بىر قىسىم تېمىلارنى باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاپ باقسام تەستىقلىمىدى. بەزىلىرىنى تەستىقلىسىمۇ قۇلۇپلاپ قويۇپ ئىنكاس يېزىش چەكلەندى.ۋەھالەنكى، ئەشۇ تېمىلار جۇمھۇرىيەت توللۇق ئېچىۋەتكەن قانۇنلۇق تورلاردىن تەرجىمە قىلىنىپ ، مەنبەسى ئېنىق ئەسكەرتىلگەن تەرجىمە تېمىلار ئىدى.
ئەمما باغداش مۇنبىرى ھەم تەستىقلىدى ھەم قۇلۇپلاپ قويمىدى.شۇنىڭدىن قارىغاندا باغداش مۇنبىرى مەردانە ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بېلەن ئىش تۇتىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.ھازىرقى ۋەزىيەتتە مۇشۇنچىلىك روھ بېلەن ئىش تۇتماقمۇ ئاسان ئەمەس.مەن باغداش تورىغا ھەر ۋاقىت ئۈمىدۋارلىق پوزىتسىيىسى بېلەن قارايمەن.
تەكلىپىم : جەۋھەر تېمىلارنى تىزغاندا جياڭ چىڭ ، «4كىشىلىك گۇرۇھ»دېگەندەك تېمىلاردىن كۆرە مىللىي كىملىك ھەققىدىكى ئۆزىمىزگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلارغا بەكرەك ئېتىۋار بېرىلسە.
[ بۇ يازمىنىbozqirدە2012-03-18 15:49قايتا تەھرىرلىد ]