saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1667 قېتىم كۆرۈلدى
ihwan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 36
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 182
شۆھرەت: 1486 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1521 سوم
تۆھپە: 800 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 809 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 530(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ياخشىلىق قىلىشقا تىگىشلىك كىشلەر


ياخشىلىق قىلىشقا تېگىشلىك كىشلەر








     قۇرئان كەرىم، ئىنسانلار ئىچىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنى باشقىلاردىن بەكرەك ياخشىلىق قىلىنىشقا تېگىشلىك كىشىلەر، دەپ كۆرسەتتى.

1 ـ ئاتا ـ ئانا. چۈنكى بۇلارنىڭ بەك چوڭ پەزىلىتى بار. قۇرئان ئاتا ـ ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا چاقىرىپلا قالماستىن بەلكى ئاتا ـ ئانىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەپ ئالىي ئەخلاقتا گۈزەل ئۆرنەك كۆرسىتىپ بەردى. اﷲ تائالا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: (پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۈرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن) . ([1] )

قۇرئاننىڭ بۇ سۆزىدىن بىزگە بۇرۇن كۆرۈنگەن مەنە شۇكى، اﷲ تائالا ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىمىز بىلەن بىر يەردە كەلتۈردى. ئاندىن كېيىن بىزنىڭ ئاتا ـ ئانىمىزغا خۇسۇسەن ئۇلار ئاخىرقى ئۆمرىدە قېرىپ ئاجىزلاشقان چاغدا قانداق ياخشىلىق قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بەردى. ھەم ئاتا ـ ئانىمىزغا قارىتا ئەڭ چىرايلىق بەش تۈرلۈك مۇئامىلىنى داۋاملاشتۇرىشىمىزغا بۇيرىدى.

1 ـ ئاتا ـ ئانىدىن كۆرۈلگەن ھەرقانداق يېقىشماس سۆز ـ ھەرىكەتكە قارىتا يامان مۇئامىلىدە بولماسلىق.

2 ـ ئاتا ـ ئانىغا كايىپ سېلىپ كۆڭلىنى رەنجىتمەستلىك.

3 ـ ئۇلارغا ھۆرمەت مەزمۇنىدىكى ياخشى مۇلايىم سۆزلەرنى سۆزلەش.

4 ـ ئۇلار ئالدىدا ئۆزىمىزنى كەمتەر تۆۋەن تۇتۇپ رەھىمدىللىك بولۇپ، جانىۋار ئۆز چۆجىسىگە مېھرىبانلىق بىلەن قانات ياپقاندەك قانات يېپىش.

5 ـ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش يۈزىدىن ئاتا ـ ئانامغا رەھىم قىل، دەپ اﷲ تائالاغا دۇئا قىلىش.

قۇرئان كەرىم ئاتا ـ ئانىدىن باشقىمۇ ياخشىلىق قىلغۇچى بىلەن ياخشىلىق قىلىنغۇچى ئارىسىدىكى تۇغقانلىق ياكى قوشنىلىق مۇناسىۋىتىنى ھېسابقا ئېلىپ ياخشىلىق قىلىشقا بىر بۆلۈك كىشىلەرنى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ ۋە ھەم ياردەمچىسى يوق ئاجىز يېتىم بىچارىلەرگە ياخشىلىق قىلىش لازىم، دەپ بۇيرۇيدۇ. اﷲ تائالا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:

(اﷲ غا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا -ئاناڭلارغا، خىش- ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا) مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل - چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ مۇتەكەببىر ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ) .([2] )

