ئاياللارنى كېچىدە دېجورنىلىككە ئورۇنلاشتۇرماسلىق توغۇرلۇق تېما يېزىپ ھۆكۈمەت تورىغا يوللىساڭلار بوپتىكەن ھە!
لېكىن بەزىلەر دېجورنىلىك قىلغان ئاياللاردىن ئاغرىنماڭلار، كىمنىڭمۇ ئۆز ئۆيىدە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن پۇت-قولىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئولتۇرغۇسى يوق دەيسىلەر؟ ھەممىسى خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى شۇ!!!!!!! ئەگەر دىنىمىزدا يوق دەپ ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتتىن باش تارتساق(دېجورنىلىك) بولماس، بۇنى ھازىرقى جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم تەسەۋۇر قىلىپ يېتەلەيدۇ.
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام مەنمۇ شۇ كېچىسى دېجورنىلىك قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە بار، بىراق بىزگىمۇ نېمە ئامال ؟ بەزىدە بالىلارنى ئېلىپ چىقىپ ھەمراھ قىلىپ ئولتۇرىدىغان گەپ، ھەپتە ئارىلىقى بولسا بالىلار ئەتىسى مەكتەپكە بارىدۇ دەپ يولدىشىمنى ئېلىپ چىقىپ ئولتۇرىمەن. ھەممىسى شۇ خىزمەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىدە ئەمدى!!!!!!!!!!
خوتۇننى كېچىسى دېجورنىلىكتە تۇرغۇزمىسىلا خوتۇنغا ئىگە بولغان بولمايدۇ يولداشلار، بۇنى تېما مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك قىلىپ ئوبدانراق تەھلىل قىلارسىلەر!!!!!!!!
[ بۇ يازمىنىalnurدە2012-03-09 16:13قايتا تەھرىرلىدى ]