saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 15452 قېتىم كۆرۈلدى
abdukamil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4675
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 804 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 802 سوم
تۆھپە: 480 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 483 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما hawar تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-03-12)




  • كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى
  •  كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!

  • بىر دوستۇمنىڭ كەچۈرمىشى ئىدى،پەقەت ئىچىمگە پاتماي مۇنبەردىكى  تورداشلارغا دىگۈم كەلدى! 
  • مەن بىر پارچە ماقالىنىمۇ ئوڭشاپ يىزىپ باقمىغان .شۇڭا يازغان ماقالەم ئۇنچىلىك ياخشى چىقماسلىقى مۇمكىن،تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.   ئادەم بۇ دۇنياغا تۇغۇلغان ئىكەن،ئۆلگىچە ھەر ئىشلارنى باشتىن كەچۈرىدىكەن.دوستۇممۇ شۇ ئادەملەر قاتارىدا كۆرمىگەننى كۆردى. دوستۇم ئۆزى ناھايىتى چىرايلىق بىر كۆرگەن ئادەمنىڭ ئامراقلىقى كىلىدىغان قىز ئىدى .ئائىلە شارائىتىمۇ نەھايىتى ياخشى ئىدى .ئۇ  18يىشىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ بىر نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىشقا چۈشتى.تەقدىر دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن،مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا نى-نى ھەر تەرەپلەردىن شارائىتى تولۇق بولغان يىگىتلەر قوغلاشسا ئۇنىماي، بىر تەساددىبى شارائىتتا ئۆزىدىن 7ياش چوڭ بىر ساقچى بىلەن تونۇشۇپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكتى،شۇ كۈنلەردە ئۇ ئىشتىن سىرتقى كومپىيۇتىر ئۈگىنىش كۇرسىغا قاتنىشىپتۇ، يىگىتى كۈندە ئۇنى ئالغىلى بارىدىكەن.بىر كۈنى ئۇلار قايتىپ كىلىۋاتقاندا يىگىتى تۇيۇقسىز"-مەن سىزنى ئالداپ پەقەت چىدىيالمىدىم،مەن خىرويىن چىكىمەن،- دەپتۇ.دوستۇم شۇندىلا ئۇنىڭ قىشمۇ ياز قولىدا مىنىرال سۇ بارلىقىنى ئەسكە ئاپتۇ ۋە ئۆزى يەتتە قەۋەت ئاسماندىن چۈشكەندەك بوپتۇ!شۇنىڭ بۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى تىراگىدىيە باشلىنىپتۇ.    دوستۇم  جىق ئويلىشىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىش قارارىغا كەپتۇ،بىراق يىگىتى يالۋۇرۇپ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن تاشلايدىغانلىقىنى دەپتۇ،بىچارە ئاقكۆڭۈل دوستۇم ئۇ گەپلەرگە ئىشىنىپ ماقۇل بوپتۇ!(بۇمۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچى)ئارىدىن دەل ئون بەش كۈن ئۆتكەندە دوستۇم ساقلىسا يىگىتى ئالغىلى كەلمەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىدارىسىگە تېلفۇن ئۇرسا ، خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا يىگىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ھاراق ئىچىپ ،كەيىپچىلىكتە ئىدارىدىكى بىر ساقچى بىلەن خىرويىن چىكىپ ئۇنى ئۈيىگە ئەكەتكەنلىكىنى ،ئۇ ساقچىنىڭ شۇ يىگىتىنىڭ ئۈيىدە ئۈلۈپ قالغانلىقىنى دەپتۇ!(ئالدىنقى كۈنى دىجورنى ئىكەن)بىچارە ھۇشىدىن كىتەي دەپ يىگىتىنىڭ ئۈيىگە تېلفۇن قىپتۇ،تېلفۇننى ئاپىسى ئېلىپ ئوغلىنىڭ باگاڭغا ئاكىسىنىڭ قېشىغا كەتكەنلىكىنى دەپتۇ.دوستۇم تېلفۇننى قوياي دەپ تۇرسا تېلفۇننى يىگىتى ئېلىپ ،ئۆزىنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى،ھازىر چۈشەندۈرۈشكە ئامالى يوقلىقىنى،كەلسە ئاخىرقى قېتىم بىر پاراڭلىشىشنى دەپ يالۋۇرۇپتۇ،دوستۇم شۇنىڭ بىلەن نىمىلا بولمىسۇن بىر يۈز تۇرانە تۇرۇپ  بىر  تەرەپ قىلىشنى ئويلاپ ئۇ ئۆيگە بېرىپتۇ.(ئەسلىدە ساقچىلار بىر ئادەم ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ،ئۇنى ئىككى كۈن ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇپ ،ئەمدى قويۇپ بېرىپتىكەن.
    دوستۇم ئۆيگە كىرسە ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە ئازغانلىقىنى ،ئەمدى خىزمىتىدىنمۇ ئايرىلغانلىقىنى،لىكىن دوستۇمنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەپ بەك يىغلاپ كىتىپتۇ.لىكىن دوستۇم ئەمدى ئۆزىنىڭ ئۇنى كەچۈرەلمەيدىغانلىقىنى دەپ ئۆيدىن يېنىپ چىقىپتۇ،يىگىتىمۇ كەينىدىن چىقىپ ئاخىرقى قېتىم ئاپىرىپ قويۇشقا رۇخسەت قىلىشنى دەپتۇ.ئۇلار پىيادە مېڭىپ دوستۇمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، دوستۇم كىرىپكېتەي دەپ ئۈيىگە قايرىلىدىغان چاغدا يىگىتى تۇيۇقسىز <بۇ دۇنيادا ھەر قانداق ئادەمنى ئالدىسام ئالداپ باقتىم،لىكىن سىزنى ئالداپ باقمىدىم>دەپتۇ.مۇشۇ بىر ئېغىز گەپ دوستۇمنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى! ئاخىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاي! !!
                                                                                                                                    
                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                            
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-12, 00:20
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-03-12 00:05 |
abdukamil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4675
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 804 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 802 سوم
تۆھپە: 480 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 483 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چەكتىن ئاشقان ئاقكۆڭۈللۈكمۇ ئادەمنىڭ بېشىغا بالا بولىدىكەن،بۇ بىچارە بايقۇش شۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن كۆڭلىدە <بۇنىڭ خىزمىتى ،پۇلى بار چاغدا يۈرۈپ ئەمدى ئايرىلىپ كەتسەم ۋىجدانسىز ئادەملەردىن نىمە پەرقىم ،ھىچ بولمىسا بۇنىڭ خىرويىننى تاشلىشىغا ياردەم قىلاي >دەپ ئۇنىڭغا يەنە ماقۇل بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈندە خىزمەتتىن چۈشكەندىن كىيىن يىگىتىگە ھەمراھ بولۇپ ئۇنى روھى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇپتۇ.بىر كۈنى ئۇلار يولدا كىتىۋاتسا يىگىتىنىڭ بۇرۇنقى ئىدارىسىدىكى باشلىقى كۆرۈپ قېلىپ دوستۇمنىڭ دادىسىغا <سىنىڭ ھېلىقى چىرايلىق ئەقىللىق قىزىڭ بىزنىڭ ئىدارىدىكى خىرويىن چىكىپ قوغلاندى بولغان بىرسى بىلەن يۈرۈۋېتىپتۇ >دەپ قويۇپتۇ!(باشلىقى بىلەن دوستۇمنىڭ دادىسى ياخشى دوسلاركەن)شۇنىڭ بىلەن بىچارە دادا قىزى ئۆيگە كەلگەندە سۇئال- سوراقنى باشلاپتۇ،دوستۇم بولسا ھەقىقى ئەھۋالنى ئەينەن دەپ،ئۇنىڭ ھازىر چەكمەيۋاتقانلىقىنى . ئاللا خالىسا بۇ يولدىن قايتۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى دەپتۇ،بىراق دادىسى ئايرىلىپ كىتىشىدە چىڭ تۇرۇپتۇ،(دىمىسىمۇ بۇ نىجىس نەرسىنى قانچىلىك ئادەم تاشلىيالىغان دەيسىلەر)شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئۆيدىمۇ بىر بىئارامچىلىق باشلىنىپتۇ،دىگەندەك يىگىتىمۇ چەكمەپتۇ.شۇ ۋاقىتلاردىكى خىراجەتلەرنى دوستۇم ئۈستىگە ئاپتۇ.كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈپ ھەش-پەش دىگۈچە بۇلار يۈرگىلىمۇ ئىككى يىل بوپتۇ،بۇ   <كۈن ماياققا ئۆتتى ،پۇل بۇ ياققا ئۆتتى >دەپ ئىشلەپ ئۈگىنىپ قالغان ئالى مەلۇماتلىق يىگىت ئەمدى ھىچقانداق ئىشنى قالماشتۇرالماپتۇ.شۇنداق بولسىمۇ دوستۇم ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يىگىتنى يەنە نەس بېسىپ ،ئۇنىڭ ئۈيىدە گاز چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن  بىر ئادەم ئۈلۈپ قېلىپ ،جىددى قۇتقۇزۇش نەتىجىسىدە يەنە بۇ يىگىت ھايات قاپتۇ.لىكىن خېلى كۈنلەرگىچە ھۇشىغا كەلمەپتۇ.دوختۇر بۇ يىگىتنىڭ بىر بولسا ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالىدىغىنىنى،يەنە بىر بولسا مىيىپ بولۇپ قالىدىغىنىنى دەپتۇ.دوستۇم ۋە ئۇنىڭ ئۈيىدىكىلىرى بەك يىغلاپتۇ.بىراق ئامال قانچە؟ئەتراپتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى(دوستۇمنىڭ ئۈيىدىكىلىرىمۇ)ئۇ يىگىتنى يەنە خېرويىن چىكىپ شۇنداق بولۇپ قالدى دەپ چۈشىنىپتۇ.دوستۇم كىچە-كۈندۈز ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ!شۇنىڭ بىلەن ئاقكۆڭۈل مال-دۇنيانى دوست تۇتمايدىغان دوستۇم <بۇ ئۇلۇغ اللەنىڭ مىنى سىناش ئۈچۈن بەرگەن ئېغىر كۈنلىرى،شۇڭا خىزمىتىم بولغاندىكىن  بۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بۇنى باقاي>دىگەن قارارغا كەپتۇ ھەم بۇ ئويىنى ئاتا-ئانىسىغا دەپتۇ.ئاتا-ئانىسى پۈتۈن جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپتۇ.دوستۇممۇ گېپىدىن يانماپتۇ!شۇ كۈنلەردە بۇ يىگىت تۇيۇقسىز ئازراق ھۇشىغا كەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن دوستۇمنىڭ ئۇلۇغ اللەنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپتۇ دەپ تېخىمۇ ئىرادىسى چىڭىپتۇ.ياخشى داۋالىنىش نەتىجىسىدە بۇ يىگىت ئاساسى جەھەتتىن ئەسلىگە كەپتۇ.قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرىمۇ ئامال يوق بۇ تويغا قوشۇلۇپتۇ.(خەت ئۇرۇش سۈرئىتىم ئاستا بولغانلىقى ئۈچۈن قىسقارتىپ يازدىم)
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-12 01:07 |
abdukamil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4675
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 804 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 802 سوم
تۆھپە: 480 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 483 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇلارنىڭ تويىمۇ ئەل قاتارى بولدى،دوستۇمنىڭ تونۇش-بىلىشلىرى <ئادەم تېپىلمىغاندەك بىر چېكەرمەنگە تەگدى>دەپ زاڭلىق قىلىشتى.  دوستۇمنىڭ بىچارە ئاتا-ئانىسىنىڭ باغرى خۇن بولدى،بۇنى مەنمۇ ئانا بولغاندا ھىس قىلدىم.توي بولۇپ ئۈچۈنچى كۈنى دوستۇمنىڭ دادىسى دوستۇمنى چاقىرىپ <قىزىم مەن ساڭا ئىشىنىمەن،مىنىڭچە سەن توغرا تاللىدىڭ .يولدىشىڭنى ھۆرمەتلە ،ئەمدى بىر مەزگىلگىچە  پۇلنىڭ دەردىنى ئازراق  تاتىسەن،ئەگەر مىنىڭ قىزىم بولساڭ ئۇنىڭغا پۇل تاپمىدىڭ دەپ غۇرۇرىغا تەگمە،بۇ رۇنقىدەك بەتخەجلىك قىلما،ئۆيۈڭنى ياخشى تۇت >دەپتۇ،بىچارە دوستۇم دادىسىنىڭ شۇ گېپى بىلەن ئۆي تۇتۇشقا باشچىلاپ كىرىپ كېتىپتۇ.ئۈرۈمچى شارائىتىدا بىر ئادەمنىڭ مۇئاشى بىلەن ئۆي تۇتماق ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس،بۇنى دىمىسەممۇ بىلىسىلەر.شۇ كۈنلەردە ئۇماق ئوغلى تۇغۇلۇپتۇ ،كەينىدىنلا دوستۇمغا ئىدارىسىدىن ئۆي بېرىپتۇ،30000يۈەن پۇلنى قېينائاپىلىرى بېرىپتۇ،دوستۇم دوستلىرىدىن 10000يۈەن ئېلىپ ئۆيىنىڭ پۇلىنى تۆلەپتۇ.ئۆيگە كىرگۈچە دوستۇم تۇنۇش -بىلىشلىرىدىن 27000يەن قەرز ئېلىپ ،ئۆينى ئادەتتىكىچە ياساپ ئولتۇرۇپتۇ.بىر ئادەمنىڭ مائاشى بىلەن بۇ قەرزلەر ئازراقمۇ ئازلىماپتۇ.ئاخىرى بولماي بۇلار كەچلىك بازاردا كاۋاپ ،ئۆپكە-ھېسىپ سېتىپتۇ،بىچارە دوستۇم كۈندۈزى ئىشلەپ ،كەچلىكى يەنە ئىشلەپتۇ.شۇنداق بولسىمۇ ئۆيىنى،بالىسىنى،ئېرىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن،بۇ كۈنلەرمۇ تۈگەيدۇ دەپ ئۈمۈتۋارلىق بىلەن ياشاپتۇ.ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دوست ئەمەس ،بەزىبىر ئادەملەر دوستۇمغا كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتتە ئۇنى يۈزىدىن-يۈزىگە ئۆپكە-ھېسىپچى دەپ مازاق قىپتۇ.بۇ بىچارە يەنىلا چىداپتۇ.دوستۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسا چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپتۇ.بۇلار سودىنىڭ ئېپىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ پايدا ئالالماپتۇ.ياز تۈگەپ قىش كەلگەندە يولدىشى ئاقسۇغا بىر كىتاپ تىجارىتى بىلەن كىتىپتۇ.كەلگەندە قارىسا سېپى ئۆزىدىن بىر ھاراقكەشكە ئايلىنىپتۇ،(خىزمىتى بار چاغدىمۇ شۇنداق ئىچىدىكەنتۇق)دوستۇمنىڭ دەرتنىڭ ئۈستىگە دەرت قوشۇلۇپتۇ.شۇ يىلى يېڭى يىلدا دوستۇمنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتتى. ئۇ شۇ كۈنىمۇ مەستى.دادىسى تۇيۇقسىز گەپ قىلىپ ئولتۇرۇپلا تۈگەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆيدىكى پۇلنىڭ بار يېرىنى دىيىشكە ئۈلگەرمەپتۇ، <كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال >دىگەندەك ئاپىسى بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەي دوختۇرخانىغا ئاپارسا،بالياتقۇ راكنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى دەپ دىياگنوز قۇيۇپتۇ.ئۇكىسى بولسا بۇ رىياللىقنى قۇبۇل قىلالماي ئۇمۇ ھاراقنى بولىشىغىچە ئىچىپ يۈرۈپتۇ،شۇنىڭ بىلەن دوستۇم تېخىمۇ ئېغىر كۈنگە قاپتۇ.ئېرى دىگەن <نوچى>دوستۇمنى چۈشىنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،ئۆزىنىڭ ھارىقىنى ئىچىپ.ئۆيگە كىچىدە كىرىپ ،كىچىچە ئۇخلىماي سۆزلەپ دوستۇمنى پاراكەندە قىلىپ  يۈرۈۋېرىپتۇ.قەرز ئىگىلىرى سۈيلىگىلى تۇرۇپتۇ،بۇ بىچارە <تۆت ئەتراپىمنىڭ ھەممىسى قىزىل چىراق >دىگەن كۈنگە قاپتۇ.بۇ بىچارىنى چۈشىنىدىغان بىر ئادەم چىقماپتۇ .ئۇ شۇندىلا پۇل دىگەن بۇ نەرسىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىپتۇ.ئۇ ئۈلۈۋېلىشنىمۇ ئويلاپ بېقىپتۇ،لىكىن بالىسىغا قىيماپتۇ،ئۇ بارا-بارا ئەتراپىدىكى ئادەملەردىن ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان،ئادەم جىق يەرلەرگە بارغىسى كەلمەيدىغان،يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قاپتۇ.بۇ ئەھۋال ئېغىرلاشقانچە خىزمەتكىمۇ بارغۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.ئۇ ئاخىرى ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ ،دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈپتىكەن،دوختۇر ئۇنىڭغا 4-دوختۇرخانىغا بېرىش تەكلىۋىنى بېرىپتۇ،بۇ بىچارە شۇنىڭ بىلەن تۈگىشىپلا كىتىپتۇ،بۇ رىياللىقنى پەقەت قۇبۇل قىلغۇسى كەلمەپتۇ،بىراق قۇبۇل قىلمايمۇ ئامال يوقلىغىنى بىلىپ بېرىپتۇ،بارسا دوختۇر ئۇزۇن مۇددەتلىك روھى ، جىسمانىي جەھەتتىن چارچىغانلىقتىن ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدا 15كۈن يېتىپ چىقىپتۇ،بۇ جەرياندا ھېلىقى <ئەر>ھارىقىنى ئىچىپ جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن بىخەۋەر يۈرۈۋېرىپتۇ.(ئۇ ئەر ئۆزى پۇل تاپالمىغان بىلەن ئۆي ئىچىدىكى پۈتۈن ئىشقا يوليۇرۇق كۆرسىتىپ قىلنى قىرىققا يارىدىكەن)دوختۇر چىقىدىغان چاغدا ئەمدى قەتئى بىر ئىشلارنى ئويلىسا بولمايدىغانلىقى.ھەتتا ئۈيىگە ئوت كەتكەن تەقدىردىمۇ كارى بولماسلىقى.بولمىسا دوستۇمنىڭ نېرۋىسىنىڭ پۈتۈنلەي كاردىن چىقىدىغىنىنى قايتا -قايتا جېكىلەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن دوستۇم قېيناپىسىنى ئىزدەپ بېرىپ ئۆينىڭ تۇرمۇشىغا ئانچە-مۇنچە قاراپ تۇرسا ،ئۆزى قەرزلەرنى تۆلىۋالدىغىنىنى بولمىسا ئاجرىشىشتىن باشقا يول يوقلىقىنى  دەپتۇ.بىراق سۈيۈملۈك قېيناپىسى ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى دەپ <ئاجرىشىپ كەتسەڭلار مەيلى>دەپتۇ.(قېيناپا-قېيناتىسى ئىككىلىسى يۇقۇرى مۇئاشلىق دۆلەت مەمۇرلىرى).شۇنىڭ بىلەن دوستۇم ئاخىرى بۇ رەھىمسىز رىياللىقنى ئۆزگەرتەلمەي ئاجرىشىش يولىنى تاللىۋاپتۇ.داۋامىنى ئەتە يوللاي
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-12 02:16 |
abdukamil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4675
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 804 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 802 سوم
تۆھپە: 480 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 483 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخىرى دوستۇم ئۇلارنىڭ بەرىبىر ئاجرىشالمايدۇ دىگەن كۆڭلىنى يەردە قويۇپ ئاپىسىنىڭ ئۈيىگە كىتىپتۇ.بۇ نامەرتلەر بولسا ئالمان-تالمان  ئۆينى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈپ بېرىشى كېرەكلىكى،بالىنى ئۆزلىرى باقىدىغانلىغى توغرۇلۇق سوتقا ئەرز قىپتۇ.بۇ يەردىكى دوستۇمغا  ھار كەلگىنى ئۇلارنىڭ  ئەرزدە دىيىشىچە دوستۇم پۈتۈن مۇئاشىدا ئاپىسىنى بېقىپتۇ.دوستۇم ئۆي ئىشى قىلمايدىكەن. پۇلنى بۇزۇپ چاچىدىكەن............تېىخمۇ ھار كەلگىنى پۈتۈن قەرزنى ئۆزى ئالغان ،بىز بۇرۇنقى قەرزلەرنى تۆلەپ بولدۇق ،كىيىنكى پۇللارنى بىز ئۇقمايمىز دەپتۇ.سوتتا  سوتچى مۇشۇ گەپلەرنى ئوقۇغاندا پەقەت يىغلىمىغان دوستۇم بەك يىغلاپ كىتىپتۇ ۋە ئېرىگە:<بولىدۇ،بۇ كۈنلەرمۇ تۈگەيدۇ،سەن ئەگەر ئادەم بولساڭ قېنى دەپ باقە؟سەن ماڭا تالادىن 1000كوي پۇل ئەكىرىپ ماۋۇ پۇلدا قەرز تۆلە دەپ باقتىڭمۇ؟شۇنداق بولغاندا بۇ ئۆيدە يەۋاتساق ياشاۋاتساق مەن بۇ 900كوي مۇئاش بىلەن قانداق قەرز تۆلەيمەن؟مەن بۇ يەتتە يىلدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ھېيتلىق ياكى بايراملىق كىيىم كىيىم باقتىممۇ؟بوپتۇ،سىنىڭ دىگىنىڭدەك بولسۇن.ئوتتۇرىمىزدا بالىمىز بار،سەن بىلەن ئۇرۇشسام بالا ئازار يەيدۇ،ئۆزەمنىڭ تويدىكى خاتالىقى تۈپەيلىدىن بالىنى ئازاپلىسام بولمايدۇ >دەپتۇ.شۇنداق قىلىپ ئۇلار دوستۇمنىڭ پۈتۈنلەي يول قۇيۇشى نەتىجىسىدە چىرايلىق ئاجرىشىپ كىتىپتۇ.كۈنلەر يەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋېرىپتۇ،بۇ <ئەر>نەچچە قېتىم مەس بولۇپ دوستۇمنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۈيىگە بېرىپتۇ.لىكىن دوستۇم ئۇنىماپتۇ.چۇنكى ئۇ ئەمدى ئاپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قەرزلىرىنى تۆلىشى كېرەكتە!ئۇ شۇ چاغدىلا پۇل بولمىسا ھەر قانداق يالقۇنلۇق مۇھەببەتنىڭمۇ تۈگەيدىغىنىنى ھىس قىپتۇ!ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە <ئەر>دوستۇمغا تېلفۇن قىلىپ ئۆينىڭ پۇلىنى بېرىش كېرەكلىكىنى بولمىسا ئۈيىدىكىلىرىنىڭ ئالدىدا بەك خىجىل بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.بىچارە دوستۇم <توۋا ،بۇرۇنمۇ شۇنداقتى،ھازىرمۇ مۇشۇ بىچارە قايسى پۇلنى بېرەر دىمەي دىگىنى قارا>دەپ بەك يىغلاپتۇ.كىيىنچە ئۇلار پۇلنى سۈيلەۋېرىپتۇ.(ئەينى ۋاقىتتا دوستۇمنىڭ شۇنچىلىك قۇربانلىق بەرگەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كىتىپتۇ).دوستۇم بىر كۈنى بالىسىنى ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن كىتىۋاتسا ،قېيناتىسى ئۇچراپ قېلىپ بالىغا گەپ قىلىپ ،دوستۇمغا قاراپمۇ قويماپتۇ.شۇنىڭ دوستۇم پەقەت ئامال قىلالماي ئۆينى سېتىپ ئۇلارنىڭ پۇلىنى بېرىپ باشقا قەرزلەرنىمۇ تۈگىتىپتۇ.مۇشۇ ۋاقىتتا دوستۇمغا <ئەر>دىكى سوتتىن بېرىلگەن بىر كېلىشىمنامە لازىم بولۇپ قېلىپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلسا پەقەت ئالالماپتۇ،ئاخىرى بولماي ئۇلارنىڭ ئۈيىگە تېلفۇن قىلسا قېينائاپىسى ئۇنى نەچچە كۈندىن بېرى كۆرمىگەنلىكىنى ،ئۆزلىرىنىڭمۇ ئالاقىلىشالمايۋاتقانلىقىنى دەپتۇ.دوستۇم ئاخىرى ئامال قىلالماي سوتتىن ئادەم تېپىپ ھەل قىپتۇ.ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن دوستۇم تۇيۇقسىز <ئەرنىڭ>بىر دوستىنىڭ ئايالىدىن <ئەرنىڭ>مەمۇرلىق ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ قەشقەرگە ئۆتكەنلىكىنى ھازىر شۇ يەردە كادىرلار ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ.توۋا ،خىزمەتكە ئورۇنلىشىپلا بۇنداقمۇ يۈز ئۆرىگەن بارمۇ ؟ئۇنى قەشقەردە ئىشلەۋاتىدۇ دەپ قويسا دوستۇم بېرىۋالامتى؟ئەينى ۋاقىتتا شۇ دوستۇم شۇلار چوڭ بىلگەن شۇ خىزمەتنى چوڭ بىلمەي ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ئەمەسمىتى؟بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا راستىنلا بىر نەرسە دىگىلى بولمايدىكەن!شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىكى بالىنىڭ پۈتۈن چىقىملىرى دوستۇمغا قاپتۇ،بىز دوستلارنىڭ قورسىقى كۆپۈپ <ئەينى ۋاقىتتا سىنىڭدىن تالىشىپ ئېلىۋالغاندىن كىيىن ،چىقىمىنىمۇ ئۆزلىرى كۆتۈرسۇن >دىسەك ، ئۇ مەرت دوستۇم ئۇنداق قىلسام بالام مەن ئارتۇقچە ئادەم ئوخشايمەن دەپ ئازاپلىنىپ قالىدۇ دىدى.ھەش-پەش دىگۈچە بالا 8 ياشقا كىرىپ، ئۇنىڭمۇ خەتمە تويىنى قىلىدىغان ۋاقىت ئۈتۈپ كىتەي دەپتۇ. دوستۇم قارىسا بۇلاردىن ھىچبىر سادا چىقىدىغاندەك ئەمەس!شۇڭا قېيناپىسىنى چاقىرىپ چىرايلىق پاراڭلىشىپتۇ،لىكىن قېيناپىسى يۈزىدىن يۈزىگە مەن نەۋرەمنىڭ تويىنى ئويلاشماپتىمەن،پەقەت ئوغلۇمنىڭ تويىنى ئويلىشىپتىمەن ،نەۋرىمىزنىڭ تويىنى قىلمىساقمۇ بولىدۇ،-دەپتۇ.(ئۆزىنىڭ قىزى يېشى كۆپ پەرقلەنمەيدىغان ئىككى ئوغلىنىڭ سۇننەت تويىنى ئىككى قېتىم قىلغان )بۇ ئاڭلىق دوستۇم چاندۇرماي كۈلۈپ تۇرۇپ :<ئاپا ،سىزمۇ ئوغلىڭىزنى ئويلىشىسىز،مەنمۇ ئوغلۇمنى ئويلىشىمەن،بۇ ئىنتايىن نورمال ئەھۋال،ئەگەر سىلەر قىلالمىساڭلار مەن قىلاي ،>. دەپتۇ.شۇنداق قىلىپ دوستۇم توينى بىر ھەپتە ئىچىدىلا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك قىلىپ ئۆتكۈزۈپتۇ،توي كۈنىدىكى بالىنىڭ روھى ھالىتى ھەممە ئادەمنى يىغلاتتى.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-12 13:14 |
abdukamil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4675
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 804 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 802 سوم
تۆھپە: 480 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 483 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇنداق قىلىپ بۇ تويمۇ تۈگەپتۇ.كۈنلەر يەنە شۇنداق ئۆتۈۋىرىپتۇ،<ئەر>قەشقەردە ھاراقنى ئىچىپ كۈن كەچ قېلىپ يۈرۈۋېرىپتۇ.(بۇ جەرياندا ئۈچ قېتىم توي قىلىمەن دەپ  جابدۇپ توي  قىلماپتۇ、،سەۋەبىنى دوستۇممۇ بىلمەيدىكەن ).ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە بۇ تەلەيلىك <ئەر>يەنە ئاتا-ئانىسىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ بىر ئورگانغا ئىشقا چۈشۈپتۇ.بۇ جەرياندا بۇلار بالىنىڭ مۇناسىۋېتى بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشۈپتۇ.ئۇ ھەر قېتىم ئېغىر مەس بولغاندا دوستۇمنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا كېلىۋالىدىكەن،ساق ۋاقتىدا بولسا ئويۇنىنى ئويناپ يۈرۈۋېرىدىكەن.دوستۇمنىڭ دىيىشىچە، ئۇ دوستۇمنىڭ بالىغا چىدىمايدىغانلىغىنى بىلىپ دوستۇمنى ئۆزىنىڭ ئويلىغان يېرىگە ئاپىرىپ ئۆي تۇتماقچى ئىكەن،(چۇنكى ئۇ ئەر  مەيلى توغرا بولسۇن بولمىسۇن ئۆزى نىمىلا ئىش قىلسا يوللۇق ھىساپلايدىغان ،لىكىن ئايالىغا يول قويمايدىغان ئادەم)دوستۇم ھەممىگە چىداپ بالىسى ئۈچۈن  يارىشىپ قالاي دەپ ئويلىسىمۇ ئۇنىڭ ھاراق ئىچىدىغىنىنى ئويلاپ بۇ نىيىتىدىن يېنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن يەنە ئىككى يىل ئۆتۈپتۇ،بىر كۈنى دوستۇم بالىسىنى دۆلەتلىك بىر مۇسابىقىغە قاتناشتۇراي دىسە ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر شەرتى چوقۇم ئاتا-ئانىسى ئاجراشمىغان بالا بولىشى كېرەككەن،ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئاتا-ئانىسى ئاجراشقان بالا ھەر قانچە ياخشى تەربىيىلەنسىمۇ يەنىلا مۇكەممەل بولمايدىكەن!بۇ گەپ دوستۇمنىڭ ئىدىيىسىگە قاتتىق توقۇنۇشۇپتۇ.(بالىسى ھەر تەرەپتىن  ياخشى تەربىيىلەنگەن بالا ئىدى)،مۇشۇ چاغدا دوستۇم ئاجراشقان ئاتا-ئانىلارنىڭ گۇناھسىز  بالىلىرىنىڭ قانداقلا قىلسا يەنىلا باشقا بالىلاردىن مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ ئىنتايىن ئازاپلىنىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن بىر بىگۇناھ نارىسىدىنى جازالىماي ،قانداقلا دەرت تارتسا چىداپ بۇ ئۆينى تۇتۇش قارارىغا كەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىپتۇ.ھېلىقى ئەر بولغان ئادەم ئۆينى ياسىغىچە 50000يۈەن قەرز ئالدىم دەپ دوستۇمغا بىرەر تال ياغلىقمۇ  ئېلىپ بەرمەپتۇ ھەم مۇئاش كارتىسىنى ئۆزىگە بېرىشنى ،ئۆزىنىڭ مۇئاشىدا قەرز تۆلەپ دوستۇمنىڭ مۇئاشىدا ئۆيگە خىراجەت قىلىدىغانلىقىنى دەپتۇ.دوستۇم ھامىنى ئۆي  تۇتقاندىكىن قەرزلەرنى بالدۇرراق تۈگىتىۋېتەيلى دەپ كۆڭلى خالىمىسىمۇ ماقۇل دەپتۇ.دوستۇم ياراشقاندىن كىيىن قارىسا بالىسى بەكلا خوشال .شۇنىڭغا قاراپ توغرا قىلغفن ئوخشايمەن دەپ ئويلاپتۇ.بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارماپتۇ.ئىت پوق يەيدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ دىگەندەك ،يولدىشى ئارىلاپ-ئارىلاپ كىچە-كىچە مەس ئۆيگە كىرمەپتۇ.كىرسىمۇ تاڭ ئاتقاندا كىرىپتۇ.مەس بولۇپ ئۆيىنى تاپالماي دوستۇم ئۆزى چىقىپ ئەكىرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش تەكرارلىنىۋەرگەندىن كىيىن دوستۇم ئاخىرى <بۇرۇن كىچىككەنمەن قانداقلا قىلساڭ كۆتۈرۈرەلەيدىكەنمەنتۇق،ئەمدى مەنمۇ چوڭ بوپتىمەن،خىزمىتىڭ بولمىغان بولسىغۇ مەيلىتى،مۇشۇنداق يۇقىرى مۇئاشلىق خىزمىتىڭ تۇرۇپ يا پۇلۇڭنىڭ راھىتىنى كۆرمەپتىمەن .ئۆيدە ئېزىپ-تېزىپ قىلىپ بىر چىنىنى ئۇياقتىن -بۇياققا ئېلىپ قويمايسەن.يا ئۇ راھىتىڭنى كۆرمەپتىمەن ،مەنمۇ سىنىڭ خىزمەتكارىڭ ئەمەس ،بولدى مۇئاش كارتامنى ئۆزەمگە قايتۇرۇپ بەر،مەنمۇ مۇۋاپىق ئىشلىتەي >دەپ كارتىسىنى ئېلىۋاپتۇ.دوستۇمنىڭ دىيىشىچە مائاشىدىن ئاز دىگەندە 1000يۈەننى ئۆيگە ئىشلىتىدىكەن.شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئەر بىراقلا ئۆزگىرىپتۇ،دوستۇم بالىسى ئۈچۈن يەنىلا چىداپتۇ.ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا پۇل توغرىلىق يولدىشى ئۇنى قاتتىق ھاقارەتلەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن سەۋرى تاقەتنىڭمۇ چېكى بولغاندەك ئۇ چىدىيالماي قانداق قىلسام بولار دەپ ماڭا تېلفۇن قىپتۇ.مەن ھەممە ئەھۋالنى بىلگەچكە غەزىۋېم تېشىپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.توۋا ،تۇيۇقسىز چىڭگىزخاننىڭ كىنوسىدىكى ئەرلەر ئەرلەردەك ئاياللار ئاياللاردەك دەۋىرنى ئەسلەپ قالدىم!
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-12 22:46 |
abdukamil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4675
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 804 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 802 سوم
تۆھپە: 480 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 483 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى nadiya1دە2012-03-12 22:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    مېنىڭ بىر ياخشى دوستمۇ  ئاقنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدىغان بىرى بىلەن  ئارلىشۋېتىپتىكەن بىلمەي يۈرۈپتىمەن،كېيىن ئاڭلاپ بەك ھەيران قالدىم ،جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئەقلسىز بولىدىكەن،دوستۇمغا شۇنچە نەسىھەتلەرنى قىلساممۇ،ھازىر تاشلىدى دەپ گېپىمگە كىرمىدى ھەمدە مەندىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى،ئاخىر بولمىغاندا بۇنداق كىشىلەردە ئەيدىز كېسىلى بولۇش ئېھتماللىقنى يوقىرى ئىكەنلىكىنى ئېتسام،ئوكۇلنى ئورتاق ئىشلەتمەپتىكەن دەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن <<ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشقىچە ئوغرى بىلەن ئارلاشقان بولساڭ بولمامدۇ ،نەسىھەت قىلساڭ ئوڭشىلار ئىدى،ھىچ بولمىسا ئوغرلىق قىلىپ باقار ئىدى سېنى>> دېدم. شۇنىڭ بىلەن 20يىللىق دوسلىقمىزغا دەز كەتتى ،بىر قانچە ئاي بولدى ئالاقىلاشمىغىلى،قايسى كۈنى تېلغۇن قىلسام تېلغۇنى توختىپ تاشلاپتۇ،ئاڭلىسام ئۇرۇق -تۇققانلىرى شۇنچە نەسىھەت قىلسىمۇ ،قۇلاققا كىرمەپتۇ،شۇنچە ساددا ،ئاقكۆڭۇل دوستومنىڭ تاللىغان ئۆمۇرلىك ھەمراسى مېنى بەك غەش قىلدى

لېكىن دوستۇمنىڭ يولدىشى شۇ تاشلىغان پېتى چەكمەپتۇ،بىرىنجىسى شەپقەتلىك اللە ،ئىككىنچىسى دوستۇمنىڭ ياردىمىدە تاشلىغان!
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-12 22:52 |
abdukamil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4675
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 804 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 802 سوم
تۆھپە: 480 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 483 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى uyghurboysدە2012-03-14 19:02يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
  بۇ تۇقۇلما رىئاللىقتىن بەكلا ھالقىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ ج خ ئىدارسىدىن قوغلاندى بولغان ، يەنە كېلىپ زابۇي ، چىكەرمەن بىر كىشنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتەلىشى مۇمكىنمۇ ؟ يازمىچە ئىمتىھاندىن ئۆتتىمۇ دەيلى سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن قانداقمۇ ئۆتەلىسۇن ؟ مەمۇرلارنى قۇبۇل قىلىشتا بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمە ناھايىتى ئېىنىققۇ ؟!   
 
 ئۇ شىنجاڭ ئونۋېرسىتىنىڭ قانۇن كەسپىدە بەش يىل ئوقۇغان .مەن ئۇنى زابوي دىمىدىم ،ھاراق ئىچىدۇ دىدىم!ھاراق ئىچسە ئۇ خىزمەت ۋاقتىدا ئىچەمتى؟ سىزنىڭچە بىر ئائىلىگە نىسبەتەن شۇ ئائىلىدىكى ئەر  ھەپتىدە ئىككى ئۈچ كۈن خۇدىنى بىلمىگىدەك ھاراق ئىچسە ئۇ نورمال ئائىلە ھىساپلىنامدا؟
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-14 23:37 |
abdukamil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4675
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 804 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 802 سوم
تۆھپە: 480 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 483 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى getlir1889دە2012-03-14 19:33يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


چىكەرمەنكەنتۇق تاشلاپتۇ  ، مەمۇرىلارنى قوبۇل قىلىشتا زابۇيلارغا چەكلىمە قويۇلىدۇ ، ئەگەر بۇ توغۇرلۇق بەلگىلىمە چىقىپ قالسا زابويلارغا ئېتىۋار قىلسا قىلىدۇ  چەكلىمەيدۇ ، 
   ج خ ئىدارىسىدىن بەلكىم قوغلىغاندا  ئۆزىگە ئىستىپا يازغۇزۇپ قوغلاندى قىلغاندۇ . جۇڭگوچىلىقتا بۇ ئىشلارغا  ھەيران بوپ يۈرمە !

توغرا دەپسىز ،ئۇ قوغلاندى بولغاندا ئارخىبىغا ئىستىپا بەردى دەپ يېزىلغان!
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-14 23:41 |
abdukamil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4675
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 804 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 802 سوم
تۆھپە: 480 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 483 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 27قەۋەتتىكى makanimدە2012-04-13 15:52يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەگەر شۇ قىز مېنىڭ دوستۇم بولسا شۇنداق دەر ئىدىم : "ئىككى تەرىپىڭىزگە قارىماي ئاجىرشىڭ ، سىزنى ياراتقان ئىگەم سىزگە يانا بەخىت ئاتا قىلالايدۇ "

مەنمۇ شۇنداق دىدىم،بۇ قېتىم ئاجرىشىدىغان ئوخشايدۇ.
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 10:27 |
abdukamil
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4675
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 804 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 802 سوم
تۆھپە: 480 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 483 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 37قەۋەتتىكى artamدە2012-05-28 21:18يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئابدۇكامىل ئەپەندىم، دوستىڭىز  ئايال كىشىكەن، سىزگە ئەجەپ ھەممە سىرلىرىنى دەپ بېرىدىكەن ھە. سىزنىڭچە، دوستىڭىزنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى راستمىدۇ؟ تۇرمۇشقا <شاپىلاق ئىككى قولدىن چىقىدۇ> دېگەن سۆزنى تەدبىقلاپ، ئاندىن باشقىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ھەققىدە ئاممىۋى سورۇندا سۆزلەشنىڭ ئاقىلانىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟ دوستىڭىزغا راستىنلا كۆيۈنسىڭىز، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىشىغا ياردەم بەرگۈڭىز كەلسە، دوستىڭىزنىڭ ئاشۇ <نامەرت> ئېرى بىلەنمۇ سۆزلىشىپ بېقىڭ، بەلكىم، باشقىچە خۇلاسىگە كېلىپ قېلىشىڭىز مۇنمكىن،
 
توردىشىم مەن ئايال كىشى،ئابدۇكامىل دىگەن ئوغلۇمنىڭ ئىسمى!سىزمۇ مىنىڭ كىملىكىمنى ،دوستۇمنىڭ كىملىكىنى بىلمەيسىز ،شۇڭا بۇ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاممىۋى سورۇندا دىگەنلىك بولمايدۇ!بەزىبىر رومانلاردىكى ۋەقەلىكمۇ رىيال تۇرمۇشتىكى ھەقىقى ۋەقەلىكتىن ئېلىنغانغۇ؟
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-31 20:12 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە