saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1790 قېتىم كۆرۈلدى
qutiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5941
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 220 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 117 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 117 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بۆرىكى يوق قىمارۋاز(ھېكايە)

بۆرىكى يوق قىمارۋاز
(ھېكايە)
 
     دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم.
ــ نېمە كىسەل دېدىڭىز؟ـــدەپ سورىدىم مەن ئۇلاپلا.
ــ بىلىمەن ، بۇنداق كىسەلنى قوبۇل قىلىش ھەقىقەتەن تەس،ئەمما باشقا ئامالمۇ يوق ئەمەس،مۇھىمى
بىز ھەدىڭىزگە ماس كىلىدىغان بۆرەكتىن بىرنى تاپساق بولاتتى،لېكىن دوختۇرخانىمىزدا بۆرەك پەقەت
قالمىدى، يامان يىرى سىزنىڭمۇ ماس كەلمەيدىكەن،بىز بايا بۇئىشنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق   دوختۇرخانىغا ئىنكاس قىلدۇق،ئۇلار ئىزدەپ باقىدىغان بولدى،سۇڭا سىزمۇ بەك ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتمەڭ .ـــ  دوختۇر گېپىنى دېگەچ دولامغا يەڭگىل ئۇرۇپ قويۇپ كىتىپ قالدى.مەن بىشىمدىن بىر چىلەك سۇ قۇيۇلغاندەك شۈكلەپ قالدىم.كۆڭلۈم بولسا بىرخىل تەشۋىش ۋە ئەنسىزچىلىككە تولغان بولۇپ،كاللاممۇ قۇرۇقلا بولۇپ
 قالغان ئىدى.
مەن جانسىز قەدەملىرىم بىلەن كىسەلخانىغا كىردىم.ئەسلىي 8كىشىلىك بۇ كىسەلخانا يەنە يىڭىدىن تۆت بىمارنى كۈتىۋالغان بولۇپ،بىر خىل تىنجىق كەيپىيات ۋە غەلىتە پۇراقلار كىشىنىڭ ئىچىنى سىقىپ      قوياتتى.ئاچام چەتتىكى كارۋاتتا رەڭگى تاتىراڭغۇ ھالدا ياتاتتى.ماڭا ئۇنىڭ چىرايى دوختۇرخانىغا    يىڭى ئىلىپ كىلىنگەندىنمۇ تاتىراڭغۇ كۆرۈندى.سول قولىغا ئىسىلغان ئاسما ئوكۇل بىر رېتىمدا تامشىپ  چاشىۋاتقان ئىدى.مەن ئاچامنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم ،ئاچام كۆزىنى ئىچىپ ئازراق مىدىرلىغاچ:
ــ دوختۇر نېمە دەيدۇ؟ــ دەپ سورىدى.مەن ئاچامنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئاللىبۇرۇن
كۆڭلۈمدە تەييارلىق قىلىۋالغان ئىدىم.
ــ شۇ ، ئازراق ماغدۇرىدىن كىتىپتۇ ،ئوبدان ئارام ئالسا ساقىيىدۇ .ــ دەيدۇ دېدىممەن چاندۇرماستىن.
راستىنى ئېيتقاندا مەن بۇ يالغان گېپىمنىڭ راست بولۇپ قىلىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلاتتىم.
ــ ئەنسىرەپ كەتمە،خاتىرجەم داۋالانغىن .ــ ئاچام گىپىمنى ئاڭلاپ تاتىراڭغۇ چىرايىغا زورىغا كۈلكە
يۈگۈرتتى،شۇ ئەسنادا خوشنا كارۋاتتىكى بىمارنىڭ قىزى ھەدە بۇنى يەپ بېقىڭ،دېگىنىچە بىر تال بانان
سۇندى،مەن دەرھال باناننى قولۇمغا ئالدىمدە رەھمىتمىنى بىلدۈردۈم.بۇ قىزچاق ئاچام بىلەن خېلىلا
چىقىشىپ قالغان بولۇپ،ئاچام تېخى ئۇقىزغا لاتا قونچاق ياساشنى ئۆگىتىپ قويۇشقا ۋەدە بەرگەنىدى.
مەن باناندىن كىچىك بىر پارچە ئوشتاپ ئاچامنىڭ ئاغزىغا تۇتتۇم،ئاچامنىڭ گەز باغلاپ كۆكۈرۈپ
كەتكەن لىۋى باناننى تەسلىكتە ئاغزىغا كىرگۈزدى.
     ئىيۇلنىڭ دېمىق ھاۋاسى كىشىنى راۋۇرۇس ھالسىراتقان بۇ كۈنلەردە،دوختۇرخانىمۇ كىشى چىدىغۇسـ
ـىز دەرجىدە ئىسسىپ كەتكەنىدى.مەن ئاچامغا تاماق ئەكىرەي دېگىنىمچە كىسەلخانىدىن ئايرىلدىم.
دوختۇر «ھەدىڭىزگە ئاسان ھەزىم بولىدىغان ،قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى يىگۈزۈڭ» دېگەچكە ئۈچ كۈندىن
بىرى بازار دوقمۇشىدىكى ئايىمگۈلدىن ئۈگرە ئىلىۋاتقان ئىدىم.بۈگۈن ئۈگرىدىن سىرت يەنە بۆرەك كاۋاپ
ئىلىش مەقسىتىدە ھەسەن كاۋاپچىنىڭ يايمىسىغا قاراپ ماڭدىم.ھەسەننىڭ كاۋاپلىرى ئۆزگىچە بولۇپ
ھەتتا ئۇنىڭ پۇللىرىمۇ مەززىلىك كاۋاپ ھىدى پۇرايتتى.
ــ ھە ، ھەسەنجان بۆرىكەڭلىدىن تۆت زىخ قويمامسىلەر.ــ ھەسەن مېنى كۆرۈپ كاۋاپلىرىنى يەلپۈگەچ:
ــ ھوي،ئىلىجان،بۈگۈن نېمە بۆرەك يىمەكچى بولۇپ قالدىڭلار؟بىرەر ۋەزىپە بارمۇ نېمە؟ــ دەپ
سورىدى.
ــ چاقچىقىڭلىنى قويۇڭلار ھەسەنجان، ئاچامنىڭ سەل مىجەزى يوق،شۇڭا ئىلىۋاتىمەن.
ــ ھە ، مۇنداق دەڭلار ،ئاچاڭلىغا نېمە بولدى؟ــ ئۇ شۇنداق دىيىشىگە خېرىدار پۇل تەڭلىدى.پۇل
قايتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولغان ھەسەن ئۆزىنى جاۋاپسىز قويغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالدى بولغان،يەنە سۆز
باشلىدى:
ــ ئاچاڭلىغا ئالساڭلا ،ئەمىسە ياخشىراق پۇشۇرۇپ بىرەي. ــ ئۇ شۇنداق دېگنىچە كاۋاپنى كۈچەپ يەلـ
ـپۈگىلى تۇردى.كاۋاپتىن چىققان كۆك ئىس ئەتراپقا تاراپ بىر خىل مەززىلىك پۇراق ھاسىل قىلدى.
ــ ھە ، مانا ئىلىڭلار، تازا ئوبدان پىشتى ــ دېدى ھەسەن كاۋاپنى نانغا سىيرىغاچ.مەن يانچۇقۇمنى
ئاختۇرۇپ تۇرىشىمغا ھەسەن قولۇمنى سىلكىپ:
ــ ھوي،ئىلىجان،نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر،تولا سەت ئىش قىلماي مانى ئىلىڭلار!ــ ھەسەن شۇنداق
دېگنىچە كاۋاپنى ماڭا تەڭلىدى.مەن ئەمدى سۆزلەي دەپ تۇرىشىمغا ئۇ يەنە سۆز ئىچىپ:
ــ مەن سىلىدىن پولۇ يىگەندە پۇل بەرگەنمىتىم،تىز ماۋۇنى ئېلىپ ئىسسقىدا ئاچاڭلىغا يىگۈزۈڭلار.ــ ئۇ
بۇ قېتىم كاۋاپنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.مەن رەھمەت ئېيتىپ دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدىم.كىسەلخانىـدا تېخىچە ھېلىقى دىماغنى ئىچىشتۇرىدىغان غەلىتە پۇراق بارئىدى.مەن ئاچامنى ئولتۇرغۇزۇپ تاماقنى
ئۇسسۇپ تۇرۇشۇمغا سېستىرا كىرىپ:
ــ سىزنى دوختۇر چاقىرىدۇ .ــ دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.مەن ئاچامغا تاماقنى تىز يىيىشنى جىكىلەپ
قويۇپ ئىشخانىغا قاراپ ماڭدىم.ئىشخانىغا چىققۇچە كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالغانىدى.
