باغداش مۇنبىرىمىزگە تەكلىپ:
1.مۇنبەردىشىمىز توخۇتۇرنىڭ پىكرىدىن شۇنى ئويلاپ قالدىم. مۇنبىرىمىز ھەر تېمىنىڭ ئاخىرىغا تېمىغا باھا بېرىدىغان بىر قانچە رامكا كۆپەيتسەك قانداق دەيسىلەر؟!
2. باغداش ئەزالىرى بىلەن باغداش باشقۇرغۇچىلىرى ئارىسىدا ئالاقە قويۇق ئەمەس دېگەن پىكىر چۈشۈپتۇ. ئەمەلىيەتتە مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى يوللاشمۇ بولىدىغان چارە ئىدى. بۇنىڭدا بەزى چەكلىمىلىكلەر بار دەپ ئويلىساق مۇمكىن بولسا باغداش كىيۇ كىيۇ توپى قۇرۇپ چىقساق قانداق دەيسىلەر؟!
3. ھەرقايسىڭلاردىن ئۆتىنىدىغىنىم، باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇ مۇنبەرگە تۇرمۇشتىكى ئېشىنغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بولغاندىن كېيىن ھەممە سەھىپە، ھەممە تېمىلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ بولالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، مەسىلە بايقىساڭلار ۋاقتىدا ئىنكاس قىلساڭلار. ۋاقتى ئۆتۈپ كۆڭۈلسىزلىك بولمىسۇن!
4. ئىلىمنىڭ سودا ئۇچۇرى ھەققىدىكى تەكلىپىنى مەنمۇ بەرمەكچى، بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن.
5. ئۇزۇندىن بۇيان باشقۇرغۇچىلىق قىلىش جەريانىدا كۆڭلۈڭلارنى رەنجىتكەن تەرەپلىرىم بولسا سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن. كەڭچىلىك قىلغايسىلەر!
ھەرقانداق بىرىمىزگە قاچان پىكرىڭلار بولسا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قىسقا ئۇچۇردا ياكى كىيۇ كىيۇدا خەت يېزىپ قېرىنداشلارچە ئېيتساڭلار. ئاللاھ قۇل ھەققىدىن ئۆتمەيمەن دەپتىكەن. قورقۇپ قالدىم.
6. يەنە بىرى مەندىن باشلاپ ھەممەيلەن مۇشۇ ئىملاغا دىققەت قىلساق. ئانا تىلىمىزنى سۆيۈش ئەمەلىي ھەرىكەتتىن باشلىنىدۇ.
قالغىنىنى يادىمىزغا كەلگەندە يەنە بىز بولغاندىن كېيىن دېيىشىۋالارمىز.
[ بۇ يازمىنىsebirدە2012-03-19 18:23قايتا تەھرىرلىدى ]