راڭپىزىنىڭغۇ بەك بەدەنگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن .لېكىن ئىسسىغى داۋاملىق ئېشىپ
تۇرۇدىغانلار ياكى ئىشتىھاسىزلار ئايدا بىر ئىككى نۆۋەت يەپ بەرسە كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇرىدۇ .
لېكىن ھازىر ئاياللىرىمىزدا راڭپىزا قاتارلىق يەللىق يىمەكلىكلەرنى غازاڭدەك يەيدىغان ئەھۋال بار .ئولتۇرۇشقا بارسىمۇ راڭپىزا بالدۇر تۈگەيدۇ .تىجارەتچى ئاياللار نەچچە كۈندە بىر راڭپىزا
يەۋەلمىسا كۆڭلى ئۇنمايدۇ .لېكىن يەۋەتقان راڭپىزا تۇڭگانلارنىڭ تەبىئىتى ئۆتە سوغاق راڭپىزىسى.
ئەمدى ئۈزگۈل ۋە ئەتىرگۈل راڭپىزىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىمال قارىشى ۋە خىلىتىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەيدىكەن .بولۇپمۇ ئەتىرگۈل راڭپىزىسىنىڭ دۈكىنىغا بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن ئۆزى ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان نەق مەيداننى كۆرۈپ كەلدىم .لېكىن يېقىندا ئازراق سالامەتلىكىم ناچارلىشىپ قالغاچقا ئەتىرگۈل راڭپىزىسىدىن تېتىيالمىدىم .ئەنىۋەر قاپاق ئەپەندى ۋە ئۇرۇق
تۇققانلىرىنىڭ كۈچىشى ئاستىدا بۇ دۇكانمۇ بارغانسېرى ئاۋاتلىشىۋاتىدۇ .بىر كىرگەنلەر
يەنە كىرىۋاتىدۇ .ھەقىقى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش قىلىدىغان مىللى كارخانا روياپقا چىقسا ئۇنى چوقۇم قوللىشىمىز كىرەك .مەن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى پەملىدىم .ئىنشائاللاھ ياخشى تىلەكلىرىگە يەتكۈزگەي .
[ بۇ يازمىنىilimدە2012-02-28 23:48قايتا تەھرىرلىدى ]