saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 887 قېتىم كۆرۈلدى
motiwarlar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 240
شۆھرەت: 1597 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1617 سوم
تۆھپە: 903 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 906 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1262(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇش يوسۇنى :چېكىت( . )

تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇش يوسۇنى
چېكىت( . )
(ئۈچۈنچى بۆلەك)

چېكىت توچكا دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ تۈۋەندىكى ئۇرۇنلارغا قويۇلىدۇ؛
1. بايان جۈملە(مەيلى ئاددىجۈملە ياكى قوشما جۈملە بولسۇن، تولۇق جۈملە ياكى تولۇقسىز جۈملە بولسۇن،ئىگىلىك جۈملە ياكى ئىگىسىز جۈملە بولسۇن،ئاتاش جۈملە ياكى بىر سۆزلۈك جۈملە بولسۇن) تۈگىگەندىكى تىنىش ئورنىغا قويۇلىدۇ،ئۇ ئوي- پىكىرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بايان جۈملە راۋان ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىدۇ، يەنى بېشىدا كۈچلۈك بولۇپ، ئاخىرىدا  پەيدىنپەي پەسىيىپ بارىدۇ. مەسلەن:
يامغۇرياغدى.
قارلىغاچ-قۇش.
سەھەر.جىمجىتلىق.
مەن كەتتىم، سەن كىيىن بارارسەن.
ماقۇل.
زامان باشقا ، ئادەت باشقا.
ۋاقىت ئادىل ئۇ ھىچكىمگە بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇئارتۇق بەرمەيدۇ.
ئارزۇدائەيىپ يوق، ئارزۇدا چەك يوق.
بوۋاينىڭ ئاچچىقى تېز كېلىپ، تېز قايتىدۇ.
بۇگەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ زەردىسى قاينىدى.
مىجەزى تۈزنىڭ ئەيىبى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
2. بۇيرۇق،  ئۈندەش جۈملىلەر  ئۆز ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلماي، بايان ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلسا ، بۇلارغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.
ئوغلۇم،ئالدىڭغا قارا.
پەلسەپەساتقانغا قورساق تويمايدۇ.
مايماق پۇتقا ياخشى ئاياقنىڭ نېمە كېرىكى.
زەئىپ بولساڭمۇ ،رەزىل بولما.
ئەجەپ ئۇز ئىكەنلا ، ئاي بىكار قالسۇن.
سىنىمىغان ئاتقا يۈك ئاتما.
ماڭائىككى كۈنلۈك رۇخسەت بېرىلسە.
3. يۇقىرى ئاھاڭدا ۋە ساناش تەرزىدە ئېيتىلغان سۆز، سۆز بىرىكمىلىرىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.
سەنئەت كېچىلىكىدە ئېلانچى ماھىنۇر ئېلان قىلدى:
ـــ ناخشا . « ئازاد زامان» . مۇزىكىسى ھۈسەنجاننىڭ.  سۆزى تېيىپجان ئېلىيۇفنىڭ.پاشا قىز ئورۇندايدۇ.
ـــ مۇزىكا . « تاشۋاي » .قۇربان ئىبراھىمنىڭ .ناخشا –ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكا ئەترىتى ئورۇندايدۇ.
ـــ ئۇسسۇل. «ئاتۇش سەنىمى» . ھەبىبە ئابدۇللا ئورۇندايدۇ. مۇقام ئانسامبىلى مۇزىكا ئەترىتى تەڭكەش  قىلىدۇ.
4. رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن رەقەملەرنىڭ يېنىغا قويۇلىدۇ.
يىغىن تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1.يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش؛
2.ئېچىش نۇتىقى سۆزلەش؛
3.تەبرىك نۇتقى ؛
4.دوكلات؛
5.يېپىش نۇتقى؛
6. يىغىننىڭ يېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش.
ئېلىپبە تەرتىپى بۇيىچە، رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ھەرپلەر يېنىغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.
ئا .   A . a.
ئە .    ياكى B . ۋە ياكىb.  
ب. C . . c
پ. d.      D.
5. ھەرپ بىلەن قىسقارتىلغان كىشى ئىسىم –ئاتلىرى يېنىغاقويۇلىدۇ:
ل . مۇتەللىپ ( لۇتپۇللا مۇتەللپ ) - ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى.
ئا . س . پوشكىن - مەشھۇر  رۇس شائىرى.
ك . ماركس(كارلماركس) .
6.بىرەر ماۋزۇچاق ئاستىدا ئايرىم بايان قىلىنىدىغان كىچىك « ماۋزۇچاق» لارغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
تىركەلمە.
بۇرژۇئازىيە.
ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا.
7.چېكىت ئىش –ھەرىكەتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرگەچكە، تۈگىگەنلىك مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئەمدى چېكىت قويۇلدى.
بۇ ئىشقا ئەمدى چېكىت قويۇلسا بولاتتى .
دىققەت:
1. ماۋزۇلارغا چېكىت قويۇلمايدۇ.
2. خەنزۇچىدا « ئايرىش بەلگىسى  » دەپ ئاتىلىدىغان بىر بەلگە بار. بىز بۇ بەلگىنى چېكىت قاتارىدا كۆرۈۋاتىمىز. خەنزۇچىدا بۇ بەلگە ئاي بىلەن كۈننى قىسقارتىپ يېزىشتا (7.1 )، ماۋزۇلاردا سۆزلەرنى ئايرىم –ئايرىم ئوقۇشنى لازىم تاپقاندا قويۇلىدۇ.يەنە بەزى مىلللەتلەرنىڭ كىشى نامىدا ئۆز ئېتى بىلەن فامىلىسىنى ئايرىشتا قويۇلىدۇ. بىزدە شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا  چېكىت قويۇلىۋاتىدۇ، بۇ توغرا ئەمەس.بىزنىڭ يېزىقىمىزدا سۆزلەر ئايرىپ يېزىلغاچقا ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئايرىغۇچ بەلگىنى بىزچە ئېيىتقاندا، چېكىتنى  قويماسلىق لازىم. مەسلەن:
  كارل ماركس
ئىسمائىل ئەھمەت
ياشىر ئەراپات
لىكىن كىتاپ نامى بىلەن قىسىم، پەسىل نامى، بابلار ئارىسىغا ، شېئىر پەيزىسى بىلەن شېئىر ماۋزۇسى ئارىسىغاچېكىت قويۇلۇۋاتىدۇ.  بۇ پاكىت ئېتراپ قىلىنسا.
سىماچىيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر .  پەرغانە تەزكىرىسى »
«چىنيۈەنچۈن . قار»
3. رىم رەقەملىرى رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلسا ، ھىچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. بىزدە ھازىرئاساسەن پەسىل، بابلار، خاندانىلىق سەلتەنەتلىرى ۋە ئەسىرلەرنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلىۋاتىدۇ، بۇنداق يەردىمۇ ھىچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. پەقەت يازما ئورىگىنالىدا ئاستى –ئۈستىدىن توغرا سىزىق تارتىپ قويۇلىدۇ.
رىم رەقەملىرىدىن 1دىن 10 غىچە ۋە 20، 30 لار تۈۋەندىكىچە:

( 1 ), ( 2 ), ( 3 ),(4 ), ( 5 ),( 6 ), ( 7 ),( 8 ),( 9 ),( 10 ),ⅩⅩ( 20 ),ⅩⅩⅩ( 30 ),
دۇنيا « ⅩⅩ ئەسىرگە نەزەرمۇنبىرى » يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىلزابىت
چىن
«جۇڭخۇا خەلق  جۇمھۇريىتى مائارىپ قانۇنى» جەمئى 10 باب 84 ماددا بولۇپ، بابىدا« قانۇنى جاۋابكارلىق» بەلگىلەنگەن.
[ بۇ يازمىنىmotiwarlarدە2012-03-02 16:13قايتا تەھرى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-02, 15:02
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-03-02 13:57 |
motiwarlar
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1318
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 240
شۆھرەت: 1597 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1617 سوم
تۆھپە: 903 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 906 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1262(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئا .   A .  a.

ئە .    ياكى B . ۋە ياكىb.  

ب.    C . . c

پ. d.    

يۇقىرىدىكى قىسىمى ۋورددا مەشغۇلات قىلىنغان. لىكىن مۇنبەرگە يوللانغاندا ئۆزگۈرۈپ كەتتى ،ئوڭشىيالمىدىم. كەچۈرۈڭلار!
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-02 16:06 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تىل ئۆگىنمەن