قارادۆۋە ئۇ - يەرشارىدا بىر
-ئەركىم
يەرنىڭ قېنى تەپچىگەن چىلان،
تىكىنىنى سانچىدۇ ماڭا.
يۈرۈكۈمنى مىجىپ ئولتۇرۇپ،
سىنچىلىدىم قارادۆۋە ساڭا.
ئۆتتى نەچچەمىڭ يىل ئالدىمدىن،
كىرورەنگە ئوخشاش بىر جامال.
چۈشۈممىدۇ، ئوڭۇممىدۇ ھە؟
ۋۇجۇدۇمنى قىلدى ئۇ قامال.
قەدىملىكنىڭ ھىدى دوقمۇشتا،
توزانلىرى قوندى قەلبىمگە.
ئاۋايلىدىم يەرنى دەسسىسەم،
قارادۆۋە ئۇ، تولغان قەبرىگە.
ئەسكىشارنى كەزگەندە تۇيغۇم،
تومۇرلۇرۇم تار بولدى شۇئان.
بىر ناخشىدەك ئاڭلىنار شامال،
ھېچكىم تېخى ئېيتىپ باقمىغان...
مۆجىزە ئۇ يارداڭلىق مەڭگۈ،
جىن-ئەرۋاھقا بولغانمۇ ئۇۋا.
ئاڭلىنارمىش ئاتلار كىشىنىشى،
يىغا-زارە، قەدىمدىن سادا.
يېشى قۇرۇپ كەتكەن قارلۇقغول،
ئەسلەر كۈندە يىراق ئۆتمۈشنى.
بېلىق بولساق بىزمۇ نىھايەت،
ئىزلەر ئىدۇق سۇدا ئۆلۈشنى.
قارادۆۋە ئۇ - يەرشارىدا بىر،
قارادۆۋە ئۇ - ئايرىم يەرشارى.
2012-يىلى3-ئاينىڭ13-كۈنى قارادۆۋە