بېيدەيخېنىڭ غەربىي دېڭىز ساھىلىدىن ئىككى كىلومېتر يىراقلىقتىكى ليەنفېڭشەن قارىغايلىقىدا ، ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنا بولۇپ ، ، ئۇ لىن بياۋ ، يې چۈنلەر ئۆز ۋاقتىدا تۇرغان مەركىزى كومىتېت ساناتورىيىسىنىڭ 62 - نومۇرلۇق بىناسى ئىدى . 1971 - يىلى 9 - ئاينىڭ 12 - ئۈنى گۇگۇم چۈشۈشكە باشلىغاندا لىن بياۋ ، يې چۈنلەر يۆتكىلىش ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى . لىن لىگونىڭ بېيدەيخېغا ئايرۇپلان بىلەن قايتىمەن دېگەن تېلېفۇنىنى ئالغاندىن كېيىن ، ھېيلە ئىشلىتىپ ، شۇ ئاخشىمى قىزى لىن لىخېڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆيگىنى جاڭ چىڭلىننىڭ چېيىنى ئىچۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . بۇنداق قىلىشى ، ئېنىقكى ، خىزمەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراپ ، ئۆزلىرىنىڭ سۈيقەستلىك ھەرىكەتلىرىنى نىقابلاش ئىدى . يې چۈن بىلەن لىن لىخېڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولغاچقا ھەممە ئىشنى ئۇنىڭدىن يوشۇراتتى . لىن لىخېڭ ئەقىللىق قىز بولۇپ ، ئۇ لىن لىگو قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۆيدە ئۆزىدىن يوشۇرۇنچە بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى . ئۇ لىن بياۋ خانىسىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ تىڭ - تىڭلاپ ، لىن بياۋ ، يې چۈن ، لىن لىگولارنىڭ نەگىدۇر بىر يەرگە بېرىش توغرىسىدا ئاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى . ئۇ جىددىلىشىپ شۇ چاغدا بېيدەيخېدا لىن بياۋنىڭ ئامانلىقىنى قوغداۋاتقان 8341 - قىسىمنىڭ مۇئاۋىن پولك كوماندىرى جاڭ خۇڭ بىلەن ئىككىنچى ئەتىرەت باشلىقى جياڭ زۇشۇغا دوكلات قىلدى . . .
مەن بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ ، لىن لىخېڭنىڭ ئېيتقانلىرىنى جۇزۇڭلىغا دوكلات قىلدىم .
. . . . . . . .
كەچ سائەت 11 - يېرىمدا ، جۇزۇڭلى ئۆزى بىۋاستە يې چۈنگە تېلىفۇن بەردى : مۇئاۋىن رەئىس لىن بياۋ ياخشى تۇرىۋاتامدۇ ؟ دەپ سۇرىدى .
يې چۈن : مۇئاۋىن رەئىس لىن بياۋ ياخشى تۇرىۋاتىدۇ ، دېدى .
جۇزۇڭلى بېيدەيخېدا بىر مەخسۇس ئايرۇپلان بارلىقىنى بىلدىغان - بىلمەيدىغانلىقىنى سۇرىۋېدى ، يې چۈن دەسلىۋىدە بىلمەيمەن دېدى ، ئەمما سەل تۇرىۋېلىپ ،راست بىر مەخسۇس ئايرۇپلان بار ، ئوغلۇم ئولتۇرۇپ كەپتىكەن ، ئۇنىڭ دادىسى ئەتە ھاۋا ياخشى بولسا ئاسمانغا چىقىپ ئايلىنىپ چۈشسەم دېگەنىدى ، _ دېدى .
_ باشقا يەرگە بارامدۇ _ نېمە ؟ _ سۇرىدى جۇزۇڭلى .
يې چۈننىڭ ئىنكاس قايتۇرىشى ئىنتايىن تېز ئىدى : بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى سوۋۇپ كەتتى دالىيەنگە بارايلىمىكىن دېۋىدۇق ، _ دېدى .
_ كېچىسى يول ئۇچۈش خەتەرلىك ، _ دېدى جۇزۇڭلى .
_ كېچىسى ئۇچمايمىز ، ئەتە ئەتتىگەن ياكى چۈشتىن بۇرۇن ھاۋا ياخشى بولسا ئۇچىمىز ، - دېدى يې چۈن .
_ بولدى ئۇچماي قويۇڭلار ، بىخەتەر ئەمەس ، چوقۇم ھاۋارايى ئەھۋالىنى ئۇبدان ئىگىلەڭلار ،_ دېدى جۇزۇڭلى .
ئەگەر زۆزۆر بولسا ئۈزەم بېيدەيخېغا بېرىپ يولداش لىن بياۋنى يوقلاپ كېلىمەن ، _ دېدى جۇزۇڭلى يەنە .
جۇزۇڭلى بېيدەيخېغا بارىمەن دېۋىدى ، يې چۈن بىردىنلا سەگەگلىشىپ ھۇدۇقۇپ كەتتى . ئەگر جۇزۇڭلى كېلىدىغانلا بولسا ، لىن بياۋنىڭ گۇاڭجۇغا بېرىپ ئايرىم مەركىزى ھۆكۆمەت قۇرۇش سۈيقەستى بەربات بولاتتى ،يې چۈن جۇزۇڭلىنى بېيدەيخېغا كەلمەسلىككە دەۋەت قىلدى ، ئۇ : ئەگەر سىز بېيدەيخېغا كەلسىڭىز لىن بياۋ تېخىمۇ جىددىلىشىپ ، خاتېرجەمسىزلىنىپ كېتىدۇ . ئەڭ ياخشىسى سىز كەلمەڭ ، _ دېدى .
( داۋامى بار )
[ بۇ يازمىنىtograkدە2012-03-01 11:32قايتا تەھرىرلىد ]