saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 821 قېتىم كۆرۈلدى
motiwarlar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 240
شۆھرەت: 1597 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1617 سوم
تۆھپە: 903 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 906 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1262(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى

- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى «دۇنيا ئانا تىل» كۈن شەنىگە
 
ئەتە 2012-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئۇيغۇر تىلى » كۈنىدۇر.پېقىرنىڭ ئۇشبۇ كۈننى خاتىرلىشى  تۇنجى قېتىم ،شۇنداقلا باشلىنىش قېتىمى بولۇپ قالغۇسى .پېقىر گەرچە ئانا تىلىمنى ئېغىزچە ھەم يېزىقچە قوللىنىىپ كىلىۋاتقان بولساممۇ  لىكىن يېزىقتا بۇ تىلغا خېلىلا چالا ئىكەنمەن. مەن بۇ چالىلىقىمنى قىزىمنىڭ باشلانغۇچ 2-يىللىققا چىقىپ ، ئۇيغۇرچە تىل- ئەدەبىيات دەرىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن، قىزىمنىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرىسىگە يىتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا ھىس قىلدىم.شۇنىڭ بىلەن مەندە ئانا تىلىمنى پىششىقلاپ قايتا ئۆگىنىش ئىستىكى توغۇلدى.
بۇنىڭدىن مۇقەددەم 15 يىل بۇرۇن نەشىر قىلىنغان،ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى تۈزگەن « تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يۇسۇنى» دىگەن كىتاپچىنى ، قەلەمكەشلىككە ھەۋەس قىلىپ يۈرگەن زامانلاردا سېتىۋالغان ئىدىم.كىيىن بۇ ھەۋەسمۇ ئەمەلگە ئاشماي ، بۇ كىتاپمۇ نەلەدىدۇ قالغان ئىكەن. بۇ يىل كونا-يېڭى كىتاپلارنى ئاختۇرۋاتسام بۇ كىتاپچە قولۇمغا چىقىپ قالدى. شۇنىڭ بۇ كىتاپنى تورغا يوللىسام ، بىرىنچىدىن ئۆزۈمنىڭ ئىسىدە قالغۇدەك ئىككىنچىدىن باشقا دوسىتلارنىڭ ئانا تىلىنى يېزىقتا ئىپادىلەشتە خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزەشتە پايدىسى بولار ،دەپ ئويلىدىميۇ لىكىن تورغا يوللاپ بولالمىغان ئىدىم. بۈگۈن،ئەتىكى« دۇنيا ئۇيغۇر تىلى» كۈنى شەنى ئۈچۈن بۇ كىتاپچىنى قەتئى يوللاشنى قارار قىلدىم.كىتاپچە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يوللىنىدۇ.بۈگۈن تۇنجى بۆلىكى يوللىنىدۇ. بۇ كىتاپچىنى تۈزگۈچى ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ۋە تورغا يوللاشتا  رۇخسەت ئالالمىغىنىم ئۈچۈن ئۆزرە سورايمەن. ئەگەر ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندىم بۇ كىتاپچىنى تورغا يوللاشنى راۋا كۆرمىسە ، ماڭا ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
 
                                                         مۇندەرىجە
1.     تىنىش بەلگىلىرى توغرىسىدا
2.     جۈملە تۈرلىرى
3.     تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يۇسۇنى
1)        چېكىت(.)
2)        سۇئال بەلگىسى(؟)
3)        ئۈندەش بەلگىسى(!)
4)        پەش(،)
5)        چېكىتلىك پەش(؛)
6)        تىرناق(    ()    )
7)        قوش تىرناق(« » )
8)        يالاڭ تىرناق( ‹  ›  )
9)        سىزىق(   ـــ  )
10)    سىزىقچە(   ـ   )
11)    قوش چېكىت(   :   )
12)    كۆپ چېكىت(  ...  )
13)    باشقا بەلگىلەر
   
1.تىنىش بەلگىلىرى توغرىسىدا
 


     تىل- ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئالاقە قۇرالى.
   تىل ئېغىز تىلى ۋە يېزىق تىلى دەپ ئىككىگە بكلۈنىدۇ.
   يېزىقتا تىنىش بەلگىلىرى بولىدۇ.تىنىش بەلگىلىرى يېزىقنىڭ ئورگانىك تەشكىلى قىسىمىدۇر.
    ئوي –پىكىرنى ۋە ئۇنىڭ قىسىم ،بۆلەكلەرگە  بۆلۈنۈشى،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى دۇرۇس كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بەلگىلەر سېستىمىسى تىنىش بەلگىلىرى  دەپ ئاتىلىدۇ.
كىشلەر سۆزلىگەندە ،ئۆز مەقسىتىنى تۈرلۈك تىنىش، ئىنتۇناتسىيە، ئىما –ئىشارەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇقتۇرىدۇ.يازغاندا ،تىنىش بەلگىلىرىگە تايىنىدۇ.ئېغىز تىلىدىكى ئۇرغۇ،تون، ئىنتۇناتسىيە(سۆز ئۇرامى)،پائۇزا(تىنىش)،ئاھاڭ ۋە باشقىلارنى يېزىق تىلىدا كۆرسىتىش –تىنىش بەلگىلىرىنىڭ خىزمىتى. تىنىش بەلگىلىرى بولمىسا ياكى تىنىش بەلگىلىرى توغرا قويۇلمىسا ،يېزىق تىلىدا بىر مۇنچە قالايمىقانچىلىق،ئۇقۇشماسلىقلار كىلىپ چىققان بولار ئىدى.
تىنىىش بەلگىلىرى كىشىنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئېنىقلايدۇ؛سۆز –جۈملىلەرنىڭ ئورامى ۋە تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدۇ؛سۆز جۈملىلەرنىڭ خاراكتىرى ۋە رولىنى كۆرسىتىدۇ؛سۆز جۈملىنى قىسقارتىدۇ؛ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئاسان چۈشىنىش ئىمكانىيىتى تۇغدۇرىدۇ.
بىزنىڭ بۇرۇنقى يېزىقلىرىمىزدا تىنىش بەلگىلىرى يوق ئىدى.مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا  مەتبۇئات ۋە نەشىرياتتا خەلقئارالىق ئاساسى تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىشقا باشلىدۇق.تىنىش بەلگىلىرىنى مەكتەپلەرنىڭ  تىل  دەرىسلىكلىرىگە كىرگۈزدۇق.لىكىن،ئۇلارنىڭ قوللىنىشىنى كۆرسىتىدىغان تولۇقراق قائىدە- يۇسۇنلار تازا ئېنىق بولمىدى.تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىشقا ئاتالغان بەزى قوللانمىلاردا يا ئۇنداق يا مۇنداق خاتالىقلار كۆرۈلدى.شۇڭا تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇشتا ھازىرغىچە  ھەر خىل قالايمىقانچىلىقلار،مەسلىلەر چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالنى تۈزىتىش ئەلۋەتتە زۆرۈر.
تىنىش بەلگىلىرى ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار بار.
فىرانسىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى تېئودور فونتانى بېرلىندا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ تۇرغان چاغلاردا ،بىر ياشنىڭ ژۇرنالغا ئەۋەتكەن بىر نەچچە كۇبلىت شېئىرىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. شېئىر تولىمۇ ناچار يېزىلغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە تىنىش بەلگىلىرىمۇ قۇيۇلمىغانىكەن. بۇ ياش ئۆز خېتىدە :«مىنىڭ تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئەزەلدىن  خوشۇم يوق ئىدى، تىنىش بەلگىلىرىنى ئۆزىڭىز قويۇپ قۇيارسىز » دەپ يازىدۇ.تېئودور فونتانى ھېلىقى ياشقا شېئىرنى دەرھال قايتۇرۋېتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يازغان جاۋاپ خېتىدە؛«سىز بۇنىڭدىن كىيىن تىنىش بەلگىلىرىنىلا ئەۋەتىپ بېرىڭ، شۋئىرنى مەن يېزىپ قۇياي» دەيدۇ.بۇنىڭدىن بىز شېئىر بىلەن تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئوخشاشلا  زۆرۈرلىكىنى ،تىنىش بەلگىلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.
بىز كىنو –تىياتىرلاردا ئۇلۇغ زاتلارنىڭ رادىسىتقا تىلگىرامما تېكىستلىرىنى ئاغزاكى ئېيتىپ بەرگەندە ،سۆز –جۈملىلە بىلەن تىنىش بەلگىلىرىنى بىللە ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈمىز ۋە ئاڭلايمىز.
تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئۇچۇر ئېلىشقان ئەھۋاللارمۇ بار.ئاتاقىلىق فىرانسۇز يازغۇچىسى گيوگو مەشھۇر ئەسىرى«پاجىئەلىك دۇنيا» نى باشقا بىر شەھەردىكى نەشىرياتچىغا نەشىر قىلىشقا بەرگەندە،ئۇنىڭدىن ئۇزاققىچە  ئۇچۇر كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ نەشىرياتقا پەقەت سۇئال بەلگىسى (؟) يېزىلغان تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ. ئېنىقكى ئۇ بۇ نەشىرياتتىن «ئەسىرىم قانداق بولدى؟» دەپ سورىغان.نەشىرياتتىن پەقەت ئۈندەش بەلگىسى (!) يېزىلغان جاۋاب تاپشۇرۇۋالىدۇ.بۇمۇ ئېنىق. ئۇ نەشىريات« نەشىر قىلىنىدۇ» دىگەن.
سۆز تاللاپ جۈملە تۈزگەندە ،چۇقۇم تىنىش بەلگىلىرىنى ئويلىشىش كىرەك.تىنىش بەلگىلىرى قۇيۇلمىغاندا خاتادىن ساقلىنىشقا بولمايدۇ، ئوقۇرمەنلەر قايمۇقىدۇ،كۈتكەن مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ.
ماۋزىدۇڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە تىنىش بەلگىلىرىگە بەكمۇ دىققەت قىلىدىكەن.ئۇ ئۆزىنىڭ «ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيە  مەسلىسى » دىگەن ئەسىرىنىڭ بىرىنچى بابىنى ئاخىرقى قېتىم تۈزەتكەندىن كېيىن، يەنئەندە چىقىدىغان،« ئازادلىق » ژۇرنىلىنىڭ 40- سانىدا ئېلان قىلىشقا تاپشۇرۇپ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن،مەركىزى ھەربى كومىتىت تەھرىر-تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گوخۇادۇغا يازغان خېتىدە ئەسەرنىڭ كوررىكتۇرلىقىغا دائىر تەلەپلىرىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، يەنە« تىنىش بەلگىلىرىگە دققەت قىلىڭلار، بىرەرسىمۇ خاتا بولۇپ قالمىسۇن»  دەپ ئېلاۋە قىلغان.
يۇقىرىدىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، يېزىقتا تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا قوللىنىش ناھايىتى زۆرۈر. تىنىش بەلگىلىرى سىنتاكسىسنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى.ئۇ يەنە ئىستىلىستىكا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك. تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا قوللىنىش ئۈچۈن، گىرامماتىكا ۋە ئىستىلىستىكا ئۆگىنىش لازىم.
داۋامى بار.............................................
[ بۇ يازمىنىmotiwarlarدە2012-02-22 13:47قايتا تەھرى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-21, 11:27
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(sebir) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-02-20 23:30 |
    motiwarlar
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1318
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 240
    شۆھرەت: 1597 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1617 سوم
    تۆھپە: 903 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 906 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1262(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    2.جۈملە تۈرلىرى




    تىلنىڭ ئالاقە قۇرالىلىق فونكسىيىسى جۈملىلەر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.جۈملە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تەمىن ئېتىدىغان تىل ماتېريالىنىڭ تۇتاش بىر بۆلىكىدۇر.جۈملە تولۇق ئاياغلاشقان بىر پۈتۈن ئوي-پىكىرنى بىلدۈرىدۇ.


    تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇشتا جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەنىسى ئاساس قىلىنىدۇ.ئېنتۇناتسىيە بىلەن پائۇزا مۇھىم رول ئوينايدۇ.


    تۆۋەندە ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملە  تۈرلىرىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرىمىز.


    ھازىرغىچە ھەممە ئېتراپ قىلغان جۈملە تۈرلىرى تۈۋەندىكىچە:


    جۈملىلەر مەنىسى ۋە قانداق مەقسەتتە ئېيتىلىشى،خەۋەرنىڭ خاراكتىرى،جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسى بويىچە ئۈچكە  بۆلۈنىدۇ.


    جۈملىلەر جۈملىنىڭ مەنىسى ۋە قانداق مەقسەت  بىلەن ئېيتىلىشى بويىچە  ،بايان جۈملە، سۇئال جۈملە، بۇيرۇق جۈملە ۋە ئۈندەش جۈملە دەپ تۆتكە بۆلۈنىدۇ.


    جۈملىلەر جۈملە خەۋىرىنىڭ خاراكتېرى بويىچە ئىسىم(ئىسىمداش) خەۋەرلىك جۈملە، سان خەۋەرلىك جۈملە، پېئىل خەۋەرلىك جۈملە، ئالماش خەۋەرلىك جۈملە، سۈپەت(سۈپەتداش) خەۋەرلىك جۈملە دەپ بەش خىلغا  ياكى خەۋەرنىڭ رولى بۇيىچە ،كېسىم جۈملە ، ئىزاھ جۈملە، بايان جۈملە ۋە تەسۋىرىي جۈملە  دەپ تۆتكە بۆلۈنىدۇ.


    جۈملىلەر جۈملىنىڭ قورۇلمىسى بويىچە  ئاددى جۈملە ۋە قوشما جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.ئاددى جۈملىلەر يەنە يىغىق جۈملە ۋە يېيىق جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.قوشما جۈملىلەر  باغلىنىشلىق قوشما جۈملە ۋە بېقىندىلىق قوشما   جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.


    باغلىنىشلىق قوشما جۈملىلەر تەڭداش قوشما جۈملە ،تاللاش قوشما جۈملە، ئىلگىرلەش قوشما جۈملە،تۇتاش قوشما جۈملە، قوشۇلۇش –ئايرىلىش قوشما جۈملە دىگەن تارماق جۈملىلەرگە بۆلۈنىدۇ.


    بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەر  ئىگە بېقىندى جۈملە ، خەۋەر بېقىندى جۈملە ، تولدۇرغۇچى بېقىندى جۈملە،ۋاقىت-پەيت بېقىندى جۈملە، ئۇرۇن بېقىندى جۈملە، بۇرۇلۇش بېقىندى جۈملە، سەۋەپ-نەتىجە بېقىندى جۈملە، شەرت –قىياس بېقىندى جۈملە،ئوخشىتىش –سېلىشتۇرۇش بېقىندى جۈملە، مەقسەت بېقىندى جۈملە، ئۇلاش بېقىندى جۈملە دىگەنلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە تولۇق جۈملە، تولۇقسىز جۈملە، ئىگىلىك جۈملە ،ئىگىسىز جۈملە،ئاتاش جۈملە، بىر سۆزلۈك جۈملىلەر بار. بۇ  كىيىنكى جۈملىلەر كونكىرىت نوتۇق شارائىتىدا ۋە كونتېكىستتا ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ.


    يەنە جۈملە بىرىكمىسى بار «جۈملە بىرىكمىسى لوگىكىلىق باغلىنىشى كۈچلۈك بولغان جۈملىلەردىن ھاسىل بولغان بىر مەنىلىك مەركەزگە  ئىگە ئەڭ چوڭ تىل بەلگىسىدۇر».


      
    3.تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى




    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قولىنىلىۋاتقان  تىنىش بەلگىلىرى تۈۋەندىكىچە:


    .                                                                 چېكىت


    ؟                                                                سوئال بەلگىسى


    !                                                                 ئۈندەش بەلگىسى


    ،                                                               پەش


    ؛                                                              چېكىتلىك  پەش


    ( )                                                            تىرناق


    «  »                                                        قوش تىرناق


    ‹  ›                                                         يالاڭ تىرناق


    ــــ                                                        سىزىق


    -                                                            سىزىقچە


    :                                                            قوش چېكىت


    ...                                                       كۆپ چېكىت


      


    ئەمدى ھەر بىر تىنىش بەلگنى قويۇش يوسۇنى ئۈسىتىدە ئايرىم توختىلىمىز.


    داۋامى بار


      
      
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-02 13:59 |
    motiwarlar
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1318
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 240
    شۆھرەت: 1597 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1617 سوم
    تۆھپە: 903 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 906 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1262(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     


    تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇشيوسۇنى

    چېكىت( . )

    (ئۈچۈنچى بۆلەك)


    چېكىتتوچكا دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ تۈۋەندىكى ئۇرۇنلارغا قويۇلىدۇ؛

    1. بايان جۈملە(مەيلى ئاددىجۈملە ياكى قوشما جۈملە بولسۇن، تولۇق جۈملە ياكى تولۇقسىز جۈملە بولسۇن،ئىگىلىكجۈملە ياكى ئىگىسىز جۈملە بولسۇن،ئاتشجۈملە ياكى بىر سۆزلۈك جۈملە بولسۇن) تۈگىگەندىكى تىنىش ئورنىغا قويۇلىدۇ،ئۇ ئويپىكىرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    بايانجۈملە راۋان ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىدۇ، يەنى بېشىدا كۈچلۈك بولۇپ، ئاخىرىدا  پەيدىنپەي پەسىيىپ بارىدۇ. مەسلەن:

    يامغۇرياغدى.

    قارلىغاچ-قۇش.

    سەھەر.جىمجىتلىق.

    مەنكەتتىم، سەن كىيىن بارارسەن.

    ماقۇل.

    زامانباشقا ، ئادەت باشقا.

    ۋاقىتئادىل ئۇ ھىچكىمگە بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇئارتۇق بەرمەيدۇ.

    ئارزۇدائەيىپ يوق، ئارزۇدا چەك يوق.

    بوۋاينىڭئاچچىقى تېز كېلىپ، تېز قايتىدۇ.

    بۇگەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ زەردىسى قاينىدى.

    مىجەزىتۈزنىڭ ئەيىبى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.

    2. بۇيرۇق،  ئۈندەش جۈملىلەر  ئۆز ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلماي، بايانئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلسا ، بۇلارغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.

    ئوغلۇم،ئالدىڭغا قارا.

    پەلسەپەساتقانغا قورساق تويمايدۇ.

    مايماقپۇتقا ياخشى ئاياقنىڭ نېمە كېرىكى.

    زەئىپبولساڭمۇ ،رەزىل بولما.

    ئەجەپئۇز ئىكەنلا ، ئاي بىكار قالسۇن.

    سىنىمىغانئاتقا يۈك ئاتما.

    ماڭائىككى كۈنلۈك رۇخسەت بېرىلسە.

    3. يۇقىرى ئاھاڭدا ۋە ساناش تەرزىدە ئېيتىلغان سۆز، سۆز بىرىكمىلىرىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

    سەنئەتكېچىلىكىدە ئېلانچى ماھىنۇر ئېلان قىلدى:

    ـــ ناخشا . « ئازاد زامان» . مۇزىكىسى ھۈسەنجاننىڭ.  سۆزى تېيىپجان ئېلىيۇفنىڭ.پاشا قىز ئورۇندايدۇ.

    ـــ مۇزىكا . « تاشۋاي » .قۇربان ئىبراھىمنىڭ .ناخشا –ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكا ئەترىتى ئورۇندايدۇ.

    ـــ ئۇسسۇل. «ئاتۇش سەنىمى» . ھەبىبە ئابدۇللا ئورۇندايدۇ. مۇقام ئانسامبىلىمۇزىكا ئەترىتى تەڭكەش  قىلىدۇ.

    4. رەتتەرتىپىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن رەقەملەرنىڭ يېنىغا قويۇلىدۇ.

    يىغىن تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

    1.يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش؛

    2.ئېچىش نۇتىقى سۆزلەش؛

    3.تەبرىك نۇتقى ؛

    4.دوكلات؛

    5.يېپىش نۇتقى؛

    6. يىغىننىڭ يېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش.

    ئېلىپبە تەرتىپى بۇيىچە، رەت تەرتىپىنىبىلدۈرۈپ كەلگەن ھەرپلەر يېنىغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.

    [td=1,1,189]
    a.
    [/td] [td=1,1,189] .A
    [/td] [td=1,1,189]
    ئا .
    [/td]
    [td=1,1,189]
    b.
    [/td] [td=1,1,189] .B
    [/td] [td=1,1,189]
    ئە .
    [/td]
    [td=1,1,189]
    c.
    [/td] [td=1,1,189] .C
    [/td] [td=1,1,189]
    ب .
    [/td]
    [td=1,1,189]
    d.
    [/td] [td=1,1,189] .D
    [/td] [td=1,1,189]
    س .
    [/td]




    5. ھەرپ بىلەن قىسقارتىلغان كىشى ئىسىم –ئاتلىرى يېنىغاقويۇلىدۇ:

    ل . مۇتەللىپ ( لۇتپۇللا مۇتەللپ ) - ئاتاقلىقئۇيغۇر شائىرى.

    ئا . س . پوشكىن - مەشھۇر  رۇس شائىرى.

    ك . ماركس(كارلماركس) .

    6.بىرەر ماۋزۇچاقئاستىدا ئايرىم بايان قىلىنىدىغان كىچىك « ماۋزۇچاق» لارغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

    تىركەلمە.

    بۇرژۇئازىيە.

    ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا.

    7.چېكىت ئىش –ھەرىكەتنىڭتۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرگەچكە، تۈگىگەنلىكمەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئەمدى چېكىتقويۇلدى.

    بۇ ئىشقا ئەمدى چېكىت قويۇلسا بولاتتى .

    دىققەت:

    1. ماۋزۇلارغا چېكىتقويۇلمايدۇ.

    2. خەنزۇچىدا « ئايرىش بەلگىسى  » دەپئاتىلىدىغان بىر بەلگە بار. بىز بۇ بەلگىنى چېكىت قاتارىدا كۆرۈۋاتىمىز. خەنزۇچىدا بۇ بەلگە ئاي بىلەن كۈننى قىسقارتىپيېزىشتا (7.1 )، ماۋزۇلاردا سۆزلەرنىئايرىم –ئايرىم ئوقۇشنى لازىم تاپقاندا قويۇلىدۇ.يەنە بەزى مىلللەتلەرنىڭ كىشى نامىدا ئۆز ئېتى بىلەن فامىلىسىنىئايرىشتا قويۇلىدۇ. بىزدە شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا  چېكىت قويۇلىۋاتىدۇ، بۇ توغرا ئەمەس.بىزنىڭيېزىقىمىزدا سۆزلەر ئايرىپ يېزىلغاچقا ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئايرىغۇچبەلگىنى بىزچە ئېيىتقاندا، چېكىتنى  قويماسلىق لازىم. مەسلەن:

      كارل ماركس

    ئىسمائىل ئەھمەت

    ياشىر ئەراپات

    لىكىن كىتاپ نامىقىسىم، پەسىل نامى، بابلار ئارىسىغا ، شېئىر پەيزىسى بىلەن شېئىر ماۋزۇسى ئارىسىغاچېكىت قويۇلۇۋاتىدۇ.  بۇ پاكىت ئېتراپ قىلىنسا.

    سىماچىيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر .  پەرغانە تەزكىرىسى »

    «چىنيۈەنچۈن . قار»

    3. رىم رەقەملىرى رەتتەرتىپىنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلسا ، ھىچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. بىزدە ھازىرئاساسەن پەسىل، بابلار، خاندانىلىق سەلتەنەتلىرى ۋە ئەسىرلەرنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلىۋاتىدۇ، بۇنداق يەردىمۇ ھىچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. پەقەت يازما ئورىگىنالىدائاستى –ئۈستىدىن توغرا سىزىق تارتىپ قويۇلىدۇ.

    رىم رەقەملىرىدىن 1دىن 10 غىچە ۋە 20، 30 لار تۈۋەندىكىچە:



    ( 1 ), ( 2 ), ( 3 ),(4 ), ( 5 ),( 6 ), ( 7 ),( 8 ),( 9 ),( 10 ),ⅩⅩ( 20 ),ⅩⅩⅩ( 30 ),


    دۇنيا « ⅩⅩ ئەسىرگە نەزەرمۇنبىرى » يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

    ئىلزابىت

    چىن

    «جۇڭخۇا خەلق  جۇمھۇريىتى مائارىپ قانۇنى» جەمئى 10 باب 84 ماددا بولۇپ، بابىدا« قانۇنى جاۋابكارلىق» بەلگىلەنگەن.

    [ بۇ يازمىنىmotiwarlarدە2012-03-02 14:17قايتا تەھرى ]
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-02 13:59 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » تىل ئۆگىنمەن