saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 6801 قېتىم كۆرۈلدى
5tb
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6320
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 55 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 55 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىلگىرىكى چەرچەنلىكلەردە نورۇز

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-03-24)
ئىلگىرىكى چەرچەنلىكلەردە نورۇز

تۇرسۇن بەكرى (چەرچەنى)

نورۇز بايرىمى ئەجداتلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرى  يىغىلغان، ئۆزىگە ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ بارلىق ئىسىل ئەنئەنلىرىنى مۇجەسسەم قىلغان تەبىئەت بايرىمى.بۇ خاسىيەتلىك بايرام ئەسىرلەردىن بۇيان ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئۇدۇم بولۇپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. نورۇزنىڭ تارىخى يىلتىزىدىن ئېيىتقاندا بۇ بايرام ئاستىرۇنومىيىلىك پەسىل ئالمىشىشنى مەزمۇن قىلغان( كۇن بىلەن تۇن تەڭلىشىدىغان) يېڭى باھار باشلىنىدىغان، يېڭى يىل بايرىمىدۇر.دىيارىمىزدا بولسا ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىپ كىتىدۇ.يېڭى بىر يىللىق مۇساپىنىڭ تۇنجى قەدىمى باشلىنىدۇ.

 دىيارىمىز چەرچەن ئۆزىنىڭ تۆت ئەتراپى تەكلىماكان قۇملىقىدىن ئىبارەت چۆللۈك ئىكىلوگىيىسى بىلەن باشقا يۇرتلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.چەرچەن خەلىقى نەچچە ئەسىرلىك شانلىق تارىخىدا قۇم بورانلىرىنىڭ شەپقەتسىز ھۇجۇمىلىرىدىن ئۆز ئانا ماكاننى قوغداپ، بۇ جەريانىدا ئۆزىگە خاس قۇملۇق مەدەنىيىتىنى ياراتقان.شۇڭا بەزىلەر؛«چەرچەنلىكلەر بىر يىلدا بىر كىسەكلىك قۇم يەيدۇ» دىگنى ئاساسسىز ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن ئەنئەنىۋى تەبىئەت بايرىمىمىز نورۇز- چەرچەنلىكلەردە چەرچەنچە ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان.

قورغاق رايون تىپىنى ئالغان بۇ قەدىمى دىيار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى پەقەت ئانا دەريا چەرچەن دەرياسىدىن ئالغان.بۇ جايدا سۇ ھاياتلىقنىڭ جېنى.سۇ پۈتكۈل بوستانلىقنىڭ كۆكىرىپ تۇرۇىشىدا چەرچەنلىكلەرنىڭ ھايات-ماماتلىق تارىخى مۇساپىلىرىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا چەرچەن خەلىقى خاسىيەتلىك تەبىئەت بايرىمى نورۇزنى دەريا بۇيىدا ئۆتكۈزۈپ كەلگەن.سۇنى ئۇلۇغلاش،دەرياغا تىۋىنىش ئاساسى ئورۇندا تۇرغان.

ئىلگىرى چەرچەنلىكلەر  نورۇز ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ھويلا- ئاراملىرىنىڭ تازلىقىنى قىلىپ،جىددى تەييارلىقلارغا كىرىشىپ كىتەتتى.يىراق-يېقىندىكىلەر بۇ خاسىيەتلىك بايرامدا بىر يەرگە جەم بولۇش ئىستىگىدە ئۆز- ئارا بىربىرلىرىگە خەۋەر يەتكۈزۇپ،ئورتاق تەييارلىقلارغا چۇشۇپ كىتەتتى.ھەمدە يۇرت چوڭلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ناھىيەمىزنىڭ نورۇز سەيناسىنى ھاۋاسى ساپ،تۈزلەڭ بولغان دەريا بۇيىدىكى مەلۇم جايغا ئورۇنلاشتۇراتتى.نورۇز كۇنىگە ئۇلگەرتىپ يۇرتتىكى سەنئەتكارلار، چەۋەندازلار،قىزىقچى ھەييارلار، ۋاھيىز-داستانچىلار جەم بولۇشۇپ،بۇيىلىقى نورۇزدا ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى نامايەندە قىلىش ئۇچۇن جىددى تەييارلىناتتى.

 چەرچەنلىكلەر نورۇزنى خاسىيەتلىك بايرام دەپ قاراپ،«يىل بېشىدا يەنى نورۇز ئەييامدا ساۋاپلىق ئىش قىلسا، ئۇ كىشىگە يىل بۇيى ياخشلىىق نىسىپ بولىدۇ»-،دەپ بىلەتتى.شۇڭا يېزىلىرىمىزدا ئەلىمىساقتىن تارتىپ كىشىلەردە  يىلنىڭ ئامان –ئىسەن ۋە بەرىكەتلىك ئۆتۇشنى ئارزۇلاپ،نورۇزغا ئاتاپ ھەر خىل ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىش ئومۇمى ئادەتكە ئايلانغان ئىدى.يەنى كۆۋرۇك سېلىش،مەكتەپ سېلىش ياكى مەكتەپلەرگە خەيرى ساخاۋەت قىلىش، ئاغرىق-سىلاق يىتىم-يىسىر نامراتلارنى يوقلاش...قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باراتتى.ئۇندىن باشقا نورۇز ھارپىسىدا پۇتۇن يۇرت خەلىقى پائال ھەركەتكە كېلىپ يۇرت مەھەللە چوڭ تازلىقى ئېلىپ باراتتى.، ھويلا- ئاراملىرىنى سىرىپ سۇپۇرەتتى، ئېرىق- ئۆستەڭ،دامبا –قاشلارنى تۇزەشتۇرۇش،يوللارنى رىمۇنىت قىلىپ ياساش،كۆۋۇرۇكلەرنى سېلىش ياكى ئوڭشاش، كۆللەرنى چېپىش ياكى  تازىلاش،....قاتارلىقلاررنى ئېلىپ باراتتى.كۇچا- يوللار پاكىزە تازلىنىپ گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىناتتى.ھەر بىر ئائىلە ئۆي تام تۇرۇسلىرىنى سىرىپ سۇپۇرۇپ، كىگىز-گىلەم بىساتلارنى قېقىپ،كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ چىقاتتى،  يىگىتلەر يۇيۇنۇپ ، باشلىرىنى چۇشۇرتۇپ، ساقال بۇرۇتلىرىنى ئالدۇرۇپ تەييارلانسا، ياش جۇۋان-چوكانلار چاچلىرىنى ئۇششاق ئۇرۇپ، تارىنىپ،يۇيۇنۇپ تەييارلىناتتىى.ئوغۇل -قىزلار مەخسۇس نورۇزغا ئاتاپ ئۇستى باش تەييارلايتتى.

نورۇز باشلانغان كۇنى يۇرتتكى جىمى قېرى-ياش،ئەل- جامائەت بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، نورۇز تەنتەنىسىگە جاكا ھىساپلىنىدىغان ناغرا سۇناي ساداسىنىڭ باھارنى چىللايدىغان شات پەدىلىرىىگە جۇر بولۇپ،دەريا بۇيىدىكى ھازىرلانغان سەيناغا توپلىناتتى، ناغرا سۇناي بۇ يىلىقى نورۇزنىڭ باشلانغانلىقنى جاكالاش رولىنى ئوينايتتى،ھەمدە سۇرۇنغا باشقىچە تەنتەنە تۇيغۇسى بىرەتتى. جامائەت دەريا بۇيىدىكى سۇرۇنغا توپلانغاندىن كىيىن، رەتلىك ھالدا سۈكۈت ۋە جىمجىتلىق ئىلكىدە ئانا دەرياغا تىكىلىپ،، دەريا سۇيىنىڭ ھايات بەخىش شاۋقۇنلىرىغا تىۋىنىش ئىلكىدە قولاق سالاتتى.، ئاندىن ئەمدىلا كۇتۇرۇلگەن باھار قۇياشىغا سۈيۈنۈش ئىلكىدە بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كىيىن،يۇرت چوڭلىرىنىڭ باشچىلىقىدا تەبىئەتكە ئىلتىجا قىلىپ،  دىيارىمىزنىڭ مۇقەددەس توپرىقىدىكى جىمى مەۋجۇداتلارنىڭ ئاۋۇپ-كۆپىيىشنى بوستان- باغلارنىڭ، ئېكىن زىرائەتلەر قىسقىسى تەبىئەتنىڭ سېخى نىمەتلىرىنىڭ بەرىكەت ئېلىپ كىلىشىنى، ئادەم چارۋىلارنىڭ ئاۋۇپ كۆپىيىشنى، بەخىت- ئاسايىشلىق ئىلكىدە ئوتۇشىنى تىلەيتتى.قىسقىسى يۇرتقا بەرىكەت، ئامانلىق تىلەيتتى.بۇ تىۋىنىش پائالىيەتلىرى ئاياقلاشقاندىن كىيىن نورۇزغا جەم بولغان خەلىق دەريا سۇيىگە  سۈيۈنۈش ئىستىگىدە   قول تۇتۇشۇپ،چەمبەر شەكىلىك دائىرە ھاسىل قىلىپ ساما شەكلىدە پىقىراپ«ھە...ھۇ...ھە...ھۇ» دەپ ئۇسسۇل ئوينايتتى.ئۇسسۇل شەكلى كوللىكتىپ ساما  ئۇسسۇل شەكلىگە ئوخاشاپراق كىتىدىغان، ئەمما ساما ئۇسسۇللىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ھالەتتە بولۇپ، ئۇسسۇلدا ئەر-ئايال بېقىشىپ، بىر برىنى چورگىلەيتتى، يىنىك ئەمما رېتىملىق ئوينايتتى.يەنى ھازىرقى دۇلان مەشرەپلىرىگە  ئازراق ئوخشاپ كىتەتتى. نورۇز چەرچەندە چىن مەناسىدىن ئېيىتقاندا«تەڭرىدىن سۇ- يامغۇر تىلەش،»نى مەقسەت قىلغان بولغاچقا،تەڭرىدىن سۇ، يامغۇر تىلەش مۇراسىمى سانىلاتتى.ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى« ئوروس سارا» دەپ ئاتالغان بولسا،ئىسلامىيەتتىن كىيىن ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، «سارا خەتمە» دەپ ئاتىلىىپ ھەر يىلى 20-مارتتىن 22-مارتقىچە  3كۇن ئۆتكۈزۈش ئومۇمىلاشقان.

پىشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە: ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا نورۇزنىڭ ھارپا كۇنى نورۇزغا تەييارلىق قىلغان ئامما ئالدى بىلەن ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ توپراق بېشىغا چىقاتتى،ئاندىن يېڭى ئۆي تۇتقان پەرزەنىتلەر ئاتا- ئانىلىرىنى يوقلايتتى. مەھەللە بۇيىچە مەھەللىدىكى ئاغرىق سىلاق ،يىتىم –يىسىرلارنى ئۇزۇن يېتىپ كەتكەن  كىسەلمەنلەرنى، ياشتا چوڭلارنى، يوقلايتتى.ئۇندىن باشقا ئۇ چاغلارداىكى ئادەت بۇيىچە ھەر بىر ئائىلە ئۆزلىرىنىڭ قۇربى بۇيىچە نورۇزلۇق تەييارلايتتى،يەنى نورۇز كۇنى يۇرت خەلىقى جەم بولغان سەينانىڭ ئۆزى خالىغان بىر يىرىگە ئايرىم قازان ئېسىپ تاماق ۋە نورۇز چېيى تەييارلايتتى.ئۆزى تەييارلىغان نورۇزلىقلىرىدىن مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر خالىغانچە يىيىشكە، ئېغىز تىگىشكە تەكلىپ قىلاتتى. ئىشقىلىپ ھەر كىم قۇربىنىڭ يىتىشىچە نورۇز ئېشى قىلاتتى. بۇ نورۇز ئېشىنى يۇرتتىكى ھەر قانداق كىشى كىلىپ يىيەلەيتتى.بولۇپمۇ يىتىم-يىسىرلارنى  ئالاھىدە تەكلىپ  قىلىش  ئومۇمى ئادەت ئىدى.بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا يۇرتنىڭ ئىللىقلىقىنى نامايەندە قىلاتتى.يۇرتنىڭ چوڭ بەگ، بايلىرى چوڭ-چوڭ قازانلارنى ئېسىپ كەڭ جامائەتكە نورۇزلۇق تائام تارتاتتى. قىسقىسى،بۇ خاسىيەتلىك كۇندە يىراق يېقىندىكى ئورۇق- تۇققانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر داسىتىخاندا ئولتۇرۇپ،بىر چەينەك يېڭى نورۇز چېيىنى ئورتاق ئىچىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇقەت- كەسىپلىرى، دېقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلىرى ھەققىدە كەڭ كۇشادە پاراڭلىشىپ، بۇلتۇرقى تەجىربە ساۋاقلىرى، بۇ يىلقى يىل بېشىدىكى پىلان مەقسەتلىرى ئۇستىدە پىكىرلىشىپ كېڭەش ئېلىپ باراتتى. ھەر بىر ئوچاق ئاسقان ئائىلە باشقىلارنى ئۆزلىرى تەييارلىغان نورۇزلۇقلىرىغا تەكلىپ قىلىپ.بىر بىرىگە يېڭى يىللىق تىلەكلىرىنى يەتكۈزۇشەتتى.بۇ پائالىيەت ئاياقلاشقاندىن كىيىن يۇرت چوڭلىرىنىڭ باشچىلىقىدا يۇرتتىكى سازەندىلەر سازلىرىنى چېلىپ مۇۋاپىق بىر جايدا مەشرەپ سۇرۇنى تۇزەيتتى. سۇرۇندا كوللىكتىپ مەشرەپ ئۇسسۇللىرى ھەم يۇرتتىكى قىزىقچى ھەييارلارنىڭ ھەر خىل قىزىقچىلىق ئويۇنلىرى بىر گەۋدە بولغان ھالدا نورۇز مەشرىپىنى ئەۋجىگە كۇتۇرەتتى.پۇختا تەييارلانغان ئوغلاقچىلار ئوغلاق تارتىشىشقا چۇشەتتى، ئۇلەنگۇچلەر(لەپپەڭچىلەر)،چارقپەلەك(سارغايدى)، بۇشۇك چاقپىلەك(بالىلار ئۇچۇن)چىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ئاجايىپ قىزىپ كىتەتتى يۇرتتىكى سودىگەرلەر، ئۇششاق تىجارەتچىلەر بۇيىلقى نورۇزغا  تەييارلىغا ن يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ نورۇز ئەھىللىرى ئالدىدا يېيىپ سودىغا چۇشۇپ كىتەتتى ، بولۇپمۇ ماتاڭچىلار،شەرۋەتچىلەرنىڭ بازىرى ئىنتايىن جانلىنىپ كىتەتتى، قوشاقچى- داستانچىلار، ۋاھيىز مەدداھلار ئاللىچە راۋابىنى جاراڭلىتىپ  قىسسە- داستان قوشاقلىرىنى ئوقۇيتتى. بەزى يىللىرى يۇرتىمىزغا سىرىتتىن دارۋازلار كېلىپ دار باغلاپ ماھارەت كۆرسۇتۇپ تۇراتتى.قىسقىسى بۇرۇنقى چاغلاردا نورۇزدىن ئىبارەت بۇ خاسىيەتلىك بايرام ئۆزىنىڭ ئاممىۋىلىقى،كوپ خىل مەزمۇنغا تۇيۇنغانلىقى بىلەن يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقىنى  بىر گەۋدە قىلغان ھالدا ئۆتكۇزۇلۇپ كەلگەن.

