saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 14207 قېتىم كۆرۈلدى
ozturuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 860
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 92
شۆھرەت: 618 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 624 سوم
تۆھپە: 349 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 350 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئا.ئۆتكۈر بىلەن ل.مۇتەللىپ دوستلۇقى ھەققىدە

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-03-12)
      تۆۋەنكى پارچە بولسا < ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئابىدىسى > ناملىق كىتاپتىكى ئەنۋەر ئابدۇرىھىم قەلىمى ئاستىدىكى  ئالىم ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىسىدىن پارچە . بۇ سۆھپەت مەزمۇنى كۆپ بولغانلىقتىن مەن ئارىسىدىكى ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئوتتۇرسىدىكى بايانلار بولغان سۆھپەت خاتىرىسىنى تاللاپ يوللىدىم :

سوئال : سىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن شۇ يىللىرى تونۇشتىڭىزمۇ ؟ ( 1940-يىللارنى دىمەكچى )

جاۋاپ:
     شۇنداق،بىز شۇ يىللىرى تونۇشۇپ ،بارا-بارا يېققىن دوستلارغا ئايلىنىپ كەتتۇق ،لۇتپۇللا ئۇ چاغلاردا <شىنجاڭ گېزىتى>دە ئىشلەيتتى، گېزىتنىڭ <ئەدەبىيات گۈلزارى > ئۇنىڭ تەشەببۇسىنىڭ ۋە جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىدى .1940-يىلنىڭ ئاخىردىن باشلاپ <شىنجاڭ گېزىتى>نىڭ ئاشۇ بېتىگە ۋە <يېڭى نۇر> ژۇرنىلىغا ئا.تىلوشوف ئىمزاسى بىلەن ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مەزموندا يېزىلغان <گاڭ قانات لاچىن>، <كۈرەش دولقۇنلىرى>، قاتارلىق بىرمۇنچە شېئىرلىرىم ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرىم بېسىلغانىدى .

سوئال : ئۇنداق بولسا ، ئەدەبىي تەخەللۇسىڭىزنى قاچاندىن باشلاپ قوللاندىڭىز ؟

جاۋاپ :
       <يېڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا > ناملىق لىرىك داستانىم 1941-يىلى نويابىردا <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن لۇتپۇللا بىلەن ئەدەبىي تەخەللۇس ئالماشتۇردۇق . ئۇ ماڭا <ئۆتكۈر> دىگەن سۆزنى تەقدىم قىلدى ، مەن ئۇنىڭغا <قاينام>دىگەن سۆزنى تەقدىم قىلدىم، بىراق ئۇ <قاينام >غا <ئۆركىشى >نى قوشۇپ <قاينام ئۆركىشى>دىگەن تەخەللۇسنى قوللاندى ، مەن شۇنىڭدىن بۇيان ئا.ت ئۆتكۈر ئىمزاسى بىلەن ئەسەر ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن .

سوئال : شېئىر ئىجادىيتىڭىزگە زامانداش دوستلىرىڭىزدىن كىملەرنىڭ تەسىرى كۈچلۈكرەك بولدى دەپ قارايسىز ؟

جاۋاپ :

        مەن ئابدۇرىھىم ئەيسا، ل .مۇتەللىپ ، ئەخمەت زىيائى،زەينىدىن سالى،ھۈسەيىن ناسىروف قاتارلىق دوستلار بىلەن يېزىقچىلىق توغرىسىدا قىلىدىغان سۆھبەتلىرىمىزدىن كۆپ ئىلھام ئالدىم ،بولۇپمۇ ل.مۇتەللىپ بىلەن ئەخمەت زىئائىنىڭ تەسىرى كۈچلۈكرەك بولدى .ئەمما بۇ ئىككى كىشى ئەدەبىي مېترو جەھەتتەئىككى خىل تەشەببۇستا ئىدى ، ئەخمەت زىيائى تولىراق مىللىي كىلاسسىكلارغا مايىل ئىدى ، لۇتپۇللا تولىراق روس .سېۋىت شائىرلىرىغا مايىل ئىدى ، مەن بولسام ،ھەر ئىكىلىسىدىن تېگىشلىك ھەسسەمنى ئالاتتىم .شۇ ئارىدا ئۆزبىك شائىرى شۈكۈر يالقۇنىڭ بەزى غەزەللىرىنى ئوقۇپ قالدىم  ئاددى خەلق تىلى بىلەن يېزىلغان بۇ غەزەللەرئۆزىنىڭ ئاھاڭدارلىقى بىلەن مېنى جەلپ قىلدى ، دىققەت قىلىپ قارىسام بۇمۇ نەۋائى باشلىق كىلاسسىكلارنىڭ ئارزۇ ۋەزنىدىكى غەزەللىرىگە ئوخشاش ئىكەن .شۇنداق قىلىپ ئارزۇ ۋەزىنگە قىزىقىپ قالدىم ۋە ئەخمەت زىيائىدىن ئۇنى  ئۆگىنىشكە كىرىشتىم ،شۇنى ئالاھىدە ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى :ئابدۇللا توقاينىڭ شېئىرلىرى مېنىڭ ئارزۇغا بولغان قىزىقىشىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ،.1943-يىلى مارتتا<شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلنغان <مارت قىزى >ناملىق شېئىرىم مېنىڭ ئارزۇ ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تۇنجى مەشىقىم ئىدى .

سوئال : ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئاكا ،1985-يىلى بىز <تارىم > ژۇرنىلىدا سىزنىڭ ئىجادى ھاياتىڭىزنى تونۇشتۇرماقچى بولغاندا سىز ماڭا 1943-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىكتە چىن مودەن دىراممىسىنى يىزىپ چىققانلىقىڭزنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدىڭىز ؟ مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟

 داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىندۇ ،     باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش ئېسىل پەزىلەت  ،  بۇ تېما باغداش تورىغا خاس قالايمىقان كۆچۈرمەڭ !

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-09, 15:36
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-03-09 15:36 |
ozturuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 860
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 92
شۆھرەت: 618 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 624 سوم
تۆھپە: 349 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 350 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سوئال : ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئاكا ،1985-يىلى بىز <تارىم > ژۇرنىلىدا سىزنىڭ ئىجادى ھاياتىڭىزنى تونۇشتۇرماقچى بولغاندا سىز ماڭا 1943-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىكتە چىن مودەن دىراممىسىنى يىزىپ چىققانلىقىڭزنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدىڭىز ؟ مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟

جاۋاپ :
 ماقۇل ئۇكام ،بۈگۈن بۇ ھەقتە تولۇقراق سۆزلەپ بېرەي ،
  مەن خېلىدىن بېرى <چىن مودەن > ھەققىدە بىر نەرسە يېزىش ئارزۇسىدا ئىدىم ، چۈنكى بالىلىق چېغىمدىن تارتىپلا قومۇل خەلقنىڭ بۇ قەھرىمان قىزى توغرىسىدا كۆپ ھېكايە ، رىۋايەت ۋە پاراڭلارنى ئاڭلىغان ئىدىم ،ۋەقەلىك مۇنداق ئىدى:
   تەخمىنەن 1907 -يىلى مەنچىڭ خاندانلىقى شىنجاڭدىكى يەرلىك ۋاڭلىقلارنى چارلاپ كېلىشكە بىر مۇپەتىش ئەۋەتكەنكەن ، بۇ مۇپەتتىش مەنسەپ نامى بىلەن <چىڭسەي دارىن > دەپ ئاتىلىدىكەن .
  قومۇل ۋاڭى شامەخسوت بۇ ئەمەلدارنى داغدۇغا بىلەن كۈتىۋالغان، ئاندىن ئۆز ئوردىسىدا نەچچە كۈن مېھمان قىلغان ،ئۇ تومۇز كۈنلىرى بولغانلىقتىن سەگىتىپ كېلىش ئۈچۈن باغداشقا چىقىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن 12 تاغنىڭ ھەممىسىدىن تىگۈدەك ئەلنەغمىچىلەر ۋە ئۇسسۇلچى قىز ،جۇۋانلارنى يىغدۇرغان،شامەخسوت باغداشتىكى مىراقۇلى تۆمۈر بوسۇقنىڭ 15 ياشلىق قىزى خۈل ئايلارمۇ ئۇسسۇلچى قىزلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ، بۇ قىز 12 تاغ بويىچە ئەڭ چىرايلىق ۋە ئۇسسۇلغا ناھايىتى ئۇستا قىز ئىكەن .
   شامەخسوت  ھېلىقى <چىڭسەي دارىن >نى باغداشقا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ شەرىپىگە تەنتەنىلىك زىياپەت ئۆتكۈزگەن ،نەغمە -ناۋالىق زىياپەت داۋامىدا مەشرەپ باشلىنپ ئۇسسۇل ئوينالغان ،شۇ ئەسنادا گۈل ئايلانىمۇ ئۇسسۇلغا تاتقان ، خۇددى بۇلۇتلار ئارىسىدىن مۇڭلىنىپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئايغا ئوخشاش غەمكىن ئۇسۇل ئويناۋاتقان بۇ قىزغا شامەخسوتنىڭ كۆزى چۈشكەن ،ھېلىقى چىڭسەي دارىنمۇ بىرقىزنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتون بولغان ھالدا خەنزۇتىلىدا < ئوھۇي ، مودەنگۈلنىڭ ئۆزىكەنغۇ > دەپ تاشلىغان ،شامەخسوت ئۆزىنىڭ تەرجىمانى باراتشاغا قارىغان .باراتشا< دارىىن بېگىم بۇ قىزنى چىن مودەن ئىكەن دەۋاتىدۇ > دەپ تەرجىمە قىلغان ، سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى >ھەئە ،چىنمودەن ،چىن مودەن دېيىشكەن .شۇنىڭ بىلەن گۈل ئايلانىڭ ئېتى <چىن مودەن > بولۇپ قالغان ، شامەخسوت قايتار چېغىدا ئوردا بېگى يولۋاسقا بۇ قىزنى ئوردىغا ئېلىپ بېرىپ كېنزەكلەر قاتارىغا قوشۇشنى بۇيرىغان ، بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە تارقىلىپ كەتكەن .
 گۈل ئايلا بىلەن بىر مەھەلىدە ئۆسكەن پادىچى يىگىت ئاق تۇرسۇننىڭ قەلبى ئاللققاچان مۇھەببەت رىشتىسى بىلەن باغلانغانىدى ،.ئۇلار بەختلىك كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى سەۋىرسىزلىك بىلەن كۈتىۋاتقان پەيتتە بىردىنلا بۇ شۇم خەۋەر ئاڭلانغام ئارىدىن 3-4 كۈن ئۆتكەندە نۆكەرلىرى چىن مودەننى ئوردىغا ئېلىپ ماڭغان ،ئاق تۇرسۇن دوستلىرى بىلەن باغداش داۋىنىدا قىزنى قۇتقۇزۇشقا ھەركەت قىلغان ، ئوتتىرىدا قاتتىق ئېلىشىش بولغان ،شۇ ئارىدا چىن مودەنگە ئوق تەككەن ، ئاق تۇرسۇن قانغا مىلەنگەن قىزنىڭ ھالى بىلەن قالغاندا نۆكەرلەر ئۇنى باغلىۋالغان ،ئاخىرى شامەخسوت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ،ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتى ۋە دوستلىرى نومغا سۈرگۈن قىلىنغان ، شۇ ۋەقەدىن كېيىن خەلق ئارىسىدا چىن مودەن توغرىسىدا بىر مۇنچە قوشاقلار توقۇلغان ،خەلق شامەخسوتقا بولغان غەزەپ نەپرىتىنى ئاشۇ قوشاقلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن .
              مەن چىن مودەن ۋەقەسىنى تۇنجى قېتىم بالىلىق چېغىمدا <تەخمىنەن 1932-يىلى > ھادى بوۋاي دىگەن كىشىدىن ئاڭلىغانىدىم .ھادى بوۋاي ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى شامەخسوتقا غىجەك تارتىپ بىرىش بىلەن ئۆتكۈزگەن مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى ئىدى ،شۇنىڭدىن 10 يىل كېيىن 1942-يىلى ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا بارغىنىمدا چىن مودەن توغرىسىدا بىرەر ئەسەر يېزىش نىيىتىدە بۇ ۋەقىنى تولۇقراق بىلمەكچى بولدۇم ،بەختكە يارىشا قومۇل يېزىلىرىدىن قاراڭلار دىگەن يەردىكى مارىخان مومىمىز ھايات ئىكەن ، مان مارىخان مومامدىن چىم مودەن ۋەقەسى توغرىسىدىكى بىر مۇنچە يېڭىلىقلارنى ئاڭلىدىم .

   1942-يىلنىڭ ئاخىرى مەرھۇم لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن پاراۇلىشىپ ئولتۇردۇم ،ئۇنىڭغا چىن مودەن ۋەقەسىنى سۆزلەپ بەردىم ۋە بۇ ھەقتە بىرەر پوۋىست يازماقچى بولۇۋاتقانلىقىمنى ئېييىم ، لۇتپۇللا ناھايىتى خوشال بولدى ۋە ئىلدىمۇ بىر چىن مودەن ئۆتكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى .<بىراق =دېدى ئۇ ئو قولىنىڭ بارماقلىرىنى تاسما بەلۋېغىغا قىستۇرغان ھالدا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ ،-قومۇلدىكى چىن مودەن ۋەقەسى سىيۇژىت جەھەتتەئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە تەسىرلىك ئىكەن ، زالىم فىئوداللارنىڭ ئەپتت-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىشتە بەك ياخشى ماتىرىيال بولالايدۇ ، بۇنى چوقۇم يېزىش كېرەك ، لېكىن پوۋست يازسىڭىز نەدە باستۇرارمىز ، بىزدە <شىنجاڭ گېزىتى >دىن باشقا ھېچىنمە يوق ، ئۇنىڭدىن كۆرە سەھنە ئەسىرى  قىلىپ يېزىلسا تېز ئۈنۈم بېرەتتى ، مەنمۇ خېلىدىن چىن مودەن ھەققىدە ئويلاپ يۈرەتتىم .
  مەن بۇ پىكىرگە دەرھال قوشۇلدۇم ۋە بىللە يېزىشنى تەكلىپ قىلدىم ، ئۇ تېخىمۇ خوشال بولدى .شۇنداق قىلىپ >چىن مودەن > ناملىق سەھنە ئەسىرى يازىدىغان بولدۇن ۋە بەزى تەپسىلاتلار توغۇرلۇق سۆزلەشتۇق ،كېيىنكى ئۇچرىششىمىز نەتىجىسىدە ئەسەرنىڭ پىلانى تۈزۈلۈپ بولدىۋە بىرمۇنچە بەدىئىي توقۇلمىلارنى قوشۇپ ئالتە پەردىلىك مۇزىكىلىق دىرامما يېزىشقا كىرىشتۇق .
  ئۈچ پەردىدىن بۆلۈپ ئېلىپ باش قىسمىنى مەن يازىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق ،ھەر ھەپتىدە دىگۈدەك ئۇچرىشىپ قايتا قايتا پىكىرلىشىش تنەتىجىىسىدە 1943=يىلى 5-ئايدا ئەسەر پۈتۈپ چىقتى ۋە ئۇنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەركىزى ئۇيغۇرئۇيۇشمىسىغا تاپشۇردۇق ، بۇ چاغلاردا شىڭ سىىسەي يۈزىدىكى <ئىلغارلىق>نىقابىنى ئاللىقاچان يىرتىپ تاشلاپ ئاشكارا ھالدا گومىنداڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان ۋە ئىدارە جەمئىقيەتلەرنىڭ ھوقوقىنى ئەشەددى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزغانىدى ، جۈملىدىن مەركىزى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا ئابلېتىپ راخمان (ئەدەبىي تەخەللۇسى -دىلشات )دىگەن كىشى رەئىس قىلىپ سايلاتقان ئىدى ،پۈتۈن خەلق ئاممىسى بولۇپمۇ ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدىكى ئىلغار زىيالىيلار سىياسى جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچراپ ئېغىر غەمكىنلىك ئىچىدە ياشاۋاتقاندا ئۇ <دىلشات> دىگەن تەخەللۇس بىلەن مەيدانغا چىقىپ پاشىدەك غىڭشىشقا باشلىغانىدى .
    
  بىز <چىن مودەن >نى ئېلىپ بارغاندە ئابلېتىپ راخمان (دىلشات) ئۆز ئىشخانىسىدا ئىكەن .ئۇ بىزنى كۆرۈپ چىرايىغا ساختا كۈللە يۈگۈرتتى دە بىزنىڭ بۇ ئەسىرىمىز ھەققىدىكى تونۇشتىرىشىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەپيۈنكەشنىڭكىگە ئوخشاش خۇنۈك چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتتى ۋە ئەسەرنى تېگىشلىك ئۇرۇنغا تەستىقتلاتماي تۇرۇپ سەھنىدە قويغىلى بولمايدىغانلىقى ئېيتىپ كىتاپنى ئېلىپ قالدى ، شۇ ئورۇندا مەركىزى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى يولداش ئابلىھەق ھوشۇرمۇ بار ئىدى ، ئابلىھەق ھوشۇر بىزنى ئۇزىتىپ چىققاندا كىتاپنى سەھنىدە قويدۇرۇشقىا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز ئابلېتىپ راخاماندىن ناھايىتى خاپا بولۇپ قايتتۇق .< ۋاي ئەبلەخ -دېدى لۇتپۇللا دەرۋازىدىن چىقىۋېىتپ -ئەلنىك كۆڭلى ناشاد بولىۋاتقانغا ئۇنىڭ دىلغاد بولۇۋالغىنىنى قاراڭ ،ئۇنىڭ كوزىسى سۇنىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەر !>...
  ئارىدىن تەخمىنەن بىر ئاي ۋاقىت ئۆتتى ، بىر كۈنى مەن دەرس ئۆتىۋاتقاندا (ئۇ چاغلاردا ئۆلكىلىك قىزلاار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلقق قىلاتتىم) بىردىنلا ئىشىك تاقىلدىدى ، ھايران بولۇپ ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام كارىداردا قارا چاپانلىق بىر كىشى بىلەن مەكتەپنىڭ ئىلمىي  مۇدىرى تۇرۇپتۇ . ئىلمىي مۇدىر ماڭا <سىزنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى باشقارمىسىدىن چاقىرتىپ كەپتۇ ، دەرسنى توختىتىپ دەرھال بېرىڭ- دېدى .يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ كەتتى . چۈنكى شىڭ سىسەي تىرورلۇق ئورگىنى بولغان خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا بېرىش ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس ئىدى ، ئىلاجسىز ماڭدىم . بۇ باشقارمىنىڭ خەۋەرلىشىش بۆلىمىگە كىرسەم ،لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ شۇ يەردە ئىكەن . ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە ھەيران بولۇپ قاراشتۇق ،ھېلىقى قارا چاپانلىق ئادەم بىزنى قالدۇرۇپ ئۆزى قاياققىدۇر كەتتى ، ئۇ بەش-ئون مىنۇتتىن كېيىن قايتىپ كىردى دە بىزنىڭ مېڭىشقا ئىشارەت قىلدى ، ھەيۋەتلىك بېزەلگەن بىر ئىشخانىغا كىردۇق .يېشىل موۋۇت قاپلانغا يوغان ئىش ئۈستىلىنىڭ يېنىدا يۇمشاق ساپاغا يۆلىنىپ سېمىز بىر ئادەم ئولتۇراتتى .،بۇ ئۆزىنى كۆرۈش تۈگۈل ئېتىنى ئاڭلاش بىلەن ھەممە كىشى چۆچۈيدىغان جاللات ليۇ بېندى ئىدى.شۇ كۈنلەردە ئۇ يەنە شۇ باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، شېىڭ شىسەينىڭ شەخسى تەرجىمەنى ۋە سىياسى مەدەنىيەت -مائارىپ ئىشلىرىنى ئۆز چاڭگىلىدا تۇتىۋاتقان بىر جاللات بولۇپ ئۇنىڭ گېپى گەپ .سۆزى سۆز ئىدى ،ئون مىڭلغان كىشىلەن ئۇنىڭ قولى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ۋە قانغا بويالغانىدى ،ئۇنى تونىمايدىغان كىشىمۇ ئاز تېپىلاتتى ، ئۇ بىزنى كۆرۈپ شۇنداق ھومايدىكى بىز تۇرغان يېرىمىزدە قېتىپلا قالدۇق .
  -ھوي كىسپۇرۇشلار ،=دېدى ئۇ ،ھە دىگەندىلا ئاغزىنى بۇزۇپ -نىمە قىلىپ يۈرۈشىسەن ؟ ،ماۋۇ بىر نىمەڭلەر نىمە ؟ ئۇ ئالدىدا تۇرغان قېلىن بىر دەپتەرنى قولىغا ئېلىپ پاق قىلىپ ئۈستەلگە ئۇردى .



داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ! تەخىر قىلىڭ  !
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-09 16:46 |
gojamtur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3420
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 212
شۆھرەت: 1265 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1270 سوم
تۆھپە: 738 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 743 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 730(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رھمەت سىزگە ، كەينىنى تىز يوللاڭ ساقلاپ قالدۇق.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-10 14:20 |
ozturuk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 860
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 92
شۆھرەت: 618 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 624 سوم
تۆھپە: 349 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 350 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  داۋامى :

 بۇ بىزيازغان <چىن مودەن> ئىدى ،دىمەك گەپ <چىن مودەن > توغرىسىدا ئىكەن ، ھېلىقى دەپتەرگە كۆزۈم چۈشۈش بىلەن ئابلىتىپ راخمان (دىلشات)نىڭ <بۇ ئەسەرنى تېگىشلىك ئورۇن تەستىقلىماي تۇرۇپ ،سەھنىدە قويغىلى بولمايدۇ >دىگەن سۆزلىرى دەرھال يادىمغا كەلدى ، بىز گەپ قىلماي تۇرىۋەردۇق.
  - چىن مودەننى قومۇلدا ئۆتكەن ئىش دەپ كىم ئېيتتى؟-دەپ داۋام قىلدى ليۇبېندى،-ۋاڭنىڭ زۇلۇمى،خەلقنىڭ داد-پەريادى،قوزغىلاڭ ،يەنە نىمە نىمە....بۇ گەپلەر بىلەن نىمە قىلىشماقچى بولۇشىسەن؟ كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ ،ئارقا-ئالدىڭنى ئويلاپ قىلىش،چىم مودەن ئىلىدا ئۆتكەن ئىش ،ئۇ تۇنگان قىزى ئۇقۇشتۇڭمۇ؟
 -تارىخى پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكتە،-دېدى لۇتپۇللا جىددى ئاھاڭدا.
 - نىمە تارىخى پاكىت؟ تېخى پاكىت-ماكىت مىش، ئۆزەڭمۇ ئىلىلىققۇ،ھەي خۇنپەر،بۇنى باشقىدىن يېزىش ،بولمىسا كۆرگۈلىكڭنى كۆرۈشىسەن ماڭ چىقىش-دېدى ليۇبېندى
  شۇنىڭ بىلەن ئىش بۇزۇلدى ،بۇ جاللاتنىڭ پىكرىگە قارشى ئىش قىلىش جان بىلەن ئوينىشىش دىگەن گەپ ئىدى
 - ياق ،-دېدى لۇتپۇللا يولدا كېلىۋېتىپ ،-زالىم ۋاڭلارنى يازمايسەن دىسە زالىم شاڭيولارنى يازىمىز ،قومۇلنى يازمايسەن دىسە ئېلىنى يازىمىز ،تىپىك ۋەقەلىك ئارقىلىق رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرسەك بولدى ئەمەسمۇ؟
  ئاخىر بىر نەچچە قېتىم مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن <چىن مودەن >قومۇلدىن باشلىنىپ ،ئىلى تۇرپانيۈزىدە تۈگەيدىغان قىلىپ يازماقچى بولۇق،<چىن مودەن تۇڭگان قىزى >دىگەن گەپكە پىسەنت قىلماسلىقنى قارار قىلىپ ،باشقا كەلگەننى كۆرىدىغان بولدۇق.
  شۇنداق قىلىپ <چىن مودەن >نىڭ ئالتە پەردە ،يەتتە كۆرۈنۈشللۈك ئىككى نۇسخىسىنى يېزىشقا كىرىشتۇق،بۇ قېتىممۇ باش قىسمنى مەن ،ئاخىرىنى لۇتپۇللا يېزىپ ،ئۇسلۇپ جەھەتتىن بىر خىل؛ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پات -پات كۆرۈشۈپ تۇردۇق ، بۇ نۇسخا خەلق ئاممىسىنىڭ قومۇل ۋاڭىغىلا ئەمەس ، تۇرپانيۈزىدىكى فئودال كۈچلەرنىڭ ۋەكلىلىرى بولغان شاڭيولارغا قارشى غەزە-نەپرىتى كۈرەشچان روھىنى نامايەن قىلاتتى .


 بۇ ۋەقەلىكلەرنى بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار بىلمەسلىكى مۇمكىن ، شۇ ۋاجىدىن بۇ يازما يوللانغانىدى ، لېكىن تورداشلارنىڭ بۇ تېمىغا بولغان قىزغىنلىقى بەكلا سۇس بولدى .  داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-15 12:56 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 657
شۆھرەت: 3335 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3365 سوم
تۆھپە: 1997 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1997 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 719(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ھەقىقەتەن بىلىشكە تېگىشلىك ، پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك مۇھىم ماتىرياللار ئىكەن . ئابدىريىم ئۆتكۇر بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ يۇرتىمىز قومۇلدىكى بۇ تەسىرلىك مۇھەببەت تىراگىدىيىسى ئۈچۈن بىللە خىزمەت قىلغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن !....

يەنە تېخى لۇتپۇللانىڭ : پاكىتنى ئاساس قىلىش كېرەكتە؟! ، زالىم ۋاڭلارنى يازمايسەن دىسە ، زالىم شىياڭيولارنى يازىمىز ! قومۇلنى يازمايسەن دىسە ، ئىلىنى يازىمىز !! » دىگەنلىرىدىن تېخىمۇ پەخىرلەندىم ، ھاياجانلاندىم !...

قەلىمىڭىز ھارمىغاي !!
تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىمىزنىڭ بۇ ماتىرياللاردىن خەۋەردار بولىشىنى ، قەھرىمان شائىرلىرىمىزنىڭ مىللىي غۇرۇرىدىن ، نۇرلۇق روھىدىن ئىلھام ئېلىشىنى ، ئۆتمۇش بىلەن بۈگۈننى ، ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن !!!...
simfoniya
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-15 15:01 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 492
شۆھرەت: 2525 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2550 سوم
تۆھپە: 1513 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1523 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 187(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامى قانداق بولىۋاتىدۇ   بوۋاتقاندۇ بىر ئىەشلار
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-18 18:08 |
karwan@
ئادەم ئادەمدەك ياشىشى كېرەك!!!

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 2277
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 454
شۆھرەت: 2433 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2449 سوم
تۆھپە: 1444 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1457 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 811(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇ جاللاتلارنىڭ دەستىدىن ئاز بولمىغان قانلار تۆكۈلدى،ھەي.............................................
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-18 18:31 |
پەرۋاز
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6529
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 155 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 165 سوم
تۆھپە: 93 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 93 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن ،داۋامىغا تەققەززامەن ! قەلىمىڭىز ھارمىغاي !
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-31 20:30 |
bahdaxohli

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1164
شۆھرەت: 6288 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6342 سوم
تۆھپە: 3718 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3762 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

لۇتبۇللا مۇتەللىپتەك ئوت يۈرۈەك ئىنقىلاپچىلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايلى ، ئۇلار قالدۇرغان ئىزلار ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا قەلبىمىزدە ساقلانسۇن ،
بۈگۈنكى دەۋىردىكى مائارىپ ئۇلارنى ئاسانلا ئۇنتۇلدۇرۇپ قويىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ ،  
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-05 21:04 |
yalghuz2
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6560
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 247 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 247 سوم
تۆھپە: 141 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 144 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 61(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چىن مودەننى ئاڭلىغان بولساممۇ ل. مۇتەللىپ بىلەن ئا. ئۆتتكۈر ئەپەندىمنىڭ نىڭ دوستلۇقىنى ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن. بەكمۇ تەسىرلىك ئىكەن.
بۇرۇن بىر  قىز ئۈچۈن قانچىلىغان يىگىتلەر جېنىدىن كېچەلەيدىكەن ھازىر بولسا مىڭلارچە قىزلىرىمىز ئۇيەر، بۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېتىلىۋاتسا، يۆتكەۋاتسا، يۆتكۈلىۋاتسا گويا مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكتەك، گويا ئاشۇنداق بولغىنى توغرىدەك بىلىنىپ كېتىپ ھىچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ.
ھەي ئەقىل، ھەي ۋىجدان، ھەي ئىمان.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-06 05:15 |
qinturk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2217
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 98
شۆھرەت: 505 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 505 سوم
تۆھپە: 303 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 303 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرھۇملارنىڭ روھى جەننەتتە بولغاي.
مەن دوستانە،سەمىمي كىشلەرگە ئامراق.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 13:50 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » تەرمىلەر