwirgholl

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 66
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 286
شۆھرەت: 1645 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1660 سوم
تۆھپە: 946 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 946 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 597(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى qawuxدە2011-02-05 19:50يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن ھەممە ئۇيغۇرنىڭ «مېنىڭ باي دادام ،گاداي دادام»دىگەن كىتاپنى ئوقۇشىنى تەكلىپ قىلىمەن .

ھەقىقەتەنمۇ ياخشى كىتاب
تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئاتا قىلغىنىڭنى ئويلا
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-05 20:02 |
tohotur

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 267
شۆھرەت: 1425 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1435 سوم
تۆھپە: 841 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 841 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئادەمنىڭ خيالى مەركەزلەشسە ئاندىن قولىدىكى ئىقتىسادى مەركەزلىشىدىغان ئوخشايدۇ ،ھالبۇكى ئۇيغۇرلار مۇكەممەللىككە ئنتىلىدىغان دەھشەت چىرايلىق بولۇشنى ئويلايدىغان ھىسياتچان خەلقبىز .
باي دادامدا شۇنداق بىر مىسرا بار ،ئشىلارنىڭ چىرايلىق قىلىشنى ئويلاش بىر توزاق ،ھالبۇكى ئىشنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى قومۇللۇقتەك ئارزۇ قىلىدىغان ئادەم ئازمىكىن .قومۇللۇقلار ئىشنىڭ چىرايلىق بولۇشى ئۇچۇن بەدەل تولەشكە تەبىئىلا رازى .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-05 20:45 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » تەرمىلەر