چەرچەنلىكلەرنىڭ بۇرۇنقى نورۇز بايرىمنىڭ ھازىرقىغائوخشىمايدىغان ئەڭ گەۋدىلىك  ئالاھىدىلىكى شۇكى، نورۇزغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ھەر كەسىپ ھەر ساھەلەردىكى خەلقىمىز يېڭى يىلنىڭ يىل بېشىدا ئىش ئۇقەتلىرىدىكى «لاپقۇتلىشىش»(ھازىرقى تىلىمىزدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش) پائالىيەتلىرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرۇدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۇچلىرى تازا تەرەققى قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىدە ئۆزئارا لاپقۇتلىشىش ئۇسۇلى دېقانچىلىق، چارۋىچىلىق باشقا ھۆنەر- كەسىپلەرنىڭ ئۇڭۇشلۇق ئېلىپ  بېرىلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇسۇللەردىن بىرى.شۇڭا چەرچەنلىكلەر نورۇزدىن ئىبارەت بۇ خاسىيەتلىك كۇندە ئۆزلىرىنىڭ مەھەللىداشلىرى ياكى كەسىپداشلىرى بىلەن ئۆزلىرى باشقۇرۋاتقان ئىگىلىكىنى لااپقۇتلىشىش ئاسىدا ئورتاق ئىشلەپ كىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئاغىزاكى توختاملارنى تۇزەيتتى، ئادەم ياللاش ھەققىدىكى ئۇچۇلارغا ئىگە بۇلۇپ،ياللايدىغان ئادەم بىلەن يۇزتۇرانە كۆرۇشۇپ، يىللىق توختاملارنى تۇزەيتتى.لاپقۇتلىشىش تۇۋەندىكىدەك بۇلاتتتى. (1) ئېرىق- ئۆستەڭلەرنى ئورتاق ئىشلىتىش،(2)دېقانچىلىق سايمانلىرىنى ئۆئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش، ئات ئۇلاغلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش (3)تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆكىنى سېتىش(4)كۈزلۈك يىغىم ئوما، خامان ئىشلىرىدا لاپقۇتلىشىش(5)يىللىق ئادەم ياللاش(6)مەھەللىدىكى جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق پايدىلىنىش رىمۇنىت قىلىش(7)ئۆي-جاي قۇرۇلۇشلىرىدا ئۆزئارا لاپقۇتلىشىش....

چەرچەنلىكلەر نورۇز بايرىمىدىكى  يەنە بىر ئالاھىدىلىك،شۇكى، نورۇز ئاياقلاشقاندىن كىيىن نورۇز ئۇچۇن ھەر يەردە قازان ئاسقانلار كالا قوي سۇيۇپ گۆش پۇشۇرغانلار گۆشنىڭ سۆڭەك ئۇستىخانلىرىنى دەريا بۇيىغا چېچېپ قۇيۇپ كىتەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ئانا دەريا دىن بۇيىل سۇيىنىڭ مول بۇلۇشىنى تىلىشى ئىدى.دىيارىمىزدا بازار ئىچىگە 2 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى«سۆڭەكلىك» دىگەن جاي( ھازىرقى دەنشىتەي ئولتۇراق رايونى)، ھەر يىللىق نورۇز ئۆتكۇزۇلىدىغان جاي بۇلۇپ،«سۆڭەكلىك» دەپ ئاتالغان.بۇنداق ئاتىلىشى ھەر يىلى يۇرت خەلىقى  ئۆزلىرىنىڭ نورۇزغا قۇربانلىق قىلغان مال –چارۋىلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى مۇشۇ جايدىكى دەريا بۇيلىرىغا چېچېىپ قۇيۇشاتتى.

ناھىيمىزدە ئىسلاھات –ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان ،ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى خاسىيەتلىك تەبىئەت بايرىمى نورۇزنى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنۋى مىللى بايراملىرى قاتارىدا تۇتۇپ،ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ تەشكىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتىدۇ.

تۆگىدى،

                 2012-يىلى 18- مارت چەرچەن

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-19, 00:55
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-03-19 00:06 |
halpa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6005
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 933 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 935 سوم
تۆھپە: 558 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 563 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 266(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چەرچەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنىنىڭ سالامەت،تۇرمىشىنىڭ كۆڭۇللۇك،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-19 09:32 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 456
شۆھرەت: 2325 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2345 سوم
تۆھپە: 1392 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1397 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 176(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قورغاق رايون تىپىنى ئالغان بۇ قەدىمى دىيار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى پەقەت ئانا دەريا چەرچەن دەرياسىدىن ئالغان.بۇ جايدا سۇ ھاياتلىقنىڭ جېنى.سۇ پۈتكۈل بوستانلىقنىڭ كۆكىرىپ تۇرۇىشىدا چەرچەنلىكلەرنىڭ ھايات-ماماتلىق تارىخى مۇساپىلىرىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا چەرچەن خەلىقى خاسىيەتلىك تەبىئەت بايرىمى نورۇزنى دەريا بۇيىدا ئۆتكۈزۈپ كەلگەن.سۇنى ئۇلۇغلاش،دەرياغا تىۋىنىش ئاساسى ئورۇندا تۇرغان.


چەرچەندىكى بۇ ئانا دەريا ھازىر لاي لاتقا بوپ كەتتىمۇ ياكى ؟؟؟؟
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-19 14:03 |
qarqani
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5745
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 89 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 89 سوم
تۆھپە: 50 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 56 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزنىڭ مۇشۇ چەرچەننىڭ خېلى يەرلىرى بولىدۇ، ئەمما ئىسلام دىنى بۇ يەرگە ئارقىچىلاپ كىرگەنمىكىن دەيمەن، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئىتقادى بەك سۇس، بىدئەت ئېغىر،ئىختىلاپمۇ خېلى ئېغىر. مەسلەن بۇلتۇرقى چەرچەن شەھەر ئىچىدىكى چوڭ جامە مەسچىتنىڭ مەزىنى جامائەتتىن تاياق يىگەن ئىشلارمۇ بۇنىڭ تىپىك مىسالى، پۇقرالاردا ئاڭ تۈۋەن، دىنى<<زات>> لاردا ساپا دىگەن ئەسلى يوق، قىمارخانا پاھىشخانىلار مەسچىتتىن كۆپ،چەرچەنلىكلەردە ئىقتىساد كۆپ،دىنى مىللى مائارىپقا مەبلەغ سالمايدۇ،بولمىسا چەرچەندە مىللىلار خەنلەردىن جىق،ئەمما چەرچەندە مىللى پۇراق ئانچە كۈچلۈك ئەمەس،چەرچەنلىكتە بار بولغان ئەمەلى شارائىت  ۋە ئقىتىساد قەشقەر خوتەنلىكلەردە بوپ قالسا جەمىيىتىمىز ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق مۇھم ئىشلارغا ئىشلىتىلەتتى،ئەپسۇس، ئەمدى توختاپ قالاي،مەن قۇرۇلتايغا تەكلىپ بېرىدىغان ۋەكىل بولمىغاندىكىن. ئىشقىلىپ جىق ئىشلارغا ئېچىنىمەن!
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-20 09:48 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 636
شۆھرەت: 3230 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3260 سوم
تۆھپە: 1934 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1934 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 694(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چەرچەن دىيارىدىكى نەۋرۇزدىن ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت... نەۋرۇز ھەر قايسى جايلاردا ئۆزگىچە يەرلىك ئالاھىدىلىك بىلەن ئۆزگىچە شەكىلدە مەيدانغا چىقىپ ، تەبىئەتتىكى گۇزەل ئۆزگىرىشلەرنى تەبرىكلەپ، كەڭ ئاممىنىڭ يېڭى يىللىق ئارزو تىلەكلىرىنى نامايەن قىلىدۇ ....بۇ ھەقىقەتەن خاسىيەتلىك تەبىئەت بايرىمى !
simfoniya
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-20 15:38 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 270
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بىر چەرچەنلىك تۇرۇپ بۇرۇنلاردا بۇ يەردە نورۇزنىڭ بۇنچە ھەشەم بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغىنىنى بىلمەيدىكەنمەن،تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
ئەتە نورۇز ،لېكىن بۈگۈن بۇ يەردە توپا يېغىپ كۆزنى ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ.ئەتە ھاۋارايى قانداق بولىدىكىن؟
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-20 16:20 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 270
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى qarqaniدە2012-03-20 09:48يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىزنىڭ مۇشۇ چەرچەننىڭ خېلى يەرلىرى بولىدۇ، ئەمما ئىسلام دىنى بۇ يەرگە ئارقىچىلاپ كىرگەنمىكىن دەيمەن، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئىتقادى بەك سۇس، بىدئەت ئېغىر،ئىختىلاپمۇ خېلى ئېغىر. مەسلەن بۇلتۇرقى چەرچەن شەھەر ئىچىدىكى چوڭ جامە مەسچىتنىڭ مەزىنى جامائەتتىن تاياق يىگەن ئىشلارمۇ بۇنىڭ تىپىك مىسالى، پۇقرالاردا ئاڭ تۈۋەن، دىنى<<زات>> لاردا ساپا دىگەن ئەسلى يوق، قىمارخانا پاھىشخانىلار مەسچىتتىن كۆپ،چەرچەنلىكلەردە ئىقتىساد كۆپ،دىنى مىللى مائارىپقا مەبلەغ سالمايدۇ،بولمىسا چەرچەندە مىللىلار خەنلەردىن جىق،ئەمما چەرچەندە مىللى پۇراق ئانچە كۈچلۈك ئەمەس،چەرچەنلىكتە بار بولغان ئەمەلى شارائىت  ۋە ئقىتىساد قەشقەر خوتەنلىكلەردە بوپ قالسا جەمىيىتىمىز ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق مۇھم ئىشلارغا ئىشلىتىلەتتى،ئەپسۇس، ئەمدى توختاپ قالاي،مەن قۇرۇلتايغا تەكلىپ بېرىدىغان ۋەكىل بولمىغاندىكىن. ئىشقىلىپ جىق ئىشلارغا ئېچىنىمەن!

شۇنداق،قەشقەر خوتەن تەرەپلەردە بالىلار تىلى چىقىپ بولغۇچە ئەلھەمدۇنى دېيەلەيدۇ،بىراق بۇ يەردە ئۇنداق ئەمەس،دىنى ئېتىقاد بەك سۇس،ھەم بىدئەتچىلىك ئېغىر،مەن ئاتا ئانامغا بەزى ئىشلار ئەسلى ئۇنداق ئەمەس ،مۇنداق دېسەم ،ئۇلار ئاخۇنۇم شۇنداق دېگەندىكىن شۇنداق بولىدۇ دەپ ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرىشىدۇ،موللام ،قاراجىملارنىڭ گېپىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىش ئېغىر،قازا قىلغان كىشىنىڭ تەلىسىنى ئوقۇش ،نەزىر چىراقلىرىنى ھەشەمەت قىلىش ،نەزىر چىراقلاردا بىر بىرىنىڭ قارىسىنى ئۇشتۇش دېگەندەك قاملاشمىغان ئىشلار جىق،مەنمۇ شۇ چەرچەنگە ئىسلام دىنى ئارقىچىلاپ كىرگەنمىكىن دەيمەن.ھازىر مەن ئىسلامىي تور بەتلەرگە قارىسىم چەرچەندىكى نۇرغۇن دىنى ئۆرۈپ ئادەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىدئەت ئىكەن..........
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-20 16:29 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 270
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى halpaدە2012-03-19 09:32يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
چەرچەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنىنىڭ سالامەت،تۇرمىشىنىڭ كۆڭۇللۇك،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.

رەھمەت،سىزمۇ ھەم سالامەت بولۇڭ!
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-20 19:18 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 270
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

[quote]بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى sarsan88دە2012-03-19 14:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قورغاق رايون تىپىنى ئالغان بۇ قەدىمى دىيار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى پەقەت ئانا دەريا چەرچەن دەرياسىدىن ئالغان.بۇ جايدا سۇ ھاياتلىقنىڭ جېنى.سۇ پۈتكۈل بوستانلىقنىڭ كۆكىرىپ تۇرۇىشىدا چەرچەنلىكلەرنىڭ ھايات-ماماتلىق تارىخى مۇساپىلىرىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا چەرچەن خەلىقى خاسىيەتلىك تەبىئەت بايرىمى نورۇزنى دەريا بۇيىدا ئۆتكۈزۈپ كەلگەن.سۇنى ئۇلۇغلاش،دەرياغا تىۋىنىش ئاساسى ئورۇندا تۇرغان.


چەرچەندىكى بۇ ئانا دەريا ھازىر لاي لاتقا بوپ كەتتىمۇ ياكى ؟؟؟؟
[/quote
چەرچەن دەرياسىىنىڭ سۈيى بەك سۈزۈك ئەمەس،بولۇپمۇ كەلكۈن كەلگەندە بەكلا لاي لاتقا بولۇپ كېتىدۇ،ھازىر تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى سەۋەبلىك سۈيى يېتىشمەيۋاتىدۇ،ئاڭلىشىمچە ئەسلى يېتىدىكەندۇق،ناھىيە رەھبەرلىكى دەريا سۈيىنىڭ بىرقىسمىنى لوپنۇرنىڭ ئىشلىتىشىگە سېتىپتىدەك.......
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-20 19:23 |
5tb
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6320
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 55 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 55 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ3قەۋەتتىكى qarqaniدە2012-03-20 09:48يوللىغان يازمىسىغا ئىنكاس:
!






  سىز نىمە دىمەكچى؟ماقالىدادىنغا ئائىت مەزمۇنلار يوق.چەرچەنلىكەرنىڭ دىنغا قانداق كىرگىنى ھەققىدە تارىخى بايانلارغا مۇراجەت  قىلىڭ.ىيارىمىزنىڭ ئىسلام تارىخنى ئۇبدانراق كۆرۇڭ.ئاندىن پىكىر بايان قىلسىڭىز بولامدىكىن.سەممىڭىزدە بولسۇنكى، سىز شىنجاڭدا،ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتىسز. ئىلىمىراق پىكىر قىلىڭ!
باغداش توربېتى  مىنىڭچە دىنى تالاش-تارتىش قىلىدىغان سورۇن ئەمەسقۇ دەيمەن.ھەر قايسى تور بەتلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى  قوغدايلى!
 قالغىنىغا سۈكۈتتىن باشقىسى  بىكار ئوخشايدۇ. لىكىن ئىنكاسلىرىمىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە مۇۋاپىق،ئىلمىراق بولسۇن!
                                 تۇرسۇن بەكرى (چەرچەنى)
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-20 20:46 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 456
شۆھرەت: 2325 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2345 سوم
تۆھپە: 1392 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1397 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 176(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەتراپىنى  پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى ،  تارىخى تەكلىمكانلار بىلەن قورشىلىپ تۇرغان چەرچەننىڭ دىننى ئاڭنى تۆۋەن بولىشى ئادەمنى ئويلاندۇردىكەن .
  
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-21 11:00 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس