كالا سۈتى ئىچىشنىڭ 11 خىل پايدىسى
دۇنيا ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر 100گىرام كالا سۈتى تەركىبىدە70.5كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى، 3.4گىرام ئاقسىل،3.7گىرام ماي ۋە 125مىللىگىرام ئەتراپىدا كالىتسىي بار بولۇپ، ھەزىم بولۇش نىسبىتى98~100پىرسەنتكە يېتىدىكەن. كالا سۈتىدە يەنە ۋىتامىن ب 2 (0.14مىللىگىرام،رىبوفلاۋىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ)بىلەن ۋىتامىن ئا(24مىللىگىرام)مول بولۇپ،ئاقسىل تەركىبىدە ئادەم بەدىنىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۈرلۈك ئامىنو كىسلاتاسى بار ئىكەن. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە كالا سۈتى ‹‹ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول يېمەكلىك››، ئىنسانىيەت ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى‹‹ئاق رەڭلىك قان››دەپ قارالماقتا.
گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى كالا سۈتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتدا ئىسپاتلىنىشىچە، كىشىلەر ھەر كۈنى بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بەرسە ئاز دېگەندىمۇ 11 خىل پايدىغا ئېرىشىدىكەن.
1.كالا سۈتىدە كالىي بار بولۇپ،قان بېسىم يۇقىرى چاغدا ئارتېرىيە دىۋارىنىڭ تۇراقلىق ھالەتتە تۇرۇشىنى ساقلاپ،سەكتىنىڭ يۈز بېرىش خەۋىپىنى يېرىم ھەسسە ئازايتىدۇ. يەنە يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. يېمەكلكلەر تەركىبىدىكى زەھەرلىك مېتال ئېلىمنىت قوغۇشۇن بىلەن كادمىينىڭ ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرلىشىنى توسىدۇ.
3.قېتىق بىلەن مايسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ،ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسىشىنى توسىدۇ.
4.كالا سۈتىدىكى تىروزىن بولسا سېروتونىن(قان زەردابى ماددىسى)نىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
5. كالا سۈتىدىكى يود،سېنىك ۋە لېتسىتىن(فوسفاتىدىل خولىن)چوڭ مىڭىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ.
6. كالا سۈتىدىكى تۆمۈر، مىس ۋە ۋىتامىن ئا قاتارلىقلارنىڭ چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار بولۇپ، تېرىنى پارقىرتىدۇ ھەم تولغان كۆرسىتىدۇ.
7. كالا سۈتىدىكى كالتسىي سۆڭەكنى چىڭىتىپ،سۆڭەك يۇمشاپ كېتىش ۋە سۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
8. كالا سۈتىدىكى ماگنىي يۈرەك ۋە نېرۋا سىستىېمىسىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
9. كالا سۈتىدىكى سىنىك جاراھەت ئېغىزىنىڭ تېز پۈتۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
10. كالا سۈتىدىكى ۋىتامىن ب 2 كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
11. كالا سۈتىدە L- ترىپتوفان قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچىۋەتسە ئۇيقۇ كەلتۈرۈدۇ.
يۇقىرقىلاردىن باشقا ،ئالىملار 7-10ياشقىچە بالىلار ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە بىر خالتىدىن كالا سۈتى ئىچىپ بەرسە كۈندە ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىلنىڭ%60ىنى،كالتسىنىڭ%75ىنى، فوسفورنىڭ%42ىنى، ۋىتامىن ب2نىڭ%75ىنى قاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
مەنبە: ساقلىق-ساقلاش ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.