رەسسام ئالداندى
ئىككى رەسسام بىر-بىرىگە دېدىكى؛
_ئىككىمىز ئىككى تەسۋىر سىزايلى،ئىككىمىزنىڭ قايسىمىز ياخشى سىزىمىزكىن كۆرۈپ باقايلى.ر
ەسسامنىڭ بىرى بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ،دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويدى.قۇشلار ئۇنى كۆرۈپ،تۇمشۇقلىرى بىلەن چوقۇسا،ئۇنىڭغا قارىغان كىشىلەر تولىمۇ ماختاپ ئۆتەتتى. بۇرەسسام ئۆز كەسىپدىشىنىڭ سىزمىسىنى كۆرمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى ۋە:
_سىزغان تەسۋىرىڭ قەيەردە؟_دەپ سورىدى.
_بۇ پەردىنىڭ ئارقىسىدا. ئاۋۋالقى رەسسام پەردىنى قايرىماقچى بولۇپ قولىنى ئۇزىتىۋېدى،قولى پەردىگە ئەمەس،تامغا تەگدى.ئەسلىدە،رەسسام تامغا پەردىنىڭ تەسۋىرىنى سىزغانىكەن.پەردە سىزغان رەسسام كەسىپدىشىغا مۇنداق دېدى:
_سەن سۈرەت سىزىۋېدىڭ،قۇشلار ئالداندى، مەن شۇنداق سىزدىمكى،رەسسام ئالداندى.