مەن يېقىننىڭ ياقى سەپەر خاتىرىسى يېزىشقا بەكلا قىزىقىپ قالدىم. قۇربان ھېيىتتا چەرچەندىن چىقىپ قومۇلغا بېرىش جەريانىمنى <<تەكلىماكاندىن چىقىش >> دەپ بىر خاتىرىدە يازغان ئىدىم، تەسىرى يامان ئەمەس بولدى. بۇ چاغاندا سەپەرگە چىققان جەريانىمنى يېزىپ باغداشلىقلارغا قالدۇرۇشنى نىيەت قىلدىم، ياقتۇرۇپ ئوقۇغايسىلەر.
چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئورنىمىزدىن ۋاقچە تۇردۇق. بۇ دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا نىمە قىلارىمىزنى بىلمەي ئولتۇرغاندا تۇيۇقسىز مەن << بىرەر يەرگە بېرىپ ئويناپ كەلسەك بوپتىكەن >> دەپ سالدىم. يولدىشىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ<< نەگە بارىمىز دەڭە >> دىدى. راست، نەگە بارىمىز. بىز توي قىلغىلى ئىككى يېرىم يىل بولدى، بۇ جەرياندا شىنجاڭ ئىچىدە غۇلجا بىلەن ئاقسۇدىن باشقا ھەممە يەرگە بېرىپ ئويناپ كەلگەن ئىدۇق. نەگە بارىمىز؟ خوتەن يېقىن، ئەمما ئالدىنقى چاغاندىلا بېرىپ تۇققانلار بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەن ئىدۇق.
شۇ تىت-تىتچىلىقتا ئولتۇرۇپ، خوتەنگە بېرىپ ئويناپ كېلىش كويىغا چۈشتۇق، بۈگۈنلۈك ئاپتۇبۇس مېڭىپ كىتىپتۇ، ساياھەتكە ماڭىدىغانلارمۇ ئاللىقاچان مېڭىپ كەتكەن، بىز تازا قىززىق ماشىنا ئۇقۇشىۋاتقاندا، يولدىشىمغا بىر تىلىفۇن كەلدى، ئۇ تىلىفۇندا كۆرۈشۈپ بولۇپ << خوتۇن، خوتەنگە بېرىپ بوپتىمىز، چىرىدىكى تۇققىنىمىز بۇ ياققا قاراپ مېڭىپتۇ، كېرىيىگە كېلىپ بوپتۇ. تېزراق تەييارلىق قىلايلى ›› دېدى. مەن شۇ ھامانلا ئۆي تازىلاشقا چۈشتۈم، ئۆيلەرنى تازىلاپ بولۇپ تاماققا تەييارلىق قىلدىم، ئالدىنقى چاغاندا بارغىنىمىزدا ئۇلار بەكمۇ ئېھتىرام-تەۋەززۇ بىلەن كۈتىۋالغان ئىدى. شۇڭا مەنمۇ ئالدىراش تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم. كەچ سائەت يەتتىدىن ئاشقاندا ئۇلار يىتىپ كەلدى، تاماق يەپ خېلى پاراڭلىشىپ ئاندىن يېتىپ قالدى. پاراڭلاردىن ئۇلارنىڭ ئەتە ئەتتىگەن سەھەردىلا چاقىلىققا بارىدىغانلىقى، چاقىلىقتىن چىلان ئۇلاق توختامى تۈزۈپ قويۇپلا يانىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
-ئەتە مەنمۇ چاقىلىققا بارىمەن،-دىدىم يولدىشىمغا،
-بىللە بارايلى، ئۆيدە ئولتۇرسىڭىزمۇ زىرىكىپ قالىسىز.
يولدىشىم بىلەن مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ بولۇپ، ئەتىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋىلىپ يېتىپ قالدىم.
ئەتىسى ئەتتىگەندە ناشتىدىن كېيىنلا چاقىلىققا قاراپ ماڭدۇق، چاقىلىق چەرچەنگە 300كىلومىتىرچە كېلىدۇ، ھەر قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغاندا چاقىلىقتىن ئۆتىمىز، ئىككى يىلنىڭ ياقى جىق ئۆزگىرىپ، تەرەققىي قىلىپ كەتتى.

داۋامى بار