بۇ مەزمۇن 25قەۋەتتىكى alnurدە2012-03-19 11:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن تېما ئىگىسىنىڭ پىكرىنى قوللايمەن. مۇنبەردە ھەممە ئادەمنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى بار، شۇڭا بىر قىسىم ئەزا ھەم باشقۇرغۇچىلار بۇنى چەكلىمىگە ئۇچراتمىساق بوپتىكەن. ئىنكاس يازغانلارنىڭ پىكىر- تەكلىپى پەقەت قانۇنغا خىلاپ بولمىسا ھەم سىياسىغا تاقاشمىسىلا ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈشكە بەك ئالدىراپ كەتمەيلى، بولمىسا باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكەن بولىمىز.
باشقۇرغۇچىلار قاتتىق دىققەت قىلايلى، سىزنىڭ بىركىمنى ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ ئەيىپلەيدىغان، چۈشۈرىدىغان ھوقوقىڭىز يوق. ئەڭ ياخشىسى، مۇنبەر مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. سىز پەقەت تېما تەستىقلاشقىلا ئەمەس، مۇنبەر بىلەن مۇنبەر ئەزالىرى ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ مۇنبەرنىڭ تەرەقىياتىغا كۆڭۈل بۆلىشىڭىز كېرەك. بىكار بولسىڭىزلا باشقىلارغا رەدىيە بەرمەي ھەر بىر تېما ئىنكاسلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ تەھرىرلەپ تۇرۇڭ، نادىر تېما ئىنكاسلار بولسا ئۇلارنى باھالاپ تېما ئىگىسى ۋە ئىنكاس يازغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىڭ. مۇنبىرىمىزدە نەق پۇل بېرىش ئىمكانىيىتى يوق، شۇڭا گەپ ئارقىلىق بولسىمۇ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىڭ.
مۇنبەر مەسئۇلى بولىدىكەنمىز چوقۇم بىزدە ئىشلىگىنىمىزنى مېھنەت قىلماي جاپا تارتساقمۇ مۇنبەر ئۈچۈن ھەقسىز تۆھپە قوشۇش روھى بولۇش كېرەك، مۇنبەر تەرەقىياتى زور بولۇپ بىزنىڭ باشلىقنىڭ ئۇھ دەپ ھاردۇقى چىققاندا ئىشىنىمەنكى ھەر قايسىلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي، ئەجرىڭىزگە قارىتا چوقۇم جاۋاپ قايتۇرىدۇ، شۇنداققۇ ئەكبەرجان؟
يەنە بىرى، ھەر بىر مۇنبەر ئەزاسى ئىنكاس يازغاندا ئۆزىمىزنى سەل بېسىۋالساق، ھەر قانچە ئاچچىقىمىز كەلگەن بولسىمۇ ئادەم تىللايدىغان قالايمىقان گەپ سۆزلەرنى ئىشلەتمىسەك، بۇنداق قىلساق مۇنبەرنىڭ پاكىز مۇھتىنى مەينەتلەشتۈرۈپ ئۆزىمىز ھەم مۇنبەرنىڭ ھەر قايسى مېھمانلارغا بولغان سەلبى تەسىرىنى ئاشۇرۋېتىدىكەنمىز.
ئاخىرقىسى، ھەر بىر مەسىلىنى تەھلىل قىلغاندا ئىسلامى بىلىملەرگە باغلىۋالمىساق بوپتىكەن. مېنىڭچىغۇ بۇ بىر ياخشى ئىش، ھەر بىر مۇنبەر ئەزاسىغا نىسبەتەن ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ ھەم تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بولىدۇ. بىراق بىر قىسىم تورداشلار يوقۇرقىدەك ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بەزى تېمىلارغا ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەپ يېزىشتىنمۇ ئەيمىنىدىكەن ھەم ئىنكاس يازسام باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ قالارمەنمۇ دەيدىغان ئىدىيە بىلەن بولۇپ يازمايدىكەن. شۇڭا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردا چوقۇم ئىلمىيلىك بىلەن پىكىر قىلىساق دەيمەن. بۇنداق گەپلەرنى مەن بىر ئەمەس خېلى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم، مۇنبەرنىڭ كونا ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشقىلار دېيەلمىگەن بولسا مەن ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي دەپ يېزىپ قويدۇم، خالاس!