ئۇيغۇرغولدا نۇرۇز
2012-يىلى3-ئاينىڭ11-كۈنى ھەرقايسى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ئارقىسىدا، قومۇل دىيارىمىزدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەنتەنىلەر ئىچىدە نۇرۇز مەشرىپى ئۆتكۈزۈلدى. شەھەرئىچى يېزىسىغا ئورۇنلاشقان قومۇلنىڭ گۆھىرىدەك ئىسىل قۇرلۇش بولغان مۇقام سارىيىنىڭ ئالدى داۋالغۇش ئىچىدە گوياكى ئۇيغۇر دېڭىزىغا ئايلاندى. مەن ھاياجان ئىلكىدە ئەبجەق ئاپراتىمنى قورۇنۇپ كۆتەرگىنىمچە، ئوماق قىزىم تۈركەنئاينى يىتىلەپ بۇ بۇ مۇقەددەس دېڭىزغا تامچە بولۇپ قېتىلدىم. ئۆزگىلەرنىڭ تانكا كەبى سىتوۋوللۇق ئىلغار ئاپراتلىرى، سۆيۈملۈك سىمالارنى تاتاتلىتىپ پىلموت سىمان ئاتقىلى باشلىغاندا، مېنىڭ بۇ لېپىر سۆيۈملۈكۈم پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئەڭ گۈزەل كارتىنىلارنى ئاۋايلاپ تارتىشقا باشلىدى...
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى نۇرۇزنىڭ كۆركى يىلسېرى ئېشىپ بارماقتا. بۇ ئەلۋەتتە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىنى چەكسىز ھاياجانلارغا تولدۇرىدۇ. بۇ قېتىملىق نۇرۇز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ، قومۇل ۋىلايەتلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن روياپقا چىققان بىر قېتىملىق تەنتەنىلىك پائالىيەت. نۇرۇزغا ئۇيغۇر دارۋازلىرىنىڭ سەرخىللىرى كېلىپ ئويۇن كۆرسەتتى. داڭلىق رىياسەتچى، رېژىسسور، ئىپىزوتچىمىز نىجاتكام يېتەكچىلىك قىلدى...قومۇلنىڭ بەش شار، ئون ئىككى تېغىنىڭ مۇقامچىلىرى سەرخىل نومۇرلىرىنى جامائەتچىللىككە تەقدىم ئەتتى.
ئەپسۇس، شۇ كۈنى ئەتىگەندە يارباغكۆۋرۈك چېلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن، چېلىشىش، ئارغامچا تارتىشىش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە داخىل بولالماي قالدىم...
ئۇيغۇر جامئىتىنىڭ مۇنداق جەم بولمىقى ئاسان ئەمەس...
يۇرتۇم ساقىدىن نۇرۇزغا كەلگەن بۇ ئىككى مويسىپىتنى كۆرۈپ قەلبىم ئىللىق بولۇپ قالدى، ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىۋرتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ: گەپنىڭ كۆركى ماقال، ئەرنىڭ كۆركى ساقال. دېگەن ماقال تەمسىلىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم...
ئايال ھېپىزلىرىمىز كارامىتىنى كۆرسەتتى...
نۇرغۇنلىغان جىنىس رېكورتلىرىنى ياراتقان پەخىرلىك ئوغلانىمىز پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنىڭ شاگىرتلىرى دارۋازلىق ماھارىتى كۆرسەتتى...
باتۇر دارۋازلار، ئاللا سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!
]
ئەلگە تونۇلغان تالانتلىق كومپىزىتور، ناخشىچىمىز غالىپ ئەرشىدىن يۇرت ئەھلىگە كۆڭۈل سوۋغىسىنى تەقدىم ئەتمەكتە!
دىيارىمىزدىن چىققان جامائەت ئەربابى، داڭلىق تەرجىمان، قوش تىللىق تالانىتلىق يازغۇچى، پىراففىسسور ئەكبەر غولام ئەپەندىمۇ بۇ خاسىيەتلىك سورۇنغا قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ. ئۇنىڭ كەينىدە ئولتۇرغىنى ياش دوكتور، تىلشوناسىمىز ئابدۇرېيىم راخمان ئەپەندىم.
مۇقام ئاتىلىرىمىز ئۆمەر قارى، ئەسەت مۇختەرلەر مۇقام ئورۇندىماقتا...
ئەمدى ياش چەۋەندازلىرىمىزنىڭ جەسسۇرلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
...خەيىر نۇرۇز ئەھلى! كېلەر يىلى كۆرۈشەيلى! بۇ قېتىملىق نۇرۇز مەشرىپىنىڭ ئومۇمى كۆرۈنۈشى 3-ئاينىڭ21-كۈنى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە قانىلىدا مەخسوس بېرىلمەكچى!