ــ دوختۇر ، مېنى چاقىرتىپتىكەنسىز .ــ دېدىم مەن ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇرغاچ.دوختۇر قولىدىكى
ماتىريالنى قويۇپ ماڭا قاراپ سۆز باشلىدى:
ــ مۇنداق ئىش،بايا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىدن خەۋەر كەلدى،ئۇلارمۇ ماس كىلىدىغان بۆرەكنى
تاپالماپتۇ،لېكىن بۇ ئامال يوق دېگەنلىك ئەمەس،ئۇلارمۇ بىزگە ئىزدىشپ بىرىدىغان بولدى.بىزنىڭ
ئەمدى قىلىدىغىنىمىز جەمىيەتتىن بۆرەك ئىئانە قىلغۇچى ياكى ساتقۇچىلارنى ئىزدەش.مەن ھېلىلا بۇ
ئىشنى تەشۋىقات بۆلۈمىگە ئېيتتىم،ئۇلار بۇنى جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە يەتكۈزىدۇ،ئەمما
سىزمۇ ھەرھالدا ئىقتىسادىي تەييارلىق كۆرگەچ تۇرۇڭ،قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى.ـــ دوختۇرنىڭ
سۆزىنى ئاڭلاپ مەڭدەپ ئولتۇرۇپ قالدىم.
ـــ قانچە پۇل بولسا يىتەر؟ـــ دېدىم مەن ئىسمنى يىغىپ.
ـــ مېنىڭچە 180مىڭ ئەتراپىدا بولسا يىتىدۇ . ـــ دوختۇر ماڭا قارىماستىنلا جاۋاپ بەردى،ئۇخۇددى
مەندىن كۆزىنى قاچۇرىۋاتقاندەك قىلاتتى.مەن ئىشخانىدن ئايرىلدىم ،كىسەلخانىغا بارغۇچە كارىدوردا
خېلى ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.
ــ 180مىڭ ،ئاھ ،خۇدا! بۇ مېنى قىينىغىنىڭ بولماي نېمە؟ـــ مەن ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلەيتتىم.كارىدوردا
قانچىلىك ئولتۇرغىنىم ئىسىمدە يوق،مەن جانسىز قەدەملىرىم بىلەن ئاچامنىڭ يىنىغا كىلىپ كارۋاتقا
بىشمنى قويدۇم.كىسەلخانىدىكىلەر ھەممىسى ئۇيقۇغا كەتتى بولغاي ھېچقانداق تىۋىش ئاڭلانمايتتى.
نۇرغۇن خىياللار مېنى ئۆزىگە باغلىۋالغان ئىدى.شۇ تەرىقىدە ئويلاپ يىتىپ تۇيۇقسىز بىر خىيال كاللامدـ
ـىن كىچىپ قالدى.مەن ئۇ ئويۇمنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويۇپ كۆزۈمنى يۇمدۇم.
     ئەتىسى مەن ئاچامغا ناشتىلىق بىرىپ بولۇپ دوختۇرخانىدىن ئايرىلىپ بانكىغا قاراپ ماڭدىم.مەن تەسلىكتە پۇللىرىمنى ئالدىم،بۇ پۇل ئاچام بىلەن ئىككىمىز مۇشۇ شەھەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن بىرى جاپا
تارتىپ تاپقان پۇل ئىدى.مەن پۇلنى يانچۇقۇمغا سالدىمدە ،توپ تارقىتىش بازىرىغا قاراپ ماڭدىم.بازارنـىنڭ ئارقا تەرىپىدە بىر قىمارخانا بارلىقى ئسىمدە ئىدى،شۇنداق مەن ھازىر قىمارخانىغا ماڭغان بولۇپ
بۇ خىيالنىڭ كاللامغا قانداق بولۇپ كىلىپ قالغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم.لېكىن مەندە ئاچامغا خىرا
جەت قىلىدىغان پۇلنىڭ ھەممىنى ئۇتىۋالىدىغاندەك ھېسىيات بارئىدى.مەن تەگسىز خىياللار ئىلىكىدە
قىمارخانىغا كەلدىم ھەمدە بىر توپ كىشىلەر يىغىلىشىۋالغان جايغا باردىم.شۇتاپتا بىر شىلەپىلىك ئادەم
بىلەن ئېڭىكىدە چوڭ مېڭى بار بىرەيلەن يەردە زوڭزۇيىشىپ ئولتۇرۇشقان ئىدى.
ــ كاساپەت!ـــ شىلەپىلىك كىشى شۇنداق دېگىنىچە بىر سىقىم پۇلنى ئېڭىكىدە مېڭى بار كىشىگە
بىرىپ قاقشىغىنىچە توپتىن ئايرىلىپ كىتىپ قالدى.مەڭلىك كىشى پۇلنى سانىغاچ:
ــ قېنى ، ئوينايدىغانلار بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.مەن ئىختىيارسىزلا :
ــ مەن ئوينايمەن !ــ دەپ ۋارقىرىپ تاشلىدىم.شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ
زوڭزىيۇپ ئولتۇرۇشتۇق.
ــ قانچىدىن ئوينايمىز؟ــ دەپ سورىدى مەڭلىك كىشى ھوشۇقنى قولىغا ئالغاچ.
ــ ئۈچ مىڭدىن ئوينايلى.ــ دېدىممەن تۆۋەن ئاۋازدا.
ــ بولىدۇ .ــ ئۇ شۇنداق دېگنىچە ھوشۇقنى ماڭا بەردى.مەن ھوشۇقنى ئىلىپ خۇددى قىمارۋازلاردەك
شەكىللەر بىلەن  يەرگە تاشلىدىم.
ــ سىياھ! سىياھ! ــ ئەتراپتىكىلەرۋارقىرىشىپ كەتتى.شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىمدا مەن ئۇتقان بولدۇم.
مەڭلىك كىشى قوينىدىن پۇلنى چىقىرىپ ساناپ ماڭا سۇندى ، مەن پۇلنى بىرقۇر سانىۋەتكەندىن
مەڭلىك كىشى مەندىن:
ــ ئەمدى قانچىدىن ئوينايمىز ، ئۇكا؟ــ دەپ سورىدى.تەلىيىمنىڭ يەنە كىلىشىگە تولۇق ئىشەنچىم
بولغاچقا مەن:
ــ 10مىڭدىن ئوينىمامدۇق دېدىم.ــ مەڭلىك كىشى ئويلانماستىنلا ماقۇل بولدى.شۇنىڭ بىلەن مەن
ھوشۇقنى قولۇمغا ئىلىپ قايتا يەرگە ئاتتىم.
ــ يەنە  سىياھكەنغۇ ، ئۇكا تەلىيىڭ باركەن جىمۇ!ــ ئەتراپتىكىلەردىن يەنە سادا چىقتى.شۇنىڭ بىلەن
بۇ قېتىم يەنە مەن ئۇتتۇم.كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى ،مەڭلىك كىشىنىڭ چىراي ئىپادىسىدە
قىلچىلىكمۇ قاقشاش ياكى زارلىنىش تۇيغۇسى يوق ئىدى.
ــ بۇ قېتىم 20مىڭدىنلا ئوينىمامدۇق ، ئاكا؟
ــ خېلى جۈرئىتىڭ باركەنغۇ ئۇكا ،بولىدۇ.ــ دېدى مەڭلىك كىشى پۇلنى ماڭا سۇنغاچ.
 مەن بۇقېتىممۇ ھوشۇقنى شۇنداق چىرايلىق ھالەتتە تاشلىدىم ،كۆڭلۈمدە يەنە ئۇتىدىغاندەك تۇيغۇ
بار ئىدى.ھوشۇقنى ئىتىپ بولۇپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم.ئەتراپتىكىلەرمۇ:
ــ چۇ....چۇكەنغۇ! ئاپلا!ــ دەپ ۋارقىراشتى.ھەئە ، بۇ قېتىم مەن ئۇتتۇرغان ئىدىم ، مۇزلاپ كەتكەن
قوللۇرۇم بىلەن 20مىڭنى ساناپ مەڭلىك كىشىگە سۇندۇم .مەڭلىك كىشنىڭ چىرايىدا ئەسلا خۇشاللىق  دىدارى يوق ئىدى.
ــ ئۇكا ، ئەمدى قانچىدىن ئوينايلى؟ــ دېدى مەڭلىك كىشى كۆزۈمگە تىكىلىپ.
ــ يەنە ئۈچ مىڭدىن ئوينايلى ــ مەن ئارانلا دىيەلىدىم.شۇ تاپتا پۈتۈن بەدىنىم مۇزلاپ كەتكەنىدى.
مەن ئەمدى ئۇتتۇرسام بولمايتى،ھازىر يىنىمدا بانكىدىن ئالغان 12مىڭ كويدىن 5مىڭىلا قالغان ئىدى.
مەڭلىك كىشى ھوشۇقنى ئادەتتىكىچىلا ھەركەتلەر بىلەن يەرگە ئاتتى.
ــ سىياھ ...سىياھكەن !ــ ئەتراپ يەنە قايناپ كەتتى. بارغانسىرى مۇزلاپ كىتىۋاتقان قوللۇرۇم
مەڭلىك كىشىگە يەنە بىر قېتىم پۇل سۇندى.ئەمدى مەندە پەقەت ئىككى مىڭ كويلا قالدى.مەن
ئۆزۈمنى ئاران تەستە رۇسلاپ ئورنۇمدىن تۇردۇم .مەڭلىك كىشىمۇ مەن بىلەن تەڭ ئورنىدن تۇرۇپ:
ــ ماقۇل ئەمىسە ، ئۇكا ــ دەپ چىقىش ئېغىزى تەرەپكە ماڭدى.مەن جانسىز قەدەملىرىمنى
سىيپاشتۇرۇپ قىمارخانىدىن چىقىپ كەتتىم .مەندىن ئىككى يۈز مېتىرچە يىراقلىقتا ھېلىقى مەڭلىك كىشى
چوڭ قەدەملەر بىلەن كىتىپ باراتتى.شۇ تاپتا مېنىڭ بىرىپلا مەڭلىك كىشىنىڭ بىشىغا تاش بىلەن ئۇرۇپ
قوينىدىكى پۇللارنى ئىلىپ قىچىپ كەتكۈم بارئىدى.ئەمما ئۇنداق قىلىشقا ئەسلا جۈرئىتىم يوق ئىدى.
     شۇنداق قىلىپ مەن زور مەغلۇبىيەت ئىچىدە دوختۇرخانىغا قايتىپ كەلدىم ،ئەمما كىسەلخانىغا
كىرمىدىم.مېنىڭ شۇ تاپتا ئاچامغا قارىغۇدەك يۈزۈم قالمىغان ئىدى.مەن يەنە نۇرغۇن خىياللارنى قىلىپ
دوختۇرخانا ئىچىدە لاغايلاپ يۈردۈم.ئۇدۇلدىن تونۇش بىر چىراي مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى.ئۇ كاۋاپچى
ھەسەنمۇ ئەمەس ،ئايىمگۈلمۇ ئەمەس ئىدى، ئۇدەل بايىقى مەڭلىك كىشى بولۇپ،ئالدىراش قەدەملىرى
بىلەن كىسەلخانا بىناسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.مېنىڭ ئۇنى كۆرۈپلا يەنە ئۆچلۈكۈم قوزغالدى.شۇ تاپتا
ھېچكىم كۆرمەسكە سىلىۋالسا مەن بىرىپلائۇنىڭ قوينىدىكى پۇللارنى ئېلىۋالسام»دەپ ئويلايتتىم ئىچىمد.
مەن بىرھازا تۇرغاندىن كېيىن «خەير»دەپ كىسەلخانىغا قاراپ ماڭدىم.ئەمدىلا ئاچام ياتقان قەۋەتنىڭ
كارىدورىغا چىقىشىمغا ئۇدۇلدىن كىلىۋاتقان سېستىرا:
ــ نەگە كەتتىڭىز؟ نەۋاخ سىزنى ئىزدىگىلى ،تىز ئوپراتسىيە ئۆيىگە بىرىڭ ،ئاچىڭىز ھازىر ئوپراتسىيە
ئۈستىدە .ـــ دېدى.مەن ئاڭقىرالماي سېستىرادىن سورىدىم:
ــ نېمە ئوپراتسىيە؟ خاتالاشمىغانسىز-ھە؟
ــ تولا ئەزمىڭىزنى ئەزمەي چاققان مېڭىڭ دەيمەن ،مۇشۇ بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىنكى قەۋىتىگە چىقسىڭىز
بولىدۇ.ـــ سېستىرا ۋارقىرىغان تەلەپپۇزدا سۆزلەپ كەتتى.مەن گاڭگىراش ئىچىدە ئۈستىنكى قەۋەتكە
قاراپ چاپتىم.قارىسام خوشنا كارۋاتتىكى بىمارنىڭ قىزى كارىدوردا يىغلامسىراپ ئولتۇرغۇدەك.
ــ ئاچىڭىز قېنى سىڭلىم؟ ئۇ قېنى؟ــ مەن ئالدىراشلىق ئىچىدە سورىدىم.
ــ ئاچامنى دوختۇرلار ئوپىياتسىيەگە ئەكىرىپ كەتتى.ــ قىز شۇنداق دېگىنىچە ئۇدۇلدىكى ئۆينى
قولى بىلەن كۆرسەتتى.مەن تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم ، كاللامدا بولسا نۇرغۇن خىياللار بارئىدى.
«ئەجىبا دوختۇرلار ،بۆرەك تاپقان ئوخشىمامدۇ؟ » دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.
ــ ئاكا ،ئاچام ماڭا لاتا قونچاق ياساشنى ئۆگىتىپ قويىمەن دېگەنتى...ــ دېدى قىزچاق يىغلامسىراپ
تۇرۇپ.
مەن قىزچاقنى قۇچۇقۇمدا ئولتۇرغۇزدۇمدە يىشىنى سۈررتكەچ:
ــ ئۇ چوقۇم سىزگە ئۆگىتىپ قويىدۇ سىڭلىم ،چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ ـــ دېدىم.ئارىدىن خېلى ۋاقىت
ئۆتكەندىن كېيىن ئۇدۇلدىكى ئىشك ئىچىلدى.مەن ئىسىمنى يىغىپ چاپسانلا ئورنۇمدىن تۇردۇم.
ئۆي ئىچىدن بىرقانچە دوختۇر چىقىپ كەلدى.
ــ دوختۇر ، دوختۇر ...ئاچامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ـــ مەن ئالدىراپ سورىدىم.
ــ ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى ، سىز يەنىلا بىمارغا بىر بۆرىكىنى تەقدىم قىلغان كىشىگە رەھمەت
ئېيتتىڭ.ــ دېدى دوختۇر ئوپراتسىيە ئۆيىنى كۆرسىتپ تۇرۇپ.دوختۇرنىڭ گېپى تۈگىشىگە سېستىرالار
بىر كارۋاتنى ئىتتىرىپ چىقتى .مەن ئىتىلىپ بىرىپ كارۋاتقا قارىدىم، ئاچام كارۋاتتا ياتاتتى.
ئارقىدىنلا يەنە بىر كارۋات ئىتتىرپ چىقىرىلدى ، مەن بۆلەكچە بىر خىل ھېسىيات ئىچىدە كېيىنكى
كارۋاتقا قارىدىم .كارۋات ئۈستىدە ناھايىتى تونۇش چىراي بىرسى ياتقان بولۇپ،ئېڭىكىدە چوڭ مېڭى
بار ئىدى.
 
 
 
 
ئاپتور: پەخىردىن ئوبۇلقاسىم
 
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-26, 19:27
گۆھەر ياتىدۇ سايدا ، تونۇمىسا نېمە پايدا...
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-02-26 18:08 |
sosun
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4484
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 135 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 145 سوم
تۆھپە: 80 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 80 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ دۇنيادا ھەرخىل ھەرياڭزا ئىشلار يۈز بېرىدۇ-ھە .
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-27 21:27 |
qutiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5941
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 220 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 117 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 117 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆپچىلىك ئىنكاسىڭلارنى يىزىپ قويساڭلار ، مەن تېخىمۇ تىرىشىمەن!
گۆھەر ياتىدۇ سايدا ، تونۇمىسا نېمە پايدا...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-27 21:28 |
rathum
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5982
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن كىمۇ بىلەمسەن دوستۇم؟ قېنى پەرەز قىلىپ تاپالىساڭ بۇندىن كېيىنكى يېزىقچىلىق بىلىملىرىنى ساڭا ھەقسىز تەمىنلەيمەن.  

قۇچۇش...
ئۇچۇش...


بۇ قاپىيىنى ياخشى ئىشلىتىسەن جۇمۇ...
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-27 21:39 |
qutiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5941
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 220 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 117 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 117 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 3 - قەۋەتتىكى rathumنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

سىز  كىم بولىسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
simfoniya
گۆھەر ياتىدۇ سايدا ، تونۇمىسا نېمە پايدا...
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-29 21:03 |
uyghurizlari
دىنىم ئىسلام ،مىللىتىم ئۇيغۇر.
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 324
شۆھرەت: 1728 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1745 سوم
تۆھپە: 1021 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1026 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 247(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى ئەسەركەن رەخمەت سىزگە ...بۇلسا داۋاملىق يوللاپتۇرۇڭ..
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-01 19:14 |
sebir
بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولۇرمۇ؟
دەرىجىسى : ئالىي باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3266
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 331
شۆھرەت: 1826 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1834 سوم
تۆھپە: 1067 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1081 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 665(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھېكايە تەپسىلاتى سەل چولتا بولۇپ قالدىمۇ ياكى مەن تازا چۈشىنەلمىدىممۇ؟
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-01 22:39 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تورداشلار ئىجادىيتى