مىللىي سېياسەتلەرنى تەڭشىگەنلىك ئوت
بىلەن ئويناشقانلىقمۇ ؟
«
http://www.stnn.cn» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزىي كومېتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ۋېيچۇن يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سېياسىتىنى زور دەرىجىدە تەڭشەپ، كىملىكتىكى «مىللىتى» دېگەن بۆلەكنى چىقىرىپ تاشلاش ، يېڭىدىن ئاپتونومىيىلىك جايلارنى تەسىس قىلماسلىق ،«ئاپتونومىيىلىك شەھەر » قۇرىماسلىق، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنى كېڭەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە تەكلىپ بېرىپ كەڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ھەر ساھە جامائىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.
جۇ ۋېيچۇننىڭ «نۆۋەتتىكى مىللەتلەر ساھەسىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە بىر نەچچە تۈرلۈك پىكىر» ناملىق 4مىڭ خەتلىك بۇ ماقالىسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ « ئۆگۈنۈش گېزىتى» نىڭ باش سىتونىغا بېسىلغان.
جۇ ۋېيچۇن ماقالىسىدا جۇڭگونىڭ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان مىللەتلەر سېياسىتى كىشىلەرنىڭ دۆلەت قارىشى ۋە جوڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان ئورتاق تونۇشنى سۇسلاشتۇرىۋەتتى؛ شۇنىڭ بېلەن بىرگە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ رايون، ساھە ھالقىپ ئېقىشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگودىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە بىرىكىشنى تېزلەتتى. شۇڭا جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سېياسىتىنى ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە بېكىتىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى يۆلەشنى نامرات رايونلار ۋە شۇ يەردىكى بارلىق مىللەت ئاممىسىنى ئورتاق يۆلەشكە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى. مەسىلەن « غەرىپنى ئېچىش»، «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش پىلانى» دېگەندەك.
ئۇ ماقالىسىدا ئوتتۇرغا قويغان مىللەتلەر سېياسىتىنى تەڭشەش: كىملىكتىكى «مىللەت» دېگەن تەركىپنى چىقىرىپ تاشلاش ، مىللىي تەركىپنى بەك گەۋدىلەندۈرىۋەتمەسلىك، ئادەتتىن تاشقىرى پۇقرالىق تەمىناتى بېرىش،دۈشمەن كۈچلەرگە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق قاتارلىق كونكىرىتنى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
جۇ ۋېيچۇننىڭ قارىشىچە، مەمۇرىي ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ مىللەتلەرنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىغاندا كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن ئاڭلىق يوسۇندا قوبۇل قىلغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنى كېڭەيتىش ، مىللىي ئاپتونومىيە رايونلىرى ۋە شەھەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى كىچىكلىتىش مىللەتلەر ئالاقىسى ھەم بىرىكىشىنى تېزلىتىشكە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شىيوڭ كۇنشىن « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە « مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنايلى » ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ : « شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، مىللەتنىڭ يوقىلىش جەريانى ناھايتى ئۇزۇن بىر باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدىغان ئوبىيېكتىپ قانۇنىيەتتۇر. مىللەتلەرنى بىرىكتۈرۈش ئىدىيىسىنى بەك ئالدىراپلا بازارغا سالغاندا سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدەك يامان ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ.شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان مىللەتلەر سېياسىتىدە دەرۋەقە بەزى نۇقسانلار ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك تەرەپلەر بولسىمۇ ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا يەنىلا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ» دەپ يازىدۇ.
پروفېسسورى شىيوڭ كۇنشىن يەنە مۇنۇلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ : ئەزەلدىن مىللەتلەر نەزەرىيىسى تەتقىقاتى ۋە مىللەتلەر سېياسىتى تەتقىقاتى بېلەن شۇغۇللۇنۇپ باقمىغان بەزى ئالىملار ئالاھىدە سالاھىيىتى ۋە ئورنىدىن پايدىلىنىپ ھە دەپ مىللىي مەسىلىنى « سېياسىيلاشتۇرۇش» ، « سېياسىيسىزلاشتۇرۇش» داۋرىڭىنى قىلىپ، « ئىككىنچى ئەۋلات مىللەتلەر سېياسىتى » نى تۈزەشكە كۈچەپ، « تۈزۈلمە جەھەتتىن مىللەت تەركىپلىرىنى يوقۇتۇپ »؛ سېياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ، ئىجتىمائىيەت جەھەتتىن « مىللەتلەرنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇش»قا ئۇرىنىۋاتىدۇ.بۇ خىل ئۇرۇنۇش ئېلىمىزنىڭ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سېياسىتىگە ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتىرلىك باھا بەرگەنلىك بولۇپ، قاراپ تۇرۇپ ئوت بېلەن ئوتناشقانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلىش ئوپئوچۇق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يولىدا ماڭغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بېيجىڭ پوچتا- تېلېگراف ئۇنۋېرسىتېتى مەدەنىيەت-قانۇن-ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پروفېسورى مېي شىنيۈ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شىيوڭ كۇنشىننىڭ « مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنايلى » ناملىق ماقالىسىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: '' يېقىنقى 30يىلدىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مىللىي مەسىلىنى ئۆزلىگىدىن ھەل قىلىپ كېتەلمىدى. شۇڭا ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان مىللەتلەر سېياسىتى ۋە نەزەرىيىلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرگە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان مىللەتلەر سېياسىتىدىكى ئەڭ زور تاشلاش-تارتىشقا سەۋەب بولىۋاتقىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش سېياسىتىگە ھەددىدىن ئارتۇق مايىل بولۇپ كېتىشتۇر.بۇ ھەممە ئادەم باپ-باراۋەر دېگەن قائىدىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي يەنە ئوبىيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان سېياسىي، ئىقتىساد رېئاللىقىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ سەلبىي رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە''.
پروفېسور مېي شىنيۈ يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ : '' مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سېياسىتى ھەققىدە قايتا ئويلانغانلىق ۋە ئۇنى تەڭشىمەكچى بولغانلىق قانداقتۇر ھەممىنى ھاپىلا –شاپىلا يوق قىلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلغانلىق ئەمەس. بىز مەسىلىنى بىر كېچىدىلا ھەل قىلىۋېتىشنى ئۈمىد قىلمايمىز، بەلكى سېياسەتلەرنى قەدەممۇ قەدەم تەڭشىسەك بولىدۇ، دېمەكچى.''
http://opinion.huanqiu.com/pk/2012-02/2474210.html
بوزقىر مېغىزلاپ تەرجىمىلىدى
[ بۇ يازمىنىbozqirدە2012-03-09 19:24قايتا تەھرىرلىد ]