saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 2441 قېتىم كۆرۈلدى
ahgul914
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 75
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 140
شۆھرەت: 1015 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1015 سوم
تۆھپە: 555 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 555 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 106(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 نەۋرۇز بايرىمى توغرىسىدا (1)

نەۋرۇز بايرىمى توغرىسىدا



ئەتە يەنى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز نورۇز . مەن تورداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن ھەم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇرۇز بايرىمى توغرىسىدا توپلىغان ماتىرياللارنى تورداشلارغا سۇنماقچىمەن.

نورۇز ( نەۋرۇز) بايرىمى پارىسچە نەۋ (يېڭى ) ۋە روز (كۇن ) دىگەن ئىككى سۆزدىن بىرىككەن بولۇپ ، تەللەپپۇزدا قىسقىراپ نورۇز دىيىلگەن
نورۇز بايرىمى _ ئۇيغۇر،قازاق،ئۆزبەك،قىرغىز،تاجىك،تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ باھار پەسىلىنى كۈتۈۋالىدىغان قەدىمىي ۋە ئەنئەنىۋىي مىللىي بايراملىرىنىڭ بىرى. "نورۇز" ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ، "باھار يامغۇرى"، "تۈنجى باھار كۈنى" دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇبايرام قەدىمدىن تارتىپ شەمسىيە كالىندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ بايرام ھازىرغىچە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە.

نورۇز" بايرىمىنىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋىي ئادەتلىرى مۇنداق:

"نورۇز" كىرگەن كۈنى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئاياللار، يۇرت-مەھەللىلەر بويىچە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايرام كىيىملىرىنى كىيىشىپ، مەنزىرىلىك جايلارغا جەم بولۇشىدۇ ۋە شۇ سورۇندا "نورۇز"غا ئاتاپ تەييارلىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. خەلق قوشاقچىلىرى "نورۇز"نى مەدھىيەلەيدىغان شېئىر-قوشاقلارنى ئوقۇشىدۇ، ۋايىز (مەدداھ)لار داستان ۋە ھېكايە-قىسسىلەرنى ئېيتىدۇ. سازەندىلەر مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. بىر تەرەپتە چەۋەندازلار ئوغلاق تارتىدۇ، ئات بەيگىسى ئۆتكۈزىدۇ، دارۋازلىق ئېگىز دار ئۈستىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ، قىزلار مەجنۇنتاللارغا ئىلەڭگۈچ سىلىپ لەرزان پەرۋاز قىلىدۇ، بىر تەرەپتە ئولتۇرۇش قىزىپ "ئون ئىككى مۇقام" داستانلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرىلىدۇ. قىسقىسى ، ھەر كىم ئوز ئەھۋالىغا يارىشا ماھارەت كۆرسىتىپ، بايرام خۇشاللىقىنى نامايان قىلىدۇ . "نورۇز" مۇراسىملىرىغا مەكتەپ بالىلىرىمۇ كوللېكتىپ ھالدا قاتنىشىدۇ . ئۇلار مۇئەللىملىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە سەپ-سەپ بولۇپ، گۈللۈك تاختىلارغا يېزىلغان "نورۇزنامە" لىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۇنلۇك دىكلاماتسىيە قىلىشىدۇ .

"نورۇز" مۇراسىملىرىدا جامائەتتىن ئىختىيارى يىغىش قىلىپ، مەخسۇس نورۇز ئىشى تەييارلىنىدۇ (ئابسىنىن). نورۇز ئىشى ئەنئەنە بويىچە يەتتە ياكى توققۇز خىل ماتىريالدىن تەييارلىنىدىغان كوجە بولۇپ، بۇغداي، ئارپا، گۇرۇھ، تىرىق، كوخ، سۇت، سۇ قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرىدۇ. بەزىدە كوخ ئورنىغا كاللا-پاقالچاق ۋە زاسۈيلەرنى قوشىدۇ. "نورۇز" مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى "نورۇز ئىشى" غا ئېغىز تەگكۇزۇش شەرت قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھەممە كىشى "نورۇز" بايرىمىغا قانغۇچە كوڭۇل ئېچىپ، ياخشى تىلەك-ئارزۇلار بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ ۋە بايرامنى تەبرىكلەپ ئوزارا پەتىلىشىدۇ.

تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن "نورۇز" بايرىمىنىڭ ئوتكۇزۇلۇش ۋاقتى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىشى مۇمكىن. لېكىن قەدىمقى ئەنئەنىلەردىن قارىغاندا، بۇ بايرامنىڭ ۋاقتى ئىككى ھەپتە، يەنى ئون بەش كۇن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھازىر كۆپرەك رايونلاردا "نورۇز" بايرىمى ئون كۇن قىلىپ خاتىرلىنىدۇ.

"نورۇز" بايرىمىدا ئوينىلىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەر ھەمدە ئۇنىڭغا بېغىشلانغان "نورۇزنامە" لەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، قىش-زىمىستاننى قوغداش، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋىلىش ، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خۇشاللىق ئەكىلىشنى تىلەش، يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش، كىشىلەرنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئۈندەش، ئىتتىپاق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن:

ئىختىرا قىلدۇق نورۇزدىن ياخى كۈننى باشلىدۇق،
كۆڭلىمىزنىڭ خۇشاللىقىدىن بىر ئويۇننى باشلىدۇق،
خان تاۋادا تون كىيىپ، جۇۋا-تۇماقنى تاشلىدۇق،
ئات مىنىپ، ئوغلاق ئالىپ، مەشرەپ قىلۇر كۇندۇز بۇگۇن.

كەلدى نورۇز يىل بېشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىرىغىنى،
نورۇز دىبان كىلۇرلار خاتۇنلارنىڭ تۇرقىنى،
گۈللەر قىسۇر قىز-ئوغۇل، ئەگرى قويار بوركىنى،
مەجلىس قىلىپ ئويناشۇر، ئاقور كۆڭۇل مۈلكىنى،
قايغۇ-مىھنەتلەر كېتىپ ئويناشۇر كۇندۇر بۇگۇن.



نورۇز بايرىمى قويۇق مىللىي سەنئەت تۇسىگە ئىگە بايرام بولۇپ ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا بۇ بايرامنى ناھايىتى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۇزۇپ كەلگەن.
نورۇز نىڭ لۇغەت مەنىسى <يېڭى كۇن>، <باش باھار> دېمەكتۇر.
< نورۇز> دېھقانلار كالىندارى بويىچە 1- ئاينىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدىمقى ئەنئەنىۋى بايرىمى شەمسىيە كالىندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرگەن كۇنى ئۆتكۇزۇلدۇ. كېچە بىلەن كۇندۇز ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن تەڭشىلدىغان مىلادىيە كالىندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 21-، 23- كۇنلىرىگە توغرا كېلىدۇ.
نورۇز قوشىقى:

نورۇز كەلدى جاھانغا، جاھان بولۇر ئەرزانلىق،
ياغدىلەر باھار يامغۇرى، بۇغدايلار بولۇر دانلىق.
ئاچ- ئورۇق ھەم كەمبەغەل بارچىسى بولۇر نانلىق،
نانغا تويۇپ ھەر گاداي ئۆيىدە قىلۇر خانلىق،
توخۇلار تۇخۇم باسىپ، چۆجىلەر كۇنىدۇر بۇ كۇن،

كەلدى نورۇز يىل باشى،كەتتى كۆڭۇلنىڭ چىركىنى،
نورۇز دىبان كىلۇرلەر، خاتۇنلەرنىڭ تۇركىنى.
گۇللەر قىسىپ قىز- ئوغۇل ئەگرى قويار بۆكىنى،
<مېلىس> قىلىپ ئوينىشار ئاچۇر كۆڭۇل مۇلكىنى،
قايغۇ مېھنەتلەر كېتىپ، يايراشۇر كۇندۇز بۇ كۇن

مېلىس- قومۇل رايونىدا مايسا مەشرىپى دەپ ئاتىلىدۇ.
يوقۇرقى بىيىتتا كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش، يېڭى يىلنى قۇتلۇقلاپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق بولىشىنى تىلەشتىن ئىبارەت مەزمۇن ئەكىس ئەتكەن.
ئەڭ قەدىمكى نورۇز مۇراسىملىرىنىڭ 11- ئەسىرگىچە يېتىپ كەلگەن شەكىللىرى توغرىسىدا ئەرەب ئالىمى ئەل خىسراۋنىڭ تۆۋەندىكى مەلۇماتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن نورۇز بايرىمى پائالىيەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتا زور ياردەم بېرىدۇ:
... نورۇزدا، يىگىرمە بەش كۇن ئالدىن سارايدا خىشتىن 12 بۆلەك سۇپا ئېتىز ياسىلىدۇ. ئۇلاردىن بىرىگە بۇغداي تېرىلىدۇ باشقىلار غا رەت بويىچە ئارپا، شال، ماش، قۇناق،لويلا، نوقۇت، كۇنجۇت... تېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى يىغىشتا ناخشا ئېيتىلىدۇ. ساز چېلىنىدۇ ۋە ئۇسۇل ئوينىلىنىدۇ . دان يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئېتىز، مەيدانلارغا چېچىۋېتىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇرۇق ياخشى ئۇنسە بۇ يىلقى ئېكىنلارنىڭ ئۆسۇشى ياخشى بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.....
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا < نورۇز بايرىمى>نىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان قائىدىلىرى مۇنداق :
نورۇز كىرىشى بىلەن كىشىلەر يېڭى يىل شەرىپىگە شاد- خۇراملىق ئەكىس ئەتكەن تۇرلۇك شېئىر - قوشاق< نورۇزنامە> لەرنى يېزىپ تەييارلايدۇ، نورۇز كۇنى چىرايلىق كىيىنىپ ھاۋالىق جايلارغا، باغلارغا، ئاۋات بازارلارغا، دەريا بويلىرىغا بېرىپ قىززىقارلىق، يەرلىك مىللىي ئويۇنلار ئوينىلىدۇ. قوشاقچىلار شېئىر ۋە قوشاق توقىشىدۇ. نەغمە- ناۋا ، چېلىشلار قىزىپ كېتىدۇ. چاقپېلەك ئۇستىدىكى قىز- يىگىتلەر خوشاللىقتىن بۇلۇت ئۇستىدە قاڭقىيدۇ....قىسقىسى ھەر بىر كىشى ئۆزىگە خاس ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇپ چەكسىز شاد- خوراملىق ئىچىدە بايرام تەنتەنىسى قىلىدۇ.
< نورۇزلۇق> ئاخىرلاشقاندا جامائەتتىن يىغىش قىلىپ چوڭ داش قازان ئېسىلىدۇ. بەزى ئائىللەر چامىسىنىڭ يېتىشىچە< نورۇز ئېشى> تەييارلاپ( نورۇز ئېشى كۆپىنچە بۇغداي، قوناق، ئارپا يامىسى، نوقۇت،كۆك ماش، قاق، جىگدە، چامغۇر، سامساق، گۆش، قوينىڭ كاللا- پاقالچىغى قاتارلىقلار ئارلاشتۇرلۇپ پىشۇرغان كۆجە ياكى ئۇماچ بولىدۇ)مۇراسىم مەيدانىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن كۆپچىلىك دەرقەمدە ئولتۇرۇپ ئىچىدۇ. 
 

مەنبە:( مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تۇغۇلغان ھېسلار) ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-18, 00:28
- ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-03-17 23:23 |
zaynap0909
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5759
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 160 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 96 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 96 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزنىڭ بۇ يەردە نۇرۇز باشلىنىپ كەتتى
lutun
كۈلۈپ ياشايمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-18 11:06 |
bahdaxohli

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1175
شۆھرەت: 6343 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6397 سوم
تۆھپە: 3751 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3795 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 453(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نۇرۇز بايرىمىڭىلارغا مۇبارەك بولسۇن!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-18 15:10 |
uyghurizlari
دىنىم ئىسلام ،مىللىتىم ئۇيغۇر.
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 327
شۆھرەت: 1743 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1760 سوم
تۆھپە: 1030 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1035 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 249(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ھەممىىلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بۇلسۇن........
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-20 19:19 |
kojo
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 208 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 209 سوم
تۆھپە: 125 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 126 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نۇرۇز بايرىمىڭىزلار قۇتۇق بۇلسۇن!
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-20 21:57 |
kojo
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 208 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 209 سوم
تۆھپە: 125 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 126 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نۇرۇز بايرىمىڭىزلار قۇتلۇق بۇلسۇن!
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-20 21:58 |
kizilyapyak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6367
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پۈتكۈل خەلقىمنىڭ تەبىئەت بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-20 23:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس