saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 974 قېتىم كۆرۈلدى
uigur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1123
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 38 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 38 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 لۇشۇننىڭ دورا ھېكايسى ۋە مۇدىرلىق ئەمىلى

يېقىندا جۇڭگونىڭ داڭلىق يازغۇچىسى لۇشۈن ئەپەندىنىڭ «لۈشۈن ئەسەرلىرى» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىن نەشىر قىلىنىپ، شىنخۇا كىتاپخانلىرىغا سېلىندى. كىتاپنىڭ باھاسى بىزنىڭ ھازىرقى ئىستىمال سەۋىيەمىزگە سېلىشتۇرغاندا، ھەممىنى بىراقلا سېتىۋېلىشقا سەل قىممەتچىلىك قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ 1-تومىنى سېتىۋېلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن لۇشۇن ئەپەندى يات ئادەم ئەمەس، شۇنداقلا يات يازغۇچىمۇ ئەمەس. گەرچە لۇشۇن ئەپەندى بىز ئۇيغۇرلارنى بىلەمدۇ، بىلمەمدۇ بۇنىسى قاراڭغۇ بولسىمۇ، لېكىن توختى باقى ئارتىشى ئەپەندىنىڭ جاپالىق ئەجرى بەدىلىگە 90-يىللار بىلەن 2000-يىللار ۋە يېقىنقى بىر قانچە يىلدا تېزلا نام قازانغان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژورنىلىنىڭ فىليەتۇنلار سەھىپىسىنى ھەر بىر قېتىم ئاچقاندا، لۇشۇن ئەپەندىنىڭ يوشۇرۇن مەنىگە تولغان ئاچچىق كىنايە ئەسەرلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.
مېنىڭ ئېسىمدە ئىسمى ئەڭ ئېنىق قالغىنى بىرى باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن «ئۆسمۈر بالا-رونتۇ» ناملىق ئەسەر بۇلۇپ، بۇنى مەن ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتكەن. ھازىر بۇ ئەسەر ئەدەبىيات دەرسلىكىدە بارمۇ يوق؟ بۇنى بىلمەيمەن. چۈنكى ھازىر رايونىمىزدىكى مائارىپ ئىسلاھاتلىرى ناھايتى تېز دولقۇن قوزغايدۇ يۇ… قىسقا ۋاقىتتا كۈپۈككە ئايلىنىپ پارغا ئايلىنىپ كېتىپ، مائارىپ يەنە بۇرۇنقى پەدىدە كېتىۋېرىدىغان بولغاچقا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ غەلىبە شادلىقىدىن بۇ يەردە ھۇزۇرلىنىش تېخى بىزلەرگە بالدۇرلۇق قىلسا كېرەك….

يەنە بىرى مەن ئاقسۇ ۋېلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم بولسا، كېرەك. شۇ ۋاقىتلاردىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ئوقۇغان «دورا» ھېكايىسى بولسا كېرەك. ئۇنىڭدا «ئادەم يەيدىغان ئادەملەرمۇ بارمىدۇ؟ ئادەملەرنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار» دېگەندەك بىر تەسۋىر باردەك قىلغان. ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن بىر پىرسۇناژنىڭ ئائىلىسىدىكى بىر كېسەلگە ئادەم قېنىغا مىلەنگەن موما لازىم بوپ قالىدۇ. ئادەم قېنىغا مىلەنگەن مومىنى يىگۈزسە، بۇ كېسەل ساقىيارمىش  دەيدىغان گەپنى ئاڭلايدۇ – دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارچە بىساتىدىكى پۇلنى يىغىپ ، مومىنى ئېلىپ ، جاللات بىلەن كۈرۈشكىلى ماڭىدۇ. قالغىنى ئېنىق ئېسىمدە يوق…

مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم،  لۇشۇن ئەپەندى كونا جۇڭگودىكى چىرىكلىك ۋە زۇلۇم، نادانلىق ۋە جاھالەتنىڭ كىشىلەرنى ئەنە شۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئىجتىمائى ئارقا كۈرۈنۈشنى تەسۋىرلەپ بەرگەن ۋاقىتلاردا، قانچىلىك ئېچىنغان ۋە جۇڭگولۇق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قانلىرىغا «موما»لارنى مىلەپ يەۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ، يۈرىكىدە ئاچچىق يىغلىغان بولغىيدى.

بۈگۈن بۇ ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلەر توپلىمىنى كۈرۈپ ئولتۇرۇپ، يېقىندا مەكتەپتە يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ۋەقە ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

بىر قانچە يىللاردىن بېرى مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ بىلىم يۇرتىنىڭ «ئەمەل»نى تالىشىدىغانلار كۆپىيىپ قالغىلى تۇردى. ئەمىلىيەتتە بىلىمى بار، ئىقتىدارلىقلار بۇنىڭدىن قانچە قاچقانسېرى، ئازراق پۇلىغا ئىشىنىدىغان، لېكىن  قورسىقى نادانلىق زۇلۇملىرى بىلەن تولغانلار ئۇنىڭغا شۇنچە يېپىشىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن  خۇددى جەمئىيەتتىكى ئەيدىز كېسىلىنى كىشىلەر ئاڭلايدىغان بىراق چەكلەشكە قادىر بولالمىغاندەك، بۇ ئىشمۇ  بىز كۈرۈپ تۇرىدىغان، لېكىن توسالمايدىغان، ئىچىمىزدە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇدىغان  بىر ئىجتىمائى مەسىلە- مائارىپتىكى ئەمەل مەسلىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مائارىپنى ناھايتى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتتى…

ئۇلارنىڭ ئوڭتەي توڭتەي قىلىشىغۇ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. چۈنكى مىليارت نوپۇسقا ئىگە بۇنداق چوڭ دۆلەتتە، بىر قانچە مىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتسىز، نادانلىقتا قېلىشى، دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى يوقاپ كەتكەندەكلا ئىش بولغاچقا،بۇنىڭغا كىممۇ چات كىرىپ بىر نېمە دېسۇن؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە  بۇ ئىشلارغا ئاغزىنى ئېچىپ چىۋىن چىچىپ قويسىمۇ غىڭ قىلماي تۇرۇۋاتقان يۇۋاش  زىيالى ئوقۇتقۇچىلار بىر نەرسە دېمىگەن، بالىلىرى ساۋاتسىز، چالا ساۋات قېلىۋاتسىمۇ كارى بولمايۋاتقان ئاتا-ئانىلار بىر نېمە دېمىگەن، يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلارمۇ ئۆزىدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئاتا-ئاپا باشلىقلىرىنىڭ سىزىقىدىن چىقالمىغان، ئوقۇتۇشنىڭ نەتىنجىسى قانداق؟ بالىلار نېمىشقا ساۋاتسىز قالدى، نېمىشقا ئىمتىھاندا لاياقەتسىز قالدى دەپ سۈرۈشتە قىلىدىغانلار بولمىغان ھالەتتە ، كىممۇ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ، باشلىقلار بىلەن قارشىلاشسۇن دەيسىز؟

مائارىپ دېگەن ئۆزلۈكسىز ئىلھام ۋە ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىش خارەكتىرىگە ئىگە كەسىپ بۇلغاچقا، بۇنداق پۇلنىڭ زورى بىلەن ئەمەل تۇتقانلار بىرەر يىلغا قالماي، قەغەزدىن ياسالغان رەختتەك ئىنتايىن سەت چانىدىكەن. بىراق ئۇلاردىكى «يۈز» ئابرۇي ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا، «ئىزا»تارتىشتىن غەم قىلمايدىكەن. ناۋادا ئۇلاردىكى «يۈز» ھەقىقى ئىلىم ۋە ئادىمىگەرچىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا ئىدى، بەلكىم ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۋالغان بولاتتىمىكىن دەيمەن… بىراق بۇنداق ئۆزىنى دەڭسىمەي، قۇرۇق ئابرۇي دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغانلار كۈندىن كۈنگە كۆپەيمەكتە.

بېيجىڭغا بېرىپ، بىر تاكسى شوپۇرىدىن «بېيجىڭدىمۇ جا نەرسىلەر بارمۇ؟ » دەپ سورىۋېدىم بۇ، خەنزۇ يولداش ناھايتى خۇشچاقچاق ئادەمكەن. «ئەلۋەتتە بار، جۇڭگودا جا نەرسە بولمىسا، قانداق تەرەققى قىلىدۇ؟ » دېگەن ئىدى. گەرچە بۇ گەپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئەمىلى ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ، لېكىن «مائارىپ»تىن ئىبارەت مۇقەددەس كەسىپتىكى ھوقۇقنىڭ جالىشىپ كېتىشى بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ھوقۇقنىڭ جالىشىپ كېتىشى- مائارىپنىڭ ساختا تەرەققى قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئۇلار مىڭ بىر ياڭزا، پەردازلىنىپ يۈرسىمۇ، خۇددى سۇنۋۇكۇڭنىڭ كۆزىدىن توشقان جىنلار قېچىپ قۇتۇلمىغاندەك، ئەقىل ۋە تەپەككۈر ئىگىلىرى، ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ھەقىقى مەنىدىكى ھۆرمەتكە ئىگە بولالمىدى. چۈنكى  ئۇلارنىڭ قولىدىن ئاران تازىلىق قىلىش، تەكشۈرۈشكە قارىتا يالغانچىلىق قىلىش، ئامما ئالدىدا نۇپۇزىنى كۆز-كۆز قىلىشتىن باشقا ئىش كەلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ھوقۇققا ئاتا-ئانىسىغان كىچىك ۋاقىتلاردا چاپلاشقاندىنمۇ بەكرەك سالجىدەك چاپلىشىپ، سۇنى بېشىدىن لېيتىشقا ئۇرۇنماقتا.

يېقىندا  تۇپراق بېشىغا بېرىپ ، دۇئا ئوقۇپ ياناشىمدا، بۇ كۆلىمى خېلى چوڭ تۇپراق بېشىغا قاراپ، شۇنداق خىياللار ئېسىمدىن كەچكەن ئىدى. ئەنە ، قۇمۇشلۇق، ئوت-خەشلەر بېسىپ كەتكەن، تۇغ-شادىلار ئېگىز-پەس، قىڭغىر-سىڭغىر بۇ يەرلەرنىڭ ئاستىدا، بىر زامانلار باشلىق بولغانلارمۇ، بىر زامانلار باي دەپ ئاتالغانلارمۇ، بىر زامانلار ئىگە چاقىسىز يۈرگەنلەرمۇ، بىر زامانلار تېنىچ  ئادىمىيلىك بىلەن ياشىغانلارمۇ، بىر زامانلار كۆك نامرات ياشىغانلار تەڭ باراۋەر ياتماقتا.باشلىق،  بايلارنىڭ گۆرلۈكى يەر ئۈستىدە، كەمبەغەللەر ياكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ گۆرلۈكى چەت ياقا يەرلەردە ئەمەس، ھەممىسى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە پەرقى يوق ھالدا كۆمۈلگەن.

گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم، يېقىندا بىرەيلەننى «مەكتەپ مۇدىرى بولىدىكەن» دەپ گەپ تارقىلىۋىدى، بىر مەزگىللەردە ئۇنىڭ بىلەن ئاش-ئاغىينە بولۇشقانلاردىن بىر قانچەيلەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپتۇ. بىزمۇ خىيالىمىزدا يوق مەكتەپتە ئىمتىھان ئىشلىرى بىلەن يۈرۈپتۇق… قارىساق ئۇ ، بۇ ئادەملەر يۈرۈيدۇ. نېمە ئىش بولدىكىن دەپ سورىساق، ھېلىقى «مۇدىر» لىق ئورنىغا ئولتۇرمىغان ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرگۈىلى مەخسۇس گۇرۇپپا كەپتۇ.

ئەمىلىيەتتە باشلىقلارنى ئەمەلگە ئولتۇرغۇزۇشتىن بۇرۇن مۇشۇنداق تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ ئولتۇرغۇزسا ياخشى بولىدىغان ئىش، بىراق ئادەمنىڭ ئەقلىدىن ئۆتمەيدىغىنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز شىكايەت پىكىر قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتكە قاتناشمايدىغان، دەرسكە كىرمەيدىغان، دەرس ئۆتمەيدىغان، مائارىپ دېگەن ساھەنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا جان باقىدىغان جان باقارلار توپى ئىكەن…

ھەممىمىز توۋا دەپ ياقا تۇتۇشتۇق….

21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىللىرىمۇ ناھايتى تېز ئۆتۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەدەنىيەتلىك جەمىيەتتە، ھەممەيلەن، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات ئۈچۈن ئۈن تىنسىز ئىزدىنىشكە تىگىشلىك مۇشۇنداق بىر دەۋىردە، بىر توپ قۇلاق كەستىلەرنىڭ تىلىنى بىر قىلىپ، بىر ئادەمگە قاراپ تۇرۇپ قارا چاپلىسشى، يۇقىرىدىن كەلگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭمۇ «مەكتەپتە بۇنىڭدىن باشقىمۇ ئادەملەر بارمۇ؟ بۇ ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ بۇلارنىڭ پىكرى خەلققە ۋەكىللىك قىلالامدۇ-يوق» دېگەننى ئويلاشمايلا ، تەكشۈرۈشكە چۈشۈپ كېتىشى- ماڭا بىر قانچە ئەسىر بۇرۇنقى ئابدۇقادىر داموللا ياشىغان جاھالەتلىك دەۋىرلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردى.

ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە، بۇ مەسىلىمۇ ئايدىڭ بولدى. ئەسلىدە بۇ ئورۇنغا كۆز تىكىپ يۈرگەنلەر تەشكىللىنىپ قىلغان ئىش ئىكەن. توۋا، ئۇلار بىر ياخشى ئادەمگە ئۇۋال قىلىپ، كۆڭلىگە ئازار بەرگۈچە، قولىدىن كەلسە، يولىنى توغۇرلاپ چىقسا بولۇۋېرەتتى ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭغا قارىغاندا، نادانلارنىڭ قولىدىن توغرا يولدا مېڭىش ئەمەس، مەڭگۈ مۇشۇنداق ئەگرى يولدا مېڭىش كېلىدىغان ئوخشايدۇ…..

تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى يۇقىرىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس مۇشۇ ئادەمگە قارىش تۇرۇش ئۈچۈنلا بۇ ئادەملەرنى تەرەپ-تەرەپتىن تېرىپ تۆشەپ يىققانلىقى بولدى.كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار كېيىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق ياقا چىشلەشتى….

مەن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، لۇشۇننىڭ «دورا» ھېكايىسىنى يەنە ئېسىمگە ئېلىپ قالدىم. يۇقىرىدا مائارىپ ئىدارىسى ، تۆۋەندە «جان باقارلار» بىرلىشىۋېلىپ ئادەتتىكى بىر يېزا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىق ئەمىلى ئۈچۈن، «ئادەم گۆشى»گە مىلەنگەن موما يېيىشكە تۇتۇنسا، بىزگە «تۆۋە» دەپ ياقا چىشلەپ تۇرماقتىن باشقا ئامال يوقمىدۇ؟

2012-يىلى 1-ئاي 13-كۈنى   ئاقسۇ شەھىرى
مەنبە: ياسىنجان ئۇيغۇر بىلوگى
مەشئەل مائارىپ تورى
http://www.maxal2010.com
http://www.yasinjan.com
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-02-16 11:59قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-16, 11:53
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-02-16 02:54 |
noruzguli
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5897
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 175 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 175 سوم
تۆھپە: 98 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 98 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تېمىڭىزغا تەشەككۇر!مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
lutun
دۇئابېرىڭ بەختىمگە ئانا!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-16 12:51 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 271
شۆھرەت: 1463 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1477 سوم
تۆھپە: 864 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 864 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

لۇشۈن ئەسلى دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن ئىكەن، لېكىن دوختۇر بولسا كىشىلەرنىڭ كىسىلىنى  داۋالىغىلى بولىدىكەن، ئەمما قەلبىنى داۋالىغىلى  بولمايدىكەن-دەپ، يازغۇچى بوپتىكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قانچىلىك رول ئوينىغىنى ماڭا نامەلۇم.بۇ تېمىنى ئوقۇپ ئويلاپ قالدىم، ئەگەر لۇشۈن ھازىرمۇ ھايات بولغان بولسا يەنە شۇ يازغان ئەسەرلىرىنى يازارمىدى ياكى باشقا تېمىلاردا يازارمىدى؟ياكى يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى بولىۋېلىپ ھېچنىمە يازمايمۇ ناھايىتى باياشات ياشايتتىمۇ؟
بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى يازغۇچىلارمۇ پۇلنى ياكى باشقا بىرنىمىلەرنى قوغلاشماي ھەقىقى جەمىيەتنى ،ھەقىقى خەلىقنىڭ تەلىۋىنى يازاغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.ئەمما ئۇلارغا نۇرغۇن باش قېتىقچىلىقىمۇ يوق ئەمەس بار. 
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-16 16:13 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى