saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 4423 قېتىم كۆرۈلدى
akkongul
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6012
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بىزدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ilim تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-02-23)
  .بىزدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى 
                         شەمشىنۇر ئىبراھىم


ــ مەن مەكتىۋىمنى x نىڭ تەجرىبە ئېتىزى قىلىشىغا تاشلاپ بەرمەيمەن، چۈنكى مېىنىڭ مەكتىۋىم شاۋقۇن-سۈرەنسىز، تاراق-تۇرقسىز ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان «تىنىچ مەكتەپ». مەن ئوبدان بىلىمەن ئۇ ئەدبىيات دېگەن نىمنى، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭمۇ بېىشى ئىششىپ قاپتىمۇ نىمە؟ بۇ تۆت كۈنلىكى قالغان بىر نىمە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ… قېنى مېنى نىمە قىلالايدىكىن! بۇ مەكتەپتە مېنىڭ دېگىىنم دېگەن. بۇندىن كېيىن مېنىڭ ئالدىمدا ئەدىبىياتنىڭ گېپنى قىلىشما
ــ … بۇندىن كېيىن بىرىڭ بېرىشمايسەن ئەدىبىياتنىڭ پائالىيەتلىرىگە

ــ ئۆتكەندە ئۆزىڭىز

ــ بولدى، بولدى، شۇ ئالدىراپ قوشۇلۇپ قويۇپتىمەن، ئويلاپ باقسام، باشقا پەنلەر بولغان بولسا قۇشۇلۇپ قوياتتتىم. ئەمما تۆت كۈندىن كېيىن ئۆلىدىغان مۇنۇ ئەدبىيات دېگەن بىر نىمىگە مەكتىۋىمنىمۇ، ئوقۇتقۇچۇملىرىمنىمۇ، ئوقۇغۇچىلىرىمىنىمۇ ئاۋارە قىلغۇم يوق…ھېلىمۇ ئەدەبىياتىڭىزغا دەرس سېتكىسىدىن ئورۇن بېرىۋاتقىنىمغا خوش بولسىڭىز بولىدۇ
!!!
ــ كىچىك بوسامۇ دەپ قوياي شەمشىنۇر ھەدە، بۇ ئىشقا بەك ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ كەتمەڭ، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىغا چىقىشى ناتاتيىن… 
 
ــ خوتۇن كىشى بوغاندىكى نىمە ئاۋارچىلىق دەيمەن

ــ شۇ ئەمەسمۇ، ئىشخانىدا بىكار گېزىت ئوقۇپ، بىكارلىق قايناقسۇنى ئىچىپ ئولتاماي، نىمە ئاۋارچىلىقتا قالغان دەيمەن...

جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ پىلانىدىكى تەتقىقات تېمىسى «باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۈستىدە تەتقىقات» تېمىسىنى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئىشلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 16ئورۇن ئىچىگە كىرگەن غۇلجا ناھىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى ناھيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، ناھيىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ قىزغىن قوللىىشغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئۆزى ماڭا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى… ئەمما يۈزى بىلەن يەنە بىر يېرىنىڭ پەرقى يوق، تۈنۈگۈن دېگەن گېپىدىن بۈگۈن يېنىۋالدىغان، مەكتەپ ئاتلىق بۇ «خاسىيەتلىك كولدۇما»نى شاۋقۇن-سۈرەنسىز، ئۈن-تىنىسىز تۈرمىگە ئوخشىتىپ قويۋاتقان مۇنۇ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن گەپ تالىشىپ ئولتۇرشنىڭ تولىمۇ ئورۇنسىز ۋە بىمەنە بىر ئىشلىقنى ھېس قىلىپ ئۇددۇل ئىدارىغا قايتىپ كېلىپ، ئىدراە رەھبەرلىرىگە ئەھۋالنى دوكلات قىلدىم. سابىق مۇدىرىمىز چېن شاۋئەن ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ، دەرھال باشقىچە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تەجرىبە نۇقتىسىنى باشقا مەكتەپلەرگە يۆتكىدۇق
.
ش ئۇ ئا ر ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخاىنىسىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىدىكى جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ پىلانىدىكى تەتقىقات تېمىسى «باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۈستىدە تەتقىقات» تېمىسى غۇلجا ناھىيە تارماق تېمىسنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان «ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى يولغا قويۇپ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش ئۈستىدە تەتقىقات» تېمىسى تەجرىبە سىناق خىزمىتى سىناق قىلىنغان ئۈچ يىل جەريانىدا ئەدەبىياتنىڭ گېپىنى ئاڭلىسا تۆت پۇتى ئۆرە بولۇپ قالىدىغان، بىرقىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەنە شۇنداق «مەن بىلەن خوشى قالمىدى…» ئەمما ئىدارىنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلھاملىرى، قوللاپ-قۇۋۋەتلەشلىرى، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى بەرگەن شان-شەرەپلەر ، زور كۆپ ساندىكى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماڭا تىكىلگەن ئۈمىتىلىك كۆزلىرى، قىزغىن ئالقىشلىرى ئانا تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن تاشلىغان ھەربىر قەدىمىمىگە ئۈمىت، ئىشەنچ ئاتا قىلدى. شۇڭىمۇ، «ئالدىراش تۇلۇق سۆرەۋاتقان ئايغىرنىڭ جەڭگىۋار يەرلىرىگە قونۇپ، ئاۋارچىلىق تۇغدۇرغىنى ئۈچۈن پىرى مۇشرىكلىرىنىڭ چىرايىغا قاراپ ھېجىيىدىغان چىۋىن، كۇمۇتىلار…قۇڭى ئاپتاپتا قالسىمۇ، تۇمشىقىنى يوشۇرغىنى بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرىدىغان تۆگە…» دەك كىشىلەرگە «ھە دەپ قوي» پەلسەپىسى بويىچە پەرۋا قىلمىدىم. ئەكسىچە ئەقلىمنى ئىشقا سېلىپ، ئايىقىمنى يېنىك قىلىپ ئۆز خىزمىتىمىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك جانلىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېپيېڭى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى بەرپا قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمنى مۇۋاپەققىيەتلىك باستىم. ئىدىيىسى ئوچۇق، كاللىسى جاراڭشىپ تۇرىدىغان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم ياش، قابىل ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن تەتقىقات گۇرۇپپسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا نۇرغۇن ئۆگىنىش، تەربىيلىنىش، ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەندىن باشقا يەنە، ئۆزۈممۇ كۆپ قېتىم ناھىيە، ئوبلاست، ئاپتۇنۇم رايۇن، مەملىكەت دەرىجىلىك شەرەپلەگە نائىل بولدۇم… ئەمما باسقان ھەر بىر قەدىمنى نام-مەنپەئەت بىلەن ئۆلچەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ئويلىغاندەك بۇ ئىشلارنى ئۇنۋان، دەرىجە ۋە ئاللىقانداق تامالار ئۈچۈن قىلمىدىم. بەلكى پارتىيىمىز ۋە ھۆكىمىتىمىزنىڭ بىزگە، ئانا تىل ئوقۇتىشىمىزغا بەرگەن بۇ قىممەتلىك پۇرسىتىنى قەدىرلەش، ئۆز زىممەمدىكى مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىش، ئىش ھەققىمنى ھاللالپ ئېلىش ئۈچۈن قىلدىم… ئەمما ئەتراپىمىدىكى ئۇنۋان، دەرىجە، پايدا مەنپەئەت ۋە ئاللىقانداق شەخسى غەرەزلەر ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە مىدىرلاپ، كۈن ئۆتكۈزىشكە ئادەتلىنىپ، قەيەردە يوچۇق بولسا شۇ يەردىن نەپ ئېلىش ئۈچۈن پالاقلشىىيدىغان، ئۆمرىدە يالاقچىلىق ۋە چېقىمچىلىقتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، باشقىلارنىمۇ ئۆزىنىڭ ئەنە ئاشۇ ھايات مىزانى بىلەن ئۆلچەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەھلىل ۋە غەيۋەت-شىكايەت ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالدىم

دەرۋەقە، «كارۋانلار مېڭىۋەردۇ، ئىتلار قاۋاۋېردۇ» دېگەندەك، ئاز ساندىكى ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ماڭا سۈركىمەكچى بولغان كۆسەيلىرى، سانجىماقچى بولغان بېگىزلىرى مېنىڭ خىزمەتكە بولغان قىزغىنىلىقمنى سۇسلاشتۇرالمىدى. ئەكسىچە مېنى سەگەك، تىرىشچان ۋە تېخىمۇ ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان قىلىپ چېنىقتۇردى…ئۇنۋان، دەرىجە ۋە يۇقۇرىغا ئۆرلەش ئۈچۈنلا ئاز-تولا مىدىرلاپ قويىدىغان، مەقسەت-مىراتلىرىغا يېتىپ بولغاندىن كېيىن بولسا، «ئۆزى خان، ئۆزى بەگ»بولۇپ ياشاپ، «ئالدىغا كەتكەنلەرنى چىشلەپ»، «ئارقىدا قالغانلانى دەسسەپ-چەيلەپ» كۈن ئۆتكۈزىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگىتىپ قويدى
.
ئەلۋەتتە، خىلمۇ-خىل مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر قوينىدا ياشاۋاتقان بىر ئايال بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئائىلە، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تەڭتۇشلىرىم بىلەن بولغان نۇرغۇن باردى-كەلدىلەر، تۈگىمەس قائىدە-يوسۇنلارغا يېتىشىپ بولالماي، تارتقان جاپالىرىم، ئاڭلىغان تاپا-تەنىلىرىممۇ ئاز بولمىدى. ئەمما زور كۆپچىلىكنىڭ، ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلھام-مەدەتلىرى ھەممىنى ئۇنتۇلدۇردى

دەرۋەقە، بىر ئۆمۈر مائارىپ سېپىدە ئىشلەپمۇ، ئەتراپىدىكىلەرگە قۇۋلۇق-شۇملۇق، ئارقا ئىشىكتە قانداق مېڭىش، پايدىسى تېگىدىغانلارغا قانداق خوشامەت قىلىشتىن باشقىنى ئۆگىتەلمىگەن بىر قىسىم كىشىلەر بولسا، ئەتراپىغا ئۆزىدەكلەرنى ئولاشتۇرۋېلىپ، غەيۋەت-شىكايىتىنىڭ تىغ ئۇچىنى ناھيىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە ماڭا قاراتتى. ئەمما ئۇندقلارنىڭ «يولى بارمۇ»، ياكى تەلىيى ئوڭدىن كەلدىمۇ، ۋە ياكى ئۇلار شۇ ئىشلارنى مەخسۇس تەتقىق قىلغاچقىمۇ، ئۇنداقلارنىڭ ئىشى ئوڭ بولۇپ، ئۇنداقلارنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئادەم چىقمىدى. بەلكى ھوقۇق-مەرتىۋە، دەرىجە-ئۇنۋان دېگەنلەرگە ھېچبىر جاپا تارتمايلا ئېرىشۋەردى ۋە ھەر خىل ئۆتكەللەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتېۋەردى… كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىمىسە، ئۆگەنىمىسە ئاسانلا شاللىنىپ قالىدىغان، ئادەم ئۆزىدىن ئۆزى ئەنسىرەپ تۇرىۋاتقان بۈگۈنكىدەك رىقابەت دەۋردىمۇ، قولىدىكى دېپلۇم ۋە دەرىجە -ئۇنۋان كېنىشكىلىرىنى ياستۇق قىلپ يېتىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار، مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈرىكى «پۇل! پۇل! پۇل! پۇل!» دەپ سوقۇپ تۇرغاچقىمۇ، شۇنداقلارنىڭ قولىغا قالغان مەكتەپلەردە قۇۋلۇق-شۇملۇق، چېقىمچىلىق، شەكىلۋازلىق، ئالدامچىلىق كۈچىيىپ، شەخسىيەتچىلىك، خوشەمەتكويلۇق، ئالدامچىلىقنى سۆكۈپ، پاكلىقنى، چىن ئىنسانىي مېھرى-مۇھاببەتنى، ھەقىقەتنى تەكىتلەيدىغان، ئەۋلاتلارغا ئادىمىيلىك مىزانلىرنى، يۇرت، ۋەتەن سۆيۈشنى ئۆگىتىشنى بىردىن مەقسەت قىلغان تىل-ئەدەبىيات دەرسى نىمە ئۈچۈندۇر ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمىدى. شۇڭلاشقىمۇ، بىرىنچى بولۇپ چەتكە قېقىلىشقا، ئۆگەيلەنگىنىشكە، سوغۇق مۇئامىلە ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراپ بوينى قىسىلغىنى، ئورۇنسىز زەربە يىگىنى دەل، كەسىپچانلىقى يۇقۇرى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر قىسىم تىل-ئەدەببيىات ئوقۇتقۇچىلىرى بولدى…ئەلۋەتتە، مەن ئەنە ئاشۇ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا يېتەكچى بولغىنىم، كېچە-كۈندۈز تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئۈچۈن پالاقىشىغىنىم ئۈچۈنمۇ، ئەنە شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغماي قالدىم…ئەمما غۇلجا ناھيىلىك، ئىلى ئوبلاستلىق، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىلىرىنىڭ، زور كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزغىن قوللاپ-قۇۋەتلىشى، مەدەت بېرىشى، كاتتا شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتۈرۈشى مەندە خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيسى بىلەن، مىللى مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيسىنى سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش ئىستىكىنى ئويغاتتى
.
ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، خەنزۇ مەكتەپلەر تىل-ئەدەبيات ئوقۇتۇشنى بىردىن بىر ئاساسىي پەن دەپ ھېساپلاپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ سەرخلىنى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈكىنى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقىغا قويغان. ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنلىرىدا تىل-ئەدەبىيات ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئەڭ موھىم نەتىجە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، سىڭلىمنىڭ قىزى ئوقۇۋاتقان غۇلجا شەھرىدىكى ئىنگلىز ۋە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغنىنىغا قاتنىشىپ قالدىم. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇ مەكتەپ گەرچە ئىنگىلىز تىلىنى ئاساس قىلىدىغان مەكتەپ بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىلار ۋە خەنزۇ ئاتا-ئانىلار باشتىن- ئاخىر تىل-ئەدەبيات ئوقۇتۇش نەتىجىسى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش شەكلىگە كۆڭۈل بۆلدى…ئەمما بىزدىچۇ؟

بىزدە ئەھۋال باشقىچە
:
ــ ئەدەىبىياتنىڭ گېپىنى ئاڭلىسام بېشىم ئاغرىيدۇ! ئاتا-ئانىلارغا دەڭلار، ئۆيىدە بالىلارغا «ئۇيغۇرچە ئۆگەن» دەپ بالىلارغا بېسىم قىمىسۇن! ئۇ ئەدبياتىڭىزنىچۇ ئۆتسىمۇ، ئۆتمىسىمۇ بولىدىغان بىر نەرسە. شۇڭىچۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ سان-سۈپىتىگە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشنىڭمۇ ئانچە زۆرۈريىتى يوق!!! 
 
ــ مەن بەرگەن پۇللارغا ئۇرغۇيچە كىتاپ ئىپ باقە قېنى، ئۇرغۇيچە كىتاپنىڭ نىمە پايدىسى دەيمەن؟ مالىمىڭ نىم دېدى ئۆيگە ئۇرغۇيچە كىتاپ دېگەننى يوللاتماڭ دېدىغۇ
!
ــ ئاپا ئاۋۇ كىتاپنى ئېپ بېرە!ـ ئەمدىلا بەش-ئالتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئوماقىنە بىر قىز قولىنى كىتاپ جازىسىدىكى «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» دېگەن كىتاپقا ئۇزىتىشىغا ئانىسى ئۇنىڭ قولىغا شاققىدە بىرنى قويۇپ
:
ــ بولمايدۇ! ئۇنىڭغا قارىما. لاۋشىرىڭ نىمە دېدى، ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ مەن ساڭا باشقا كىتاپ ئېپ بېرىمەن. ئۇنى ئوقۇغاننىڭ ئون تىينلىق پايدىسى يوق
!
چاچلىرىنى ئالا-چىپار بويىۋالغان، دۈمبىسى ئوچۇق كوپتا، تېقىمى ئوچۇق يوپكا كىيىۋالغان ياش ئانا قورقۇنۇچلۇق بىر مەخلۇققا يوللۇقاندەك ئەندىكىپ، بالنى سۆرىگىنىچە كىتاپخاىنىدىن چىقىپ كەتتى

ئىنتايىن ئاددىي كاللا بىلەن تەپەككۈر قىلىدىغان، باشقىلار چىىچپ بېرىپ «پوقۇمنى يە» دېسە، ئىككىلەنمەي يەيدىغان، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان، ھەتتا ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى تۈزۈك دىيەلمەيدىغان بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار باشقىلارنىڭ تۇمشىقىدىن يېتىلىشىگە بويسۇنۇپ ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەچكىمۇ، كىتاپ ئوقۇپ بىلىم ئىگەللەشنمىۇ پايدا-مەنپەئەت بىلەن ئۆلچەيدىغان بولىۋالغان

دەرۋەقە، ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس!!! ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئەقىل-پارسەتلىك ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەكتەپ بولمىغان، تېلىۋىزور بولمىغان، تور بولمىغان ئەشۇ يىللاردا ھېكايە-چۆچەكلىرى ئارقىلىق بىزگە ئادەم بولۇش يولنى ئۆگەتمىگەن بولار ئىدى. تەبىئەتنىڭ سىرلىق كارامەتلىرىنى چۈشەندۈرمەس بولار ئىدى…بۈگۈنكى كۈندە ھەم پارتىيمىز، ھۆكىمىتىمز مىللى خاسلىقنى، مىللى ئەنئەنىنى ئەكىس ئەتتۈرۈرگۈچى سەنئەت شەكلى بولغان ئانا تىل ئوقۇتۇشىمىزغا بۇنچىۋالا كۆڭۈل بۆلمەس ئىدى

مەملىكەت بويىچە، جۇڭگۇ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ۋە رەسمىي تۈر سۈپىتىىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 20 تېما ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلەيدىغان بىردىنبىر تېما سۈپىتىدە، «تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۈستىدە تەتقىقات» تېمىسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۈچ يىل ئىشلەيدىغان تەتقىقات خىزمىتىنىڭ رايۇنىمىز تەۋەسىدە رەسمىي يولغا قويۇلىشى يۇقارقى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى ئەلۋەتتە. 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 1-، 2-، 3-كۈنلىرىدىكى باسقۇچلۇق خىزمەت خۇلاسە يىغىنىدا جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىدىن كەلگەن سۈيلىئەن دېگەن مۇتەخەسىسنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىمىزغا، ئۈچ يىللىق خىزمەتلىرىمىزگە ئالاھىدە يۇقىرى باھا بېرىشى يۇقارقى سۆزىمىزنىڭ تېخمۇ جانلىق دەلىلى ئەلۋەتتە

ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ قىسمەن كىشىلىرىمىز تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى كۆزگە ئىلمايدۇ؟

2006-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، ناھىيەمىزدە سناق قىلىنىۋاتقان «باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۈستىدە تەتقىقات» تېمىسىنى ئىشلەش جەريانىدا بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىمكى، بىزنىڭ بىر قسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز ۋە شۇلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ يىغىنلاردا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىسىڭىز، يازغان خەتلىرىنى كۆرسىڭىز ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق زامانىۋى مەدەنىيەتلىك دەۋردىمۇ قانداقلارچە شۇ ئورۇنغا چىقىپ قالغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيسىز
!!
مېنىڭچە بۇنداق كىشىلەرنىڭ بىلىمسىزلىكى، ساپاسىزلىقى باشقا كەسىپ، باشقا ساھەلەردە ئانچە چېنىپ كەتمىگىنى بىلەن، سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرى بىلەن مائارىپ سېستىمىسدا بەك سەت چانىدىكەن، ھەم بۇ ساھەگە ھەرگىز سەل قارىغىلىمۇ بولمايدۇ!! چۈنكى بۇ ئىككى مۇقەددەس كەسىپنىڭ بىرى، ئادەمنىڭ جىسمىنى پەرۋىش قىلسا ۋە قۇتۇلدۇرسا، يەنە بىرى ئادەمنىڭ روھىنى پەرۋىش قىلىدۇ ۋە داۋالايدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى كەسىپكە چوقۇم كەسىپكە پۇختا، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، مىللەت، ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىتيىنى تولۇق ئادا قىلالايدىغان ۋىجدانلىق كىشىلەرنى باش قىلىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ يېنىكلىك قىلماسلىق لازىم. ئەمما ئۆزۈمگە تونۇش بولغان قىسمەن مەكتەپلەرگە قاراپ باقسام، قىسىمەن مەكتەپلەردىكى ئەھۋال ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ موھىم پاكىتلىرىدىن بىرى شۇكى، بۇ مەكتەپلەر ئىشىكنى چىڭ تاقاپ، مەكتەپ باشقۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاچقا، بالىلارنى ھەتتا تەنەپۇسقا چىقىشقىمۇ يول قويمىغان. تۆۋەن يىللىقنىڭ بالىلىرى ئىشتانلىرىغا سىيۋەتسىمۇ بولدى قىلمىغان. ئالتىنىچى يىللىقنىڭ بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىسى ئىشتنغا سىيىۋېتىپ ھۆل ئىشتان بىلەن ئۆيگە بېرىشتىن ئۇيالغانمۇ ۋە ياكى باشقىچە غەرىزى بارمۇ ئىش قىلىپ، سىنىپنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ھاجەتخاىندا سىيگەندەك سىيىگەن. بۇنى كۆرگەن مەكتەپ مۇدىرى بالنى ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ بولىشىغا دۇمبالىغان
.
بالىلار مەكتەپنىڭ بىر چىرايلىق كەڭرى كەتكەن چىملىق مەيدانلىرىغا قاراپ، ئاغزىنى چاكىلداتقىنىچە، باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن. بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق بىر پارچە ماقالە يازغان
:
«بىزنىڭ مەكتەپ تولىمۇ چىرايلىق، پۈتۈن ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، كەڭرى كەتكەن ياپ-يېشىل مەيدانلىرى بار. ئەمما بىز بىرەر قېتىممۇ بۇ مەيدانلادا توپ تېپىپ باقمىدۇق، كىتاپخانىلارغا كىرىپ كىتاپ ئوقۇپ باقمىدۇق، كومپۇيوتېرلانى ئەركىن-ئازادە تۇتۇپ باقمىدۇق. ئاددىسى تەنەپۇسلاردا قاتىىقراقمۇ ئاۋاز چقىرىپ باقمىدۇق. قىزىق يېرى ھاجەتخاىنىغىمۇ ئوقۇتقۇچىلار يالاپ ئېپ چىقىدىغان بولىۋالدى. بۇنىمۇ مەكتەپ دېگىلى بولامدۇ؟
!…»
يەنە بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق يازغان
:
ــ بۈگۈن مەن تۇنجى قارنىڭ خاسىيىتىدىن خوش بولۇپ، دوستلىرىم بىلەن مەكتەپنىڭ مەيدانىدا قار ئېتىشىپ ئويناپ خوشلىقتىن بېشىم كۆككە يەتكەن ئىدى. ئەمما تۇيۇقسىز پەيدا بولغان مەكتەپ مۇدىرى قۇڭامغا بىرنى تېپىپ، مېنى يەرگە يىقىتىۋەتتى ۋە يەنە بولدى قىلماي ئۇرۇپ-تېپىپ، ئاغزى-بۇرنۇمنى قان قىلىۋەتتى. خەپ چوڭ بولىۋالدىغان بولسام، بۇنداق ئىپلاس مۇناپىقنى ئايىقىمدا ئۆمىلەتمىسەم ھېساپ ئەمەس
!…»
دەرۋەقە بۇ ئوقۇغۇچى ھەقىقى گەپنى قىلغان. ئامما بىچارە ئەدەببيات ئوقۇتقۇچىسى بالانىڭ چوڭىغا قالغان. مەكتەپ مۇدىرى كارنىيى يىرتىلغۇدەك سەت ئاۋاز بىلەن
:
ــ مەن دېمىدىمۇ، گەپنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئەدىبىيات دېگەن نىمىدىن چىقىدۇ! بۇ ئوچۇقلا مەكتەپ تۈزىمى بىلەن قارشىلاشقانلىققۇ؟! ئاۋۇ ماقالە دەرسى دېگەننى سېتكىدىن دەرھال يوقىتىڭ! بۇ گۇينىڭ باللىرىنىڭ ماقالە يازغىنى بىر كۆرەي
!!
ــ مېنىڭچە ئاۋۇ x مۇئەللىمنمۇ جازالاش كېرەك. ھەممە گەپ شۇنىڭدا
!
ــ سىنىپ مۇدىرلىق پۇلىسىنى بەرمەسلىك كېرەك
!
ـــ 13-ئايلىق پۇلىنى تۇتۇپ قلېىش كېرەك
!
ـــ ئىلغار خىزمەتچى، مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى قىلماسلىق كېرەك
!
ـــ دەرس تەقسىم قىلماسلىق كېرەك
!
ــ بولدى، بولدى، دەرس تەقسىم قىماي بولمايدۇ. ئۇ خەققە چېقىلغىلى بولمايدۇ. ھەممە يەردە باشلىق ئاكىلىرى بار. ئەڭ ياخشىسى باغۇ، 1-يىللىقنىڭ ئىلىپبەسىنى بېرىپ، ئەدىۋىنى بېرىش كېرەك
!!
ۇنداق مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئۇنىڭ قولچوماقلىرىغا نىمە دېگۈلۈك؟! ھاجەتخانىغىمۇ ئەركىن-ئازادە چىقالمايدىغان، بالىلىق ھەۋەسلىرىگە، شاۋقۇن-سۈرەنلىك مەكتەپ تۇرمۇشىغا پەقەتلا قېنىپ باقمىغان، ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنمۇ ئېيتالمايدىغان بىچارە بالىلارغا نىمە دېگۈلۈك؟! پاك، يۇمران قەلبىگە ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان غەزەپ ئوتلىرى تۇتاشقان سەبىيلەرگە نىمە دېگۈلۈك؟
!
قارىغاندا بۇنداق مەكتەپ مۇدىرلىرى ئاغزىدا شەھەر ئالغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە، ئۆزى دەسسەپ تۇرغان بۇ خاسىيەتلىك ماكاننىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىدەك ئاددىي ھەقىقەتنىمۇ بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ… پارتىيە ۋە ھۆكىمەتنىڭ مائارىپقا ئائىت پروگىراممىلىرىدىنمۇ خەۋەرسىزدەك قىلىدۇ. باشقىسنى قويۇپ تۇرۇپ، «جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پروگىراممىسى» نىڭ7-ماددىسىىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى: پروگرىممىدا، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق، پەن-مەدەنىيىەت، ئەمگەك-ماھارىتى ۋە جىسمانىي، پىسخىك ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت»دەپ ئوچۇق كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئادىمىيلىك تەربىيىسىنى كىچىكىدىن باشلاش ناھاىيىتى زۆرۈر بولۇپ، بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت تىل-ئەدەبىياتقا ئوخشاش تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، بالىلار تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسىمى بولغان گۇمانتار پەنلەرلا تولۇق چىقالايدۇ. چۈنكى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ خاس خارەكتىرى، نىشانى ۋە ماھىيىتىگە قارىغاندا، ئۇنىڭدا «ئىنسانىيەت تۇرمۇشى، مەدەنىيىتى ۋە كۆپ خىللىقى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا ئادەمنى ھۆرمەتلەش، كونكىرىت ئادەمنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ كۆپ خىللىقىنى ھۆرمەتلەش» تەك مەزمۇن ۋە «ئادەمسىز» مائارىپتىن، «ئادەم ئۈچۈن» مائارىپقا ئۆتۈشنى ئاساسىي نىشان قىلغان ھازىرقى زامان مائارىپ قارىشى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق، پەن-مەدەنىيىەت، ئەمگەك-ماھارىتى ۋە جىسمانىي، پىسخىك ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتتە، باشقا پەن دەرسلىرى ئوينىيالمايدىغان ئۆزگىچە رول بار. بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان ئادەمنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى كۆزگە ئىلمىغىنى بىر تەرەپتىن، يۇقارقىدەك زامانىۋى مائارىپ ئىدىيىسى ۋە مائارىپ قارىشىدىن بىخەۋەر ھالدا ئاللىبۇرۇن كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىلىمى بىلەن مەكتەپ باشقۇرىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەنلىكى، تەربىيە ئوبىكىتىنى قىلچە چۈشەنمىگىنى، ئۆز مىللى مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋلاتلارنى دەۋرگە مۇناسىپ ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەش جەھەتتىكى ئۆزگىچە رولىنى قىلچە بىلمەيدىغانلىقىدەك بىر قاتار ئاجىزلىقلىرىنى ئاشكارىلاپلا قالماي بەلكى موھىمى، ئۇنىڭدا مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىسىدىن ئەسەرمۇ يوقلىقىنى ناھايىتى روشەن ئاشكارلاپ بېرىدۇ. خالاس

شۇڭا خاتىمە ئورنىدا تەكىتلەيدىغىنىم، «قۇشقاچنىمۇ قاسساپ سويسۇن». مەكتەپلىرىمىز مەكتەپكە، مۇدىرلىرىمىز مەكتەپ مۇدىرغا ئوخشىسۇن. بالىلىرىمىز بالىلىقىغا قانسۇن. تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بالىلارغا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىش رولىدىن مەھرۇم قالمىسۇن! ئانا تىلنى سۆيەيلى، ئانا تىلنى سۆيگەنلىك ئۆزىمىزنى سۆيگەنلىك
!!… 
   << «ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش تەتقىقاتى»دىن ئانا تىل ئوقۇتىشمىزغا نەزەر>>
  ناملىق كىتاپتىن  

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-23, 13:02
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-02-23 12:26 |
sebir
بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3266
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 322
شۆھرەت: 1826 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1834 سوم
تۆھپە: 1067 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1081 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 665(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توۋا، مائارىپ ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىق مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەنمىدۇ ئەمدى؟! ئەجەپ ئىچىمنى ئاچچىق قىلىۋالدىما.
lutun
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-23 19:33 |
www.kuznak.com
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5696
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 106
شۆھرەت: 551 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 558 سوم
تۆھپە: 329 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 331 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي  ئانا تىل  ھەي  ئانا تىل !


http://www.kuznak.com/
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-23 21:14 |
hakyol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6024
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دېگىنىڭىز دۇرۇس، «سەبىرى قېرىندىشىم»، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى، ئەۋلاتلار تەقدىرىنى يارتىدىغان  بىزنىڭ بۇ ئۇلۇق، مۇقەددەس كەسىپ ئىچىدە، ئەنە شۇنداق قالايمىقانچلىق، ناھەقچلىك، بولۇمسىزلىق، لايىغەزەللىك ھېلىھەم مەۋجۇت...
چۈنكى ئەسلىدىنلا يەتكۈچە ئىللەت ساقلنىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى «قوش تىل ئوقۇتۇش» نى  ھەقىقي مەنىسى بىلەن توغرا چۈشەنمىگەن بىر قىسىم، كاللىسى ناھاييىتى ئاددىي، ھاماقەت، گىرى   كىشىلەرنىڭ قولىغا قېلىپ، ئادەمنىڭ ئىچى سېرلىغۇدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانتى.
بەختىمىزگە پارتىيە-ھۆكۈمەت «قوش تىل ئوقۇتۇش» نى يولغا قويۇشتا ئانا تىل ئوقۇتۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى پەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشنىڭ خاتالقى ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمە بېرىپ، ئانا تىل ئوقۇتىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بولمىسا ماقالىدا تىلغا ئېلنىغان ئاتالمىش «داڭلىق مەكتەپ مۇدىرىلىرى»  يەنە نىمە ئىشلانى قىلار بولغىيتىى؟ 
 ئەنە شۇنداق باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانىتى ئاستىغا كىرىۋېلىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت، خەلق بەگەن ئىش ھەققىنى ھارام ئېلىۋاتقان بىر قىسىم  ھارامتاماقلار ئۆزلىرىنىڭ مەينەت ئايىقى بىلەن  بۇ مۇقەددەس كەسپنى يەنە قانچلىك پېتىغدار بولغىيتى؟..


  
[ بۇ يازمىنىhakyolدە2012-02-24 11:11قايتا تەھرىرلىد ]
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-24 10:54 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1525
شۆھرەت: 8190 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 8250 سوم
تۆھپە: 4826 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4834 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2391(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ مەكتەپ مۇدىرىىنىڭ مېزى چۇۋىلىپ كەتتى ،  مائارىپنى تۇزەشتە ئالدى بىلەن ئىشنى مۇشۇنداق نوزىخۇڭ مەكتەپ مۇدىرىلىرىدىن باشلىسا بولغۇدەك ، ئېي داداڭدىن مىراس قالمىغاندىن كىيىن ئاچمامسەن ئاۋۇ پۇتبول مەيدانلرىىنى ،  مەكتەپ قىرائەتخانىسىنى ،  كومپىيوتورخانىنى ،   بۇ  قارا قۇرساق مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ زىۋانىنى دارغا ئاسسىمۇ ئازلىق قىلغۇدەك ، مەدىنيە ت ئنىقلابىدىكى پىرنىسىپلارنى ھازىرمۇ ئىشلىتىپ يۇرگەن كومشا مەكتەپ مۇدىرلىرى  ئسىىت خەلىق سىلەرگە ئىشنىپ بالللىرىنى جاپادا تاپقان  پۇللىرىنى تۇتقۇزسا ،خەقنىڭ بالسىنىڭ كۆتتىگە تىىپىپ باشقۇرامسەن ،


ئەمدى ئەدىبيات توغۇرسدا   مېنىڭچە ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى ئەدىبيات ئۆگۇنىدىغان گۇلزارلىقققا ، كۇتۇپخانىغا ئايلىنىشى كېرەك ئەدىبيات مەكتەپتىلار ئەمە س ئۆيدە جەميەتتە توردا ، ھەممە يەردە ئۆگۇنىۇلىىش كېرەك ، ئەدىبياتسىز ئۇيغۇرنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ، ئۇيغۇر چە سۆزلىيەلەيدۇ دەپلا پەخىرلنىش تېخى بالدۇر ، بالىڭىز چىن تۇمۇر باتۇرنى بىلەمدۇ ، خېمىر باتۇرنىچۇ ،  نۇزگۇمنىچۇ ، سالۇر قازاننىچۇ ، نەسىردىن ئەپەندىم ،موللا زەيدىن، ............... سەل چوڭراق بولغاندا پەيغەمبەر تارىخى تەرجىمھالى ، ئىسلامى ھىكايىلەر ............ مانا بۇلارنىڭ  ھەممىسىنى بۇرۇنقى ھەر بىرى ئەجداتلىرمىز بىلگەن ئىدى
، ئەلۋەتتە مەكتەپ ئەدىبيات  دەرىسلىگى ئاساس لېكىن  ئائىىلە ئەدىبيات تەربىيسىمۇ  ئۇيغۇرلارنىڭ  باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئەلۋەتتە
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-24 11:28 |
hakyol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6024
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يۈرىكىدىن چىقىرىپ سۆزلەيدىغان سىزدەك قېرىداشلىرىمدىن پەخىرلەندىم! راست ئۇنداق قاپاق كاللا ئاتالمىش مۇدىرلار ئۆزىنىڭ ئەل-جامائەت ئالدىدا قانچلىك كۈندە ئىكەنلكنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. ئۇلارنى باشقۇرىۋاتقان مائارىپ،مەمۇرى تارماقلىرى ئۇنداقلانى  بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس! قېنى قوينى كەڭ بۇ ئالەم بۇنداقلارغا قانچلىك راپاۋەت قىلىدىكىن...ئىككى قولىمىزدىن باشقا ھېچنەرسىمىزنى ئەكەتكىلى بولمايدىغان ئۇ ئالەمچۇ؟
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-24 18:45 |
karluk66
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى تېما ئىكەن...مەن تولۇق ئوقۇپ چىقتىم.
sarkar
مەن بىر ئۇيغۇر بالىسى...
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-04 23:02 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 548
شۆھرەت: 2755 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2765 سوم
تۆھپە: 1650 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1650 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 596(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نىمىمۇ دەي !!! ، نىمىمۇ دىيەلەي !!!  ئارىمىزدىكى ئاشۇنداق ئەقىل كۆزى قۇيۇلۇپ كەتكەن ، ۋىجدانىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ، غۇرۇرى يەنچىلىپ تۈگىگەن كۇشەندىلەر مائارىپ تارماقلىرىنى ئىگەللەپ ، ھەقىقى ئاقارتقۇچى ئۇستازلارغا ۋە سەبىي پەرزەنتلەرگە ھېچبىر ئاراملىق بولمىغان بۇگۇنكى كۇنلەرگە نىمىمۇ دەي؟؟؟؟!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!....

قەلبىمدىكى ئېغىر مۇسىبەتتىن ، پۇتۇن ۋۇجۇدۇم توختىماستىن تىترەپ ، كۆز-ياشلىرىم قۇرۇشقا باشلىدى....................
saltanat
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-05 13:46 |
nuzukum
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6152
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 20 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دۇرۇس، مائارىپتىن ئىبارەت ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىدىغان بۇ ئۇلۇق كەسىپكە چۈشكەن بۇ مىتىلەر مەكتەپنى ئەمەس، مەكتەپكە كېلىدىغان پۇلنى، ئوقۇتۇشنى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنى ئەمەس كۆتەمىچى، يالاقچى، چېقمىچىنى، قىسقىسى ئۆزىنىڭ تويماس نەپسىنى قاندۇررۇش يولىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ھارمتاماقلارنى ياخشى كۆرىدۇ...
«مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ» دېگەندەك، تۆت كۈنلۈك ھوقۇق ۋە  ھارام پۇل ئۈچۈن ئىككى ئالەم قان-قەرزگە بوغۇلۇپ، ياشاۋاتقان بۇ مېتىلەر ئەمدى بولىسمۇ، كۆزۈڭلارنى چوڭراق ئېچىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقىنى جايىدا ئىشلتىڭىلار، بولمىسا تۆت كۈندىن كېيىن جەمئىيەتتە پوقتەك سېسىيسىلەر!
sarkar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-05 17:01 |
nuzukum
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6152
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 20 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«قوش تىل مائارىپى » دىگەن ئۇقومنى چۈشەنمەيدىغان ، «مارىپنىڭ مەخسىدى»نى چۈشەنمەيدىغان ، « ئوقوتقۇچىلارنىڭ ھالىغا يەتمەيدىغان » ، « كاللىسى ھىيلە-مىكىر ،شۇملوق بىلەن توشۇپ كەتكەن »، « دەرىسىخانا ئوقۇتۇشى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇشنى قانونلاشتۇرۇش ،ئىلمىيلاشتۇرۇشنى قۇروق شۇئارغا ئايلاندۇرۇپ قويغان »،  «مائارىپنىڭ ئۆزىنى ئەمەس پۇلىنى سۆيىدىغان» ، «پارتىيە-ھۆكۈمەت ئوقوغۇچىلارغا بەرگەن ( ئوقۇش ياردەم پۇلى) ، ( تاماق ياردەم پۇلى )........قاتارلىقلارنى « (پارتىيە-ھۆمەتكە يۈزكىلەلىگۈدەك ياخشى ئىشلەش ) ، (مىللىتىمىز نىڭ پەرزەنىتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ) ،( مائاشنى ھالاللاپ ئىلىش ) دىگەندەك چىرايلىق سۆزلەرگە  زاكۇسكا قىلىپ (يېيىش ،ئىچىش ،ئويناش ،مال -دۇنيا يىغىشتىن باشقا نەرسىنى ئويلىمايدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرى) » نى مائارىپ سېستىمىسىدىن تازلىۋىتىش كىرەك
.http://www.tawpek.com/bbs/read.php?tid=4774
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-06 10:12 |
dengiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6157
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 45 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 45 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توغرا دەيسىز ."قوش تىل "ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇپ بولغىچە يۇقۇردىكى باشلىقلارغا ئۆزىنى بىلىملىك ، ئىقتىدارلىق ،ئالدىن كۆرەر قىلىپ كۆرسۈتۈشكە ئالدىراپ كەتكەن مەكتەپ مۇدىرلىرى قارىغۇلارچە "قوش تىل"ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ "ئانا تىل"نىڭ ھۆددىسىن ئاران چىقىۋاتقان بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنى ، مەكتەپ يىشىغا توشۇپ ،مەكتەپكە ئەمدىلا قەدەم باسقان ئوقۇغۇچىلارنى تەتۈر قىيناپ "قوش تىل"نى يولغا قويدى ."قوش تىل"سىنىپلىرىدا ئۇيغۇرچە سۆزلەش مەنئى قىلىندى .توغرا تىل ئۈگۈنىش مۇھىم . بىراق ئۆزىنىڭ تىلىنى بىلمەي تۇرۇپ باشقا تىلنى قانداق ئۈگۈنىدۇ ؟
 
پارتىيە ھۆكۈمەتكە چەكسىز شۈكرى ."قوش تىل "نى يولغا قويۇشتا "ئانا تىل"نى ئاساس قىلىش ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمە بىرىپ "ئانا تىل "ئوقۇتۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى .
بولمىسا بىزنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىمىز .............................
دېڭىز
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-06 22:06 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » كومپىيوتورئۇچۇرلىرى