saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 3041 قېتىم كۆرۈلدى
menggutash
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 349
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 1110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1164 سوم
تۆھپە: 595 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 595 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1871(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تۇرمۇش ئەينىكىدە--- مەڭگۈتاش

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-02-09)
تۇرمۇش ئەينىكىدە
(چاتما مۇلاھىزىلەر)
 
سەۋرچانلىقمۇ بىر تۈرلۈك بايلىقىڭىز
 
      بۇرۇنقى زاماندا بىر ئوتۇنچى بار بولۇپ، تۇرمۇشى تولىمۇ نامراتچىلىقتا ئۆتىدىكەن. ئۇ كېچە- كۇندۈز باي بولۇشنى ئويلايدىكەن. شۇ كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭغا مەلۇم بىر ئورمانلىققا بارسا بىر توخۇ ئۇچرايدىغانلىقى، شۇ ئارقىلىق مۇراد- مەقسىدىگە يېتەلەيدىغانلىقى ھەققىدە بىشارەت بوپتۇ. ئەتىسى ئۇ ھېلىقى جايغا بېرىپ توخۇنى تۇتۇۋاپتۇ. بۇ تۇرقى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ گۆھەر تۇغىدىغان توخۇ ئىكەن. ئۇ ھەر كۇنى بۇ ئادەمگە بىردىن گۆھەر تۇخۇم تۇغۇپ بېرىدىكەن. شۇنى خىراجەت قىلىپ خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. بىر كۈنلەردە بۇ ئادەم كۆڭلىدە "كۈندە بىر تۇخۇم ئالغاندىن توخۇنى ئۆلتۈرۈپ ئىچىدىكى گۆھەرلەرنى ئېلىۋالسام بىراقلا بېيىپ كەتمەمدىم؟" دېگەننى ئويلاپ توخۇنى ئۆلتۇرۇپتۇ. قارىسا ئىچىدە ھېچنېمە يوق. ئۆزىنىڭ سەۋرسىزلىكىگە ھەسرەت- نادامەت چېكىپتۇ. لېكىن ئورنىغا كەلمەپتۇ. قارىماققا بۇ بىر مەسەلدەك تۇرسىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىسى خېلى چوڭقۇر.
           سەۋرچانلىق بىر ئادەمنىڭ سەۋىيىسىنى بىۋاستە ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ لېكىن شۇ ئادەمنىڭ خاراكتېرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كونىلاردىكى "سەۋرنىڭ تېگى سېرىق ئالتۇن" دېگەن بىر جۈملە ھېكمەتمۇ تالاي تارىخ داۋامىدا يەكۇنلىنىپ چىققان. بىر دەملىك ئاچچىق سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان ئائىلىلەر، بىر دەملىك ھاياجان بىلەن تارتقان زىيان ، بىر ئېغىز ئورۇنسىز سۆز سەۋەبىدىن بۇزۇلغان سورۇن ... ھەقىقەتەن كۆپ. ھەتتا بىر ئېغىز خاتا سۆز سەۋەبىدىن دۆلەتلەر ئارىسىدا نەچچە يىللاپ ئۇرۇش بولغان ئەھۋاللارمۇ بار.
       خۇددى يۇقىرىقى مەسەلدىكىدەك بىراقلا بېيىشنى ئويلاپ موللاق ئېتىپ ئېسىگە كېلەلمەيۋاتقان كىشىلەرمۇ ئەتراپىمىزدا بار. سەۋر ئاجايىپ بىر بايلىق. سەۋر كىشىنى ئاجايىپ قامەتلىك ، بىلىملىك، جەلىپكار كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە قانچىلىك سۆلەتلىك بولسىڭىزمۇ يېنىكلىك بىلەن ئىش كۆرسىڭىز قىممىتىڭىز بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن "يېرىم چېلەك سۇ بەك شالاقلايدۇ." دېگەن سۆزنى تەھلىل قىلساقلا كۇپايە.
 « سۈكۈت ساقلاشمۇ بۈيۈك تالانت.»دەيدۇ دانالار.دەرۋەقە،سۈكۈت قىلىش ئېرىشمەك تەس بولغان پىسخىك ساپا ۋە قىممەتلىك جاھاندارچىلىق يولى.
     «تەرمىلەر»ژۇرنىلىدىكى سۈكۈت ھەققىدە يېزىلغان مۇنۇ قۇرلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ:
     «قۇياش سۆزلىمەيدۇ،چۈنكى ئۇ نۇر ۋە شولا.تاغلار سۆزلىمەيدۇ،چۈنكى ئۇ سەلتەنەت.ئاسمان سۆزلىمەيدۇ.چۈنكى ئۇ يۈكسەكلىك.سۈزۈك سۇلار سۆزلىمەيدۇ،چۈنكى ئۇ جىلۋىدارلىق.ئالتۇن سۆزلىمەيدۇ چۈنكى ئۇ قىممەت.قارىغاي سۆزلىمەيدۇ،چۈنكى ئۇ يېشىللىق.گۈللەر سۆزلىمەيدۇ.چۈنكى ئۇ گۈزەللىك.ئىنسانمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش،ئالىيجانابلار ماختانمىسىمۇ ،كىشىلەرنىڭ ئىززەت- ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.»
        ئۆز بەستىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر داننى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان چۈمۈلە سۈكۈتنىڭ ئۇلۇغۋارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.سۈكۈت قىلىش پىشىپ يېتىلگەنلىك.تۇرمۇشتا سۈكۈت قورالىدىن پايدىلىنىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر خېلى بار.ئۇلار ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان مەۋھۇم نەرسىلەر ياكى بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر ئۈچۈن توختىماي چالۋاقايدۇ.ئۇلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەن بەدىلىگە ئېرىشكىنى قەدىرسىزلىك ۋە بىچارىلىك.سۈكۈت مەلۇم كىشىنىڭ سەۋرچانلىق دەرىجىسى ۋە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.سۈكۈت ئۆز نۆۋىتىدە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ.تاشنى يارغان ئۇرۇق دەل ئاشۇ سۈكۈت ئىچىدە تۆرەلگەن ئەمەسمۇ!
     ئەر -ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلغان جەمئىيەتشۇناسلار بىر تەرەپتە سۈكۈت قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەت بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ماجرالارنىڭ كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەتلەرگە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان.«قابۇسنامە»
        دە مۇنداق مەزمۇنلار بار:«سۆزگە ئۇستا كىشى ھەر بىر سۆزنى ئۆز ئورنىنى تاپمىسا ئېيتمايدۇ.چۈنكى ھەر بىر سۆز ئۆز جايىدا سۆزلەنمىسە ،ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ تېتىقسىز ئاڭلىنىدۇ.ئۇنىڭ سەۋەبىدىن سۆزلىگۈچى جەبر-جاپاغا يولۇقىدۇ.»
          «ئەخمەق،نادانلار ساڭا قوپاللىق قىلسا جاۋاب بەرمە،چۈنكى ،دانالار ئېيتقانكى،ئەخمەققە بېرىلىدىغان جاۋاب سۈكۈتتۈر !»بىراق غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنغان پەيتتە نېمە قىلارىنى بىلمەسلىكنى سۈكۈت دېگىلى بولمايدۇ.چۇقان ۋە مۇنازىرىدىن يىراق تۇرغانلىقنى سۈكۈت دېگىلى بولمايدۇ.ئادەم شۇنداق بولۇشى كېرەككى ،ئۇ بەزىدە سۈكۈت قىلىشى،بەزىدە سۆزلىشى،سۈكۈتنىمۇ ،سۆزلەشنىمۇ ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك.
          سىز گۈزەل ئىستەكلىرىڭىز يولىدا پۇختا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەۋاتقىنىڭىزدا ،نادىر ئەسىرىڭىز پۈتۈش ئالدىدا ،كەشپىياتىڭىز يورۇقلۇققا چىقىش ئالدىدا تالاي بېلجىرلاشلارنىڭ ،زەھەرخەندە پىچىرلاشلارنىڭ قۇلىقىڭىز تۈۋىدىلا ئاڭلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.بىراق،مۇشۇنداق پەيتلەردىمۇ سۈكۈتتىن ئىبارەت بۇ ئېسىل قورالىڭىزنى ئىشلىتىپ ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىزلا قولىڭىزدا ھەقىقەتنىڭ ئاچقۇچى چاقناپ تۇرغانلىقىنى بايقاپ قېلىشىڭىز مۈمكىن.  
*******
       سەۋرچان ئادەم ئۆزىگە چېكىنىش يولى قالدۇرالايدۇ. ئويلىمىغان بايلىق ياكى خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ.  بەخت قۇشى بېشىغا قونسا خۇشاللىقتىن خۇدىنى يوقىتىدىغان ، ئاپەت كەلسە ھەم خاپىلىقتىن ئۆزىنى تاشلىۋېتىدىغان كىشىلەر تۇرمۇشتىن ھەقىقىي زوق ئېلىشنى بىلمەيدىغانلاردۇر. يەنە كېلىپ بۇ خىل پاسسىپ روھىي ھالەت كىشىلىرىمىزدە يۇقىرى قان بېسىمى ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىقلارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتىدۇ.
           مېنىڭ بىر تونۇشۇم بار. ئۇ ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تۇرمۇش داۋامىدا سەۋرچانلىقنى ھاياتلىق مىزانى قىلىپ ياشاپ كەلدى. ئۇ قايغۇ بىلەن شادلىقنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرىدىغانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئاشۇ بەختسىزلىكلەرنىڭ ھاياتلىق ھەققدىكى تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك بايلىق  ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. ئۇ 20-30 مىڭ يۇەن قەرز ئۈچۈنلا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان كىشىلەرگە تولىمۇ ھەيران.
         سىز مەلۇم بىر ئىشقا قاتتىق غەزەبلەنگەن  چېغىڭىزدا شۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدىكى پايدىلىق تەرەپنى كۆرىدىغان ئەقىل كۆزىڭىزدىن مەھرۇم قالغان بولىسىز. قاتتىق ئۆچەكەشكەن رەقىبلەرنىڭ دېپلوماتىيە سورۇنلىرىدىكى كۈلۈمسىرىگەن قىياپىتىگە قاراپ باقسىڭىز سەۋرنىڭ رولىنى مۆلچەر قىلالايسىز. "كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ " دېگەندەك ھاياتلىق يولىمىزدا تېخى نۇرغۇن قىسمەتلەر بىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ھەر بىر دوقمۇشتا سىزگە كۈلكىلا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىش يوق.
         ئەتراپىمىزدا گۆھەر تۇغىدىغان ئائىلە، خىزمەت، دوستلۇق ... قاتارلىق نۇرغۇن "توخۇ" لار بار. ئۇلار گۆھەرنى ئارىلاپ تۇغۇپ قويۇشى ھەتتا ئۇزۇنغىچە تۇغماسلىقى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا سەۋر بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ "توخۇ" نى زادى قانداق يەم بىلەن بېقىشىڭىز لازىملىقىنى ئويلاپ كۆرۇڭ. گۆھەر تۇغمىدى، دەپلا ئۇنى تاشلىۋەتسەك ئەتىسى قولىمىزغا كېلىدىغان "گوھەر" دىن قۇرۇق قالىمىز، خالاس. ھەر بىرىمىزگە سەۋرچانلىق ھەمراھ بولسۇن.
 
      غېرىب كۆڭۈللەرگە غەمخان بولايلى
 
          بىر كىشىنىڭ بىر قانچە چۈجىسى بولۇپ ،بىر كۈنى قاتتىق چاقماق چېقىپ گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ.گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردا چۈجىلەردىن بىرىلا ساق قېلىپ باشقىلىرى ئۆلۈپ كېتىپتۇ.بۇ تەنھا چۈجە دەسلەپتە قۇرت-قوڭغۇزلارنى تۇتۇپ ،پەيلىرىنى تاراپ يۈرگەن بولسىمۇ كېيىن بارا-بارا ھالسىزلىنپ ئاخىرى ئۆلۈپ قاپتۇ.چاقماق چاققان كۈنى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردا نىجاتلىق ئىزدىگەن بۇ چۈجىنى ئەمەلىيەتتە گۈلدۈرمامىدىنمۇ قورقۇنچلۇق بولغان يالغۇزلۇق ،يىگانىلىق ھالاك قىلغانىدى.

خەلق قوشاقلىرىمىزدا :
ئەجەپ بولدۇم،ئەجەپ بولدۇم ،
ئەجەپ بولغانغا يىغلايمەن.
كىشىنىڭ يۇرتىغا بېرىپ ،
غېرىپ بولغانغا يىغلايمەن.
..........................
غېرىپلىقتا سۆيگەن يار،
ئىپار ،زەپەر پۇرايدۇ. 

   دېگەندەك مەزمۇنلار بار.دەرۋەقە ،يەككە -يىگانىلىق ئاستا خاراكتىرلىق ھالاك بولۇش دېمەكتۇر.تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە،ئۇزۇن مۇددەت يەككە-يىگانە ئۆتۈپ ،ئىجتىمائىي ئالاقىدە بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدىكەن.چەتئەللەردىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىلارنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكىمۇ نامراتلىقتىن ئەمەس،بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك يالغۇزلۇق، روھىي كىرىزىس تۈپەيلى ئۆلۈمنى بۇ خىل بۇرۇختۇم كەيپىياتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى قىلىپ تاللىغانئىكەن.ئەتراپىمىزغا دېققەت قىلساق،ئۇزۇن يىللىق ھەمرىيىدىن ئايرىلىپ قالغان بوۋاي -مۇمايلارنىڭ يول بويىلىرىغا چىقىۋېلىپ ئۆتكەن -كەچكەنلەرگە قاراش بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.يىگانىلىق ئازابىدا پۇچىلىنىۋاتقان بەزى مومايلارنىڭ تولا سۆزلىگىنىگە قاراپ كوت-كوت دەپ ئويلايمىز .ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ «ئادەم غېرىبى»بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلىمايمىز
.

كامالەتكە يەتكەن ساتراشمۇ ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى ياسىيالمايدۇ.ھېچقانداق بىر ئىنسانمۇ يەككە-يىگانە ھالدا قەھرىمان ئاتىلالمايدۇ.يىگانىلىق بىر ئادەمنى سەنئەتكارغا ئايلاندۇرالىشى ياكى نېرۋىسىدىن ئاداشتۇرىۋېتىشىمۇ مۈمكىن.مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كۆزىنى پۇل توسىۋېلىۋاتقان جەمئيەتتە روھىي جەھەتتە يىگانە قالغان كىشىلەر كۆپ بولىدۇ.ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆپرەك كۆيىنىشىگە ،سىردىشىشىغا مۇھتاج.
           نۆۋەتتە ،خېلى كۆپ قىسىم پېنسىيىگە چىققان كادىرلاردا بۇ خىل غېرىبلىق تۇيغۇسى كۈچەيمەكتە.ئۇلار گەرچە ئارزۇلۇق نەۋرىلىرىدىن مىسكىن كۆڭۈللىرىگە ئاز-تولا تەسەللىي تاپالىسىمۇ،يەنىلا ئېيتقىلى بولمايدىغان بۇرۇختۇملۇق ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىدى.چۈنكى،شەھەر مۇھىتى تۇغقانچىلىق رىشتىنى سۇسلاشتۇرىۋەتكەن،قوشنىدارچىلىق خىسلىتىنى خۈنۈكلەشتۈرىۋەتكەن.بۇخىل مېھىر،بۇخىل سۆيگۈ بىر قىسىم چەت يېزا- قىشلاقلىرىمىزدىلا رەڭگىنى يوقاتمىدى.شۇڭا ،كۆپ قىسىم كادىرلار يېزىلاردىن ئۆي-جاي سېتىۋېلىپ شەھەردە سۇ ئىچەلمىگەن سۇنۇق كۆڭلىگە يېزا مۇھىتىدىن تەسەللىي ئىزدەيدىغان،سەھرالاردىكى ساپ ھاۋا،ئويناق سۇلار،ئىلگىركىگە يەتمىسىمۇ ھەر ھالدا ساپ ئادىمىيلىك خاراكتېرگە ئىگەدېھقانلار ئارقىلىق كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان ھالەت شەكىللەنمەكتە.
          مەن تېخى يېقىندىلا يۇرتىدىن ئايرىلىپ خېلى ئۇزۇن مەزگىل يات شەھەردە ياشاپ قايتىپ كەلگەن بىر ياش بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.ئۇ ئۆزىنىڭ يات شەھەردە خېلى ئوبدان كۈن كەچۈرگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ كۆزلىرىدىن يەنىلا يىگانىلىق،يۇرتىغا بولغان قېنىپ بولماس مېھىر يالقۇنىنى سەزدىم.دېمەك،سەن ھەرقانچە پاراغەتتە ياشىساڭمۇ كۆڭلۈڭ ئىنسانغا خاس بولغان مېھىر -مۇھەببەتتىن نەمدەلمىسە ،ئېتىقاد ،ۋەتەن مۇھەببىتى دىلىڭدا يالقۇنلاپ تۇرمىسا غېرىبلىقنىڭ ئەسىرى بولۇپ قېلىۋېرىسەن.شۇ ۋەجى پاراغەت تەختىگە سۇلتان بولغان چېغىمىزدا ،قېرى ئاتا-ئانىمىزنى،ۋاپادار دوست -يارانلارنى،غېرىب -مىسكىن كىشىلەرنى يوقلاپ قويايلى.پەلەك چاقى چۆرگىلەپ سىزمۇ ئاشۇ تەنھا «چۈجە» دەك قىسمەتكە قالغىنىڭىزدا سىزگە غەمخان بولىدىغىنى ئاشۇ غېرىپ كىشىلەردۇر.
 
"ئەخمەق" دۇكاندار ۋە سەمىمىيەت
 
   يېقىندا ، ئىدارىنىڭ يېنىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ دۇكاندار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتىم. نەزىرىم تۇيۇقسىز ياندىكى تەكچىگە تىزىپ قويۇلغان بىر نەچچە پارچە 10 يۇئەنلىك پۇلغا چۈشۈپ قالدى. دۇكانداردىن "بۇ پۇللار ساختىمۇ؟" دەپ قىزىقىپ سورىدىم. ئويلىمىغان يەردىن دۇكاندار:"-ياق، بۇ پۇللار خېرىدارلار چۈشۈرۈپ قويغان پۇللار، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى تونۇيمەن. دۇكىنىمىزغا مال سېتىۋالغىلى كېلىپ قالسا قايتۇرۇپ بەرمەكچىمىز." دېدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھازىر بىر پارچە 100 يۈئەنلىك پۇلنىڭ ئىگىسىنى تاپالمايۋېتىپتۇ. ناۋادا تاپالمىسا خەير- ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلماقچىكەن. ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنى بىر تەرەپتىن ھەيران قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن قەلبىمگە ئىللىق تۇيغۇلارنى باشلاپ كىرمەكتە ئىدى.
  10 يىلنىڭ ئالدىدا بولغان بولسا بۇ ئىشقا ئۇنچە بەك ھەيران قالمىغان، دۇكاندارنىڭ بۇئىشىنى بىر ئەقەللىي ساۋات قاتارىدا سانىغان بولار ئىدىم. بىراق، كىشىلىرىمىزنىڭ ئەخلاق سۈپىتى توۋەنلەپ كېتىۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە بۇنداق ئىشلار سۇمرۇغنىڭ تۇخۇمىدەك غايىپ بولدى. "كۆرمەي قالسا ئەپقاچتىم، كۆرۈپ قالسا ئويناشتىم" دېگەن كۆز قاراش خېلىلا كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە نىجاسەت چېچىپ ئۈلگۈردى. تېخى بىر يىلنىڭ ئالدىدىلا مەلۇم بىر دۇكاندار قايتۇرۇشقا تېگىشلىك 10 يۈئەننى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ دۇكانغا تېخى 10 مىنۇت ئۆتمەي قايتىپ كىرگىنىمدە دۇكاندار يۈزىنى داپتەك قىلىپ " مەن پۇلنى بېرىپ بولدۇم " دەپ قۇتۇلغان ئىدى. مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى  "ئامانەتكە خىيانەت قىلىش" ئىكەن. "بەدەندە بىر پارچە گۆش بار . ئۇ تۈزەلسە پۈتكۈل بەدەن تۈزۈلىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن خاراپ بولىدۇ" . ئەقىدە مۇنارى ئۆرۈلگەن، ھالال- ھارام تۇيغۇسى يوقالغان ئادەم خانتەڭرىدەك قامەتلىك، قارۇندەك پۇلدار بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى تىرىكلەر تىزىملىكىدە سانىغىلى بولمايدۇ. پۇل نازۇ- كەرەشمىسى بىلەن مەن- مەن دېگەن كىشىلەرنى ئەل قىلىپ ئۇسسۇل ئوينىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە  ھېلىقىدەك پۇلدارلارغا پۇل تېخىمۇ بەكرەك زۆرۈر بولۇشى مۈمكىن. لېكىن ، ئۇ ھالقىلىق پەيتتە نەفسىدىن غالىپ كېلىپ، ۋىجدانى بۇيرىغاننى قىلالىغان. بۇ ئىش بولغىلى خېلى كۇنلەر بولدى.
  نېمىشقىكىن شۇندىن تارتىپ ھېلىقى دۇكاننى پات- پات يوقلاپ تۇرىدىغان بولدۇم.
 
ﺗﯚت ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜچ ﺳﯜرەت
 
       ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﮬﺎﻳﺎﺟﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯘرﻏﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎن، ﻗﯘﻣﯘل ﺋﯘﻳﻐﯘرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﯩﺠﺎرەت ﺳﻮرۇﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺗﯚت ﻛﻮﭼﺎ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎددﯨﻲﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﮬﻪﺷﯩﻤﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻨﺎلار ﻣﻪﻏﺮۇراﻧﻪ ﻗﻪد ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻗﯩﻴﺎﭘﻪت ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﻰ. ﺗﯚت ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘرﻏﯘن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺋﯚزﮔﻪردى- ﻳﯘ، ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯚت ﻛﻮﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘزۇن ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪدﯨﻨﺎﺳﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﻪرﻳﻪﻣﺨﺎن ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﮔﺎزﯨﺮﺳﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯘل ﻣﻮﻣﺎﻳلاﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺗﯚت ﻛﻮﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ. ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯚت ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﺪە ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺟﯜپ ﻣﻮﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺗﻪﻟﻪﯕﮕﯩﺪﯨﻦ ﮔﺎزﯨﺮﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘۋﯦﻠﯩﭗ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺳﻪۋرﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯧﺮﯨﺪار ﻛﯜﺗﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﯨﻤﻪن. ﮔﺎﮬﯩﺪا ﺋﯘلار ﻗﯘرۇﻟﯘش ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﯕﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﮔﺎﮬﯩﺪا ﭘﯩﮋ- ﭘﯩﮋ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘلار ﻗﯘﻳﺎش ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯩﺠﺎرﯨﺘﯩﻨﻰ داۋام ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
      ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن، ﺑﯘ ﻣﻮﻣﺎﻳلارﻏﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮاق ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﻮۋاي ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﮔﺎزﯨﺮﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق  ﺗﯩﺠﺎرەت ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻗﺎﺗﯩﻤﯘ ﻳﻮق. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔﺧﺎﻟﯩﺲ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ دۇﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ رەﺧﺘﺘﯩﻦ رﯨﺰﻗﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗﻳﻪﻳﺪۇ. ﺑﻮۋاي ۋە ﻣﻮﻣﺎﻳلار ﺗﯚت ﻛﻮﭼﯩﻨﯩﯔ دوﻗﻤﯘﺷﯩﺪا ﺋﯜچ ﺑﯘﻟﯘﯕﻠﯘق ﺳﯜرەت ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺳﯩﺰ دﯦﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰلا ﺋﯜچ ﭘﺎرﭼﻪ ﺳﯜرەﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﺴﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﻛﯜﺗﯜﺷﻠﻪرﻧﯩﯔﺧﺎراﻛﺘﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩلالاﻳﺴﯩﺰ. ﻣﻮﻣﺎﻳلار ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﯧﺴﺪاﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﯘﮬﺘﺎج ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن، ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻗﺎﺗﻰ ﮬﻪم دەﺳﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦﺋﺎز ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚز ﻧﯚۋﯨﺘﯩﺪۇ ﮬﺎلاﻟلاپ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺗﯩﺠﺎرەﺗﭽﯩﻠﻪردۇر. ﺋﯘلارﻧﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﺘﻰﻗﯘﻟﻠﯘﻗﻘﺎ ﻣﻪﮬﻜﯘم ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇش ﺋﻪﺳلا ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس. ﻛﯩﻠﯩﻨﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ «ﺋﻮﻏﻠﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ زۇﯕﺘﯘﯕﻠﯘﻗﻘﺎ ﺳﺎﻳلاﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﯟاﺗﺎﻣﺴﯩﺰ» دەپ ﺳﻮرﯨﻐﺎﻧﺪا  ﺑﯘﺋﺎﻧﺎ  ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪي «ﻣﻪن ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺋﻮﻏﻠﯘﻣﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﻤﻪن» دﯦﮕﻪن. ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﻐﺎﻧﺪا،  ﺑﯘ ﺋﺎﻧﺎ : «ﺋﯘﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﻘﺘﺎ ﻳﺎﯕﻴﯘ ﻛﻮلاۋاﺗﯩﺪۇ» دەپ ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﮔﻪن.
       ﻟﻮﻗﻤﺎن ﮬﻪﻛﯩﻢ ﺑﯩﺮ رەﺳﺘﯩﺪە ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺴﯩﻨﯩﭗﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ  ﺳﺎلام ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﻟﻮﻗﻤﺎن ﮬﻪﻛﯩﻢ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻤﺎي ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺮﯨﭙﺘﯘ. ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪا ﻗﺎرﯨﺴﺎ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻳﺎق ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻪرﻧﻰ ﺟﯩﺠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ. ﻟﻮﻗﻤﺎن ﮬﻪﻛﯩﻢ ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ ﺳﺎلام ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﻳﯩﮕﯩﺖ ۋەﺟﯩﻨﻰﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺋﯩﻜﻪن، ﺋﯘ «ﺑﺎﻳﺎ ﺳﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﮬﻪرﻛﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎي ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﭘﺘﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ، ﺳﺎلام ﻗﺎﻳﺘﯘرﻣﯩﺪﯨﻢ. ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﻤﺪا ﻗﺎرﯨﺴﺎم، ﮬﻪرﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪرﻧﻰ ﺟﯩﺠﯩلاپ ﮬﻪرﻛﻪت ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺴﯩﺰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺳﺎلام ﺑﻪردﯨﻢ. ﮬﻪرﻛﻪت ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ دۇﻧﻴﺎدا ﺋﯩﺰزەﺗﻠﯩﻚﻗﯩﻠﯩﺪۇ.»دەپ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ.
        ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﺴﺎم، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﭽﻪ دﯦﻘﻘﻪت - ﻧﻪزﯨﺮﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻮﻣﺎي ﻣﯧﮭﻨﻪت ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩلار، ﮬﺎلال ﻛﻪﺳﭗﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩلار ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻜﺘﯘر. ﺳﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯚت ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﭼﯧﻐﯩﯖﯩﺰدا ﺋﯘلارﻏﺎ زەن ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎراپ ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ۋۇﺟﯘدﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎپ، ﮬﺎلال ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرﯨﺴﯩﺰ.
 
ئىناۋەت شەكىلسىز بايلىقتۇر
 
       بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە، ياپونلار شەخسىنىڭ ئىززەت ـ ھۈرمىتىنى، ئىناۋىتىنى جان دەپ قوغدايدىكەن. چۇنكى، ئىناۋەت ياپونلارنىڭ بارلىق ھاياتلىق يولىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. جەمئىيەتتىمۇ مەخسۇس شەخسلەرنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاپ ئارخىپلاشتۇرىدىغان بىر ئورگان بار بولۇپ، ناۋادا شۇ شەخس بىرەر قېتىم ئىناۋىتىنى تۆكۇۋالغان بولسا بانكىدىن قەرز ئېلىشتا بولسۇن ياكى خىزمەت تېپىشتا بولسۇن، شۇ ئورۇن شەخسنىڭ ئىناۋەتلىك دەرىجىسىنى كومپيۇتېردىن كۆرگەندىن كېيىن دەرھاللا رەت قىلىدىكەن. بۇ مەزمۇنلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ياپون مەھسۇلاتلىرىنىڭ نېمە ئۇچۇن دۇنيادا ئىناۋەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنىنىڭ سەۋەبىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
       دەرۋەقە، نۇرغۇن كىشىلەر قەدىر ـ قىممىتى بىلەن ياشاشنى ئۆمۇرلۇك مىزان قىلسىمۇ ئويلىماي دېيىلگەن بىر ئېغىز سوز، ئورۇنسىز ۋاقىتتا قىلىنغان خاتا ھەرىكەت سىزنىڭ ئىنتايىن قىيىندا تىكلىگەن ئوبرازىڭىزنى تۆكۇۋېتىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجى قەدىمكىلەر «سۆزنى ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىققان سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ»، «باشمۇ ئېغىزدىن، يۈزمۇ ئېغىزدىن كېتۇر» دېگەن ھېكمەتلەرنى قالدۇرغان.
       مەلۇم سورۇندا نەۋرىسى دېمەتلىك بالا بىلەن ھاراق ئىچىشىۋاتقان بىر ئادەم ھېلىقى بالىنىڭ مەستچىلىكتىن قىلغان ھاقارىتىگە چىداپ تۇرالماي، قول ئۇزارتىشقا تەمشەلدى. سۇلھى ـ سالا بىلەن جىدەل بېسىقتى. كېيىن بىلدىمكى، ھېلىقى ئادەم بايىقى بالىنىڭ دادىسى بىلەنمۇ، ئاكىسى بىلەنمۇ بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىۋەرىدىكەن. ئەقەللىي ئادىمىي پەردىشەپنى ئۇنتىغان بۇ كىشىنىڭ ئابرويىنىڭ تىيىنغا ئالغۇسىز ھالغا چۇشكەنلىكىنى ئۇ بەلكىم تۇيغاندۇ ياكى تۇيمىغاندۇ.
         شەيخ سەئىدىنىڭ «گۈلىستان» ناملىق دېداكتىك ئەسىرىدە مۇنداق جۇملىلەر بار: «گۆھەر پاتقاققا چۇشۇپ كەتسىمۇ يەنىلا قىممەتلىك، چاڭ ـ توزان ئاسمانغا ئۆرلىسىمۇ ھامان يارامسىز، قابىلىيەت بولغان بىلەن تەربىيە بولمىسا بىكار، ئۇنۇمسىز تەربىيىنىڭمۇ پايدىسى يوق. كۈل ئالىي نەسەبتىن كېلىپ چىقىدۇ، چۇنكى ئوتنىڭ ئەسلى زاتى ئۇستۇن، لېكىن ئۆزىدە بىرەر ئارتۇقچىلىق بولمىغانلىقتىن ئۇ توپا بىلەن باراۋەردۇر».
ئىناۋەت شۇنداق بىر بايلىقكى، ئۇنى يېگىلى، ئىچكىلى، خەجلىگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئۇ تۆكۇلگەن كۇنى ئالتۇن بېرىپمۇ قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ.
          ئىناۋەت شۇنداق نەرسىكى، ئۇنى داۋراڭ سېلىش، تەھدىت سېلىش، خۇشامەت قىلىش يولى بىلەن تىكلىۋالغىلى بولمايدۇ.
          ئۇ گۇزەل خۇلق، ئۇنسىز ئىجتىھات، توھپە ئارقىلىق ئاز ـ ئازدىن جۇغلىنىدىغان شەكىلسىز بايلىق.
نېمە ئۇچۇن دۇنياۋى چولپانلار شان ـ شەرەپنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىققان كۇنى بۇ ساھەدىن ئۈنسىز چېكىنىدۇ؟ مەشھۇر يازغۇچىلار ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقاندىن كېيىن قەلىمىنى توختىتىدۇ؟ ئاقىل كىشلەر ئابرويىنى قانداق قوغداشنى بىلگەنلىكى ئۇچۇن ئاقىلدۇر.
           بىزدە يەنە «ماختىغان قىز تويىدا ئۇسۇرۇپتۇ» دېگەن ماقالىمۇ بار. بۇ ئىناۋەتنىڭ مەلۇم پەللىسىگە يەتكەندىن كېيىن، خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۇشكەن كىشىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر يا ئۆزىنىڭ پۇلى ياكى ئىلگىرىكى نەتىجىسىگە بەك ئىشىنىپ كەتكەنلىكتىن ئابروي مۇنارى غۇلاپ چۇشكەنلەردۇر. دۇنيادا يەنە شۇنداق ساختا ئىناۋەتمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ ھوقۇقى بار بەزى كىشىلەر ئەتراپىدىكىلەرنىڭ خۇشامەت يۇزىسىدىن خالىمىسىمۇ بىلدۇرگەن ھۈرمەت ـ ئىلتىپاتىدىن ئۆزىنى «قالتىس ئىناۋىتىم بار» دەپ كېرىلىپ يۇرىدۇ. لېكىن ئەمەلدىن ئايرىلغان كۇنى ئىلگىرىكى ئىلتىپاتلاردىن ئەسەر قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەسرەت ـ نادامەت بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ.
        دوستۇم، ھاياتتا شۇنداق ياشاڭكى، بۇ دۇنيادىن كەتكىنىڭىزدە رەقىبلىرىڭىزمۇ قايغۇرىدىغان بولسۇن. خەلققە يەتكۈزگەن ھىممەت ـ تۆھپىلىرىڭىز ئارقىلىق ئابروي مۇنارىڭىزنى تېخىمۇ ئېگىز تىكلەش سىزگە نېسىپ بولسۇن.
 
كۆڭلۈم ئەجەب غەش بولدى
 
        »ﺋﯩﺸﭽﯩلار ﺑﺎزﯨﺮى» دﯨﻜﻰ ﮔﯚش ﺑﻮﺗﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎرﯨلاپ ﻛﯚﯕﻠﯜم ﺗﺎرﺗﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻨﯩﯔ ﮔﯚﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎردﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻨﯩﯔﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﺴﺎم، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺳﺴﺎپ «ﻗﺎراپ ﺗﯘرۇپ ﺋﯚﭼﻜﻪ ﮔﯚﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟاﻟﺪﯨﯖﯩﺰ - ﮬﻪ»دﯦﻤﻪﺳﻤﯘ!  ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﮬﺎﻟﻰﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﯘ ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻨﯩﯔ ﺳﯚزﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﺳﻜﻪﻧﮕﻪن ﮬﺎﻟﺪا ﻳﻮﻟﯘﻣﻐﺎ راۋان ﺑﻮﻟﺪۇم. ﮬﻪرﻛﯩﻢﺋﯚزﯨﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘق رﯨﺰﻗﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻳﻪۋاﺗﻘﺎن ﺷﯘﻧﭽﻪ ﭼﻮڭ ﺑﺎزاردا  ﻗﯩﺴﻤﻪن ﺗﯩﺠﺎرەﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰﻛﯚرەﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﯘرۇن ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﯩﺮ ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎۋاﻳﺨﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚز ﺋﺎرا ﺗﻮﻧﯘر ﭼﯧﻘﯩﺶ ۋەﻗﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﺳﺎﻟﺪى.  ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮرﻟﯘق ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎت ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪا ﻣﻪۋﺟﯘت. ﺑﯩﺮاق، ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﺳﻪت ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﮬﻪۋەس ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.  داﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﻪر ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯧﻴﺘﻘﺎن ﺋﯩﻜﻪن:«ﺋﻪي ﺋﻮﻏﯘل، ﮬﻪﺳﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﮬﻪﺳﻪت ﻗﯩﻞ.»
              ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰﻳﯩﻠلاردا راﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰدا ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘلاﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺗﺎﻟلا ﺑﺎزارﻟﯩﺮى ﻛﻪﻳﻨﻰ- ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘرۇﻟﯘپ، ﺗﻮﻏﺮا رﯨﻘﺎﺑﻪت ﺋﯧﯖﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺧﺸﻰﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ۋەزﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎرﯨﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﯩﺠﺎرەﺗﭽﯩﻠﻪردە دۇﻛﯩﻨﯩﻐﺎﻛﯩﺮﮔﻪن ﺧﯧﺮﯨﺪارﻏﺎ ﻗﻮﺷﻨﺎ دۇﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎن ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن،  ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔﺧﯧﺮﯨﺪارﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘرۇﻧﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﺎﭼﺎر ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎش ﻛﯚﺗﯜرۈﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى.  ﻣﻪﻟﯘم ﻣﻪﮬﺴﯘلاﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈش ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻐﺎﺋﯚز ﻣﻪﮬﺴﯘلاﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜرۈش ﺳﻮدا ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻐﺎ زﯨﺖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ.
ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا، ﻣﻪن  ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘرﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻳﺎش ﻣﻪﻟﯘم ﻳﯧﺰﯨﺪا ﺋﺎﭼﻘﺎن ﺳﺎﺗﺮاﭼﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺠﺎرﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜرۈﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔﺑﯘ ﻳﺎﺷﻨﻰ ﺋﯘرۇپ دۇﻛﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﻗﯩﺘﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕلاپ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯘق ﺋﯩﻠﻜﯩﺪە ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
            ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮرﻟﯘﻗﻨﯩﯔﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﺮى ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﯩﺰدا ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﺋﺎﻳﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ.  ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻗﯘرۇق ﻳﯘﻳﯘش دۇﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯧﭽﯩﯟاﺗﻘﺎن، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﭘﯩﺮەﻧﯩﻜﺨﺎﻧﺎ ﻗﯘرﺳﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎﻗﻮﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟاﻟﻐﺎن... ﻣﻪﻟﯘم ﻳﯧﺰا ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﺪە ﻣﻪن ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﭘﯩﺮەﻧﯩﻜﺨﺎﻧﺎ 10 ﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗﻗﺎلاي دﯦﺪى. «ﺳﻪن ﮔﺎزﯨﺮ ﺳﺎت، ﻣﻪن دادۇر ﺳﺎﺗﺎي، ﺳﻪن ﺋﺎﻳﺎغ ﺳﺎت، ﻣﻪن ﭘﯧﺘﻪك ﺳﺎﺗﺎي» دﯦﮕﻪن ﺋﻮرﺗﺎق ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗلاش ﺧﺎراﻛﺘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺠﺎرەت ﺋﯧﯖﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪﺗﯩﺠﺎرەﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە ﻳﻮق. ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯘرﺗﯩﻤﯩﺰدا ﭼﻮڭ ﺋﯩﺶ ﻗﯩلاﻟﻤﯩﻐﺎن ﺗﯩﺠﺎرەﺗﭽﯩﻠﻪر ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪەك ﭼﻮڭ ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪردە ﭼﻮڭ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺗﻪۋرﯨﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ
»ﺋﯚﺳﻪر ﻳﯘرﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﻟﯟان دەر،  ﺋﯚﭼﻪر ﻳﯘرﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﮔﺎﻟﯟاڭ دەر»دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎل ﺑﺎر.  ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯘﺗلاش ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرا ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﻰ ﺳﯘﺳلاﺷﺘﯘرۇپ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﻨﺎق ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺑﻪرﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺳﻪﻟﺒﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ.
       ﺑﺎﺷﻘﺎﺑﯩﺮ ﺗﯩﺠﺎرەﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﺎﯕﻐﺎن ﺧﯧﺮﯨﺪارﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺶ ، ﺳﻮدﯨﻨﻰ ﻣﻮﻧﻮﭘﯘل ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ،  ﺑﺎزارﻏﺎ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﺎﯕﻐﺎن ﺗﯩﺠﺎرەﺗﭽﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪاپ ﺋﻪرزان ﺑﺎﮬﺎدا ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰﻗﯩﻠﻤﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى.
       ﮬﻪر داﺋﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ﺋﻮﻳلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪم ﻗﯩلالاﻳﺪﯨﻐﺎن ،  ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪڭ ﺳﯚﻳﯜﻧﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب روھ  ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدە ﺋﻮرﺗﺎق ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯩﻨﺎق ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺑﻪرﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ  ﺷﯘﺋﺎر ﺗﻪرﯨﻘﯩﺴﯩﺪە ﺋﻪﻣﻪس، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪت ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﭼﺎﭼﯩﺪۇ.
 
ﺋﺎزراق ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯔ
 
      ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎددﯨﻲ ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى زادﯨلا ﻛﯚرۈﻟﯜپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺗﯘرﻣﯘش رﯦﺘﯩﻤﯩﻨﻰ ﺳﻮۋﻏﺎﻗﯩﻠﺪى.
       ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش، ﺗﯘﻏﻘﺎﻧلار ﺋﺎرا رﯨﺸﺘﻪ ﺳﯘﺳلاﺷﺘﻰ. ﺋﯩﺶ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦﻗﯧﻠﯩﺶ ۋەﮬﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺗﯜﮔﯩﻤﻪس ﻗﻪرز، ﺋﺎدﯨﻤﯩﮕﻪرﭼﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺮى ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺧﯘددى ﺗﻮﻗﯘﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻛﯩﺴﯩﺪەك ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﺘﻰ.
       ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرﺳﺎم، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘم ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮاﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻟﻐﯘﻧﻠﯘق، ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻛﯚزﻟﯩﺮى  ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ۋە ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰﺟﯩﺪدﯨﻴﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﺴﺎم، ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ دەرد ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ دﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ «ﺋﻪڭ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر»ﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘش، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪرﻣﻪﺳﻠﯩﻚ< ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪﭘﯜﺗﯜن زﯦﮭﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﺘﯘ. ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﮕﻪ لاﻳﯩﻖ ﺋﯘ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮرۇن ﻳﯘﻗﯩﺮى دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮرﮔﺎن داﺋﯩﻢ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻛﯚزى ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪن ﺑﯘ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ، ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺗﯜﮔﯩﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪن ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺳﯚرەپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﺘﯘ. ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﯩﻤﯘﭘﯩلان، لاﻳﯩﮭﻪ ﺗﯜزەپ ﭼﯜش ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺗﯘرﻣﯘش رﯦﺘﯩﻤﯩﺪﯨﻦﺋﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎرام ﺋﺎلاﻟﻤﺎﻳلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﮬﯧﺲﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻳﯜﻛﻰ ﭼﺎرﭼﯩﺘﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەم ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ﮬﻪﺗﺘﺎﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ «ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺳﺎرﯨﯖﻰ»دەپ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻛﺎرﺗﻮن ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ«ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯩﺸﯩﻴﯘ» دﯨﻜﻰ «ﺋﺎزراق ﺋﺎرام ﺋﺎلاﻳﻠﻰ» دﯦﮕﻪن ﺳﯚز ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﺘﻰ.
        ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘم ﺑﺎر. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﺋﻪﻣﻪس ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮى ﺑﺎر. ﺋﯚزى ﮬﻪم ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﮬﻪم دەم ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﻳﯩﻠﺪا ﺳﯩﺮﺗلارﻏﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ﺳﻪﻳﻠﻪ- ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﺗﻮﭘلاش ﺋﯜﭼﯜن داﻟﯩلاردا ﺳﻪﻳﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﮬﻪۋەس ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن. ﺷﯘ ۋەﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزۈﻣﻤﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪت، ﺗﯘرﻣﯘش ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮلاﺷﻘﺎﻧﺪا ﺳﻪﮬﺮالارﻧﻰﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻤﻪن. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜچ - ﻗﯘۋۋەﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﯩﻤﻪن.
           ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﺷﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ دۇﻧﻴﺎدا ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎم، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎن ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﯖﯩﺸﻰﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗلارﻧﯩﯔ ﻳﯜﮔﯜرۈﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن. ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪﻳﻠﻪن ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻠﯩﻚﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻟﯘم ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ راﻳﻮﻧﻐﺎ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺋﯘلار ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﮔﯜزەل ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﭙلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﺧﯘددى ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩلاردەك ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﺋﯧﻘﯩﻨلاردا ﭼﯚﻣﯜﻟﯜﭘﺘﯘ. ﮬﺎۋاﺳﻰ ﺳﺎپ ﺑﯘ ﮔﯜزەل ﺳﻪﻳﻠﯩﮕﺎھ ﺑﯘ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺋﯘزۇن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻨﻰ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﺎزادﯨﻠﯩﻜﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪۇرۇﭘﺘﯘ. ﺋﯘﮬﺎﻳﺎﺟﺎن ﺑﯩﻠﻪن: « ﺑﯩﺰ ﻳﺎﭘﻮﻧلار ﺧﯘددى ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﻚ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪك ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﯩلا ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ. ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯚپ رەﮬﻤﻪت. ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﺗﺘﯩﯖلار. ﻣﻪن ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪم ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰﮬﻪم دەم ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖلارﻏﺎ ﻗﻮل ﻗﻮﻳﺪۇم. »دەپ ﻣﺎﺧﺘﺎپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ.
           ئوتكەن يىلى پىكىرداش ئۈچەيلەن خىزمەت بېسىمى، ئائىلە، تۇرمۇش بېسىملىرىدىن بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللەش مەقسىدىدە ۋېلىسپىت بىلەن ئۆزىمىز كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان، بىراق، پۇرسەت بولمايۋاتقان جايلارغا ۋېلىسپىت بىلەن سەپەر قىلىشنى پىلانلىدۇق. قىسقا مەسلىھەتتىن كېيىن، سەپەر تەييارلىقلىرىنى قىلىپ، تۇنجى سەپەرنى شەھەرگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان بوغاز يېزىسىدىن باشلىدۇق. پىژ- پىژ ئىسسىقتا ئاتا- بوۋىلار ياشاپ ئۆتكەن ئىزلارنى، يۇلغۇن، بارخانلارنى زىيارەت قىلدۇق. يۇلغۇن تەمەچلىرىدە پىشۇرغان كاۋاپلىرىمىزنى مەززە قىلىپ يېيىشتۇق. شۇ يەرلىك ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ بىر كۈننى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ قايتتۇق. تۇنجى سەپەردە كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتۇق. بىر مەزگىلدىن كېيىن گۈزەل ئاراتام بېغى، تەڭرىتاغ يېزىسىنىڭ نېرىن كەنتلىرىگە سەپەر قىلدۇق. ھەر قېتىملىق سەپىرىمىز 40 كىلومېتىر ئۆپچۆرىسدە بولدى.ئاراتامنىڭ باغداشقا تۇتىشىدىغان غولىنى بويلاپ مېڭىپ، خۇددى ئادەم ئاياغ باسمىغاندەك تۇيۇلىدىغان سىرلىق تاشلىقلىرى، زۇمرەت ئېقىن بويلىرىدا تۇرۇپ، تەبىئەتنىڭ بۇ گۈزەل ئەسىرىنى تاماشا قىلىشتۇق. سۇلارغا چۆمۇلۇپ، ئۇنتۇلغىلى ئۇزۇن بولغان بالىلارچە ھاياجانلارغا چۆمۇلدۇق. ئاراتامنى بىر شىركەت ئۆتكۈزىۋالغان بولۇپ، ساياھەت ئورنى قىلىنىشقا راسلىنىپتۇ. مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلار سىرتقا كۆچۈرۈلۈپتۇ. يول ياسىلىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بېرىپتىمىز. سۈرەتلەرگە تارتتۇق. ئۇيغۇر چوققىسى، مىڭ ئۆيلەر، سۇ تۇگمىنى قاتارلىق تارىخىي ئىزنالارنى كۆرۇپ تارىخنىڭ پايانسىز ئېقىنلىرىدا ئۇزۇپ باقتۇق. بولۇپمۇ نېرىنغا ماڭغان يول بەكمۇ جاپالىق بولدى. تاغ ئىچىدىكى دۆڭگە يامىشىپ مېڭىش ئۈچۈن يەتمىش يەردە توختاپ، سەكسەن يەردە ۋايجانلاپ يۈرۈپ، كىم توختاپ قالايلى، دەركىن دەپ بىر- بىرىمىزنى مارىشىدىغان ھالغا كەلگەندە نېرىننىڭ قارىسى كۆرۈندى. نېرىن غول بويىدا ئوچاق راسلىدۇق. چالا پىشۇرۇلغان گۆشلەر شۇنچىلىك تەملىك ئىدى. شۇنداق قىلىپ كەچقۇرۇن قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندۇق. ئەتىگەندە 5 سائەتتەك مېڭىپ ئاران چىققان ۋېلىسپىتىمىز تۆۋەنگە ئارغىماقتەك ئۇچۇشقا باشلىدى.پىدال تېپىش تۈگۈل ھەتتا تورمۇز قىلىپمۇ ئۈلگۈرگىلى بولمايتتى. يۈك ماشىنىلىرىنىڭ يېنىدىن قۇيۇندەك ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتۇق. ئۆمرىمىزدە ۋېلىسپىت مىنىپ تۇنجى قېتىم ھوزۇرىنى سۈردۇق. شۇندىن كېيىن بىرىمىز بالام، بىرىمىز كالام، دەپ ھەلەكچىلىكتە خوتۇننىڭ چىرايىغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە چۈشتۇق. ئەمدىلىكتە بالا ئىككى بولغاندا بۇنداق سەپەرنىڭ قايتا نېسىپ بولۇش بولماسلىقىنى بىلمەيمەن.
            دەرۋەقە، خىزمەت، خىزمەت دەپلا نۇرغۇن زېھنىمىز ئىشخانە چۆرگىلەپ ئۆتۇپتىكەن. بۇ بىر چېنىقىش پۇرسىتى بولدى. بەللەر قايتىدىن رۇسلاندى. مانا بۇ سەپەرلەرنى قىلغىلى خېلى ۋاقىت بولۇپ قالدى. يەنە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە چۆكۇپ كەتتۇق. بالىلار چوڭىيىشقا باشلىدى. تۇرۇپلا يەنە ئاشۇنداق سەپەرلەرنى قىلىشنى ، بۇ قېتىم تېخىمۇ ئۇزاق يەرلەرگە بېرىشنى ئويلاپ كېتىمەن. بۇ ھەقتە تونۇش- بىلىشلەرگە مەسلىھەت سالسام، مېنى پۇلى يوقلۇقىدىن ۋەلىسپىتلىك مېڭىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتىدۇ ، دەپ قالدىمۇ قانداق، تاشقى پىلانت ئادىمىگە قارىغاندەك ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپ كېتىشتى. بەلكىم مەن ئەخمەقتۇرمەن، تەييار ماشىنا، موتسىكلىت بار يەردە ئۆزۇمگە جاپا سېلىپ نېمە كەپتۇ؟ قاراپ باقسام ،مېنى مەسخىرە قىلغان تونۇشلىرىم قورساق سېلىشقا باشلاپتۇ، ياپياش تۇرۇپ قان بېسىم دەمدۇ، جىگەرنى ماي قاپلاش دەمدۇ، ۋايجانلاشقا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئائىلە، رېستۇران، خىزمەتتىن باشقا يەرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئويىدە ئايالى ، بالىلىرى بىلەن تىزگىنەك تالىشىپ، كونا خامانلارنى سورۇشۇپ، شۇنىڭدىن مەنە ئىزدەپ ئولتۇرىدۇ.
         دانىشمەنلەرنىڭ "سەپەردە خاسىيەت بار." دېگەن سوزىنىڭ تېگى بار، دەپ قارايمەن. "تۇركى تىللار دىۋانى" ئويگە بېكىنىۋېلىش ئارقىلىق ئەمەس، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئات ئۇستىدە يۇرۇپ يەتتە ئىقلىمنى كېزىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا چىققان.
          سەپەر سىزنىڭ نەزىرىڭىزنى كېڭەيتىپ، ئوزىڭىزگە تەۋە بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. قەلب ئېتىزىڭىزنى غەيرەت سۇيى بىلەن سۇغىرىپ، زەئىپلىكتىن، خامۇشلۇقتىن ساقلايدۇ.
           مەن تا ھازىرغا قەدەر ئاشۇ ئۈچ قېتىملىق سەپەردىكى پاكىزە تۇيغۇ ۋە تەسىراتلارنى قەدىرلەپ ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.
ﺳﯩﺰﺧﯩﺰﻣﻪت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﺎرﭼﺎپ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ، ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚرۈﻧﻪرﻟﯩﻚ ﺗﯚۋەﻧﻠﻪپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲﻗﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟  ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻜﯩﻨﻰ، ﻳﺎﻧﻔﯘن- ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﯘﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢﻛﯜن ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘپ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﻰ ﻛﻪڭ داﻟﯩلارﻏﺎ، ﺳﻪﮬﺮالارﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯔ. ھەپتىدە بولمىسا، ئايدا بىرەر قېتىم سىرتلارغا ۋەلىسپىت بىلەن چىقىپ كېلىڭ. ماشىنىدا ئولتۇرغانغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ھوزۇر سۇرەلەيسىز. شۇنداقلا ۋۇجۇدىڭىزنىڭ چوڭقۇرىدا پەيدا بولغان كورۇنمەس ئېنىرگىيىنى ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن.

 
ﻧﺎۋادا ﺳﯚز ﭼﯚﭼﻪﻛﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ
 
          كونىلاردا «بىر ئىت كۆرۈپ قاۋايدۇ، مىڭ ئىت كۆرمەي قاۋايدۇ» دېگەن ماقال قالغان ئىكەن. دەرۋەقە، مەھەللىلەردە بىرەر ئىت قاۋاشقا باشلىسىلا باشقا ئىتلار ئاق- قارىنى ئايرىمايلا قاۋاشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھمىيەتسىز قاۋاشلار نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۇيقۇسىغا دۈشمەن بولىدۇ. ئارىمىزدا شۇنداق ئادەملەر بار. مەنپەئەت كېلىش ئېھتىمالى بولسىملا دۈشمىنى ئۈچۈنمۇ بىر ھازاغىچە توختىماي قاۋاپ بېرىدۇ. 10 يىللىق قاباھەت مەزگىلىدىمۇ نۇرغۇن چاپارمەنلەر مەھەللە ئىتلىرىدىنمۇ بەكرەك قاۋاپ كەتمىدىمۇ؟«سانىماي سەككىز  دەيدۇ»غان بۇ ئەقىلسىزلىك، نائەھلىلىك تالاي كاتتىلارنىڭ بېشىغا چىقتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ «ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس» دېگەندەك نېمىگە >قاۋاۋاتقانلىقىنى< بىلگىلى بولمايدىغان كىشىلەر پەيدا بولۇپ قالدى. قارىسىڭىز، تەققى تۇرقى خېلىلا راۋۇرۇس. بۇنداقلار ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪر ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺋﺎزراﻗلا «ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻰ» ﺑﺎﻳﻘﺎپ ﻗﺎﻟﻐﯘدەك ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻳﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻤﺎي، ﺋﯚﻳﻤﯘ- ﺋﯚي ﻳﯜرۈپ ﺳﯜﺧﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.ﺋﯘلار ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ۋاﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨلاﻧﻐﯘﭼﯩلار ﺑﻮﻟﯘپ، «ﭘﺎلاﻧﭽﻰﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺳﯜرۈﻟﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ»دﯦﮕﻪن ﺳﯚز ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﯘﺑﺎرەك ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪا ﺷﺎﺧلاپ،«ﭘﺎلاﻧﭽﻰﻗﺎﺗﻨﺎش ۋەﻗﻪﺳﯩﺪە ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ »ﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ. «ﺋﯚز ﻧﯧﻨﯩﻨﻰ ﻳﻪپ ﺗﯘرۇپ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎن» ﺑﯘ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﯚز ﻗﻪدرﯨﻨﻰ ﺗﯩﻴﯩﻨﮕﻪ ﺳﺎﺗﻘﺎﻧلار ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯘلار ﺋﻪﺧلاق ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺗﯚۋەن، ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردۇر. ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪن ۋﯦﻠﯩﺴﭙﯩﺘﺘﯩﻦ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﺴﻰ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪن، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ «ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەردار  ﺋﻪرﺑﺎب»لار«ﭘﯚﻛﯜﻧﭽﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻪن، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﺋﯘرۇپ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ- ﻳﻪي» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻪﭘﻘﺎﭼﺘﻰ ﭘﺎراﯕلارﻧﻰ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪم ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﺎراﻛﻪﻧﺪە ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪن ﮬﺎزﯨﺪار ﺑﻮﻟﯘپ دوﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺋﯩﺸﻘﺎﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯩﻜﻪن. ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەرﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪرﺑﺎب «ﭘﺎلاﻧﭽﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ. دوﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﯩﭗﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎن ﺳﯚزﻟﻪپ ﻳﯜرﮔﯩﺪەك» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﭘﯩﺘﻨﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺧﯘددى «ﺗﯚت ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﻖ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘلاﻗﻠﯩﻖ» ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﻳﯜرۈپ «16 ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﻖ، 8 ﻗﯘلاﻗﻠﯩﻖ» ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك ﺋﯩﺶ ﺑﻮﭘﺘﯘ.
ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺟﺎي ، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮاق ﺑﯩﺰدەك ﭘﺎراﯕﺨﯘﻣﺎر، ۋاﻗﺘﻰ ﻛﯚپ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﻟﻪم ﮬﻪم ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﯘلار ﺋﯚزى ﺑﯩﺮەر ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﺮاق. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰ ﺳﯧﺴﯩﺘﯩﺶﮬﻪم ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪر ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﺘﻨﻪ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﺪۇ. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﺎدﻟﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻣﯩﺪۇ. ﺳﯜﺧﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺟﺎزا ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﺎﻧﯘﻧﺪا ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﻳﻮق. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﺪە ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﻘﻨﻰ ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﺪۈرۈش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﮬﻪم ﺋﺎدﯨﻤﯩﻲ ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن ﺑﯘﻧﺪاﻗلارﻧﻰ ﻳﯩﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪۇرۇش ﺗﻪﺳﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﺎﺑﺪۇراﺧﻤﺎن ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗلاردﯨﻦ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﻮﻛﺲ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪە ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚﺗﻪﻧﮭﻪرﯨﻜﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺷﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪى. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪە ﻛﯜﭼﻠﯜك رەﻗﯩﺒﻜﻪ دۇچ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺷﺎﻟﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪى. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺧﻪﻟﻘﺌﺎراﻟﯩﻖﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺷﻪرەپ ﮬﯧﺴﺎﺑلاش ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯧﻠﯩﻘﯩﺪەك ﻗﺎرا ﻳﯜرەك ﻣﻪﺧﻠﯘﻗلار «ﻗﺎراﯕلار. ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻳﻮﻏﺎن ﭼﺎﻏلاپ ﻛﯧﺘﯩﯟﯨﺪى. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﺷﺘﻘﺎ ﭘﺎﻳﻠﯩﻤﺎي ﻳﺎﺗﺘﻰ.» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﭘﯩﺘﻨﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﭗ ﻳﯜردى.
         ﺑﯩﺰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺳﻮرۇن ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﺎراﺋﯩﺘﺘﺎ ﺑﻮلاﻳﻠﻰ ، ﺑﯘﻧﺪاق ﮔﻪپ- ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﺋﺎﯕلاﺷﺘﯩﻦ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﯚﮬﻤﻪﺗﻜﻪ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺰ. ﻟﯧﻜﯩﻦﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ دﯦﻘﻘﻪت- ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، داﻟﯩﻲ. ﻛﺎرﻧﯩﮓ «ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯚﻟﯜك ﺋﯩﺘﻨﻰ ﺗﻪﭘﻤﻪﻳﺪۇ» دﯦﮕﻪن ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟! ﺳﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﻧﻪزەرﯨﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﯘدەك ﺳﺎلاﮬﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩلا ﮬﯧﻠﯩﻘﯩﺪەك ﭼﯩﯟﯨﻨلار ﺳﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺗﺎرﻗﺎﺗﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﻰﺟﻪﻟﺐ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ئىككى تۈردە دۇنيا جىننىس رېكورتى ياراتقان جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ ئانىسى مۇنداق دېگەن ئىدى:- جۈرئەتنى گەرچە مەن تۇغقان بولساممۇ ، ھازىر ئەمدى ئۇ مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ بالىسىغا ئايلاندى.
       ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ داﺋﯩﻢ ﺑﯘﻧﺪاق ﺳﯜﺧﻪﻧﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﻪزەرﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻪك ﭘﻪرﯨﺸﺎن ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﻪﺗﻤﻪڭ. پىتنە - پاسات ئاز ساندىكى بىكار تەلەپلەرنىڭ«قاۋاش» لىرىدىن باشقا ئىش ئەمەس، بۇ خىل «قاۋاش»نىڭ مەنبەسى ئىقتىدارسىزلىقتىن ۋە ھەسەتخورلۇقتىن بولىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر ئىقتىدار ئىگىلىرىنىمۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا تىرىشىدۇ- يۇ، ئاقىۋەتتە چاچقان توپىسى ئۆزىگە توزۇپ ئەلنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلار تارقاتقان پىتنە - پاساتلارمۇ ۋاقىت كەلكۈنلىرى ئىچىدە ھامىنى كۆپۈكتەك غايىپ بولىدۇ. ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﮔﻪ «ﺋﺎق» ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﮬﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻣﯘﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﻧﺎۋادا ﺑﯘﻧﺪاق ﭘﯩﺘﻨﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺗﯧﺮﯨﻜﯩﭗ، رەددﯨﻴﻪ ﺑﻪرﻣﻪﻛﭽﻰﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻳﻨﺎپ ﻛﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎلاﭘﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯩﻠﻪك ﺳﯘﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ. ﺑﯩﺰدە «ﺋﯩﺖ ﮬﯜرەر، ﻛﺎرۋان ﻳﯜرەر» دﯦﮕﻪن ﮬﯧﻜﻤﻪت ﺑﺎر ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ! ﺷﯘﯕﺎﻗﻪددﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺗﯘپ، ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن داۋاﻣﻠﯩﻖ ﻣﯧﯖﯩﯟﯦﺮﯨﯔ.
 
ھۈرمەت قىلساڭ ئىززەت تاپىسەن
 
  يېقىندا، مەلۇم بىر كەنتتە مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىدىم. 103 ياشقا كىرگەن بىر بوۋاي ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «ئۇزۇن ئۆمۈر چولپىنى» دەپ بېكىتىلىپ ھەر ئايدا 300 يۇەن ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلىغا ئېرىشىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئىلگىرى بىر چىنە سۇيۇق ئاش ئەكىرىپ بېرىشكىمۇ قورسىقى ئاغرىيدىغان، ھە دېسىلا دوق قىلىدىغان كېلىنلەر بوۋاي «مائاش» لىق بولغاندىن باشلاپ پوزىتسىيىسىدە 180 گرادوس ئۆزگىرىش ياساپتۇ. بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلار كۆپىيىپ، ئۆيلىرى، ئۇستىباشلىرى خېلى پاكىز تۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭغا يارىشا ئۇلار بوۋاينىڭ بۇ ئوزۇقلۇق پۇلىدىن مەلۇم نېسىۋىگە ئېرىشىپتۇ. بۇ ئىش خىيالىمنى رىئاللىقىمىزدا ئاشكارە بولۇپ تۇرغان، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۇچراۋاتقان يىگانىلىق، تەڭقىسلىق قىسمىتى تەرەپكە باشلىدى. ھازىر ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ئۆزىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ، ھالال سۇت، قۇۋۋەتلىك تائام بىلەن يىلىكلىرىنى، ئەقلىنى تولدۇرغان ئاتا ـ ئانىلىرىنى ئاخىرقى ئۆمرىدە ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن باقى دۇنياغا ئۇزىتىپ قويىدىغان پەرزەنتلەر ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئاتا ـ ئانىلارنى بېقىشنى بىر ـ بىرىگە ئىتتىرىپ قويىدىغان، دوق قىلىدىغان، ھەتتا تاشلىۋېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. شەھەرگە يېقىن بىر جايدا ئوغۇللىرى خېلى ئېسىل ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان بىر تۇل موماي بار ئىكەن. موماي كېيىنكى كۈنلەردە كۆزى ئاجىزلاپ تۇزۇك كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئوغۇللارمۇ بارا ـ بارا «خىزمەت ئالدىراش» لىقى بىلەن ئاز كېلىدىغان، ھەتتا كېيىنچە ھېچكىم كەلمەيدىغان بولۇۋاپتۇ. «ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا راھىتىنى كۆرەرمەن» دەپ تالاي تۇنلەرنى كىرپىك قاقماي بۆشۇك تەۋرىتىش بىلەن ئۆتكۇزگەن بۇ ئانا ھەمراھ بولغۇدەك ئادىمى بولمىغانلىقتىن تاملارنى سىلاپ، يىقىلىپ ـ قوپۇپ ھاجەتكە چىقىدىغان ھالغا قاپتۇ. ئۇنىڭ ھەسرەت بىلەن دەرۋازا ئالدىدا پەرزەنتلىرىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ھالىتى ئۆتكۇنچىلەرنىڭ كۆزىگە دائىم چېلىقىپ تۇرىدىكەن. دەرۋەقە، ھازىر «10 بالا بىر ئاتىنى باقالمايدۇ، بىر ئاتا 10 بالىنى باقالايدۇ» دېگەندەك رىئاللىق كۆزىمىزگە قادىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. مەن يېقىندا ھەتتا ئەرزىمەس زىددىيەت تۇپەيلى 9 ئاي 9 كۇن قورساق كۆتۈرگەن ئانىسىدىن كەچكەن بىر پەرزەنت توغرىلىق پاراڭ ئاڭلىدىم. مىللىتىمىز تارىخىدىن بۇيان مويسىپىتلارنى، ئاتا ـ ئانىلارنى ھۈرمەتلەش، ئىززەتلەشنى ئەخلاق ـ پەزىلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمى سۇپىتىدە تونۇپ كەلگەن، شۇ سەۋەب رىۋايەت ـ چۆچەكلىرىمىزدە ئانىسىنى يۇدۇپ، ھەجگە ئاپارغان پەرزەنتلەر ھەققىدىكى دېتاللارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئاتا ـ ئانىلار بارلىقىنى بىز ئۇچۇن سەرپ قىلىپ تۇگەتتى. گۇلدەك ھۆسنى سولدى. ئېلىپتەك قامىتى يا بولدى. يۆتىلىدىغان، ھەتتا تەرىتىنى تۇتالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئاتا ـ ئانىلار ئەجىبا ئاشۇ ئاجىزلىقىغا، ئىمكانسىزلىقىغا ئازابلانماسمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىمكانى بولسا ھەرگىزمۇ قولىڭىزغا قاراپ قالماس ئىدىغۇ؟ ئۇلارنىڭ ئالتە كۇنلۇك ئۆمرىدە ئىززىتىنى قىلىشنىڭ ئورنىغا سەسكەنسەك، تاشلىۋەتسەك ئەل ـ جامائەت ئالدىدا قارا يۇز بولۇپ كېتىمىز. ئۇلارغا قىلغاننى پەرزەنتلەردىن كۆرۇپ قالىمىز، چۇنكى بىزمۇ ھامىنى قېرىيمىز ئەمەسمۇ؟


چ چ:1272497571
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-02-08 23:00 |
almas
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 346
شۆھرەت: 1888 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1889 سوم
تۆھپە: 1110 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1111 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 700(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى سۆزلەنگەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىقىپ تېما ئىگىسىنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرىدىن ھاياجانلاندىم.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-09 13:17 |
gulbahar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 139
شۆھرەت: 758 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 759 سوم
تۆھپە: 444 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 445 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 353(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توغرا دەيسىز ، ئاتا - ئانىنىڭ ھاياتلىقىدا ياخشى قارىشىمىز كېرەك ، كېيىن قانداقلا قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-09 15:30 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2263
شۆھرەت: 12469 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 12531 سوم
تۆھپە: 7319 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7330 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2731(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«ﺋﯩﺖ ﮬﯜرەر، ﻛﺎرۋان ﻳﯜرەر گەپنىغۇ شۇنداق دەيمىز ئەمما بەزىدە كۆڭۇل غەشلىكىدىن قۇتۇلماق ئۇنداق  ئاسان ئەمەس  لېكىن باغانسېرى ئادەم سەۋرىچان بولۇپ كىتىدىكەن .
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-09 20:41 |
aslima
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 406
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 317
شۆھرەت: 1755 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1771 سوم
تۆھپە: 1027 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1031 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 399(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھېكمەتلىك خاتىرىلەر ئىكەنغۇ، باشقىچە روھلىنىپ، يېڭى پىلان، ئارزۇلارغا كېلىپ قالدىم.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-27 18:07 |
bilikyar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 305
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى سۆزلەنگەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىقىپ تېما ئىگىسىنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرىدىن ھاياجانلاندىم.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-27 11:22 |
kaxkariya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1450
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 94
شۆھرەت: 498 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 499 سوم
تۆھپە: 297 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 298 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-02-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەر بىر بۆلەكنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئۆزگىچە مەنىلىىرى بارئىكەن....
simfoniya
تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-18 13:10 |
iztirap1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1161
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 130
شۆھرەت: 740 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 750 سوم
تۆھپە: 424 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 424 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 208(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇنچىۋالا كۇچ تەلەپ قىلىدىغان تېمىلارنى يورۇتۇپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.ئۆزەم توردا يازما ئېلان قىلىشقا ئېشنالمايۋاتقان چاغدا ياخشى يازمىلارنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ ئىنكاس يېزىشنى ۋىجدانى بۇرچۇم دەپ قاراپ بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
istanbol
تۇغۇڭنى تۇغۇلغان يەرگە قادا.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-18 15:16 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 762
شۆھرەت: 3865 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3895 سوم
تۆھپە: 2315 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2315 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 833(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ھېكمەتلەرنى ئوقۇپ كۆڭلۇم تېخىمۇ يورۇدى ...
ئادەم دىگەن ئەقلىنى بەكمۇ كېچىكىپ قولغا ئالىدىكەن ، نۇرغۇن  نەرسىلەرنى بەكمۇ كېچىكىپ چۇشەنگەندەك قىلىمەن !  ھەي...................
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-10-04 16:48 |
oznur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 9432
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
شۆھرەت: 135 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 135 سوم
تۆھپە: 81 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 81 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 80(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ئىسىل يازما ئىكەن . ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇسى كېلىدىكەن كىشىنىڭ . 
[ بۇ يازمىنىoznurدە2012-10-04 17:42قايتا تەھرىرلىدى ]
كۆپ كۈلمە،كۆپ كۈلۈش دىلنى ئۆلتۈرىدۇ .(ئايەت )
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-10-04 17:23 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر