زىناخورلار توغرىسىدا ئالدى بىلەن قۇرئانى كەرىمگە قارىساق :
5. سۈرە بەنى ئىسرائىل، 32 ـ ئايەت
زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.
7. سۈرە نۇر، 2 ـ ئايەت
زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، اﷲ نىڭ دىنىنىڭ (ئەھكامىنى ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار، ئۇلارنى جازالىغان چاغدا مۆمىنلەردىن بىر تۈركۈم كىشى ھازىر بولسۇن.
8. سۈرە نۇر، 3 ـ ئايەت
زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى.
ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئانى كەرىمدىكى بۇ مەزمونلاردىن ئەقلى ھوشى جاھىدا ئادەم بولسىلا زىنانىڭ مۇشرىك يەنى دىنسىزلىك بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز .
سۈرە نۇر 3-ئايەتتىكى
زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى. دىگەن سۆزلەرنى ياخشى تەھلىل قىلىپ باقايلى .شۇنى بايقايمىزكى زىناخورغا ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئىچىدىكى پاك كىشىلىرىمىز ھەرگىز ھالال سانالمايدۇ .ئەگەر ئەر زىناخور پاك ئاياللىرىمىزنى ئالسا ياكى ئايال زىناخور پاك يىگىتلىرىمىزگە تەگسە ئېنىقكى ئېغىر بۇزغۇنچى بولىدۇ .مىللەتنىڭ قېنىنى بۇزۇدۇ .بىلىپ تۇرۇپ مىللەتكە زىيان سالىدۇ .زىناخورلار ھەقىقەتەن مىللەتنىڭ دۈشمەنلىرىدور .ئۇلار شەيتاننىڭ مىللىتىمىزگە كىرگەزگەن ياغاچ ئاتلىرىدور .مەيلى ئىسلام دۇنياسىنى ياكى دەھرى دۇنيانى كۈزەتسىڭىز زىنا زالالەت قاپلىغان ئەلدە شەيتان شۇنچىك قۇترىغىنىنى ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ شۇنچىلىك ئاجىزلىقىنى بىلەلەيسىز .ئۇيغۇر مىللتىمىز مۇسۇلمان مىللەت بولۇپ ياشىغىلى 1000 يىلدىن ئاشتى .ئىسلام ئەھكاملىرى ئاللىقاچان روھىتىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسۈتۈپ بولدى .دىمەك شەيتان يولىغا ماڭمايدىغان ،ھارامدىن ئۆزىنى ساقلاشقا تىرىشقان ئۇيغۇر ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇيغۇر سانىلىدۇ .ئۇنداق بولمىغاندا ئازغۇنلۇق ھەتتا مىللى مۇناپىقلىق يولىغا ماڭغان بولىدۇ .خۇددى ياغاچ ئات ۋىروسىغا ئوخشاش ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى چىرىتىدۇ .ئۇيغۇر ئەۋلادىنى پاسىقلاشتۇرۇدۇ .زىناخورلارمۇ دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىن .زىناخور كىشىلەردىن تېخىمۇ زىناخور ئەۋلادلار مەيدانغا كېلىدۇ .ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى زىنانىڭ كۆپىيىشى ھەتتا قول تېلىفۇنلار ئارقىلىق ئاشكارە بولىشىدا ئاشۇ ئىلگىرىكى زىناخور ئۇيغۇرلارنىڭ زور <تۆھپىسى> بار دىسەك ئارتۇق بولماس . شۇنى ئويلاپ بېقىڭكى ئۇيغۇردىكى نامازكورلۇق ۋە ھارامخورلۇقنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ زىناخورلۇقمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ .بۇ كىشىنى ئويلاندۇرۇدۇ .ئەگەر بىرەر قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللانمىساق زىنا دىگەن بۇ مەرەز مىللىتىمىزىنى ۋەيران قىلىدۇ .ئىچىدىن سېسىتىپ تۈگىتىدۇ. ئىسلامغا دەئۋەت قىلىش دەل بۇ كىسەلنىڭ داۋاسىدور .
يوقارقى يازمىدىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى زىناخور پەقەت زىناخور بىلەنلا توي قىلىدۇ .ئۇلارنىڭ نىكاھى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ .يەنى ئىسلام شەرىئىتى ئىتىراپ قىلىدىغان نىكاھ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ .زىنا قىلغۇچى ئىلگىرى ئەگەر توي قىلغان بولسا ئۇنى چالما كىسەك قىلىنىپ ئۆلتىرىلىدۇ . .ئەگەر توي قىلمىغان بولسا 100دەررە ئۇرۇلىدۇ .يەنى ئېغىر كالتەك بىلەن 100 دەررە ئۇرۇلىدۇ .دەررە يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ گۇناھىنى ئۇ دۇنيادا ئاللاھ خالىسا كەچۈرىدۇ ئەگەر چىن نىيىتىدىن تەۋبە قىلىپ ھەق يولغا قايتقان بولسا .لېكىن دوستىڭىز مەيلى بىمەجبورى مەيلى مەجبورى بولسۇن بۇ شەرىئەت ئىجراسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ .چۈنكى كىشىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئاللاھ بىلگۈچى .بۇ يەردە دوستۇڭىز ئۆزىنى ئاقلىماي پەقەت تەۋبە يولىغا ماڭسۇن . ئەمدى دىيارىمىزدا شەرىئەتنى ئىجرا قىلىشقا ئامالسىزمىز .شۇڭا سىزنىڭ نىكاھ ئىشىڭىزنى ھالال قىلىشىڭىز تېخىمۇ قىيىن مەسىلە .لېكىن سىز ھايات ئىكەنسىز ئاللاھ بىر ئىنسان ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۇنىڭغا تەۋبىنىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق ،پەقەت ئۇ ئاللاھنى ئىتىراپ قىلمايدىغان مۇشرىك بولمىسىلا ، يەنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىسىلا .سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز تۆۋەندەكى بىر نەچچە مەسىلە . 1.سىز ئەڭ ئالدى بىلەن جۆرىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى ئوچۇق ئېيتىڭ .ياكى ئېيتالمىسىڭىز ئامال قىلىپ ئايرىلىپ كېتىڭ . ئېيتىڭ دىيىشتىكى مەقسىتىمنى كېيىن سىزگە دەيمەن . 2.سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنى دەڭسەڭ يەنى مەن قاتتىق تەۋبە قىلدىممۇ ،ئاللاھ يولىغا ھەقىقى قايتتىممۇ؟سىز قاچانكى ئاللاھ يولىغا ھەقىقى قايتقان يەنى بىر كىم بىلەن توي قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قىلغان گۇناھلىرىڭىزغا ھەقىقى تۆۋبە قىلىپ ئىسلام، قۇرئان يولىغا قايتقان بىر تەقۋادار ئايالغان ئايلانسىڭىز بىر كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىزگە بىر ھالال جۆرە ئۇچىراشتۇرۇدۇ .ئىسىڭىزدە بولسۇنكى سىز يوقارقى جۆرىڭىزگە تىگىۋېلىش ئۈچۈنلا بۇ يولغا ماڭسىڭىز بولمايدۇ .دىمەكچى سىزدەك بىر زىنا قىلغان قىز ئىسلام يولىدا ماڭىمەن دەيدىكەنسىز ،ئىسلامى نىكا قىلىمەن دەيدىكەنسىز،ئىسلامغا ھەقىقى قايتىسىز .بولمىسا مىللەتنىڭ قېنىنى بۇزغۇچى مۇناپىققا ئايلىنىسىز . 3.يىگىتىڭىزگە ئوچۇق دەڭ دىيىشتىكى سەۋەپ يىگىتىڭىز ئەگەر تەقۋا يىگىت بولسا سىزنىڭ بۇ گىپىڭىزنى ئاڭلاپلا ئۆزلىكىدىن سىزدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ .ئەگەر پاسىق يىگىت بولسا ئايرىلىپ كېتىشكە ئۇنىمىسا سىز ئۇنىڭغا ئىسلام شەرىئىتىنى يەتكۈزىسىز .ئۇمۇ ئەگەر پەقەت سىز بىلەن نىكاھ قىلىۋېلىش ئۈچۈنلا ئىسلامغا قايتىدىغان بولماستىن پەقەت ئاللاھنى ھەقىقى تونۇيدىغان ئادەمگە ئايلىنالىسا ئاندىن قاتتىق تەۋبە قىلغان سىز بىلەن نىكاھ قۇرۇدىغان ئۆلچەمگە يىتەلەيدۇ .لېكىن دىللاردىكى سىرلارنى ئاللاھ بىلىدۇ .سىلەر ساختا تەۋبە قىلىپ نامازلارنى خالىساڭلار ئوقۇپ خالىساڭلار تەرىك ئېتىپ يۈرسەڭلەر ئىش ئەكسىگە تارتىپ قالىدۇ . يىغىپ ئېيىتساق ئىككىڭلەر ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ يولىغا قايتىڭلار .بىرىنچى قىلىدىغان ئەمىلىڭلەر ئاللاھ يولىغا قايتىش .نىكاھ ئىشىنى كېيىن ئويلىشىدىغان مۇۋاپىق پەيت بوپ قالار،ھازىر قەتئىي ۋاقتى ئەمەس . ئىنشائاللاھ .[ بۇ يازمىنىilimدە2012-03-04 22:26قايتا تەھرىرلىدى ]