saltanat lutun elan berig
«123456»Pages: 2/8     Go
بۇ تېما 50939 قېتىم كۆرۈلدى
kuk@
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6102
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 11 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 11 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەزا mustafa127
بۇ تەلىپىڭىزنى مىسىرانىم تورغا چىقرىپ مۇھاكىمىگە قويساق قانداق
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-29 21:42 |
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 417
شۆھرەت: 2259 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2287 سوم
تۆھپە: 1332 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1354 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

                     جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پاسپورت قانۇنى


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىس پەرمانى
ئەللىكىنچى نومۇرلۇق
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 29 - كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ئەزالىرى 21- يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىنىدۇ . 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2006-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى



جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى



بىرىنچى ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش، ئىمزالاپ تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش-چىقىش ھوقۇقىنى قوغداش ،سىرتقى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى.

ئىككىنچى ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورتى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش -چىقىش ۋە دۆلەت سىرتىدا دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامە.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىس پاسپورتنى يالغاندىن ياساشقا ، ئۆزگەرتىشكە، ئارىيەت بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ، قەستەن بۇزۇشقا ھەم قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

ئۈچىنچى ماددا پاسپورت ئادەتتىكى پاسپورت، دىپلوماتىيە پاسپورتى، دۆلەت ئىشى پاسپورتى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.

پاسپورت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئارقىلىق چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە تونۇشتۇرۇلىدۇ.

تۆتىنچى ماددا ئادەتىتكى پاسپورت بولسا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى چىگىردىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگىنى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.

دىپلوماتىيە پاسپورتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.

ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتى بولسا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلار ھەمدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان ئۆلكە-ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ، رايوندىكى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.

بەشىنچى ماددا پۇقرالار چەتكە چىقىپ ئولتۇراقلىشىش، تۇغقان يوقلاش، ئۆگنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ساياھەت، سودا قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشى بولمىغان سەۋەبلەردىن چەتكە چىقماقچى بولغاندا ئالاقىدار كىشى ئۆزى تۇرۇشلۇق يەردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش -چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرىشنى ئىلتىماسى قىلىدۇ.

ئالتىنچى ماددا پۇقرالار ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماسى سۇنغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى، يېقىندا چۈشكەن يالاڭباش سۈرىتى شۇنداقلا ئىلتىماس سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ. دۆلەت خىزمەتچىلىرى بۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىدىكى سەۋەبلەر بىلەن پاسپورت ئىلتىماس قىلغاندا يەنە چوقۇم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەمىنلەيدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى چىگىردىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى چوقۇم ئىلتىماس ماتېرىيالى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە پاسپورتنى ئىمزالاپ تارقىتىپ بېرىشى كېرەك ؛بەلگىلىمىگە خىلاپلىرىغا چوقۇم سەۋەبىنى يازمىچە ئىزاھلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىش ياكى مەمۇرىي ئەرز قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

چەت- ياقا رايونلار ياكى قاتناش قولايسىز رايونلار ياكى ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن پاسپورتنى ۋاقتىدا تارقىتىش ئىمكانىيىتى يوق ئەھۋالدا پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن تارقىتىش ۋاقتىنى 30 كۈنگە ئۇزارتىشقا بولىدۇ .

پۇقرالار مۇۋاپىق جىددى ئىشلار سەۋەبىدىن جىددى بېجىرىشنى تەلەپ قىلغاندا جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى چوقۇم ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك .

يەتتىنچى ماددا ئادەتتىكى پاسپورتتا تىزىملىنىدىغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە : پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇغۇلغان يەر، پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىلغان ۋاقىت، ئىناۋەتلىك ۋاقتى، تارقىتىلغان يەر ۋە تارقىتىلغان ئورۇن.

ئادەتىتكى پاسپورتنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى تۆۋەندىكىچە: پاسپورت ئىگىسى 16 ياشقا توشمىغان بولسا ئىناۋەتلىك ۋاقتى 5يىل، 16 ياشتىن يۇقىرى بولسا ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولىدۇ .

ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ ئىمزالاپ تارقىتىش كونكرېت جەريانى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

سەككىزىنچى ماددا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ، كونسۇلخانا خادىملىرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىللە يۈرگەن جۈپتى ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىك ئالاقىچىلار دىپلوماتىيە پاسپورتىغا ئىگە بولىدۇ .

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس ئورگىنى شۇنداقلا باشقا ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىللە يۈرگەن جۈپتى ، قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى دۆلەت ئىشى پاسپورتىغا ئىگە بولىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەندىن باشقا پۇقرالار چىگىردىن چىقىپ دۆلەت ئىشى بېجىرگەندە ئالاقىدار خادىم تۇرۇشلۇق ئورۇن بۇ قانۇننىڭ 4-ماددىسى 2-،3- تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئېھتىياجغا ئاساسەن دىپلوماتىيە پاسپورتى ياكى دۆلەت ئىشى پاسپورتىنى ئىمزالاپ تارقىتىدۇ.

توققۇزىنچى ماددا دىپلوماتىيە پاسپورتى ، دۆلەت ئىشى پاسپورتىغا تىزىملىنىدىغان تۈرلەر تۆۋەندىكىچە : پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ، جىنسى ، تۇغۇلغان ۋاقتى ، تۇغۇلغان جايى ، پاسپورت تارقىتىلغان ۋاقىت ، پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى ، تارقاتقان ئورگان .

دىپلوماتىيە پاسپورتى ، دۆلەت ئىشى پاسپورتنىڭ تارقىتىلىش دائىرسى ، ئىمزالاپ تارقىتىش چارىسى ، ئىناۋەتلىك ۋاقتى ۋە دۆلەت ئىشى پاسپورتنىڭ كونكرېت بۆلۈنۈشى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

ئونىنچى ماددا پاسپورت ئىگىسىنىڭ پاسپورتتا خاتىرلەنگەن ئۇچۇرلىرىدا ئۆزگىرىشى بولغاندا ، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىيالىغا ئاساسەن پاسپورتنى ئىمزالاپ تارقاتقان ئورۇنغا ئۆزگەرتىش ، ئىزاھلاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ئون بىرىنچى ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا پاسپورت ئىگىسى بەلگىلىمىگە ئاساسەن پاسپورتنى ئالماشتۇرۇش ياكى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

1.پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالغان؛

2.پاسپورت ۋىزا بىتى ئىشلىتىلىپ تۈگىگەن؛

3.پاسپورت يىرتىلىپ كەتكەن ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ؛

4.پاسپورتى يۈتۈپ كەتكەن ياكى ئوغرىلانغان ؛

5.پاسپورت ئالماشتۇرۇشقا ياكى تولۇقلاپ بېجىرىشكە مۇۋاپىق ئاساسى بار .

پاسپورت ئىگىسى پاسپورت ئالماشتۇرۇش ياكى تولۇقلاپ بېجىرىش ئىلتىماسىنى دۆلەت ئىچىدە بولسا پاسپورت ئىگىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ؛ دۆلەت سىرتىدا بولسا پاسپورت ئىگىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا، ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلىرىغا سۇنىدۇ .

دىپلوماتىيە پاسپورتى ، ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتىنى ئالماشتۇرۇش ، تولۇقلاپ بېجىرىشتە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلىنىدۇ .

ئون ئىككىنچى ماددا پاسپورت كۆرۈپ ئوقۇلىدىغان ۋە ماشىنىدا ئوقۇلىدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە .

پاسپورتنىڭ يالغاندىن ساقلىنىش ئىقتىدارى خەلقئارالىق تېخنىكىلىق ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلىدۇ.

پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاسپورت ياساش ، ئىمزالاپ تارقىتىش جەريانىدا پۇقرالارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك .

ئون ئۈچىنچى ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن بىرى كۆرۈلگەنلەرگە پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان پاسپورت بەرمەيدۇ :

1.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئەمەسلەر ؛

2.سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشقا بولمىغانلار ؛

3.پاسپورت ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئالدامچىلىق قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلەر ؛

4.جىنايى جازا سەۋەبىدىن ھازىر جازا ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلار ؛

5.خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تاماملانمىغان ھەق تەلەپ دېلوسى سەۋەبىدىن چىگىردىن چىقىشقا بولمايدۇ دەپ ئۇقتۇرۇلغانلار ؛

6.جىنايى ئىشلار دېلو جاۋابكارى ياكى جىنايەت گۇماندارلىرى ؛

7.گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىگىردىن چىققاندىن كىيىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ كەلتۈرىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ دەپ قارالغانلار ؛

ئون تۆتىنچى ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن بىرى سادىر قىلغانلارغا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن شۇ شەخىسنىڭ جىنايى جازا ئۆتەپ بولغان ياكى دۆلەتكە قايتۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىپ بەرمەيدۇ :

1.دۆلەت چېگرا باشقۇرۇشىغا زىيان يەتكۈزۈش سەۋەبلىك جىنايى جازا بېرىلگەنلەر ؛

2.قانۇنسىز چېگىرىدىن چىقىش ، قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش ، قانۇنسىز خىزمەت تېپىش سەۋەبىدىن مەجبۇرى دۆلەتكە قايتۇرۇلغانلار ؛

ئون بەشىنچى ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ، مەمۇرىي نازارەت ئورگانلىرى دېلو بېجىرىش ئېھتىياجى بىلەن قانۇنغا ئاساسەن دېلوغا ئالاقىدار شەخىسنىڭ پاسپورتىنى تۇتۇپ قىلىشقا بولىدۇ .

ئون ئالتىنچى ماددا پاسپورت ئىگىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىنى يوقاتقاندا ياكى پاسپورت يۈتۈپ كەتكەندە ، ئوغۇرلانغاندا پاسپورت پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقان ئورگان تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

يالغاندىن ياسىغان ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان ، ئالداپ ئىلىنغان ياكى ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنغان پاسپورت كۈچكە ئىگە ئەمەس .

ئون يەتتىنچى ماددا ساختىپەزلىك قىلىپ ئالداپ ئىلىنغان پاسپورت پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقان ئورگان تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ؛ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن 2000يۈەندىن 5000يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ؛ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

ئون سەككىزىنچى ماددا باشقىلارغا يالغان ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان پاسپورت تەمىنلىگۈچىلەر ياكى پاسپورت ساتقۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ؛ جىنايى ئىشلار جازاسىغا توشمىغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز ئىرىشكەن مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ، 10 كۈندىن 15 كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ ، 2000يۈەندىن 5000يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ . قانۇنسىز پاسپورت ھەمدە بېسىش ئۈسكۈنىلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ .

ئون توققۇزىنچى ماددا يالغان ياكى ئۆزگەرتىپ ياسالغان پاسپورت بىلەن ياكى باشقىلارنىڭ پاسپورتى بىلەن چىگىردىن كىرىپ -چىققۇچىلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى چىگىردىن كىرىپ -چىقىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بېرىدۇ .

يىگىرمىنچى ماددا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان خىزمەتچىلىرى پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرى كۆرۈلسە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ؛جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

1.قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىكلىرىنى قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار ؛

2.نامۇۋاپىق سەۋەب بىلەن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىمزالاپ تارقاتمىغانلار ؛

3.دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق ھەق .ئالغانلار ؛

4.ئىلتىماس قىلغۇچىدىن پار تەلەپ قىلغان ياكى پار قوبۇل قىلغانلار ؛

5.ياساش ، ئىمزالاپ تارقىتىش جەريانىدا ئىرىشكەن شەخسى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلار ؛

6.ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش ، نەپسانىيەتچىلىك قىلمىشى بارلار ؛

يىگىرمە بىرىنچى ماددا ئادەتىتكى پاسپورتنىڭ شەكلى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ ھەم نازارەت قىلىنىدۇ .

يىگىرمە ئىككىنچى ماددا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن تەننەرخ ھەققى ، ئىزاھات قوشۇش ھەققى ئالسا بولىدۇ . يىغىلغان تەننەرخ ھەققى ۋە ئىزاھات قوشۇش ھەققى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ .

پاسپورت تەننەرخ ھەققى ۋە ئىزاھات قوشۇش ھەققى ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن باھا مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقى بەلگىلەپ ئىلان قىلىنىدۇ .

يىگىرمە ئۈچىنچى ماددا چەتكە قىسقا مۇددەتلىك چىققان پۇقرالار چەتئەلدە پاسپورت يۈتۈپ كېتىش ، ئوغۇرلىنىش ياكى بۇز ۇلۇپ ئىشلەتكىلى بولماسلىق ئەھۋاللىرىدا چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئورگانلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساياھەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش كېرەك .

يىگىرمە تۆتىنچى ماددا پۇقرالار چېگرا سودىسى ، چېگرا ساياھەت مۇلازىمىتى ياكى چېگرا ساياھىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەت جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چىگىردىن كىرىش چىقىش يول خېتى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .

يىگىرمە بەشىنچى ماددا پۇقرالار دېڭىزچى سالاھىيىتىدە چىگىردىن كىرىپ چىققاندا ۋە چەتئەل پاراخوتلىرىدا خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغاندا چوقۇم قاتناش مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان دېڭىز ئىشلىرى باشقۇرۇش ئورگىنىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېڭىزچىلار كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش كېرەك .

يىگىرمە ئالتىنچى ماددا بۇ قانۇن 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمى يولغا قويۇلىدۇ . بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىمزالاپ تارقىتىلغان پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىچىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە
lutun
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-29 22:02 |
halpa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6005
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 933 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 935 سوم
تۆھپە: 558 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 563 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى kuk@دە2012-02-29 21:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەزا mustafa127
بۇ تەلىپىڭىزنى مىسىرانىم تورغا چىقرىپ مۇھاكىمىگە قويساق قانداق

مىسىرانىمدا بۇنداق تېمىلارغا ئورۇن يوقمىكىن،،،،،،،
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-29 22:11 |
bahdaxohli

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1175
شۆھرەت: 6343 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6397 سوم
تۆھپە: 3751 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3795 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 453(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى halpaدە2012-02-29 22:11يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

مىسىرانىمدا بۇنداق تېمىلارغا ئورۇن يوقمىكىن،،،،،،،

توغرا         مىسسرانىم ئاچ قېلىپ ئۈلەي دىسىمۇ ، بۇ تېمىنى يىگەن تەغدىردىمۇ ھەزىم قىللالماي قۇسۇۋېتىدۇ ،
saltanat
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-29 22:28 |
mustafa127
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6053
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 272 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 267 سوم
تۆھپە: 148 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 151 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەزا mustafa127
بۇ تەلىپىڭىزنى مىسىرانىم تورغا چىقرىپ مۇھاكىمىگە قويساق قانداق


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەسئۇلىيەتچان توردىشىم kuk@ ، ئالدى بىلەن سىزنىڭ خەلقپەرۋەر روھىڭىزغا ئاپىرىن!
جاۋابىم شۇكى،مەن پەقەت مەزكۇر تېمىنى يوللىدىم ،خالاس! ئەمما،قانۇن ئىززىتىنى قوغداش ۋە خەلق ھوقۇقىنى ھېمايە قىلىش بولسا،ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتىى!
ئاتا بوۋىلىرىمىز،«خېرىدارىڭ بولمىسا زىبالىغىڭ نە ئەتىۋار؟!» دەپ،ناھايىتى توغرا ئېيتقان!شۇڭلاشقا،سىز ۋە سىزگە ئوخشىغان سەگەكلەرنىڭ مەزكۇر تېمىنى ، دولىتىمىزنىڭ تۈرلۈك قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا، «ئىككى يېغىن»نىڭ ھەر قانداق ۋەكىلى،ھەر قانداق  ئۇيغۇرچە تور بېكىتى ھەم ئىمكانىيىتى يەتسىلا ھەر قانداق خەنزۇچە ۋە قېرىنداش ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلار تور بېكىتىگە يوللىشىنى قىزغىن قوللايمەن!!!
ئاخىرىدا،تېخىمۇ كوپ تورداشلارنى بۇ تېمىغا مەرھەممەت قىلىشقا ،كوڭۇل بولىشكە دەۋەت قىلىمەن!
ھەممىڭلارنىڭ ئشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي!!!
simfoniya
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-29 22:32 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1817
شۆھرەت: 9991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10053 سوم
تۆھپە: 5879 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5889 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2573(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاي پولات بۇرادەر شاتۇر بولاپ  كىتىپسىز جۇمۇ نىمە دىگەن تىز
lutun
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-29 22:35 |
abdul-ahad
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1515
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 258
شۆھرەت: 1361 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1375 سوم
تۆھپە: 808 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 570(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، دېمىسىمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پۇقراسى بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن رايونىمىزدا مۇشۇ ئادەتتىكى كىشىلىك ھوقوقىمىزدىن باشقىلارغا ئوخشاش بەھرىمان بولىشىمىز كېرەك. تېما ئىگىسىنىڭ بۇ پىكرىنى قاتتىق قوللايمەن!
يەنە بىر گەپ، پاسپورتنىڭ ئىسىمنى ئىنگىلىزچە يازىدىغان جايىغا ئىسمىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئوقۇلىشى بويىچە يېزىلىشىنى تەلەپ قىلىشنى ئەسكەرتىمەن، مېنىڭچە ھېچكىم ئۆزىگە يات بىر ئىسىمنىڭ سىڭىپ قېلىشىنى خالىمايدىغۇ دەيمەن.
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-29 22:37 |
bahdaxohli

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1175
شۆھرەت: 6343 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6397 سوم
تۆھپە: 3751 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3795 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 453(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى mustafa127دە2012-02-29 22:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەزا mustafa127
بۇ تەلىپىڭىزنى مىسىرانىم تورغا چىقرىپ مۇھاكىمىگە قويساق قانداق


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەسئۇلىيەتچان توردىشىم kuk@ ، ئالدى بىلەن سىزنىڭ خەلقپەرۋەر روھىڭىزغا ئاپىرىن!
.......

خەق سىزنى مىسسرانىمغا يوللا دىسە باشقىا گەپلەرنى قىلىپ كىتىپسىزغۇ ، مىسرانىمغا يوللۇدىڭىزمۇ ؟، مېنىڭچە تەستىقلىمايدۇ ،
saltanat
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-29 22:38 |
polat315
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 417
شۆھرەت: 2259 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2287 سوم
تۆھپە: 1332 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1354 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 16قەۋەتتىكى tohoturدە2012-02-29 22:35يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋاي پولات بۇرادەر شاتۇر بولاپ  كىتىپسىز جۇمۇ نىمە دىگەن تىز

ئاپام دائىم چاقماق بالام،ئىنكاسىڭ بەك تېز جۇمۇ دەيدىغان...
ozgul munbar
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-29 22:40 |
abdigeni
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3706
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 105 سوم
تۆھپە: 62 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 62 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 118(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ قوللايمەن،مەنمۇ بۇنداق مەسىلىگە يولۇقۇپ باققان، 2007يىلى تۈركمەنىستانغا چىققاندا خېنەنلىك خەنزۇلار پاسپورتنى تەستە بېجىرگەنلىگىمنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدى،ئۇلارغا 15كۈندىلا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلماي بېجىرىپ بېرىدىكەن،بىزگە ئالاقە قەغىزى دەمدۇ بىر نىمىلەرنى تەلەپ قىلىدىكەن
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-29 22:57 |
abdigeni
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3706
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 105 سوم
تۆھپە: 62 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 62 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 118(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تېخى ۋىزا قويدۇرغاندىن كېيىن يول خېتى ئالىدىغان گەپ ئۈرۈمچى ئايرۇدۇرومىدىن چىققىچە
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-02-29 23:00 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123456»Pages: 2/8     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە