( جياڭ جيېشىنىڭ ئىككىنچى خوتۇنى چېن جېرۇنىڭ ئەسلىمىسىدىن )
جياڭ جيېشى دېگەن بۇ ئىسىم 20 -ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدا ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەندە كىشىلەرنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان " چۆچەك " بولۇپ قالغان بولسا ، ھازىر بۇ "چۆچەك" ئۇنى تارىختىن غولىتىۋەتمەكچى بولغان بىر ئايالنىڭ ئەسلىمىسىدە بىردىنلا بىت - چىت قىلىنغان .
"جياڭ جيېشىنىڭ مەخپىي تارىخى ۋە ئۇنىڭ ئىككىنچى خوتۇنى چېن جېرۇنىڭ ئەسلىمىسى" دېگەن كىتاب ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنغان . چېن جېرۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە جياڭ جيېشىنى مەنمەنىچى ، ئۆكتەم ، خاپىغان ، ھوقۇق ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغان ، ھەتتاكى قەسەم ئىچىپ تۇرۇپ ئالغان خوتۇنىغىمۇ ھەر قانداق يامانلىق قىلىشتىن يانمايدىغان ئادەم ئىدى ، دەپ تەسۋىرلىگەن .
جياڭ جيېشى ۋە خوتۇنى چېن جېرۇ
چېن جېرۇ كېيىن شياڭگاڭدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇپ ، ئۇنىڭ بىر نەۋرىسى شۇ يەردە سودىگەر ئىكەن . بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان جياڭ جەمەتى ۋە گومىنداڭ جياڭ جيېشىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق نىكاھى توغرىسىدا زادى ئېغىز ئاچمىغان .
1927 - يىل جياڭ جيېشى چېن جېرۇنى يېنىدىن ئايرىۋەتكەندىن كېيىن ، چېن جېرۇنىڭ بارلىقى گومىنداڭنىڭ پۈتكۈل رەسمى خاتىرىسىدىن يوقىلىپ كەتكەن . جياڭ جيېشىنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىدى سۇڭ مېيلىڭنى قوغلىشىش بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونى مونوپول قىلىش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت .
جياڭ جېشى سۇڭ ئائىلىسىگە كۈيۇغۇل بولۇش ئۈچۈن چېن جېرۇغا قىلغان ۋەدىسىگىمۇ ئەمەل قىلمىغان .
ئەينى چاغدا جياڭ جيېشى چېن جېرۇغا نۇرغۇن چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ ، بەش يىلدىن كېيىن چېن جېرۇنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن جياڭ جيېشى چېن جېرۇنى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا ئىۋەتىۋېتىدۇ . چېن جېرۇ ئەمدىلا كالفورنىيىگە بېرىشىغا جياڭ جيېشى ئاخبارات ساھەسىگە ئوچۇق _ ئاشكارا ھالدا چېن جېرۇ بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى جاكارلايدۇ .
ئۇنىڭدىن كېيىن جياڭ جيېشى سۇڭ مېيلىڭ بىلەن توي قىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ . سۇڭ مېيلىڭ بىلەن بولغان توي جياڭ جيېشىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن رەھبىرى سۇڭ جۇڭشەننىڭ پايدىسىغا ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ لېكىن تېخىمۇ مۇھىمى سۇڭ مېيلىڭنىڭ ئاچىسىنىڭ ئېرى كۇڭ شاڭشى ئارقىلىق شاڭخەيدىكى مالىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىۋالىدۇ . چېن جېرۇنىڭ ئەسلىمىسىدە ئېيتىلىشىچە ، جياڭ جيېشى بىلەن سۇڭ مېيلىڭنىڭ توينى كۇڭ خانىم قوراشتۇرغانىكەن . چېن جېرۇ ئامېرىكىغا بارغاندا 23 ياش بولۇپ ، ئۇ 15 يېشىدىلا جياڭ جيېشى بىلەن توي قىلغان . ئەينى چاغدا جياڭ جيېشى 34 ياشتا ئىكەن . چېن جېرۇ كېين شاڭخەيگە كېلىپ ، ئىسىم - فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ بېقىۋالغان قىزى ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ . 1962 - يىلى جۇئېنلەي زۇڭلىنىڭ ياردىمى بىلەن شياڭگاڭغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىدۇ . ئۇ جياڭ جيېشىدىن ئاجراشقاندىن كېيىن پەقەت توي قىلمايدۇ .
ئىنتايىن قېيىن ئەھۋالدا قېلىپ ئەسلىمە يېزىش
چېن جېرۇ 60 -يىللاردىن باشلاپلا ئەسلىمە يېزىشقا باشلىغان بولۇپ ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ شياڭگاڭدىكى تۇرمۇشى مۈشكۈل ئىدى . ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا جياڭ جيېشى ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىغىنى ئەيىپلىمەكتىن باشقا چارە بولمايدۇ . چۈنكى جياڭ جيېشى ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئىقتىسادى ياردەم قىلمايدۇ .
لېكىن تەيۋەن گومىنداڭ ھۆكۆمىتى بۇ ئىشنى بىلىپ قالغاندىن كېيىن ئۇ كىتابنى چىقىرىشنى چەكلەيدۇ . چېن جېرۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋاكالەتچىسى بىلەن نەشىرىيات سودىگىرى زوراۋانلىققا ۋە ئىسلاشلارغا دۈچ كېلىدۇ . چېن جېرۇنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تۇققانلىرى چېن جېرۇدىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇېلىپ ، ئۇنىڭ قەستكە ئۇچىراش خەۋىپىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ .
چېن جېرۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ ئۇ ئەسلىمىنى نەشىر قىلدۇرۇشنى توختۇتۇش قارارىغا كېلىدۇ . جياڭ جيېشى چېن جېرۇغا شياڭگاڭدىن بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بېرىدۇ .
1989 - يىلى بىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى چېن جېرۇنىڭ بارلىق كەچۈرمىشلىرىنى بايقاپ قالىدۇ . ئۇ ئوقۇغۇچى بۇنى ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىدىكى ستانفور داشۆسىنىڭ تەتقىقات مەركىزىدە چېن جېرۇ قول يازمىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىپ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن بايقىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇ بايقىشى ئامېرىكىنىڭ ئىلوۋي داشۆسىدىكى تارىخچى ۋە ئاسىيا ئىشلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى پروفېسور لۇ ئەيدى ئىسىمدىننى ئەسلىمىنى نەشىر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ . ئۇ كىشى بۇ كىتابنى تەھرىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا كىرىش سۆز يازىدۇ .
( داۋامى بار )