saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 904 قېتىم كۆرۈلدى
ihwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 36
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 182
شۆھرەت: 1486 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1521 سوم
تۆھپە: 800 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 809 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 530(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قوشنىلارنىڭ ھەققى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا



- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »جىبرىئىل ماڭا قوشنىلارنىمۇ مىراسخور قىلىپ قويارمىكىن، دېگەن گۇمانغا كېلىپ قالغىدەك دەرىجىدە قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلاتتى«. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

2/304- ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: »ئى ئەبۇزەر! ئەگەر سەن شورپا قايناتساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىل ۋە قوشنىلىرىڭغا يەتكۈزگىن«. [مۇسلىمدىن]

يەنە بىر رىۋايەتتە: مېنىڭ دوستۇم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ماڭا تەۋسىيە قىلىپ: »ئەگەر شورپا قايناتساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىلغىن، ئاندىن قوشنىلىرىڭنىڭ ئۆيىگە قارا، ئۇلارغىمۇ ئۇ شورپىدىن يەتكۈزگىن« دېيىلگەن.

3/305 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »اللھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مۆمىن بولالمايدۇ، اللھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مۆمىن بولالمايدۇ، اللھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى مۆمىن بولالمايدۇ« دېدى، كىم ئى اللھ نىڭ پەيغەمبىرى؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »ئۇنىڭ يامان قىلىقلىرىدىن قوشنىلىرى خاتىرجەم بولالمىغان كىشى« دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: »يامان قىلىقلىرىدىن قوشنىلىرى خاتىرجەم بولالمىغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ «دېيىلگەن.

4/306 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »ئى مۇسۇلمان ئاياللار! قوشناڭلارغا قوينىڭ پاچىغىچىلىك نەرسىنى سۇنۇش بىلەن بولسىمۇ قوشنىدارچىلىق قىلىشىنى كىچىك سانىماڭلار«. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

5/307 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تېمىغا قوشنىسىنىڭ ياغاچ ئارتىۋېلىشىنى چەكلىمىسۇن« ئاندىن ئەبۇھۇرەيرە يەنە مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە نېمە بولدى؟ مەن سىلەرنىڭ بۇ سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگىنىڭلارنى كۆرىۋاتىمەنغۇ، اللھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ سۈننەتنى سىلەرنىڭ زىممىڭلارغا يۈكلەيمەن (بۇ ئامانەتنى ئاراڭلارغا تاشلايمەن). [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

6/308 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »كىمكى اللھ غا ۋە قيامەت كۈنىگە ئىشەنسە قوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزمىسۇن ۋە كىمكى اللھ غا ۋە قىيامەتكە ئىشەنسە مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن ۋە كىمكى اللھ غا ۋە قىيامەتكە ئىشەنسە ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن«. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

7/309- ئەبۇشۇرەيھىل ئەل خۇزائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »كىمكى اللھ غا ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنسە قوشنىلىرىغا ياخشىلىق قىلسۇن ۋە كىمكى اللھ غا ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنسە مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن، كىمكى اللھ غا ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنسە ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن«. [مۇسلىمدىن]

8/310- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى اللھ نىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ ھەقىقەتەن ئىككى قوشنام بار. ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىغا ھەدىيە قىلىمەن؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »ئۇ ئىككىسىدىن ئىشىكى سىزگە يېقىنراقىغا« دېدى. [بۇخارىدىن]

11/311- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »اللھ نىڭ نەزىرىدە ھەمراھلارنىڭ ياخشىسى ھەمراھلىرىغا ياخشى بولغانلىرىدۇر ۋە اللھ نىڭ نەزىرىدە قوشنىلارنىڭ ياخشىسى قوشنىلىرىغا ياخشى بولغانلىرىدۇر«. [تىرمىزىدىن]

ياخشىلار باغچىسى
تېما تەستىقلىغۇچى : ilim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-29, 10:11
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-02-28 17:18 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 673
شۆھرەت: 3415 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3445 سوم
تۆھپە: 2045 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2045 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 726(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئى  ئاللاھ ، بىلىپ - بىلمەي قوشنىلار ئالدىدا ئۆتكۇزگەن خاتالىقلىرىمنى كەچۇرگەيسەن .    
lutun
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-02 12:52 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس