قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى .
قارىمنىڭ ئۆيى قىز- ئوغۇل ، كېلىن -كۈيئوغۇللار بىلەن تولۇپ ئەنئەنىۋى ھېيت كۆركىنى تېخىمۇ ئىنىق كۆككە كۆتۈرۈۋەتتى ، ئۇلار كۈلكە -چاقچاق ،كۆڭۈللۈك سۆھبەت بىلەن مۇڭدىشىپ قارىمنىڭ تۇغقان قېرىنداشلىرىدىن بىرىنىڭ تەكلىپ قىلىپ كېلىشى بىلەن پەتىلەپ شۇ ئۆيگە بېرىشتى ، ھېيت نېمەتلىرى بىلەن مېھمان بولۇۋاتقان قىزغىن كەيپىيات ئارىلىقىدا ئىككىنچى كۈيئوغۇل قىزىنى قۇچاغلاپ كۆتۈرگەنچە كىرىپ كەلدى . ئۇ بالىنى ئايلاندۇرۇپ كىرىي دەپ چىقىپ كەتكىلى خېلى بولۇپ قالغان ئىدى ، ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىشى بىلەن تەڭ ئۆيگە قاڭسىق ھاراق ھىدىمۇ گۈپپىدە سىڭىپ كىرىپ ئىسسىق ، ئازادە ئۆينى بىر ئالدى ، قارىم ھەدە - ئاكىلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان قىزىنىڭ پەرۋاسىز ئىپادىسىگە ، قىزى بىلەن ئېرىنى چاقىرىپ يېنىدىن ئورۇن بېرىشلىرىگە قاراپ ھۇمىيىپ قولىدىكى تېخى يېيىلىپ بولۇنمىغان سۆڭەكنى دوققىدە پەتنوسقا تاشلاپ قويۇپ چوڭ كۈيئوغۇلغا قاراپ :
_ قېنى ، قۇربانجان بالام ، قىرائەت قىلىۋەتسىلە ،_ دېدى ، نېمىش بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن چوڭ كۈيئوغۇل بىر قېيىنئاتىسىغا ، بىر قولىدىكى چالا سۆڭەككە قاراپ كېتىپ ، ئاستا ئەدەب بىلەن قويۇپ ، يۈكۈنۈپ تولىمۇ مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن دۇئاغا قول كۆتۈردى .
_ ئادەم دېگەن بۇ دۇنيادا ياشىدىم دەپلا ياشىسا بولمايدۇ ،_ دېدى قارىم قاپىقىنى ئاچماي ئالدىغا قارىۋېلىپ ،_ ئاخىرەتلىكىمىزنى ، ئۇ دۇنيالىقىمىزنى ئويلىشىمىز كېرەك ، بىز موسۇلمانلارغا ئۇ دۇنيادا ھاراق - شاراپ ئەمەس ، ئىمان ، ئىخلاس لازىم ،_ پەرزەنتلەر ، تۇغقانلار قارىمنىڭ كىمنى دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ بىر -بىرىگە قارىشىپ قويۇشۇپ بىر نېمە دېيىشمىدى ، كىچىك كۈيئوغۇلمۇ بىر نېمە دېمىگەن بولسىمۇ قىزىرىپ قالغان يۈزلىرى لەپپىدە بەكرەك قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى ، چوڭ كۈيئوغۇل بولسا مەغرورغىنا كېرىلىپ قويۇۋاتاتتى ...
ئارىدىن ئىككى قۇربان ھېيت ئۆتۈپ كەتتى ، قارىم چوڭ كۈيئوغۇل كەلمىگۈچە مال بۇزمايدىغان ئادىتى بىلەن ئىككىلا قۇربان ھېيتنى قازا قىلىپ قويغىلى تاسلا قالدى ، چۈنكى بۇ ئوغۇل چوڭ سودىگەر بولۇپ ، ھەر قۇربان ھېيتتا << ئالاھىدە ئالدىراش >> بولۇپ كېتەتتى ، كىچىك كۈيئوغۇل بولسا ھالى ئادەتتىكىچە ئىدى ، لېكىن ھەر ھېيتتا قارىم ئاتىسىغا بىرەر مال ئېلىپ كېلىشىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايتتى ، ئۈچىنىچى قۇربان ھېيت تېخى كەلمىگەن چاغ ئىدى ، بىر كېچىسى قارىمنىڭ ئوڭ بىقىن قوسىقى ئاغرىپ ھۆ قىلىپ زادى چىدىيالماي كىچىك قىزى بىلەن بىر ماشىنىنى كىرا قىلىپ شەھەرلىك دوختۇرخانىغا كېلىشتى ، قىز دادىسىنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ شەھەر ئەتراپىدىكى ئاچىلىرىغا خەۋەر قىلدى ، كۈيئوغۇل ، قىزلار شۇ كەچتە يېتىپ كېلىشتى . ئوغۇللار تولىمۇ يىراق شەھەردە ئىدى ، ئۇلارغا خەۋەر قىلىشقا ئۈلگۈرمەيتتى . ياتاق پۇلى ئۈچۈن ئالدىن مىڭ كوي پۇل قويۇلاتتى ، قارىمنىڭ پۇلى ئارانلا شۇنىڭغا يەتكەن ئىدى .
_ جىددى خاراكتىرلىك سوقۇر ئۈچەي بولغانىكەن ،_ دېدى دوختۇر ئۇلار كىرگەندە ،_ ئەسلىدىنلا قان ئازلىق كېسىلى باركەنتۇق ، ئوپراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ ، قان پونكىتىغا بېرىپ قان ئەپكەلمىسەڭلەر ئوپراتسىيە قىلالمايمىز ، ئوپراتسىيىگە كىرىشتىن ئاۋۋال ئىككى مىڭ يۈەن تاپشۇرۇڭلار ،_ ھەممەيلەن بىر - بىرىگە نېمە قىلىش كېرەك دېگەندەك قارىشىپ قويۇشتى .
_ ئىككى يۈز گىرام قان سەككىز يۈز كوي ،_ دېدى چوڭ كۈيئوغۇل زۇۋان سۈرۈپ غۇدىرىغاندەك ،_ دوختۇر تۆت يۈز گىرام زاپاس قان ئەپكېلىڭلار دەيدۇ ، ئەستا ، پۇلنىڭ ئورنى بارتى ،
_ ئاچا ، ئۇنچىلىك پۇل سىلەر ئۈچۈن تىرناقنىڭ كىرىغۇ ، دادام ساقىيىپ كەتسە قايتۇرىدۇ ،_ دېدى كىچىك قىز قىينىلىپ .
_ قايتۇرۇشنى قايتۇرىدۇ ، يامان يېرى مەن ئەتىگە دىگۋارلىشىپ قويغان سودا بار ئەمەسمۇ ،_ دېدى چوڭ كۈيئوغۇل گۆشىيىپ ئولتۇرۇپ .
_ تولا گەپ ساتماي ئۆيگە بېرىپ ھېلىقى پۇلنى ئېلىپ قان پونكىتىغا بېرىپ ئىككى يۈز گىرام قان ئەپكەل ، قالغان قاننى مەن بېرەي ،_ دېدى كىچىك كۈيئوغۇل گەپنى ئۈزۈپ . ئۇنىڭ قىزى ئۆتكەن يىلى ئاغرىپ كېتىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى قان تەكشۈرتۈپ قىزغا قان بېرىش توغرا كەلگەندىمۇ قارىم ، ئىككى كۈيئوغۇل بىلەن ئەڭ كىچىك قىزىنىڭقېنى توغرا كەلگەن ئىدى ، شۇ چاغدىمۇ كىچىك كۈيئوغۇل قاننى ئۆزى بەرگەن ھەم بىر دوستىدىن بەش مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئىدى ، بىر يىل جاپالىق تىرىشش بەدىلىگە ئۇ پۇلنى مىڭ تەستە توشقۇزغان ئىدى . ئايال يىغلامسىرىغان ھالدا كارىدوردىن چىقىپ كەتتى ، كىچىك كۈيئوغۇلمۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ رەسىميەت ئىشخانىسىغا ئاندىن قان ئېلىش بۆلىمىگە قاراپ كەتتى ، شۇ چاغدىمۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن سۇس ھاراقنىڭ ھىدى كەلگەندەك تۇراتتى ...
مەنبە : قەلىمىم
2012-يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى يېزىلدى