بۇ ئايەت كىملەرگە قانداق ياخشىلىق قىلىشنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئوموملاشتۇرۇپ كۆرسەتتى. ئەگەر ئىنسانلار بۇنىڭغا ئەمەل قىلسا ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشى چوقۇم ياخشلىنىدۇ. خۇسۇسەن اﷲ تائالاغىلا ئىبادەت قىلىش (اﷲ تائالانىڭ ئەمرىگە خىلاپ ئىشتا ھېچكىمگە بويسۇنماسلىق) ئاتا ـ ئانا بىر تۇغقانلىرى، دادا بىر تۇغقانلىرى، ئانىنىڭ بىر تۇغقانلىرى... بۇلارنىڭ بالىلىرى ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت يېقىن تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش بولۇپ، بۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەھۋالى تۈزىلىدۇ. چۈنكى جەمئىيەت ئائىلىلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئائىلىلەر مۇناسىۋىتى ياخشىلانسا جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا بىرلىكى ھاسىل بولىدۇ. ھەرقانداق بەخت بىرلىكتىن دوستلىقتىن كېلىدۇ. ھەرقانداق پالاكەت، بۆلۈنۈش ۋە خائىنلىقتىن كېلىدۇ. ئاندىن كېيىن اﷲ تائالا يېتىم بالىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ باش پاناھى بولغان دادىسى يوق. يالغۇز ئانىسىنىڭ ئۇلارنىڭ تەربىيىلەشكە ۋە تۇرمۇشىنى قامداشقا ئانچە كۈچى يەتمەيدۇ. يېتىم بالىلارنى كىشىلەر قولىغا ئېلىپ ئىلىم ـ ئەخلاق، ھۈنەر كەسىب ئۆگىتىپ كېرەكلىك ئادەم قىلىپ قويمىسا بىلىمسىز، ئەخلاقسىز بولۇپ پۈتۈن مىللەتكە زىيانلىق بىر يوقۇملۇق مىكروپ بولىدۇ. ئۇلارنى باشقا يەرگە ھەيدىۋەتكىلى تېخى بولمايدۇ. شۇڭا يېتىم بالىنى اﷲ رىزاسى ئۈچۈن ئۆز بالىسىدەك تەربىيىلەيدىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ بولۇشى لازىم.

شۇنىڭدەك اﷲ تائالا يېقىن ـ يىراق قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى. بۇنىڭ بىلەن بىر مەھەللە كىشىلىرى ئارىسىدا دوستلۇق مۇستەھكەملىنىپ بىر ـ بىرىگە ياردەمچى كۈچ ھاسىل بولىدۇ. ئاندىن اﷲ تائالا ھەمراھ بولغانلارغا يەنى ھەم سەپەرگە ۋە مەدرىسە ـ مەكتەپتە بىللە ئوقۇغانلارغا، يا بىللە ھۈنەر قىلغان، تىجارەت قىلغان، فاپرىكىدا بىللە ئىشلىگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا ساداقەت ۋە كۈچلۈك دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناپ كۆپ ياخشى نەتىجىلەر قولغا كېلىدۇ.

ئاندىن كېيىن اﷲ تائالا سەپەر ئۈستۈدىكىلەرگە ياخشىلىق قىلىشنى تاپشۇردى. ئۇ بولسا، يۇرتىغا قايتىپ بولغۇچە يولدا پۇل ـ مېلى تۈگەپ كەتكەن كىشىدۇر. شۇنىڭدەك قول ئاستىدا بولغان قۇل، خىزمەتكارلارنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تاپشۇردى. ناھەق قامالغانلارنى تۇتقۇنلۇقتىن قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىشمۇ كۆپ ساۋابلىق ئىشتۇر.

ئېھسان بولسا، پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئومۇمىي بىر ياخشىلىقتۇر. ئەگەر بۇ خۇسۇسىيەت ئىنسانلاردا ئوموملاشسا، مۇسۇلمانلار پەيلاسوپلار خىيال قىلغان ۋە ئىسلام دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرغان بەختلىك بىر دۆلەت قۇرغان بولاتتى.

([1] ) سۈرە ئىسرا 23 ــ 24 ــ ئايەتلەر.

([2] ) سۈرە نىسا 36 ـ ئايەت.


مەنبە ؛مۇسۇلمان بىز تورى

تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-11, 09:17
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-03-11 00:42 |
zoklan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4853
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 887 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 906 سوم
تۆھپە: 506 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 510 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 683(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بۇرادىرىم.تېمىلىرىڭىزدىن بەك ياخشى مەنپەتلىنىۋاتىمىز.بولسا تېخىمۇ
كۆپ ،مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-11 09:24 |
nawkeran
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1153
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 303 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 304 سوم
تۆھپە: 181 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 182 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 165(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

،مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ.
ئەپۇچانلىق ___ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئىسىل خىسلەت
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-11 10:29 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس